مۇنبەردىكىلەرگە شېئىرىي چاقچاق (3)
ئابلا ئىسھاق پەروزانغا
دانالار دەر:‹‹كۈلۈمسىرەش›› ‹‹بىر قىزغا››،
ئۇيات-نۇمۇس، ‹‹غاپىللىق››قا پاتقانلىق.
تۇرسا ياندا چىرايلىقى، قاش ئېتىش ــ
‹‹ئۆسمە›› ئىچرە سۇنايلىنىپ ياتقانلىق...
پەروزان دەر: ‹‹غاپىللىق››قا پاتماڭلار،
‹‹بەرنا قىز››غا قاش-كۆزلەرنى ئاتماڭلار!
قۇچاق ئاچسۇن ئىللىق دۇنيا، چىقمىسۇن
‹‹ئانىسىنى تالاق قىلغان ئوغۇللار››،
توزىمىسۇن جۇت-سوغدىمۇ چېچەكلەر،
‹‹ئايالىمغا سۆزۈم بار››، چىن ‹‹مېھىر››ىم بار!...
بەزىلەر دەر: ئا. پەروزان ئەپەندى،
شېئىرىڭ خام، پىروزاڭنىڭ جېنى بار!
ئەسكەرتىش: قوش تىرناققا ئېلىنغانلىرى پەروزاننىڭ قىسمەن ئەسەرلىرىنىڭ نامى
ئەھەدىگە
پۇچىلاندىم ئوتتا، دەپسىز‹‹بىر قىزغا››.
‹‹يۈرىكىدىن سوراپ باق››ساق ئۇ قىزنىڭ،
ئۇ قىز دەيدۇ: ‹‹غەزەللەر››گە مەن تەشنا،
‹‹ھىجران گۈلى›› پورەكلىمەس ئارىدا...
‹‹ھىجران مۇڭى›› ئۆرتىمىسۇن يۈرەكنى،
‹‹غەزەل›› ئېيتىپ چىقسۇن مېنىڭ ئالدىمغا.
ئەسكەرتىش: قوش تىرناققا ئېلىنغانلىرى ئەھەدىنىڭ قىسمەن ئەسەرلىرىنىڭ نامى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قىران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-7 01:58