ئىگىسى: nurbag

نۇربەگ(ئىزگۈگە): ئاۋازنىڭ ئىسيانى ۋە قىيامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-2-5 17:28:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم شاھىپ،بۇ ماقالىنى يېزىشتا خېلى ئىزدىنىپسەن.باشقىلارنىڭ نىمە دىيشى مۇھىم ئەمەس.ياخشىسى ئۆز يۇلۇڭدا مېڭىۋەر.«مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئاساسى جەھەتتىن باشقىلارنىڭ گىپىگە قۇلاق سالمىغانلاردۇر»سىنىڭ تەپەككۇرۇڭ باشقىلارغا ياقسۇن-ياقمۇسۇن خاسلىقىڭ بەك مۇھىم.سىنى باشقىچە چۈشۈنىۋاتقانلار ھامان بىر كۈنى باشقىدىن چۈشۈنىدۇ.سىنىڭ تەلەپچانلىقىڭ مىۋە بەرسە،بىزمۇ بەك سۆيۈنىمىز.مەن ساڭا ئاكىلىق ئورنىدا دەيمەنكى،ھاياتنى قەدىرلە،ئىجادىيىتىڭنى داۋاملىق ئىزچىللىققا ئېگە قىل.باشقىلار نىمە دەر دىگەن ئەندىشىدىن خالى ياشا.سىنىڭ ھەربىر پارچە ماقالەڭ ھەم شېئىرىڭدىن ئۆزگىچە پىكىرنى كۈتىمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-7 12:00:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋېلى ئاكا، دەيدىغان گەپلەر بەك جىق. مەن چۇقۇم يانىدىغان ئۈمىدنى يورۇقسىز قىلمايمەن. قالدى گەپلەرنى كۆرۈشكەندە دېيىشەيلى!

ۋاقتى: 2015-2-7 22:46:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ ماقالىنى نۆۋەتتىكى شېئېرلارنى مۇنبەرگە تۆكمە قىلىۋىتىپارغان بىر قىسىم شائىردەك شائىرلىرىمىز ئوبدانراق ئۇقۇپ،ھەزىم قىپ باقسا بولغۇدەك.كۆمۈلۈپ كىتىۋاتىمىزكى نەچچە يىلدىن بۇيان ۋاييەي دىگۈدەك بىرە پارچە
ئەسەر  چېققىنى يوق. بۇ يالغۇز  «ئاۋازلىق ئوقيا»نىڭ يانداشمىسى ئەمەس ۋە قانداقتۇر ۋاھىتجان ئوسماننىڭ ئىجادىيەتلىرىگە سۇنۇلغان باھامۇ  ئەمەس ۋە بەلكى  بۇ قانداقتۇر شېئېرى ئەسەرلەرگىلا يېزىلىۋاتقان قاراتمىمۇ ئەمەس.بۇ شاھىپ ئابدۇسالامدىن ئىبارەت بىر مۇئەللىپمنىڭ ئەدىبىيات كوچىسىدا كىتىۋاتقان تالايلىغان قەلەم ساھىبىللىرىغا بەرگەن ئاگاھلىرى،تەنبىھلىرى ...پات-پات كۆرۈنۈپ تۇر دەپ تىكلەپ بەرگەن ئەينىگى!
مەن مۇئەللىپنىڭ مۇشۇنداق تەخىرسىز شارائىتتا بۇ مەسلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كەڭ جەڭگىۋار  يازارمەنلىرىمىزنىڭ ئالدىغا تاشلىغىنىغا چاۋاك چالدىم.

ۋاقتى: 2015-2-12 00:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yaponiye Housou Unwersititi 2-mewsumde otulidighan 'Uyghur Edebiyati'derside
AhmatjanOsman ependimning 3-ayda Yaponiyede neshrdin chiqidighan she'irlar toplimi『ああ、ウイグルの大地』『Ey, Uyghur Tupriqi』ni resmiy derslik kitap qilip qollinidighan boldi.
Yaponiye Tarixida tunji chiqidighan uyghur sha'irimizning she'irlar toplimi,shundaqla belkim tunji qetim chet'el uniwersititta derslik bolghan uyghur sha'irimizning derslik kitawi!
Her-bir Uyghur xoshallansaq bolidighan ,pexirlensek bolidighan bir ish!
放送大学面接授業|( 東京文京学習センター )
面接授業トップ > 各センターごとの面接授業のご案内 > 東京文京学習センター > 面接授業詳細
FORESTS.OUJ.AC.JP

ۋاقتى: 2015-2-12 00:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2015-2-12 00:21:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمىزدىكى ئاينىڭ 15- كۈنى ئامرىكا يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن شائىر   دوستۇم ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ‹ئۇيغۇر تۇپرىقى› دېگەن نامىدا ئېنگىىلىسچە شېئىرلار توپلىمى  نەشىردىن چېقىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىتاپغانىلاردا بازار غا سېلىنىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز توۋەندىكى تور بەتكە قاراڭ...   

http://phonemebooks.com/books/

ۋاقتى: 2015-2-12 04:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوستلار، ھاياجاندىن بولسا كېرەك. ...  



           ئامرىكادا نەشىر قىلىنىدىغان كىتاپنىڭ ئىسمى بولسا‹ ئۇيغۇر دىيارى،ئەڭ يىراق  سۈگۈن گاھ›


ياپونىيەدىكىسى بولسا،‹ ئەي، ئۇيغۇر تۇپرىقى›  بىلىۋېلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-2-12 11:21:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن،ئەستايىدىل قىدىرىپ تەكشۈرۈش بولۇپتۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 18:37:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تۇي!
بەرگەن ئۇچۇرىڭىزدىن يۈرىكىمىز يايرىدى. ئۇستاز شائىرىمىز ئە. ئوسمان مەيلى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بولسۇن، مەيلى ئەرەب بۈگۈنكى دەۋر شېئىريىتىدە بولسۇن ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلماس ئابىدىسىنى تىكلىدى. ياپۇنيىدە كىتاۋىنىڭ مەشىر قىلىنىشى ھەم دەرسلىككە كىرگۈزۈلىشى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە بولغان چۈشىنىشنىڭ بىر قاتلام چۇڭقۇرلىشىشى... ئامرىكىدا كىتاۋىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئېنگىلىزلارنىڭ ھەم ئىنگىلىز تىلىنى بىلىدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر شېئىريىتىگە تەتقىقاتىنىڭ بۇرۇلۇشى! سوتسىيالىزم مۇھىتىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!

ۋاقتى: 2015-2-20 23:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەروزان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 10:29
نۇربەگنىڭ مۇلاھىزىلىرى ئوقۇرمەندىنمۇ جانلىق تەپەكك ...

مەنمۇ پەرۇزان ئۇستازنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىمەن.
نۇربەگنىڭ ئىزدىنىش روھى بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-22 00:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرىيە سالاملىرىم يەتكەي!
بىر پارچە تېكىستنى قانداق ئوقۇش ھەر كىمنىڭ قانداقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن « يىپەك يولى ساداسى »دا ئەركىن ئابدۇللانىڭ : ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىنى دۇنياغا تۇنۇتۇشتىن ئاۋال بىز دۇنيانىڭكىنى تۇنۇپ باقايلى... دېگەن بايانلىرىنى ئاڭلاپ، ئىچ- ئىچىمدىن شادلىققا چۆمدۈم. بىز سەنئەتنىڭ ھەرقانداق شەكلىدە رېئاللىقىمىزنى قۇبۇل قىلمايدىغان جاھىل خارەكتىرگە ئىگە. بۇنى خارەكتىر دېگەندىن كۆرە، ساۋادسىزلىق دېسەك تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. ساۋادسىزلىقتىن ئىبارەت بىر بىلىمنىڭ بىزدە بۇقەدەر يىلتىز تارتىپ كىتىشى بىزنى چۇقۇم ئويلارغا دۇچار قىلىشى كېرەك! يىغىپ ئېيتقاندا، ھەممىمىز بىر بىرىمىزگە چۇقۇم كۆيۈنىدىغان قامچا بولىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى ئەمەس، ئۆتۈپ كەتتى!...
ئامان بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-2-22 21:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام شاھىپ! بۇ ماقالىنى يېزىشتىن بۇرۇن شائىرنىڭ  قەلبىگە بۆسۈپ كىرىپ ،ئەتراپلىق قېدىرىش ئېلىپ بېرىپسىز ،شۇنداقلا شائىرنىڭ مەسئۇليىتى ،شېئىرنى قانداق يېزىش ،كىتاپخانلار قانداق چۈشىنىپ ھۇزۇرلىنىش ...قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپسىز ، چوڭقۇر ،ئۆزگىچە ۋە كۆپ قاتلاملىق تەپەككۈرىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن ! سالامەت بولۇڭ !  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-23 14:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوخ يوللىغان ۋاقتى  2015-2-22 21:16
سالام شاھىپ! بۇ ماقالىنى يېزىشتىن بۇرۇن شائىرنىڭ  قەلب ...

شائىرنىڭ قەلبىگە ئەمەس، تۇيغۇسىغا يېقىنلاشتىم، دەپ ئويلايمەن.
سىزمۇ ئامان بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-2-25 12:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز سەنئەتنىڭ ھەرقانداق شەكلىدە رېئاللىقىمىزنى قۇبۇل قىلمايدىغان جاھىل خارەكتىرگە ئىگە. بۇنى خارەكتىر دېگەندىن كۆرە، ساۋادسىزلىق دېسەك تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. ساۋادسىزلىقتىن ئىبارەت بىر بىلىمنىڭ بىزدە بۇقەدەر يىلتىز تارتىپ كىتىشى بىزنى چۇقۇم ئويلارغا دۇچار قىلىشى كېرەك! يىغىپ ئېيتقاندا، ھەممىمىز بىر بىرىمىزگە چۇقۇم كۆيۈنىدىغان قامچا بولىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى ئەمەس، ئۆتۈپ كەتتى!...



نۇربەگ، بۇمۇ سىزنىڭ تۇيغۇڭىز بولسا كېرەك، ئەگەر سىز پەلسەپە ياكى شېئىر تىلى بۇيىچە بىزلەۋاتقان بولسىڭىز ئۇنداقتا باشقا گېپىم يوق، چۈنكى بۇلاردا سىزمۇ بىر كۆپلۈك، ئەگەر رېئاللىقىمىزدا سۆزلەۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ خىل تۇيغۇ سىزگىلا خاس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-25 12:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 12:13
نۇربەگ، بۇمۇ سىزنىڭ تۇيغۇڭىز بولسا كېرەك، ئەگەر سىز  ...

قارىشىڭىزنى كەڭرىرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭە. ئاندىن مۇنازىرە قىلايلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش