كۆرۈش: 1088|ئىنكاس: 25

ئەزھەر36: ھۆسىن خەتلەر ( 1 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]








مەنبە : ئۆز قەلىمىم ( 2015 - يىل 1-ئاينىڭ 11- كۈنى يېزىلدى ) . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 17:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-23 18:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتتاتلىق سەنئىتى ئىزچىلقنى تەلەپ قىلىدۇ.داۋاملىق مەشىق قىلىڭ.ئۇستاز خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ كۆرۈڭ.

ۋاقتى: 2015-1-23 19:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆسنخەتنىڭ ئىملاسى توغرا بولمىسا «نۆل» گە ھېساب!

ۋاقتى: 2015-1-23 19:38:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت يامان ئەمەس يېزىلغان. تەۋسىيەرىم شۇكى، ئىملاغا بەك دىققەت قىلىش كېرەك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 21:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-23 20:02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 19:38
خەت يامان ئەمەس يېزىلغان. تەۋسىيەرىم شۇكى، ئىمنلاغا بە ...

بۇندىن كېيىن خەت يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىشقا تېرىشىمەن .
ئۇستازنىڭ كەمچىلىكىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت .

ۋاقتى: 2015-1-23 20:37:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ،ئىملادا چوڭ مەسىلە يوقكەن،خەت سۈپتىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىڭ.

باھا سۆز

قوش تىرناقلار ھاجەتسىز ، باغلىغۇچى سۆزلەردىن كېيىن ، چوقۇم پەش قويىلىدۇ .  ۋاقتى: 2015-1-26 12:27 PM
شۇنداق. ئەسكەرتىپ قويدۇم.  ۋاقتى: 2015-1-23 09:09 PM
ۋاقتى: 2015-1-23 21:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھا بېرەي دېسەم،كومپيۇتېرىمدا ئېچىلماي قالدى.

ۋاقتى: 2015-1-23 22:06:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ (كەسىپداش) خەتتات بالىلار «ئۆلچەملىك خەت»نەزىرىيىسىگە ھېساپسىز بېرىلىپ كەتتى. ئەمما،مېنىڭ خەتتاتىلىقىمىزغا تۇتقان مۇئامىلەم مۇنداق:
ھەرپ قۇرۇلمىلىرىنى چوقۇم پۇختا ئېگىلەش كېرەك.بىراق،بۇ دېگىنىم ھەممەيلەننىڭ يازغان خېتى «ئۆلچەم» ئىچىدە يېزىلسۇن،دېگەنلىك ئەمەس. بۇ يەردىكى «ئۆلچەم» سۆزى ئالدى بىلەن ئايدىڭ بولۇپ كەتكىنى تۈزۈك؛ بۇ ئەرەپ پىشۋا خەتتاتلىرىنىڭ مۇنتىزىم بېكىتكەن خەتتاتلىق «قائىدە - قېلىپى» ( دېمەكچى،ئاشۇ نەزىرىيە قائىدىسى بويىچە يېزىلسا،ھەقىقىي خەتتاتلىق ئەسىرى بولىدۇ).
مەن بىر ئۇيغۇر خەتتات  (شۇنداق دېيىشكە بولسا) بولىدىكەنمەن،ئۆزۈمنىڭ خاس خەتتاتلىق ئۇسلۇبى بولۇشى كېرەك،ھەم ئۇنىڭغا مېنىڭ سەنئەتلىك ئىددىيەم سىڭىشى كېرەك. باشقا خەتتاتلار (خەتتاتلىققا قىزىققۇچىلار) مەن ئۇرۇنلاشتۇرغان ھەرپ قۇرۇلمىلىرىدىن مېنىڭ «ھىدىمنى» ھىدلىيالىشى ئوخشاشلا كېرەك.
ئەمما،بۈگۈنكى زامان (ئۇيغۇر) خەتتاتلىقىمىز ئۇمۇمەن بىر قېلىپقا كىرىپ قالدى( بولۇپمۇ،يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە).
مەسىلەن: شەيدائىي يازغان تەئلىق خەت نۇسخىسى (ياكى باشقا نۇسخا) ئەرشىدىن رېشىتنىڭ،باتۇرجان ئابدۇۋەلى تۇغلاننىڭ خەت نۇسخىسىدىن پەرقلەنمەيدىغان...
دېگەندەك. بىراق،قاينامكامچۇ؟ ئۇ ئۆز خەتتاتلىق ئۇسلۇبى بىلەن خەتتاتلاردىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. گۈلزارلىقتىكى گۈللەرنىڭ ئىسمى ئوخشاش،ھىدى باشقا،تۈرى باشقا!
مۇشۇ نوقتا ھەر بىر خەتتات بولغۇچى (خەتتاتلىققا قىزىققۇچىلار) ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم نوقتا.
شۇنىسى شەرتسىزكى،ھەرپ قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئەسلى ئۆلچىمىگە سادىق بولۇپ،مۇئەييەن باسقۇچنى تەلەپ ئاساسىدا بېسىپ ئۆتۈش كېرەك.
بۇ مېنىڭ شەخسەن قارىشىم. ئىجابىي،سەلبىي نوقتىلاردىن ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىسە كېرەك.

ۋاقتى: 2015-1-23 22:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتېكىن ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنىڭ ۋەزنى بار .
  خەتتاتلاردىن مەرھۇم جۈمە ئابدۇللانىڭ تەئلىق نۇسخىسىدىكى خەتلىرىنى قانداقلا يەردە بولسۇن،نىسبەتەن ئاسان   تونۇۋالغىلى بولىدۇ،بۇ بەلكىم قارا تېكىن ئەپەندى تىلغا ئالغان جۈمە ئابدۇللاغا خاس ئۇسلۇب بولسا كېرەك.

ۋاقتى: 2015-1-24 14:29:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان خەتلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە تۈز خەت نۇسقىسىدىكى ئەسىرىڭىز  ئۆلچەمگە سەل يېقىنلىشىپتۇ،ھەم خېلى جەزبىدار چىقىپتۇ.تەئلىق خەت نۇسقىسىنى تېخىمۇ كۆپرەك مەشىق قىلسىڭىز بولغۇدەك.
خەتتاتلىقتا  ماھارەتنىڭ يېتىلىشى ئۈزلۈكسىز  مەشىققە باغلىق.نىياز كېرىم شەرقىي،قۇربانجان روزى شەيدائىي قاتارلىق ئۇستاز خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپرەك كۆچۈرۈپ يېزىپ مەشىق قىلىڭ.ھەرىپلەرنى ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولغاندا ،ئاندىن ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇب شەكىلەندۈرۈشكە تېرىشسىڭىز  بولىدۇ.قارا تېكىننىڭ يۇقىرىدىكى ئېنكاسىمۇ  ئۇنىڭ ئۆز  ئەمەلىيتىدىن خۇلاسىلىگەن تەجرىبىسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghenizatuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-24 14:31  


ۋاقتى: 2015-1-24 17:13:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى 2پارچە خېتىڭىز يامان ئەمەس چىقىپتۇ، ئەمما ئەرچىن ئەپەندى ئېيىتقاندەك ئىملا خاتالىقى مەۋجۇت. سىز قوش تىرناق يىزىشقا بەك ئامراقمۇ قانداق، 3-پارچە خېتىڭىزدا ئوشۇقتىن- ئوشۇق قوش تىرناق ئىشلىتىپسىز .

ۋاقتى: 2015-1-24 17:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 22:06
بىزنىڭ (كەسىپداش) خەتتات بالىلار «ئۆلچەملىك خەت»نەزىر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مەنچە سىزنىڭ خەتتاتلىققا تۇتقان پوزىتسىيىڭىز توغرا ئەمەسكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-24 17:46:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ghenizatuyghur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 14:29
يازغان خەتلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە تۈز خەت نۇسقىسىدىكى ئەسىر ...

تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، بۇندىن كېيىن نىياز كېرىم شەرقىي قاتارلىق خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپىرەك كۆرۈپ ، مەشىقنى كۆچەيتىشكە تېرىشىمەن .

ۋاقتى: 2015-1-24 21:46:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kirani يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 17:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مەنچە سىزنىڭ خەتتاتلىققا تۇتقان پ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قىرانى ئىنىم.
روھى ئەركىن ئادەملەرلا ئەركىن پىكىر قىلىدۇ. مەن خەتتاتلىققا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلدىم،دېگەن تونۇشتىكى ئادەم مەن،ئوخشاشلا،بۇ قارىشىمدىن مەن ئالاقىدىكى خەتتاتلار خەۋەردار.
مۇنداق بىر مىسالنى ئالغىم كېلىۋاتىدۇ،سۇنىڭ سۇلىقى ھەممىمىزگە ئايدىڭ مەسىلە.سۇنىڭ ھالىتىنى تۇرغىن نوقتىدىن كۆرۈشنى قۇبۇل قىلىۋالساق ھەم بۇ بۇنىڭدىن قىلچە گۇمانلانمىساق،ئېقىۋاتقاندىكى شەكىلدىن چىقىپ كەتكەن ھالىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئۈلگۈرەلمەيمىز.
ئادەملەرنىڭ ئۆز تاللىشى،باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ تاللىشىنى تاللىغىنىدىن ئاقىلانە تاللاش.
خەتتاتلىق توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى ئاددىي چۈشەندۈرگىلى بولمىغىنى ئۈچۈن،بىرمۇنچە ئابىستىراكىت مىساللارنى ئېلىشىمغا توغرا كەلدى.
ئۆز يولىڭىزغا يول بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-1-24 22:08:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-24 21:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قىرانى ئىنىم.
روھى ئەركىن ئادەملە ...

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام نامانجان ئاكا
      دەرۋەقە سىزنىڭ بۇ ساھەدىكى تارىخىڭىز ، باسقان يولىڭىز پېقىرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.ئەمما خەتتاتلىق (ئۇيغۇر ھازىرقى زامان خەتتاتلىقى ) يىقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ ھەقىقى مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى تاپتى ۋە  شەيدائىي،راشىد . . . باشچىلىقىدىكى خەتتات - ھەۋەسكارلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.شۇنداقلا ئەمدى داۋاملىق شۇ يۆلىنىشتە تەرەققى قىلىشى روشەن.
      شەپەرەڭ ياقتۇرمايدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىققىلى بولمايدۇ.
      سىز بىلەن مۇنبەر يۈزىدە پىكىرلىشىپ قالغىنىمدىن خۇرسەنمەن،ئامان بولۇڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش