كۆرۈش: 2918|ئىنكاس: 40

نۇربەگ(ئىزگۈگە): ئاۋازنىڭ ئىسيانى ۋە قىيامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                    « ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا يوللانغان ئەسەر



                      ئاۋازنىڭ ئىسيانى ۋە قىيامى

                               شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ


ــ ياش شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ « ئاۋازلىق ئوقيا »ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا يانداشما

شائىر نېمە دەيدۇ؟ مېنىڭچە، شائىر ھېچنېمە دېمەيدۇ. بىز سەۋەبلەر دۇنياسىدا شائىرغا ھەممىنى ئارتىپ قويۇشتىن ئىبارەت مەسئۇليەتتىن قېچىشتا شائىرنى ئۇلۇغلىدۇق ھەم خاھىشىمىزنى ئاساسىي نىشان قىلىپ لەنەتلەرگە كۆمۈپ تاشلىدۇق. شائىر بىلەن شېئىرغا بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ تېيىزلىق سەۋەبلىك شائىر بىلەن شېئىرغا « يۈك » ئارتىشقا كۆنۈپ كەتتۇق. بىزدىكى بۇ نورمال بولمىغان چۈشەنچە كۆپىنچە ئەھۋالدا شائىرنىڭ تېڭىرقىشى بىلەن شېئىرنىڭ ئەسلى ئاۋازىغا يېقىنلىشالماسلىقتىن ئىبارەت تراگىدىيىگە ئاساس بولدى. شائىر تىل دېڭىزىدا ساھىل بىلەن ئۆركەشنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئوخشىمىغان رەڭ ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرلىگۈچى بىر ھۈنەرۋەن بولىشى بىلەن بارلىق ھۈنەرۋەنلەردىن پەرقلىنىدىغان تىلچىدۇر! شۇڭا، شائىرنىڭ ۋەتىنى تىلدۇر، شائىرنىڭ زامانى تىلدۇر، شائىرنىڭ تەپەككۇرى تىلدۇر! تىلسىزلىق شائىرنىڭ قىيامىتىدۇر! بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شائىر تىلنى ئۈنگۈچى ھەم كۆمگۈچىدۇر!...
ئۇيغۇر شېئىريىتى دېگۈدەك تەتقىقاتقا ئېرىشەلمىگەن يىتىم ئارال. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەن ئاتالماقتا. ماھىيەتنى چىقىش قىلغىنىمىزدا، بىر مىللەت ياكى بىر توپنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بۇ شېئىرىيەت يەككىلىك تەتقىقاتىغا مۇيەسسەر بولىشى كېرەك ئىدى. مېنىڭ بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىشىمدا مۇئەييەن كۆز قاراشلىرىم بار. ھەر قانداق بىر تەتقىقات ئىنچىكىلىك، يەككىلىك ئۈستىدە بولمايدىكەن، ئومۇمىيلىققا ياندىشىپ، دان بىلەن پاخال ئارىلىشىپ كېتىدۇ –دە، تەتقىقات يۆلۈنىشى ھەر قانچە ئايدىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ساپلىق دەرىجىسىگە يېتىپ بارالمايدۇ. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ ئىلگىركى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، يەككىلىك بىلەن ئىنچىكىلىك نەزەرنىڭ سىرتىغا تاشلانغان. شۇڭا، سەنئەتكارلارنىڭ بولۇپمۇ ئەدىبلەرنىڭ يەنە كېلىپ شائىرلارنىڭ ئۆرلىشى بىلەن چۆكۈشى ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن. بۇنداق بىنورمال تەتقىقات ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى شائىرلىرىمىزنىڭ تېڭىرقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەتقىقاتىمىزدىكى بۇ يېتىشسىزلىكنى نەزەرگە ئېلىپ، مەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى « ۋاھىتجان ئوسمان شېئىريىتى »گە يانداشما قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان قاراشلار پەقەت ماڭىلا خاس بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا يېتىشسىزلىكلەرنىڭ بولىشى تەبىئى. ئوخشىمىغان قاراشلار بولغىنىدا، يەنىلا ئوڭ قولۇم كۆكسۈمدىدۇ !
  ۋاھىتجان ئوسمان كىم ؟ ئۇ ( ۋاھىتجان ئوسمان ) ئۆزلىكىنى ئىزدەۋاتقۇچى. سانسىز ۋاھىتجان ئوسمانلار ئىچىدىن ھەقىقىي ۋاھىتجان ئوسماننى تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پايانىنى كېزىۋاتقان بىر سەيياھ! بىز ئادەم ۋاھىتجان ئوسماندىن كۆرە، شائىر ۋاھىتجان ئوسماننى بەكرەك تۇنۇيمىز. گەرچە ۋاھىتجان ئوسمان بىزگە ئالەمچە نەتىنجىلىرىنى بېرەلمىگەن بولسىمۇ ۋاھىتجان ئوسمانچە نەتىنجىلەرنىڭ بىرى بولغان « ئاۋازلىق ئوقيا »نى سۇندى. ۋاھىتجان ئوسمان ئۆزىنىڭ شېئىرىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن 28 يىل ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بىلەن مەنە ئارىسىدا ياشىدى. دېيىش كېرەككى، بۇ سەپەر ۋاھىتجان ئوسماننى « ئاۋازلىق ئوقيا »غا ئېرىشتۈردى. بىز ۋاھىتجان ئوسمانغا باھا بەرمەيمىز. چۈنكى، باھانى ئۆزىنىڭ شېئىرلىرى بەردى، بېرىۋاتىدۇ ھەم بېرىدۇ. بىز بىر كىتابخانلىق سالاھىيىتىمىز بىلەن ئۇنىڭ مەزكۇر توپلامىنى ئۆزىمىزگە خاس بولغان تەپەككۇر بىلەن ئوقۇيمىز ھەم ئوقۇش جەريانىمىزنى باشقا كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
شائىر نېمىنى يازىدۇ؟ مېنىڭچە، شائىر ھېچنېمىنى يازمايدۇ. ئەسكەرتىش كېرەككى، « يېزىش »تىن ئىبارەت شېئىر بىلەن ھېچقانداق بۇناسىۋەتتە بولمىغان بۇ ئاتالمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان تالاي كىشىلىرىمىز شېئىرنىڭ، دەۋرنىڭ سىنىقىدىن ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنىڭ سىنىقىدىنمۇ ئۆتەلمەي، ھاياتىنى بىھۇدىلىككە تاپشۇردى. بىزدىكى بۇ « بىھۇدىلىك » كە تاپشۇرۇش، چىن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىمىزنى يېڭىلاشقا بولغان پەرۋاسىزلىقىمىزنىڭ نەتىنجىسى. بىزدىكى تۆۋەن تەپەككۇرلۇق شائىرلار بىلەن ئوتتۇرا تەپەككۇرلۇق شائىرلارنىڭ « بىھۇدىلىك تراگىدىيە »سى « يېزىش » بىلەن « خاتىرلەش »تىن ئىبارەت ئىككى ئاتالمىنىڭ پەرقىنى ئاڭقىرالماسلىقتىن كېلىپ چىققان « تراگىدىيە » دۇر! مەن بۇ قاراشلىرىمنى شائىرنىڭ « قەلبىمنىڭ يەنە بىر يۈزىدە » دېگەن لىرىكىسى ئارقىلىق ئاساسقا ئىگە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم. باشقا كىتابخانلارنىڭمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى مۇددىئا قىلىپ، تېكىستنى ئوقۇش ئېھتىياجى بۇيىچە تولۇقى بىلەن دىققەتكە سۇنىمەن.   
قەلبىمنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ،
ئوت كەتكەن يەر بار ،
        ئوتنىڭ ئىچىدە يالغۇز بىر ئۆي بار ،
  ئۆينىڭ ئىچىدە پەقەت مەنلا بار ،
         ئوت كۆيۈپ قاقلىنار مېنىڭ تەپتىمگە .
      ئۆينىڭ ئالدىدا چەكسىز دېڭىز بار ،
     دېڭىز ئۈستىدە قولۋاقلىق قىز بار ،
   مەن قاقلىنىمەن قىزنىڭ دەردىگە .
قىز سۆزلەيدۇ تىنماي ھېكايە ،
شەھرىزادنى بوغۇپ قەرزىگە .
    ئۈچ بۆلەكلىك مەزكۇر لىرىكىنىڭ دېكلىماتسىيە قىلغىنىمىز بىرىنچى بۆلىكىدۇر.  شائىر بۇ بۆلەكتە بىر نېمە دېگەنمىدۇ؟ مېنىڭچە، شائىر ھېچنېمە دېمىدى. ھەتتا بىزمۇ ھېچنېمە دېمەيمىز. بىز نېمىگە ئېرىشتۇق؟ بىز شائىرنىڭ خاتىرلەنگەن تۇيغۇسىغا ئېرىشتۇق. شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا بولغان سادىقلىقى بىزنىمۇ سادىق بولۇشتىن ئىبارەت يېڭىچە شېئىر ئوقۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ. ئىلگىركى شېئىرى تەتقىقاتلارغا ئوخشاش « ئىدىيە يۈكلەش ئويۇنى » بىزنىڭ شېئىر ئوقۇش قائىدىمىز بولماسلىقى كېرەك. كۆنۈپ كەتكەن تەپەككۇر بۇيىچە تالاي ئوقۇرمەنلەر شائىر زادى يۇقۇرىدىكى بۆلەكتە نېمە دېمەكچى، شائىر قانداق ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن؟ دېيىشتىن باش تارتمايدۇ. بىز بۇنى نېمە دەيمىز؟ دەل كىتابخان كىرىزىسى دەيمىز! بۇ يەردە شائىر ھېچقانداق ئىدىيىنىڭ قورشاۋىدا ئەمەس. ناۋادا ئىدىيە قورشاۋىدا تۇرۇپ « خاتىرلەش »نىڭ ئورنىغا « يېزىش »نى دەسسىتىدىغان بولسا، بىز قەلبنىڭ ئەمەس، رېئاللىقنىڭ ساختا بىر يۈزىنى كۆرگەن بولاتتۇق. بىز ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلغان ھېسلىرىمىز دەل مەزكۇر مىسرالارنىڭ داۋامى ھەم تولۇقلىمىسى بولىدۇ. مەزكۇر مىسرالارنى قانداق يوسۇندا داۋاملاشتۇرۇش ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ شېئىر ئوقۇشتىكى ساپاسىغا باغلىق!      
شائىر تۇيغۇنى خاتىرلىگەن ئىكەن، بىز مەيلى يېڭى كىتابخان بولايلى ۋەياكى كونا كىتابخان بولايلى ئوقۇشتىن ھاسىل قىلغان ھاسىلاتلارنى خاتىرلەشكىلا يۈزلىنىمىز. بىز دەۋاتقان خاتىرلەش شائىرنىڭ تۇيغۇنى خاتىرلىشىگە ئوخشىمايدىغان يەنى شېئىرنى ئوقۇشتىن ھاسىل بولغان تەسىراتنى خاتىرلەشكە قارىتىلغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ شېئىرنى قانچە قېتىم، قانداق ئۇسۇلدا ئوقۇشىمىز تامامەن ئوقۇرمەنلىك ئەركىنلىك!  
  1- قېتىملىق ئوقۇش خاتىرىسى: تىل نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، خەلق قوشاقلىرىنىڭ پۇرىقى بىلەن مەنىگە بولغان يۈزلىنىشتە تېپىشماقلىق ئالاھىدىلىك ئۆزىنى ئايان قىلدى. دېمىسىمۇ ۋاھىتجان ئوسمان شېئىرلىرىغا قارىتا تىل نوقتىسىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمىزدا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەبەدىي ئۆچمەس تەسىرىنى سەزمەي قالمايمىز. ھۆرمەتلىك كىتابخان كەمىنە مۇئەللىپ يۇقۇرىدىكى ناھايىتى قىسقا بولغان ھۆكۈمنى بىر پارچە شېئىرغا قاراپلا دېگىنى يوق.  « ۋاھىتجان ئوسمان شېئىريىتى »نى قانچىلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلساق، تىل نوقتىسىدىن قارىغاندا، مەن يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئاددىي، ئەمما جىلۋىگەر، مەنىدارلىقتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تىل سېزىمىنى ھېس قىلىمىز. « ۋاھىتجان ئوسمان شېئىريىتى »دىكى بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ تۈپكى مەنبەسى توغرىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولغىنىمىزدا، بىزگە ئايان بولىدىغىنى، ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئائىلىۋى مۇھىتىدىن تارتىپ، ئۇزۇن يىللىق خىزمەت شارائىتىغىچە بولغان مۇساپىدە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى  توپلاش، ئۈگۈنۈش، رەتلەش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەت « ۋاھىتجان ئوسمان شېئىريىتى »گە خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىل سىزىمىنى ئاتا قىلغان.
  2- قېتىملىق ئوقۇش خاتىرىسى: مىسرالارنىڭ ئۆز ئارا بوشلۇق مۇناسىۋىتى بىزنىڭ تەسەۋۇر مەنبەيىمىز بولىدۇ. شائىر ئۆزىگە چۇڭقۇرلاشتا  ئىچىنىڭ تېشىدىن ئىچىنىڭ ئىچىگە قارىتا سوزۇلغان تۇيغۇ سەپىرىنى يارىتىش بىلەن بىرگە ئىچىنىڭ ئىچىدىن ئىچىنىڭ تېشىقا قايتىشتىن ئىبارەت تۇيغۇ سەپىرىنى بىركتۈرگەن. يەنە شۇنىمۇ تولۇقلايمىزكى، شائىر مەزكۇر بۆلەكتە ئىچىنىڭ ئىچى بىلەن ئىچىنىڭ تېشىنى خاتىرلەشكە تۇتۇنغان. بىز شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا يانداشقان ھالدا مىسرالار مۇناسىۋىتىگە دىققەتتە بولىدىغان بولساق، شائىر ئۆزىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇرىدىن ئۇچراتقان ئۆزىنى ھەم ھەل قىلغىلى بولمايدىغان تراگىدىيە مەنبەسى بولغان « قىز »نى چېلىقتۇرىمىز. شائىر ئۆزىگە شۇنداق ئاسان ئېرىشەلىگەنمۇ؟ شائىرنىڭ ھۈنىرى شۇ يەردىكى، شائىر ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى خاتىرلەشتە قەلبىنىڭ تۇنۇش بولغان « يەنە بىر يۈزى »دىن شېئىر باشلانما ھاسىل قىلغان. ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتمە شۇكى، شائىر ئۆز قەلبىنىڭ ناتۇنۇش يۈزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، « تۇنۇش بولغان يۈزى »دىن خاتىرلەش باشلىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، مەزكۇر شېئىرنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئۇچۇرنى تەقدىم قىلىدۇ. بىز شائىر قەلبىنىڭ تۇنۇش يۈزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مىسرالار ئۈستىدە تەسەۋۇر ئېلىپ بارغانلىقىمىز ئۈچۈنلا، « شېئىرى باشلانما » دېگەن تۇراقسىز بېرىكمىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇق.
   شائىر « قەلب »تىن ئىبارەت ئابىستىراكىت ئاتالمىنى چەكسىز بىر ماكان ئۇقۇمىدا تۇيغاچقا، ئۇ( قەلب )نىڭ ئۆزىگە تۇنۇش بولغان مەلۇم بىر بۆلىكىگە « ئوت كەتكەن يەر، ئوت ئىچىدىكى يالغۇز بىر ئۆي، ئۆي ئىچىدىكى پەقەت ئۆزى »نى تۇيۇشتا ئۆزگىچە شېئىرى مەنزىرە ھاسىل قىلغان. بۇ مەنزىرە دەل بىز يۇقۇرىدا تەسەۋۇر قىلغان ئىچىنىڭ تېشىدىن ئىچىنىڭ ئىچىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تۇيغۇ خاتىرلەش سەپىرىدۇر! بىز بۇ تۈردىكى خاتىرلەش بىلەن شېئىر قىممەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق مۇئامىلە تۇتىمىز؟ شائىردىن ئىبارەت سەرسانلىققا يۈزلەنگۈچى  نۆۋىتى كەلگەندە تېڭىلغان بارلىق مەجبۇرىيەتلەردىن ۋاز كەچكۈچىدۇر! شائىردىكى بۇ ۋاز كېچىش تولمايدىغان بولۇمغا قارىتا تولۇش ئىستىكىنى قوزغاتقان بولىدۇ. شائىر ئۆزىدىكى بىردىن بىر ئىمتىياز بولغان تۇيغۇ ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇدىيىتى ئۈستىدە ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ. شائىر ۋاھىتجان ئوسمان ئۈچ مىسرالىق سەپىرىدە بارلىق تەسەۋۇرىمىزدىن ھالقىغان ھالدا ئەڭ چۇڭقۇرىدىكى ئۆزىنى كۆرەلىدى. ئۆزىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن تارتقان مۈشكىلاتىنى « ئوت » ئىماگى ئارقىلىق بىزگە ئۇقتۇردى. شائىر نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە شۇنچە قىيندا بارالايدۇ؟ بۇ يەردە ئۆزىنى تۇيۇشتىن ئىبارەت مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىنسان تۈركۈمىگە نېسىپ بولمايدىغان تۇيۇشقا ئېرىشەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بۇ ئامەتلىك شائىر ئۆزىنى كۆرەلىدى. بۇ يەردىكى ئۆزىنى كۆرۈش ئادەتتىكى ئۆزىنى كۆرۈش بولماستىن، بارلىق تېڭىلمىلاردىن ھالقىغان ھالدىكى ئۆزىنى كۆرۈشتۇر! شائىر ئۆزىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئېرىشىلمەچۇ؟ بۇ ئېرىشىلمە « ئوت كۆيۈپ قاقلىنار مېنىڭ تەپتىمگە »دىن ئىبارەت. مەزكۇر شېئىرنىڭ بالاغىتى تېنىمسىز تاشقىنلىۋاتقان بۇ مىسرا « ۋاھىتجان ئوسمان شېئىريىتى » ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇر شېئىريىتى ئۈچۈنمۇ تەتقىقات قىممىتىگە ئىگىدۇر! نېمىشقا شۇنداق يۇقۇرى باھا بېرىمىز؟ ئالدى بىلەن مەزكۇر مىسرا باھانى ئۆزىگە ئۆزى بەردى. بىز مىسرانىڭ بۇ پىچىرلىشىنى تۇيغانلا ئارتۇقچىلىقىمىز بار. يەنە بىر نوقتىدىن كۈزەتكەندە، كۆيىۋاتقان ئوتنىڭ « مەن »نىڭ تەپتىگە قاقلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت يېڭىچە تىل مۇھىتىدىن  بىز نېمىنى چۈشىنىشىمىز مۇمكىن؟ ئەنئەنىۋى تىل مۇھىتىدىن ھالقىغان شائىر تەشۋىشىگە يېتىپ بارالىغان. تەشۋىشكە بارالىغان شائىر روشەنكى، تىلنىڭ يورۇق تەرىپىدىن ھالقىپ، قاراڭغۇ تەرىپىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. بۇ « يۈزلىنىش » قانچىلىك داۋام ئەتتى؟ بىز بۇ سۇئالغا مەزكۇر بۆلەكنى داۋاملىق ئوقۇش ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدىكى قىياسەن جاۋابقا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.     
   3- قېتىملىق ئوقۇش خاتىرىسى: مەزكۇر بۆلەكنىڭ داۋامىدىكى خاتىرە شائىرنىڭ ئىچىنىڭ ئىچىدىن ئىچىنىڭ تېشىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇيغۇ خاتىرلەش جەريانى. شائىر ئىچىنىڭ تېشىدىكى چەكسىزلىكتىن ئىبارەت بىر چەكنىڭ يورۇق بۇرجىكىدە دېڭىزغا يولۇقىدۇ. بىز بۇ يەدە دېڭىز دېگەن نېمە؟ دېگەن سۇئالنىڭ ئورنىغا دېڭىز دېگەن كىم؟ دېگەن سۇئالغا ئۇچرايمىز. دېڭىز ئۈستىدىكى قىز كىم؟ بىزنى تەشۋىشكە سالىدىغان بىر ھادىسە شۇكى، شائىر قىزنىڭ دەردىگە قاقلىنىۋاتقان...! شائىر بۇ بۆلەكتە خاتىرلەش بىلەن تىل ئويناش ھۈنىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر مۇھەببەت لىرىكىسىغا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە يېڭىچە باشلىنىش قىلغاندەك تاشقى تەسىر بەرمەي قالمايدۇ. ئەمما، مەزكۇر بۆلەكنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسى بىزنىڭ پۈتۈن سىزىملىرىمىزنى يوققا چىقىرىدۇ. شائىر نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى مىسرانى خاتىرلەشكە مەجبۇر بولغان؟ قارىغاندا شائىر تېخىچە كونىلىقنىڭ قورشاۋىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالمىغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، مەزكۇر ئىككى مىسرانىڭ مەيلى شېئىرى بوشلۇققا قارىتا بولسۇن، مەيلى « مەن » بىلەن « قىز »نىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان تراگىدىيىسىگە بولسۇن ھېچقانچە زۆرۈريىتى يوق! تۇيغۇنى سەمىمىي خاتىرلەش بىلەن باشلانغان بۇ بۆلەك پىكىر يۈكلەشتىن ئىبارەت سەمىمىيەتسىزلىكتە ئاخىرلاشقان. بۇ خىل خاھىش مۇتلەق كۆپ ساندىكى شائىرلىرىمىزدا كۆرۈلىۋاتقان ئومۇمىي ھادىسە، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شائىر ۋاھىتجان ئوسمانغا ئىدىيە يۈكلەشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا سەمىمىي تەكلىپ بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز! ...                     
4- قېتىملىق ئوقۇش خاتىرىسى: ئىماگلار توغرىسىدا ھەر بىرىمىز خاھىشىمىز بۇيىچە ئىزاھلارغا يۈزلىنىمىز. قىستۇرما شۇكى، ئىزاھ ھەر بىر كىتابخاننىڭ ئوقۇش مىتودى بۇيىچە بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇنتىزىملىقتىن خالىيدۇر! ئوت كەتكەن يەر – ئىشىق ۋادىسى؛ ئوت ئىچىدىكى تەنھا ئۆي – ئومۇمىيلىقنىڭ ئايرىملىق ھالى؛ ئۆي ئىچىدىكى« مەن » - بارلىق تېڭىلمىلاردىن ھالقىغان، ھەر نەرسىگە قارىتا ئۆزىنى مۇھەببەتلىك ئاتىغان ئاشىق؛ دېڭىز – ئىنسانىيەتنىڭ ياشام مەنبەسى بولغان قاراڭغۇلۇق ياكى ئازاب؛ قىز – ئەبەدىي ھەل بولمايدىغان تراگىدىيە!   
5- قېتىملىق ئوقۇش خاتىرىسى: بىز بۇ خاتىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر لىرىكىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنى تولۇق تاپشۇرۇشنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىمايمىز .
قەلبىمنىڭ يەنە بىر يۈزىدە ،
قۇش ئارىلى بار ،
ئۇ يەردە قۇش جەمەتى بىللە ياشايدۇ ،
ئۇلارنىڭ تىنىقىدىن باھار پۇرايدۇ .
يالغان سايراپ ، يالغان ئۇچمايدۇ ،
تالاشمايدۇ ئۇۋا ھېچقاچان .
تەڭ تالاشتا تەرگەن – تاپقىنى ،
ئۇلاردا يوق تۆۋەن – يۈكسەكلىك ،
ئۇلاردا بار ساپ غۇرۇر – ۋىجدان .
ئۇلار بىلمەس ئۈركۈپ – قېچىشنى ،
ئۇلار بىلەر ئەركىن ياشاشنى ،
ئۇلار بىلمەس رىزىق قىيىشنى ،
ئۇلار بىلەر قەلب دېرىزىسىنى ئېچىشنى ...
  بىز مەزكۇر بۆلەك توغرىسىدىكى خاتىرىدە ئىككى خىل كىتابخان يەنى كونا كىتابخان بىلەن يېڭى كىتابخان سالاھىيەتتە دېئالوگقا قاتنىشىمىز. كونا كىتابخان دېگىنىمىزدە، سەنئەتكە ئىدىيە يۈكلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەربىيىۋى رولىنى كۆككە كۆتۈرگۈچىلەر نەزەرگە ئېلىنىدۇ. يېڭى كىتابخان دېگىنىمىزدە، سەنئەتنىڭ ئىدىيىۋىسىزلىكنى نەزەرگە ئېلىپ، تىلنىڭنىڭ يورۇق تەرىپىگە ئەمەس، قاراڭغۇ تەرىپىگە يۈرۈش قىلغان، تىلدىكى تەشۋىشنى مەنبەلىگۈچىلەر نەزەردە تۇتىلىدۇ. كىتابخانلىقنىڭ بۇ ئىككى قاتلىمى ئەدەبىياتىمىزنىڭ بولۇپمۇ شېئىريىتىمىزنىڭ مەھەللىۋى پاسىلدا بەرق ئۇرۇشى بىلەن دۇنياۋى لەرزىگە ئېرىشىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ھالقا. بىز پىكىرىمىزنى مۇشۇ يۆلۈنۈشتە ئىلگىرى سۈرگىنىمىزدە ئىدىيىۋىلىكنى تەرغىپ قىلغان ئاممىباب ئەدەبىيات بىلەن ئىدىيىۋىسىزلىكنى چىقىش قىلغان يېڭىچە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ خاس بولغان نەزىريىۋى ئاساسىغا ئېرىشىپ، ئۆز ئىجادىي ئەمەلىيىتىگە ماس بولغان كىتابخانلار قاتلىمىنى ھاسىل قىلىپ، ھېچقانداق ئىدىيىۋى خاھىشنى ھاسىل قىلالمىغان ئەخلەت ئەدەبىياتنى ئەدەبىياتىمىز تۇپرىقىدىن سىقىپ چىقىرىشقا ئاساس ھازىرلىغان بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئاپتۇرلار قوشۇنىمىزدىكى تېڭىرقاشقا خاتىمە بېرىپ، يېڭىدىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ياش كۈچلەرنىڭ يول تاللاش ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، نەزىرىيە قۇرلىشىمىزدىكى بۇنداق ئىنچىكىلىكنىڭ ھازىرقى ۋە كېيىنكى ئەدەبىيات رېئاللىقىمىز ئۈچۈن پايدىسى باركى، ھېچقانداق زىيىنى يوق! پىكىرىمىزنىڭ ئەسلىي يۆلىنىشىگە قايتىپ كەلگىنىمىزدە، دىققىتىمىز ئىككى خىل كىتابخاننىڭ دېئالوگىدا بولىدۇ .
كونا كىتابخان: شائىر تىل ۋاستىسى ئارقىلىق قانداق مەنىنى ئىپادە قىلماقچى بولغان؟ بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شائىر تاللىغان ئىككى لىرىك لېنىيە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. بۇ لىنىيەنىڭ بىرى، قۇشلار ئارىلى ۋە قۇشلار جەمەتىنىڭ تەبىئى ھايات كۆرنۈشى. شائىر قۇشلار دۇنياسىدىكى ئۆزگىچە بولغان تۈرلۈك ھايات مىلۇدىيىسىنى كۈيلەش بىلەن بىرگە ئىككىنچى لېنىيەگە ئۆتىدۇ. شائىر ئىككىنچى لېنىيەگە ئۆتۈشتە قۇشلار دۇنياسىدىكى تېبىئى ھايات رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدىكى بىنورمال پىسخىكىغا قارىتا لېرىك مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. قاراڭ، « ئۇلاردا يوق تۆۋەن – يۈكسەكلىك \ ئۇلاردا بار غۇرۇر – ۋىجدان » دېگەن مىسرالاردا بىزنىڭ يۇقىرىدىكى قاراشلىرىمىز ئۆز ئىپادىسىنى تاپماي قالمايدۇ. شائىر بۇ بۆلەكتە يەنە سېلىشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىنىڭ ياردىمىدە پىكىرنى قۇشلارغا ئاساسىي ۋاستە قىلىپ، باغلانما تەسەۋۇرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى ئۆزگىچە چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەپەككۇر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بىر پەللە ئۆرلەش دېسەك چوقۇمكى خاتالاشمايمىز . شائىردىكى يەنە بىر ئارتۇقچىلىق پىكىرنى قەستەن غۇۋالاشتۇرمىغان. ئوقۇغانلىكى ھەر قانداق ئادەم شائىرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەي قالمايدۇ. شائىرنىڭ مەسئئۇليىتى نېمە؟ چوقۇمكى شائىر ئۆزى تەۋە رېئاللىققا نىسپەتەن چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، شائىرنىڭ دەۋر ئالدىدىكى مەسئۇليىتىگە يەنە نېمىلەر دېيىشىمىز مۇمكىن؟!   
يېڭى كىتابخان: نېمە ئۈچۈن تەشۋىش شېئىرى قىممەت بولىدۇ؟ شائىرنىڭ تەشۋىشكە تۇتۇلىشى دەل ئۆز ئازابىغا يۈزلىنىشى. بىز دەۋاتقان بۇ ئازاب پۈتۈن تېڭىلمىلاردىن ئازات بولغان شائىرنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى تۇيۇشىدۇر! ھەمممىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى تۇيغان شائىر شۈبھىسىزكى، دەخلىسىزلىككە ئېرىشىدۇ. دەخلىسىزلىككە ئېرىشكەن شائىر– تەڭرىدۇر! دېمەك، تەشۋىش شېئىرنىڭ ئەبەدلىك ئىچكى ئېنىرگىيىسىدۇر. تەشۋىشنى خاتىرلەيدىغان تىل قانداق تىل؟ تەشۋىشنى خاتىرلەيدىغان تىل تۇيغۇ تىلىدۇر! تۇيغۇ تىلى دېگىنىمىز، تىلنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىگە يۈزلەنگەن تىلدۇر. تىلنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىچۇ؟ تىلنىڭ ئىنسانلارغا تۇنۇش ( يورۇق ) بولغان تەرىپىنى ئەمەس، قاراڭغۇ ( ناتۇنۇش ) بولغان تەرىپى كۆزدە تۇتىلىدۇ. قېنى  بۇ خىل نەزىريىۋى چۈشەنچىمىز بىلەن مەزكۇر بۆلەككە دىققەتتە بولىدىغان بولساق، شېئىرى جۈملە( مىسرا ) تۈزۈلۈش جەھەتتىن شېئىرسىزلاشتۇرۇلغان. 13 مىسرالىق بۇ بۆلەكتىن بىز پەقەت ئەنئەنە چۈشەنچە بۇيىچە مۇئامىلە قىلىپ « ئۇلارنىڭ تىنىقىدىن باھار پۇرايدۇ .\ ئۇلار بىلەر قەلب دەرىزىسىنى ئېچىشنى... » دېگەن ئىككى مىسراغا ئېرىشىمىز. بىز بۇ ئىككى مىسرانى شائىرنىڭ تەشۋىشى ھەم تۇيغۇ تىلى نوقتىسىدىن تەكشۈرگىنىمىزدە، ھېچقانچە شېئىرى تىللىق ئالامەتكە ئېرىشەلمىگەن نەسرى جۈملە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. بۇ بۆلەك ئارقىلىق شائىرنى ئىنچىكە تەكشۈرگىنىمىزدە، شېئىر بولغان ئىكەن چوقۇم مەلۇم بىر ئىدىيىنى ئىپادىلەيدۇ، دېگەن توغرا بولمىغان قاراشتا تۇرۇپ قالغان. بۇنداق قاراشنىڭ تۈرۈتكىسىدە، قۇشلار دۇنياسىدىن ئۈنۈمسىز ھالەتتە ھالقىپ، ئادەملەر دۇنياسىدا ۋەز- نەسىھەتكە تۇتۇنغان. مەزكۇر بۆلەكنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇشۇ نوقتىلاردا بولسا كېرەك! مەغلۇبىيەتنىڭ بۇ كۆرنۈشى ۋاھىتجان ئوسماندىلا ئەمەس، شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەۋجۇت. بۇنداق ھادىسەنىڭ ئومۇمىيلىق ھاسىل قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەب، شائىرلىرىمىزنىڭ ئۆزىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىدە ھەم تەپەككۇر چۈشەنچىسىنىڭ كۈنسايىن تېيىزلىشىۋاتقانلىقىدا...           
   6- قېتىملىق ئوقۇش خاتىرىسى:     
قەلبىمنىڭ يەنە بىر يۈزىدە،
سەن بىلمەيدىغان تالاي جايلار بار.
ئىككى مىسرادىن تەركىب تاپقان بۇ بۆلەك مەزكۇر لىرىكىغا نىسپەتەن ھەم باشلىنىش، ھەم ئاخىرلىشىش ۋە ھەم داۋاملىشىشتۇر! ئۈچ خىل ئېھتىماللىقنىڭ قايسىنى تاللىساق بولىدۇ. بىز تاللىغان ھەر بىر ئېھتىماللىق بىزنىڭ كىتابخانلىق سۈپىتىمىزنى ئاشكارىلايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا، ئۈچ خىل ئېھتىماللىقنىڭ ھەر بىرىنىڭ تاللاش ئۇبيېكتىلىرى بار. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، بىز زاپاس كىتابخانلار قوشۇنىغا ئىگە! ناۋادا يەنە بىر خىلدىكى كىتابخانلار قوشۇنى چىقىپ، بىز ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ خىل ئېھتىماللىقنىڭ ھېچبىرىنى تاللىمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟ شۇنداق كىتابخان چىققىنىدا، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ مەھەللىۋى قاشاسى( شورا تېمى )دىن ئاتلىيالايدۇ. بولمىسىچۇ؟ بىز يەنىلا شائىرلار ئىچىدە ياشايمىز!... ئالتە قېتىملىق ئوقۇش خاتىرىمىزدىن قىسقىچە خۇلاسسىگە ئورۇن بەرگىنىمىزدە، بىز نېمىگە ئېرىشتۇق دېگەن سۇئالغا دۇچ كېلىمىز. كىسىپ ئېيتىمىزكى، بىز مەزكۇر لىرىكىنى ئالتە قېتىم ئوقۇش ئارقىلىق يېڭى شائىر ۋاھىتجان ئوسمان بىلەن كونا شائىر ۋاھىتجان ئوسمانغا ئېرىشتۇق. يېڭى شائىر ۋاھىتجان ئوسمان كىم؟ مەلۇم دەرىجىدە تىل مۇناسىۋەتلىرىگە ئىستىخىيىلىك ھالدا يۈزلىنىۋاتقان ۋاھىتجان ئوسماندۇر. ئۇنداقتا كونا شائىر ۋاھىتجان ئوسمانچۇ؟ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان، شېئىر بىلەن مەنىنىڭ مۇناسىۋىتىدە تىلنىڭ تۇنۇش تەرىپىدە تۇرۇپ قالغان، شېئىرغا قارىتا مەنە يۈكلەشتىن ئىبارەت ئىدىيىچىلىكتە تاۋلانغان شائىردۇر!
   شائىر نېمىنى تەپەككۇر قىلىدۇ؟ شائىر تىلنى تەپەككۇر قىلىدۇ. شائىر نېمىنى تۇيىدۇ؟ شائىر تۇيغۇنى تۇيىدۇ. شائىرنىڭ تىلنى تەپەككۇر قىلىشى بىلەن تۇيغۇنى تۇيۇشىدىن ئىبارەت يېڭىچە دېيىلمە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شائىرلىرىمىزلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى يۈزلىنەلمىگەن ئىجادىيەت بوشلۇقىدۇر. شائىرلىرىمىز نېمە ئۈچۈن شېئىرنىڭ بۇنداق ئىچكى ئالاھىدىلىكىگە يۈرۈش قىلالمىدى؟ مېنىڭچە، بۇ سۇئالغا ئالدىراپ– تېنەپ جاۋاب بېرىش ئىلمىيسىزلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئەمما، شائىرلاردىن ھەۋەسكارلارغىچە، تەتقىقاتچىلاردىن كىتابخانلارغىچە ئۆز ئويلىرىمىزنى ئورتاقلىشىشنى مۇددىئا قىلساق، تامامەن ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن. مەن بۇ سۇئالغا قارىتا مۇنداق ئىككى نوقتىدا ئويلىشىپ بېقىشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم. ئۇنىڭ بىرى، بىزنىڭ شائىرلىرىمىزدىكى تەپەككۇر كىرىزىسى. ئۇنىڭ يەنە بىرى، بىزنىڭ شائىرلىرىمىزنىڭ كىتابخانسىزلىق كىرىزىسى. شائىرلىرىمىزدىكى تەپەككۇر كىرىزىسىنى قانداق چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ؟ بىزنىڭ شائىرلىرىمىزدا كەم بولىۋاتقىنى يەنىلا ئىجادىي تەپەككۇر. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ شائىرلىرىمىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى بەك يۈزە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەيلى 20-ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىدىكى بىر قىسىم شائىرلىرىمىزنى دەيلى ۋە مەيلى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان خېلى كۆپ ساندىكى شائىرلىرىمىزنى دەيلى ئۇلار تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، دۇنيا شېئىريىتى ۋە شېئىرىيەت نەزىريىسى بىلەن ئۇچراشقان. بېكىنمىچىلىكتىن نىسپەتەن خالىي بولالىغان. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا « كۆزى ئېچىلغان » دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق شارائىتنى يارىتىپ تۇرۇپ، يەنىلا مەھەللىۋى تەپەككۇردا تۇرۇپ قېلىشى ھەر كىمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن بۇ نوقتىدا ئۈزلۈكسىز ئويلىنىپ شۇنداق بىر ئېرىشىلمىگە ئېرىشتىم. ئۇ ئېرىشىلمە بولسا، تارىخىي خارەكتىرلىك تېڭىلمىلاردىن ھالقىيالماسلىق. بۇ تېڭىلمىلار شېئىردىن ئىبارەت تۇيۇلمىنى خاتىرلەيدىغان تىل سەنئىتىنى ئۆزلۈكسىز مۇسادىرە قىلىۋاتقان ئەخلاق، پەلسەپە، دىن، سىياسى ۋە ئۆڭۈپ كەتكەن ئەنئەنىدىن ئىبارەت. شائىر بۇ تېڭىلمىلاردىن ھالقىيالمايدىكەن شېئىرنى « خىزمەت قىلدۇرۇش »تىن ئىبارەت ھېچقانداق شېئىرى ئەمەلىيەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان قۇرۇق نەزىرىيىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىدۇ. جۈملىدىن شائىرمۇ يېڭىلىنىشقا يۈزلىنەلمىگەن تەپەككۇرىنىڭ قۇربانلىقى بولىدۇ. « ئىدىيىنى ئازاد قىلىش »تىن ئىبارەت سىياسى چاقىرىقنى ھېچ بولمىغاندا، بىزنىڭ شائىرلىرىمىز قاتلام– قاتلامغا ئاجرىتىپ تەپەككۇر قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. شائىرلىرىمىزنىڭ كىتابخانسىزلىق كىرىزىسى توغرىسىدا مەن « تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 2010- يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان « تىلنىڭ يېنىش جەريانى » دېگەن ماقالەمدە تەپسىلىي توقتالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن. زۆرۈر دەپ قارىغانلارغا شۇ ماقالىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىز پىكىر يۆلىنىشىنى يانداشما مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىۋاتقان « ئاۋازلىق ئوقيا »غا يۆتكىگىنىمىزدە، شائىر ۋاھىتجان ئوسماندىن خۇرسەن بولۇش بىلەن بىرگە ئاھ ئۇرمايمۇ قالمايمىز. بىزنىڭ خۇرسەنلىكىمىز نەدە؟ شەيئىلەرنىڭ مەھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەشكە قارىتا مەلۇم دەرىجىدە سىناق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇچراتتۇق. شائىرنىڭ بۇ قىسمەن يۈزلىنىشىدن كەلگۈسىدىكى شېئىرى خاتىرلىشىنىڭ قانداق بولىدغانلىقىدىن  مەلۇم دەرىجىدە ئۇچۇرغىمۇ ئېرىشكەندەك بولدۇق. « شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەش » دېگەن بۇ ئاتالما بىزگە نىسپەتەن يېڭى بولمىسىمۇ، بىز ئىجادىيەت ئەمەلىيىتمىزدە تېخىچە يۈزلەنمىگەنلىمىز ئۈچۈن ھەر بىر ئاپتۇردىن تارتىپ كىتابخانغا قەدەر ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ! بىر ئاقىل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە « شەيئىلەرنىڭ مەھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەشنى نېمە ئۈچۈن شېئىرى قىممەت دەيمىز؟ شەيئىلەرگە سۇبىستانسىيە ( ماھىيەت ) ئاتا قىلىش. يەنى، شەيئىلەرنى ماھىيىتى بىلەن ئاتاش » دېگەن سۇئال- جاۋابلىرى ئارقىلىق ناھايىتى ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن. شائىرلار نېمە ئۈچۈن شەيئىلەرنىڭ مەھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەيدۇ؟ شۇنى ئېتىراپ قىلماي ھەددىمىز ئەمەسكى، شائىرمۇ بىر تۇيغۇچى! ئۇ تۇيغۇنى تۇيىدۇ. تۇيۇلمىنى ئۆزىگە خاس بولغان ئاۋازى ( تىلى ) ئارقىلىق خاتىرلەيدۇ. شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا بولغان سادىقلىقى دەل شائىرنىڭ سىرتقى تەسىردىن تېڭىلغان بارلىق تېڭىلمىلاردىن ۋاز كېچىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. شائىر مۇشۇ يۈكسەكلىككە چۇڭقۇرلىيالىغاندا، تۇيغۇدىن ئىبارەت قاپقارا زۇلمەتزارلىقتىكى تۈرلۈك شەيئىلەرنى ئۆز ئاۋازى، ئۆز رېڭى بىلەن خاتىرلەيدۇ. بۇ نوقتىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، شائىرنىڭ خاتىرلەۋاتقىنى تۇيغۇ تىلىدىن ئاڭلىنىۋاتقان سادادۇر! شائىرنىڭ بۇ سادانى ئاڭلىشى دەل تۇيۇشىدۇر! تۇيۇلغاندىن كېيىنكى خاتىرلەنگەن خاتىرە دەل تۇيۇلمىدۇر! شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شائىر ھېچ بولمىغاندا، سۆز بىلەن گەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى پەرقلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ساۋاتقا ئىگە بولىشى كېرەك!... بىز يۇقۇرىدىكى قاراشلىرىمىزغا مەزكۇر توپلامدىن بىر قانچە مىسال ئېلىپ دەلىللەش ئېلىپ بارىمىز.
شامال ساڭا ئەگىشىپ كەلدى قەشقەرگە،
ئۆگەندى كوچىدا سەرسان يۈرۈشنى،
ئاھىڭدىن چىراغنىڭ پىلىكى ئۆچتى.
تاپىنىڭدىكى ھەر بىر يېرىققا،
گۈلەختە ئېچىلغان تۈتەكلەر كۆچتى.
           ــ « شاھ مەشرەپ »تىن
تۇيۇلما ئۇبيېكتى كىم؟ دەل شاھ مەشرەپ. ئۇنداقتا تۇيغۇچىچۇ؟ شائىر! شائىر نېمىنى تۇيدى؟ شائىر دەل شاھ مەشرەپنىڭ كەچمىشىنى تۇيدى. شاھ مەشرەپنىڭ ھەر قانداق بىر شائىرغا ئوخشىمايدىغان كەچمىشى دەل ئۇ( شاھ مەشرەپ )نىڭ ماھىيىتى! بىز يەنىمۇ ئىنچىكىلەش ئارقىلىق شائىر مەزكۇر كوبلىتتا شاھ مەشرەپكە ماھىيەت ئاتا قىلالىغانمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا دەلىللەش ئېلىپ بارىمىز. « شامال ساڭا ئەگىشىپ كەلدى قەشقەرگە » دېگەن مىسرادا تاشقى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نەمەنگەندە ئىلاھى ئىشىققا مەست بولغان مەشرەپنىڭ ماكانسىزلىقتىن ئىبارەت ماكانىنى ئىزدەش سەپىرىدىكى ئۆتكۈنچى ئۆتەڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت رىيازەتلىك كەچمىشى تۇيغۇمىزغا شولا چاچىدۇ. نىسپەتەن ئىچكىرلىسەك، شائىر خاتىرلىگەن « شامال » ئىماگىنىڭ تەۋەسىزلىكى بىزنى بىئارام قىلىدۇ. ناۋادا شائىر « شامىلىڭ ئەگىشىپ كەلدى قەشقەرگە » دەپ خاتىرلىگەن بولسا، كىمنىڭ شامىلى كىمگە ئەگىشىپ كەلدى؟ دېگەن بىر كىتابخانلىق مۇھاكىمە مەشرەپنىڭ شامىلىنىڭ مەشرەپتىن ئىبارەت بىر ھېچكىمگە ئەگىشىپ قەشقەرگە كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت تىل مۇناسىۋىتى بىزنى تەبەسسۇمغا ئىگە قىلغان بولاتتى. شۇنى قىستۇرما قىلىمىزكى، مېتاپىزىكىلىق چۈشەنچە بۇيىچە ھەر بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئۆزىدۇركى، ھەر گىز باشقىدا ئەمەس. شۇڭا مەشرەپنىڭ شامىلى، مەشرەپنىڭ تۇپرىقى، مەشرەپنىڭ ھاۋاسى، مەشرەپنىڭ سۈيى، مەشرەپنىڭ ئوتى  مەشرەپچە روھقا تويۇنغان. « ئۆگەندى كوچىدا سەرسان يۈرۈشنى » دېگەن مىسرا بىزگە مەشرەپنىڭ شامىلى كىمنىڭ كوچىسىدا كىمدىن سەرسان يۈرۈشنى ئۈگەندى؟ دېگەن سۇئالنى تەقدىم قىلىدۇ. بۇ كوچا دەل مەشرەپنىڭ ئىلاھى ئىشىققا تولغان ئىسيانلىق كوچىسى. مەشرەپنىڭ ئىسيانلىق كوچىسى مەنسۇر ھەللاجىدىن تۇتاشقان داۋاگەرلىك كوچا بولۇپ، كىلاسسىكلىرىمىز ھەم ئەينى دەۋردىكى سۇپى، ئىشانلىرىمىزنىڭ ھەر قانداق كوچىسىغا ئوخشىمايدىغان يىگانە ( تەنھا ) كوچىدۇر! مەشرەپ قۇرۇپ چىققان يىگانە ( تەنھا ) كوچىدىكى مەشرەپنىڭ شامىلى مەشرەپتىن ئىبارەت يىگانە ( تەنھا ) ھېچكىمدىن غايىبلىقنى ئۈگەنگەن. مەشرەپنىڭ شامىلى مەشرەپنىڭ ماھىيىتى. مەشرەپ شامىلىنىڭ سەرسانلىقى ( غايىبلىقى ) مەشرەپنىڭ ماھىيىتى. مەزكۇر مىسرادىكى شامال سەرسانلىقى ( غايىبلىقى )دىن كېلىپ مەشرەپنىڭ سەرسانلىقى ( غايىبلىقى ) شېئىرى قىممەتتۇر! مەشرەپنىڭ يىگانە ( تەنھا ) كوچىسى تېخىمۇ ھالقىغان شېئىرى قىممەتتۇر!... « ئاھىڭدىن چىراغنىڭ پىلىكى ئۆچتى » دېگەن مىسرادىكى « مەشرەپنىڭ ئاھى »نى قانداق ھېس قىلىمىز؟ ئىنساندىن ئىبارەت ھېچكىمنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى تەڭرىگە يېتەلمەي، ئۆزىنىڭ سىرتىدىكى تەڭرىنى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ئازغۇنلىقىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىسيانكارلىقى! پىكىرنىڭ بۇ يۆلىنىشىدە شۇنى دەيمىزكى، باشقىلار تەرىپىدىن دەھر ئاتالغان مەشرەپ ئۆز تەڭرىلىكىگە ئېرىشەلىگەن ھېچكىمدۇر! شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەشرەپ ئۆزىدىن باشقا ئىنسانلار توپىنى ئازغۇن ھېساپلاپ ئاھ ئۇرغان...! « چىراغنىڭ پىلىكى ئۆچ »كەنلىكى ماھىيەتتە مەشرەپنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئىنسانلار توپىنىڭ خۇدا ئىزدەش سەپىرىگە بولغان ئۈمىدسىزلىكىدۇر! بۇ ئۈمىدسىزلىك دەل مەشرەپنىڭ ماھىيىتى. ئۈمىدسىزلىك تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا شېئىر قىممەتتۇر! ئۈمىد ئەسلى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يوق بولغان پىسخىكىلىق جەريان. ئىنساننىڭ ئۈمىدسىزلىكنى تۇيۇشى دەل ئۈمىدكە بولغان يۈزلىنىشى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك شېئىرى قىممەت بولالايدۇ!... بۇ مىسرا ئۈستىدە يەنە مۇنداق پەرەزلەرنى ئېلىپ بېرىشقىمۇ بولىدۇ. « چىراغنىڭ پىلىكىنىڭ ئۆچۈشى » دەل تاڭ غايىبلىقى. تاڭ غايىبلىقى– زۇلمەتتۇر. زۇلمەت دەل ئىنساننىڭ كېلىش ھەم كېتىش مەنزىلىدۇر. دېمەك مەشرەپنىڭ تاڭ غايىبلىقى دەل مەشرەپنىڭ زۇلمىتىدۇر! تاڭ غايىبلىقى ( زۇلمەت ) شېئىر قىممەتتۇر!  « تاپىنىڭدىكى ھەر بىر يېرىققا ،\ گۈلەختە ئېچىلغان تۈتەكلەر كۆچتى » دېگەن ئىككى مىسرادىكى « تاپاندىكى يېرىق » مەشرەپنىڭ ھېچقانداق ئىنسان تۈركىمىگە ئوخشىمەيدىغان مۈشكىلاتى بولۇپ، مەشرەپنىڭ قىل سىغماس ماھىيىتى. گۈلەختە ئېچىلغان تۈتەك– داۋاملىشىۋاتقان ئىجدىمائى كۆرنۈش. ئۇنىڭ مەركىزىدە خارۇ– زارلىق! ئۇ نەگە كۆچتى؟ مەشرەپنىڭ مۈشكىلاتىغا. نېمە ئۈچۈن مەشرەپنىڭ مۈشكىلاتىغا كۆچىدۇ؟ مەشرەپ مۈشكىلاتتىكى ھېچكىم بولغانلىقى ئۈچۈن پايانىغا سىغدۇرۇش ئېنىرگىيىسىگە ئىگە! ھەر بىر ئازاب، ھىر بىر مۈشكىلاتتىن ئۆزىنى كۆرۈش مەشرەپنىڭ ماھىيىتى!
بىر مەنزىلگە يېتىپ قالىمەن،
ئىزدەپ كېلەر ئارقامدىن ھاڭلار.
ــ « ۋاقىت »تىن
ۋاقىتنىڭ مەنزىلى– مەنزىلسىزكتۇر! مەنزىلسىزلىكنى تۇيۇش ۋاقىتنىڭ مەنزىلىگە ئولتىراقلىشىشتۇر! ۋاقىتتىن ئىبارەت ھېچقاچان ھېچكىمنى ھېچيەرگە ئېلىپ بېرىشتا ئۆز ماھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. يۇقارقى ئىككى مىسرادا شائىر ۋاقىتتىن ئىبارەت ئابىستىراكىت شەيئىنىڭ ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلىيەلىگەنمۇ؟ مېنىڭچە، سۆزلىگەن. نېمىشقا شۇنداق كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىمىز؟ كەسكىنلىكنى بىز چىقارمىدۇق. ئۇ( كەسكىنلىك )نى چىقارغىنى كونتېكىستتىكى « ئىزدەپ كېلەر ئارقامدىن ھاڭلار » دېگەن مىسرا. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ بىزنىڭ دېيىشىمىزگە سەۋەب بولغىنى مەڭگۈ تولمايدىغان « ھاڭ » سۆزىنىڭ كۆپلۈكتە تۈرلىنىشى. مەڭگۈ تولماسلىق دەل ۋاقىتنىڭ ئەبەدكە ئاخىرلاشمايدىغان سەپىرى. بۇنداق سەپەر پەقەت ۋاقىتنىڭلا ماھىيىتى بولالايدۇ. شائىر بۇ ئىككى مىسراغا ئىدىيە يۈكلىگەنمۇ؟ ياق. نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ ۋاقىت بىلەن ئىدىيىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئەركىنلىك! ناۋادا تەپەككۇرنى تەتۈرىگە يۈزلەندۈرىدىغان بولساق، ئىنسان ۋاقىتنى ئەمەس، ۋاقىت ئىنساننى تاللايدۇ. نېمىشقا شۇنداق دەيمىز؟ ۋاقىت ئۆز ئۆزىگە ئېقىۋاتقان بىر دەريا. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت ھەرگىز ئىنسانغا پىشىلمايدۇ. ئەكسىچە ئىنسان ۋاقىتتتىن ئىبارەت دەرياغا پىشىلىدۇ. بۇ يەردىكى ھاجەت ۋاقىتقا ئەمەس، ئىنسانغا يۈكلەنگەن. دېمەك، تاللاش ۋاقىتقا تەۋە بولغان. شائىرنىڭ تۇيۇلمىسىدىكى بۇ تەپەككۇر ( ئەقلىي مۇلاھىزە )                          ۋاقىتتتىن ئىبارەت ئابىستىراكىت ئىسىمنى ئاتىماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى سۆزلەش ئارقىلىق بىزگە شېئىرى قىممەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن ھەم مەخپىي ھەم ئاشكارە ئۇچۇر بەرگەن!
بىر پارچە شېئىرنى قانداق ئوقۇش كىتابخاننىڭ شېئىر ئوقۇش پىسخىكىسىغا باغلىق. ئوخشاش بولمىغان كىتابخاننىڭ ئوخشاش بولمىغان مىتودتا ئوقۇشى شېئىر ئوقۇش ئۇسۇلىنىڭ تۈرلۈكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىز مۇنداق بىر شېئىر ئوقۇش ئۇسۇلىنى سىناق قىلىپ بېقىشقا تامامەن ھەقلىقمىز. كىتابخاننىڭ كىتابخانغا تاپشۇرۇشىدىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئۇسۇلدا شائىرنىڭ تىلنى تەپەككۇر قىلىشى بىلەن تۇيغۇنى تۇيۇشى ھەم شەيئىلەرنى ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلىشىگە قارىتا كىتابخانلارغا مۇلاھىزە تېكىستى ھەم شۇ تېكىست ئاساسىدا بىر نەچچە مۇلاھىزە سۇئالى تەييارلاش ئارقىلىق كەمىنە مۇئەللىپنى قىسقا ۋاقىت ئارامغا قويۇپ بېرىمىز. بىزنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شېئىر ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشىمىزدا مۇنداق ئاساسىمىز بار. قانداق ژانىردىكى ئەسەر بولسۇن ئاپتۇرنىڭ زوراۋانلىقىغا زەربە بېرىشىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئاپتۇرنى ئەسەردىن سۈرگۈن قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا شائىرلارنى قانداق سۈرگۈن قىلىمىز؟ تۈپكى ماھىيەتنى ئاساس قىلغىنىمىزدا، شائىرلارنىڭ تۇيغۇنى خاتىرلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتىنىڭ ئۆزىلا، كونكېرىت بىر پارچە شېئىرغا قارىتا تۇنجى كىتابخانلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان. بۇ خىل « ھازىرلاش » شائىرنىڭ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى ئەمەس بىر تۇنجى كىتابخانلىقىنى جاكارلىغان بولىدۇ. بىزگە نىسپەتەن شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە! ناۋادا بىز شۇنداق قىلالىساقلا، كىتابخاننىڭ ئەسەرنى داۋاملاشتۇرۇشى بىلەن تەپەككۇر ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قارىتا توسىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن بولىمىز.  شۈبھىسىزكى، بۇ ئىمكانىيەت يېڭى ئوقۇرمەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرمەي قالمايدۇ.
مەھەللەڭگە كۆكلەم توشۇيمەن،
مەھەللەڭنىڭ قۇشىدىن بۇرۇن.
چېچەك تۈگۈپ سېنى كۈتىمەن،
قۇلىقىڭدىن تەگسە دەپ ئورۇن.

كاككۇك كېلىپ شېخىمغا قونسا،
ئۈن سالىدۇ مېنىڭ ئۈنۈمدە.
چوغ ساقلىدىم يىلتىزلىرىمدا،
سەن بىلەمسەن ھەممە كۈنۈمدە.
          ــ « بىر تۈپ دەرەخمەن »دىن
   سىزنىڭچە بولغاندا شائىر دەرەخنىڭ ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلىگەندەك قىلامدۇ؟ ناۋادا سىز دەرەخنىڭ ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلىگەن دېسىڭىز، قانداق ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلىگەن؟ سىز قانداق ئىماگلارنى ھېس قىلدىڭىز؟ سىز ھېس قىلغان ئىماگلار بىلەن دەرەخنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ سىز تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا شائىرنىڭ تەشۋىسىنى ھېس قىلاللىدىڭىزمۇ؟ سىزچە بولغاندا، تەشۋىشنى خاتىرلەيدىغان تىل قانداق تىل بولىشى كېرەك؟ سىز دادىل جاۋاب بېرىپ بېقىڭ، بىز ئوقۇغان بۇ ئىككى كۇبلىتتا شائىر دەرەخكە قانداق ئىدىيىنى يۈكلىگەن؟ سىز يۇقۇرىدىكى سۇئالغا بەرگەن جاۋابىڭىزغا ئاساسلىنىپ، شېئىرنىڭ ئادەم تەربىيىلەيدىغانلىقىغا قوشۇلامسىز؟ يەنە ئويلىنىڭ، شائىرنىڭ دېداكتىكىغا يۈزلىنىشىنى سىز نورمال شېئىرى ئىجادىيەت خاھىشى دەپ قارامسىز؟
   ھۆرمەتلىك كىتابخان، يوقۇرىدا شائىرنىڭ تەپەككۇرى، تۇيغۇنى خاتىرلەش جەريانى، شەيئىنىڭ ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىمىزنىڭ مۇئەييەن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە شېئىر پارچىلاردىن مىسال ئېلىپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇندۇق. بىزنىڭ بۇ ئۇرۇنىشىمىز يەنىلا شېئىريىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈندۇر! ھەركىمنىڭ ھەر نېمە دېيىشى شېئىريىتىمىز ھەققىدە بىر نېمە دېيىلىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جۇغلانمىسىنىڭ باشلانمىسى! شېئىريىتىمىز ھەققىدە ئەركىن پىكىرلىك يانداشمىغا تاللىغان شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ مەنىۋى توپلانمىسى- « ئاۋازلىق ئوقيا » بىز يۇقۇرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك شەيئىلەرنى ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەش ئارقىلىق شېئىرى قىممەت يارىتىشتىن ئىبارەت ھەم ئەنئەنىۋى، ھەم يېڭىچە بولغان شېئىرى تەپەككۇرغا قارىتا مەيلى شائىر ئاڭلىق ھالدا ئېلىپ بارسۇن ۋە مەيلى ئاڭسىز ھالەتتە ئېلىپ بارسۇن تەتقىقاتىمىزغا تۇتۇرۇق بولغۇدەك « دەسمايە »نى تەڭلىيەلىدى. بىز بۇ نەتىجىدىن ئەلۋەتتە خۇشھال بولماي تۇرالمايمىز. ئەمما، مەزكۇر توپلامنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغىنىمىزدا خۇشھاللىققا باراۋەر ياكى ئارتىپ چۈشكىدەك شائىر مەغلۇبىيىتىگىمۇ يولۇقماي قالمايمىز. بىز بۇ خىل ئۆزگىرىشچان ئوقۇرمەنلىك پىسخىكىمىزغا قارىتا شائىرنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراش ئارقىلىق ۋاقتىنچە تەسەللىينى قۇبۇل قىلىمىز! ...  
   شائىرنىڭ تارىخ خاتىرلىشى بىلەن تارىخچىنىڭ تارىخ خاتىرلىشى ئىجادىيەت مىتودى جەھەتتىن ئېلىپ ئيتقاندىمۇ زور پەرققە ئىگە بولغان ئىككى خىل خاتىرلەشتۇر. شائىر تارىخنى قانداق خاتىرلەيدۇ؟ شائىر تارىخنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، تارىخ قالدۇرغان ئىزنالارنىڭ روھىنى خاتىرلەيدۇ. شائىرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىل تەپەككۇرىدا ياشىشىدىن ئىبارەت ئالاھىدە بولغان ئىمتىيازىدا يىقىلغان خارابە، ئۆڭۈپ كەتكەن ئابىدە، تۇپراققا ئايلانغان قابرىستانلىق، ئۇنتۇلغان جەڭنامە، سارغايغان تارىشا، ۋاقىتنىڭ يەم – خەشىكىگە ئايلانغان  پۈتۈكنامە، يىتكەن يادىكارلىق، زامان بورانلىرىدا ئۆزگىرىۋاتقان خەرىتە، ئەسنىڭ سۆڭەكلىرىگە ئويۇلغان ئېتىقاد ۋە ئىلاھ ئىزدەش سەپىرىدىكى مۇشكىلات ھەم قۇت، راست بىلەن يالغاننىڭ ئارىلىقىغا كۆمۈلگەن سۇلالە ۋە قەدەھلەرگە ئايلانغان پادىشاھلارنىڭ باش سۆڭىكى، ئاۋامنىڭ دەريا– دەريا قېنىدا تەقدىرنى ئۈگۈت قىلىۋاتقان قان تۈگمىنىنىڭ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇققا تىنىپ كەتكەن ئاۋازى، بىر كېچىلىك ئىشرەت ئۈچۈن بىر ئەلنىڭ تەقدىرىنى دو تىككەن خاقاننىڭ ساھىپجامال قوينىدكى ئۆلۈمى... شائىرنىڭ تۇيغۇنىسىنى خاتىرلىشىدكى تارىخ پۇرىقىغا تولغان ئىماگىدۇر! تارىخنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، روھىنى خاتىرلەش شائىرلىق بۇرچتۇر...! شۇنى ئەسكەرتىشىمىز زۆرۈركى، شائىرنىڭ تارىخ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەرگىز شېئىرى شەكىلدىكى بايانچىلىق بولماسلىقى كېرەك. ناۋادا شۇنداقلا بولىدىغان بولسا، شائىر ئاسىيلىققا تىنىپ كەتكەن بولىدۇ. شائىرنىڭ ئاسىيلىقى ئالدى بىلەن ئۆزىگە، كېيىنىدە بولسا تۇيغۇغا، شېئىرغا، تارىخقا قىلغان ئازغۇنلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ!   
شائىر ۋاھىتجان ئوسمان بىر شائىرلىق بۇرچتا تارىخنىڭ ئاۋازىنى خاتىرلەشتە بىزگە نىسپەتەن ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر بوشلوقىنى قالدۇردى. بىز شائىرنىڭ تارىخنىڭ تۈرلۈك ئاۋازلىرى تىنىپ كەتكەن تۇيغۇ چۆكمىسىگە قارىتا چۆكۈش بىلەن بىرگە خاتىرلەش سەنئىتىدىكى « ۋاھىتجان ئوسمانچە ھۈنەر »گە ھەم شائىرلىق ھەم تەتقىقاتچىلىق ۋە ھەم تارىخنىڭ شادلىق بىلەن ئازاب- ئوقۇبەت، غەلىبە بىلەن سىقىلىش، مەغلۇبىيەت بىلەن تۇغ ئارىلاشقان سۈيىنى ئۇچۇملاپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بىر كىتابخانلىق سالاھىيەتتە مۇئامىلىدە بولىمىز. بىز « ئاۋازلىق ئوقيا »نى شائىرنىڭ بەدىئىي پەللىسىنى نەزەرگە ئېلىش ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇش قائىدىمىز بۇيىچە داۋاملاشتۇرغىنىمىزدا، « ئاۋازلىق ئوقيا »، « ئالتۇن شاخلار »، « روھ يىلتىزى » قاتارلىق شېئىر، داستانلارنى ئۇچرىتىمىز. بۇ ئۇچراتمىلاردىن بىز تارىختىكى سەلتەنەت بىلەن يىقىلىشنى، قەدەھكە ئايلانغان پادىشاھلارنىڭ باش سۆڭىكىدىكى شاراب بىلەن ئوغىنى، تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن كاتتا قەسىرلەرنىڭ كەلگۈسى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋازسىز دېئالوگلىرىنى، باياۋانغا ئۆڭۈپ كەتكەن ئېسىنى تاپشۇرغان ئابىدىلەرنىڭ يات ئەللەردىكى ئەينەك ئىشكاپلاردا ئۆز ئۆزىگە تىنىۋاتقان ھالسىز روھىنى تۇيغۇ كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش، تۇيغۇ قۇلۇقىمىز بىلەن ئاڭلاش، تۇيغۇ تىلىمىز بىلەن مۇڭدىشىشتەك پۇرسەتكە مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن شادلاندۇق ھەم ئازابلاندۇق. بىز نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ تۇيغۇغا دۇچار بولىمىز؟ بىزنىڭ بۇنداق تۇيغۇغا دۇچار بولىشىمىز شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ تارىخ خاتىرلەشتىكى ھۈنىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن!
ئالتۇن ئۇچلۇق ئاۋازلىق ئوقيا
شاۋقۇن تەملىك جاكارلىرىدا ،
     نۇرغا ئوخشاش ھەممىگە سىڭەر .
     تاغ يېرىلىپ ، يەر تەۋرىگەندەك ،
        دېڭىز تېشىپ ، ئاسمان كۆچكەندەك ،
لەرزى بىلەن ئالەمنى سىلكەر .
               ــ « ئاۋازلىق ئوقيا »دىن
دۇنيا مەدەنىيەت تىپلىرى ئىچىدە يايلاق مىللەتلىرى ياراتقان « يايلاق مەدەنىيىتى » ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولدى ھەم تېخىمۇ ئىنچىكە تەتقىقات ماتىرىيالى بولىۋاتىدۇ. « يايلاق مەدەنىيىتى »دىن ئىبارەت ئالاھىدە مەدەنىيەت سېستىمىسى ياكى مەدەنىيەت تىپى نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت « پونكىتلىرى »دىن تەشكىل تاپقان. بۇ مەدەنىيەت تىپىغا تەۋە « ئاتلىقلار مەدەنىيىتى » ئاسىيانىڭ مەركىزى شەھەرلىرى ۋە ئادەمنىڭ ئاياق ئىزى باسمىغان قىر – سەھرا، بۇلۇڭ – پوشقاقلىرىدىن تېشىپ سۈت ئۇيقىدىكى ياۋرۇپانىڭ چۈشىنى بۇزۇپ تاشلاش بىلەن بىرگە ياۋرۇپانىڭ بۈگۈنىنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان. يايلاق مىللەتلىرىدكى ياۋايىلىققا ياراشقان قاراملىق، تەۋەككۈلچىلىك، تەپەككۇرلۇق، قۇرۇق ھاياجانلىق خارەكتىر تارىخنىڭ سۆڭىكىگە ئويۇلغان. مىلتىق دورىسىنىڭ كەشەپ قىلىنىشىدىن ئىلگىركى ئەڭ ئالىي قۇرال ئوقيا! بولۇپمۇ ھۇنلارنىڭ ئىختىراسىدىكى ئاۋازلىق ئوقيا دۇنيا جەڭنامىسىدىكى ئۆزگىچە بولغان ئۇرۇش كەشپىياتى! بىز مۇلاھىزە قىلماقچى بولغان « ئاۋازلىق ئوقيا » دېگەن لىرىكا ئەنە شۇنداق بىر تارىخى تىندۇرمىنى ئارقا كۆرنۈش قىلغان. شائىر نېمە ئۈچۈن تارىخقا يۈزلەنگەن؟ تارىخ بىزنىڭ ئەسلىمىز! تارىخقا بىزنىڭ بارلىقىمىز كۆمۈلگەن. بىز تارىختىن ئۆتمۈشنىلا ئەمەس، مۇھىمى كەلگۈسىنى كۆرۈشتەك سەگەكلىكنى كۆرۈش سەزگۈيىمىزنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى كۆرۈش سەزگۈيىمىزنىڭ بۇرچى ياكى فونكىتسىيىلىك رولى، دەپ قارايمىز. بىز ئۆتمۈشتىكى كەلگۈسىمىزنى قانچىلىك دەرىجىدە كۆرەلىدۇق؟ « تاغ يېرىلىپ ، يەر تەۋرىگەندەك ، \دېڭىز تېشىپ ، ئاسمان كۆچكەندەك \ لەرزى بىلەن ئالەمنى سىلكەر. » دېگەن مىسرالارغا يوشۇرۇنغان جەڭ ئارغىماقلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى؛ ئاۋازلىق ئوقيانىڭ رەقىپ يۈرىكىدىكى قىپقىزىل يانغىنى؛ مەردانىلىق بىلەن قاراملىق، ھاياجان بىلەن ئىشەنچ بىرلەشكەن سانغۇننىڭ بىلىكىدەك كۆپكەن بويۇن تۇمۇرى ھەم مەھشەر ئوتىنى تىترەتكۈدەك ئوتلۇق كۆز نۇرى؛ قىپقىزىل يانغىنغا چۆمگەن تاغ – دالا... قاتارلىق قەدىمقى زامان كۆرنۈشلىرى بىزنىڭ تۇيغۇمىزدا بىزنى ئۆتمۈش بىلەن ئاياغلاشماس دىئالوگقا دۇچار قىلىدۇ. بىز بۇ دىئالوگدىن ئاۋازنىڭ ئىسيانى بىلەن قىيامىنى ئاڭلاپلا قالماي مۇھىمى، ئۆتمۈشنى، ھازىرنى، كەلگۈسىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە تىلغا چىڭدالغان ئەسلىمىنىڭ ئۆرلىشىدىن شائىرنىڭ تىل ھۈنىرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز!... بولۇپمۇ شائىر ياراتقان « دېڭىز تېشىپ ، ئاسمان كۆچكەندەك » دېگەن مىسرا تامامى تارىخنى پايانىغا سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە كەلگۈسىدىن ئېشىپ قالغۇدەك جەۋھەرگە ئايلانغان. بۇ مىسرانىڭ ئالدىنقى بۆلىكى مەنىگە يۈزلەنگەن بولسا، كىيىنكى بۆلىكى مەنە غايىبلىقىغا ئورۇن بەرگەن. ئاسمان نەگە كۆچىدۇ؟ ئىشىنىمزىكى، ھېچنەگە كۆچىدۇ!
  شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە « ئالتۇن شاخلار »، « روھ يىلتىزى » دېگەن ئىككى داستانى خېلى سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ « ئالتۇن شاخلار » دېگەن داستانىنى ۋاھىتجان ئوسماننىڭ  شېئىرى ئىجادىيىتىنى تەتقىق قىلغاندا ھالقىپ ئۆتۈپ كېىشكە بولمايدىغان مۇھىم ئەسەردۇر! شائىر تارىخنى ئەمەس  تارىخنىڭ روھىنى خاتىرلەشتە لىرىكىلىق بىلەن لىرىك تۈس ئالغان ئىپىكىلىقنى ئىچكى ماسلىشىشچانلىققا ئىگە قىلغان. تىل نوقتىسىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىمىزدا، گەرچە شائىر تىلدا تەشۋىش ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، تارىخىي تىنىققا تولغان ئىماگلار ئارقىلىق تارىختىن ھالقىش ۋە تارىخقا قايتىشتىن ئىبارەت شېئىر بايانچىلىقتا ئۆزى ياراتقان تىل مۇھىتىغا ئىزچىل سادىق بولۇپ كەلگەن. داستان شائىرنىڭ لىرىك بايانچىلىقىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن. ھەر بىر بۆلەكتە شائىر تارىخىمىزدىكى ئوخشاش بولمىغان روھىي ئىزنالارنى خاتىرلەش بىلەن بىرگە كىتابخانلار ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى قالدۇرغان. داستاندا شائىر ئۇيغۇر داستانچىلىقى كۆزىنى ئاچالمىغۇدەك دەرىجىدە بەدىي بالاغەت يارىتالمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى داستانچىلىقىنىڭ قورشاۋىدىن ھالقىپ كەتكەن. بولۇپمۇ شەرقچە ئۇسلوب يەنى تۈگىمەس ئىشقىي ھەۋەس، ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىپىكا، ئوبرازلار خارەكتىرىگە تىندۇرۇلغان ئاپتۇرلۇق خاھىش...لاردىن ئازاد بولۇشى داستانچىلىقىمىزنىڭ يەنە بىر يېڭىچە تۇغۇلىشى ! ... « ئالتۇن شاخلار » شائىرنىڭ ئىچكى ھاياجېنى خاتىرلەنگەن داستان بولماستىن، شائىرنىڭ تارىخىي تۇيغۇسى خاتىرلەنگەن داستان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى داستانچىلىق بىلەن يېقىنلاشتۇرغىلى بولمايدىغان ئارىلىق ھاسىل قىلىشى بىز ئۈچۈن ئالقىشلاش زۆرۈر بولغان ئىجادىيەت يېڭىلىقىدۇر!  
  تۇيغۇمىزدا ئەسىر – ئەسىرلەپ بارخانلىغان دەرەخلىرىمىز قانداق دەرەخ ئىدى؟ سۆيگۈ بىلەن مېھنەت سۆزلەشكە خۇمار بولغان دەرەخ ئىدى. كومىدىيىلىك تەكرارلىنىش شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، تۇيغۇمىزدىكى بۇ « دەرەخ »لەرنىڭ يىلتىزى، يۇپۇرمىقى، غولى ۋە شاخلىرىدىن سىرت، قوۋزاقلىرىمۇ سۆيگۈ پىچىرلاشقا خۇمار بولغان. ئىماگدىكى بۇ تەكرارلىنىش ئاندا– ساندا يېڭى ئىپادىلەرگە ئېرىشكەنلىكتىن باشقا تامامەن بىر خىل مەنە قاتلىمى ھاسىل قىلغان. ئەمما، ۋاھىتجان ئوسماننىڭ تۇيغۇسىدا بارخانلىغان ئالتۇن شاخلىق دەرەخچۇ؟ روھىمىزغا تىندۇرما ھاسىل قىلغان  ئېتىقاد تارىخىمىزنىڭ روھىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆز خاسلىقى بىلەن تەنھالىقىنى يارىتىپ، بىر قېتىملىق تېما يېڭىلىنىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر يىگانىلىقىنى بىزنىڭ دىققىتىمىزگە تەڭلىدى. مەن يۇقۇرىدا ئەسكەرتمە بەرگەن ۋاھىتجان ئوسماننىڭ شېئىرى ئىجادىيىتىنى تەتقىقى قىلىشتا « ئالتۇن شاخلار »دىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، دېگەن قارىشىمنىڭ ئاساسى مۇشۇ يەردە. مېنىڭچە، « ئالتۇن شاخلار » سۆزلەشتىن قالغىنى يوق. « سۆزى »نىڭ داۋامنى قانداق خاتىرلەش شائىر ۋاھىتجان ئوسمان بىلەن كىتابخاننىڭ قانداق داۋاملاشتۇرىشىغا باغلىق! 20 - ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىكى قېلىپلىشىپ قالغان تىل ئەنئەنىسىگە قارىتا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات دولقۇنىدا شېئىرىيەت كوچىسىغا مەڭگۈلۈك ئارمان بىلەن كىرگەن ياش شائىر ۋاھىتجان ئوسمان ئوتتۇز يىلغا يېقىن ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ سەمەرىس  سۈپىتىدە « ئاۋازلىق ئوقيا »نى بىزنىڭ روھىي تەشنالىقىمىز ئۈچۈن بىر قاچا سۇ بولسا ئەجەب ئەمەس، دېگەن ئىزگۈ نىيەتتە تاپشۇردى . بىزنىڭ بۇ « بىر قاچا سۇ »نى قانداق ئىچىشىمىز تامامەن « قانداق ئىچىش ئۇسۇلىمىز »غا باغلىق. مەن مەزكۇر ماقالەمدە شائىرنىڭ تۇيغۇ خاتىرلەش سەپىرىدىكى تۇيغۇغا بولغان سادىقلىقى ۋە تۇيغۇ بىلەن بولغان ئارىلىقى، شائىرنىڭ تىل تەپەككۇرىدىكى ئەنئەنە ۋە تەشۋىش، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدە تۇرۇپ سۆزلەش ئارقىلىق شېئىرى قىممەت يارىتىشتىكى ئۆزگىچىلىك ۋە ھالسىزلىنىش، شائىرنىڭ تارىختىن ھالقىش ۋە تارىخقا قايتىش سەپىرىدىكى دېئالوگى، يېڭى كىتابخانلىق تەلەپ ۋە كونا كىتابخانلىقتىكى داۋاگەرلىك... قاتارلىق نوقتىلار ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش خاتىرىسىنى پەردازسىز ھالدا خاتىرلىدىم. مېنىڭ « ئاۋازلىق ئوقيا »غا يۈرۈش قىلغان بۇ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىم سەپىرىمنىڭ ئاياغلاشقانلىقى ئەمەس، باشلانغانلىقىنىڭ بىشارىتى! چۈنكى، « ئاۋازلىق ئوقيا » بىزنىڭ ئىزلىنىش، سىناق، يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلەنگەن ئوتتۇز يىللىق شېئىرىيەت مۇساپىمىزدىكى مەنە سەپىرىمىزدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلىرىمىزنىڭ بىر چوققىسى! بۇ « چوققا »غا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم « چوققا »نى چۈشەنگۈدەك ئەقلىي مادار يەنى يېڭى كىتابخان بولالمىغاندىمۇ ئوتتۇراھال كىتابخان بولۇشتىن ئىبارەت ئەقەللىي شەرتنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن مەزكۇر ماقالەمدە ئاساسەن دېگۈدەك شائىر بىلەن مەنە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يۆلىنىشىنى ئاساسىي لېنىيە قىلدىم. چۈنكى، 20- ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا شېئىرىيەت كوچىسىغا كىرگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپى بۇ ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ھەم بۇ ئېقىم ئۈچۈن ئۈزلۈكسى مېھنەت تۆككەنلەر! شېئىرىيىتىمىزدىكى بۇ ھال گەرچە شائىر بىلەن مەنىنىڭ ئەمەس، شائىر بىلەن مەنىسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا، دېگۈدەك ئالقىشلاشقا تېگىشلىك شېئىرى مەنزىرە بولمىسىمۇ، ئۇزۇن ۋاقىت داۋام ئەتكەن قاتماللىقنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى يەنى شېئىرى تىلدىكى تەپەككۇرنىڭ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە يېقىنلىشىشى بىز ھەر ھامان ئالقىشلاشقا تېگىشلىك نەتىجىدۇر! ئەمما، « ۋاھىتجان ئوسمان شېئىرىيىتى »دە شائىر بىلەن مەنىسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئۇچقۇنلار گەرچە سۇس بولسىمۇ بىزنىڭ تۇيغۇمىزنى غەلەتلەشكە ئۈلگۈردى. بىز شېئىرىيىتىمىزدىكى بۇ « ئۈندۈرمە »گە سادىق باغۋەن بولىمىز ھەم شېئىرى ئىجادىيەتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بۇيىچە قارىغاندىمۇ پەرۋىشكار بولماسلىقىمىزغا ئامالسىزمىز!... مەن ياش شائىر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ بۇندىن كېيىنكى شېئىرى ئىجادىيىتىدە بۇرۇنقى ئۆزىنىلا ئەمەس، ھازىرقى ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپ، يېڭى بىر « ئۆز »ىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىپ، مەزكۇر ماقالەمنى تاماملاشنى ئىختىيار قىلدىم!...

2011- يىلى 8- ئاي



« ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا يوللانغان ئەسەر






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 00:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-2 01:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر بەگنىڭ شېئىر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى چۈشۇنۇشئۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۇقارقىدەك ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىسا بولمايدۇ ...‹‹شئېر مەڭگۈ تەرقىي قىلمايدۇ ››دەيدىكەن  بىرقىسىم غەرپ شېئىريەت نەزريىچىلىرى ،ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى نېمەدۇ نۇربەگ؟

ۋاقتى: 2015-2-2 01:40:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۇنىڭدىكى تىل نامراتلىقىدىن ئۇنىڭ شائىرلىقىدىن گۇمانلانسا ئۇنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوزورلىرىنى ئوقۇسا  نۇربەگنىڭ  ئىنتايىن ئىنچىكە ئىنتائىن ئەستائىدىل ئىنتائىن زىل ئوقۇرمەن ، نەزەر دائىرسى كەڭ،تەپەككۇرى چوڭقۇر، جانلىق  ، ئۆتكۇر مەسۇليەتچان ئەدىپ ئىكەنلىگىگىدىن گۈمانلىنىشقا ئاساس تاپالمايدىكەن  

باھا سۆز

ئىسىت، پايمال بولغان ئاناتىل.....  ۋاقتى: 2015-2-21 11:19 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-2 10:03:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alipoguz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 01:00
نۇر بەگنىڭ شېئىر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى چۈشۇنۇشئۈش ئۈچ ...

مەن ھازىرچە سۈكۈتتە تۇرغاچ تۇراي. نۆۋىتى كەلگىنىدە « شېئىر تەرەققى قىلامدۇ » دېگەن تېمىدا ھەركىمگە پىكىر بوشلۇقى ياكى ئىنكاس بوشلۇقى قالدۇرىشىمىز مۇمكىن؟
ئامان بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-2-2 12:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز ئىزدىنىشلىرىڭىزغا ئاپىرىن !

ۋاقتى: 2015-2-2 13:22:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نۇربەە، بۇرادەر...قۇت بولسۇن...

ۋاقتى: 2015-2-2 14:37:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن. ئاپتورغا قۇت بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-2-2 16:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلارنىڭ ئىملاسىنىمۇ توغرا يېزىش كېرەك ئىدى، كۆپچىلىك.

ۋاقتى: 2015-2-2 18:27:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ensak يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 01:40
نۇربەگنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۇنىڭدىكى تىل نام ...

مەنمۇ بۇ پىكىرنى قوللايمەن..نۇربەگنىڭ پىكىر چوڭقۇرلىقىغا پەقەت ئۆزىدىن باشقا ،يەنە بىر ئادەم شۇڭغىيالماسلىقى مۈمكۈن..جڭدا توختايدىغان ئەسەرلەرنى چۈشىنىشكىمۇ ،ھەزىم قىلىشقىمۇ  بەلكىم مەلۇم سەۋىيە ئېخدىدار كىرەكتۇ..
سىزگە ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىم يار بولسۇن نۇربەگ!!!

ۋاقتى: 2015-2-2 18:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر بەگ مۇئەللمنىڭ شئېرلىرىنى كۆپ ئوقۇغانمەن.گەرچە چۈشۈنۈشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ...بىر كۈنلەردە چۈشۈنۈپ قالارمەن دەپ ساقلىۋىلىپ قايتا قايتا ئوقۇپ كىتىمەن.(ھازىرغىچە ھېچ نەتىجە يوق )
نۇر بەگ مۇئەللمنىڭ بۇ ماقالىسى بەك كۈچ تەلەپ قىلىدىكەن.يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ كۆپ بولۇشى،تىل جەھەتتىكى ئۆزگۈچىلىگى ،شېئرى تەھلىللىرى مېنى بەكلا ھەيرا ن قالدۇردى.
نۇر بەگ مۇئەللمنىڭ تەپەككۇرىغا قۇت تىلەيمەن.
راس نۇر بەگ مۇئەللىم ،سىز بۇ تىمىنى ئىزگۈ ئەدەبىيات مۇكاپاتى سەھىپىسىگە يوللاپسىز.مەن بۇرۇن بۇ سەھىپىگە كۆپرەك يېڭى قەلەمكەشلەرنىڭ تىما يوللىغىنىنى...ھىس قىلغان ئىدىم،بۇ تىمىڭىز مۇشۇ تىمىغا يوللانغان خىلى خىلى تىمىلارنى چاندۇرۇپ قويغۇدەك.
سىز بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن يىزىپسىز بۇ ئەسەرنى ...چوقۇم مۇكاپاتقا ئىرىشىمەن دەپ بەلنى مەھكەم باغلاپ كىرگەندەك تۇرىسىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-2 20:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئايدانىش!
مەزكۇر تېمىغا يازغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ بىر ھازا كۈلدۈم. بىر قارىسا تېگىدە گەپ باردەك، يەنە بىر قارىسا بوۋاقلارچە تەپەككۇردەك تۇيغۇ بەردى. مېنىڭ شېئىرىلىرىمغا قارىتا بولىۋاتقان ھەم بولىدىغان تۈرلۈك پىكىر ھەم قاراشلارنىڭ كۆپىنچىسى ورمال قاراش ھەم پىكىرلەر. شۇڭا، سەن مۇنداق دېدىڭ ياكى ئۇنداق دەپسەن، دەپ كۆكەمىلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شېئىرنىڭ ئوي بىلەن، شېئىرنىڭ تەپەككۇر بىلەن، شېئىرنىڭ تىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتا مۇنداق بىر تەسەۋۇرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەبەدلىك سەپىرىدە كېتىۋاتقان بىر توپ ئادەم بىر ئۈڭكۈر ئالدىغا كېلىپ توقتاشتى. ئۈڭكۈرنىڭ ئالدىغا « يىلان بار » دەپ يېزىلغان ئىكەن. بىرلىرى ھاياتلىقنى ئويلاپ ياندى. يەنە بىرلىرى تەۋەككۇل قىلماقنى ئويلاپ، ئۈڭكۈرگە كىردى- دە، قايتىپ چىقتى. يەنە بىرلىرى شۇ كىرگەنچە قايتىپ چىقمىدى. مەن مىسالغا ئالغان بۇ « ئۈڭكۈر » تۇيغۇدۇر! شېئىر بىلەن تۇيغۇنىڭ بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۈچ خىل ئادەملەر توپى مەۋجۇت. بىرى، تۇيغۇ دەپ ئاڭلىغۇچىلار؛ يەنە بىرى تۇيغۇغا شۇنچىكى يېقىنلاشقانلار؛ ئۈچۈنچى توپ بولسا، تۇيغۇدىن ئىبارەت « قاراڭغۇ ئۈڭكۈر »گە چۆكۈپ كەتكەنلەر. ئايدانىش، ئۇيغۇر شېئىريىتىنى تۇيغۇنى بىلەن باغلاپ تەسەۋۇر قىلغىنىمىزدا، بىزدە بىرىنچى تىپتىكىلەر ئاساس، شۇڭا ئۇلارنىڭ « مەھسۇلاتى » ئۆلۈك. ئىككىنچى تىپتىكىلەر نۆۋەتتىكى شېئىرىيىتىمىزدە « يېڭىلىق ياراتقان »لار. ئۈچۈنچى تىپتىكىلەر ناھايىتى ئاز. ھەتتا، بىزگە مەلۇم بولغان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى قازساقمۇ بىزنىڭ ئون بارمىقىمىز توشامدۇ- يوق؟ بۇ دەل بىز ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە! شۇڭا، شېئىرىيتىمىزدە بىزنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەمەلىيەت بەك ئاز. شۇڭا، ئەمەلىيەتچىل بولغىنىمىز تۈزۈك!
مېنىڭ شېئىرى ئەمەلىيىتىمگە كەلگىنىمىزدە، مەن ئۈزلۈكسىز سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقۇچى. بۇ سىناقنىڭ قاچانغا داۋام قىلىدىغانلىقى قاراڭغۇ! ئەمما، بۇ « قاراڭغۇلۇق » ئويلىمىغان يەردىن مېۋە بېرىپ قالسا، مېنىڭ نەتىنجەم بولىدۇ. ناۋادا، مېۋە بەرمىسىمۇ، بىر سىناق ئېتىزى ھازىرلىغان بولىشىم مۇمكىن!؟
مەزكۇر ماقالىغا كەلسەك، بۇ ماقالىنىڭ پۈتكىنىگە ئاز كەم تۆت يىل بولدى. بىر ئىككى ژورنال ئىشلەتمەكچىمۇ بولدى. ئەمما، ئىشلىتىلمىدى. بىر ئىككى ژورنالدىن ماقا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بەرگۈم كەلمىدى. يازغۇچىلار تورىدا « ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى » سەھىپىسى ئېچىلغانلىقىدىن خەۋەرسىزمۇ ئەمەس ئىدىم. بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشمىدىم. ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق توغرىسىدا خېلى ئويلاندىم. كروران ئۆزىنىڭ بىر داستانىنى بەرگەندىن كېيىن قاتنىشىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن قاتناشتۇردۇم. ماقالىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكى مېنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىمغا نىسپەتەن ھېچقانچە بېسىم ئەكىلەلمەيدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشىۋاتقان ئەسەرلەر ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچەممۇ بار. ھەر ھالدا بۇ مۇكاپاتنىڭ يولغا قويۇلغىنى يامان ئىش ئەمەس.
قانداق ئادەملەرنىڭ ئەسەر قاتناشتۇرۇش ئىشىغا كەلسەك، ھەر كىمنىڭ ئىختىيارى. مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆپىنچە ئاپتۇرلار ھەۋەسكاردۇر! ھەتتا، نەچچە كىتاب چىقارغان ئاپتۇرلىرىمىز « ھەۋەسكار دېەۈدەك ھەۋەسكار » بولالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقلار بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدەبىيات تارىخىدا جىق ئىسپاتلاندى ھەم ئىسپاتلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
ئامان بولۇڭ!      



ۋاقتى: 2015-2-3 16:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «ئاۋازلىق ئوقيا» مەن ئۇچراتقان شېئىرلار توپلىمى ئىچىدىكى ئەڭ نادىر  كىتابلارنىڭ بىرى. مەن بۇ كىتابنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ھەم ۋاھىتجان ئوسماننىڭ «قىرىق بىر يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىمۇ سېتىۋالغان، مانا بۈگۈن  سىزنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىەق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە يازغان ئوبزورىڭىزنى ئوقۇپ  چقتىم. سىزنىڭ ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-4 10:29:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نۇربەگنىڭ مۇلاھىزىلىرى ئوقۇرمەندىنمۇ جانلىق تەپەككۈر تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەپەككۈرىنى چۈشەنگەن ئادەم ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ بارماق چىقىرىدۇ. ھەممىمىزدە مۇشۇنداق ئىنچىكە ئىزدىنىش روھى بولسا قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ئوبدانلا ئۈنىمى بولاتتى...

ۋاقتى: 2015-2-4 11:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئاكا، بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ؛ سىزنى شېئىر ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك ،ئۇخلىسىڭىزمۇ  شېئىر چۈشەيدىغاندەك، تاماقلىرىڭىزنىڭ تېتىتقۇلىرىغا  شېئىر سېلىپ  يەيدىغاندەك............ ئەمما سىزدە  تاماسىز  بىر   قەلب بار،مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. مۇۋاپىقىيەت سىزگە يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-5 11:19:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەك باشقىلاردىن ئاللا بورۇن ئۇزاپ كەتكەن ئادەم ( مەن ئۈچۈن شۇنداق ) ...بىر قىسىملىرىمىز بىز بىلەن قىلچە مۇناسېۋتى بولمىغان كىشلەر ماختاپ كۆككە كۆتۈرمىز ،ئەمما نۇربەگدەك ئىجدىيەتتتە ئۈزلىكىسىز ئىسلاھات ۋە تەجىربە ئېلىپ بىرۋاتقان يازغۇچىنى ئېتراپ قىلىشقا كۆڭلىمىز قىيامايدۇ .ئۆزۈڭنى قەدىرلىمىسەڭ خەق سېنى قەدىرلەمدۇ . نۇربەك دوستىمىزنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار تېلەيمەن .مەس سورغان سۇئالدا قەستەنلىك يوق ،پەقەت ئاغزىڭىزنى كوچىلارش ئارقىلىق داۋاملىق سىزدەك ئىزدەنمەكچى ....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش