كۆرۈش: 725|ئىنكاس: 10

نەۋائىي غەزەللىرىدىن 15 پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  نەۋائىي غەزەللىرىدىن 15 پارچە

                    1
ئەشرۇ قەت مىن ئەكسى شەمسىل كەئسى ئەنۋارۇلھۇدا،
يارى ئەكسىن مەيدە كۆردەپ جامىدىن چىقتى سەدا .
غەيرى نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم.
يوقتۇرئەي ساقى مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
خوش ئول مەيكى ئاڭا زەرپ ئولسا بىر سۇنغان ساپال
جام ئولۇر گېتى نەما جەمشىد ئانى ئىچكەن گەدا،
جامۇ مەي گەر بۇيىلەدۇر ئول جام ئۈچۈن قىلسا بۇلۇر،
يۈز جاھان ھەردەم نىسارئول مەي ئۈچۈن، مىڭ جان پىدا.
دەير ئارا ھۇش ئەھلى رەسۋا بولغانى ئەي مۇغبەچە،
جامۇ مەي تۇتساڭ مېنى دىۋا نىدىن قىل ئىپتىدا.
تاكى ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر
چېھرەئى مەقسۇد مەھۋە ئولغاي ھەم ئولدەم مائەدا،
تەشنەلەپ ئۆلمە ناۋائى چۈن ئەزەل ساقىسىدىن
ئەشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان كىلۇر ھەردەم نىدا،
                    2
ﻛﯚﺭﮔﻪﻟﻰ ھﯚﺳﻨﯜﯕﻨﻰ ﺯﺍﺭﯗﻣﯘﭘﺘﻪﻻ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ،
ﻧﻪ ﺑﻪﻻﻟﯩﻎ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺪﯨﻜﯩﻢ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻫﻪﺭﻧﯧﭽﻪ ﺩﯨﺪﯨﻜﯩﻢ ﻛﯜﻥ-ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﻩﻱ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ،
ﯞﻩﻫﻜﻰ ﻛﯜﻥ-ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺗﻪﺭﺭﻩﻕ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺩﯨﺪﯨﻢ «ﯞﻩﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻞ ﻣﺎﯕﺎ» ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﯔ،
ﺳﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺩﯨﺪﯨﯔ «ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﯩﻞ» ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻗﺎﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﭘﻪﻳﻜﺎﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﺳﻪﻥ ﺗﻪﻟﺒﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﺑﯘ ﺳﯜﭘﻪﺕ،
ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﭘﻪﻳﻜﻪﺭ، ﻧﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻗﯩﻞ ﻣﺎﯕﺎ، ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﺋﻪﻱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺗﻪﺭﻛﻰ ﻧﻪسىھﻪﺕ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﯨﻢ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻝ،
ﻳﯜﺯ ﺑﻪﻻ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﻜﻰ ﻣﻪﻥ ھﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
ﻏﯘﺳﺴﻪ ﭼﻪﯕﮕﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺗﺎﭘﻤﺎﺩﯨﻢ ﺋﻮﺷﺸﺎﻕ ﺋﺎﺭﺍ،
ﺗﺎ ﻧﻪﯞﺍﺋﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺳﺮﯗ ﺑﯩﻨﻪﯞﺍ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯕﺎ.
               3
ﺋﻮتقا ﺳﺎﻟﻐﯩﻞ ﺳﻪﺭﯞﯨﻨﻰ، ﺋﻮﻝ ﻗﻪﺩﺩﻯ ﻣﻪﯞﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،
ﻳﻪﻟﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﯩﻞ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﺋﻮﻝ ﺭﯗﺧﺴﺎﺭﻯ ﮔﯜﻟﮕﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﺳﻪﺭ-ﺳﻪﺭﻯ ﺋﺎھﯩﻢ ﺋﯧﺴﻪﺭ ﻏﻪﻡ ﺷﺎﻣﻰ ھﯩﺠﺮﺍﻥ ﺗﺎﻏﯩﻐﻪ،
ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯘﻧﭽﻪ ﺑﯘ ﺗﺎﻍ ھﺎﻣﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﺗﻪﻟﺒﻪﻟﯩﻜﺪﯨﻦ ﯞﺍھﻜﻰ ھﻪﺭﺩﻩﻡ ﺩﻩﺭﺩﯨﻢ ﺋﻪﻓﺴﯘﻧﺪﯗﺭ ﻣﻪﮔﻪﺭ،
ﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ھﻪﺭﺩﻩﻡ ﺩﻩﺭﺩﯨﻢ ﺋﻪﻓﺰﯗﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﮔﻪﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻪﺗﻞ ﺋﯩﺴﺘﻪﺑﺎﻥ ﺳﻪﻥ ﯞﻩﺋﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ،ﺗﺎﯕﻼ ﺩﻩﭖ،
ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭ ﺑﯘ ئېھﺴﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
ﺋﻪﻱ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺗﺎﻧﻤﺎ ﮔﻪﺭ ﺩﻩﺭ ﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺋﻮﻟﻐﺎﻳﻤﯘ ﭘﻪﺭﯨﻐﻪ ﺋﻮﻟﻜﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
                 4
ﻧﻰ ﻧﻪﯞﺍ ﺳﺎﺯ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﻪﻱ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ،
ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﺱ ﺗﯘﺗﻰ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﻡ ﺷﻪﻛﻜﯩﺮﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ.
ﺋﻮﻝ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻫﻪﺟﺮﯨﻨﺪﻩ ﻗﻮﺭﻗﺎﺭﻣﻪﻥ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﻰ ﺋﯚﺭﺗﻪﮔﻪﻱ،
ﻫﻪﺭ ﺷﻪﺭﺍﺭﯨﻜﯩﻢ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﺋﻮﻝ ﺋﻮﺗﻠﯘﻍ ﺋﻪﻓﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ.
ﺩﯨﻤﻪ ﻫﯩﺠﺮﺍﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﭘﯩﻐﺎﻧﯘ-ﻧﺎﻟﻪ،ﻛﯚﭖ،
ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭﻣﯘ ﭘﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ.
ھەجىر ئۆلۈمدىن تەلىخ ئىمىش، مۇندىن سوڭ ئەي گەردۇن مېنى،
ئەيلەگىل جاندىن جۇدا، قىلغۇنچە جاناندىن جۇدا.
بولسا يۈزمىڭ جانىم ئال، ئەي ھەجىر لېكىن قىلماغىل
يارنى مەندىن جۇدا، ياخۇد مېنى ئاندىن جۇدا.
ۋەسىل ئارا پەرۋانە ئۆرتەندى ھامانە بىلدىكىم
قىلغۇدۇدەكدۇر سۈبھى ئانى شەمئى شەبىستاندىن جۇدا.
بىر ئىيەسىز ئىت بولۇپ ئېردى نەۋائى يارىسىز
بولماسۇن، يارەبكى ھەرگىز بەندە سۇلتاندىن جۇدا.
                 5
ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﯚﺭﺗﻪﻧﺴﯘﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻏﻪﻳﺮﯨﻐﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ،
ﻫﻪﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻫﻪﻣﻜﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﻫﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﻩﺳﻠﯩﻦ ﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﺋﻪﻳﻠﯩﺴﻪﻡ ﻧﻪﯞﻣﯩﺪ ﺋﯚﻟﻪﻱ،
ﻫﻪﺭ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻫﻪﻣﻜﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﻠﯩﯔ ﺗﻪﻣﻪﻧﻨﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﺋﯚﺯﮔﻪﻟﻪﺭ ﻫﯚﺳﻨﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ ﻛﯚﺯﯛﻡ،
ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺯ ﻫﻪﻣﻜﻰ ﻫﯚﺳﻨﯜﯕﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺯﯨﻜﺮﯨﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻻﻝ ﺋﻮﻟﺴﯘﻥ ﺗﯩﻠﯩﻢ ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻞ ﻫﻪﻣﻜﻰ ﺯﯨﻜﺮﯨﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﺭﻩﺷﻜﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﮔﯩﺲ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺷﯚﺋﻠﻪﺩﯗﺭ،
ﺑﺎﻍ ﺋﺎﺭﺍ ﻧﺎﮔﺎﻫ ﺧﯩﺮﺍﻡ ﺋﻮﻝ ﺳﻪﺭﯞ ﺭﻩﺋﻨﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻧﯚﻛﺘﻪ ﺋﻪﻳﺘﯘﺭ ﻣﻪﻫﯟﻩﺷﯩﻤﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻱ،
ﮔﻪﺭ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻫﻪﺭ ﺯﻩﺭﺭﻩﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻬﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ ﺟﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺋﻪﻱ ﺧﯘﺵ ﺋﻮﻝ ﻣﯘﻏﻜﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ،
ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯓ ﺩﻩﻓﺌﻰ ﺟﯘﻧﯘﻧﯘﻣﻐﺎ ﭘﻪﺭﯨﺨﺎﻥ ﻳﻮﻕ ﺗﻪﺑﯩﺐ،
ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻝ ﺋﻪﻧﺴﺎﺑﯩﺪﯗﺭ ﭘﻪﺭﻯ ھﻫﻪﺭﻛﯩﻤﻨﻰ ﺷﻪﻳﺪﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﺳﯜﺑھﯩﺪﻩﻙ ﻫﻪﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﻗﻮﻳﻤﺎﻏﺎﻱ ﺋﺎﺳﺎﺭﯨﻨﻰ،
ﻧﯩﮕﺎﻫ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻣﯩھﺮﯨﻦ ﺋﯩﻔﺸﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
ﺩﻩھﯩﺮ ﺷﻮﺧﯩﻐﻪ ﻧﻪﯞﺍﻳﻰ ﺳﻪﻳﺪ ﺋﻮﻟﻤﺎ ﻧﯧﭽﻪﻟﯩﻢ،
ﻛﯜﻥ ﺋﯘﺯﺍﺭﻯ ﺗﯜﻥ ﺯﯗﻟﻔﯩﻦ ﻣﯘﺗﻪﺭﺭﺍ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪ.
              6
ﻳﺎﺷﯩﺮﯗﻥ ﺩﻩﺭﺩﯨﻤﻨﻰ ﺯﺍھﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺋﻪﻓﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ،
ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﺭﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﻳﺪﻯ ﺳﻪﻳﻠﻰ ﻣﯩﮋﮔﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﻳﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺭﺩﯨﻢ ﺑﺎﻏﯩﺮ ﭼﺎﻛﯩﻨﻰ ﯞﻩﻫﻜﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﭘﺎﺵ،
ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻩﺷﺸﯘﻫ ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﺗﯩﻐﻰ ﻫﻪﺟﺮﯨﺪﯨﻦ نىھان ﻛﯚﻛﺴﯜﻥ ﺷﯩﻜﺎﻓﯩﻦ ﺋﺎﻫﯩﻜﯩﻢ ،
ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺭﻩﯞﺷﻪﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﭼﺎﻛﻰ ﮔﯩﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﯞﺍﻳﻜﯩﻢ ﻛﯚﻛﺴﯜﻡ ﺷﯩﻜﺎﻓﯩﻦ ﺋﯘﻟﯘﺳﻘﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻓﻪﻫﻢ،
ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﺩﺍﻏﻰ ﭘﯩﻨﻬﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﺷﻪﯞﻗﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﻡ ﺋﯘﺭﻣﺎﻳﯩﻦ ﺑﯩﺪﺍﺩﯨﻐﺎ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﺪ ﺋﯩﺪﯨﻢ،
ﯞﻩھﻜﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﻫﻪﺟﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﯟﺍﻳﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﮔﻪﺭ ﺑﯘﺩﯗﺭ ﻛﺎﻓﯩﺮ ﻛﯚﺯﯗ ﺯﯗﻧﻨﺎﺭ ﺯﯗﻟﭙﻰ ﺋﻪﻱ  پەقىھ ،
ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻛﻤﻪﻥ ﺩﻩﻫﯩﺮ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﻪﺳﺘﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﺋﯩﺸﻘﻰ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﺟﯘﻧﯘﻧﯘﻣﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎﺩﻯ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ،
ھﻪﺟﺮﻯ ﺗﺎﺷﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﻪﻗﻘﻪﺵ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﺭﻳﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﺩﻩھﯩﺮ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﺳﻪﺭﻛﻪﺵ ﻧﯩھﺎﻟﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺩﯛﻙ،
ﺳﺎﻳﻪ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻱ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
ﺋﻪﻱ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺩﻩﯞﻟﻪﺗﻰ ﺑﺎﻗﻰ ﺗﯩﻠﻪﺭﺳﻪﻥ ﯞﻩﺳﻠﯩﺪﯨﻦ،
ﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﺗﻤﻪﻙ ﭘﻪﻧﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻧﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﺒﻪﺕ.
                7
ساقىيا مەن يۇتماغان خۇنابە ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
ئەيكى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل پىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يېقىلدىم ئەي ر ەفىق
تەڭرىچۈن ئەيتكى ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ ؟،
ئەي كۆڭۈل بۇ گۈلشەنىدىن ئەتراپقا باقكىم غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەم ئەيلەدى بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئەي نەۋائى قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن كۆركى بار،
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
               8
ﺋﺎﺭﻩﺯﯨﻦ ﻳﺎﭘﻘﺎﭺ ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﭼﯩﻠﯘﺭ ھﻪﺭ ﻟﻪﺋﺰﻩ ﻳﺎﺵ،
ﺋﯘﻳﻠﻪﻛﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﻧﯩﻬﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻗﯘﻳﺎﺵ.
ﻗﯘﺕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺩﺍﻣﯘ ﺩﻩﻳﺮﯨﻢ ﮔﯘﺷﻪﺋﻰ ﻣﯩﻬﺮﺍﺏ ﺋﯩﺪﻯ ،
ﻏﺎﺭﻩﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻧﺎﮔﺎھ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻻﻟﯩﻎ ﻛﯚﺯﯗ-ﻗﺎﺵ.
ﺑﯘﺩﻩﻣﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻫﯩﻢ ﺋﯩﻔﺸﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﺋﻮﻝ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﺸﻘﯩﻨﻰ،
ﺳﯜﺑھﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺩ-ﺑﺎﺩ ﺩﻩﻣﻰ ﺋﺎﻧﺪﺍﻗﻜﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭ ﻣﯩھﯩﺮﭘﺎﺵ.
ﺑﯘﺳﻪﺋﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﻣﯘﺭﯗﯞﻩﺕ ﺋﻪﺳﺮﯗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﺘﯘﺭ ﻟﻪﺑﯩﯔ،
ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺋﺎﻏﺰﯨﯔ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺋﻪﻳﺘﯘﺭ ﻟﻪﺋﯩﻞ ھﻪﻡ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﯞﺋﻰ ﺗﺎﺵ.
ﻧﺎﯞﻩﻛﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﭺ ﺟﺎﻥ ﺗﺎﻻﺷﻤﺎﻕ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﯩﻦ ،
ﻛﯩﻢ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﭘﻪﻳﻜﺎﻧﻪﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺋﯩﻠﻪ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﺗﺎﻻﺵ.
ﻗﺎﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺟﺎﻥ ﺋﻪﻳﯩﭗ ﺋﻪﺗﻤﻪﯕﯩﺰ،
ﮔﻪﺭﺑﯘﺩﯗﺭ ﻣﯩھﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ ﻗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯗﺭ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺑﺎﺵ.
ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺟﺎﯞﯨﺪ ﺋﯩﺴﺘﻪﺳﻪﯓ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﺋﻮﻟﻜﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﺧﯩﺰﺭﯨﺪﯗﺭ،
ﺳﻪﺭﯞﯨﻜﯩﻢ ﺩﻩﺋﻒ ﺋﻪﻳﻠﻪﺩﻯ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ-ﺋﺎﺯﺍﻟﯩﻎ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻣﻪﺋﺎﺵ.
                 9
ﺗﯜﻥ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ-ﻳﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﻣﻪﻧﻰ ﺷﻪﻣﺌﻰ ﺷﻪﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﻢ،
ﺑﯘ ﺋﻪﻧﺪﯗﻫ ﺋﻮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﻛﯚﻳﻪﺭ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪﺩﻩﻙ ﺟﺎﻧﯩﻢ.
ﻧﻪ ﻏﻪﻡ ﻛﯚﺭﮔﯜﺯﺳﻪ ﻛﯚﻛﺴﯜﻡ ﭘﺎﺭﻩﺳﯩﻦ ﭼﺎﻛﻰ ﮔﯩﺮﯨﺒﺎﻧﯩﻢ،
ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﻛﺴﯜﻡ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻦ ﺩﺍﻏﻰ ﭘﯩﻨﻬﺎﻧﯩﻢ.
ﻏﻪﻣﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﺭﺭﻯ ﻣﻪﻛﻨﯘﻧﺪﻩﻙ ﺳﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻢ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺟﻪﻳﻬﯘﻧﺪﻩﻙ،
ﻣﯘﺯﻩﻳﻴﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﮔﻪﺭﺩﯗﻧﺪﻩﻙ ﺟﻪھﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺷﻜﻰ ﻏﻪﻟﺘﺎﻧﯩﻢ.
ﭘﻪﻟﻪﻙ ﻫﻪﻡ ﺗﻮﻟﺪﻯ ﻛﻪﯞﻛﻪﺑﺪﯨﻦ ،ﻗﯘﻳﺎﺵ ھﻪﻡ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﺋﻪﺷﻬﻪﺑﺪﯨﻦ،
ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻤﻪﺱ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺑﺪﯨﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯘﺭﺷﯩﺪﻯ ﺭﻩﺧﺸﺎﻧﯩﻢ.
ﺟﻪﻫﺎﻧﻨﻰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﭼﻪھ ﺑﯘ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺋﯚﻟﮕﯜﻡ ﯞﺍھﻫ،
ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﻧﻪ ﺧﯩﺰﺭﻯ ﺭﻩھ، ﻧﯩﺘﯩﺐ ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺑﻰ ھﻪﻳﯟﺍﻧﯩﻢ.
ﺩﯨﻤﻪ ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻛﻪﺗﻤﯩﺶ ﭘﻪﻟﻪﻛﻜﻪ ﺗﯩﻴﺮﻩﻟﯩﻚ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ،
ﺋﻮﻝ ﺋﺎﻱ ھﻪﺟﺮﯨﺪﻩ ﺗﺎﺭ ﺋﻪﺗﻤﯩﺶ،ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﻰ ﺩﯗﺩﻯ ﺋﻪﻓﻐﺎﻧﯩﻢ.
ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻛﻪﺑﻰ ھﯩﺠﺮﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﯚﻟﺪﯛﻡ ﺋﻪﻓﻐﺎﻧﺎﯨﻦ،
ﻏﻪﻣﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯜﺯ ﺟﻪھﺎﻥ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﮔﻪﺭ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺟﺎﻧﺎﻧﯩﻢ.
                   10
ﻛﯧﺰﻩﺭﻣﻪﻥ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻫﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻱ ﺩﻩﭖ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺳﻪ ﻗﺎﻧﯩﻢ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻏﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻱ ﺩﻩﭖ.
ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻧﯩﺶ ﺋﯘﺭﺳﺎ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﻣﻪﻥ ﻧﺎﻟﻪ،
ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﯔ ﻧﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻝ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﯕﺎﻟﻐﺎﻱ ﺩﻩﭖ.
ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﻧﺎﯞﻩﻛﯩﯔ ﺗﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ ﺑﯩﻬﻪﺩ ﻫﯩﻔﺰﯨﻦ ﺋﻪﻳﻠﻪﺭﻣﻪﻥ ،
ﻛﻰ ﺑﯘ ﺷﯩﺸﻪﺋﻰ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺋﻮﻝ ﺩﺍﻏﻰ ﻧﺎﮔﺎﻫ ﺋﻮﺷﺎﻟﻐﺎﻱ ﺩﻩﭖ.
ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺑﯩﻨﻪﯞﺍﻟﯩﻎ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﻪﻱ ﺋﯩﭽﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ،
ﻧﻪﯞﺍ ﻧﻪﻗﺸﯩﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ﻣﯘﺗﺮﯨﺒﻰ ﺑﻪﺯﻣﯩﺪﻩ ﭼﺎﻟﻐﺎﻱ ﺩﻩﭖ.
                    11
ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻧﯩﺸﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎﻳﻰ ﭼﯩﻤﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ،
ﭼﯘﻧﺎﻧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻏﺎﻱ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﭘﻪﻧﺎﻏﺎ ﺋﻪﻧﺠﯜﻣﻪﻥ ﻫﺎﺟﻪﺕ .
ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭﻯ ﻗﻪﺩﺭﻯ ﺭﻩﻧﺎﻳﻰ ﮔﯜﻟﮕﯜﻥ ﭘﯘﺷﻤﻪﻥ ﯞﺍﻫ ـ ﯞﺍﻫ ،
ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﺩﻯ ﺑﻪﺭﮔﻰ ﮔﯜﻟﻰ ﺳﻪﺭﯞﻯ ﺳﯜﻣﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺕ .
ﺑﺎﻻ ﺩﻩﺷﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﻣﺎﯓ،
ﻛﻰ ﺋﺎﻧﺪﺍ ﻧﻰ ﮔﯜﻟﯘ،ﻧﻰ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﯘ،ﻧﻰ ﻛﯚﻫﻜﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺕ.
ﺳﻪﻫﻪﺭ ﯞﺍﺧﺘﻰ ﺳﺎﺑﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺭﺩﻯ ﺯﯗﻟﭙﯘﯓ ﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﻰ،
ﻣﯘﺋﻪﺗﺘﻪﺭ ﺋﻮﻟﺪﻯ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺩﻯ ﻣﯘﺷﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺕ.
ﺳﯘﺋﺎﻝ ﺋﻪﻳﻠﻪﺑﺪﯗﺭﻛﻰ ﻳﯧﻐﻠﯩﻤﺎﻗﺪﯨﻦ ﻧﻰ ﻏﻪﺭﻩﺯ ﺋﺎﺧﯩﺮ،
ﺩﯨﺪﯨﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﭘﺎ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﯞﻩﻳﺴﻰ ﻗﯩﺮﻩﻥ ھﺎﺟﻪﺕ.
ﺯﯨﻠﻪﻳﺨﺎﻳﻰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻧﯩﻦ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺳﻪﻣﯘﻣﻰ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺧﺎﻛﯩﺴﺘﻪﺭ،
ﺑﯘ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﺩﯨﻤﻪ ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻝ ﻳﯜﺳﯘﻓﻰ ﮔﯜﻝ ﭘﯩﺮﻩھﻪﻥ ھاﺟﻪﺕ .
ﺑﯘ ﻣﯘﺷﺘﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻧﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﯕﻼﺭ،
ﺷﻪھﯩﺪﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﺑﯘﺕ،ﻧﻪ ﮔﯚﺭﯗ،ﻛﯧﭙﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺕ.
ﺭﻩﻓﯩﻘﺎ ﺑﯩﺴﻪﺭﯗﻓﺎﻻﺭﻧﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻤﺎﻏﯩﻞ ﺯﯨﻨھﺎﺭ،
ﻫﻪﺑﯩﺐ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪ ﺳﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺕ،ﻧﻪ ﻣﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺕ.
ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻳﺎﺭﻧﯩﯔ ئاستانەﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﭘﺮﺍﻏﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ،
ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﻪ ﺳﻪھﺮﺍﻳﯘ،ﻧﻪ ﺷﻪھﺮﯗ،ﻧﻪ ﯞﻩﺗﻪﻥ ھﺎﺟﻪﺕ.
                12
ﺟﯘﻧﯘﻥ ۋاﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻛﯚﺭﻩﺭﻣﻪﻥ ﺟﺎﻧﯩﺰﺍﺭﯨﻤﻨﻰ،
ﺗﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯘﺯﻣﺎﻕ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﻭﺯﯨﮕﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺑﯩﺪﺍﺩﯨﺪﯨﻦ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﻰ ﺧﺎﻛﻰ ﻏﯘﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،
ﺗﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ ﺗﺎﭘﻤﺎﻏﺎﻳﻼﺭ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻏﯘﺑﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺷﻪﻙ ﺋﯩﺮﻣﻪﺱ ﭘﻪﺭﺗﻪﯞﻯ ﭼﯜﺷﻜﻪﭺ ﺋﯚﻳﻰ ﺭﻩﺧﺘﻰ ھﻪﻡ ﻛﯚﻳﻤﻪﻙ،
ﭼﯘ ﮔﯚﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﮔﺎﺩﺍﻳﻰ ﺳﻪﺯﻣﯩﮕﻪﻱ ﺷﻪﻣﺌﻰ ﻣﺎﺯﺍﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺩﯨﻤﻪﯓ ﻗﺎﻳﺴﺎﺭﻯ ﺋﻪﺯﯨﻢ ﺋﻪﺗﻜﯜﯓ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮ،
ﻗﻪﺯﺍ ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﻣﯩﺸﻤﻪﻥ ﺋﯩﻨﺎﻧﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺗﯜﮔﻪﻧﺪﻯ ﺋﻪﺷﻚ ﮔﯜﻟﮕﯜﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺯﻩﭘﯩﺮﺍﻥ ﻳﯜﺯ،
ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺯﯗﻟﻤﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺧﺎﺯﺍﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺑﺎھﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﺋﻪھﻠﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻳﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﯩﻤﻐﺎ ﻳﯜﺯ ﻣﯧھﻨﻪﺕ،
ﻧﯩﺘﺎﯓ ﺑﺎﺷﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻳﺎﺭﯗ-ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ھﻪﻳﺎﺗﯩﻢ ﺑﺎﺩﻩﺳﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﺭﮔﯩﺮﺍﻧﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﺮﯗ ﺋﻪﻱ ﺳﺎﻗﻰ،
ﻗﻪﺩﻩھﻘﻪ ﺯﻩھﺮﻯ ﻗﺎﺗﯩﻞ ﻗﯘﻱ، ﺩﺍﻏﻰ ﺩﻩﺋﻒ ﺋﻪﺕ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻤﻨﻰ.
ﺟﺎھﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯩﻨﻤﺎﻕ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯧﺮﻣﻪﺳﺘﯘﺭ،
ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻗﯩﻞ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺋﯚﺭﺗﻪﺏ ﻳﻮﻗﯘ-ﺑﺎﺭﯨﻤﻨﻰ .
                  13
ﺳﯩﯟﯨﻨﮕﯩﻞ ﺋﻪﻱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺟﯩﺴﻤﯩﯔ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺟﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﻗﯘﯞﺍﻥ ﺋﻪﻱ ﺟﺎﻧﻰ ﻣﻪھﺰﯗﻧﻜﯩﻢ ھﻪﻳﺎﺗﻰ ﺟﺎﯞﯨﺪﺍﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯ ﻳﻪﺗﺘﻰ ،ﻣﻪﻧﻰ ﻣﻪﻫﺰﯗﻧﻨﻰ ﺷﺎﺩ ﺋﻪﺗﺘﻰ ،
ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻏﻪﻡ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺗﺎﺯﻩ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﺧﯩﺮﻩﺩ ﻳﯧﻎ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﺎﭘﯩﯖﻨﻰ ،ﺗﻪﻫﻪﻣﻤﯘﻝ ﻗﻮﻱ ﮔﻪﺯﺍﭘﯩﯖﻨﻰ،
ﯞﻩﺭﻩﻫ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﻳﻠﻪ ﻻﭘﯩﯖﻨﻰ ﻛﻰ ﺋﺎﺷﯘﺑﻰ ﺟﻪھﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﺩﻩﻣﯩﻜﯩﻢ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﻢ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ھﻪﻣﺮﺍھﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ،ﺋﻮﻝ ﻧﺎ ﻣﯩھﺮﯨﺒﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﻛﯩﻠﯩﭙﺪﯗﺭ ﻳﺎﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻝ ﺷﺎھ ﻣﻪﻧﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﮔﺎﻫ،
ﭘﻪﺭﻯ ﺋﻪﺭﻣﻪﺱ ﺋﯧﺴﻪ ﺋﻮﻝ ﯞﺍﻫ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻧﯩﭽﯜﻙ ﻧﯩﻬﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺑﺎﻗﺘﻰ ﭘﯩﻐﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﺋﻪﺟﻪﻝ ﺭﻩﻫﯩﻢ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﺟﺎﻧﯩﻤﻐﺎ،
ﺧﻪﺯﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﮔﯜﻟﻰ ﺑﺎﻏﻰ ﺟﯩﻨﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
ﻣﯘﻏﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﺗﯜﺯ، ﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻧﻪﻏﻤﻪﺋﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﺯ،
ﺋﺎﻳﺎﻗﭽﻰ ﺗﺎﻣﺴﺎ ﺗﯘﺕ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﻰ ﺩﺍﺭﺍﻳﻰ ﺯﻩﻣﺎﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
                 14
ﺑﻪﻻ ﺩﻩﺷﺘﻰ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﻪﺟﻨﯘﻥ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ،
ﻗﯘﻳﯘﻧﺪﻩﻙ ھﻪﺭ ﺯﻩﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﻣﻪﮔﻪﻥ ﯞﺍﺩﯨﺪﺍ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ.
ﻧﻰ ﺋﻪﻧﺪﯗھ ﻣﻪﻻﻟﯩﻤﻐﺎ ﺑﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺷﺘﯩﺪﻩﻙ ﻏﺎﻳﻪﺕ،
ﻧﻪ ﺳﻪﯞﺩﺍﯞﯗ ﺟﯘﻧﯘﻧﯘﻣﻐﺎ ﻣﻪﻻﻣﻪﺕ ﺑﻪﻫﺮﯨﺪﻩﻙ ﺑﺎﻳﺎﻥ.
ﺗﯜﻧﯜﻡ ﺩﻩﻳﺠﯘﺭ،ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺭﻩﻧﺠﯘﺭ،ﺋﯩﭽﯩﻢ ﻏﻪﻣﻨﺎﻛﯘ،ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﭼﺎﻙ،
ﺗﯩﻠﯩﻢ ﻻﻟﯘ،ﺗﯧﻨﯩﻢ ﺑﯩﻬﺎﻝ،ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺋﻪﻓﻐﺎﻥ،ﺳﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻢ ﻗﺎﻥ.
ﺯﻩﺋﯩﭙﯘ ﺩﻩﺭﺩﯗ ﻏﻪﻡ ﭘﯩﺸﻪ ﻧﻪھﯩﭙﯘ ﻣېھﻨﻪﺕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ،
ﺯﻩﻟﯩﻠﯘ ﺑﯩﺴﻪﺭﯗ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻗﻪﺗﯩﻠﻰ،ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻯ ھﻫﯩﺠﺮﺍﻥ.
ﭘﯩﻐﺎﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﺳﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺟﻪھﺎﻥ ﺭﻩﻧﮕﯩﻦ،
ﻧﻪ ﺩﻩﺭﺩﯨﻢ ﺋﻮﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﻜﯩﻦ ،ﻧﻪ ھﻪﺟﺮﯨﻢ ﺩﻩﺭﺩﯨﻐﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ.
ﺑﺎﺷﯩﻢ ﻏﻪﻡ ﺗﺎﺷﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺭﻩ،ﺗﻪﻧﯩﻢ ھﻪﺟﯩﺮ ﺋﻮﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﻩ،
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯘ ﭘﺎﺭﻩﻏﻪ ﭼﺎﺭﻩ ﺗﺎﭘﺎﺭﻏﺎ ﺗﺎﭘﻤﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ.
ﻛﯜﺯﯛﻡ ﻧﻪﻣﻠﯩﻖ،ﺑﯘﻳﯘﻡ ﺧﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺋﻪﻧﺪﯗھﻰ ﻣﺎﺗﻪﻣﻠﯩﻚ،
ﻧﻰ ھﻪﻣﺪﻩﻣﻠﯩﻖ ،ﻧﻰ ﻣﻪھﺮﻩﻣﻠﯩﻖ،ﺗﺎﭘﯩﭗ ﺑﯘ ﻣېھﻨﻪﺗﻰ ﭘﯩﻨھﺎﻥ.
ھﻪﻡ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﺗﻪﺑﺎھﯩﻤﺪﯨﻦ، ھﻪﻡ ﺋﺎھﻰ ﺳﯜﺑھﯩﮕﺎھﯩﻤﺪﯨﻦ،
ھﻪﻡ ﺋﻮﺗﻠﯘﻍ ﺩﯗﺩﻯ ﺋﺎھﯩﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﭗ ﻛﯜﻟﺒﻪﺋﻰ ﺋﻪﻫﺮﺍﻥ .
ﻧﻪﯞﺍﻳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭ ﺟﺎﻣﻰ ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ ﻛﯚﭖ،
ﻧﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻪﺋﯘﺑﻪﺕ ﻛﯚﭖ ﺑﯘﻟﯘﺭ ﯞﻩھﺪﻩﺕ ﻣﻪﻳﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ.
                 15
ﻣﯘﺯﻩھھﻪﭖ ﺋﻪﻳﻠﻪﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﻜﺎﻧﯩﻼﺭﯨﯔ ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﺋﺎﺭﺍ ھﻪﺭﻳﺎﻥ،
ﺩﯨﻤﻪ ﻳﺎﺵ ﭼﻪﻛﺘﯩﻜﯩﻢ ﭼﻪﻛﺘﻰ ﺯﻩﺑﺎﻧﻪ شۆﺋﻠﻪﺋﻰ ھﯩﺠﺮﺍﻥ.
ﻗﺎﭼﺎﻥ ﭘﻪﻳﻜﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻱ ﻫﻪﺟﯩﺮ ﺋﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯚﺋﻠﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﺎﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻕ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗﺭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ.
ﻧﻰ ﺗﺎﺵ ﺋﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﻧﯩﻤﻨﻰ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻏﻪﻣﮕﻪ ﻗﺎﻟﯘﺭﻣﻪﻥ،
ﻣﯘﯕﺎﻧﻰ ﺑﺎﻏﻼﻱ،ﺋﺎﻧﻰ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﻏﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻧﻰ ﺋﯘﺭﻳﺎﻥ.
ﺑﻪﻻ ﺩﻩﺷﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺷﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﺍﻏﻰ،
ﺧﯩﺮﻩﺩ ﺋﻪھﻠﻰ ﻗﺎﺷﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﺒﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻟﯘﺭ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ.
ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ﻏﻪﻣﯘ-ھﯩﺠﺮﯨﯔ،
ﻣﻪھﻪﻟﺪﯗﺭ ﺳﻪﮔﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﻛﯜﻟﺒﻪﻡ ﺋﺎﺭﺍ مېھﻤﺎﻥ .
ﻧﯩﻤﻪﻥ ﻗﺎﻟﻐﯘﻡ ﻧﯩﺴﻪﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﺯﻩﻣﺎﻧﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﺋﻪﻱ ﺳﺎﻗﻰ،
ﻗﻪﺩﻩھ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻘﯩﻞ ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭ ﺑﻪﺳﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.
ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭ ﺟﺎھﺎﻥ ﺋﻪھﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ،
ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪھﻠﻰ ﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﭘﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﺭ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﻧﺎﺩﺍﻥ.
ﺧﯘﺷﺎ ﺩﻩﻳﺮ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﻪ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻠﻜﯩﯖﺪﻩ ﭘﻪﻳﻤﺎﻧﻪ،
ﻣﻪﻧﯘ ﺋﻪھﻠﻰ ﭘﺎﻧﺎ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ«ﻛﯘﻟﻠﯘﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪيھﺎﭘﺎﻥ.››
ﭘﻪﻧﺎ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯩﻞ،
ﻛﯩﻢ ﺋﯚﻟﻤﻪﮔﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﯕﺪﯗﺭﻟﻪﺕ ﯞﻩﮔﻪﺭﺳﺎﺋﯩﻞ،ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ.
ﺟﻪﻫﺎﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﻥ ﻳﻮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻯ ﻳﻪﻛﺴﺎﻧﺪﯗﺭ،
ﻧﻰ ﻓﻪﺭﺭﯗﺥ ﻛﯩﻤﺴﻪﺩﯗﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎھﺎﻥ ﺑﺎﺭﻯ-ﻳﻮﻗﻰ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ.
ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ﺋﯚﺯﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻜﯩﻢ كىشىگە ﺩﻩھﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ،ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ.


( مەنبە: «نەۋائىي غەزەللىرى» ناملىق توپلام )

    ئىزاھات:


    مەن بۇ غەزەللەرنى بىر نەچچە يىل بۇرۇن  توردىن چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغانتىم.  مۇنبەرداشلىرىمىز بىلەن بىرگە بەھىرلىنىش مەقسىتىدە  يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزگە يوللاپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-1 23:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-2 01:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ﻏﻪﻣﯘ-ھﯩﺠﺮﯨﯔ،››ھەقىقەتەن كامالەتكەن يەتكەن تىل ئۈستىسى -دە ...

ۋاقتى: 2015-2-2 01:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، بۇ ئەجىرنىڭ تېگىدە بىر مەنا بولۇشى چوقۇم.
كۆردىڭىزمۇ؟ «نەۋائىي» ئاتالمىسى بولمىغىندا،« ياخشى يېزىپسىز،ئاپىرىن!» دېگۈچىلەر كۆرمىڭ بىزدە.
بىر زامانلاردا مەلۇم بىر سەنئەت«چولپىنى» بىلەن پاراڭلىشىشقا توغرا كەلدى(ئەلۋەتتە ھاياجانلانغا بىز). سۆھبەت مەزمۇنىدىن ئايان بولدىكى،ئۇ تاماشىنى نوقۇل سەنئەت لېنىيىسى،دەپ تونۇيدىغانلاردىن ئىدى. شۇ چاغدا بىر ئاغىنەم:« توغرا چۈشەن،ئارتىس ئەمەسمۇ!»دېگەنىدى...يەنە بىر زامانلار ئۆتۈپ،كىمدۇر بىرى سەۋەبلىك، «توغرا چۈشەن،يازغۇچى ئەمەسمۇ!» دېيىلدى.
مەنزە،ئەسلى لايىقلار كۆتۈرۈدىغان ھاقارەتنى كۆتۈرۈپلا يۈرۈپ بىرمۇنچە ياشنى ياشىدىم.
ئىنشا ئاللاھ،بۇنىڭغىمۇ شۈكرى!

ۋاقتى: 2015-2-2 09:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قىلىپسىز، مەن شۇنداق ئويلايمەن، بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، بۇندىن كېيىنمۇ بىزدە قولىغا قەلەم ئالغان ھەر بىر ئەدىب ئەگەر نەۋايى بىلەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشمايدىكەن، ئۇ ھەقتە ئىزدەنمەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم بىر پەندىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ، ئەدەبىياتتا يۈكسەك پەللىگە ئۆرلىيەلمەيدۇ.

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.
ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقى مەن،
تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەرخەنجەرى تەييارىنى.
بەش كۆرۈشمەكلىك بىلەن يۈزگە خالۇ جانغا دۇر،
ئالتە كۆرگەندە تىلەرمەن قابزۇل ئەرۋاھىنى.
يەتتە ئىقلىمدا سېنىڭدەك كۆرمىدىم نازۇك بەدەن،
سەككىز ئۇجماقتا بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.
توققۇز ئاي بولدى ناۋايى يارىدىن ئايرىلغىلى،
ئون ئىككى ئاي بىر يىل ئىچىدە كۆرمىدىم غەمخارىنى.
خۇدايىم بەردى مۇساغا تەجەللى تۇرى تاغدا،
يەنە ئۆز پەزلىدىن كۆرسەتتى ئەجدىھا تاياغىدا.
كۆرۈڭ نەمرۇد مۇشرىكنى خۇدالىق دەۋاسىن قىلدى،
  جازالەر بەردى تۆت تۈز يىل پۈچۈق پاشە دىماغىدا.
خۇدانىڭ پەزلى بىرلەن قىلدى داۋۇد مۇم ئاھەڭنى،
كۆرۈڭ بى تابىئى سەندەل تۇتۇبان دەستى ساغىدا.
سۇلايمانغا ئاتا قىلدى بۇ دۇنيا شاھلىقىن ئەي دوست،
  ئاڭا كۆپ پەند ئىشتۇردى مەنزەرنىڭ ئوتاغىدا.
   خەلىللاغا قىلدى پەزلى بىرلەن ئاتەش گۈزار،
ياراتقان تەڭرىنى ياد ئەتتى نەمرۇد مەنچا تاغىدا.
غەرەز ئولدۇر نەۋايىكىم، بۇ دۇنيا بىۋاپا بىلسەڭ،
ئىشتكىل بۇ نەسھەتنى ئۇنۇتما ئوڭ قۇلاغىڭدا.

ياراتتى ھەزىرتى ئادەمنى، جۇپتى ئەيلەپتۇ ھەۋۋانى،
سېلىبان ئىشقى ئوتى يۈسۈپكە كۆرسەتتى زىلەيخانى.
نىگاھى كىم ئەزەلدە لەۋھۇلمەھپۇزدا  يېزىلمىشتۇر،
كې ئازەر ئوغلى ئىبراھىمگە نەمرۇد قىزى سارانى.
ئۆزەڭنىڭ دوستىدۇر ھەم نۇرىدۇر ئول يار مەھبۇبىڭ،
مۇھەممەدكە قىلىپ نىسبەت خەدىچە تاجى كۇبرانى.
ئىلاھا، ئۇشبۇ بۇلبۇل گۈلنى-گۈلگە بەردىلەر ناسىپ،
مۇناسىپ شەكىرىستان قىلدى، بۇلبۇل تاپتى گۇيانى.
ئوشۇر ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە ئۇشبۇ توي بولمىش،
ئېلىيۇل مۇرتازاغا جۇپتى ئەيلەپ ئۇشبۇ زەھرانى.
قەلەندەر بولسا بۇ تەنلەر، مۇئەللەقتە كەبۇ تەرلەر،
كى دوست شادۇ-خۇررەم، دۈشمەن ئۆلدى زار گىريانى.
مۇبارەك قىلغىلى لايىق نەۋائى ھىچ نىياز تاپماي،
كى ھەرنە بولسا بۇ لەپزىلە قىلدى توھپەنى جانى.


            

-«12مۇقام تېكىستلىرى»دىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 09:48  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-2 11:53:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلۋاھىد،  نەۋائىينىڭ  بۇ ئۈچ پارچە شېئىرىنى تولۇقلاپ يوللاپ ياخشى قىلدىڭىز.  بۇنداق ئېسىل تەۋەرۈكلەرنى تېخىمۇ كۆپ دىل  كانلىرىدا ساقلاش زۆرۈر.
  قارىسام، «بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى» دەپ باشلىنىدىغان بۇ غەزەلدە بىر بېيىت كەم قالدى-قانداق؟ يەنى 10-، 11 -ئايلار ھەققىدىكىسى. سىز سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ مۇشۇ بىر بېيىتنى تولۇقلاپ قويسىڭىز بوپتىكەن. ياكى ئېسىدە بار باشقا مۇنبەرداشلىرىمىز ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلىۋەتسىمۇ بولىۋېرەتتى...

ۋاقتى: 2015-2-3 03:26:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايىنىڭ «نەۋادىرۇش-شەباب»دىن تاللانغان غەزەللەر

ئەلىشىر نەۋايى
(1)
كىمگە يەتكەي ئىشق دەردى داغىدىن ئافەت ئاڭا،
داغى مېھرى سەلتەنەتىدۇر، دەرد ئېرۇر سىھھەت ئاڭا.

ئىشق كۆيى تۇفراغى بىر كىميادۇر، كىم ئېرۇر
يۈز قۇياش ئەكسەرىچە، بەلىكم فۇزۇن قىممەت ئاڭا.

ئىشق دەيرى بەزمىنىڭ سىنغان سەفالى ئىچرە مەي،
كىم ئىچەر، جەمشىد جامىن تانلاماس ھىممەت ئاڭا.

ھەرجۇ بولغان تارىدۇر ئەفلاك قەسرىغە كەمەند،
ئۇلكى بولسا ئىشق ئەسكى شالدى كىسۋەت ئاڭا.

چۈن تۈشەر ئاشىق تەنىغە ئىشىق ئوتىنىڭ شوئلەسى،
ئويلە شاھدۇر كىم، ئېرۇر زەربەفىتىدىن خىلئەت ئاڭا.

ھەر شەرەر ئول شوئلەدىن بىر بەرق ئېرۇر كىم كۈل قېلۇر،
لەمئەدىن يۈز شاھ تەختۇ تاجىنى ھىرقەت ئاڭا.

ئىشق ئوتى باشىغە تۈشكەنكىم ئول ئۆيدىن چىقسا دۇد،
شاھ زەررىن تاج ئىلە چەترىغە نى ھاجەت ئاڭا.

تاجۇ دۆۋلەت بەرسە ئىشق ئوتىدىن ئالىب بىر شەرەر،
بۇكى ئۆرتەر ئۆزلۈگىن، يەتمەسمۇ بۇ دۆلەت ئاڭا.

ساقىيا بىر بادە تۇت دەۋزەخ ئوتىدۇر ھىرقىتى،
لىك جەننەت كەۋسەرىدەك يول ئارا سەفۋەت ئاڭا.

تا ئىچىپ دەۋزەخكە ھەم كىرسەم، سىرشىكىم سەيلىدىن
قالماغاي خەلق ئۆرتەمەكدە شىددەتۇ ھىددەت ئاڭا.

ئەي نەۋائىي، نەزمىڭ ئەسرا سادە ئېردى، قۇيدى نۇر
شاھ ئىسلاھىدىن ئانچە زىب ئىلە زىننەت ئاڭا.
(2)
بۇ كىم قالىبتۇر ئول ئاي ھەجرىدە ھەيھات ماڭا،
ھەيھات قالمىش، ئەز بەسكى بار ئويات ماڭا.

ئولۇسنى ئولتۇرۇر ئول شوخ ئىلتىفات ئەيلەپ،
ئۆلەرمەن ئۇشبۇكى ھىچ ئەمەس ئىلتىفات ماڭا.

مىنى خود ئەيلىدى قەتل، ئۇشبۇدۇر ۋەسىيەتكىم،
كۆڭۈلنى ھەم كەرەم ئەيلەب يۇتۇرسە بات ماڭا.

قۇش ئولمىشام باغىبان ھەجىر ئوقى ۋەلى نى ئاسىغ
كى بولماس ئول تەرەف ئۇچماققە بۇ قەنات ماڭا.

تۈگەنمەي يازىلىب مىھنەتىم،ئەگەر بولسا
فىراق شامى قارائۇ، فەلەك دۇۋۋات ماڭا.

چۇ يار ئەيلەر ئىمىش بارچە يەردە جىلۋەئى ھۈسىن
تەڭ ئولدى كەئبە بىلە دەير سومنات ماڭا.

نەۋائىيا چۇ ئەمەس تەشبىھ نەقىد بىرلە تەڭ
بىھشەت، ۋائىز، بەس كوچەئى ھىرات ماڭا.
(3)
ئەي كۆڭۈل، تەلبەردىڭ، ئەمدى نى تەدبىر ساڭا،
ئول پەرى زۇلفىنى گەر قىلمىسا زەنجىر ساڭا.

يۈز بەلا كەلسە چەك ئەمدى، چۇ بۇ ئىش مەنئى ئۈچۈن
نېچە كىم پەند دېدىم، قىلمادى تەسىر ئاڭا.

ئىختىيارى ساڭا ھەم يوق ئىدى، نى يازغۇرايىن،
بۇيلە چۈن يازغان ئىمىش خامەئى تەقدىر ساڭا.

سەن چۇ ئىشق ئوتىغا كۆيدۈڭ، ئەمدى نى ئاسىغ،
ئەيلەمەك مەخلەس ئۈچۈن ھىلەۋۇ تەدبىر ساڭا.

مېنى كۆيدۈردۈڭ ئېسە، سەن داغى كۆيدۈڭ نىتەيىن
ئەمدى يۈكلەب بۇ ئىش ئاينىدا تەقسىر ساڭا.

بىھىل ئەت سەن داغى مەن خەستەغە، لېكىن دەپ ئىدىم
ھەر نىكەم كەلدى سېنىڭ ئاللىڭە بىر-بىر ساڭا.

بۇزدى كۆڭۈل ئۆيىنى خانە بەرەنداز بەرق
ئەي نەۋائىي، نى ئاسىغ پەنىد ئىلە تەئمىر ساڭا.
(4)
ئەيد رۇخسارىڭ كۆرۈب، بولدى ئولۇس ھەيران ساڭا،
ئەي ئولۇس ئەيدى يۈزۈڭ، جانىم مېنىڭ قۇربان ساڭا.

شەمئ ئەمەس يەردىن، كەۋاكىب چەرخىدىن، بەيرەم كۈنى
كىم ئېرۇر يەر-كۆك تۈمەنمىڭ كۆز بىلەن ھەيران ساڭا.

ئەيدگاھتا گەرد ئەمەس، بەلكىم يىتىشكەچ مەقدەمىڭ،
قوپتى بىردىن سەدقە بولماق ئىستەبان مەيدان ساڭا.

خىسرىۋى ئەنجۇم دىگەيكىم سەكرەتۇر كۆك تەۋسەنىن،
ئەيدگاھتا كىمكى كۆرسە رەخىش ئىلە جەۋلان ساڭا.

چەتر شەكلىدىن سەماۋى بارچە ئافەت دەفئىغە
تەڭرى ئەيلەبتۇر نەسىب ئۆز ھىفزېدىن قالقان ساڭا.

ناتەۋان جىسمىمغە سەن بەيرەملىغ بەر سىھھەتى،
كىم، ئۈمىدۋارۇ مۇنتەزىردۇر جان ساڭا.

نېچە بەيرەملەردە كىيگەن جەندىسىن فەقر ئەھلىنىڭ
خار كۆرمە، ئويلە خىلئەتدۇر نېچە ئەلۋان ساڭا.

ئەيدگاھ ئەھلىن دەمى قىلما پەرىشان، ئەي سېپھىر،
كىم ئېرۇر بۇ جەمئ بىر-ئىككى زامان مىھمان ساڭا.

ئەي نەۋائىي، دۇررى نەزمىڭ خۇتبىدەك تاپقاي شەرەف،
لۇتف ئىلە قىلسە نەزەر بەيرەم كۈنى سۇلتان ساڭا.
(5)
ياشىل تون بىرلە ئالتۇن تۈگمىلەردىن زىب فەرئاندا،
قەددىڭ نارەنجى رەئنا نەخلىدىن بۇتكەن سەمەر ئاندا.

بۇ خىلئەتكىم، قىلىبتۇر خوي چەكەن رۇخسارەنى پىنھان،
ئېرۇر گۈلبۇنكى پىنھان تۇتتى بىر گۈل بەرگ تەر ئاندا.

تەئاللا، نەددەدۇر، قەد ئەمەس، جەننەت نىھالدۇر،
ئاچىلغان گۈل، ياشۇنغان بەرگى گۈل بۇتكەن شەكەر ئاندا.

يۈزۈڭ رەۋشەن زۇلالدۇر غەزەبدىن چىن ئانىڭ مەۋجى،
كى نىلى خالىدىن ھەريان، ئاچىلمىش نىلۇپەر ئاندا.

ئەجەب گۈلشەن ئېرۇر كويۇڭكى، جەننەت باغىدا يوقتۇر
نىھالكىم گۈلۇ-سۇنبۇل ئەيان قىلغاي مەگەر ئاندا.

نېچە ئاۋارە كۆڭلۈمى سوراغ ئەتتىم، كىشى بىلمەس،
مەگەر كويىغا تاپسام، يول تاپالغان بىر خەبەر ئاندا.

تارىقتىم خانىقەھدە، دەير سارى يۈزلەنەي ئەمدى،
كى ئاندا نېچە زۇلمەتدۇر، سەفادۇر سەر بەسەر ئاندا.

قەدەھ سافىيۇ پىرى دەير سافى، مۇغبەچە سافى،
نى كۆرگەي جۇز سەفا ھەر كىمسەكىم تۇتقاي مەقەر ئاندا.

نەۋائىي نەزمە رەڭگىنو رەۋان ئېرسە ئەجەب ئېرمەس،
كى مەخلۇقات ئولدى كۆز ياشى بىلەن خۇنى جىگەر ئاندا.

(6)

بۇدۇ نابۇدۇم ئەگەر تەڭ بولدى جانان ئاللىدا،
زەررە يوقۇ-بارى تەڭدۇر مېھرى رەخشان ئاللىدا.

كۆزلەرىمنىڭ چەشمەسى ئاللىدا ئۇممان بەھىر ئارا،
كۆر، بەئەينىھ ئويلەدۇر كىم چەشمە ئوممان ئاللىدا.

ۋەسل ئىچىندە دوزەخ ئوتى بىرلە قويغان تازە داغ
ئاتەشىن گۈلدەك گۇمان قىل داغى ھىجران ئاللىدا.

ئەي مۇسۇلمانلار، نى ھالەتەدۇركى، ئىشق ئەتمىش زەبۇن
يۈز مۇسۇلمان خەيلىنى بىر نامۇسۇلمان ئاللىدا.

ئولكى مەجنۇن دىدىلەر، چىندۇركى، ھەردەم كۆرگۇزۇر،
چاك بولغان كۆڭلىنى بۇ جىسمى ئۇريان ئاللىدا.

فەقىر ئىلە شاد ئولكى ھەر كىم بولسا ئەھلى مەئرىفەت،
دەر تۇفراق بىرلە تەڭ بولماق نى ئىمكان ئاللىدا.

ئەي نەۋائىي، جان سەبا ئاللىدا قىلغايمەن نىسار،
بۇگەدا ھالىن دىسە يەتكەندە سۇلتان ئاللىدا.

(7)

تاپمىش ئول يۈز قەترەئى خويدىن ئۆزىگە ئابۇ تاب،
قايدا، ۋەھ-ۋەھ، بۇنچە كەۋكەب زاھىر ئەيلەر ئافتاب.

چىقما توققۇز پەردە كەينىدىنكى، ئالەم كۆيمەسۇن،
ئالساڭ ئالتا-يەتتە بۇرقەئ، قويغىل ئىككى-ئۈچ نىقاب.

بىردەم ئول يۈز نەقشى گىريان كۆز ئارا تاپماس قەرار،
سۇ ئارا خۇرشىد ئەكسىدەككى قىلغاي ئىزتىراب.

تا كۆڭۈل دىۋانە بولدى ئول پەرى لەئلىن كۆرۈپ،
ھىفىز ئۈچۈن قەيدىغە قىلدىم قىلدىم رىشتەئى جاندىن تەناب.

دەردى ئىشقىمدىن سەۋال ئەتتى ئول ئاي، فەرياركىم،
يۈز چۇئاھىم بار، يوق يوق ھۇشۇم دىمەككە بىر جەۋاب.

بۇ چەمەندە غۇنچە ئېرمەس، ئاڭلا، بۇلبۇل كۆڭلىكىم،
شىشلەدى ئىشق ئەيلەمەككە ئاتەشىن گۈلدىن كەباب.

ئەي نەۋائىي، گەر دىسەڭكىم، غۇسسە بەرباد ئەتمەگەي،
باش كۆتەرمە بادەدىن زىنھار، ئانداغكىم ھۇباب.

ۋاقتى: 2015-2-3 14:09:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقىيا، مەن يۇتماغان خۇنابى ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەسەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟

ئەيكى، دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل فىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى، ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟

ئىشق مەخفى قالماس ئاخىر، ئەي كۆڭۈل، كۆپ چەكمە جان،
مەن ھەم ئەۋۋەل كۆپ ياشۇردۇم، كۆركى پىنھان قالدىمۇ؟

چەكتىلەر مەجرۇھ كۆڭلۈمدىن خەدەنگىن كۈچ بىلە،
بارى، ئەي جان، مۇژدەئى بەرگىلكى، پەيكان قالدىمۇ؟

كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يېقىلدىم ئەي ر ەفىق،
تەڭرى ئۈچۈن ئەيتكىم ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ؟

ئەي كۆڭۈل، بۇ گۈلشەن ئەترافىغە باقكىم، غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەمئ ئەيلەدى، بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟

ئەي نەۋائى، قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن كۆركى، يار
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى، بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 14:11  


ۋاقتى: 2015-2-4 19:14:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىنى تورداشلارغا تەقدىم قىلغان ياسىنجان قاتارلىق تورداش دوستلارنىڭ قولىغا ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن...

ۋاقتى: 2015-3-7 22:46:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياسىنجان،ئاتەش نەپەس غەزەلخان، جاھان شئىرىيتىنىڭ تۇۋرۇگى نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ ئوتلۇق غەزەللىرىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپسىز.زوقلاندۇق.

ۋاقتى: 2015-3-8 18:03:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆلجەرى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 09:37
ياخشى قىلىپسىز، مەن شۇنداق ئويلايمەن، بۇرۇنمۇ، ھازىرم ...

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،

دەپ باشلانغان ئاۋۇ غەزەل نەۋايىنىڭ ئەمەس. نەۋايىنىڭ دىۋانلىرىدا ئۇ غەزەل ئۇچرىمايدۇ. مۇقام تېكىستلىرىگە شۇنداق بىر بەدئىيلىكى تۆۋەن ئادەتتىكى بىر غەزەلنىڭ نەۋايىنىڭ نامىدا كىرىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مەنمۇ بىلمىدىم.

ۋاقتى: 2016-4-7 18:52:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز، ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش