ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 14:05
ئېلھام بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
32 ھەرپىمىزنىڭ گۈزەل ھۆسنى-جامالى خەتتاتلىرىمىزنىڭ ماھارەتلىك قوللىرىدا كامالەتكە يېتىدۇ [قولۇڭلارغا دەرد كەلمىسۇن!] .بەكمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىملا قائىدىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك . سۆز تۈرلىگەندە ،ھەرگىزمۇ شېۋى تەلەپپۇزى ياكى ئاغزاكى تەلەپپۇز بويىچە يېزىپ قويماسلىق كېرەك . تۈپ سۆز ۋە سۆز تومۇرىنى ئاساس قىلىش، تىنىش بەلگىلەرنى جايىدا ،تولۇق ئىشلىتىش كېرەك .لاتاپەتلىك، ئۇزچىراي يېزىقلىرىمىزنىڭ ھۆسنىگە ‹‹ سۆگەل›› چىقىپ قالمىغاي . چۈنكى ، يېزىۋاتقان خەت ‹‹ سىزنىڭ ›› بولغان بىلەن ،
جامائەتكە ئېلان قىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، ‹‹ بىزنىڭ ›› بولىدۇ .يۈزىمىز قىزىرىپ قالمىسۇن، !