ياخشى قىلىپسىز، مەن شۇنداق ئويلايمەن، بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ، بۇندىن كېيىنمۇ بىزدە قولىغا قەلەم ئالغان ھەر بىر ئەدىب ئەگەر نەۋايى بىلەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشمايدىكەن، ئۇ ھەقتە ئىزدەنمەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم بىر پەندىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ، ئەدەبىياتتا يۈكسەك پەللىگە ئۆرلىيەلمەيدۇ.
بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.
ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقى مەن،
تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەرخەنجەرى تەييارىنى.
بەش كۆرۈشمەكلىك بىلەن يۈزگە خالۇ جانغا دۇر،
ئالتە كۆرگەندە تىلەرمەن قابزۇل ئەرۋاھىنى.
يەتتە ئىقلىمدا سېنىڭدەك كۆرمىدىم نازۇك بەدەن،
سەككىز ئۇجماقتا بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.
توققۇز ئاي بولدى ناۋايى يارىدىن ئايرىلغىلى،
ئون ئىككى ئاي بىر يىل ئىچىدە كۆرمىدىم غەمخارىنى.
خۇدايىم بەردى مۇساغا تەجەللى تۇرى تاغدا،
يەنە ئۆز پەزلىدىن كۆرسەتتى ئەجدىھا تاياغىدا.
كۆرۈڭ نەمرۇد مۇشرىكنى خۇدالىق دەۋاسىن قىلدى،
جازالەر بەردى تۆت تۈز يىل پۈچۈق پاشە دىماغىدا.
خۇدانىڭ پەزلى بىرلەن قىلدى داۋۇد مۇم ئاھەڭنى،
كۆرۈڭ بى تابىئى سەندەل تۇتۇبان دەستى ساغىدا.
سۇلايمانغا ئاتا قىلدى بۇ دۇنيا شاھلىقىن ئەي دوست،
ئاڭا كۆپ پەند ئىشتۇردى مەنزەرنىڭ ئوتاغىدا.
خەلىللاغا قىلدى پەزلى بىرلەن ئاتەش گۈزار،
ياراتقان تەڭرىنى ياد ئەتتى نەمرۇد مەنچا تاغىدا.
غەرەز ئولدۇر نەۋايىكىم، بۇ دۇنيا بىۋاپا بىلسەڭ،
ئىشتكىل بۇ نەسھەتنى ئۇنۇتما ئوڭ قۇلاغىڭدا.
ياراتتى ھەزىرتى ئادەمنى، جۇپتى ئەيلەپتۇ ھەۋۋانى،
سېلىبان ئىشقى ئوتى يۈسۈپكە كۆرسەتتى زىلەيخانى.
نىگاھى كىم ئەزەلدە لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلمىشتۇر،
كې ئازەر ئوغلى ئىبراھىمگە نەمرۇد قىزى سارانى.
ئۆزەڭنىڭ دوستىدۇر ھەم نۇرىدۇر ئول يار مەھبۇبىڭ،
مۇھەممەدكە قىلىپ نىسبەت خەدىچە تاجى كۇبرانى.
ئىلاھا، ئۇشبۇ بۇلبۇل گۈلنى-گۈلگە بەردىلەر ناسىپ،
مۇناسىپ شەكىرىستان قىلدى، بۇلبۇل تاپتى گۇيانى.
ئوشۇر ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە ئۇشبۇ توي بولمىش،
ئېلىيۇل مۇرتازاغا جۇپتى ئەيلەپ ئۇشبۇ زەھرانى.
قەلەندەر بولسا بۇ تەنلەر، مۇئەللەقتە كەبۇ تەرلەر،
كى دوست شادۇ-خۇررەم، دۈشمەن ئۆلدى زار گىريانى.
مۇبارەك قىلغىلى لايىق نەۋائى ھىچ نىياز تاپماي،
كى ھەرنە بولسا بۇ لەپزىلە قىلدى توھپەنى جانى.
-«12مۇقام تېكىستلىرى»دىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 09:48