ئەدەبىي تەنقىد قوللاشقا مۇھتاج
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
بەزىلەر «ئەدەبىياتىمىز 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئەدەبىي تەنقىد سۇسلاپ كەتتى، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر شالاڭلاپ قالدى، ئۇلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي مەسئۇلىيىتى ئىلگىرىكىگە يەتمەيۋاتىدۇ» دەپ قاراۋاتىدۇ. دەرھەقىقەت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ھەقىقەتەن سۇسلاپ قالدى. مەتبۇئاتلىرىمىزنى ئاساسەن شېئىر، نەسىر، ھېكايە، پوۋېست، رومانلار ئىگىلەپ كەتتى. ئىلگىرى ئەدەبىي تەنقىدكە ناھايىتى زور قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن، مەتبۇئاتلاردا خېلى ياخشى ماقالە-ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئاپتورلارمۇ باشقا ژانىرلارغا ئېغىپ كەتتى ياكى قەلەمنى بىراقلا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە قۇرغاقلىشىش، ئۈزۈكچىلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇنداق بولۇشىنى مۇنداق بىرقانچە سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بىرىنچى، ئەدەبىي تەنقىد مەتبۇئاتلاردا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىنمايۋاتىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان، ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي تەنقىدچىدىن زور بەدىئىي ماھارەت ۋە بىلىم تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك. ئەگەر ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، يېزىقچىلىق ماھارىتى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولمىسا، مەزكۇر ئەسەرگە لىللا باھا بېرەلمەيدۇ. بىر پارچە ئەسەرگە ئادىل، توغرا باھا بېرىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئەسەرنى كەم دېگەندە ئىككى-ئۈچ قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچى قايتا-قايتا ئوقۇش جەريانىدا بەلگە قويىدۇ، خاتىرە قالدۇرىدۇ، ئېڭىدا بەلگىلىك پىكىر ئېقىمى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇندىلا ئۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىغا، بەدىئىيلىكىگە، تىلىغا، ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا توغرا باھا بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ باھا بېرىدىغىنى بىر پارچە شېئىر ياكى ھېكايە بولۇشىمۇ، ھەتتا بىرەر رومان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەدەبىي تەنقىدچى بۇ جەرياندا ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇنداق زور كۈچ سەرپ قىلىپ يازغان ماقالىسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىسە، بۇ ئەدەبىي تەنقىدچى ئۈچۈن زور زەربە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار ئەدەبىي تەنقىدكە سۇس نەزەر بىلەن قاراپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىشىغا، تەتقىقات ۋە يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى ماقالىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىمكان بەرمەيۋاتىدۇ. بىر قىسىم مەتبۇئاتلار قۇرۇق ماختاش، كۆككە كۆتۈرۈش تۈسى قويۇق بولغان ماقالىلەرنى ئىشلىتىپ، تەنقىدلەش خاراكتېرىدىكى ماقالىلەرنى ئىشلەتمەيۋاتىدۇ. نەشرىياتلارمۇ باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ نەشر قىلىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە ئائىت كىتابلارنى نەشر قىلىشقا ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تەڭسىزلىك ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردا باشقا ژانىرلارغا ئېغىپ كېتىش ياكى قەلەمنى بىراقلا تاشلىۋېتىشتەك تراگېدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ.
ئىككىنچى، ئەدەبىي تەقىدچىلەر مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىلھام ۋە رىغبەتكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، ئەدەبىي تەنقىدچىمۇ ھېسسىيات ئىگىسى، ئۇمۇ خۇددى يازغۇچى، شائىرلاردەك مەلۇم دەرىجىدە ئىلھاملاندۇرۇلۇشقا، رىغبەتلەندۈرۈلۈشكە مۇھتاج بولىدۇ. مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىلھام ۋە رىغبەتتىن قەلبى ئىللىمايدىغان، جاسارىتى ئۇرغۇمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ زور كۈچ سەرپ قىلىپ يازغان ماقالىسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنسا ياكى باھالاش-تەقىدىرلەشلەردە تېگىشلىك شەرەپلەرگە نائىل قىلىنسا، ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى، شۇ ئارقىلىق ئەدەبىي تەنقىد قوشۇنىنىڭ يېتىلىشىگە، تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭ-كىچىك باھالاش ياكى تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلەر يازغۇچى، شائىرلارغا قارىغاندا تۈزۈكرەك ئېتىبارغا ئېرىشەلمىدى. ئۇلارنىڭ زور كۈچ سەرپ قىلىپ يازغان ئىلمىي ئەمگىكىگە تۈزۈكرەك باھا بېرىلمىدى. مانا مۇشۇنداق تەڭسىزلىك ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ سۇسلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى، بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەردە ناتوغرا تەنقىد ئىستىلى باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يازغۇچى، شائىرلارنىڭ شەخسىيىتىگە ياكى خۇسۇسىي ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا يېزىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ھەقىقەت. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەردە ئەسەرگە ئەمەس، بەلكى ئاپتورغا باھا بېرىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى سۆرەپ چىقىپ نىزا-ئاداۋەت پەيدا قىلىدىغان بولمىغۇر يېزىقچىلىق ئىستىلى باش كۆتۈرۈپ قالدى. ھەتتا بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەردە گورۇھۋازلىق، مەزھەپۋازلىق ئىللىتى شەكىللىنىپ، بىرى ماختىغاننى يەنە بىرى تەنقىدلەيدىغان ياكى ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئېچىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويىدىغان ناتوغرا ئىجادىيەت خاھىشى شەكىللىنىپ قالدى. شۇنداق بولغاچقا، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار ئەدەبىي تەنقىدنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى ياكى ئۇنىڭغا سۇس مۇئامىلە قىلدى.
تۆتىنچى، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار يېڭى «بىخ» لارنىڭ كۆكلىشىنى بوغۇپ قويۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم مەتبۇئاتلار ئەدەبىي تەنقىدكە يېڭىدىن قەدەم قويغان، تېخى «نام چىقارمىغان» بىر قىسىم ياش ھەۋەسكارلارنىڭ زور كۈچ سەرپ قىلىپ يازغان ماقالە-ئوبزورلىرىغا «پىشمىغان» دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ بىر چەتكە تاشلاپ قويۇۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قوشۇنىنىڭ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشى چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تەرەققىي قىلغان مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئەدەبىياتى توغرا يول بىلەن ساغلاپ تەرەققىي قىلالايدۇ. بۇ تارىخ ئىسپاتلىغان ھەقىقەت. ئەگەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك سۇسلاشسا، سۈپەتسىز، پاخال ئەسەرلەر ئەدەبىيات ھاۋاسىنى بۇلغايدۇ. ھازىر كۆپلەپ نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارغا تۈزۈكرەك ماقالىلەرنىڭ يېزىلمايۋاتقانلىقى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ھەقىقەتەن پەسكويغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، تەسىرات تۈسىنى ئالغان ماقالىلەرنى يازغان ياش ھەۋسكارلارنىڭ ھامان بىر كۈنى يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى ماقالىلەرنى يازالايدىغان قەلىمى پىشقان ئەدەبىي تەنقىدچى بولالايدىغانلىقىنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز قوللاشقا، چۈشىنىشكە ئېرىشەلىسە، يېقىن كەلگۈسىدە مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىملاردەك قابىل ئەدەبىي تەنقىدچىلەر كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.
قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
2010-يىل 25-ماي
مەنبە "شىنجاڭ گېزىتى" 2010-يىل ئىيۇندىكى گۈلشەن بېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-22 14:18