ئەينەك شىرە ئۈستىدە كۆپەيتىش قەغىزى ئارقىلىق قالدۇرۇلغان نۇر(پىقىرىغۇچ)ئىزلىرى
قاسىم سىدىق
نۇر
نۇر(پېقىرىغۇچ)ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئىلىم -پەن تارىخىدا ناھايتى نۇرغۇن تۆھپىلەرنى ياراتقان.مىنىڭچە نۇر تەتقىقاتى مەڭگۆلۆك ياش تېما.مىكرۇ زەررىچىلەردىن تارتىپ ئاسمان جىسىملىرىغىچە ھەممىسىنى ئۆز نۆۋىتىدە نۇر دەپ قاراشقا بولىدۇ.يەر شارىمۇ،قوياشمۇ سامان يولى سېستىمىسىدىن ئىبارەت كەڭ سەھنىدە ئايلىنىۋاتقان نۇردىن ئىبارەت.مەن تەبىئەت ۋە خۇدا فىزىكىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر مەخپىيەتلىكلىرىنى نۇرغا يوشۇرغانمىكىن دەپ ئويلايمەن.مەن بۈگۈن بازارغا كىرىپ بىز بۇرۇن باسما قەغەز دەپ ئاتايدىغان،قارا كۆك رەڭلىك كۆپەيتىش قەغىزى ئېلىپ چىقتىم.ئەينەك شىرە ئۈستىگە ئاستىغا ئاق قەغەز،ئۈستىگە كۆپەيتىش قەغىزىنى قويۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىدە نۇر ئوينىۋىدىم،ئاق قەغەزگە تۆۋەندىكى شەكىللەرنى قالدۇردى.مەن بۇ نۇرنى ھەرخىل تەكشىلىكلەردە داۋاملىق ئوينىماقچىمەن.چۈنكى بۇ ئىزلار ماڭا شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرىنى توغرا دەپ بېرىپلا قالماي،ئاسمان جىسىملىرى ۋە سىپىنغا ئىگە مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ سىرلىرىنىمۇ دەپ بەردى.بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىزلار يەنە دولقۇن -زەررىچىلىك ئىككى ياقىلىمىلىق خارەكتىرنىڭ نىمىلىگى ۋە سېممىتىرىكىلىك،غەيرى سېممىتىرىكلىك ھەققىدە قولۇغۇمغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلىدى...مەن ئۇنىڭ سادالىرىغا ئىزچىل قۇلاق سالماقتىمەن.
ئەگەر قىززىقسىڭىز سىزمۇ نۇر ئويناپ بېقىڭ.ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشىسىز.ئىرىشكەنلىگەنلىرىڭىز ئىچ پۇشۇغىنى بېسىش ،ئىلھاملا بولۇپ قالماي،ئىلمى تەسەۋۋۇر ،ئىلمى پەرەز ۋە ئىلمى ھۆكۈملەر بولۇپ چىقىشىمۇ مۆمكىن.
رەسىملەرنى مائۇس غالتىكىدە چوڭايتىپ كۆرسىڭىز بەزى ئىنچىك ھالقىلارمۇ ئاشكارە بولىدۇ.
1-رەسىم
تەكشىلىكتىكى سىفرال،قاينامسىمان تىرايىكتۇرىيە.
مەن بىر پۈتۈن رەسىمدىكى سىفرال ھالەتنى ئىككىلەمچى (ماكرۇ)سىفرال،ئىككىچىلەمچى (ماكرۇ) سىفرالنى شەكىللەندۆرگەن ياي ئۆستىدىكى ھەر بىركىچىك سىفرالنى بىرلەمچى(مېكرۇ) سىفرال دەپ ئاتىدىم.يۇقۇرقى ئىككىلەمچى (ماكرۇ) سىفرال ،100دىن ئارتۇق(ساناپ باقمىدىم)بىرلەمچى(مېكرۇ)سىفراللاردىن تۆزۆلگەن.
2-رەسىم
بۇ رەسىملەردىن نۇرنىڭ بارغانسىرى تۆز سىزىقتىن يىراقلىشىپ ئايلىنىش رادىئوسىنىڭ قىسقىراپ بارىدىىغىنى،بارغانسىرى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئارتىپ،سىزىقلىق تېزلىكىنىڭ ئاستىلايدىغانلىغىنى بايقىۋالالايسىز.بۇنداق تەتۆرتاناسىپىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىككى خىل ھەركەت شەكلى نەق 41-تىئورمىنىڭ مەزمۇنى.
3-رەسىم
رەسىملەردە نۇر شىرە يۆزىگە قويۇپ بېرىلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بىرلەمچى سىفرال ھالقىلار ئارلىغىنىڭ نىسبى ئۇزۇنلىغىنى،بارغانسىرى بۇ ھالقىلارنىڭ قىسقىراپ،كىچىكلەپ بارىدىغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
4-رەسىم
يۇقۇرقى رەسىملەردىكى ئىزلارنى قالدۇرغان نۇر سائەت سىتىرىلىكىسى بۇيىچە ئوڭغا ئايلانغان نۇر.ھەممىسى ئوڭغا ئېغىپ ياي ۋە سىفراللارنى شەكىللەندۆردى.مانا بۇ 29-تىئورمىدىكى تەشەببۇسنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىسى ۋە 29-تىئورمىنىڭ شىرە ئۈستىدىكى نۇر ھەركىتىدە ئىسپاتلىنىشى.
تەھلىل:
1.نۇر ئېغىش ۋە سىلجىش يۆنىلىشىدە سۆركىلىش كۈچىنىڭ قارشىلىغىغا ئۇچرايدۇ.ئېغىشنىڭ سەۋەبىنى سۆركىلىش كۈچى دەپ قاراشنىڭ ئاساسى يوق.
2.بۇنداق ھەركەت شەكلىنى ماگنۇس ئىففىكىتى،بېرنوللى قانۇنىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشنىڭ ئاساسى يوق.بىز سىرىتقى قېپى پېقىرىمايدىغان ئىلىكتىر ماتۇر ماياتنىك بېشى قىلىنغان ماياتنىكتا 29-تىئورمىچە ئېغىشقا ئىرىشكەن.بۇنداق ماياتنىكلاردىكى ئېغىشقا يۇقۇرقى قانۇن ۋە ئىففىكىتلارنى تەدبىقلىغىلى بولمايدۇ.شىرە ئۈستىدىكى نۇرنىڭ ئېغىشى بىلەن ماياتنىكنىڭ ئىغىشى ئوخشاش فىزىكىلىق قانۇنىيەتنىڭ نەتىجىسى.
تەدبىقلاش:
1.ئوقىدا ئايلىنىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسى سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقى ئارىسىدىكى بۇلۇڭنىڭ چوڭ كىچىكلىگىگە قاراپ 29- 41تىئورمىچە ئېغىشقا ئىگە بولىدۇ.
2.سىپىنغا ئىگە مىكرۇ زەررىچىلەرنىڭ ھەممىسى 29-41-تىئورمىچە ئېغىشقا ئىگە بولىدۇ.
سىپىن -ئوربىتا ھەركەت شەكلىنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبىنى بۇ ئىككى تىئورما ئارقىلىق ئىزاھلىغىلى بولىدۇ.
3.دولقۇن پەقەت بىر خىل ھەركەت شەكلى بولۇپ،29- 41- تىئورمىچە ئېغىشتىن مۇستەسنا دولقۇنسىمان ھەركەت شەكلى شەكىللەنمەيدۇ.ھەرقانداق دەۋرى جەرياننى دولقۇن شەكلىگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.نۇرنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىدىن بىز دەۋرىلىك نۇسخىلىرىغا ئىرىشتۇق.
4.سىممىتىرىكلىك ھەر بىر كونكىرىتلىقتا ساقلانمايدۇ،بىر پۈتۈنلۆكتە،ئومۇمىلىقتا ساقلىنىدۇ.بۇ خىل ھالەتنى 29 - 41- تىئورمىچە ھەركەت شەكلى بەلگىلەيدۇ.
نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ بايانىنىڭ 2-ئابزاسىدا ھەقىقى بوشلۇقتىكى نۇرنى بارغانسىرى تۆز سىزىقتىن يىراقلىشىپ ئاغىدۇ،دىگەن ئىدى.تەجىربىلەر نىيوتۇننىڭ خاتا ئېيىتمىغانلىغىنى ئىسپاتلىماقتا.
2015.3.10
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 01:05