يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق:شىرە ئۈستىدىكى نۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-19 11:56:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن  بايقىغان نۇر(شىرە ئۈستىدىكى نۇر)ئىزلىرىدىن پايدىلىنىپ ،ئەركىن چۈشكەن جىسىملارنى تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ كۆرسەك، بەزى قىزىقارلىق يەكۈنلەر كېلىپ چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.مەسىلەن،باشقا سىفراللاردىن يىراقلىشىپ سېلىندىر سېفرالىغا يېقىنلىشىش....ۋەھاكازا،دىگەندەك.بۇنىمۇ ئويلاپ باقسا بولغىدەك.بۇ ھالدا ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشنى تەركىپلىگۆچىلەرنىڭ ھەركەت شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى بەلگىلەيدۇ،دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.....
نۇر ئىزلىرىدىن بۇنىڭغا بەزى مىساللارنى تاپقىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ...



مەسىلەن، يۇقۇرقى ھاسىلى سىفرالنى تۈز سىزىققا ئايلاندۇرساق مەن ئويلاۋاتقان ھالەت شەكىللىنىدۇ.سىفرالنىڭ تۈز سىزىققا ئايلىنىش جەريانى تەدرىجى بولىدۇ.بۇ ھال ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشى بىلەن ماسلىق تۈزىدۇ.بۇ ھاسىلى سىفرالنىڭ ئۆزىكى بولغان سېلىندىر سىفرالى (ئىلىمىنتار سىفرال)نىڭ چاستۇتىسى بارغانسىرى ئۆزگىرىپ بارىدۇ،دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ...بۇ تەساۋۋۇرلارنى نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئۆزىگىمۇ مۇناسىپ دائىرىدە تەدبىقلاپ كۆرۈش كىرەك.ئۆزگىرىش تەرتىۋى مىنىڭچە شارسىمان سىفرالدىن ئىللىپىسىمان سىفرالغا،ئاندىن سىلىندىر سىفرالىغا ۋە ئاندىن سېلىندىر سىفرالىنىڭ چاستۇتا ئۆزگىرىش جەريانىغا ئايلىنىش جەريانى بولىدۇ،دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى جىسىم ئۆزىگە خاس رىياللىق،ئۇنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئالاقىسى يوق دىگەن تەشەببۇس مۇشۇنداق پەرەزلەرگە مۇھتاج.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-19 12:04:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 11:56
مەن  بايقىغان نۇر(شىرە ئۈستىدىكى نۇر)ئىزلىرىدىن پايدى ...


لىكىن بۇلارنى نوقۇل پەرەز،تەساۋۋۇر دېيىشكە بولمايدۇ،مەن ھەرخىل تەكشىلىكلەردە ئىرىشكەن نۇر ئىزلىرى بۇ تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-20 14:17:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نۇر ياسىغان سىفراللار


مەن بۇ ئىزلار ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختۇلىمەن.بۇلار بىزنى مول ئىلىمى پەرەز ۋە پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

1.نۇر ئىزىدىن تەكشىلىكتە شەكىللەنگەن چەمبەرسىمان ھاسىلى سىفرال:


تەكشىلىكتە نۇر چەمبەرسىمان سىفرال ئىزلارنى قالدۇرۇدۇ.تەدرىجى چەمبەرسىمان سىفرال ھالقىلىرىنىڭ رادىئوسى قىسقىراپ بارىدۇ .قېتىش -ئۇيۇش نۇقتىسىنى بۇ چەمبەرسىمان سىفرالنىڭ ئىنتىلىش مەركىزى دەپ قاراشقا بولىدۇ.نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئاستىلاپ مەلۈم چەككە يەتكەندە نۇر مەركەزدىن قاچقان سىفرال ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.يۇقۇرقى رەسىمدىن بۇلارنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
يۇقرىدىكى چوڭراق قارا نۇقتا نۇرنىڭ تەكشىلىككە چۈشۈش نۇقتىسى، سىفرال سىزىقلارنىڭ ئوتتۇرىدىراق تۇرغان چوڭراق قارانۇقتا نۇرنىڭ قېتىش-ئۇيۇش نۇقتىسى.نۇرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئاستىلاپ مەلۈم چەككە يەتكەندە نۇر مەركەزدىن قاچقان ھالدا سىفرال ياسايدۇ.ئاستى تەرەپتىكى كىچىك چەمبەر نۇرنىڭ يىقىلىۋاتقان ۋاقتىدا قالدۇرغان ئىزى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-21 12:11:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


2.يانتۇلۇق دەرىجىسى كىچىك بولغان يانتۇ تەكىشىلىكتە نۇر قالدۇرغان ئىللىپىسىمان سىفرال ئىزلار:



سول تەرەپتىكىسى نۇر قېتىپ-ئۇيۇپ مەلۈم ۋاقىتتىن كىيىن ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئاستىلىغاندىن كىيىن قېتىش نۇقتىسىدىن تەرىجى يىراقلاپ قالدۇرغان سىفرال ئىزلار.ئوڭ تەرەپتىكىسى نۇر دەسلەپتە تەكشىلىككە چۈشكەندە قېتىش نۇقتىسىغا ئىنتىلىپ قالدۇرغان سىفرال ئىزلار.

_____________________



تېمىدا يۇقۇرقى شەكىلنى زامان-ماكان تەۋرىنىشىگە،تارتىش كۈچى دۇلقۇنىغا ئالاقىدار رەسىم دەپ قىستۇرۇپتۇ.
مەن ئىرىشكەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان شەكىل بولسا يەككە نۇرنىڭ ھەركەت شەكلىدىنلا ئىبارەت.سىپىنغا ۋە مۇئەييەن ئوربىتىغا ئىگە زەررىچىلەر توپى يۇقۇرقىدەك ئىزلارنى قالدۇرۇشى تەبىئى.مىنىڭ دولقۇننى ھەركەت شەكلى دىگەن تەشەببۇسۇم قارىغاندا ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ.

            
NASA超级计算机模拟得到的黑洞双星开始合并的情形
NASAدەرىجىدىن تاشقىرى ھىساپلاش ماشىنىسى بىلەن ھىساپلاپ كەلتۆرۆپ چىقارغان قار ئۆڭكۆرنىڭ قوش يۇلتۇزلارنى بىرىكتۇرۆش جەريانىنىڭ تەقلىدى تەسۋىرى
地球的重力波模拟图
يەر شارى تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ تەقلىدى رەسىمى
http://edu.cnr.cn/list/201402/t20140208_514803286.shtml


تارتىش كۈچى دولقۇنى دېيىلگەن بۇ دولقۇن تېخى بايقالغىنى يوق.بۇلتۇر بايقالدى دېيىلگىنى بۇ يىل چاڭ-تۇزاڭ بولۇپ چىقتى.مىنىڭچە بۇ يىلقىسى راسىت.بۇ ئۈچ رەسىم ئالدىنقى قە ۋەتتىكى نۇر ئىزلىرى قالدۇرغان رەسىم بىلەن شەكىل نۇقتىسىدىن ئورتاقلىققا ئىگە.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى،ئىككى نۇر ئارىسىدا ئاللىقانداقتۇر يۇقۇرى ماسسىلىق تارتىش كۈچى مەنبەسى بولمىسىمۇ ئۇلار مۇئەييەن شەرتىلەر ئاستىدا بىر-بىرىگە يېقىنىلشىپ سوقۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىزى يۇقۇرقى رەسمدىكىدەك بولىۋىرىدۇ.بۇنداق يېقىنلىشىش ۋە سوقولۇشقا ئاللىقانداقتۇر تارتىش كۈچى دولقۇنى ئەمەس،بەلكى 29-41-تىئورمىچە ئېغىش سەۋەپ بولىدۇ.بۇنداق ئىزلارنى ۋە جەريانلارنى شىرە ئۈستىدە يىتەرلىك نۇرلارنى ئويناش ئارقىلىق كۆزەتكىلى ۋە قالدۇرغىلى بولىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-21 12:12:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 12:11
2.يانتۇلۇق دەرىجىسى كىچىك بولغان يانتۇ تەكىشىلىكتە نۇ ...



波可视为简谐运动

دولقۇننىڭ ئاددى ھەركەت سىماسى


دولقۇننى چۈشەندۆرۆشتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئاددى بىر دانە سىنوس ئەگرى سىزىغى بىر دانە سىپىنغا ئىگە زەررىچىنىڭ يىتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە قالدۇرغان ئىزىدىن ئىبارەت.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىردانە سىنۇس ئەگرى سىزىغى سىپىن تېزلىكى ۋە سىزىقلىق تېزلىكلىرى باراۋەر بولغان يېتەرلىك ساندىكى زەررىچىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا شەكىللەندۆرىۋاتقان ھالىتىدىن ئىبارەت.ئالدىدىكىسى يىتەرلىك ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ،كەينىدىكىسى يىتەرلىك زەررىچە سانى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ قاراش شەكىل نەزەريىسىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقەررەر يەكۈن.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-22 22:48:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



天空中各种奇异的云彩



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-31 01:11:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر قانچە خىل تەجىربىلەرنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا شۇنى بايقىدۇقكى،چاقلارنىڭ ئىلگىرلىشى بىلەن 29-تىئورما زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن.بوشلۇقتا ياكى يانتۇ تەكشلىكتە نۇر(چاق) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ ھەركەت قىلسا،بۇ چاق يەر يۆزىگە،يەنى قاتتىق يۆزگەچۈشكەندە يەنىلا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئىلگىرلەيدىكەن.پەقەت ئىككى خىل ئەھۋالدا ئىلگىرلەش-ئېغىش يۆنىلىشىدە پەرىق كۆرۆلىدىكەن.سائەت سىتىرلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئايلىنىۋاتقان نۇر (چاق) بوشلۇقتا ياكى يانتۇ تەكشلىكتە سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى تەرەپكە -ئوڭ قول تەرەپكە ئاغقان ھالدا تۆۋەنلەپ ،يەرگە-قاتتىق يۆزگە چۈشكەندە ئۇزىنى ئايلىنىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمىگەن ھالدا سول قول تەرەپكە قاراپ دۇمىلاپ ئىلگىرلەشكە باشلايدىكەن.بۇ ھالدىمۇ 29-تىئورما ئوخشاشلا قانائەتلىنىدىكەن.پەرىق شۇكى ،بوشلۇقتا چاقنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقان يېرىمى يۇقۇردا بولسا،قاتتىق يۆزدە تۆۋەنگە ئالمىشىدىكەن.

مۇشۇكەمگىچە گويا بەزىلىرىمىز چاق دومىلىغان تەرەپكە قاراپ ئىلگرلەيدۇ،دېسەك،بەزىلىرىمىز ئىلگىرلىمەيدۇ،دەپ تالىشىپ كەپتۇق.دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كاتتا يومۇر بولماس!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-2 13:36:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقنىڭ ئىلگىرلىشىنىڭ ئۆزىمۇ 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ئىسپاتى،دىگەن تەشەببۇسقا نىسبەتەن ئوخشىمىغان قاراشلار بولسا قارشى ئالىمەن.ئالاقىدار تېما ئۆلىنىشى:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=154750

ۋاقتى: 2015-4-4 15:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە ئاپىرىن مۇئەللىم...شەكىل نەزىريەسى توغرىلىق سىزدىن سۇئال سورىماقچى ئىدىم...ئۇ ، كۈنى سوراشقا پۇرسەت بولمىدى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-4 19:38:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygurya يوللىغان ۋاقتى  2015-4-4 15:49
ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە ئاپىرىن مۇئەللىم...شەكىل نەزى ...

رەھمەت.
قېنى سوراڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش