ئىگىسى: tvnyukuk

تۇنيۇقۇق:يېڭى شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-31 01:30:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹.‹يارتىلغان مەنا مۇھيىتى ،مەنا ئالىمى ، ›› نى تەشەبۇس قىلىش ئەلبەتتە توغرا ، شېئىردىن بىز مەنا ئىزدەيىمىز ...تەرجىمە جايىدا ...

ۋاقتى: 2015-1-31 02:49:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ تېمىسى يېڭى شېئىرىيەتتىكى قۇرۇلمىچىلىق  يەنى شېئىرىي شەكىل توغرىسىدا  ئىكەن.  مەن بۇ ماقالىنى ئەدەبىيات سەنئەت  گېزىتىدە ئوقۇغانلىقىم  ئېسىمدە.  مەن ئەسلىدە  يېڭى شېئىرىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى  يەنى شېئىرىي شەكىل توغرىسىدا راۋۇرۇس بىر نەرسە دەمدىكى دەپ قارىغان ئىدىم.  لىكىن بۇ ھەقتە پەقەت گەپ يورغىلىتىپ، خەت يورغۇلىتىپ تۇرۇپ دىيىلگەن گەپ نىمە بولدى دېگەندە يېڭى شېئىرىيەتنىڭ  بىرلىككە كەلگەن ئەندىزىسى يوق دېگەن ھەممىگە تونۇشلۇق بىرلا گەپنىلا قىلغان.   لىكىن بۇ ئابزاستا ئاپتۇر جى ئەپەندىم مەيۈسلۈك ئىلكىدە يېڭى شېئىرىيەت ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىنى  تاپالمىدى دېگەن  گەپنى قىلدى،  مىنىڭچە يېڭى شېئىرىيەتتە  تېخى بىرلىككە كەلگەن ئىپادىلەش شەكلى مەيدانغا كەلمىدى دېگەن تۈزۈك دەيدۇ.
    ئويلاپ باقايلى. دۇڭ ئەفەندىم  ئەسلىدە جى تەتقىقاتچىنىڭ مەيۈسلىنىپ تۇرۇپ ئېيتقان  ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك بىر گەپنى ئىنكار قىلىمەن دەپ تۇرۇپ تېخىمۇ بىمەنە بىر  ئۇقۇمنى دىمەكچى بولغان. يەنى يېڭى شېئىرىيەتتە تېخى بىرلىككە كەلگەن ئىپادىلەش شەكلى مەيدانغا كەلمىگەن .  بۇ قانداق مەنتىقە . دۇڭ ئەپەندىمنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ چىقسام ھامان بىر كۈنى  بىرلىككە كەلگەن يېڭى شېئىرىيەت شەكلى مەيدانغا كەلمەكچىكەن ياكى بۇ تېخى ھازىرچە كىلەلمەي قاپتۇ.  ئۇنداقتا  بۇ قاراشنىڭ پاكىتى قېنى ؟  ئەگەر يېڭى شېئىرىيەتتە شەكىل گۈزەللىكىنى چۆرىدەپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغان بولسا، بۇ ماقالىنىڭ  باش تىمىسىدىن چەتنەپ كەتمىگەن بولاتتى.
  ئەمما ئاپتۇر دۇڭ ئەپەندىم بۇ تىمىدىن چەتنەپ گەپنى بىر ئۆرۈلۈپ باشقا بىر مەزمۇنغا يەنى شېئىرىي مۇھىتقا  ئاتلاپ كىتىدۇ.     بىرىنچى ئابزاستا زادى كىمنىڭ قايسى شېئىرىيەت كۆز قارىشىنى ئىنكار قىلماقچى. ئاپتۇر ئۆزىچىلا  قايناپ  جى ئەپەندىمنىڭ  گېپىنى ئىنكاس قىلماقچىمۇ ؟  ئۇنداق قىلالمايدۇ.  ئەۋجىگە چىقارماقچىمۇ؟  ئۇنداقمۇ ئەمەس.  زادى نىمە پاكىتقا تايىنىپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنۇلۇگ قىلىدۇ.  ياكى ئۆزىچە قايناپ تېشىپ يېڭى شېئىرىيەتتە بىرلىككە كەلگەن شېئىرىي شەكىل يوق دەپ  نىمە مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن دىمەكچى بولىدۇ.  جى ئەپەندىم بىر ئوبدان قىلىپ يېڭى شېئىرىيەتتە ئادەمنى خۇشھال قىلغۇدەك شېئىرىيەت شەكلى مەيدانغا كەلمىدى دەپ ئادەمنى ئويلىنىشقا سالىدىغان سۇئالنى ئوقۇرمەنگە تاشلاپ قويۇۋاتسا ، دۇڭ ئەپەندىم ياندىن ھىمىدەك چىقتى دېگەندەك بۇ گەپنى ئۆزگەرتىپلا  يېڭى شېئىرىيەتتە بىرلىككە كەلگەن ئىپادىلەش شەكلى مەيدىنغا كەلمىدى دېگەن پىكىرنى  شالاققىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆز -ئۆزىگە  قايناپ كىتىدۇ.  بۇ ھەقتە تازا بىر نەرسە دەيدىغان بولدى دەپ بويۇنداپ تۇرغاندا جىمىپلا كىتىپ تىمىدىن چەتنەپ باشقا گەپكە ئاتلاپ كىتىپ قالىدۇ. دىمەك  يېڭى شېئىرىيەتنىڭ قۇرۇلمىچىلىقى يەنى شەكلى توغرىسىدا دەيدىغان گېپى تۈگەپ قالىدۇ. ماقالە مۇشۇ يەردە مەغلۇپ بولدى. ماقالا ئىزچىلىققا ئىگە بولالماي قالدى.  
    ئىككىنچى ئابزاستا  شېئىرنىڭ  مەنە قاتلىمى توغرىسىدا گەپ باشلايدۇيۇ  ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا شېئىر يېزىشتىكى ماھارەت ھەققىدە ئەزۋەيلەشكە باشلايدۇ.  سۆزلەۋېرىپ ئېزىقىپ كىتىدۇ. شېئىرنىڭ مەنىسى كەيپىياتلاشتۇرۇش، تەپسىلىلاشتۇرۇش، ئوبرازلاشتۇرۇش ئىمىش. بۇ نەچە نەزىرىيە، بۇ يەردە تەرجىمان تەرجىمىدە كەتتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ ، لىكىن ئەسلى خەنزۇچە مەنبەدىن كۆرۈۋالالايمىزكى شېئىرىي مۇھىتنى كەيپىياتلاشتۇرۇش، ئوبرازلاشتۇرۇش، تەپسىلىلاشتۇرۇش دەپلا مۇتلەق ھۆكۈم شەكلىدە نەزىرىيە تىكلەشكە بولمايدۇ.  دۇڭ ئەپەندىم بۇ چوڭ ئابزاستا دەبدەبىۋىلىك بىلەن  شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەجىربىسىدىن ئۆتكەن بىر قاتار كۆز قارىشىنى نەزىرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرمەكچى . ماقالە دەپ تۇرۇپ كۆرۈنۈشتە  بىر يۈكسەك گەپنى قىلىۋەتكەندەك ھاياجانلىنىپ كىتىدۇ . ئۆزىنىڭ نەزىرىيە كۆز قارىشىنى  باشقىلارغا دەۋالماقچى بولىدۇ. ئەمما  بۇ يەردە شېئىرىي مۇھىت توغرىسىدا گەپ قىلماقچى بولۇپ ئەڭ دەسلەپتە دىيىلگە شېئىرىي شەكىلنىڭمۇ شېئىرىي مۇھىتكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكى توغرىسىدا  گەپ قىلالمايدۇ.  ئۇيغۇر شېئىرىيتى بولسۇن ياكى باشقا مىللەت شېئىرىيتى بولسۇن ئىچكى رىتىم ۋە ئاھاڭدارلىق  شېئىرىي مۇھىتنىڭ جان تومۇرى. ئەمما دۇڭ ئەپەندىم  باشقا ئۈچ ئامىلنى دەيدۇ . ئۇ  گويا يېڭى شېئىرىيەتتە  باشقىچە پىكىر قىلماچى . لىكىن ئۆزى دەيمەن دەپ  ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن شېئىرىي شەكىل ھەققىدە ئەمەس.
      يەنە بىرى بۇ دۇڭ ئەپەندىم ماقالىسىدا يېڭى شېئىرىيەت ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ دېگەن بىر خاتا گەپنى دەپ تاشلىدى .  ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت پۈتكۈل شېئىرىيەتنىڭ ئۇلى ۋە ئاساسى. ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بويۇنتۇرۇق، بۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇق دىسە شېئىرىيەتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىگە زىت گەپ بولۇپ قالىدۇ. نىمىشقا ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بۇ بويۇنتۇرۇق بولۇپ قالدى؟ سەۋەبى قولى يەتمىگەن ئامۇت ئاچچىق بولۇپ قالدى.
خەنزۇ ھازىرقى زامان ياش شېئىر  يازارمەنلىرىنىڭ   ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ يەتتەلىك، توققۇزلىك، ئون بىرلىك دېگەندەك شەكىللىرىدە تەرىتى بوش كىلىپ قالدى. شېئىرىي مىسرالاردا مۇزەككەر مۇھەننەس تەرتىپى بويىچە ئالمىشىپ كىلىدىغان رىتىمىنى ئوينىيالمىدى.   بۇ خۇددى بىزدە ئازۇر ۋەزنىدىكى غەزەلدىن قاملاشتۇرۇپ بىرنى يازالمىغان  شېئىرچىلار  ئۆزىنى   شائىر  دەپ ئاتىۋېلىپ يېڭى شېئىرىيەت يولىدا مېڭىپ قاتارغا  قوشۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغىنى بىلەن ئوخشاش.  ئەنئەنىۋىي شېئىرىي شەكىلنىڭ ئاجايىپ بالاغىتىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مەرھۇم ئۇستاز  شائىر  ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ قەلەم ئىزنالىرى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىيەت يولىدا مېڭىپ كىلىۋاتقان كۆپلىگەن شائىرلار  ئەنئەنىنىڭ بويۇنتۇرۇق ئەمەسلىكىنى كەسكىن بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.  خەنزۇ شېئىرىيتىدىكى تاڭ نەزمىلىرى ، سۇڭ نەزمىلىرى ھېلىمۇ خەنزۇ شېئىرىيتىنىڭ ئىپتىخارى ، ئۇ دەل ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت شەكلىدۇر.  
    ئەسلى گەپكە كىلەيلى. بۇ ئەپەندىم يېڭى شېئىرىيەت شەكىلىلىرىنى ( ئۇ بىرلىككە كەلگەن شەكىلنى دەۋاتقان لىكىن دىيەلمىدى)  كۈچەپ تەكىتلىمەكچى بولۇپ بىرقانچە مىسالنى ئالدى.  ئەمما بۇ مىسال ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان پىكىرىگە تۇترۇق بولالمىدى.  ئۇ  تۇرۇپلا يېڭى شېئىيەتنى تىللاپ كىتىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:
     بىراق، ئادىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان ئاتالمىش ئاۋانگارتلار ھېچنېمىچىلىك پۇزىتسىيەسى بىلەن كلاسسىك شېئىرلارغا ۋارسلىق قىلىشدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە قارشى تۇرۇپ، قارا قۇيۇق غەربنىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيەسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، قارىغۇلارچە شېئىرنىڭ ئىدىيۋىلىكى، پەلسەپىلىكلىكىنى قوغلىشىپ، شېئىرنىڭ مەنە گۈزەللىكنى چەتكە قېقىپ شېئىرنى چۈشنىكسىز، تەمسىز ئەقلىي شېئىرلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر تىلنىڭ ماھىيىتىنى قوغلىشىپ شېئىرنى مەنە گۈزەللىكىدىن ئايرىلغان ئاغزاكى ھېكايىگە ئوخشاش ماغزاپ شېئىرلارنى يازدى.ئەقلىي شېئىر ياكى ماغزاپ شېئىر دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەنە گۈزەللىكدىن ئايرىلغان ساختا شېئىر بولۇپ، بۇنداق شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرگە ھېچقانداق شېئىرىي لەززەت بېرەلمەيدۇ، چۈنكى كىممۇ باش قاتۇرۇپ بىر پارچە ئەقلى شېئىرنى ئوقۇشنى خالىسۇن؟ كىممۇ قىلچە مەزىسى بولمىغان ماغزاپ شېئىر ئوقۇشنى خالىسۇن؟ يېڭى شېئىرلارنىڭ خارابلىققا يۈزلىنىشى شائىرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت بولۇپ، بۇ ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆزىگە قىلغان ھاقارەتتۇر.
    بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشنى ئۇنىڭغا كىم قويۇپتۇ.  ئۇنىڭ  شېئىرىي شەكىل توغرىسىدا يازىمەن دەپ ئۆزىچە يېڭى شېئىرىيەت توغرىسىدا ۋايساشلىرى ئۇنىڭ بۇ ماقالىدە دىمەكچى بولغان 3- مەزمۇن بولسا كىرەك.
    يېڭى شېئىرىيەت توغرىسىدىكى يۇقارقى بىلجىرلاشلىرى ئادەمنىڭ قۇلىقىغا ئانچە يېقىپ كەتمەيدۇ.  چۈنكى ئۇ ئەپەندىم يېڭى شېئىرلارنىڭ خارابلىققا يۈزلىنىشى شائىرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت دەۋاتىدۇ .  يېڭى شېئىرىيەتنى كىم خاراپلىققا يۈزلىنىپتۇ دەيدۇ.  يېڭى شېئىرىيەت گۈللەنسە گۈللەندىكى خاراپلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمىدى.
    بۇھەقتە  شائىرلارنى گۇناھقا تارتىپ  نىمە قىلماقچى.  
    بۇ ماقالىنى ئىككىنچى قېتىم ئوقۇپ بىر قىسىم پىكىرلەر كۆڭلۈمدىن كۆچتى:
1- ماقالە پۈتۈنلەي ئىزچىللىققا ئىگە بولالمىغان.  كاللىسىغا نىمە كەلسە شۇنى دەۋەرگەن. تىما بىر خىل ، مەزمۇن نەچچە خىل بولۇپ كەتكەن. بۇ  دوكلات تىمىسىدىن چەتنەپ كەتكەن  پىسخولوگنىڭ نۇتۇقىغا  ئوخشايدۇ.  دەسلەپتە شېئىرىي شەكىل ھەققىدە گەپ باشلاپ لاي لاي لاي دەپلا داۋامىنى دىمەيلا   شېئىرىي مۇھىت ھەققىدە  گەپ باشلاپ كىتىدۇ. بىر قارىسىڭىز سىزگە ئۆزىنىڭ شېئىر يېزىشتىكى قالتىس  تەجىربىسىنى دەپ بەرمەكچى بولغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئەمما  شېئىردىكى مەنە توغرىسىدا  تاققۇ-تۇققۇ گەپلەرنى قىلىپ قويۇدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى شېئىردىكى مەنە ئۇقۇمى بىلەن شېئىرىي مۇھىت ئۇقۇمى ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇم  بۇ يەردە ئەسلى ئاپتۇرمۇ كەتتۈرۈپ قويغان تەرجىمانمۇ كەتتۈرۈپ قويغان.
  2- ماقالىنىڭ  نەپ بىرىشچانلىقى تۆۋەن ، ھىچقانداق يېڭى پىكىر ۋە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان. ئازغىنە نەچچە بۆلۈك يازما  بىلەن ئاۋۇ بېشىغا كىيىۋالغان يوغان تەلپىكىنى  دەپ بولالايتىمۇ ئەمىسە. يېڭى شېئىرىيەتنىڭ شەكىل قۇرۇلۇشى دېگەن بىر دوكتۇرلۇق ماقالىسى پۈتىدىغان تىما تۇرسا  سىلاپ-سىپاپ خۇددى چاتما ناخشىدەك،  قۇراق چاپان تىككەندەك  ئىككى توك-توك بىر نىمىلەرنى يېزىپ بىر ماقالە پۈتتۈرۈپ كىمنى ئالدىماقچى.  ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ پىكىرنى ئەسلى ئۈچ ماقالىدە تەپسىلى توختىيالىغان بولسا  ياخشى بولاتتى.
  3- تەرجىمىدىكى خاتالىق.  تەرجىمان شېئىرىيەت نەزىرىيەلىرىدىن خەۋەردار ئەمەس. تەرجىمە ماھارەتلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىدىن خەۋەردار ئەمەس.  ئانا تىلىغا ئەسلا پىششىق ئەمەس.  بۇ ھالەت ئىككىنچى چوڭ بۆلەكتە روشەن ئىپادىلەنگەن.  ئىماگ ھەرگىزمۇ شېئىرىي مۇھىت ئۇقۇمى ئەمەس. ئىماگنى 意象 دەيسىز،  شېئىرىي مۇھىتنى 意境 دەيسىز. مەنە دېگەننى 涵义, 寓意 دەيسىز. ئۇقۇملارنى توغرا ئالالمىسىڭىز  ئوقۇغۇچىلار  ھىچ نىمىنى چۈشۈنەلمەيدۇ.  ئانا تىلغا پىششىق ئەمەس دىگىنىمنى باشقىلار  كۆرسىلا  بىلەلەيدۇ.  تەرجىمىدىكى خاتالىقلار تۈپەيلىدىن چۈشۈنەلمىگەنلەر  خەنزۇچە نۇسخىسىنى كۆرۇپ چۈشۈنىۋالسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.
    4-دىن  بۇ ماقالىنى  ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ژۆرنىلىغا باسقۇدەك ماقالە دىگۈدەك دەرىجىگە بارمايدۇ.  
    5- بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان شېئىرىي شەكىل(شېئىرىي قۇرۇلما)، شېئىرىي مۇھىت( ئۇ ئەپەندىم شېئىرىي مۇھىت يارىتالمىغان شېئىرلار  شېئىر بولالمايدۇ دېگەننى ئىلگىرى سۈردى. زادى شۇنداقمۇ؟ ) ، يەنە بىرى  يېڭى شېئىرىيەت گۇناھكارلىق كۆز قارىشى---ماقالىنىڭ ئۈچ نۇقتىئىي نەزىرىي.  بۇ نۇقتىئىي نەزەرلەرنىڭ پاكىتى ۋە ئاساسىي تولۇق ئەمەس،  سوبىكتىپ كەيپىيات ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن.  ماقالىنىڭ يېزىلىشى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ئەمەس. پىكىرلەر جىپسىلاشمىغان.
   6- ئاخىردا ھىس قىلغىنىم  شېئىرنى شائىر يازسا، شېئىرىيەت نەزىرىيەچىلىكنى نەزىرىيە تەتقىقاتچىلىرى قىلسا بولغۇدەك. چۈنكى شائىرلار  ھەركىم ئۆزى ياقتۇرغان شەكىل ۋە ئۇسلۇب بويىچە يازىدۇ، ئۇلارنى نەزىرىيە دەڭ دىسە ئۆزى ياقتۇرغان شېئىر ئىچىگە چۆكۈۋېلىپ ئۆزىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى راس دەۋالىدۇ. ئۇلاردىكى شېئىرىيەتنىڭ كۆپخىللىقى شېئىرىيەت نەزىرىيەسىى  شالغۇتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان يۇقارقى  مەغلۇپ يازما ماقالە نامى بىلەن مەيدانغا كىلىدۇ.
   7- مۇنبەردىكىلەر  بۇ ماقالىنى يۈزە ئوقۇپ ئۆزىگە تەسىر قىلغان نەچچە ئېغىز سۆزنى ياقتۇرۇپ قېلىپ بۇ ماقالىنى ياقتۇرۇپ قالغان. ماقالە ئوقۇشتىكى ئابزاسلارغا ئايرىش، مەزمۇنىنى يەكۈنلەش. نۇقتىلىق سۆزلەرنى تېپىپ چىقىش، پاكىت قاراشلىرىنى دەلىللەش..... دېگەندەك جەرىيانلارنى قىلمىغان.
    يۇقارقىسى ئۆزۈمنىڭ  شەخسى ئىنكاسىم. ئۆزۈمنىڭلا پىكىرى  خالاس.  پەقەت ماقالىنىڭ يېزىلىش جەرىيانى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى توغرىسىدا  زىدىيەتلىك تەرەپلەر ئۈستىدە توختىلىپ قويدۇم .
خەنزۇ شېئىرىيتىدە يېڭى ھىلالئاي شېئىرىيەت مەزھىپى دەيدىغان بىر ئىزىم بار. ئۇنىڭدا  شېئىرىيەتنىڭ شەكىل ۋەياكى قۇرۇلمىسىنى ئىنكار قىلىدۇ.  شېئىرىيەت قاشالانمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئاپتۇر بۇ  ئىزىمنىڭ تەسىرىگە مۇئەييەن ئۇچرىغان.
       تەرجىماننىڭ جاپاسىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. مەسلىھەتىم ماقالە تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز تاللاپ تۇرۇپ، ئەڭ ياخشىسىنى تەرجىمە قىلىڭ، يېڭىلىقى يوق كۆز قاراشلار  كونا  ماقالىلەر ئۈچۈن ئاۋارە بولسىڭىز زېھنىڭىز خوراپ كىتىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 03:30  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-31 11:24:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 02:49
ماقالىنىڭ تېمىسى يېڭى شېئىرىيەتتىكى قۇرۇلمىچىلىق  يەن ...

بۇ ماقالە ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ژورنىلى باسسۇن دېگەن مەقسەتتە يوللانمىدى، پەقەت پايدىلىق يېرىدىن باشقىلار پايدىلانسۇن دېگەن مەقسەتتە يوللاندى.   
بىر تەرجىمىگە قاراپ مېنىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيە ھەققىدىكى بىلمىمگە باھا بېرىشىڭىز تازا ئۇرۇنلۇق ئەمەس،  ھەم ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلمىمنى پاش قىلىشنىمۇ مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن،  تەرجىمىدىكى بەزى خاتالىقلارغا كەلسەك بىزدە ئاتالغۇلار تېخى ئانچە قېلىپلىشىپ كەتمىدى. ھەركىم ھەرخىل ئېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خاتالىقلاردىن تولۇق ساقلىنىپ كەتكىلى بولمايدىكەن، قىسقىسى سىز دېگەن ئۇ سۆزلەرنىمۇ شېئىرىيەت ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىنۋاتقان شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىدىكى ئوقۇتقۇچىللىرىمدىن بىر نەچچىسىدىن سوراپ باقتىم  بەرگەن جاۋابى بىردەك ئەمەس،  ئۇلارمۇ مۇشۇنداق بولىشى مۇمكىن دېدى كېسىپ بىر نېمە دېمىدى.  ماقالىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ئۇنىڭ مەنچە يەنىلا پايدىلنىش قىممىتى خېلى بار. ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇدەك خېلى جىق نەرسە بارلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم شۇڭا مۇنبەرداشلار پايىدلانسۇن دەپ يوللىدىم،  مېغىزىنى قانچىلىك قۇبۇل قىلىش ياكى قۇبۇل قىلالماسلىق ئۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش.  

ۋاقتى: 2015-1-31 11:57:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇنىياز، سەمىمىيلىكىڭىزگە قايىلمەن. مەن يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن بەزى گەپلىرىمنى باشقا بىرى بولغان بولسا مىنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك دۈشمەن سانىۋالاتتى. ھازىر  ئۇيغۇر  ئەدەبىيات نەزىرىيەسىنى  قايتا يازىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. سوۋىتلەر ئىتتىپاقى زامانىدىكى  ئەدەبىيات  نەزىرىيەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزىرىيەسى بولۇپمۇ شېئىرىيەت نەزىرىيەسى تۆت كوچا ئىغىزىدىكى قايسى يولغا مېڭىشنى بىلەلمەيۋاتقان  تېڭىرقىغان بالىغا ئوخشاپ قالدى.  شۇڭا سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزمۇ سىز سورىغان  سۇئاللىرىڭىزغا ھەر خىل جاۋاب بىرىشى تەبئىي.  سەۋەبى ئۇلار ئوقۇتۇش ئەمەلىيتى جەرىيانىدا  كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ بىر نەرسىنى توغرا دەپ مۇتلەقلەشتۈرىدىغان ھەركەتلەرنىڭ ئىلمىي بولمايدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ھىس قىلغان. ئۇلارمۇ شېئىرىيەت نەزىرىيەسىنىڭ شالغۇت ھالەتتە كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ھەر كىم ھەر خىل تەبىر بىرىدۇ.  
   ئۇيغۇر ئەدەبىيات نەزىرىيەسىدىكى ۋاقتى ئۆتكەن كۆز قاراشلار توغرىسىدا مەكتەپدېشىڭىز ئابدۇسالام بەگزاتنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە بەرگەن بىر ماقالىسى بولىدىغان.  ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ، خېلى يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويالىغان. كۆپ قىرلىق  بىلىمگە ئىگە مەكتەپدېشىڭىز  بۇ ھەقتە ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن ئوقۇغۇچى ھىسابلىنىدۇ.  شېئىرىيەتىكى ئاتالغۇلارغا كەلسەك تەرجىمىدە  بىرگە بىر چۈشىدىغان سۆزلەر ئاللىقاچان بىكىتىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى.  بۇنى كۆپ خىل ئىلىنىۋاتىدۇ دىيىشكە بولماس.  ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋالغانغا قارىغاندا بىر بولسا خوشياقماپتۇ. بىر بولسا ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىلىمى چولتا ئىكەن.
   بىلىمىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىرلىققا ئىگە بولۇشىنى تىلەپ قولىڭىزنى سىقىپ تۇرۇپ ئارتتېكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 14:16  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-31 12:26:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 11:57
ئابدۇنىياز، سەمىمىيلىكىڭىزگە قايىلمەن. مەن يۇقۇردا دە ...

مەن بولساممۇ بىر ئادەمنىڭ پىكرىگە دۈشمەن بولىمەن، ھەرگىز ئۆزىگە دۈشمەن بولمايمەن، بىلىمدە مۇتلەق توغرا ياكى مۇتلەق خاتا بولىدىغان ئىش بولمايدۇ،   بىر ئادەمگە دۈشمەن بولۇپ غۇم  ساقلاش پىسخىكا ئاجىزلىقنىڭ ياكى گۆدەكلىكنىڭ ئىشى،      مەنمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى كۆردۈم ۋە كۆرىۋاتمەن ،    تىنىچ-ئامانچىلىق بولسا بىر ئىككى ئاي ئىچىدە مۇشۇ يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدە بىر ماقالە يېزىپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچى ، شۇ  ۋاقىتتا خالىسىڭىز تېخىمۇ كۆپ پىكىرلىشەرمىز.    رەھمەت سىزگە!!!

ۋاقتى: 2015-1-31 12:40:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن يۈرەكتىن چىققان چىن سۆزلەر بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ھەقىقى مۇنازىرە بوپتۇ.چىن يۈرۈگىمدىن سۆيۈندۈم.ئۇيغۇر شىرىيەت نەزىريەسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئەزىزلەرگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.ئەجرىڭلارنى ئاللاھ بېرگۈسى، قەدرىڭلارنى قېرىندىشىڭلار قىلغۇسى.

ۋاقتى: 2015-1-31 23:02:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇختار، سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى ئىنكار قىلمايمەن، ئەگەر شېئىرىيەتتە بىرلىككە كەلگەن كۆزقاراشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىڭىز بۇ ماقالىنىڭمۇ، ئاپتورنىڭ ئۆز مەيدانىدىن ياخشى يېزىلغانلىقىنىمۇ ھېس قىلغان بولاتتىڭىز، ھەمدە ئۇنچە سۆزلەپ كېتىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى، ئىسپاتلىرىڭىزمۇ ماقالىنىڭ ئەينى جۈملىلىرى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئۇمۇميۈزلۈك نوقتىدىن سۇبيېكتىپ ئىنكاس بولۇپ قاپتۇ.

يەنە بىرى بۇ ماقالە قانداقتۇر تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن ئەمەس، تېزيازما شەكلىدە، تېز خاتىرىلىمە ئۇسلۇبىدا ئىنتايىن سىلىق يېزىلغان. ئابزاسقا بۆلىنىشىمۇ تەبئىي، كۆز قاراشلارمۇ ئېنىق، پۈتۈنلۈك نوقتىسىدىن ياخشى ئىپادىلەنگەن. تەرجىمىدىمۇ، بىر قانچە ئاتالغۇنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چوڭ مەسىلە يوق.

ۋاقتى: 2015-2-1 20:38:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئۆز ئۇكام، ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز بۇ مىنىڭ شەخسەن پىكىرىم دېگەن جۈملىلەرنى كۆرىسىز. خالاس.   ماڭا ياقمىغانلىقى يەنە بىرسىگە ياقمىغانلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. خۇددى سىزگە ياققاندەك.  
   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش