كۆرۈش: 933|ئىنكاس: 0

ئابباس مۇنىياز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2332
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 09:08:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

未命名-28.jpg

   ئابباس مونىياز تۈ*ركيقان 1966-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان، شۇندىن بېرى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئالىي ئوقۇتقۇچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاس، 3-قېتىملىق شىنجاڭ «ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى.
    ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1985-يىلى«يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۇرچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. شۇندىن بېرى، «رازى بولغىن،رازىيە»، «ئازماس ئېزىتقۇلار»، «ئاخىرقى ئوۋ»، «خاراباتى»قاتارلىق كىتاپلىرى، «خاسىيەتلىك زېمىن»، «كۈيلەر كۆزى»، «يازلىق يەلتاشما»، «ھۈنەرۋەن»، «شېرىن چۈشلەر»، «سېھرىلىك مۇزداۋان»، «بالىلىقتىكى سۈرەتلەر»، «شەپەققە سالام» قاتارلىق كۆپلىگەن پوۋېست، ھېكايە ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10پارچە ئەسىرى ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇ ۋە قىرغىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش