كۆرۈش: 8309|ئىنكاس: 21

ئابدۇنىياز، تۇرسۇنجان: شېئىرىي ژانىرلارغا بولغان خاتا چۈشەنچىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىجادىيەتتىكى شېئىرىي ژانىرلارغا بولغان خاتا چۈشەنچىلەر توغرىسىدا
ئابدۇنىياز ئىمىن، تۇرسۇنجان مەخمۇت

ھەممىگە مەلۇمكى، شېئىر ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىرىدىن بىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا شېئىرىيەت قەدىمىدىن تارتىپ ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قىسىمى  سۈپتىدە يىتەكچى ئورۇندا  تۇرۇپ كەلگەن.
كىلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بۇ ساھەدە ئىجادىيەتلەر ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ نەزەرىيە جەھەتتە ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆزىگە خاس يېڭى پىكىرلەر ئوتتورغا قويۇلۇپ، ئىجادىيەت جەريانىدا يىتەكچى رولنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن، كىلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرىمىزگە قارايدىغان بولساق، فارابى، يۈسۇف خاس ھاجىپ، سەككاكى...قاتارلىقلار ئايرىم ئەسەرلىرىدە ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە ئائىت مەلۇم سەھىپە ئاجىراتقان بولسا، ئەلشىر نەۋايى«مىزانۇل ئەۋزان»نى، بابۇر بولسا«مۇختەسەر»دەك مەخسۇس ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە ئائىت ئەسەرنى يېزىپ، ئەدەبىياتىمىزدا نەزەرىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارىغان. يېقىنقى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت نەزەرىيسىگە ئائىت مەخسۇس بارلىققا ئەسەرلەردىن ھاجى ئەھمەد كۆلتىگىننىڭ 1982-يىل مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرىيتى توغرىسىدا» دېگەن كىتاب بىلەن ئىمىن تۇرسۇننىڭ 1990-يىل مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «تارىمدىن تامچە» ناملىق كىتابىنىڭ بىر بۆلىكدىلا شېئىرىيەت نەزەرىيسىگە ئائىت بايانلار بار بولۇپ، بۇ كىتابلارنى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيتىدە نەزەرىيە جەھەتتىكى باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئەسەرلەر دەپ مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇ.(  لېكىن بۇ ئىككى ئەسەر نەزەرىيۋى جەھەتتە مەلۇم كەمچىلىكلەردىن ساقلىنالمىغان)
گەرچە بۇلاردىن 20-30يىل مابەينىدە شېئىرىيەت ئىلىمىگە ئائىت مەخسۇس نەزەرىيۋى ئەسەرلەر ئاساسەن دېگۈدەك يېزىلمىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ كۆتۈرلىشى، ئىشىكنى سىرىتقا قارىتا ئىچىۋىتىش سىياسىتى بىلەن غەرىپتىن كىرگەن بىر قىسىم يېڭى ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى ئەدەبىياتىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا، بولۇپمۇ شېئىرىيەت ئىجادىيتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنە تۇپرىقىدىن يىلتىزلانغان نەزەرىيلەرگە سەل قارايدىغان ھەتتا كېرەك قىلماسلىقتەك خائىش باش كۆتۈرگەن. شۇ سەۋەپ ئەسەرلەردە نەزەرىيەدىن يىراقلىشىپ ئۇنى كېرەك قىلمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. بىراق ھەممىمىزگە ئايانكى، ئايرىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىيەگە سەل قارىشى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىمىزگە ماس كەلگۈدەك ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىپ بولالماسلىقى ھەرگىز ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەتتە نەزەرىيەنى كېرەك قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ھەم نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلمىغان ئەمىليەتنىڭمۇ ئۇزاققىچە تەرەققىي  قىلىپ پۇت دەسسەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
شېئىرىيەتتە نەزەرىيەگە سەل قاراش كۆپ جەھەتتە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى شېئىرىيەتتىكى ژانىر چۈشەنچىسىنىڭ كەم بولىشىدۇر.
بۇنىڭدا مەلۇم  تىل  شېئىرىي ژانىرنىڭ نامىنى سۇيئىستمال قىلىپ، ژانىرنىڭ ئەسلىي خۇسۇسىيتىگە خاس بولمىغان ئىجادىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
1.        غەزەل ژانىرى ھەققىدىكى تۇنۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى
مەسلەن: بىز تارىم ژورنىلنىڭ 2013-يىللىق 8-سانىدىكى ئىككى ئاپتورنىڭ «غەزەل»نامى بىلەن بېرىلگەن تۆۋەندىكى ئىككى پارچە شېئىر ياخشى مىسال  بولالايدۇ.

بىركىشى ئەيلەپ پۇشايمان ئۇردى يەرگە باشىنى
«مەن  تۈگەشتىم»دەپ تارام تۆكمەكتە يىغلاپ ياشىنى.

ئويلىماس ئېردى ئۇچۇپ-چۈشمەكنى دوستۇم زادىلا،
پەرق قىلالماستىن ھارامنى توپلىدى پۇل-مالىنى.

قاقشىتىپ ھەل قىلمىسا ئىش ،نە ئامال بەرمەي پارا،
نەپسى ھاڭ ئۇ كەلسە «ئامەت»كەڭ ئېچىپ دەرۋازىنى.

كەلتۈرۈپ باشلىقنى قولغا،قىپ خوشامەت باش ئېگىپ،
پۇل تاپتى ھەل بولدى ئىش،كىيدى بېشىغا تاجىنى.

چاندۇرۇپ قىلغان خىيانەت بايقىلىپ ئەل كۆزىدە،
پاش قىلىندى بولدى رەسۋا توردا كۆردۇق ھالىنى.

ئەيىش- ئىشرەت ئىلكىدە ئۆتتى ئۇنىڭ كۈنۇ تۈنى،
ئەس-ھوشى پۇل،مالدا بولغاچ،تاشلىدى ئۇ كارىنى.

تۆكمەيىن تەر توپلىدى شۇنچە ھېسابسىز مال-مۈلۈك،
ئاقىۋەت بولدى گۇناھكار تاپتى تۈرمە جايىنى.

گەرچە يۇقارقى ۋەزىن جەھەتتە شەرتكە ئۇيغۇن بولسىمۇ،بىراق،«مەقتەئ»سىدە شائىر ئۆز ئىسمىنى ياكى تەخەللۇسىنى يازمىغان.

سېنىڭ ئۈچۈن بىر شېئىر يېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا،
سۈرىتىڭنى قەلبىمگە سىزىپ چىقتىم ئايدىڭدا.

«ئاپپىقىم»دەپ ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىپ ئۇخلىماي،
مەھەللەڭنى مىڭ قېتىم كېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا.

............
جېنىم ساڭا قىيالماي، پىراقلارغا چىدالماي،
تام تۈۋىدىن بىر لەخمە قېزىپ چىقتىم ئايدىڭدا.

ئىرادەمگە قول قۇيۇپ، ئاچتىڭ ئاخىر ئىشىكنى،
قۇلىقڭغا بىر تال گۈل قىسىپ قويدۇم ئايدىڭدا.

بۇ شېئىر ھەم ۋەزىنگە چۈشمەيدۇ ھەم «مەقتەئ»سىدە ئۆز ئىسمى ياكى تەخەللۇسىنى يازمىغان.
ئەمدى بىز غەزەل  ھەققىدىكى ئېنىقلىمىلارغا قاراپ باقايلى:
«غەزەل- بېيتلەردىن تەركىپ تاپىدىغان، ئارا قاپىيە شەكلىدە ئىزچىل قاپىيىلىنىدىغان، ئارۇز ۋەزنىنىڭ خالىغان بەھرلىرىدە يېزىشقا بولىدىغان لىرىك شېئىرنى كۆرسىتىدۇ. غەزەلنىڭ ئىككى مىسراسى ئۆزا ئارا قاپىيىداش يېزىلغان بىرىنچى بېيىتى «مەتلەئ» دىيىلىدۇ، بۇ سۆز ئەرەپچە «تۇلۇئ»(مەنىۋىي تۇغۇش، پەيدا بولۇش) سۆزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ياكى باشلىنىشى دېگەن مەنىدە. «مەتلەئ»دىن كېيىنكى بېيت يەنى ئىككىنچى بېيت «ھۆسنى مەتلەئ»دىيىلىدۇ. غەزەلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېيىتى «مەقتەئ» ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى بېيت «ھۆسنىي مەقتەئ» دىيىلىدۇ. «مەقتەئ»سۆزى «قەتئ»(كەسمە) سۆزىدىن تۈرلەنگەن سۆز بولۇپ، پىكىرنىڭ كېسىلىدىغان، ئاياقلىشىدىغان يېرى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.«ھۆسنى مەتلەئ»نىڭ «مەتلەئ»دىن، «ھۆسنى مەقتەئ»نىڭ «مەقتەئ»دىن ياخشىراق بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ (ياخشى يېزىلغان مەتلەئ ھۆسنى مەتلەئ، ياخشى يېزىلغان مەقتەئ ھۆسنى مەقتەئ بولىدۇ دەيدىغان قاراشمۇ بار). غەزەلنىڭ ئەڭ ياخشى يېزىلغان بېيىتى «شاھ بېيت» ياكى «بەيتۇل غەزەل» دەپ ئاتىلىدۇ. غەزەلنىڭ «مەقتەئ»سىدە شائىر ئۆز ئىسمىنى ياكى تەخەللۇسىنى يازىدۇ. يوقۇرىقىلاردىن مەلۇمكى، غەزەلـ مەتلەئ، ھۆسنىي مەتلەئ، مەقتەئ، ھۆسنىي مەقتەئ ، شاھ بېيت قاتارلىق تەركىبىي قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر بىر تەركىبى قىسىمنىڭ غەزەلدە ئالاھىدە رولى بار. بولۇپمۇ مەتلەئ ۋە مەقتەئ غەزەلدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ». « غەزەل ئادەتتە 5-15 بېيىتكىچە يېزىلىدۇ. كۆپىنچە 5،7،9،11،...بېيت بويىچە تاق بېيت قىلىپ يېزىلىدۇ»
بىز يۇقىرىقى نەزىرىيۋى ئۆلچەم بويىچە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ «غەزەل»نامى بىلەن بېرىلگەن بىلەن «غەزەل»ژانىرى بولىشقا ئازىراقمۇ سالايىتىنىڭ توشمايدىغانلىقىنى، بۇنى يازغان شائىرنىڭ بولسا «غەزەل» نىڭ قاپيەلىنىش شەكلى بىلەن مىسىرا، بىيىت ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى چالا-بۇلا بىلگەندىن باشقا بۇ ژانىرغا ئائىت ھېچنىمنى بىلمەيدىغانلىنىقى بىلەلەيمىز.
بىزگە مەلۇمكى، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشپ كەلگەن بۇ ژانىر پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، ئەرەب ئەدەبىياتى، پارس- تاجىك، ۋە بىرقىسىم تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ھېلھەم ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ياكى ۋەزىن ياكى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋېلېك «ھازىرقى كۈندە سەنئەت ۋە ھەرخىل ئەدەبىيات تۈرلىرىنىڭ ساپلىقىدىن ھۇزۇرلىنىشقا قىزىقىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى .شۇڭا كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەنلەر شېئىرنىڭ شېئىرغا نەسىرنىڭ ئوخشىشىنى ياقتۇرۇشىدۇ» دېگەن ئىدى، بۇ نەزىرىيە بىزنىڭ شېئىريتىمىزگىمۇ ماس كىلدىغان بولۇپ ،كىشىلىرىمىز غەزەلنىڭ غەزەلگە، قەسىدەنىڭ قەسىدەگە ئوخشىشىنى ياقتۇرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىيات جۈملىدىن شېئىرىيەتتە ژانىرنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك دەرىجە پەرىقى يوق. كىم قايسى ژانىردا ئۆز ھېسىياتىنى ياخشى، تەبئىي ئىپادىليەلىسە شۇنىڭدا قەلەم تەۋرەتسە بولىدۇ. شۇنىڭغا مەلۇم خىل ژانىر ئۆزىنىڭ ئىستىداتىنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
ئۆزى چۈشەنمىگەن نەرسىلەر ئالدىدا تېخىمۇ كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش كېرەككى، نادانلىق ئارلاشقان ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. رۇبائىي ژانىرغا ئائىت بىلىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى
رۇبائىينىڭ نېملىكى بىرقىسىم شائىرلارنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭ بولمايلا  قالماي يەنە شۇ  ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ كاللسىدا روشەن بولمىغان بىر ئۇقۇم  ھېسابلىنىدۇ. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپتىدە رۇبائىي توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلارغا قاراپ باقايلى:
«رۇبائىي تۆتلىك شەكىلدۇر، تۆتلا مىسىرادىن تۈزۈلۈپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر پەلسەپىۋىي ئوي –پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن شېئىر شەكلى رۇبائىي دەپ قارىلىدۇ....قاپىيە تۈزۈلۈشى جەھەتتىن رۇبائىيلار كۆپىرەك 1-،2-،4-مىسىرالار ئۆز ئالدىغا بىر خىل قاپىيە بولۇپ، 3-مىسىرا ئوچۇق(قاپىيەسىز) قالدۇرىلىدۇ»
     مانا  مۇشۇنداق خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە  قاراشلار  رۇبائىي  ئىجادىيتىنى تېخىمۇ مۇجمەل بىر يولغا باشلاپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن بىرگە، شائىرلىرىمىزنىڭ زېھىن ئىسراپچىلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان .نەتىجىدە بىزدە رۇبائىي خۇددى ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك ئىسمى بار جىسمى يوق بىرنەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ خۇددى غەزەلگە ئوخشاش بىزنىڭ  شېئىرىيتمىزگە سىڭىپ كىرگەن ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان، كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ياخشى كۆرۈپ يېزىشىغا ئېرىشكەن ژانىر ھېسابلىنىدۇ.
ھەتتا شائىرىمىز ئەلشىر نەۋايى بۇ ھەقتە «مىزانۇل ئەۋزان» ناملىق كىتابتا مەلۇم نىسبەتتە سەھىپە ئاجىراتقان بولسىمۇ بىرقسىم  شائىرلىرىمىزدا نەزىرىيەگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئالدىنقىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلماسلىق سەۋەبىدىن كاللىسىغا نېمە  كەلسە شۇنى يېزىپ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇرۇپ، نام قازىنىشنىلا ئويلايدىغان ناچار شۇنداقلا ئەخمىقانە خاھىش شەكىللەنگەن. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپتىدە بىز تۆۋەندىكى«رۇبائىي»نى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
ھەممىنى پۈتسىمۇ تەقدىرى پەلەك،
تەدبىرىڭ بولغاندا ئۆزگىرەر بۆلەك.
نىيتىڭ رۇس بولسا تاپىسەن روناق،
ھەقىقەت ئەھلىگە تەڭرى يار-يۆلەك.

باغلىساڭ بىر ئىشقا قەتئىي ئىرادە،
بولمىغاي ئۆتكەنلەر مۈشكۈل زىيادە.
نىشانغا يىتىسەن توختاپ قالمىساڭ،
ماڭساڭمۇ ھەتتاكى يولنى پىيادە.
...........................
يۇقىرىقى شېئىرنىڭمۇ ئوخشاشلا رۇبائىينىڭ قائىدىللىرىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتىش تەس ئەمەس. چۈنكى بۇ شېئىرنى رۇبائىينىڭ ۋەزىنىگە سالغاندا 24 ۋەزىننىڭ بىرسىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ، بىراق شائىرلىرىمىز بۇ خىل شېئىرلارنى رۇبائىي قالپىقىنى كىيدۈرۈپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ يۈرمەكتە، بۇنى زورلاپ رۇبائىي دېگەندىن كۆرە تۆتلىك دەپ ئاتىسىمۇ بولاتتى.
ئازراق كىلاسسىك شېئىرىيەت نەزەرىيسىدىن خەۋەردار ئادەمگە رۇبائىينىڭ ئۆزىگە خاس ۋەزىنگە (ئەخرەم ۋە ئەخرەب ئاساسىدىكى 24 ۋەزىن)، aaba ياكىaaaa دىن ئىبارەت ئىككى خىل قاپىيەلىنىش شەكلىگە، مۇقىم مىسىرا (تۆت) سانىغا ۋە مۇستەقىل بىر پەلسەپىۋى بىر مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرىي ژانىر ئىكەنلىكى قاراڭغۇ ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىقى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلانغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئۆزىنى نەزەرىيە بىلەن شۇغۇلىنىۋاتمىز دەپ ئويلىۋالغۇچىلار دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭ پەقەت «بىر مۇستەقىل پەلسەپىۋى مەنىگە ئىگە» دېگەن بىزدە ئومۇملىشىپ قالغان بىرلا ئالاھىدىلىكىنى شوئار قىلىپ توۋلاپ، باشقا رۇبائىينى رۇبائىي قىلىپ تۇرىدىغان ھەممە ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەردىن تامامەن ساقىت قىلىپ ئاسان تەرەپكە ئاغقان-دە، ئەسلى قىتئە ۋە تۆتلىك بولۇشقا تېگىشلىك شېئىرلارمۇ رۇبائىي بولۇپ سانىلىپ مېڭىۋەرگەن.
يۇقىرىدا بىز پەقەت ئىككلا ژانىرنىڭ شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت داۋامىدا قوللىنىشتا دىققەت قىلمىغان جايلىرىنى ۋە ئۇ ژانىرلارنىڭ ئېنىقلىمىسى  ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق، بۇ ھەقتە يېزىلغان بىرقىسىم ماقالىلەر توغرىسىدا ئايرىم توختالمىدۇق.بۇ ماقالە ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يېيىشنى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىدىن  قۇسۇر تېپىشنى ئەمەس، بەلكى شېئىرىي ژانىرلار ھەققىدىكى ئۆزىمىز بىلىدىغان ئازغىنە بىلىمىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ شېئرىيەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى ئورتاق يۇقىرى كۆتىرىشنى مەقسەت قىلدۇق. ماقالىمىز ئارقىلىق بىر قىسىم ئىجادىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارغا شېئىرىي ژانىر ھەققىدە ئاز تولا ئويلىنىش ئاتا قىلالىساق بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىمىز.


پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1.        «تارىم» 2013-يىللىق 9-سان.
2.        ئابدۇلئەزىز ھەمدۇللاھ: « غەزەل ژانىرى ھەققىدە»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 2010-يىللىق 1-سان
3.        رېنى ۋېللىك، ئوستىن ۋارىن: «ئەدەبىيات نەزەرىيسى»(ئابدۇقادىر جالالىدىن باشچىلىقىدا تەرجىمە قىلىنغان)،شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى،2013-يىل 6-ئاي نەشىرى.
4.         ھاجى ئەخمەت: «ئۇيغۇر شېئىرىيتى توغرىسىدا»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1982-يىل نەشىرى، 180-بەت.
5.        زەمىر سەئىدۇللازادە: «ئارۇز ئىلىمى»، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى نەشىرىياتى،2011-يىل 3-ئاي نەشىرى 375-بەت.
6.        «تارىم» 2013-يىللىق 9-سان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 23:36  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +44 يىغىش سەۋەبى
ئۆز + 44 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-25 23:39:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرىڭىزغا قايىلمەن، بۇ ماقالىنى ئوقۇدۇم، تېخى ھەزىم قىلىپ بولالمىدىم ، لېكىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم. رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-2-25 23:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىي  قىسىمى بەكلا كالتە بوپقاپتىكەن.

ۋاقتى: 2015-2-26 01:03:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىي  قىسىمى بەكلا كالتە بوپقاپتىكەن.



رۇبائىي توغرىسىدا زەمىر سەئىدۇللازادە ۋە ئەرافات مۇسابايوفلار ئۆز ئالدىغا ۋە بىرلىشىپ دېگەندەك تۆت- بەش بارچە ماقالە يازغان، رۇبائىينىڭ كىلاسسىك شېئىرىيەتتىكى نەزەرىيەسى ئاساسەن تولۇق يېزىلىپ، ئىزاھلىنىپ بولدى، شۇڭا بۇ ماقالىدە قىسقارتىلغان بولۇشى مۇمكىن.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 11:18:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇمەيسا يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 23:39
يېقىندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرىڭىزغا قايىلمەن، بۇ م ...

رەھمەت ،بۇتېمىنى تۇرسۇنجان بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان ،تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بولسا بەرگەيسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 11:22:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 01:03
رۇبائىي توغرىسىدا زەمىر سەئىدۇللازادە ۋە ئەرافات مۇ ...

راسىت دەيسىز  ،  بۇ تېمىدا خېلى كۆپ ماقالىلەر يېزىلدى   بىراق كىشىلەر كۆرمىدىمۇ ياكى دىققەت قىلمايۋاتامدۇ ئىشقىلىپ يەنە نەزەرىيەدىن يىراقلاشقان رۇبائىيلار چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-2-26 17:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ! مەن ياقتۇردۇم . نەزەرىيە ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم . قارىسىغا يازغانغىلا بولمايدۇ . يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ئىچىدە ئارۇز ۋەزىن بىلەن بارماق ۋەزىننىڭ نېمىلىگىنى بىلمەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس .
شۇڭا بۇنداق ماقالىلەر كۆپ بولغانىنىڭ زىينى يوق .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 22:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى كېرەم يارى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 17:44
ياخشى ! مەن ياقتۇردۇم . نەزەرىيە ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم ...

رەھمەت،  توغرا دەيسىز ھەرقانداق بىر پەننىڭ سېستىمىلاشقان نەزەرىيسى بولغاندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ. لېكىن بىر قىسىم ئىجادىيەتچىلەر ئارىسىدا نەزەرىيەدىن قورقۇش كېسىلى ياكى ئۇنىڭ كۆزگە ئىلماي خىيالىغا كەلگەنچە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش خاھىشى ئېغىر. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بىلىمسىزلىكى چانمىغۇچە ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇڭا ئاز تولا نەزەرىيە ئۇقىدىغانلار بۇ جەھەتتە باشلامچى بولۇپ ئىجادىيەتنىڭ توغرا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز، ۋاقتى كەلگەندە قالايمىقان بىر نېمىلەرنى شېئىر قاتارىدا تۆكمە قىلغانلارغا ئاز تولا رەددىيە بېرىشىمىز كېرەك.  مانا بۇ قۇرۇق ماختاشتىن مىڭ ئەۋزەل بولغان شېئىرنى ھەققىي سۆيۈشتۇر.

ۋاقتى: 2015-2-27 01:14:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر پەننىڭ سېستىمىلاشقان نەزەرىيسى بولغاندىلا ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ.


مېنىڭچە، شېئىرىيەت دەل مۇشۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى شېئىر ھەرقاچان، ھەرقانداق يەردە نەزەرىيە بولماسلىقنى ئىستەيدۇ، شېئىرنىڭ ئەڭ ئۈركىيدىغىنى نەزەرىيە. شېئىر نەزەرىيە يېمىرىلگەن يەردىلا تەرەققىي قىلالايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 01:23  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-27 10:22:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 01:14
مېنىڭچە، شېئىرىيەت دەل مۇشۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى شې ...

ئەدەبىيات جۈملىدىن شېئىرىيەتمۇ بىر پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت سېستىمىلاشقان نەزەرىيسى بولغاندىلا ئاندىن توغرا تەرەققىيات يۆنلىشنى تاپالايدۇ،   نەزەرىيەدىن قانداق پايدىلىنىش شائىرلارنىڭ ماھارىتىگە باغلىق ئىش ،  نەزەرىيەنى تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قاراش  خۇددى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قاپىيە، ۋەزىننى  پىكىر ھېسىياتنى بوغىدۇ دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش .   بىز نەۋايى ئەسەرلىرىگە قارىساقمۇ بۇنى تۇنۇپ يېتەلەيمىز، ئۇ  ھەم نەزەرىيەنى ياخشى بىلگەن ھەم ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان بۇ ئىككىسى  بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق نەۋاينىڭ كامالەتكە يەتكەن ئىستىداتنى نامايەن قىلغان.

ۋاقتى: 2015-2-27 14:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvnyukuk يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 10:22
ئەدەبىيات جۈملىدىن شېئىرىيەتمۇ بىر پەن بولۇش سۈپىتى  ...

بىرىنچىدىن"ئىجادىيەتتىكى شېئىرىي ژانىرغا بولغان خاتا چۈشەنچىلەر" دېگەن تېمىدا لوگىكا ۋە چۈشەنچە نوقتىسىدىن خاتالىق سادىر بولغان.

ئىككىنچىدىن ئەسەردە نوقتىلىق تەھلىل قىلىنغىنى غەزەل ۋە رۇبائىي بولۇپ، بۇلار ئەمىلىيەتتە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئىچىدىكى كۆپ قوللىنىلىۋاتقان ئىككى ئاساسى تۈر دەپ قاراشقا بولىدۇكى، بۇلارنى بىرپۈتۈن شېئىرىي ئىجادىيەتكە ۋەكىل قىلىۋىلىش يىتەلىك ئەمەس.

ئۈچىنچىدىن ماقالىنىڭ بېشىدىكى " ھەممىگە مەلۇمكى، شېئىر ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىرىدىن بىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا شېئىرىيەت قەدىمىدىن تارتىپ ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قىسىمى  سۈپتىدە يىتەكچى ئورۇندا  تۇرۇپ كەلگەن" دېگەن پىكىردە قېسمەن مەسىلە بار. مېنىڭچە شېئىرىيەتنىڭ ئاساسىي قىسىمنى تەشىل قىلغىنى راست بولسىمۇ بىراق يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى كېشىنى ئويغا سالىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىرىيەتنىڭ بۇخىل رولىنىڭ قايسى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئورنى بىلەن، قاچانغىچە دەۋاملىشىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقراق توختىلىش كىرەك دەپ قارايمەن.
بۇ خاتالىق ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە "كىلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بۇ ساھەدە ئىجادىيەتلەر ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ نەزەرىيە جەھەتتە ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆزىگە خاس يېڭى پىكىرلەر ئوتتورغا قويۇلۇپ، ئىجادىيەت جەريانىدا يىتەكچى رولنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. " دېگەن شەكىلدە تەكرارلانغان بولۇپ بۇ قاراشلار بەك يېنىكلىق بىلەن تىلغا ئىلىنغان بولۇپ ماقالە ئاپتۇرلىرىنىڭ شەخسى قاراشلىرىمۇ ياكى مەلۇم كىتاب-ماقالىلەردىن ئىلىنغان نەقىلمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.

تۆتىنچىدىن ئاپتۇر مەزكۇر ماقالىنىڭ پايدىلانغان مەنبەسىدە كۆرسەتكەن ئالتە پارچە ئەسەردىن 5 پارچە ئەسەرنىڭ 2010-يىلىدىن كېيىن يېزىلغانلىغىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەنە " بۇلاردىن 20-30يىل مابەينىدە شېئىرىيەت ئىلىمىگە ئائىت مەخسۇس نەزەرىيۋى ئەسەرلەر ئاساسەن دېگۈدەك يېزىلمىغان " دېگەن قاراشلارنى تىكلەپ قويغان.

بەشىنچىدىن ئاپتۇرلار " شۇ سەۋەپ ئەسەرلەردە نەزەرىيەدىن يىراقلىشىپ ئۇنى كېرەك قىلمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. بىراق ھەممىمىزگە ئايانكى، ئايرىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىيەگە سەل قارىشى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىمىزگە ماس كەلگۈدەك ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىپ بولالماسلىقى" دېگەن قۇرلاردا ئايرىمىلىقنى ئومۇمىيلىقنىڭ ئورنىغا قويىۋىلىپ، "ئەيىپنى كۆرۈپ، خىسلەتلەرنى كۆرمەسلىك"، "كەمچىلىكلەرنى كۆپتۈرۈپ، نەتىجىلەرگە سەل قاراش" تەك خاتالىققا يول قويغان. مېنىڭچە 80-يىللاردىن بۇيانقى ئىشلار دا ئەھۋال ئاپتۇرلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىچىدۇر...

ئالتىنچى " شېئىرىيەتتىكى ژانىر چۈشەنچىسىنىڭ " دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئاپتۇرلار قانداق چۈشىنىدۇ بىلمىدىم. ئەمما مەن "ئەدەبىياتتىكى ژانىر چۈشەنچىسى"، "شېئىرىي شەكىللەردىكى (تۈرلەردىكى) ۋەزىن، قاپىيە، تۇراق، رېتىملار" دېگەن نوقتىدىن چۈشىنىشنى توغرا دەپ قارايمەن.

يەتتىنچى ئاپتۇرلار مەزكۇر ماقالىنى يېزىۋاتقىنىدا ئارۇزغا دائىر نەزىرىيەۋى چۈشەنچىلەردىن يەنىلا ئەرەپ، پارس دوپپىسىنى ئۇيغۇرغا زورلاپ كىيگۈزىدىغان "قۇللۇق" ئېددىيەلىرىدىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ سىرىتتىن ئىلىم، مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىش ئىمتىيازلىرىنىڭ قاتارىدا سىرىتتىن كىرگەن ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆز ئىھتىياجلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئىمتىيازلىرىنىڭمۇ بارلىغا سەل قارىغان. مېنىڭچە"چەتنىڭ ماللىرى" ئەسلى رولىنىڭ قانداقلىغى بىلەن ئەمەس بەلكى بىزدە قانداق رول ئۆتەيدىغانلىغى بىلەن ئۈنۈملۈكتۇر.

سەككىزىنچى ماقالىدە نەزەرىيە بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبدىن كېلىپ چىققان خاتا چۈشەنچىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىۋاتقان ئاپتۇرلىرىمىز شېئىرىيەتكە دائىر ئاتالغۇلارنى دېگۈدەك ئەرەپ، پارس، تۈركي شەكىللەردە ئارلاش قۇللانغان(ئەمىلىيەتتە بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان ئارۇزغا دائىر ماقالىسىدە مۇلاھىزە ۋە تالاش تارتىشلار بولغان) بولۇپ، ئۆزلىرى تىلغا ئالغان ئارۇزغا دائىر ماقالە-ئەسەرلەردە ئاللىقاچان ئۇيغۇرچە ئاتالمىشى كەشپ قىىنغان ئاتالغۇلارنىمۇ يەنىلا كونا شەكىلدە تەكرارلارپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىدە زورلىنىشقا سەۋەب بولغان.

ئەڭ ئاخىرىدا ماقالە ئاپتۇرلىرىنىڭ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ۋە دەسلەپكى ئابزاسلاردىكى دەبدەبىلىك بايانلار بىلەن ماقالە ئاخىردىكى " يۇقىرىدا بىز پەقەت ئىككلا ژانىرنىڭ شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت داۋامىدا قوللىنىشتا دىققەت قىلمىغان جايلىرىنى ۋە ئۇ ژانىرلارنىڭ ئېنىقلىمىسى  ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق" دېگەن قۇرلارغا قايتىدىن نەزەرسىلىپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  ئەلۋەتتە، ھەممە يەرنى سۈكۈت قاپلاۋاتقان ئۈشبۇ دەقىقىلەردە بۇ ئىككى نەپەر ئەزىزىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشى ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش. ئەمما "دوست يىغىلىتىپ ئىيتار دۈشمەن كۈلدۈرۈپ" دېگەن ئاتا سۆزىنىڭ روھى بىلەن سۆزلەيمىزكى، ئاتىلىرىمىز بىزگە ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە" دېگەن نەسىھەتنى بىكارغا قالدۇرمىغان بولىشى مۆمكىن. ئەلۋەتتە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش زۆرۈركى "سەل قاراش بىلەن چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش"نىڭ ھەر ئىككىسى خاتادۇر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-27 14:38  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-27 20:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2015-2-27 14:27
بىرىنچىدىن"ئىجادىيەتتىكى شېئىرىي ژانىرغا بولغان خاتا ...

بىرىنچىدىن"ئىجادىيەتتىكى شېئىرىي ژانىرغا بولغان خاتا چۈشەنچىلەر" دېگەن تېمىدا لوگىكا ۋە چۈشەنچە نوقتىسىدىن خاتالىق سادىر بولغان
بۇ ماقالە بىر قىسىم ماقالىلەردىكى شئېرىيەت ژانىرى ھەققىدىكى خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا رەددىيە بېرىش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا شېئىرىيەت ژانىر چۈشەنچىسىنىڭ كەم بولىشى سەۋەبىدىن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش مەقستىدە يېزىلغانلىقتىن ماۋزۇغا «ئىجادىيەتتىكى» دەپ قوشۇپ ئېلىنغان، بۇ ھال ماۋزۇنىڭ بىرئاز ئۇزۇن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنىڭدىن باشقا لوگىكا ۋە چۈشەنچە جەھەتتىن قانداق خاتالىق سادىر بولغانلىقىنى بىلمىدۇق.
ئىككىنچىدىن ئەسەردە نوقتىلىق تەھلىل قىلىنغىنى غەزەل ۋە رۇبائىي بولۇپ، بۇلار ئەمىلىيەتتە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئىچىدىكى كۆپ قوللىنىلىۋاتقان ئىككى ئاساسى تۈر دەپ قاراشقا بولىدۇكى، بۇلارنى بىرپۈتۈن شېئىرىي ئىجادىيەتكە ۋەكىل قىلىۋىلىش يىتەرلىك ئەمەس
بۇ يەردە رۇبائىي بىلەن غەزەلنى ۋەكىل قىلۋالغان ئىش يوق، تامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ ،بىز پەقەت مۇشۇ ئىككىلا ژانىر ئارقىلىق شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەتتە كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇق، بۇنى ماقالىنىڭ ئاخىردىمۇ ئەسكەرتتۇق.
ئۈچىنچىدىن ماقالىنىڭ بېشىدىكى " ھەممىگە مەلۇمكى، شېئىر ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىرىدىن بىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا شېئىرىيەت قەدىمىدىن تارتىپ ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قىسىمى  سۈپتىدە يىتەكچى ئورۇندا  تۇرۇپ كەلگەن" دېگەن پىكىردە قېسمەن مەسىلە بار. مېنىڭچە شېئىرىيەتنىڭ ئاساسىي قىسىمنى تەشىل قىلغىنى راست بولسىمۇ بىراق يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى كېشىنى ئويغا سالىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىرىيەتنىڭ بۇخىل رولىنىڭ قايسى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئورنى بىلەن، قاچانغىچە دەۋاملىشىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقراق توختىلىش كىرەك دەپ قارايمەن.
بۇ خاتالىق ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە "كىلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بۇ ساھەدە ئىجادىيەتلەر ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتلىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ نەزەرىيە جەھەتتە ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆزىگە خاس يېڭى پىكىرلەر ئوتتورغا قويۇلۇپ، ئىجادىيەت جەريانىدا يىتەكچى رولنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. " دېگەن شەكىلدە تەكرارلانغان بولۇپ بۇ قاراشلار بەك يېنىكلىق بىلەن تىلغا ئىلىنغان بولۇپ ماقالە ئاپتۇرلىرىنىڭ شەخسى قاراشلىرىمۇ ياكى مەلۇم كىتاب-ماقالىلەردىن ئىلىنغان نەقىلمۇ بىلگىلى بولمايدۇ
.
شېئىرىيەتنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتتا ئاساسىي قىسىمنى تەشكىل قىلغانلىقى تەبئىي ھالدا ئۇنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى روياپقا كەلتۈرگەن.« ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىرىيەتنىڭ بۇخىل رولىنىڭ قايسى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئورنى بىلەن، قاچانغىچە دەۋاملىشىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىقراق توختىلىش كىرەك دەپ قارايمەن.» تىرناق ئىچىدىكى بۇ سۆزلىرىڭىزنى تازا چۈشنىپ كېتەلمىدىم بەلكىم بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا سەل جىدديىلىشىپ كەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن.
تۆتىنچىدىن ئاپتۇر مەزكۇر ماقالىنىڭ پايدىلانغان مەنبەسىدە كۆرسەتكەن ئالتە پارچە ئەسەردىن 5 پارچە ئەسەرنىڭ 2010-يىلىدىن كېيىن يېزىلغانلىغىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەنە " بۇلاردىن 20-30يىل مابەينىدە شېئىرىيەت ئىلىمىگە ئائىت مەخسۇس نەزەرىيۋى ئەسەرلەر ئاساسەن دېگۈدەك يېزىلمىغان " دېگەن قاراشلارنى تىكلەپ قويغان.
پايدىلانغان ماتېرىيالدىن ئىككىسى شېئىرىيەتكە ئائىت ماقالە ئەمەس بەلكى ماقالىدە پايدىلانغان شېئىر، ۋېللىكنىڭ «ئەدەبىيات نەزەرىيسى »ناملىق كىتاب ئۇيغۇرلار يازغان شېئىرىيەتكە ئائىت كىتاب ئەمەس بەلكى تەرجىمە ئەسەر بولۇپ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرى ھەققىدە توختالغان.
بەشىنچىدىن ئاپتۇرلار " شۇ سەۋەپ ئەسەرلەردە نەزەرىيەدىن يىراقلىشىپ ئۇنى كېرەك قىلمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. بىراق ھەممىمىزگە ئايانكى، ئايرىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىيەگە سەل قارىشى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىمىزگە ماس كەلگۈدەك ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىپ بولالماسلىقى" دېگەن قۇرلاردا ئايرىمىلىقنى ئومۇمىيلىقنىڭ ئورنىغا قويىۋىلىپ، "ئەيىپنى كۆرۈپ، خىسلەتلەرنى كۆرمەسلىك"، "كەمچىلىكلەرنى كۆپتۈرۈپ، نەتىجىلەرگە سەل قاراش" تەك خاتالىققا يول قويغان. مېنىڭچە 80-يىللاردىن بۇيانقى ئىشلار دا ئەھۋال ئاپتۇرلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىچىدۇر...
ئەھۋال بىز دېگەننىڭ ئەكسىچە بولسا تىرناقتا توختىغۇدەك مۇشۇ ساھەدىكى ماقالىلەر ياكى كىتابدىن بىر نەچچىنى مىسال كەلتۈرۈپ باقسىڭىز ياكى نەزەرىيەدىكى گۈللىنىشلەرنى بايان قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. «ئەكىسچە »دەپ توۋلاپ قۇيۇش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ.
ئالتىنچى " شېئىرىيەتتىكى ژانىر چۈشەنچىسىنىڭ " دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئاپتۇرلار قانداق چۈشىنىدۇ بىلمىدىم. ئەمما مەن "ئەدەبىياتتىكى ژانىر چۈشەنچىسى"، "شېئىرىي شەكىللەردىكى (تۈرلەردىكى) ۋەزىن، قاپىيە، تۇراق، رېتىملار" دېگەن نوقتىدىن چۈشىنىشنى توغرا دەپ قارايمەن.
شېئىرىيەتتىكى ژانىر چۈشەنچىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسىڭىز ماڭا خۇددى ئىنكاس يېزىش ئۈچۈنلا ئىچى پۇشۇپ يېزىپ قويغاندەك تۇيغۇ بەردى.
يەتتىنچى ئاپتۇرلار مەزكۇر ماقالىنى يېزىۋاتقىنىدا ئارۇزغا دائىر نەزىرىيەۋى چۈشەنچىلەردىن يەنىلا ئەرەپ، پارس دوپپىسىنى ئۇيغۇرغا زورلاپ كىيگۈزىدىغان "قۇللۇق" ئېددىيەلىرىدىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ سىرىتتىن ئىلىم، مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىش ئىمتىيازلىرىنىڭ قاتارىدا سىرىتتىن كىرگەن ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆز ئىھتىياجلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئىمتىيازلىرىنىڭمۇ بارلىغا سەل قارىغان. مېنىڭچە"چەتنىڭ ماللىرى" ئەسلى رولىنىڭ قانداقلىغى بىلەن ئەمەس بەلكى بىزدە قانداق رول ئۆتەيدىغانلىغى بىلەن ئۈنۈملۈكتۇر.
«قۇللۇق ئىدىيەسىدىن قۇتۇلالمىغان» دېگەن قۇرلارنى كۆرۈپ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئۇلۇغ قۇرۇق گەپچىدىن بىرنىڭ پورتېرتى نامايان بولدى، ئارۇز دېگەن ئاتالغۇ ۋە بۇنىڭ كۆپ قىسىم نەزەرىيەلىرنىڭ سىرتتىن كىرگەنلىكى ھەممىگە ئايان. شۇ سەۋەبدىنمۇ ئارۇزنىڭ كۆپ قىسىم ئاتالغۇلىرى ئەرەبچە پېتى ئۆزگەرمەي ساقلانماقتا، ۋەزىنگە ئايرىشتىمۇ پارسچىدىن كىرگەن سۆزلەر پارسچە تىلىنىڭ قانۇنىيتى بويىچە ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلەر ئەرەب تىلىنىڭ قانۇنىيتى بويىچە ۋەزىنگە ئايرىلماقتا. شۇڭا گەرچە بىزنىڭمۇ سىزدەك ئارۇزنى تامامەن ئۆز تىلىمىزنىڭ قانۇنىيتىگە بويسۇندۇرۇپ  ئۆز تىلىمىزغا ئۆزگەرتىش ھەتتا ئاتالغۇلارنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئاتاشقا بولغان ئىشتىياقىمىز ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ بۇنىڭغا ئامالسىزمىز، ناۋادا سىز ساپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيتىگە ماس كېلىدىغان بىر ئۆزگىچە ئارۇز سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قالسىڭىز بۇ باشقا گەپ.  
سەككىزىنچى ماقالىدە نەزەرىيە بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبدىن كېلىپ چىققان خاتا چۈشەنچىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىۋاتقان ئاپتۇرلىرىمىز شېئىرىيەتكە دائىر ئاتالغۇلارنى دېگۈدەك ئەرەپ، پارس، تۈركي شەكىللەردە ئارلاش قۇللانغان(ئەمىلىيەتتە بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان ئارۇزغا دائىر ماقالىسىدە مۇلاھىزە ۋە تالاش تارتىشلار بولغان) بولۇپ، ئۆزلىرى تىلغا ئالغان ئارۇزغا دائىر ماقالە-ئەسەرلەردە ئاللىقاچان ئۇيغۇرچە ئاتالمىشى كەشپ قىىنغان ئاتالغۇلارنىمۇ يەنىلا كونا شەكىلدە تەكرارلارپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىدە زورلىنىشقا سەۋەب بولغان.
بۇ ناملارنى بىزلا شۇنداق ئەمەس بەلكى كىلاسسىكلارمۇ شۇنداق ئالغان، بۇ شېئىرىيەتتە بىرلىككە كەلگەن ناملار، ئەمدى بۇ ناملارنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈش كىلاسسىكلارنى ئىنكار قىلغانلىق ياكى تېخىمۇ مۇجمەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ ناملارنى ئۆزگەرتىش ئارتۇقچە بولۇپلا قالماي يەنە كۈلكىلىكتۇر.
ئەڭ ئاخىرىدا ماقالە ئاپتۇرلىرىنىڭ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ۋە دەسلەپكى ئابزاسلاردىكى دەبدەبىلىك بايانلار بىلەن ماقالە ئاخىردىكى " يۇقىرىدا بىز پەقەت ئىككلا ژانىرنىڭ شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت داۋامىدا قوللىنىشتا دىققەت قىلمىغان جايلىرىنى ۋە ئۇ ژانىرلارنىڭ ئېنىقلىمىسى  ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۇق" دېگەن قۇرلارغا قايتىدىن نەزەرسىلىپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  ئەلۋەتتە، ھەممە يەرنى سۈكۈت قاپلاۋاتقان ئۈشبۇ دەقىقىلەردە بۇ ئىككى نەپەر ئەزىزىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشى ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش. ئەمما "دوست يىغىلىتىپ ئىيتار دۈشمەن كۈلدۈرۈپ" دېگەن ئاتا سۆزىنىڭ روھى بىلەن سۆزلەيمىزكى، ئاتىلىرىمىز بىزگە ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە" دېگەن نەسىھەتنى بىكارغا قالدۇرمىغان بولىشى مۆمكىن. ئەلۋەتتە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش زۆرۈركى "سەل قاراش بىلەن چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش"نىڭ ھەر ئىككىسى خاتادۇر...
باشتا ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭ ئاخىردىلا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇندىن كېيىن يەنە ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئۇسۇل ئۆزگىچە ئىكەن. بىز ھېچقاچان دەبدەبىلىك گەپ قىلمىدۇق، ماقالە شۇنچلىك ئاددىي تىلدا چۈشنىشلىك قىلىپ ھەيۋەت سۆزلەردىن خالىي يېزىلغان پەقەت سىز جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىڭىز سەۋەبىدىن شۇنداق ھېس قىلىۋالغان  بولىشىڭىز ياكى ئۆزىڭىزنىڭ دەبدەبىلىك گەپلىرىڭىزنى بىزگە دۆڭگەش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى نەزەرىيۋى كەمتۈكلۈكنى ياپماقچى بولىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ تېمىدا بىز ئىلمىي نوقتىدىن مۇلاھىزە بولسىكەن دەيمىز.

ۋاقتى: 2015-2-27 21:35:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتىنچى ئاپتۇرلار مەزكۇر ماقالىنى يېزىۋاتقىنىدا ئارۇزغا دائىر نەزىرىيەۋى چۈشەنچىلەردىن يەنىلا ئەرەپ، پارس دوپپىسىنى ئۇيغۇرغا زورلاپ كىيگۈزىدىغان "قۇللۇق" ئېددىيەلىرىدىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ سىرىتتىن ئىلىم، مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىش ئىمتىيازلىرىنىڭ قاتارىدا سىرىتتىن كىرگەن ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆز ئىھتىياجلىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئىمتىيازلىرىنىڭمۇ بارلىغا سەل قارىغان. مېنىڭچە"چەتنىڭ ماللىرى" ئەسلى رولىنىڭ قانداقلىغى بىلەن ئەمەس بەلكى بىزدە قانداق رول ئۆتەيدىغانلىغى بىلەن ئۈنۈملۈكتۇر




يېقىنقى بىر قانچە يىللار ئىچىدە ئىمىن ئەھمىدىدەك ئۇستاز شائىرلارنىڭ ئۆز لىكسىيەلىرىدە (مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لىكسىيەسىدە) ئارۇز ئىجادىيىتىدىكى شېئىرلارنى يېزىش ۋە چۈشىنىشكە ئىلھاملاندۇرىشى، ئارۇز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ (مەسىلەن، زەمىر سەئىدۇللازادە، ئەرافات مۇسابايېف) رەسمىي تەتقىقات ماقالە- كىتابلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ياشلارنىڭ ئارۇز شېئىرىيىتىگە ھەۋەس قىلىپ ئۆزلىرىنى سىناپ بېقىشى (مەسىلەن، ئابدۇسالام بەگزات، ئەرافات ئبدۇرۇسۇل، ئادىل ئابدىرېھىم) ۋە بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىشى (مەسىلەن، قۇمۇم ئەدەبىياتى، تەڭرىتاغ) نەتىجىسىدە، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارغا بولغان قىزىقىش، قايتا نەزەر ئاغدۇرۇش بولۇپ ئۆتتى. يۇقارقى ئەسەردە، كۆزدە تۇتۇلغىنى پۈتكۈل شېئىرىي ژانىرلاردىكى خاتا چۈشەنچە بولماستىن، كىلاسسىك شېئىرىي شەكىللەردىكى خاتا ئىجادىيەت خاھىشى ئىدى. بىراق ئابدۇمىجىت.م ناملىق تورداش ئىنكاسىنىڭ يەتتىنجى تۈرىدە يۇقارقىدەك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارۇز ۋەزىنىنى قۇبۇل قىلغاندەك بىر خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان. ئەسلىدە ئارۇز ۋەزىنى ھېچقاچان، ھېچقانداق يەردە سىرتتىن كىرگەن مال بولماستىن،  ئەرەب، پارس، تۈركىي (بۇلارنىڭ ھەممىسى نەچچە ئوندىن مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن، مىڭ يىلغا يېقىن گۈللەنگەن، شېئىرىي نەزەرىيە ئىدى. بۇ نەزەرىيە ھېچقانداق يەردە يەرلىكلەشتۈرۈپ قۇبۇل قىلىنمىغان، بەلكى ھەر قايسى مىللەتنىڭ تىل قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان. ئېلىپ ئېيتايلۇق:


خەلىل ئىبنى ئەھمەد 767- يىلى «ئىلمى ئارۇز» ناملىق كىتابى بىلەن بۇ پەنگە ئاساس سالغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتا ئارۇز ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار كۈرمىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە ئارۇز نەزەرىيەسى بىلەن شۇغۇللانغانلارلا نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ.


شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «مىزانۇل ئەۋزان» (1499- يىلى يېزىلغان) ى بىلەن بابۇرنىڭ «مۇختەسەر» (1522- يىلى يېزىلغان) ى تۈركىي مىللەتلەر ئارۇزىنىڭ دەسلەپكى ۋە بىردىنبىر نەزەرىيە كىتابى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ئارۇز نەزەرىيەلىرمۇ مۇشۇ كىتابلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ئۇيغۇلارنىڭ، زەمىر سەئىدۇللازادەنىڭ «ئارۇز ئىلمى»مۇ شۇ ئىككى كىتاب ئاساسىدا ئىشلەنگەن، ھەتتا مىساللار شۇنىڭدىن ئېلىنغان. بۇنىڭدىكى ئوخشىمايدىغان يېرى ئەرەبچە، پارسچە ئارۇز نەزەرىيەلىرى تونۇشتۇرۇلغان.


مۇشۇ بۇيىچە ئۆتمۈشكە قارىتا ماڭساق، ئارۇز نەزىيىسى پەقەت ئۇلىنىشچانلىق خاراكتېرىگە ئىگە، نۇرغۇن كىشىلەر كىتاب يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتلەر ئۆزگەرمىگەن. پەقەت ئەرەپ، پارس، تۈركىي (بۇلار بىرلا مىللەت ئەمەس) مىللەتلەرنىڭ تىل نوقتسىدىن بىر ئاز پەرقلەر بولسىمۇ، بىراق ئارۇز ئىلمىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ئۆزگەرتىلمىگەن. زەمىر سەئىدۇللازادە نەۋايى، بابۇرلارنىڭكىگە ئاساسلانغان، نەۋايى، بابۇرلار بولسا، ئابدۇراخمان جامى، ناسىردىن تۇسى، ( شەمىس قەيىس، خەلىل ئىبنى ئەھمەدلەرنىڭكىمۇ بار) غا ئاساسلانغان، جامى بىلەن تۇسى بولسا، شەمىس قەيىس، خەلىل ئىبنى ئەھمەدلەرنىڭكىگە ئاساسلانغان. ئارۇز ئىلمىدا «دائىرە» نەزەرىيەسى بىلەن يېڭى ۋەزىن، بەھىرلەر ئىجاد قىلىنسا بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك كىم قانداق نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ئىچكى قانۇنىيەت يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ. تارىختىمۇ ئارۇز ئەرەبلەردە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، پارسلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرىگە ماس كېلىدىغان 11 بەھىرنى ئېلىپ قېلىپ، 5 نى تاشلىۋەتكەن، ئاندىن ئۆزلىرى 3 نى يېڭىدىن ئىجاد قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ جەرياندا يەنىلا خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ ئارۇز قانۇنىيىتىدىن پايدىلانغان. نەۋايى بولسا تۈركىيلەردە 14 بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلغان. بابۇرمۇ ئېنىق سان دېمىگەن بولسىمۇ، بىراق 21 بەھىر تونۇشتۇرغان. بىراق ئۆزى ئىجاد قىلغان بەھىر يوق بولۇشى مۇمكىن.  بابۇرنىڭ يەنە ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىككى «دائىرە»سىمۇ بار. شۇلار بىلەن توققۇز دائىرە بولغان. پەقەت ئاشۇ قانۇنىيەتنى بىلسىلا ئارۇز ئىلمى سىرلىق نەرسە ئەمەس. دېمەك بۇيەردە ئۆزگەرگىنى قانۇنىيەت ئەمەس، بەلكى قايسىسىنى ئىشلىتىشتۇر. چاغاتايچىدىمۇ، ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر ئۆز  تىل پىرىنسىپلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان، يەنى تاللانغان، قانۇنىيەت ئۆزگەرگەن ئەمەس. «تاۋۇش» (ھەرپ، ھەرپى ئىللە، ھەرىكە) نەزەرىيىسى، جۈزۋ قائىدىسى، رۇكىن قانۇنىيىتى، تىل پىرىنسىپلىرىگە ئاساسەن بېكىلگەن.


« قۇتادغۇبىلىك»تىن تارتىپ، ئەھمەد زىياغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئارۇز ئىلمىنى مەدرىسەلەردىن ئۆگەنلىكى ھەققىدە خاتىرىلەر بار، (ئابدىرېھىم ئۆتكۈرمۇ ئەھمەد زىيائىيدىن ئازراق ئۆگەنگەن). كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ مىڭ يىلغا يېقىن شېئىر ئىجادىيىتىدە، ئاز بىر قىسىم ھىجا ۋەزىنلىك غەزەللەر يېزىلىپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى ئارۇز ۋەزىنىدە يېزىلغان. بىراق بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن شېئىرلارنىڭ بىر قىسىم ھېسسىي ئارۇزغا چۈشۈپ قالغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ۋە بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،  باشقىلىرى بارماق (ھىجا) ۋەزىنلىكتۇر. ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىمۇ بۇنداق بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار كۆپ ئۇچرايدۇ. چۈنكى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە، شائىرلار يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشى، مەدرىسە مائارىپىنىڭ پەيدىنپەي تارىيىشى بىلەن دىلىغول بولۇشقان. 20-، 30- يىللاردىلا، زادى روس تەسىرىدىكى يېڭىچە شېئىرىيەتكە كۆچىمىزمۇ ياكى بۇرۇنقىلار ئىشلەتكەن نەزەرىيەنى قوللىنىمىزمۇ دېگەن بۇنداق تالاش- تارتىشلار بولغان. مانا ھازىرغىچە بولار تالاش- تارتىشتا.

ئابدۇمىجىت. م ناملىق تورداش بولسا تورلاردا، بىزنىڭ پەخىرلىك ئىزدەنگۈچىلىرىمىزدىن بولغان ئابدىرېھىم ئۆتكۈر، ئىمىن تۇرسۇن، ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن قاتارلىقلار بىلەن زەمىر سەئىدۇللازادە ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئىككى خىل ئارۇز ياقلىغۇچىلىرى بولغاندەك بىر خاتا قاراشنى بازارغا سالدى. ئەمەلىيەتتە زەمىر سەئىدۇللازدە ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇرۇنقى پەخىرلىك ئۇستازلىرىمىزنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئىلىمنى رەسمىي ئىلىم بۇيىچە تەتقىق قىلدى ۋە يەتكۈزۈشكە تىرىشتى. بۇلار ھەرگىزمۇ ئبدۇمىجىت. م ناملىق تورداش ئېيتقاندەك سىرتنىكىنى قۇبۇل قىلغان ياكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان دېگەندەك ئەھۋال يوق. ئارۇز نەزەرىيەسى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ قانۇنىيىتى بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا ئۆز تىلىغا ماسلاشتۇرۇپلا قوللىنىۋاتىدۇ. مەن بارلىق شائىرلارنىڭ ئارۇز ۋەزىنىدە يېزىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، بىراق ئارۇزدا يازغانلارنىڭ ئۇنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئارۇز بىلمىسە، ئاللىگراتسىيەلىك شېئىرلارنى يازسا بولىدۇ، چاچما شېئىرلارنى يازسا بولىدۇ، ئەركىن شېئىرلارنى يازسا بولىدۇ. بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزمۇ، ھەم باشقا مىللەتلەردىمۇ مۇشۇنداق سىڭىشلىك، كۆتۈرۈشچان، سىغدۇرۇشچان ئىجادىيەت داۋاملىشىۋاتىدۇ.

مېنىڭچە زەمىر سەئىدۇللازادە قاتارلىق تەتقىقاتچى ۋە  ئەرافات قاتارلىق بىر قىسىم ئىزدەنگۈچىلەر مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆزلىرى ئۇيغۇر ئارۇز ئىلمى ئىجاد قىلىش ئەمەس، ياكى ئۆز ئالدىغا قائىدە بېكىتىش ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى قائىدىلەرنى، قانۇنىيەتلەرنى ئۆز ئەينى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شۇڭا ئارۇز ئىلمىنى ئۆزىنىڭ خىيالى بىلەن ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى نەزەرىيە كىتابلىرىنى قايتا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگەنگىلى بولىدۇ.




سەككىزىنچى ماقالىدە نەزەرىيە بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبدىن كېلىپ چىققان خاتا چۈشەنچىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىۋاتقان ئاپتۇرلىرىمىز شېئىرىيەتكە دائىر ئاتالغۇلارنى دېگۈدەك ئەرەپ، پارس، تۈركي شەكىللەردە ئارلاش قۇللانغان(ئەمىلىيەتتە بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان ئارۇزغا دائىر ماقالىسىدە مۇلاھىزە ۋە تالاش تارتىشلار بولغان) بولۇپ، ئۆزلىرى تىلغا ئالغان ئارۇزغا دائىر ماقالە-ئەسەرلەردە ئاللىقاچان ئۇيغۇرچە ئاتالمىشى كەشپ قىىنغان ئاتالغۇلارنىمۇ يەنىلا كونا شەكىلدە تەكرارلارپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىدە زورلىنىشقا سەۋەب بولغان.




بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، پەندە نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇ، تېرمىن، ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن. بولۇپمۇ، ئەرەب، پارس، تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى يېزىقچىلىقتا ئەدەبىيات، پەلسەپە، لوگىكا، ئاستىرونۇمىيە، تىبابەت، ماتېماتىكىغا ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن. بولۇپمۇ ئەدەبىيات شۇنداق بولغان. رابىيە ئوتتۇرىغا قوغان ئىشىق تەلىماتىدىكى «ئىشىق» ئاتالغۇسىنى، شىرازدىكى ھاپىز، رۇمدىكى جالالىدىن رۇمى، ھىراتتىكى نەۋايى، ھەتتا قاغىلىقتا ئۆتكەن تەجەللىمۇ ئۆز پېتى قوللانغان. خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئوتتۇرىغا قويغان «ئەرۇز» نى تۇستا ئۆتكەن، ناسىردىن تۇسى، ھىراتتا ئۆتكەن ئابدۇراخمان جامى، نەۋايى، كابۇل، ھىندىستاندا ئۆتكەن بابۇرلارمۇ ئۆز پېتى ئىشلەتكەن. ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە ئائىت، «ئارۇز ئىلمى»، «قاپىيە ئىلمى»، «بەلاغەت ئىلمى» نىڭ ئاتالغۇلىرى ئاشۇ تورسىز، ئايرۇپىلانسىز دەۋىردە يۇرتتىن يۇرتقا ئۆز نامى بۇيىچە ئۇمۇملاشقان. يېقىنقى بىر قانچە يىللار ئىچىدە يەنە نۇرغۇن زىيالىي تەرجىمانلىرىمىز ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلگەن نامى بۇيىچە ئېلىۋاتىدۇ. بۇمۇ ئىلمىيلىكنىڭ ھۆرمىتىدىن بولغان. دېمەك، بۇ يەردە ئاتالغۇ ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، تۈركچە، تۈركىيچە، پارسچە، ئەرەبچە دەيدىغان ئىش يوق، ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن نامى بويىچە ئىشلىتىۋاتىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 16:33  


باھا سۆز

قۇمۇم-قومۇل...  ۋاقتى: 2016-3-11 05:08 PM
ۋاقتى: 2015-2-27 21:54:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  

ئابدۇمىجىت. م ناملىق تورداشنىڭ باشقا تۈرلەنگەن ئىنكاسلىرى پەقەت ئىككى سۆز بېرىكمىسى ۋە تۆت جۈملە ئۈچۈن ھاياجانلىنىش ئىكەن. ئەدەبىياتتا ئىجادىيەت باشقا گەپ، نەزەرىيە باشقا گەپ، تەنقىدچىلىك باشقا گەپ، شۇ ئەدەبىيات ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. نەزەرىيە ھەر قاچان ئىجادىيەتتىن كېيىن تۇرىدۇ. ئىجادىيەت مەلۇم ھەجىمگە يەتكەندىن كېيىن، نەزەرىيە ئۇلاردىكى ئورتاقلىق، ئۆزگىچىلىك قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ، تۈرلەيدۇ. ئىجادىيەتنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە كۆلەملىشى نەزەرىيەنى كۆپخىللاشتۇرىدۇ ۋە ئىنچىلەشتۈرىدۇ، مۇقىملاشتۇرىدۇ. مەزكۇر ماقالە نەزەرىيە نوقتىسىدىن يېزىلغان بولۇپ، بىر قىسىم ئىجادىيەتتە خاتا كېتىۋاتقان بىر قىسىم تەرەپلەرنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلغان. ھالبۇكى، ئابدۇمىجىت.م ناملىق تورداش ئىجادىيەت بىلەن نەزەرىيەنى قۇشىۋېتىپ تۇرۇپ، ئىنكاس قايتۇرغان. يەنى،

ئەلۋەتتە يەنە بىر قېتىم تەكرارلاش زۆرۈركى "سەل قاراش بىلەن چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش"نىڭ ھەر ئىككىسى خاتادۇر


دېيىش ئارقىلىق، يا نەزەرىيەگە چۈشمىگەن، يا ئىجادىي بولمىغان بىر خىل ئارىلىق كۆز قاراشنى، مەيدانسىزلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىجادىيەتتە مەلۇم بىر ئېقىمغا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇنىڭ تۈرلىرى، شەككىلىرى ئىچىدە ئۆزگىچىلىكنى ۋە ئۇسلۇبنى نامايەن قىلىش كېرەك. ئەگەر ئېقىمغا ئەگىشىش نىيىتى بولمىسا، باشقا ئېقىمنىڭ قانۇىيىتىنى ۋە پىرىنسىپىنى ئۆز ئالدىغا بۇزۇپ ئىشلەتمەسلىك ئاقىلانىلىك. يۇقارقى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر پەقەت كىلاسسىك شېئىرىي شەكىللەرنىڭ ئاۋۇ تۈرلىرىدە ئىجادىيەت قىلغانلار چۇقۇم ئاشۇ شەكىلگە دىققەت قىلايلى، (ئەگەر ئۇ شەكىلنى بىلمىسەك، ئۆز ئالدىغان ئىجادىي شەكىل ئىجاد قىلايلى) كىلاسسىك شېئىرىي شەكىللەرنى ئىشلىتىشنى ئۇخمىسا، ئۆز ئالدىغا شەكىل ئىجاد قىلسا بولىدۇ دېگەننى ئەسكەرتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ۋاقتى: 2015-2-27 22:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات جۈملىدىن شېئىرىيەتمۇ بىر پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت سېستىمىلاشقان نەزەرىيسى بولغاندىلا ئاندىن توغرا تەرەققىيات يۆنلىشنى تاپالايدۇ،   نەزەرىيەدىن قانداق پايدىلىنىش شائىرلارنىڭ ماھارىتىگە باغلىق ئىش ،  نەزەرىيەنى تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قاراش  خۇددى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قاپىيە، ۋەزىننى  پىكىر ھېسىياتنى بوغىدۇ دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش .   بىز نەۋايى ئەسەرلىرىگە قارىساقمۇ بۇنى تۇنۇپ يېتەلەيمىز، ئۇ  ھەم نەزەرىيەنى ياخشى بىلگەن ھەم ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان بۇ ئىككىسى  بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق نەۋاينىڭ كامالەتكە يەتكەن ئىستىداتنى نامايەن قىلغان.




مېنىڭچە بولغاندا، كىلاسسىكلار ئۆز ئالدىغا خۇلاسىلاپ، بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيەلەر ئۇلارنىڭ ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولدى. ئەگەر ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر بولسا، ئۆز قانۇنىيىتىنى ئۆگۈنۈپ، ئىجادىيەت قىلسا بولىدۇ، بىز تامامەن قارشى تۇرمايمىز. بىراق، ھەممە يازارمەننى ئاشۇ شەكىل قۇرشاۋىغا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ. مېنىڭچە ھەر بىر دەۋىرنىڭ ئۆز نەزەرىيەسى بولۇشى كېرەك. نەزەرىيە يېڭىلىنىدۇ، قايتىدىن قوشۇلىدۇ، چۈنكى ئىجادىيەت يېڭىدىن يېڭى مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىيات مۇھىتىمىز ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولىۋاتىدۇ، ھەر قايسى مەتبۇئاتلار خىلمۇخىل ئىجادىيەت پىرىنسىپلىرىغا بوشلۇق بېرىۋاتىدۇ. كىلاسسىك شېئىرىي شەكىللەردە يازىدىغانلارمۇ بار، يېڭى شېئىرىيەت پىرىنسىپىدا يازىدىغانلارمۇ بار، ھەممىسى ئۆز ئېقىمىنىڭ پىرىنسىپىغا بويسۇنغان ھالدا، تىرىشىپ يېزىۋاتىدۇ، خاتا كەتكەن ئۇقۇملار ئىلمىيلىشىۋاتىدۇ، ئىنچىكىلىشىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىلمىيلىك تېخىمۇ ئۇمۇملىشىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش