2-قېتىملىق«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن «شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر، پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» بىرلىشىپ تور ئەدەبىياتىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش،ئەدىبلىرىمىز،ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ۋە تورداشلارنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان مەنىۋىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش مەقسىدىدە 2014-يىلى«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تەسىس قىلغان ئىدى.تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپات ئۆز قەرەلىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ ھەم تارقىتىلىپ خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2-قېتىملىق «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:
1.مەزكۇر مۇكاپاتلاش پائالىيىتى يىلنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، يېرىم يىلنى بىرلىك قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات7-ئاينىڭ باشلىرىدا تارقىتىلىدۇ. بۇ يىلمۇ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تاكى 2015-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»نىڭ «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» مەخسۇس سەھىپىسى ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا تەسىس قىلىنىدىغان «تور ئەدەبىياتىدىن تەرمىلەر» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر تاللاش ئوبېيىكتى بولىدۇ.
2.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر شېئىر، پىروزا، ئەدەبىي ئوبزۇر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخپارات، ئەدەبىي تەرجىمە قاتارلىق ئالتە خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تەرجىمە ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بىرگە ئەۋەتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
3.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرگە مەزمۇن ۋە بەدئىيلىك جەھەتتىن يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلىدۇ. مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان بارلىق ئەسەرلەر بىر تۇتاش تورىمىزدا تەسىس قىلىنغان «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مەخسۇس سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ.
4. مۇكاپاتقا ھەر بىر ئاپتورنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم ئەسەر قاتناشتۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. تەكرار ئەسەر يوللىغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئەسەر قاتناشتۇرۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئەسەر يوللىغۇچى ئەسىرىنى مەخسۇس سەھىپىگە يوللاشتىن سىرت، ئەسىرىنىڭ بېشىغا ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسىنى يېزىشى ، ئاخىرىغا «ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇشى لازىم.
5. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئەسەر قاتناشتۇرغۇچى ئاپتور ئۆزى تور يازغۇچىسى ھەم تورىمىزدا بولغان بولىشى، ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى ئۆزىلا يوللىشى كېرەك. باشقىلارنىڭ ۋاكالەتەن يوللىغان ئەسەرلىرى بىردەك باھالاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
6.ئەسەر تەستىقلاش ئۆتكىلى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇلۇش بىلەن بىرگە، باشقا سەھىپىلەرگە يوللانغان ئەسەرلەر باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. تورىمىزنىڭ مۇھەررىرلىرى مەزكۇر مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە ئەسەر قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ئەمما باھالاش جەريانىدىكى «نامزات ئەسەر كۆرسىتىش» باسقۇچىدا ئۆز ئەسەرلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.
7.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى باھالىغاندا يۇقىرىدا ئەسكەرتىلگەن ئالتە ژانىرغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.بۇ قېتىملىق باھالاشتا، تورىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بىر نەپەر مۇھەررىرگە «مۇنەۋۋەر تور مۇھەررىرى» مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
8.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىن باشقا ھەر قانداق تور بەتلەر ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنمىغان، يېڭىدىن ئىجات قىلىنغان، پەقەت يازغۇچىلار تورى ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى «تور ئەدەبىياتىدىن تەرمىلەر»سەھىپىسىگىلا خاس ئەسەرلەردىن بولۇشى لازىم.مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدىن كېيىن ئەسەرنى قايتا ئېلان قىلىش، ئىشلىتىش ھوقۇقى ئاپتۇردا بولىدۇ.
9.مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەخسۇس تەشكىللىگەن باھالاش ھەيئىتى ۋە تورداشلار تەرىپىدىن دەسلەپكى نامزات ئەسەر كۆرسىتىش، توردا بېلەت تاشلاش، ۋە ئاخىرقى باھالاش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە باھالاپ چىقىلىدۇ.
10.ئەسەرلەر نامزات كۆرسىتىش ۋە دەسلەپكى باھالاشتىن ئۆتۈپ، كېيىنكى قېتىملىق باھالاش تەرتىپىگە كىرگەندىن كېيىن، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ نازارىتى ۋە بېلەت تاشلىشىغا سۇنىلىدۇ. ھەر قانداق بىر ئەسەرنىڭ بىزنىڭ بەلگۈلىمىمىزگە خىلاپ ھالدا باشقا مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغانلىقى، ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ تېلىفۇن، كوت-كوت، ئۈدىدار ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆز ئەسىرىگە بېلەت تاشلاشقا تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدىكى ھەركەتلەر سېزىلسە، تەكشۈرۈلۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
11.مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتۇرلارغا مۇكاپات سوممىسىدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى نامىدىن «گۇۋاھنامە» تارقىتىپ بېرىلىدۇ. 2-قېتىملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر، پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2014- يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى