يېڭى شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە
دوڭ پېيلۈن
يېڭى شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئەدەبىيات ساھەسىدە بەس-مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان مەسىلىدۇر. سۆز مەنىسىدىن قارىغاندا، شېئرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى شېئىرنىڭ شەكلىگە قارىتىلغانلىقتىن نۇرغۇنلىغان قاراشلار ئاشۇ نوقتىدىن چىقىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەسىلەن: دۆلىتىمىز ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى جى شەنلىن مەيۈسلۇك ئىلكىدە :« يېڭى شېئىرىيەت ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش شەكلىنى تېپىپ چىقالمىدى» دەيدۇ، بىراق، مەنچە يېڭى شېئىرلارنىىڭ بىرلككە كەلگەن ئىپادىلەش شەكلى يوق بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئامىتىدۇر، ئەمدىلا ئازادلققا ئېرىشىپ، ۋەزىندىن قۇتۇلغان يېڭى شېئىرلار ئەگەر يەنە بىرلىككە كەلگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلغا مۇراجىئەت قىلسا، بۇ خۇددى بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلغاندەك بىر ئىش بوپقالمامدۇ؟ شۇڭا يېڭى شېئىرلارنىڭ يەنى ئەركىن شېئىرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن شەكلى يوق بولۇپ، بۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلانغۇچىلارنىڭ ھەم شېئرىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن، ئەگەر كىم بىرلىككە كەلگەن ئىپادىلەش قانۇنىيتىنى تېپىشقا ئۇرۇندىكەن ئۇھالدا ئۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ۋېن يىدو تەشەببۇس قىلغان رەسىم گۈزەللىكى ،قۇرۇلما گۈزەللىكى، مۇزىكىلىق گۈزەللىك ۋە بىرقىسىم ئەدەبىيات نەزەرىيەچىللىرى تەشەببۇس قىلغان يېڭى شېئىرىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلار 80نەچچە يىلدىن بۇيان تالاش تارتىش قىلىنىش جەريانىدا ئاللىمۇقاچان كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلغان بولاتتى.
مەن بۇ يەردە يېڭى شېئىرلارنىڭ ۋەزىنلىشش زۆرۈرلىكىنى تامامەن ئىنكار قىلمايمەن، ئەمىلىيەتتە، يېڭى شېئىر ئىجادىيەت ئەمەلىيتىدىكى ھەرخىل ئىزدىنىش، شېئىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلار ئىنتايىن مۇھىم، بىراق، ئەگەر بىز يېڭى شېئىرىيەتنىڭ شېئىرىي شەكىل قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىزدەنگىنىمىزدە پەقەت قارىغۇلارچە شېئىرنىڭ شەكلىگىلا ئېسلىۋېلىپ باشقا نەرسىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، بۇ مەسلىنىڭ ئەسلى ئۆزىنى تاشلاپ قويۇپ ئارتۇقچە ياكى قۇشۇمچە مەسلىلەرگە ئېسىلىۋالغانلىق بولىدۇ.
مەنچە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسدا مۇھىمنىڭ مۇھىمى شېئىرنىڭ مەنە گۈزەللىكىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قاراپ شېئىرلارنىڭ شەكىل گۈزەللىكى، مۇزىكىلىق گۈزەللىك قاتارلىقلارغا ئېسلىۋالدىكەنمىز، بۇ تېخمۇ ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ.
مەنە دېگەن نېمە؟ بەزىلەر ئۇنى سوبىكتىپ ئىدىيۋى ھېسىيات بىلەن مۇھىت يەنى سىتىرولۇق تۇيغۇنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى دەيدۇ، ئەدەبىي ئەسەردە ئىدىيۋى ھېسىيات ھەرگىزمۇ يالىڭاچ ئوتتۇرغا چىقماستىن بەلكى مەلۇم ئوبىكىتلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىپادىلنىدۇ، بۇ يەردىكى ئوبېكىتلار ھەرگىزمۇ ساپ ئوبىكتىپ شەيئى بولماستىن، ئىدىيۋى ھېسىيات بىلەن بىرىككەن ئوبېكىتتۇر، شۇڭلاشقا، ئاتالمىش مەنە دېگىنىمىز شائىرنىڭ ئىدىيۋى ھېسىياتى بىلەن شېئىردا تەسۋېرلەنگەن تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ بىرلىكىدىن بارلىققا كەلگەن مۇھىت بولۇپ، شائىرنىڭ قايناق ھېسىياتى بىلەن تۇرمۇشتىكى ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ بىرىكمىسى. ۋاڭ گوۋيىنىڭ قارىشىچە، ھېسىيات بىلەن مۇھىت مەنىنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىلى بولۇپ، ئۇ ئىككىسنىڭ بىرىكىشى مەنىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكىدۇر، ھېسىياتنىڭ چىنلىقى، ئوبرازنىڭ جانلىقلىقى، تىلنىڭ توغرىلىقى مەنىنىڭ يادىروسىدۇر، جۇ گۇاڭچىيەن: « ھەربىر شېئىردا مەلۇم مەنە بولىدۇ، مەيلى شائىر بولسۇن ياكى ئوقۇرمەن بولسۇن بىر پارچە ئېسىل شېئىرنى چۈشەنگەندە كۆز ئالدىدا شېئىردا تەسۋېرلەنگەن مۇھىت خۇددى رەسىمدەك نامايەن بولىدۇ-دە، ئوقۇرمەننىڭ تورمۇشدىكى ئازاپ، ھەسىرەتلىرى تۇماندەك تاراپ كېتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ يەنە شېئىرنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ رولى ئۈستىدە ناھايىتى ئەتىراپلىق توختالغان بولۇپ، ئۆزەمنىڭ شېئىر ئىجادىيتىم جەريانىدىكى كۆزقارشلىرىمنى ئۇنىڭ قارشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا شۇنداق ئېيتالايمەنكى، شېئىرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى كەيپىياتلاشتۇرۇش، تەپسىلاتلاشتۇرۇش، ئوبرازلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۈچ تەرەپنى ھازىرلىغان شېئىر مەنە گۈزەللىكىگە ئىگە شېئىرلاردۇر. كەيپىياتلاشتۇرۇش دېگىنىمىز شېئىردىكى كەيپىيات يەنى ھەسرەتلىك ياكى شاد- خورام، ئۈمىدۋار ياكى چۈشكۈن،ئىللىق ياكى قوپال قاتارلىقلار بولۇپ، ئومۇمەن ئېيتىقاندا شائىر كەيپىياتنىڭ مۇھىتتىكى شەكللىنىشى، ئۇ ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان مەپتۇنكارلىققا ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى ئاپتورنىڭ ھېسياتى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ مېڭىپ شېئىرىي كەيپىيات ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ، تەپسىلاتلاشتۇرۇش بولسا شېئىرنىڭ ھېكايىچىلىقى، درامماتتىكىلىقى بولۇپ، ئۇ شائىرنىڭ ھېسىياتى، غايىسى، ئىرادىسى تەپسىلاتنىڭ تەرتىپى ئىچىدە ئەكىس ئېتىدىغان بولۇپ، ئۇ شائىرلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى مۇھىت ئىچىگە باشلاپ كېرىدىغان ئەپچىل پىكىردۇر، ئىماگلاشتۇرۇش بولسا ئوبراز بولۇپ، مەنە ئىماگ ئاساسىدا يۇرۇتۇلىدۇ، ئىماگسىز شېئىرلارنىڭ ھېچقانداق تەمى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كەيپىياتلاشتۇرۇش، تەپسىلاتلاشتۇرۇش، ئىماگلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىر پارچە شېئىردا كەم بولسا بولمايدىغان مەنە گۈزەللىكنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىدۇر، بۇ ئۈچنىڭ بىرلىششدىن بىر بىر پارچە شېئىرنىڭ مەنە گۈزەللىكى بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، مەنە گۈزەللىككى بار شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ، شائىر بارلىققا كەلتۈرگەن مەنىلەر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. مەنە - شېئىرنىڭ روھى، شېئىرنىڭ مەنە گۈزەللىكى بىر پارچە شېئىرنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان- قازانمىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساستۇر، پەقەت مۇشۇ ئاساس بولغاندىلا شېئىرنىڭ باشقا تەرەپلىرى ئاسانلا ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ، ئەگەر سىز شېئىرنىڭ شەكىل گۈزەللىكنى يەنى ۋەزىن گۈزەللىكنى ئىستىسىڭىز مىسرالارنى رەتلىسىڭىز، مۇزىكىلىق گۈزەللىكنى ئىستىسىڭىز رېتىم ۋە قاپىيە جەھەتتە ئازىراق ئەجىر قىلسىڭىز، لىرىكىلىققا ئىگە بولسۇن دېسىڭىز مىسرالىرىڭىزغا رومانتىك تۈس بەرسىڭىز، پەلسەپىۋىلىككە ئىگە بولسۇن دېسىڭىز مىسىرالاردا ئادەمنى ئويغا سالىدىغان تەركىبلەرنى كۆپەيتسىڭىز، سىپايە قىلىشنى ئويلىسڭىز ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن پايدىلانسىڭىز ، يۇمۇرلۇق قىلىشنى ئويلىسڭىز قىزىقارلىق تىلدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.....بىراق، ئەگەر شېئىرلىرىڭىزدا مەنە بولمىسا بۇ شېئىر روھىدىن ئايرىلغان بولىدۇ-دە، باشقا تەرەپلەرگە قانداق كۈچسىڭىزمۇ بەرىبىر. مەنىسى بولمىغان شېئىر مەيلى ئەنئەنىۋى شېئىرلار بولسۇن ياكى ئەركىن شېئىرلار بولسۇن قانچىلىك ئوبرازلىق، قاپىيسى قانچىلىك ياخشى، شەكلى قانچىلىك كۆركەم بولشىدىن قەتئىينەزەر شېئىر ھېسابلانمايدۇ.
يېڭى شېئىرلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى شېئىرلارنىڭ بۇيۇنتۇرقىدىن قۇتۇلۇپ بۈگۈنگىچە ئازكەم بىر ئەسىر ۋاقىت بولدى، بۇ جەرياندا گەرچە بىرقىسىم ناچار شېئىرلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، بىر مەزگىللىك تۇراقلىششدىن كېيىن شۈجىمونىڭ «كامبىرىج بىلەن خوشلىشش»، دەي ۋاڭشۈنىڭ«يامغۇرلۇق كوچا»، زاڭ كېجانىڭ«ئات»،ئەيچىڭنىڭ« دايەنخې ــــ مېنىڭ ئانام»، خېجىڭجىنىڭ «يەنئەنگە قايتىش»، سېڭجونىڭ «قىيادىكى دەرەخ»، لوفۇنىڭ «چىگرادىن يۇرتقا»، شۇتىڭنىڭ «دۇب دەرىخىگە» قاتارلىق ئاز بولمىغان نادىر ئەسەرلەرمۇ بارلىققا كەلدى، ئۇلار بىر قىسىم ئەنئەنىۋى شېئىرلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى ئىلغارلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى ھېلىھەم ئۆزىگە رام قىلىپ، قىممىتىنى يۇقاتماي تۇرماقتا.
بىراق، ئادىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان ئاتالمىش ئاۋانگارتلار ھېچنېمىچىلىك پۇزىتسىيەسى بىلەن كلاسسىك شېئىرلارغا ۋارسلىق قىلىشدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە قارشى تۇرۇپ، قارا قۇيۇق غەربنىڭ شېئىرىيەت نەزەرىيەسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، قارىغۇلارچە شېئىرنىڭ ئىدىيۋىلىكى، پەلسەپىلىكلىكىنى قوغلىشىپ، شېئىرنىڭ مەنە گۈزەللىكنى چەتكە قېقىپ شېئىرنى چۈشنىكسىز، تەمسىز ئەقلىي شېئىرلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر تىلنىڭ ماھىيىتىنى قوغلىشىپ شېئىرنى مەنە گۈزەللىكىدىن ئايرىلغان ئاغزاكى ھېكايىگە ئوخشاش ماغزاپ شېئىرلارنى يازدى.ئەقلىي شېئىر ياكى ماغزاپ شېئىر دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەنە گۈزەللىكدىن ئايرىلغان ساختا شېئىر بولۇپ، بۇنداق شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرگە ھېچقانداق شېئىرىي لەززەت بېرەلمەيدۇ، چۈنكى كىممۇ باش قاتۇرۇپ بىر پارچە ئەقلى شېئىرنى ئوقۇشنى خالىسۇن؟ كىممۇ قىلچە مەزىسى بولمىغان ماغزاپ شېئىر ئوقۇشنى خالىسۇن؟ يېڭى شېئىرلارنىڭ خارابلىققا يۈزلىنىشى شائىرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت بولۇپ، بۇ ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆزىگە قىلغان ھاقارەتتۇر.
شېئىر گەرچە تىل سەنئىتى بولسىمۇ، ئۇ جاپالىق ئىجادىيەتنىڭ مېۋىسى، مەيلى سىز مۇھىت ئارقىلىق ھېسىياتنى ئىپادىلەڭ ياكى ھېسيات بىلەن مۇھىتنى تەسۋىرلەڭ بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ماھىرلىق بىلەن جايىدا ئىشلىتىشىڭىز، نەپىس بولغان شېئىرىي مەنە ئىپادىلىشڭىزگە مۇھتاج، ئۇلار شائىر يېتىشنى ئويلايدىغان نىشان ھەم شېئىرنى باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم.
جوڭگو يازغۇچىلار تورىدىن ئابدۇنىياز ئىمىن تەرجىمە قىلغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-29 23:37