كۆرۈش: 495|ئىنكاس: 3

باتۇرجان ئاتىخان:ئەدەبىيات، رەھمەت ساڭا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەدەبىيات رەھمەت ساڭا
باتۇرجان ئاتاخان
(ئەدەبىي خاتىرە)
   2013-يىلى ئۆكتەبىردىكى ئالتۇن كۈزدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالدىكى ئۇيغۇر،قازاق،موڭغۇل،قىرغىز ۋە تاجىكتىن تەركىب تاپقان 30نەپەر يازغۇچىنى داھى ماۋزىدۇڭنىڭ يۇرتى خۇنەندە جۈملىدىن گۈزەل شەھەر چاڭشادىكى رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ خاس نامى بىلەن قۇرۇلغان ئەدەبىيات ئىنستتۇتىدا تەربىيەلىدى. يىراق، ئالتاي تاغلىرىدىن، ئاقباش پامىر چوققىلىرىغىچە ياپيىشىل موڭغۇل يايلاقلىرىدىن خوتەن بوستانلىغىچە ئەدەبىيات ئەقىدىسگە تويونغان دىللار ئۆز يۇرتلىرىكى ئاۋام-خەلق ۋە ئەدەبىيات ئاشنالىرنىڭ سالامىنى ئېلىپ خۇنەن چاڭشاغا جەم بولدۇق. 20نەچچە كۈنلۈك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بىزگە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى.كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى ئەنە شۇ تەسراتلار بىلەن بىرىكتۈرۈپ بۇ سەپەر خاترسىنى يېزىپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن ئاز-تولاھوزۇر ئالسا تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم.ئەلۋەتتە.
  1.سەپەرگە چىقىشنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار
2013-يىلى8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقتۇ دىياردىكى ھەر مىللەت قەلەمكەشلىرى ئىنىمىز تۇردىبەگ مۇھەممەتبەگنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت بازىسىدا ھەپتىلىك كۇرسىقا قاتناشقانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرنى يازغۇچىلار تور بېتىدە كۆرۈپ بۇ ئىشتىن بەكلا سۆيۈنۈپ كەتتىم.ھەم ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ تۇردىبەگ مۇھەممەتبەگكە تېلېفۇن قىلدىم.ئاشۇ بىر پۇرسەت بىلەن پات-يېقىندا شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ خۇنەنگە ئۆگنىشكە بارىدىغانلىق ئۇچۇرنى ئاڭلاپ قالدىم.نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا تۇردىبەگنىڭ ئەيبۇ ئاكا بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تېلغۇننى تاپشۇرۇپ ئالدىم.بۇ قېتىم ئەيبۇ ئاكا ماڭا شىنجاڭنىڭ قىسمەن يازغۇچىلىرنىڭ خۇنەن چاڭشادىكى ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتۇتىغا 20 نەچچە كۈنلۈك كۇرسقا بارىدىغانلىقىنى،شۇ قاتاردا مېنىڭمۇ بارلىقىمنى ئېنىق ئۇقتۇرغانىدى.ئەمما ئۇ يەنە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشلارنى فاكس ئارقىلىق يوللاپ بېرىدىغانلقىنى،مۇھىمى بۇ قېتىمقى سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئىدارە ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەشكىلى رۇخسەت رەسمىيىتىنى بېجىرىپ يوللاپ بىرشنى ئېنىق ئەسكەرتىپ ئۆتتى.شۇ كۈنى كەچتە تولىمۇ روھلىنىپ كەتتىم نەچچە يىلدىن بۇيانقى يېزا خىزمىتىدىكى تارتقان جاپالىرىم،خىزمەت ھاردۇقى بىردىنلا تېنىمدىن كۆتىرىلىپ كەتكەندەك بولدى.
شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ«قىشتىكى خامان» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى خۇمارىمنى بېسش ئۈچۈن يەنە قولۇمغا ئالدىم.خيالىم كىتابتىن كۆتۇرۇلۈشكە باشلىدى. سەۋەبى« مەن خۇنەنگە بارىدىغان بولدۇم،كۆپلىگەن داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ئۇچىرشىمەن»دېمەكچى.دېمىسىمۇ ماڭا ئوخشاش ئەدەبىيات دەستۇرخىنى غورىگىل بىرتاجىك شائىرنىڭ چوڭ-چوڭ ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىششقا قانداقمۇ سالاھيتى توشسۇن. ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۆزۈم دېمەتلىك مول-ھوسۇللۇق ئۇيغۇرشائىر-يازغۇچىلىرىغا سېلشتۇرغاندامېنىڭ يازمىلىرىمنىڭ ھېچقانداق پاساھىتى يوق. نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن يەرلىك ھۆكۆمەتلەر ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسى جايلاردا تۈرلۈك ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرغان بولسىمۇ يىراق تاغ ئارىسىدىكى خىلۋەتلەرگە بەنىت بولغان بىزگە ئوخشاشلارغا «چاقىرىق نامىلەر» ھەقىقەتەن يېتىپ كېلەلمىدى.شۇ سەۋەبلىك شىجاڭدا ھەتتا مەن ئوقۇغان مەن تەۋە بولغان قەشقەردە تۇرۇپ ئۆز-ئارا بىلشمەيدىغان ئاپتورلار ھېلى ھەم كۆپ.بۇلارنى ئويلىسام كۆڭلۆم تولىمۇ يېرىم. شۇڭا،قانداقلا بولمىسۇن «خۇنەن سەپىرىگە ئاتلىنىشىم كېرەك» دېگەن ئوي قەلبىمنى چىرمىۋالدى.تەليىمگە ئەيبۇ ئاكا يوللىغان فاكىسىنى ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى خادىملار مەن ئىشلەۋاتقان تاغارما يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇشاپىڭغا بېرىپتۇ.شۇجىمىز ياشتا مەندىن كىچىك بولغاچقا ھەر ھالدا ماڭا ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇ ماڭا ھېلىقى «فاكس»نى بەرگەندە مېنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە مەن سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن پۈتۈن يېزىنىڭ يېزا نۇپۇسدىكلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى تەڭشەپ بولۇشنى شەرت قىلدى.بۇ خىزمەت ئەمەلىيەتتە ھەممىگە «يامان»بولىدىغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.يەنە كېلىپ بۇ قېتىمىقى تەڭشەش خىزمىتىنى ناھىيە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،تەلەپ ھەممە ئائلىگە تولۇق كىرىپ پىكىر ئىلىپ ئاندىن ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بارلارىنى تېپىپ چىقىپ،كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان ئىدى.نوپۇسى ئاران 3مىڭغا يېتىدىغان 557ئائلىلكى بار بۇ يېزىنىڭ «جۇغى كىچىك» بولسىمۇ ئائىلىلەر تارقاق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق چارۋىچىلار كۈزلۈك چۆپ ئوروشقا چۈشۈپ كەتكەچكە ئۆيلەردىن تېپىش تولىمۇ تەسكە توختايتى.شۇڭا،قانداقلا بولمىسۇن «ۋەزىپە»نى تېزراق ئورۇنداش ئۈچۈن ھەپتىلەپ ئۆيگە قايتماي خىزمەتلەرگە كىرىشىپ كەتتىم. گەرچە ،شۇجى مېنى قوللاپ يېزدىن رۇخسەت بەرگەن بىلەن بۇ رۇخسەت ئېلىشنىڭ بىرنى قەدىمى ئىدى.ئىككىنچى قەدىمى ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۈچىنچى قەدىمى شۇ يىزىغا مەسئۇل ناھىيە رەھبەرلكىنىڭ تۆتىنچى قەدىمى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىنىڭ تەستىقي ئىمزاسى رۇخسەت قەغىزىگە چۈشكەندە ئاندىن مېنىڭ رۇخسىتىم كۈچكە ئىگە بولاتتى. 12-سېنتەبىر ئەيبۇ ئاكا تەشكلنىڭ ماڭا رۇخسەت بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى سۈيلەپ يەنە تېلېغۇن قلدى.مەن ئاشۇ كۈنى كۈن بويى ناھىيەلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقى ئىشخانسىنىڭ ئىشكى ئالدىدا پۈتۈن بىر كۈن ساقلىدىم .ئەپسۇس ئۇ يىراق بىر يېزىغا كېتىپتۇ،ئەتسىمۇ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە يەنە ساقلىدىم.قېرشقاندەك ۋىلايەتتە يىغىن بولغاچقا يېزىدىن كىلپلا ئۇدۇل قەشقەرگە راۋان بوپتۇ.ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك.روھىم چۈشۈپ،قەلبىم بىر قسمىلا بولۇپ قالدى. ئاخىرى بولماي ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،تەشۋىقات بۆلۆمنىڭ باشلىقى قۇربانقۇل قەمەسنىڭ ئىشخانىسىغا بارسام ئۇمۇ يوق چىقتى. كاتىپلار ئۇنى قەشقەرگە كىتتى دېشتى.شۇ كۈن ئىچىدە ئەيبو ئاكا بىر نەچچە قېتىم تېلېفۇن قىلىپ ئىشلىرىمىنى سۈرۈشتە قىلدى. ئۇمۇ ئالدىرايتتى،15 -سىنتەبىردىن بۇرۇن رۇخسەت ئالالغانلىق خەۋىرىمىنى يەتكۈزۈپ بولۇشۇمىنى،شۇنىڭغا قاراپ بېلەت زاكاز قىلىدىغانلىقىنى تەكرار ئەسكەرتىپ تۇردى.يامان يېرى 2-3-قەدەم باسقۇچلارنى باسماي تۇرۇپ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسنى ئىزدەپ كىرشىم تېخىمۇ بىئەپ ئىدى.2كۈن ۋاقىت خۇددى ئاتقان ئوقتەك ئۆتۈپ بولدى . «ئەيبۇ ئاكىدىن يەنە تېلېفۇن كېلىپ قالارمۇ»دېگەن غەم پۇت-قولومىنى بوشاشتۇرۋەتتى .ۋاقىتنىڭ تىنىمسىز ھەيۋىسى  ئالدىدا روھىم پارچە-پارچە بولماقتا ئىدى.شۇڭا،قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ، پارتكوم شۇجىسىنىڭ يىغىندىن چىقىشىنى ساقلىدىم.شۇجىمۇ چىقتى دەرۋازىغا تۇتىشىدىغان ئاخىرقى پەشتاققىچە ئەگىشىپ ماڭساممۇ ماڭا گەپ قىلىش پۇرسىتى كەلمىدى،ئۇ ماشىنىغا چىقاي دېگەندە ئاران مەقسىتمنى ئېيتتميۇ بىراق ئۇ «ئالدىراشلىقىمنى كۆرمۈدىڭمۇ»دېگەنچە كابىنكنىڭ ئىشكىنى «جاققىدە» يېپىپ كېتىپ قالدى. تېنىمدىن سوغۇق تەر قويۇلۇپ،كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ ھېچكمگە چاندۇرماي سالپايغان پىتى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم .شېرىن ئارزۇيۇم يوققا چىققاندەك قىلاتتى.ئايالىم ئاسانلا«دەردىم»چىرايىمغا چىقىدىغان ھالىتىمدىن ئەھۋالىمنى بىلدى بولغاي،رۇخسەت ئالالمىساڭ مەيلى،بىر نەچچە قېتىم يازغۇچىلار يىغىنىغا ئىچكىرىگە بارغان ئىدىڭغۇ،بىرەر قېتىم بارالمىساڭ نېمە بوپتۇ يەنە پۇرسەت كېلىپ قالار »دەپ كۆڭلۈمىنى ياسىغان بولدى.ئەمەلىيەتتە بۇ قىتمقى سەپەر ھەرقانداق ۋاقتتىكىگە ئوخشىمايتتى.چۈنكى مەن ئىلگىرى بارغان ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئۆگىنىش ۋە ئېكسكۇرسىيە پائاليەتلىرىدە شىنجاڭدىن پەقەت بىر نەچچىمىز قاتنىشاتتۇق.بۇ قىتىمقسى بولسا بىز ئۇزۇن يىل دىدارلىشىش ئارزۇسىدا ياشىغان، ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلانغان ئاپتورلار بولۇشى مۇمكىن ئىدى.شۇڭا ئۇلار بىلەن دىدارلىشىپ پكىر-مالەققەتتە بولوشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ھەرقاچان ئاجىز كېلەتتىم.قانداقلا بولمىسۇن بۇ قىتمقى كۇرۇس مەن ئۈچۈن ئىدىيە ئالماشتۇرىدىغان،پىشقان ئاپتۇرلاردىن تەلىم ئالدىغان تولىمۇ تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت ئىدى.ئويلا-ئويلا يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم.شۇ ئەسنادا شائىر ئۆمەرجان سىدىقنىڭ بىر ئىغز سۆزى ئېسىمدىن كەچتى.2011-يلى 5-ئايدا ئۆمەرجان سىدىقنىڭ مۇبارەك پايە قەدىمى دىيارىمىز تاشقۇرغانغا يەتكەن ئىدى.شۇ قېتىم قانغۇچە مۇڭداشتۇق.كۆڭۈل-كۆكسۈم بوشاپ باشقىچە بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇ خوشلىشىش ئالىدىدا«بىز يازغۇچى، شائىرلار ھەمشە ئۆزىمىزنى كاتتا چاغلايدىكەنمىز، ئەمەلدارلارنى دوست تۇتمايدىكەنمىز ،ئۇلار بىلەن ئارلاشمايدىكەنمىز ،مانا بۇلار بىزدىكى ئىللەت،ئەمەلدارلارمۇ ئادەم شۇڭا،ئۇلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يۈرىمەيلى،ئارىلىشىپ ئۆتسەك ۋاقتى كەلگەندە كۆپ ئىشىمىزنى قوللاپ بىرىدۇ»دېگەن ئىدى.بۇ گەپتىن بايىقى سوغۇق كەيپىياتىم سەل ئىللىشقا باشلىدى. پارتكوم شۇجىسى ھەقىقەتەن ئالدىراش بولغىيدى دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ ،ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۆمىنىڭ باشلىقى قۇربانقۇل قەمەسكە تېلغۇن قىلدىم .ئەمدى ئاخىرىقى ئۈمىدىم شۇنىڭدا ئىدى. ئۇ، تېلغۇن قوبۇل قلمىدى بىراق ،بىر نەچچە سىكۈنتقا قالماي ئۇچۇر قايتۇردى ،سەۋەبى ھازىر يىغىندا ئىكەنلىكى، شۇڭا نېمە گەپ بولسا ئۆزىگە ئۇچۇر شەكلىدە يوللاپ بىرشنى ئېيتپتۇ.ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى شۇ قەدەر تەرەققىي قىلىپ ،كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنۋاتقان شارائىتتا مەن تېلغۇن مەشغۇلاتىنى ئوڭشاپ ئىلىپ بىرشقا تېخى ناقابىل ئىدىم. خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتا بىر نەچچە قۇر مەزمۇننى يېزىپ يوللاپ بولدوم. تېلغۇنۇم ئاددىي بولغاچقا كۆپرەك مەزمۇن پاتمىدى.ئىككىنچى قېتىم داۋامىنى يوللاي دەپ تۇرغاندا دائىمىي ئەزا قۇربانقۇلدىن تېلغۇن كېلىپ قالدى .ئۇ ئالدى بىلەن مېنى بۇ كۈرۈسقا قاتنششقا بارىدىغانلىقىمنى تەبىركلەيدىغانلىقىنى ،رۇخسەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ قوشۇلىدىغانلىقىنى ئەمما.چوقۇم بىر ئامال قىلىپ پارتكوم شۇجسغا ئەھۋالنى ئەينەن يەتكۈزۈپ تېلغۇن ئارقىلىق بولسىمۇ رۇخسەت سورىشىمىنى تاپىلىدى.ھەر ھالدا پۇت-قولومغا ماغدۇر كىرشكە باشلىدى.يەنە كېلىپ بۇ ئشلىرىمنىڭ ياخشى يۆلىنشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىدىن بشارەت ئىدى. دائىميى ھەيئەت ئەزا قۇربانقۇل قارماققا  سۈرلۈك كۆرۈنگەن بىلەن يېشى تېخىى 35ياشقىمۇ بارمىغان ئىدى.تاشقۇرغاندىكى شۇ دېمەتلىك ھەم ئۆزدىن چوڭلاردىن پەزىلەت ھەم بىلىم جەھەتتە كۆپ ئۈستۈن تۇرغاچقا ،ياش كادىرلار ئىچىدىن تاللىنىپ قىسقىغنا بىر نەچچە يىلدا بازار باشلىقى. مۇئاۋىن ھاكىم ،مانا ئەمدى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىميى ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئۆسكەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى مەن بىلەن يازغۇچى قەدەم دىربىنزادىنىڭ «شائىرنىڭ دۇنياسى» ۋە «ئۇزاققا سوزۇلغان يول» ناملىق ئىككى پارچە كىتابىمىزغا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى نامىدىن مەخسۇس قىزىل باشلىق ھۆججەت شەكللەندۇرۇپ مەركۈز ئىككى تاجىك ئاپتورنىڭ كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسغا دوكلات سۇنۇپ ،كىتاب ئارگىنالىنى ئۆزى شەخسەن ئىلىپ كېلىپ تاپشۇرغان ئىدى.مانا ئەمدى بۇ قېتىمقى «خۇنەن سەپىرىم »ئۈچۈن ماڭا «يۈرەك»ئاتا قىلدى.ئىككى كۈندىن بۇيان مېىنى قىينىغان ئۈمىدسىزلىك ھېسلىرى بارا-بارا ئۈمىد يۇلتۇزىلرىغا ئايلنىپ قەلبىمنى يورۇتۇشقا باشلىدى. شۇڭا، كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىغان بىرسىنى تېپىپ، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسغا بۇ قېتىمقى كۇرۇسنىڭ تاجىك ئەدەبىياتىغا كەلتۇرىدىغان پايدىسى،كۇرسنىڭ چىقىمى ۋە ۋاقتى توغرىسىدىكى  مەزمۇنلارنى يازغۇزۇپ شۇجىغا يوللىدىم. بۇ قىلغىنىم بىر ھىساپتا شۇجىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىك ئىدى. مۇشۇ تۈپەيلى يەنە تۈگمەس تەنقىدلەرگىمۇ قلىشىم مۈمكىنچىلكنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى، نىملا بولسۈن بىر غايىۋى كۈچنىڭ تەسىرىدە  ئۇچۇر يوللاش كۇنۇپكىسىنى باستىم .جىددىيلىك يۈرىكىمنى تەرتىپسىز سوقتۇرماقتا ئىدى.«باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن» دېگەن ئۈمۈتتە شۇجنىڭ «جاۋاب»نى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدىم. تېلغۇنۇمنىڭ تونۇش ئاۋازدا غىڭشىشى دېققىتىمنى بۆلدى. قارىسام شۇجى «بولىدۇ، دائمىي ھەيئەت ئەزا قۇربانقۇلغا دەپ مېڭڭ» دەپ يازغان ئىكەن.ھەر ھالدا يۈرىكم ئورنىغا چۈشۈپ ،ئىشىم ئوڭغا تارتتى .خوشاللىقتا رۇخسەت ئالغانلىق خوش-خەۋرىمنى ئالدى بىلەن ئەيبو ئاكىغا ،ئاندىن قۇربانقۇل قەمەسكە يەتكۈزدۈم.شۇنداق قىلىپ ئۇچ كۈن دېگەندە رۇخسەت ئالالدىم .ئاي ئاخىرىغىچە پۈتۈن ئىخلاسىم بىلەن يېزا ماڭا تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى  تاماملاشقا كىرىشتىم .ھەر بىر كەنتنىڭ ئائىلىلەرگە تولۇق كىرىپ ،ئۇلار كۆرسەتكەن تۇرمۇشتا قېينچىلىقى بارلارنى تەپسىلىي تىزىملىدىم .ئاخىرى بۇ خىزمەتمۇ ئوڭوشلۇق تاماملاندى.
2.ئۈرۈمچىدىن چاڭشاغىچە يازغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ ئورونلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن بۇ قېتىمقى «خۇنەن سەپىرىگە ئاتلانغان ئاپتورلار 6-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە يىغىلدۇق.7-ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:19مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا قاتنايدىغان
T36  - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزغا ئولتورۇپ،گۈزەل شىنجاڭنىڭ سالامىنى ئىلىپ
      يولغا چىقتۇق .يولغا چىقىش ئالدىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم ئاكا ئالايىتەن ۋوگۇزالغا كېلىپ بىزنى ئۇزىتىپ قويدى .ئۆچرەتكە تىزىلىپ بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن ،ئېغىر سومكىلارنى كۆتۆرۈپ،قىستىلىپ- سوقولۇپ يۈرۈپ ۋاگۇندىكى ئورونلىرىمىزغا جايلىشۋالدۇق.تۆگە بوزلىغاندەك چىڭقىلىپ چىققان گۈدۈك ئاۋازىدىن پويىز ئۆز گەۋدىسىنى سۆرەشكە باشلىدى .مانا ئەمدى بىز خۇنەنگە قاراپ ماڭماقتا ئىدۇق.پويىز تۇرپان ،قۇمۇل ۋوگۇزاللىرىدا قىسقا مۇددەت توختاپ شۇ يەردىن چىقىدىغان ھەمرالىرىمىز چىقىپ بولغاندىن كېيىن غايەت زور يىلاندەك كۇشۇلداپ مىڭشقا باشلىدى.ھىساپتا بىز شنجاڭدىن خۇنەنگە بارىدىغان 30نەپەر يازغۇچى مانا ئەمدى تولۇق تەل بولغاندۇق.بۇمىنىڭ شىنجاڭ ئاپتۇرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم سەپەرداش بولوشۇم ئىدى.شۇڭا ،ئاردىكى سەپەرداشلاردىن ئەركىن نۇر ،ئابلىكىم ھەسەن،ھەبىبۇللا رەجەپتىن باشقا قالغانلارنى دەماللىققا تونىيالمىدىم.شۇنداقتىمۇ ئىلگىرى رەسىمىنى كۆرگەن ئەسقەر ياسىن ،مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى قاتارلىقلارنى تېزلا تونۇۋالدىم.سىرتتا ئاستا-ئاستا گۇگۇم پەردىسى يىپىلماقتا ئىدى.مەندىن باشقا ئاپتورلار ئۆزئارا كونا تونۇشلاردىن بولغاچقا پويىزدىكى ياتسىراش ،غىرىپسىنىش دېگەنلەرنى تېزلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى .قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز تەشكىلىك سەپەر ئىدى.شۇڭا گۇرۇپپا باشلقلىرى يىغىنىنى چاقىرىلىپ ئالاقىدار ئىشلار ئورونلاشتۇرۇلىدى.
ئارقىدىن ئابلىكىم ھەسەننىڭ كۆپچىلىككە مېنى تونۇشتۇرۇشى بىلەن مەنمۇ تۇرسۇنجان مۇھەممەت،مەتتۇرسۇن ئوبولقاسىم ،مىھرىگۇل ئابلىز،ساجىدە سۇلايمان،تۇرسۇن مەخمۇت،ئەدھەم ئىبراھىم ،ھەبىبللا مېجىت،ئەمەتجان مۇھەممەت (كۆنچى)، ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى(قىرغىز)، بادۇم(موڭغۇل)، جېڭسى رەيئسقان (قازاق)، كىمجۇل (موڭغۇل)،ئازىيا قاتارلىق شىنجاڭدىكى تەسىرى چوڭ يازغۇچى -شائىرلارنى تونۇۋالدىم.يەنە بۇلارنىڭ ئىچىدە گەرچە يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللانمىسمۇ ۋۇجۇدى بىلەن ئەدەبىيات سۆيىدىغان ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى قارىماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى «ماي بۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇرغۇن ئاكا بىلەن تونۇشۋالدىم .ئۇ كىشى ئەمەلدارلىق كېبردىن خالىي تولىمۇ ئوچۇق كىشى ئىكەن يول بويى كۆپچىلىك بىلەن كۈلكە -چاقچاقتا بىللە بولۇپ تۇردى، ئۆزىنىڭ چىقشقاقلىقى بىلەن كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە نۆۋەتتە قارىماينىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئشلىرنىڭ تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچقا قەدەم قويۇپتۇ،ھۆكۈمەت چوڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ قارىماي يازغۇچىلىرنىڭ كىتابىنى نەشر قىلىشىنى قوللاپتۇ،ياخشى ئەسەرلەرنى قەرەللىك باھالاپ، مۇكاپاتلاش ئارقىلىق يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجادى قىلىشقا ئىلھام بىرپتۇ.قارىغاندا قارىماي شەھرىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى جايلارنىڭ ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئەلۋەتتە.دولقۇن تۇرغۇن ئاكا راستتىنلا قالتىس كىشى ئىكەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى ،بۇقىتىم ئۇنىڭ بىلەن سەپەرداش بولغانلىقىمدىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كەتتىم .دېرىزە ئەينىكىگە ئاستا-ئاستا زاۋالنىڭ پەردىسىنى يېيلماقتا ئىدى.ۋاگۇندىكى قىزغىن پاراڭ كۈلكە -چاقچاقلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ بارماقتا ئىدى.بولۇپمۇ ئۆزلىرىنى «چايچى دەۋالغان» بىر نەچچە ئايال بىزگە ئوخشاشلا خۇنەنگە باردىكەن ،ئاندىن شېنجېن،شياڭگاڭ تەرەپلەرگە چىقىدىكەن .ھەرھالدا ئۇلار بىردەم ناخشا ئېتىپ،بىردەم تېلغۇندىكى موزىكلارغا ماسلاشتۇرۇپ ئۇسۇل ئويناپ،كەيپىياتنى خلي يۇقىرى كۆتۈردى.يېشى 50لىكلەردىن ئاشقان سالاپەتلىك بىر نەچچە خەنزۇ ئاياللارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ،ئۇيغۇرچە ئۇسۇللارنى ئويناپ بەردى ،ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن ئۇلارغا مەدەت بەردۇق.تۇرسۇنجان مۇھەممەت،ھەبىبللا رەجەپ ئاكىلارمۇ قىزغىن ھەم خۇشچاقچاقچىكەن،شۇڭا يول بويى ھاردۇق ۋە يول ئازابى سەزمەيلا قالدۇق .ئوبدانراق ئۇخلاش ئۈچۈن يېتىش ئالدىدا سەپەرداشلار ئاز-تولا ھاراق ئىستېمال قىلىشتى. ئارىمىزدا موڭغۇل يازغۇچىسى بادۇم ئەپەندى ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىكەن ،قازاقلاردىن جىڭىسى رەيئسقان ئاكا خلى ئوبدان بىلىدىكەن ،بىراق ئىچىش جەريانىدا ئاز-تولا قىزىۋالغان ساۋەنلىك قازاق يازغۇچى بەيوت كىرىكباي ئۇيغۇرچە سۆزلىمەكچى بولسىمۇ ئاخىرنى تاپالماي قالدى .قالغانلارغا ،بولۇپمۇ قازاق ئايال يازغۇچسى ئازىيا خانىمغا بۇ ئىش قىزىق بىلىندى بولغاي ئۇنى توختىماي ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە دەۋەت قىلىپ ،كۈلكە -چاقچاقنى ئەۋجىگە چىقاردى .شۇنداق قىلىپ ئىككى كېچە-كۈندۇزدە گۈزەل شەھەر چاڭشاغا يېتىپ كەلدۇق .ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغىنىمغا 20يىلدەك بولغان بولسىمۇ ،بۇ مىنىڭ شىنجاڭلىق قەلەمكەشلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ھەم سەپەرگە چىقىشم ئىدى.شۇڭا،سەپەرگە چىقىش ئالدىدىكى شېرىن-ئوي خياللىرىم بارا-بارا رېئاللىققا ئايلاندى،بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيتىىم ئۈچۈن يېڭى ھاسلاتلارتوپلانماقتا ئىدى.سەپەر جەريانىدا ئۇيغۇر،قازاق، موڭغۇل، قىرغىز ئەدەبىياتنىڭ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ،بۇ سەركىلىرى ئۆزئىجادىيەتلىرى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە ھەر نۇقتىدا تۇرۇپ ئۆز-ئارا پىكر ئالماشتۇرۇشنى زىنھار قولدىن بەرمىدى،شائىر ،ژۇرنالىسىت ئەسقەر ياسىن تاجىك ئاپتورلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى «شىنجاڭ ياشلىرى»غا مەن قاتارلىق بىرنەچچە شائىرنىڭ شېئىرى بېسىلغاندىن كىيىن جەمئىيەتتە ياخشى ئنكاسلارنىڭ بولوۋاتقانلىقىنى،يەنە كېلىپ ،سابىق رەھبەر ،يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئەدىب،جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئاكىنىڭ بۇ جەھەتتە «شنىجاڭ ياشلىرى»ژۇرنلىنىڭ ياخشى قىلغانلىقنى ،نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىنى يۈكسەلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەھىنە ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەكىتلىگنىنى ئېيتىپ بەردى.ئەسقەر ياسىننىڭ بۇ سۆزلىرىدىن نەچچە يىل ئىلگىرى مىجىت ناسىر ئاكىنىڭ  «كىرورەن»ژۇرنلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ،تاجىك يازغۇچىسى ئاتكەم زەمىرىگە كۆپ مەدەتلەرنى بەرگەن ئىدى.بۇ خىل غەمخۇرلۇققا قارىتا شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفسورى ،تاجىك تارىخچىسى پۈتكۈل تاجىك خەلىقگە ۋاكالىتەن جاۋاب خەت يېزىپ .ئۆز رەھمىتىنى بىلدۇرگەن ئىدى.مىجىت ناسىر ئاكنىڭ ئەدبىلە سورنىدا تاجىكلارنىڭ گېپىنى قىلىپ ،تاجىك ئەدەبىياتىغا تەرەققىيات بوشلۇقى يىرتىپ بېرىشىنى تاپىلىشى،بىز تاجىك يازغۇچىلىرنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ۋە تەلىيى.
3.ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتوتىدىكى كۈنلەر
2013-يىلى 11-ئۆكتەبىر (چۈشتىن كېيىن)
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ماۋزېدۇڭ ئىنستتوتىنڭ دوكلات زالىدا رەسمىي ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈرۈلىدى.
رىياسەتچى يىغىنغا شىنجاڭ يازغۇچىلىرى ۋە خۇنەن ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك ياش، ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلىرى ۋە ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ يازغۇچىلىرى كۈرسىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.ئارقىدىن دۆلەت شېئىرى ئوروندىلىپ يىغىن ئۆز كۈنتەرتىپى بويىچە باشلاندى.خۇنەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ماۋزېدۇڭ ئىنستتوتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
شۇ قاتارداشىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئيتىنڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوڭ لىبو مۇ سۆز قىلدى .ئۇ،سۆزىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۆمى بۇيىل باھار ئايلىرىدا خۇنەنگە كېلىپ ،خۇنەن-شىنجاڭ يازغۇچىلىرنىڭ بەش يىللىق تەربىيەلەش كىلشىمنامىسى ئىمزالىغانلىقى،ئىككى ئۆلكىنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرى خىزمەت پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈپ،ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش،ئۆزئارا ئۆگىنىشنى قەدەممۇ-قەدەم كۈچەيتىدىغانلىقنى بىلدۈردى.ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆپ جەھەتتىن ياردەم بېرىپ ھەم مۇناسىپ شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى .
ئارقىدىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى توغراق كەشتىلەنگەن گىلەمنى ماۋزېدۇڭ ئىنستتۇغا تەقدىم قىلدى .ئاندىن كۈرسانتلار ۋەكىلى قارىماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن سۆز قىلدى.ئارقىدىن موڭغۇل يازغۇچى بادامۇ سۆز قىلدى.ئاخىرىدا خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تاڭ خاۋمىڭ سۆز قىلدى.ئۇ بۇيىل ياز ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا بارغانلىقى ،ئۇيەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قىزغىن كۈتۋالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۇرسانتىلار 6گۇرۇپپىغا بۆلۆنۈپ داڭلىق يازغۇچىلارغا بۆلۈپ بىرىلىدى.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە،چۈشتىن بۇرۇن)
بۈگۈن ،تۇنجى دەرسىمىز باشلاندى.يازغۇچى،داڭلىق ئوبزورچى جاڭيەنلىڭ خانىم ئەدەبىياتتىكى «ئۆزگىرىش»ۋە «ئۆزگەرمەسلىك»ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.تۈنۈگۈن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۆزۈلگەندىن كېيىنكى ئىنستتوتنىڭ ئازادە سىنىپىدا شىنجاڭلىق يازغۇچىلار بىلەن خۇنەن ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ياش،ياش يازغۇچىلرىنىڭ بىرلىكتە دەرس ئاڭلىشى ئىدى.ئىككى تەرەپ يازغۇچىلىرىدىن بولۇپ 70گە يېقىن ئادەم قاتناشقان بۇ زال تمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى.جاڭ خانىم داڭلىق ئوبزوچى بولغاچقىمىكىن ھەبىر ئېغز سۆزى قۇرۇق گەپتىن خالى ئىدى.شۇڭا،كۇرسانتىلار بۈتۈن زېھننى يىغىپ دەرسكە قۇلاق سالىدى.دەرستىن كېيىنكى تەنەپپۇس ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئىنستتوت زالىنى ئىختىيارى ئايلنىپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتكۈم كەلدى.ئويلىمغان يەردىن كۆزۈم مەزكۇر ئىنستىتوت تېمىغا چىقىرىلغان مۇنۇ قۇرلاغا چۈشتى.ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىستتۇتى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى خۇنەن ئۆلكىلىك پارت كوم ھۆكۆمەتنىڭ قوللىشى بىلەن 1995-يىلى تەييارلىق خىزمىتى باشلىنىپ 1997-يىلى 12-ئايدا رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرشتۇرۇلگەن بولۇپ، مەركۈز ئىنستىتۇتنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 30مىڭ كىۋادرات مېتىر ، ئەمەلىي قۇرۇلۇش كۆلىمى23مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن ،5مىليون يۈەن مەبلەغ سېلنىغان بولۇپ،نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخسىلەر پۇل ئىئانە قىلغان ئىكەن. تەنەپپۇستىن كىيىن  خۇنەندىكى نامى مەشھۇر ئوبزورچى ۋۇيچىن ئەپەندى جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا باھا بېرىپ ، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تولىمۇ ئەتراپلىق شەرھلەپ ئۆتتى .ئۇ جۇڭگونىڭ ئاتالىق يازغۇچىسى ،نوبېل ئەدەبىيات ساھىبى بولغان مويەن ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى .ئۇنىڭ دىيشىچە نۇرغۇن كىشىلەر مۇيەننى ياخشى كۆرىدىكەن .گەرچەئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۆتكەن زاماننىڭ ھېكايلىرنى سۆزلەش بىلەن كۇپايىلەنگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا كىشىلەر قەلبىگە ياقىدۇ .ئەمما،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتنىڭ تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۇرەلمەيدۇ .مۇيەن بولسا خۇددى ئۆزى ئېيتقاندەك «ئىدىيەسى يوق»يازغۇچى،قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئىنتاين تېز سۈرەتتە ئالغائىلگەرلىۋاتىدۇ .ئسلاھات ئىچىۋىتىشتىن بۇيانقى 30يىلدا جۇڭگودا ئاران 450 پارچە رومان بارلىققا كەلگەن بولسا 2012-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا 3000پارچە رومان نەشر قىلىندى .بۇنىڭدىن باشقا جۇڭگو يۇقىرى يازغۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە دۆلەت ،ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيتىنڭ ئەزاسى 10مىڭغا يەتتى.تەخمىنەن ئستاتسكىغا ئاساسلانغاندا 50-60مىڭغىچە يازغۇچى بولغاندىن سىرت تور ئەدەبىيات ئاپتۇرلىرنىڭ سانى 350مىڭدىن ئاشىدىكەن .
جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات تۈزۈلمىسىنى چەتئەللەر بىلەن سىلشتۇرغىلى بولمايدۇ.جۇڭگو يازغۇچىلىرنىڭ جەمئىيەتكە تەسىرى چوڭ .ئارگېنىتنا يازغۇچىسى بۇرخىسىنى ئۆز دۆلىتدىكلەر بىلمەيدىكەن،كېيىن بوينىس-ئايرسدىكى يىغىنلاردا باشقا دۆلەتلەر ئۇنى تىلغا ئالغاندا مەزكۇر دۆلەت ئاندىن ئۇنى بىلگەن ھەم قەبرىسىنى يوقليدىغان بولغان .پۈتكۈل جەمئىيەت يازغۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغاسىلىنغان مەبلىغى ئاز ئەمەس .مەسىلەن :ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتوتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ يازغۇچىلارنى ھەقسىز تەربىيەلەپ كېلىۋاتىدۇ ،ئۆگىنىش،ئىكسكۇرسىيگە تەشكىللەش ئارقىلىق يازغۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاتىدۇ.شۇ كۈنى مەن ۋۇيۈچىن ئەپەندىنىڭ ھەربىر سۆزنى تولۇق خاتىرلەشكە ئۈلگۈرەلمىسەممۇ،ئۇنىڭ سەمىمىي قەلبنىڭ تېۋشلىرنى قەلبىمگە ئۆمۈرلۈك ئورنىتۋالىغانلىقىمىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.
2013--يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى (يەكشەنبە)
بۈگۈن بىر كۈن دەم ئالدۇق .شۇنداقتىمۇ چاڭشانىڭ مەركىزى بازارلىرىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ،ھەرقايسىمىز ھەر تەرەپكە مېڭىپ كەتتۇق.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى (دۈشەنبە)
كۈرۈس كۈنتەرتىپكە ئاساسەن شىنجاڭ،خۇنەن تەرەپ يازغۇچىلىرى سائەت 8:00دە ماۋزىدۇڭنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى شاۋشەنگەقاراپ يولغا چىقتۇق.تەخمنەن 50مىنۇت ئۆتكەنلەردە ماۋزىدۇڭنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى شاۋشەنگە كەلدۇق .ئالدى بىلەن ماۋزېدۇڭ مەيدانىنى كۆردۇق 100000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە بۇ مەيدان ئىكسكۇرسىيچىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى .مەغرۇر قەد كىرىپ تۇرغان ماۋزېدۇڭ ھەيكىلىگە جاي-جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر گۈل چەمبىرەك قويۇپ، ئۆز ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدىكەن .بىزمۇ ئەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن بۇ مەشھۇر زاتقا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۇردۇق.قانغۇچە راسىمگە چۈشتۇق.ئاخىرىدا،ماۋزېدۇڭ تۇرالغۇسى ،ماۋزېدۇڭ خاتىرە ساريى، دىشۈيدۇڭ قاتارلىق يەرلەرنى ئېكسكۈرسىيە قىلدۇق.بولۇپمۇ تاغ گەۋدىسنى بۇرغۇلاپ ياسالغان دىشۈيدۇڭ تونېلى بىزنى بەكلا قىزىقتۇردى.مەزكۇر قۇرۇلۇش 1960-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە قۇرۇلغان بولۇپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالغان ،1970-يىلى يەر تەرۋەشتىن مۇداپىئە ۋە ھاۋا مۇداپىيىسى ئۇچۇن كېڭەيتىلگەن ،كۆلىمى 3600كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.1966-يىلى ماۋجۇشى شاۋشەنگە كەلگەندەبۇ يەردە تۇرغان ئىكەن.كەچتە، ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام ھالىدا چاڭشاغا قايتىپ كەلدۇق.ياتاققا ئورونلاشۋالغاندىن كىيىن ،
گوڭ پىروفىسور ئۆزى مەسئۇل بولغان 6نەپەر ئوقۇغۇچىنى مېھمان قىلدى .ئەيبو ئاكا زىياپەتتە بىللە بولدى .بۈگۈن كەچلىك تاماق نوقۇل غىزالىنىش بولماستىن بەلكى بىر قېتىملىق دەرس بولدى .گوڭ ئەپەندى بىلىمى مول زات ئىكەن ھەم شۇنداق سەمىمىي،كىچىك پېئل بولۇپ ھەربىرىمىزنڭ ئالدىغاكىلىپ كۆڭۈل ئىپادىلىدى .غىزالىنىش جەريانىدا گوڭ ئەپەندى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىدىكى ئۆزگۈرۇشلەرنى تىلغا ئالدى ،بولۇپمۇ يازغۇچى غەيرەت ئاسىم ئاكىنىڭ يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى»ناملىق رومانىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەسىرى ھەققىدە سۆزلىدى.ئۇنىڭ دېيىشىچە جۇڭگودا ھازىرغىچە ئىنسانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى يازغان رومان ئىچىدە ئۆز مىللىتىنىڭ ماقال-تەمسىل ،ئەقىليە سۆزلەرنى دەل جايىدا ئىشلەتكەن رومان كۆپ ئەمەس ئىكەن .ئۇ روماننى ئوقۇغانچە قىزىقىپ قىلۋاتقانلىقىنى سۆزلەش بىلەن بىللە يەنە ئەدەبىي ئوبزورلۇققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتىلاردىن ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى .شۇنداقلا مۇيەننىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىمۇ بىزنى كۆپ تونۇشقا ئىگە قىلدى .
2013-يىلى 15-ئۆكتەبىر (سەيشەنبە)
كەچتە شنىجاڭ سىنىپى بىلەن خۇنەن سىنىپى يازغۇچىلىرى بىرلەشمە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق .باشلىنىش مۇراسىمىدا ماۋزېدۇڭ ئىنستتۇتىنىڭ 8-قارارىدىكى يازغۇچى ،خەتتات شىنجاڭ يازغۇچىلىرىغا ئاتاپ يازغان خېتىنى ھاۋالە بىلەن تەقدىم قىلدى.
ئارقىدىن نومۇرلار ئورۇندىلىپ ،قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش شادلىقى قىزىپ كەتتى.ئەيبۇ ئاكا خۇنەنلىك قىزچاق بىلەن ماۋزېدۇڭ شېئىرلىرىنى دىېكلىماتسىيە قىلىپ پائاليەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى .سەرخىل نومۇرلار ئارقا-ئارقىدىن ئوروندالدى .مەنمۇ ساجىدە سۇلايماننىڭ لەرزان ماسلىشىپ بىرشى بىلەن «ئىككى يۇرت »يازغۇچىلىرىغا تاجىكچە ئۇسۇل ئويناپ بەردىم .
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى(چارشەنبە)
تاۋخاۋمىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى بولۇپ ،1946-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان .خۇنەننىڭ خىڭ ياڭدىن بولۇپ ئەدەبىيات ماگىستىر ئاسىپىرانتى ھەم ھازىر خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيتىنڭ رەئىسى.خۇنەن ئۆلكىسى بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس دېگەن شەرەپكە ئىگە ،ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ ،مەمىلىكەتلىك 9-10-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان ،تارىخ تەتىققات بىلەن شۇغۇللانغان ،مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «زىڭ گوفەن »،«ياڭ دۇ»،«جاڭ جىدوڭ» قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان ھەم نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرشكەن .تاڭ ئەپەندى بۈگۈنكى كۇرۇستا زىڭ تۆرەم ھەققىدىكى تارىخىي ۋەسىقىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەردىكى زىڭ گوفەن دېگەن  تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
شۇ كۈنى ،ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتۇتنىڭ 8-قارارلىق ئوقوغۇچىسى تالاڭ بىزگە بىر قاپ چاي سوۋغىسنى مەكتەپكە ئەۋەتىپتۇ ،بىز تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى (پەيشەنبە)
بۈگۈن ئالدىنقى كۈنى دەپ ئۆتكەندە خۇنەندىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان شىياۋيۈنشۇۋەن ئەپەندى لېكسىيە سۆزلىدى.ئالدى بىلەن شۈي ئەپەندى مۇشۇ پۇرسەتتە شىنجاڭ يازغۇچىلىرنىڭ كۆپرەك كۆپرەك كۆرۈپ ،كۆپرەك ئۆگىنىشى،دەرسلەرگە دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشنى ھەم كۆپرەك سوئال سوراشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئاندىن «روماننىڭ جەلپكارلىقى»توغرىسىدا لىكسىيەنى باشلىدى.ئۇ جۇڭگودا ئەڭ ئاۋۋال شېئىر بارلىققا كەلدى ،ئاندىن ھېكايە بارلىققا كەلدى،بىزدەۋاتقان شېئىر ئىجادىيىتى ئاز دېگەندىمۇ 500يىل ئىلگىرى خۇۋاڭخى،چاڭجياڭ دەريا ۋادىلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى .بارا-بارا ئوپېرا،تىياتىرلار شەكىللىنىشكە باشلىدى،يۈەن دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن ھېكايە يازىدىغانلار چىقتى.
دەرسنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شۈي ئەپەندى ئەينى يىلى «ۋۇلۇڭ تېغىدا باندىت يوقىتىش »دېگەن ئەسىرنى يازغاندا ئەسلى تېلۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەت بۆلۈمىدە ئشلەيدىكەن ،شۇ مەزگىلدە خۇنەندە 10نەپەر يازغۇچىنى كەسپى يازغۇچىلىققاتاللاپ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە يۆتكەپ كېلىش توغرىسىدا بەلگىلنىپتكەن .شۇ چاغدا يازغۇچىلار جەمئىيىتى يۇقىرىقى تېمىنى تاللاپ ئۇنى يېزشقا ،ئەسەر پۈتكەندىن كىيىن يۆتكەپ كېلىدىغان بوپتۇ.شۇنداق قىلىپ 1985-يىلى ئەسەر ۋەقەلىكى يۇز بەرگەن جايغا بېرىپ 7ئاي تۇرۇپ ھايات قالغان باندىتلارنى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئارمىيە جەڭچىلىرنى تېپىپ زىيارەت ئېلىپ بېرپتۇ .ئۇنىڭ دىيشچە ئۇئەسەر راست ئىشلار ئاساسىدا يېزىلغان ئىكەن ،ئارىلىقتا بۇنى يېزىپ چىقىشتىن يالتىيىپمۇ قالغان ئىكەن ،تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنى يېزىپ چىقىپتۇ .
شۈي ئەپەندى ھېكايە يىزىقچىلقىدىكى بىر قانچە مۇھىم نۇقتىنى شەرھلەپ ئۆتۈش جەرياندا مۇپاسساننىڭ دۇنداق ،مارجان ھىكايىلىرنىڭ ئۇسلۇبى ،جەلپ قىلىش كۈچى توغرىسىدا ئەمەلىيى مىساللار بىلەن ھىكاينىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى (دۈشەنبە)
بۆگۈنمۇ مەشھۇر يازغۇچى شۈي يۈنشەن ئەپەندى لېكسىيە سۆزلىدى.
ئۇ ،«مېدىيە دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت»دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ ئۆتتى .بۇ زات بىز كەلگەندىن بۇيان بىر قانچە قېتىم لېكسىيە سۆزلەپ شىنجاڭ يازغۇچىلرىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى .بىر قانچە قېتىملىق ئىكسكۇرسىيەگە بىللەبىرىپ كەلگەندىن  باشقا تۈنۈگۈن يەنە ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن گۇرۇپپا ئەزالىرىنى يۆياڭ دۇڭتۇڭخۇ كۆلگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلدى .پۈتۈن بىر كۈن كۆپچىلكىنى مەنزىرە-تاماشا قىلدۇرغاندىن باشقا ،كەچتە يەنە تۇرپان ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ئاشخانسىدا كۆپچىلىكىنى شىنجاڭچە تائاملار بىلەن مېھمان قىلىپ ،خېلى چىقمدار بولدى .شۈي ئەپەندى مەشھۇر يازغۇچى بولۇپ قالماي يەنە مېھماندۇسىت ،بىلگەنلىرىنى ئايىماي كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشدىغان ياخشى پەزىلەتلىك كىشى ئىكەن .
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى (سەيشەنبە)
بۈگۈنكى ئورونلاشتۇرۇش شىنجاڭ ۋە خۇنەن سىنىپىدىكى يازغۇچىلار ئۆز-ئارا تونۇشۇش،پىكرلىشىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيەت تەجىربىلرىنى تونۇشتۇرۇش .
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى (چارشەنبە)
بۈگۈن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتوتنىڭ دوكلات بېرىش زالىنى تولىمۇ قاينام -تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى .چۈنكى شىنجاڭدىكى داڭلىق قوش يىللىق يازغۇچى غەيرەت ئاسىم ئاكىنىڭ «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى»ناملىق خەنزۇچە روماننىڭ تارقىتلىش ھەم مەزكۇرروماننىڭ مۇۋاپىقيىتى ھەققىدە خۇنەندىكى داڭلىق يازغۇچىلار ،ئوبزوچىلار قاتناشقان مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى .يىغىنغا شىنجاڭدىن ئازاد سۇلتان ،دۇڭ لىبو ،يىى مېي(مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن).مەزكۇر كتاپ خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى تەرىپىدن 2013-يىلى 9-ئايدا نەشر قىلىنغان .يىغىنغا خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىينتىنڭ رەئىسى مەشھۇر يازغۇچى تاڭ خاۋمىڭ ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى .
خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا شۇجىسى گوڭ ئەيلىن سۆز قلدى.
ئارقىدىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان ئەپەندى خۇنەن ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى گۆھەر زىمننىڭ تارىختىن بۇيان قويۇق ئالاقە باغلاپ كەلگەنلىكى ،جۈملىدىن خۇنەنگە تارىختا كەپ قالغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرنىڭ ھازىرغىچە ئىككى يۇرۇت ئوتتۇرىسىدا رىشتە شەكىللنشنىڭ ئاساسى بولغانلىقى ،غەيرەت ئاسىم ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىنڭ بۈگۈن بۇ يەردە چاقىرلىشى ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىللە غەيرەت ئاسىم ئەسەرلىرنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ۋە بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى مۇۋاپىقىيتى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەرگەندىن  باشقا خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى .خەلق ئەدەبىيات نەشىرىياتىدىن كەلگەن مەركۈز كتاپنىڭ مەسئۇلى بولغان جوۋچاڭيى ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى ئۇ، سۆزىدىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئارگىنالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا تامامەن خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ئىدىلوگىيەسىدە ياشايدىغان ،ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشى بايان قىلىنغان ئەسەرنى مۇۋەپپىقيەتلىك كۆرۈپ چىقىشقا قۇربى يىتدىغان،يەتمەيدىغانلىق ھەققىدە ئاز-تولا دىلغۇل بولغانلىقنى ۋە ئاخىرى ئوڭوشلۇق نەشر قىلىنغانلىق جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى .
  مەزكۇر كتاپنىڭ ئاپتورى غەيرەت ئاسىم ئاكا سۆز قلىدى.ئۇمۇ ئوخشاشلا مەزكۇر ئەسەرنى قانداق يېزش ،ئۇنى قانداق قىلىپ خاسلىق ھەم مىللىي پۇراققا ئىگە قىلىش ھەققىدە باشتىن-ئاخىر قايتا-قايتا ئويلىنىپ،80-يىللاردىن باشلاپ ئۆزى توپلىغان تەجرىبىلەرگە ئاساسەن شنىجاڭ دېھقانلىرىنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش بۇنىڭ ئىچىدە بىر مەزگىللىك قاشتېشى سودىسىنىڭ جانلىنىشى ھەم مۇشۇ تىجارەت داۋامىدا شەكىللەنگەن كىشلەردىكى ئادىمىيلىك،دىيانەت ۋە خيانەتكە تاقلىدىغان دېتاللارنى تۇتۇپ تۇرۇپ ۋاقىتنىڭ ھەممىنى ئۆزگەرتىشىدىن ئىبارەت رېئالنى مەسىلىگە كىشىلەرنىڭ ئويلىنشغا سۇنغان.
  ئارقىدىن ئازاد سۇلتان ئاكا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن دوپپىنى غەيرەت ئاكىغا كەيگۈزدى.
  «مىللەتلەرئەدەبىياتى»نىڭ مۇھەررىرى يېمي خانىم سۆز قىلدى.2009-يىلى 6-ئايدا بىيجىڭدا يېمي خانىم بىلەن كۆرۈشكىنمگە مانا ھازىر 5يىل بولۇپ قاپتۇ،ۋاقىت شۇنچەتېز ئۆتكەن بولسىمۇ يېمي خانىم ئاۋالقىدەك كۆتۈرەڭگە تۇرۇپتۇ،ھەربىر ئېغىز سۆزى يەنىلا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن.يېمىي خانىم ئسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئازسانلق مىللەتلەر ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇنىڭ مەسئۇلى بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى  ،جۈملىدىن غەيرەت ئاسىمنىڭ خەنزۇ تىلىدا بىيۋاستە يازغان مەزكۇر روماننىڭ روياپقا چىقىشى،جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىدا تىلغا ئىلشقا تېگىشلك ئەسەر ئىكەنلىكنى ،شنىجاڭدا يەنە ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئالتاي ،ئىلى ۋادىلىرىدا ياشاۋاتقان قازاقلارنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئەھۋالىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا غەيرەت ئاسىمىنىڭ مەركۈز كىتابنىڭ تاساددىپىلىق ئىچىدىكى بىر خىل زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.                                      ئارقىدىن خۇپىڭ ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ روماننى خەنزۇچە نەشر قىلىنغان رومانلار ئىچىدە تىل ئشلتىشى ئۆزگىچە بولغان يېڭى بىر تەمدىكى ئەسەر دېشكە بولىدىكەن.بولوپمۇ ئۆز رايوندىكى لەقەم بىلەن ئاتاش تۇرمۇش ئادىتى ئەسەردە ئۆزگىچە بايان قىلىنغان.دەسلەپتە مەن «نىياز گومىنداڭ»دېگەننى نېمە مەنىدىدۇ دەپ گاڭگىراپ قالغاندىم.ئوقۇغانچە ئىچكگە كىرىپ كەتتىم.دېمەك ئومۇمەن ئەسەرنىڭ تېمسىمۇ ئۆزگىچە قويۇلغان.  ئوۋياڭ ئەپەندى سۆز قىلىپ ،مۇنداق دېدى :مەزكۇر رومان ئىنتايىن ئۆزگىچە تەمدە يېزىلغان،بۈگۈنكى ئىستېمال دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچە روھى دۇنياسىنى ئۆزگىچە تىل ئۇسلۇب بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.            
ئارقىدىن لىيۇ كىبەي ئەپەندى سۆز قىلدى.ئارقىدىن تەشۋىقات بۈلۈمىدىن كەلگەن لىيۇشىفىڭ ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى.ئارقىدىن شىنجاڭدىن كەلگەن ئوبزورچى خىيىڭ «ۋاقىتنىڭ پنھان يۈزى»ھەققىدە ئەدەبىي كۆزتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىكر بايان قىلدى.ئارقىدىن لوڭشىياڭ خەي ئەپەندى خىلى ئۇزۇن توختالدى.يەنە ئارقىدىن بىڭ ئەپەندى ئاخىرىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ لىبو ئەپەندى مەركۈز رومانغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىننىڭ خۇنەندە ئۆتكۆزۈلگەنلىكىدىن ئىنتاين خۇشال ئىكەنلىكىنى ،ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ،شىنجاڭ يازغۇچىلىرنىڭ خۇنەن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتوتىدا تەربىيەلەش سەھپىسنىڭ باشلىنشغا ئەگىشىپ،ئورتاق بىر غايە ئاستىغا يىغىلغان ئەدەبىيات قوشۇنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ،ئۆگىنىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ خىل،رەڭدارلىققا ئىگە ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقنى،بۆگۆنكى يىغىندىن ئىنتايىن تەسىرلىندىغانلقىنى،بۇنىڭ چېگرا رايون ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسلىشىدە ئوينايدىغان رولىنىڭ تولىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.                                         شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن داڭلىق ئوبزورچى ھەم يازغۇچى خۇپىڭ ئەپەندى چۈشتىن كىيىن دەرس ئورونلاشتۇرۇشى بويىچە  بىزگە ئەدەبىياتتىكى «بايان قىلىش »ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ بەردى .
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى (پەيشەنبە)
لېكسىيە سۆزلىگۈچى :يې مىي
دەرس ۋاقتى توشقان بولسىمۇ بېيجىڭدىن كەلگەن يې مىي خانىم ماۋزېدۇڭ ئىنستتوتدىن يىراقىراق يەرگە چۈشكەن بولغاچقا دەرسكە ۋاقتىدە ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىدى.شۇڭا،شۇي يۈنشەن ئەپەندى 40مىنۇتقا يېقىن كۈرسانىتلار بىلەن پاراڭلاشقاچ ئۇلار سورىغان تۈرلۈك تېمىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش بىلەن ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە كۆپ كۈچ چىقاردى.ئاخىرى يېمىي خانىم يېتىپ كەلدى.كۈرسانىتلار ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاكلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى .
يې مىي خانىم ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغانلىقىدىن ئەپۇ سورىدى .ئارقىدىن دەرسنى باشلىدى.گەپ-سۆزى شۇ قەدەر ھېكمەتلىك ئىدى.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن بېيجىڭدا كۆرگەندىكىدەك ھەربىر سۆزىدىن تولىمۇ پاسائەت بىلەن چىقىدىكەن.دەرسىتە تۈنۈگۈنكى غەيرەت ئاسىم ئاكىنىڭ رومانىنى ھەققىدىكى پىكرلەردىن تارتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،زاڭزۇ،موڭغۇل ئەدەبىياتلىرىدىن مىسال ئالغاچ ئارىمىزىدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەردىن موڭغۇل،قىرغىز،تاجىك قاتارلقىلارنىڭ بۈگۈنكى دەرستە قانچە ئادەمنىڭ بارلقىنى قولمىزنى كۆرسىتىپ ئگەللىگەن بولدى.ھەم تاجىكلارنىڭ دۆلتىمىزدە نوپۇسى  تولىمۇ ئاز مىللەت ئىكەنلىكىنى خۇنەن يازغۇچىلىرىغا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە ،ئۆتكەن يىلى بىېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب يەرمەنكىسىدە ئازاد سۇلتان ئەپەندى بىلەن يەرمەنكىدە خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە رىياسەتچىلىك قىلغانلقىنى ،شۇ يىغىنغا ئىسمايل ئەھمەد،تۆمۈر داۋامەت قاتارلىق مۇھىم دۆلەت رەھبەرلىرنىڭ قاتناشقانلىقىنى ،مەشھۇر يازغۇچ ۋاڭ مىڭنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ ،يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىلدۇرغانلىقىنى،ماۋدۇن ئەدەبىيات باھالىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن زاڭزۇ يازغۇچى سىرىن لوبۇنىڭ ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا بىزگە قەلبلەرنى لەرزىگە سالغۇدەك ئەسلىمەلەرنى سۆزلەپ بەردى .
  ئۇ يەنە جۇڭگو خەلقئارا تەرجىمە شىركىتىگە ھەريلى ئەسەر تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى،بۇيىل زاڭزۇ ياش شائىرلىرنىڭ شئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئىنگلىزچە نەشر قىلىشقا ھاۋالە قىلغانلقىنى كېلەر يىلى شىنجاڭ يازغۇچلىرنىڭ ئەسەرلىرنى تەرجىمگە تاپشۇرىدىغانلقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى .
  ئابباس مونياز تۈركيقان ئەپەندى ئارقىدىن يېمىي خانىمدىن سىز بىر تۇجا يازغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئىنسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرنىڭ ئانا تىلىدا ئەسەر يىزشقا قانداق قارايسىز دەپ سورىدى.يېمي خانىم:مەن بىر تۇجا يازغۇچسى بىراق تۇجا يېزىقى تىلى يوق بولغاچقا مەن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن،ئەمما،جۇڭگو ئەدەبىياتى كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات،ئانا تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى قوللايمەن ھەم ئۇنى تەرجىمە قىلساق ئوخشاشلا كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتنىڭ ئومۇمىي بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قازاق يىگىت ئەيدوس ئامانتاي قازاق موھىتىدىن ئايرىلغان ھالدا بېيجڭدا ئۆسۆپ چوڭ بولغان ،خەنزۇچە شئىرلىرى ناھايىتى ياخشى،ئۆتكەن يىلى قازاققىستاندا ئوقۇپ قازاق تىلىنى ئپادىلەپ ئانا تىلىدا تۇنجى رومانىنى ئېلان قىلدى .مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى تاللاپ تەرجىمە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىلسە كۆپ مىللەت ئوقۇرمەنلىرى ئوخشاشلا بەھر ئالالايدۇ.
ئەيبۇ ئەپەندى يەنە شىنجاڭنىڭ نەسىرچىلىك تەرەققىايتنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى داڭلىق نەسرچىلەرنىڭ ئازلىقىنى ،قانداق قىلغاندا ياخشى نەسر يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ،قىسقىسى نەسر قانداق بولىدىغانلىق توغرىسىدا سوئال سورىدى.
يې خانىم :نەسر ھەقىقەتەن يازماق قىيىن بولغان ژانىر،شۇڭا،ئۇنىڭدا ئوبىكىتنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەڭ گۈزەل شېرىن تىل بىلەن ئىپادىلەپ چىققاندا ئاندىن ياخشى يازغىلى بولىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يازغۇچىدا كۆزۈتىش ۋە كۆپ تەرەپلىمە بىلىم بولۇشى ئالدىنقى شەرت،نەسرلەر يەنە قۇرغاق گەپ دوۋىسى بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ.
شۇ كۈنى كەچتە ئازاد سۇلتان،غەيرەت ئاسىم ئاكىلار بىز بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى.ئازاد سۇلتان ئاكا تاماق ئارىلىقىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان يازغۇچىلار جەمئىيىتى نۇرغۇن كىتابلارنى چىقىرىش بىلەن بېيجىڭ ،شاڭخەي ۋە ئاپتونوم رايۇنمىز ئىچىدە كۆپ قېتىم تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ۋە تەربىيەلەش كۇرسلىرنى ئىلىپ بارغانلىقنى،مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى يارتشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ،شۇڭا، ھەبىر يازغۇچنىڭ پۇرسەتنى قەدىرلەپ يۈكسەك مەسئۇلييەتچانلىق بىلەن ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ،ئېسسل ئەسەرلەرنى روياپقا چقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى (جۈمە)
  ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتۇتىدكى دەرس پىلانى تۈنۈگۈن ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشقانىلىقى ئۈچۈن بۆگۈندىن باشلاپ 28-ئۆكتەبىرگىچە خۇنەندىكى مەنزىرىلىك جايلاردا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. شۇڭا،بۈگۈن ئەتگەن سائەت 7:30 (بېيجىڭ ۋاقتى)چاڭشادىن چاڭدې شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئالاھەزەل ئىككى سائەتكە يىقېىن ماڭغاندىن كېيىن چاڭدې شەھىرى تاۋيۈەن ناھيسىنىڭ فىڭشۇ ئۇيغۇر-خۇيزۇ مىللىي يېزسىغا يېتىپ كەلدۇق.يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۆمىكىمىزدىكى بارلىق يازغۇچىلار ئازاد سۇلتان ۋە غەيرەت ئاسىم ئاكىلارنىڭ باشچىلىقىدا مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى جيەن بوزەننىڭ ئەينى يىللاردىكى تۇرالغۇىسنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق.ھاياجانىلىنىش،سۆيۈنۈش ئىلكىدە بۇزاتقا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۇرۇشلەرنى ئوقودۇق ھەم ئۇنىڭ نەشر قىلغان،كىتاب،قول يازمىلىرىنى ئەينەك ئشكاپلاردىن كۆردۇق.شىنجاڭ يازغۇچىلىرى ئىچىدىن سەمەت ئەسرا ئاكا ئالاھىدە تەييارلاپ كەلگەن لەۋھەنى ئازاد سۇلتان ئاكا،يازغۇچىلارغا ۋاكالىتەن بۇ تۇرالغۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا تەقدىم قىلىپ،كۆڭلىمىزنى بىلدۇرگەن بولدۇق.ئارقىدىن سانغۇن قارباشنىڭ مەقبەرەسىنى تاۋاپ قىلىپ ،فىڭشو يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتتە يېزا باشلىقنىڭ  فڭشۇ ئۇيغۇر-خەنزۇ يېزىسىنىڭ ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ فڭشۇدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاز بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.چۈشلىك تاماقتىن كېيىن ،ئازاد سۇلتان ،غەيرەت ئاسىم ئاكىلار بىلەن خوشلىشىپ،جاڭجىياجې شەھرىنىڭ ۋۇلىڭيۈەن ساياھەت رايونىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىر نەچچە كۈنگە سوزۇلغان مۇشۇ قېتىملىق ساياھەت سەپىرىدە ۋۇلۇڭيۈەندىكى ئاجايىپ-غارايىپ تاغ مەنزىرسىنى،جاڭجياجې تاش ئورمان باغچىسنى قانغۇچە تاماشا قىلىپ ،فىڭخۇاڭدىكى قەدىمى سالاسۇن ياغاچ ئۆيلەرنى،مىياۋزۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچە ئۆرۈپ-ئادەت،مەدەنىيىتىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.شۇنداق قىلىپ تەبىئەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ مسلىسىز سھىرى كۈچىدىن تازا ھۇزۇرلىنىپ 28-ئۆكتەبىر كەچتە چاڭشاغا قايىتپ كەلدۇق.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى (سەيشەنبە)
بۈگۈن بىز چاڭشادىن خوشلشىدىغان ئاخىرقى كۈن ئىدى.شۇڭا ئەتگەن سائەت 9:30 خۇنەن يازغۇچىلار جەمئيتىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ «سىنىپى»دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدى.دۆلەت شېئىرى ئورۇندىلىپ يىغىن قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە باشلاندى.خۇنەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن ۋاڭ يۆۋىن ئەپەندى بۇ قېتىمقى كۈرس ئەھۋالىدىن خۇلاسە سۆزى قىلىپ ئۆتتى.ئارقىدىن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى .ھەربىرىمىز سالماق قەدەم بىلەن سەھنىگە چىقىپ دپلوملىرىمىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق.ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن دولقۇن تۇرغۇن ئاكا،قازاق ياش شائىرى ئېرسىباي قاتارلىقلار سەھنىگە چىقىپ ئۆزتەسراتلىرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.ئاخىردا ئەيبو ياقوپ ئاكا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئيىتىگە ۋاكالىتەن مىننەتدارلىق سۆزى قىلىپ،خۇنەن ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلىرنىڭ قەلبنى لەرزىگە سالدى.مۇراسىم ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن خۇنەن يازغۇچىلار جەمئيىتى بىز ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق خۇنەننىڭ داڭلىق «تاختا چايلىرى»نى قوبۇل قىلىپ ،ئەتىكى قايتىش سەپىرنىڭ تەرەددۇنى قىلىشقا كىرشىپ كەتتۇق.
   قايتىش سەپىرى ۋە ئايروپىلاندىكى خياللار .4
بۈگۈن يەنى 30-ئۆكتەبىر ئايروپورتقا ۋاقتىدا بېرىش ئۈچۈن ھەممەيلەن بالدۇرراق ئورنىمىزدىن تۇردۇق.سىرتتا سىملداپ يامغۇر ياغماقتا ئىدى .خۇنەن سىنپدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ بىزنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن دەرۋازا ئالدىغا يىغىلىپ بولغان ئىكەن،بىز 7-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 20نەچچە كۈن بىللە ياشاپ ،ئۆز-ئارا قىيشالماي يۇرتمىزغا قايتقىلۋاتىمىز.خۇنەنلىك يازغۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىمىزنى ئالمان-تالمان ماشىنىغا بىسشى بىلەن خوشلىشىش مىنۇتلىرىمىزمۇ يېتىپ كەلدى.ھەممەيلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ ماشىنىغا چىقتىۇق ،دېرىزە ئەينىكىدىن قوللىرىمىزنى چىقىرىپ قارىمىز يىتكۈچە توختىماي پۇلاڭلاتتۇق.تەسىرلىك ئايىرىلىش مىنۇتلىرى ھەممىزنىڭ قەلب تارنى چەكتى.پېشقەدەم يازغۇچى شۈييونشەن ئەپەندى قانچە توسساقمۇ توسقىنمىزغا ئونىماي ئايدورۇمغا كېلىپ بىزنى ئۇزىتىپ قويىدى.ئۇ خوشلىشىش ئارىلىقىدا ۋاقىت يار بەرسە چوقۇم پامىرغا يەنى مەن تۇرغان تاشقۇرغانغا كېلىدىغانلىقغا ۋەدىلەر بېرىپ خوشلاشتى،شۇنداق قىلىپ پەلەك ئۇچقۇسى ئايروپىلانغا چىقپ جايلشۋالدۇق.ئايروپىلان يامغۇر ۋە بۇلۇتلار يېرىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى.بۆگۈنمۇ مەن ئولتۇرىدىغان ئورۇن قانات تەرەپتىكى دەرىزنىڭ ينېغا توغرا كەلگەن ئىدى.چۈنكى بۇ دېرىزە ۋە سىرتتىكى تۈرۈم تۈرۈم بۇلۇتلار ماڭا نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. 2007-يىلى 5-ئايدا مەن تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتورۇپ شاڭخەيگە كەلگەن ئىدىم، ئاشۇ قېتىمقى سەپېرىممۇ «ئەدەبىيات سەۋەبى» دىن ئىدى. ئەدەبىيات ئاشنالېرى ئىچىدە ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. 2009-يىلى 6-ئايدىمۇ ئەنە شۇ دېرىزىدىن بىپايان ھاۋا يولىغا نەزەر تاشلاپ، پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرىلغان مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلېرىنىڭ «ۋەتەنگە مەدھىيە» تىمىسىدېكى ئىجادىيەت مۇھاكىمە كۇرۇسىغا قاتناشقان ئىدىم. 55 ئىنسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ ماڭا نېسىپ بولغانلىقىدىن ھازىرمۇ پەخىرلېنىمەن. خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئاددىيسى قەشقەردىن يىراققا ئۆتەلمەي كەلگېنىم راست ، كادىرلارنىڭ ئىچكىرىلەردە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىمۇ ماڭا يەتمەيتتى، مانا ئەمدى ئويلىسام مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنمەن، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشككلگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە  3 قېتىم قاتنىشپتىمەن. بېيجىڭ،شاڭخەي،خاڭجۇ،سۇجۇ ،چاڭشالاردا ھەرمىللەت يازغۇچىلىرى بىلەن پىكىر مالاقەتتە بولوپتىمەن.ئۇلاردىن روھ ۋە ئىدىيە ئۆگۈنىپتىمەن ،شۇڭا، ئايروپىلان درىزسىدىن سىرتتىكى ئالەمگە قاراپ ،ئۈنلۈك ئاۋازدا «ئەدەبىيات رەھمەت ساڭا» دەپ توۋىلغۇم كەلدى.گەرچە مەن قۇۋۋىتى ئاجىز تاجىك شائىر بولساممۇ ،ئەدەبىياتنى سۆيگەنلىكىمىدىن شنىجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى چاغداش يازغۇچى شائىرلانىڭ مەدىتى ۋە قوللىشىدىن  ئەدەبىياتنىڭ «مىغىزى»نى چىقىشقا قادىر بولالىدىم.مۇشۇلارنى ئويلىسام ئۆزۆمنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئادىيمىلكنى ئەدەبىياتتىن يارالغاندەك ھېس قىلىمەن.شۇڭا،تەكرار ۋە تەكرار «ئەدەبىيات رەھمەت ساڭا »دىگۈم كېلىدۇ.چاڭشادا ئۆتكەن 20نەچچە كۈندە ئىجادىيەتتكى كەمتۈكلىكىمنى تولۇق ھېس قىلدىم.نېمىنى يىزشى،قانىداق ئىپادىلەش، شېئىرى تلىنىڭ پاساھىتنى قانداق ئاشۇرۇش ھەققىدە قەلبىمدە قايتا ئويغېنىش ھاسىل بولدى.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىگە ۋە ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستتۇتىغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئىيىتىمەن .چاڭشادىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغۇچە قەلبىمىدە دولقۇنلىغان ھاياجاننى مۇنۇ مىسرالار ئارقىلىق ۋەتەن ئاسمىنغا چېچىۋەتكۈم كەلدى .
     چاڭشا
(ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان كۈنلەر خاتىرىسىگە)
پامىردىن تا ئېتىگىڭگىچە،
سىزىپ چىقتىم بىر گۈزەل ئارمان.
ماۋزېدۇڭ دەپ ئوغلۇم بار دەيدۇ،
مەيدە كېرىپ سەندىكى شاۋشەن.
شېئىر بولۇپ يۈرەك چالماقتا،
بىر شائىرنىڭ روھى ھەر قاچان.

جەم بولۇشتۇق ئەدىبلەر بۇندا.
دوستلار قەلبى تاڭلارنى سۈزدى.
ئۇيغۇر-قازاق،موڭغۇل ۋە قىرغىز،
بىزدىن شۇلار چىچەكلەر ئېچىپ،
ئىھ بەختنىڭ تىنىقى بىلەن،
گۈللىرىڭگە سالام يەتكۈزدى.

ھاياجاندا باغرىڭنى كىزىپ،
مەن بۇرۇلۇپ يۇرتۇمغا باقتىم.
دۇنيا دېگەن مۇشۇنداق بولسا،
ئازادە كەڭ،جىمجىت ۋە پاكىز.
يۇلتۇزلارنىڭ پايىدا چېپىپ،
ھېلالىڭغا تاغاق ئۇزاتتىم.

تال تال چېچىم سەندىكى ئاقلار،
مىسرالىرى ئۆمرۈمنىڭ جەزمەن،
شائىر بولماق بولسۇنمۇ ئاسان،
شامال بىلەن ۋاقىتنى غاجاپ.
كۈندۈزلەردىن ئاچ قېلىپ گاھى،
كېچىلەرنى ئەمگىنى ئەمگەن.

ئاچ روھىمغا ھېس بەردىڭ كۈلۈپ،
سوۋۇمىسا ئالقانلار زىنھار.
دوستلار قولى سىقىلىپ تۇرسا،
ئەسلىمىلەر يالقۇنلاپ مەڭگۈ،
ساقلاپ قالسا ئەبەدىي دەيمەن،
ئۆز چوغىنى يۈرەكتە باھار.

ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى

بىر نانغىمۇ يارىماس گاھى،
جاندىن كۆكلەپ چىققان بىر ئەسەر.
بىر ئەسەردەك تويغۇزالماس گاھ،
نانلار كۆكتىن ياغسىمۇ ئەگەر.

ئەدەبىيات دېگەن ئەنە شۇ،
چۈشسە ئىشقى ۋاز كەچمەك قىيىن.
خانلار ئۆتتى داھىيلار ئۆتتى.
ئەسەر، ئەدىب ئۆلمىدى لېكىن.

ماۋزىدۇڭنىڭ قەلىمى سەندە،
ئۇ ئەبەتلىك يورغىلاش بىلەن.
باغلاپ ئۆتەر روھ بىلەن روھنى،
پەقەت قەلەم، قەلەمداش دېگەن.

دەيمەن سېنى بەختىمنىڭ بەختى.

دەيمەن سېنى بەختىمنىڭ بەختى،
قەلەمداشلار جەم بولغان كۈنلەر.
ھەر يۈرەكتىن بىر ئوتنى قالاپ،
لاۋۇلداتتۇق ھاياجان بىلەن.
شاۋشەن، ۋۇلىڭ، فېڭخۇاڭغا قەدەر،

ئەدەبىيات،مىڭلارچە رەھمەت.
مەن سەن بىلەن كۆپ كەزدىم جاھان،
تاپتىم دىلداش دوستلارنى سەندە.
بىلدىم شۇنى،تىكلەنمەس ئىكەن.
ئىتىبارىم سېنىڭسىز ھامان.

ھايات دېگەن چىرايلىق سۆيۈش،
ئەمما، ئۇنىڭ يۈدۈگىنى تاغدۇر.
ۋىجدان بىلەن قەلەمنى تۇتۇش،
چۈمۈلىدەك ئىنسانغا ئەسلى.
ئېپكىلەركەن بىھېساب بىماغدۇر.

دەيمەن سېنى بەختىمنىڭ بەختى،
قەلەمداشلار جەم بولغان كۈنلەر.
تىلەيمەن قۇت سىلەرگە ھوسۇل،
ئالتاي،پامىر،تەڭرىتاغ ئارا،
ئۈزۈلمىگەي شاھانە كۈيلەر.

2013-يىل ئۆكتەبىر.چاڭشا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-11 18:19:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى تەپسىلىي ،ئىنچىكە يېزىلىپتۇ. ئاپتۇرغا  ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2015-3-13 11:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز  ئۇتۇق يار بولسۇن

ۋاقتى: 2015-7-1 14:14:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5.مەزكۇر مۇكاپاتقا ئەسەر قاتناشتۇرغۇچى ئاپتور ئۆزى تور يازغۇچىسى ھەم تورىمىزدا بولغان بولىشى، ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىلا يوللىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ۋاكالەتەن يوللىغان ئەسەرلىرى بىردەك باھالاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

   قائىدىگە ئەمەل قىلىنماپتۇ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش