كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 2

ئەدەبىي تەرجىماندىن ئەدىبلەرگە تەۋسىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  460
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 31
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 21:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                     ئەدەبىي تەرجىماندىن ئەدىبلەرگە تەۋسىيە

                                                       (ئەدەبىي خاتىرە)
                                                        باۋۇدۇن ھەسەن  

       بۇلتۇر 10-ئايدا «كىروران» ژورنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن چەرچەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېلىجان ياقۇپ نامىدىكى «بۇركۈت پەرۋازى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە چەرچەن قەلەمكەشلەر ئۇچرىشىشى پائالىيىتىنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئېلىپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. مەن ئەدىپ ئەمەس، ئەدەبىي تەرجىمان ئىدىم، بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە يازغۇچىلار قاتارىدا تەكلىپ قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم.
       بىز  16 كىشى  27-ئۆتەبىر ئەتىگىنى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كورلىدىن يولغا چىقتۇق. كەيپىمىز چاغ، روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ئاپتوبۇسىمىز كورلا-چەرچەن قۇملۇق تاشيولىدا يىنىك تەۋرىنىپ كېتىپ باراتتى. ئاپتۋبۇس ئىچىدە «كىروران» ژوزنىلىنىڭ مۇھەررىرى شوخ يىگىت ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچى قاتارلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ قىزىق-چۈچۈك چاقچاقلىرىدىن پات-پات شاد كۈلكىلەر كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. بۇ مېنىڭ جاھانغا داڭلىق بۇ قۇملۇق تاشيولىدا تۇنجى قېتىم مېڭىشىم ئىدى، قۇم دېڭىزىنى يېرىپ ئۆتكەن بۇ تاشيولنىڭ ئىككى يېقىدا سېھىرلىك تەكلىماكان قۇملۇقى چەكسىز سۇزۇلۇپ ياتاتتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ توغراقلىق، يۇلغۇنلۇق، چاكاندىلىق جەزىرە-جاڭگاللارمۇ ئۇچراپ تۇراتتى. «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەنىكەن ئاتا-بوۋىلار. تەكلىمان قۇملۇقىنىڭ سېھىرلىك مەنزىرىسى توغرىسىدىكى تەسۋىر-بايانلارنى، سىرلىق رىۋايەت-ھېكايەتلەرنى كىچىكىمدىن كۆپ ئاڭلغان، كىتاپلاردىن كۆپ ئوقۇغان، ئېكرانلاردا خېلى كۆپ كۆرگەن بولساممۇ، قانداقتۇر سىر-ھېكمەتلەرنى قوينىغا بېسىپ ياتقان بۇ سىرلىق ماكاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىمدە قەلبىم ئاجايىپ  تۇيغۇلارغا ئەسىر بولدى، خياللىرىم ئىختىيارسىز قاناتلىنىپ ئاللىقاياقلارغا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.....
       بىز 700 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ مەنزىلگە يېتىپ باردۇق. مۇساپىمىز شۇنچە ئۇزاق بولسىمۇ، ھېچقانچە چارچىغاندەك قىلمىدۇق. چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇنجان غېنى، ناھىيەلىك شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ دىرېكتورى تۇرسۇن ئەبەي، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتتىنىڭ غوللۇق خادىمى، تالانتلىق يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت، ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، بۇ قېتىمقى «شۇڭقار پەرۋازى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئۆز مەبلىغى بىلەن تەسىس قىلغۇچى ئېلىجان ياقۇپ قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئەدىپلەر ناھىيە بېكىتىدە ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتۈپ تۇرغانىكەن، قىزغىن سالام-سائەتلەردىن كېيىن بىزنى مەخسۇس خىزمەت ماشىنىسى بىلەن مەنزىرىسى گۈزەل مۇزتاغ مېھمانخانىسىغا باشلاپ بېرىپ، ئالدىن زاكاز قىلىنغان كۆركەم، ئازادە ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇردى.
       بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە 18-ئۆتكەبىر چۈشتىن بۇرۇن مۇزتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 3-رايونىدىكى مەجسلىخانىدا «شۇڭقار پەرۋازى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە چەرچەن قەلەمكەشلەر ئۇچرىشىشىنىڭ باشلىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
       بىز شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كۈنتەرتىپ بويىچە چەرچەندىكى ئەدىپلەر ۋە بىر قىسىم ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى بىلەن مۇزتاغ مېھمانخانىسىنىڭ مەجلىسخانىسىغا جەم بولۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. سۆھبەت ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى، مۇكاپاتلانغان بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۈستىدە بولدى. سۆھبەت تازا قىزىپ بارماقتا ئىدى، سۆھبەت رىياسەتچىسى، «كىروران» ژورناللىرىنىڭ باش مۇھەررىرى شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن مېنى ئەدەبىي تەرجىمە ھەققىدە سۆھبەت بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ قالدى. تەييارلىقسىز ئولتۇرغانلىقىم ئۈچۈن تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈپ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا مەخمۇت مۇھەممەت، تۇرسۇن مەخمۇت، ئامانگۈل ئەزىز، نۇرگۈل ئەبەي قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ھېكايە-پوۋىستلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم ئۈستىدە، نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ھېكايە-پوۋىستلىرىنىڭ تىلى، ئۇسلۇبى ئۈستىدە قىسقىچە توختالدىم ۋە تەكلىبىمنى ئېيتىپ ئۆتتۈم. شۇ تاپتا ئەشۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئېيتقانلىرىمنى يىغىنچاقلاپ ۋە تولۇقلاپ ئۆز قاراشلىرىمنى، ئەدىپلىرىمىزدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈمنى بايان قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
       مەن ئۇزاق يىل تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن كەسىپي تەرجىمان، شۇنداقلا كۆپ يىللىق ئەدەبىي تەرجىمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئادەتتە ئەسەر-ماقالىلارنىڭ تىلىغا كۆپرەك دېققەت قىلىمەن، ئوچۇقراقىنى ئېيتسام «پاچاقچى»لىق قىلىپ قۇسۇر ئىزدەشكە خۇشدارمەن.  تىلى پۇختا، راۋان، چۈشۈنۈشلۈك چىققان ئەسەرلەرنى، ھەتتا گېزىت يۈزىدىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىنى (قانداق ئۇسلۇپتا يېزىلغان بولۇشىدىن ، يەنى جۈملىلىرى قىسقا، ئىخچام، چاققان چىققان بولۇشىدىن ياكى مۇرەككەپ  قوشما جۈملىلىك، ئېغىر جۈملىلىك چىققان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) كۆرۈپ قالسام ئاپىرىن ئوقۇپ كېتىمەن، ئۆزۈمگە ئۈلگە ئالىمەن، ئەكسىچە چىققانلىرىنى كۆرسەم خۇرسىنىپ قالىمەن. ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان «دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دېگەن ماقالدىكىدەك، مەن ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە ئەمەس، تىل نۇقسانلىرى ئۈستىدىلا ئوچۇق-يورۇق توختالماقچىمەن.
       ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يازغۇچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىپ بېرىۋاتىدۇ، ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر كۆپلەپ مەيداغا كېلىۋاتىدۇ، بۇ خوشاللىنارلىق ئەھۋال، ئەلۋەتتە. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىرمۇنچە ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ، ھەتتا خېلى پىشقان ئەدىپلىرىىزنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەرلىرىنىڭ تىلى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ئايىماي ئېيتسام، بەزى ئەسەرلەرنىڭ تىلى پەقەتلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، يەنە كېلىپ بۇنداق مەسىلىلەر ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجوت. تىل نۇقسانلىرى كۆپ، گىرامماتىكىلىق مەسىلىلەر، ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەر، ـــــ جۈملىدە ئورنىنى تاپالمىغان سۆزلەم، ئارتۇقچە ئىشلىتىلگەن سۆزلەم، ئارتۇق ياكى كەم قويۇلغان تىنىش بەلگىلىرى، تاياقنى تاياققا تاڭغاندەك زومۇزو بىرىكتۈرۈلگەن بىرىكمەس سۆزلەم، كېلەڭسىز ۋە چۇۋالچاق جۈملىلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، لوگىكىلىق مەسىلىلەرمۇ خېلى بار. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، يازغۇچىلار ئەدىپلەرگە خاس بەدىئىي ماھارەتنى ھازىرلىغان، ئەدەبىي ئئىجادەيەتلىرى ئارقىلىق خەلققە مەنىۋى ئوزۇق بېرىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، ئانا تىلنى ياكى ئۆزى قوللىنىپ ئەسەر يازىدىغان تىلنى تۈزەش، بېزەش مەجبۇرىيەتلىرىنىمۇ زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا، ئەدىپلىرىمىز ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تىلىغا كۆپرەك كۈچ سەرىپ قىلىپ، ئەسىرىنى تېزراق پۈتتۈرۈپ نەشىرگە ياكى مەتبۇئاتقا تاپشۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەي تىل نۇقسانلىرىدىن ئىمكان بار ساقلانسا دېگەن ئۈمىددىمەن.
       بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا ئەكىس ئەتتۈرىلىدىغىنى شۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، ئۆرىپ-ئادەتلىرى، ئۆزىگە خاس مەجەز-خارەكتىرى، كۈلكىسى، يىغىسى،  ئوي-خىياللىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكنى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى «مىللىلىك» دېيىشكە بولار دەيمەن. مېنىڭچە، ئەدەبىي ئەسەردە مىللىلىك قانچە قويۇق بولسا، خاسلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، مىللى ئەدەبىياتقا شۇنچە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ «تاغامنىڭ شاپتۇللىرى» ناملىق ھېكايىسى بۇ ھۆكمىمگە ئەڭ تىپىك مىسال بولالايدۇ. شۇنداق ئەسەرلەر باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنسا، تەرجىمىسىنىڭ  مەتبۇئاتتا ئىشلىتىلىش، نەشىر قىلىنىش نىسبىتى يۇقۇرىراق بولىدۇ، ئوقۇرمەنلىرى كۆپرەك بولىدۇ. چۈنكى، تەرجىمە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بەكرەك قىزىقىدىغىنىمۇ شۇ ئەسەردىكى بەدىئىي ئامىللاردىن باشقا ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە مىللى خاسلىق، مىللى خارەكتىردىن ئىبارەتدۇر. يازغۇچىلىرىمىزدىن كۈتىدىغىنىم ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلار ياشىغان، ياشاۋاتقان يۇرتتىكى ئاھالىنىڭ ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكىس ئەتۈرۈپ بېرىشكە كۆپرەك تىرىشسا.
       ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا كەلسەك، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس تىل ئۇسلۇبى بولىدۇ. تونۇلغان يازغۇچىلاردىن مەخمۇت مۇھەممەت بىلەن تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ بىر بىرىگە تا مامەن ئوخشىمايدىغان تىل ئۇسلۇبى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇ. مەخمۇت مۇھەممەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تويۇنغان يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتىگە ماس قىسقا، چاققان، تولىمۇ چۈشۈنۈشلىك جۈملىلەرنى قوللىنىپ، كىشىگە روھلۇق، تېتىك، جاراڭلىق تۇيغۇ بەرسە، تۇرسۇن مەخمۇت ئۆز ئەسەرلىرىدە تېتىملىق سۆزلەم ۋە رەڭدار سۆز بىرىكمىلىرىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ قوشما جۈملىلەر ئارقىلىق پەلسەپىگە تويۇنغان ئوي-پىكرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىپادىلەپ، ئوقۇرمەننى بىر خىل لېرىك، شىرىن تۇيغۇغۇغا چۆمدۈرىدۇ. دېمەكچىمەنكى، يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس تىل ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتمەي يېزىۋەرگىنى ياخشى، ھەرقانداق تىل ئۇسلۇبىدا يازسا بولىۋىرىدۇ. تەرجىمان، بولۇپمۇ پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان ئۆز تەرجىمىسىدە يازغۇچىنىڭ ئەنە شۇنداق ئۆزىگە خاس تىل ئۇسلۇبى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكىنى ئىمكان قەدەر ئەينەن ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ.
       سۆھبەت يىغىنى تازا قىزىپ، مەمنۇنىيەت ئىچىدە  ئاياقلاشقاندىن كېيىن، چەرچەندىكى بىر قىسىم ئەدىپلەر ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى چەرچەن خەلقىگە خاس ئاق كۆڭۈللىكى، مېھماندوستلۇقى بىلەن بىزنى ناھىيە بازىرىغا يېقىنراق جايدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا خاس تەرىزدە باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن چۈمكەنگەن چوڭكۆل دېگەن يېزىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇرغان كېچىلىك مەشرەپكە ئېلىپ باردى. مېزىلىك تائاملاردىن كېيىن مەشرەپ باشلاندى. بىرقىسىم چەرچەن ئەلنەغمىچىلىرى دۇتار، تەمبۇرلىرىنى سازلاپ، «تاغ مەشرىپى» قاتارلىق چەرچەن خەلق ناخشا-كۈيلىرىنى ھوزۇرىمىزغا سۇندى، چەرچەنلىك ئۇسسۇلچى يىگىتلەر باش بولۇپ شوخ ھەم لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. مەشرەپ بارغانچە قىزىپ، مېھمانلار بىلەن ساھىپخانلار ئۇسسۇل قاينىمىدا گىرەلىشىپ، مەشرەپنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. بۇ مەنزىرە ھەقىقى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى. ئەلنەغمىچىلەر ئىشقى-زوقى بىلەن ئېيتىۋاتقان قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ ناخشا-كۈيلەردىن بۇ ماكاندىكى ئوت يۈرەك خەلقنىڭ ئۆزگىچە زوق-ھەۋەسلىرى،  ئارزۇ-ئارمانلىرى، مىجەز-خارەكتىرى، شۇنداقلا سىرلىق تەكلىماكاننىڭ قانداقتۇر مۇڭ-زارى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ناخشىلارنىڭ تېكىستى، ئاھاڭى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىغا ئورتاق يۇمۇرلۇق، ساتىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، قويۇق يەرلىك چەرچەن ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا يۇرتلارنىڭ ناخشا-كۈي ئالاھىدىلىكىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. بەرھەقكى، چەرچەن ناخشا-كۈيلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت بېغىدىكى ئەلگە تولۇق تونۇلمىغان رەنا گۈللەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەگەر پىلاستىنكا ئىشلىنىپ تارقىتىلسا، سەنئەتخۇمار خەلقىمىزگە يېڭى بىر دەستە گۈل تەغدىم قىلىنغان بولاتتى. مەن بۇ ئويۇمنى پائالىيىتىمىز داۋامىدىكى بىرەسمى سۆھبەتلەردە چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇنجان غېنىغا تەۋسىيە ھېسابىدا دېگەنىدىم. تۇرسۇنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ناھىيەنىڭمۇ شۇنداق پىلانى بار ئىكەن، ھازىر بۇ ئىشنىڭ تەييارلىقىمۇ ئىشلىنىۋېتىپتۇ. بۇ جاۋاپتىن شۇنداق خۇش بولدۇم. بۇ ئارزۇيىمىز بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشقىيتى دەيمەن.
       28-ئۆكتەبىر كۈنى ئېكىسكۇرسىيە پائالىتىيىدە بولدۇق. ناھىيەلىك موزېي، زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى بولمىش مەدەنىيەت يادكارلىقلىرى خىياللىرىمنى يىراق قەدىمقى زامانلارغا ئېلىپ كەتتى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەشۇ زامانلاردا ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى ئەقلىمىزنى لال قىلدى.
       بىز چەرچەن دەرياسىنىڭ ئارال يېزىسى بۆلىكىدىكى چوڭ كۆۋرۈك، كەلكۈن مۇداپىيە ئىنشاھاتى قاتارلىق جايلارنى كۆرۈۋاتقىنىمىزدا بىرەسمى سۆھبەتلىرىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرى ئۈستىدە قىزىپ باردى. بولۇپمۇ يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت چەرچەن دەرياسىنىڭ ھەر بىر بۆلىكىنى كۆرگىنىدە ئالاھىدە روھلىنىپ كېتەتتى، «چەرچەن دەرياسى ـــ تارىم دەرياسى، ئاھ، ئانا دەيا، مەڭگۈ قۇرۇپ كەتمەي ئېقىپ تۇرغاي، ئىلاھىم» دەپ خىتاپ قىلىپ كتەتتى  ھاياجان ئىلكىدە ئىختىيارسىزلا. يازغۇچىنىڭ چىرايىدىن، روھىي ھالىتىدىن ئانا يۇرتىغا، ئانا تۇپراققا، ئانا تۇپراقنىڭ باغرىدىكى ھەر بىر تال گىياغا بولغان چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتى، قەدىمقى كىروران تىراگېسىيەسىنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقان ھازىرقى چەرچەندىمۇ تەكرارلىنىپ  قېلىش ئېھتىماللىقىدىن پەيدا بولغان ئانا يۇرت قايغۇسى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدلىرى ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى.
       بىز يەنە ئارال يېزىسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن بىنا قىلىنغان دېھقانلار تۇرالغۇ رايونى، دەريا بويىدىكى قۇم تىزگىنلەش بازىسى، باغئېرىق، يېڭىئۆستەڭ چىلانزارلىقلىرى قاتارلىق ئىنشاھاتلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، چەرچەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا يېڭى-يېڭى تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇق. چەرچەن ناھىيە بازىرىنىڭ دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرۇدىغان پاكىز، ئازادە كوچىلىرىنى، سودا بازارلىرىنى ئايلىنىپ، چەرچەن ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ زوقىنى تارتىدىغان ماكان ئىكەن دېگەن تۇيغۇغا كەلدۇق.
       بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىز تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى. پائالىيەت ۋاقتى قىسقا، كۈنتەرتىپ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، پائالىيەت مەزمۇنى مېغىزلىق، تېتىملىق بولدى. بارلىق كۈنتەرتىپ تاماملانغاندىن كېيىن، 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەندە چەرچەنگە، چەرچەن خەلقىگە مىننەتدارلىق تۇيغۇمىز بىلەن يېڭى ئامەت تىلىگىنىمىزچە كورلىغا قايتىپ ماڭدۇق.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 10:35  


mukam.cn
ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1985
تۆھپە : 8
توردا: 744
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 10:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەدىبىي تەرجىماندىن ئەدىپلەرگە تەۋسىيە» دېگەن ماۋزۇدىكى «ئەدىبىي ۋە ئەدىپ» دېگەن سۆزلەرنى «ئەدەبىي ،  ئەدىب» دەپ توغرا يېزىشلىرىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  460
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 31
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 11:23:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل كۆرگەندەك قىلىسىز، ئەركزات ئەپەندى، سىزمۇ ماڭا ئوخشاش «پاچاقچى» ئوخشايسىز.  سۆيۈندىم، رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش