ئۆز يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 22:03
مېنىڭچە بولغاندا، كىلاسسىكلار ئۆز ئالدىغا خۇلاسىلا ...
بەزى پىكىرلىرىڭىزگە تازا قۇشۇلمايمەن. ئەگەر كىلاسسىكلارنىڭ قوللانغان شېئىرىيەت نەزەرىيەلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىپ بولغان بولسا ھازىرقى شائىرلىرىمىز ئارۇزدا يېزىپ يۈرمەيىتتى. سىز بىزلەر ھەم ئارۇزنى ئۈگىنىمىز ھەم بۇ نەزەرىيەلەرنى تەتقىق قىلىمىز دەو يۈرمەيىتتۇق. ئەگەر راستىنلا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغان بولسا نەۋايى ۋە بابۇرلاردىن كىيىن ئۆتكەن شائىرلار ئارۇزنى ئۈگەنمىگەن ھەم ئۇنىڭدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغان بولاتتى.
توغرا، ھەرگىزمۇ بىر نەزەرىيەگىلا ئىسىلىۋالماسلىق كېرەك. قايسىدا ياخشى ئىجاد ئىتەلىسە شۇنىڭدا يىزىشى. زورىغا يازماسلىق كېرەك.