يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 5639|ئىنكاس: 59

يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكىلەرگە شېئىرىي چاقچاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكىلەرگە شېئىرىي چاقچاق (1)


تۇنساگۈل بارات ئەلقىزىغا

‹‹بەش ئاۋاز››①غا جەملەپ كۆڭۈلنى،
شاماللاردىن ئەۋەتىپسىز، قىز.
‹‹ئالتىنچى ئۈن››② پۈتۈپ قالدىمۇ؟
كۆزۈم تالدى، سېلىڭ يولغا تېز!

‹‹نەسىر››③ بىلەن مۇڭدىشىپ، ياكى
تولمىدىمۇ شوخ كۈيگە قوۋۇز؟
بۇلبۇللاردىن ناۋا تالىشىپ،
يۈرەمسىزكىن تاغلاردا يالغۇز؟...

ئەسكەرتىش:1-، 2ــ‹‹يازغۇچىلار ئاۋازى›› پىروگراممىسىنىڭ 5-، 6-سانىنى كۆرسىتىدۇ.

③ــ ئەلقىزىنىڭ نەسىر ئىجادىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

قاسىمجان ئوسمان غازىغا
‹‹سۆيگۈ تېشى›› قاتۇردۇڭ كىمگە؟
بېجىرەلمەي ئۆزۈڭگە كىملىك!
‹‹ئەمدى نۆۋەت كەلگەندە›› ساڭا،
قايغۇلاردىن سىلىككىن، سىلىك!

‹‹كەتتۇق ئاشۇ يوللارغا›› دەپسەن،
‹‹ساڭا قانداق كۆرۈندۈم››، ئاداش؟
‹‹بەدەل›› تۆلەپ، ئوتتۇز بەشكىچە،
‹‹بىر قايغۇ ياراتتىڭ››مۇ، ئاداش؟!
ئەسكەرتىش: قوش تىرناققا ئېلىنغانلىرى غازىنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرى


مەھمۇد ھېيىت مەھدىگە

دىلبەر جىنى چاپلاشتى سىزگە،
دىلبەرلەرگە باغلىنىپ كۆڭۈل.
‹‹دىلبەر››، دەپلا، ئۆتۈۋېرەمسىز،
بىر دىلبەرگە توختىتىڭ كۆڭۈل.
تېخى قېرىلىق يەتمىدىمۇ سىزگە...
قاچان باغاق كېلىدۇ بىزگە؟؟؟


ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپقا

‹‹مەختۇمسۇلا››نى قالدۇرۇپ يالغۇز،
گۇاڭدۇڭغا چۆكۈپ كېتىپسىز.
‹‹‹ھىجران› ئازابى ئۆرتىدى دىلنى››
ئاڭلىشىمچە، بېيىپ كېتىپسىز...
ئەسكەرتىش: قوش تىرناققا ئېلىنغانلىرى زۇلتاپنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرى

ئابدۇرېھىم زۇنۇنغا

‹‹يادنامە››لەر كۆڭۈلگە مەلھەم،
‹‹ئۇيغۇر تىلى›› ‹‹سوۋغا›› مىسىلسىز.
‹‹ئەللىكىنچى داۋان ئالدىدا››،
باتۇر بولۇڭ، (باتۇر ھەمدە سىز)
ئەسكەرتىش: قوش تىرناققا ئېلىنغانلىرى ئۇستازنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرى

ئەسكەرتىش: ھەر كۈنى مۇنبەردىكى باشقا تورداش (يازغۇچى، شائىر، ھەۋەسكار) لارغىمۇ شېئىرىي چاقچاق يېزىلىپ، بۇ تېما ئاستىغا يوللىنىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-7 01:49  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرىتى +10 تىللاسى +10 تۆھپىسى +10 يىغىش سەۋەبى
ئىسمائىل قۇتلۇق + 10 + 10 + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-18 21:14:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلاردىن ھۇزۇرلاندىم ، بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ . مۇنبەردىكىلەرگە كۆڭۈل ئارامچىلىقى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىزدىن خوشال بولدۇم .  داۋامىنى كۈتىمەن ....

ۋاقتى: 2012-5-18 21:23:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھدىگە يازغىنىڭىزنى ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم!

ۋاقتى: 2012-5-18 21:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2012-5-18 21:23
مەھدىگە يازغىنىڭىزنى ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتىم!

راس مەھدىكامغا يېزىلغىنى بەك قىزىقارلىق چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2012-5-18 21:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۆمۈر ئوزۇقلىرىڭىزلىرىڭىزدىن دائىم  بەھىرلەندۈرۈپ تۇرارسىز.

ۋاقتى: 2012-5-19 00:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ جىمۇ ؟؟؟؟ بىر توي قىلىۋەتمىسەم بولمامدۇ نىمە ....

ۋاقتى: 2012-5-19 00:16:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد ھېيىت مەھدىگە


دىلبەر جىنى چاپلاشتى سىزگە،

دىلبەرلەرگە باغلىنىپ كۆڭۈل.

‹‹دىلبەر››، دەپلا، ئۆتۈۋېرەمسىز،

بىر دىلبەرگە توختىتىڭ كۆڭۈل.

تېخى قېرىلىق يەتمىدىمۇ سىزگە...

قاچان باغاق كېلىدۇ بىزگە؟؟؟
未命名mm,,.gif


قالتىس كەپتۇ جۇما...ئۇكامنىڭ تويىنى قېلىۋەتسەك بولامدۇ نىمە....

ۋاقتى: 2012-5-19 09:31:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كارۋان تىياتىر كۇلۇبى ئوينىغان بىر ئىتۇتتكى مىرشاپ تىلىدىن بېرىلگەن ( ئاپتۇنۇم رايۇندا قىز بالا كۆپ ) دې\ەەن گېپى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ .

ۋاقتى: 2012-5-19 09:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ جىمۇ ؟؟؟؟ بىر توي قىلىۋەتمىسەم بولمامدۇ نىمە ....
تېخى توي قىلمىغانما؟

ۋاقتى: 2012-5-19 11:28:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قاملىشىپتۇ، تازا كۈلىۋالدىم

ۋاقتى: 2012-5-19 11:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  قەلەمكەشلەر ئۆز-ئارا مۇشائىرە،چاقچاق يېزىشىدىغان ئادەت بىزدە  كىلاسسىك ئەنئەنە ئىدى،ئەپسۇس، بىز بۇ ئەنئەنىگە
تازا جايىدا ۋارىسلىق قىلالماي كەلدۇق، يازغۇچىلار مۇنبىرىدە شۆھرەتلىك ھازىر جاۋاپ شائىر  ئابدۇخېلىل مىر خېلىل بىلەن شەۋكەت ئىبرايىمنىڭ ۋايىغا يەتكەن شىئېرى چاقچاقلىرى بۇ جەھەتتىكى تىمتاسلىققا خاتىمە بەردى ،دوستىمىز قىراننىڭ چاقچاقلىرى بۇ باشلىنىش مۇزىكىسىنى ئىلمى، دوستانە ، ھۇزۇرلۇق كۈلكە سىمپونىيىسىگە ئايلاندۇرۇشتا ئىلھام خۇرۇچى بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2012-5-19 12:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «ئۇيغۇر قىزى» __ ئۇيغۇرنىڭ قىزى،
    «ئېقىن سۇ»دا ئۈزۈپ ئوينايدۇ.
    «ئۇيغۇر تىلى» __ ئۇيغۇرنىڭ تىلى،
    ئۇنى بىر كۈن كۆرمەي قويمايدۇ.

    «بازار»تاپتى «كۈندە ... رۇبائىي»،
    بولۇپ قالدىم خېلىلا «پۇلدار».
    «باتۇر» بولاي، «قۇل» بولاي مەيلى،
    بولۇپ قالماي ۋە لېكىن «قۇلدار».
  
  شاش قىرانغا رەھمىتىم يەتسۇن،
   ئۇ كۆكلىسۇن، مۇرادقا يەتسۇن!
   نوقۇپ تۇرسۇن قەلەمكەشلەرنى،
  ھەم چىناردەك ئايىنىپلا كەتسۇن!
   
      بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 16:33  


ۋاقتى: 2012-5-19 13:22:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرانغا :

چاقچاقتىن تونۇدۇم مۇنبەر ئەھلىنى ،
يېڭىمەن بۇ  يۇرىتقا  كەلدىم  سالامغا،
قوشۇلاي سەپكە دەپ يازدىم ھەم چاقچاق،
«ئۈچ تاش ئارىستىكى ئادەم »قىرانغا ،
سۇئالىم بىر پەقەت قىران ياش تۇرۇپ،
نىمە بار دەيمەندە ئۈچ تاش ئارىستا

ۋاقتى: 2012-5-19 13:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلار يېقىشلىق چىقىپتۇ، ئۈزۈلۈپ قالمىسىكەن ئىلاھىم. مەھدىنىڭ يېغىرىنى تاتىلاپ... دىلبەرنىڭ جېنى.............

ۋاقتى: 2012-5-19 15:54:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھا................

قىران ،
ھەجەپ قاملاشتۇرۇپ يېزىپىسىز، بارىكاللا سىزگە!
شېئىرى چاقچاقلىرىڭىزنى ئوقۇپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ كەتتى.

قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ كۈچ قۇۋۋەت تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   =intizar= تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 15:55  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش