تېما يوللىغۇچى ئىلاۋىسى:ئاسىيا بوكس چىمپىيۇنى،پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىم مىلادىيە 2015-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە (لاڭتيەن 2-قورۇسىدا) ئالەمدىن ئۆتكەن.شۇ مۇناسىۋەت ھەرقايسى توربىكەتلەردە بەس-بەستە تورداشلارنىڭ مەرھۇمغا بولغان ھەرخىل شەكىلدىكى يازمىلىرى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىۋاتىدۇ،شۇنداقلا يەنە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئايرىم مۇنبەرلەردە ‹‹ئاكىللېس››نامىدا مۇلاھىزە خاراكتىرلىك خىلى نۇرغۇن يازمىلارنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى دېيىشىۋاتىدۇ ...
مەزكۇر مۇنبەر مەخسۇس ئەدەبىيات مۇنبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەن موشۇ تېمىنى پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمگە يېزىلغان مەرسىيەنامىلەرنى توپلاش ئۈچۈن ئاچتىم. مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ھەم چىمپىيۇنىمىزغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى موشۇ تېما ئاستىغا يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
ئابدۇراخمان ئابلىكىمگە مەرسىيە
ئابدۇشۈكۈر قاسىم
خەۋەر كەلدى بۈگۈن تۇيۇقسىز،
ئابدۇراخمان «باقى» بولدى دەپ.
ياقا يىرتىپ يىغلاشتى ئەل-يۇرت،
ئەزىمەتنىڭ ھەسرىتىنى يەپ.
ئەمدى ئوتتۇز يەتتىدە ئىدى،
ئەجەل باقماس ئىكەن يېشىغا،
ئەجەپ ئېغىر مۇسىبەت كەلدى،
ئۇيغۇرۇمنىڭ بۈگۈن بېشىغا.
ساقىغاندا كۆكتىن بىر چولپان،
بېرەلمەستىن ھېجرانغا بەرداش.
ھەسرەت بىلەن ئاقماقتا مانا،
ئىلى، تارىم، يەكەن، قارىقاش.
ھازا تۇتتى قول باغلاپ يىغلاپ،
بارچە ئۇيغۇر، قەۋمى- قېرىنداش.
سۈكۈت بىلەن تەڭرىتاغ ئاتا،
ئوغلان ئۈچۈن ئەگدە مانا باش.
ئەلۋىدا ئەي ئۇيغۇرۇرۇم پەخرى،
سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتەر خەلقىم.
قەبرىڭىزدە يېتىڭ خاتىرجەم،
قوچاق ئاچار جەننەتمۇ بەلكىم.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى پەيزاۋات
سەنمۇ چارچاپسەن
- ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇراخمانغا مەرسىيە
ئابدۇراخماننى ئۆلدى دېدى بىرى،
ئابدۇراخمان مۇش ياراتتى، دېدى بىرى،
ئابدۇراخمان ھايات، دېدى يەنە بىرى...
مەن تۇرۇپ قالدىم
نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ
جەزمەن بىر نېمە دېيىشىم كېرەكتەك.
لېكىن مەن ئابدۇراخماننى ئۆلدى دېيىشنى خالىمايمەن
چۈنكى ئابدۇراخمان
تۇتۇپ تۇرار قۇلۇمنى شۇ تاپ.
ئابدۇراخمان مۇش ياراتتى دېيىشتىن قورقىمەن
ئۇ ياراتقان مۇش
ئۇدۇل كېلىپ مېنى ماخچايتىۋىتىدىغاندەك
نىچۈن مۇشت ئاتمايسەن دەپ،
ئابدۇراخماننى ھايات دېسەم
غايىپ بولار ھايات
ئابدۇراخمان غايىپ بولغاندەك...
ئۇ يېنىمدا ئەمەسمىدى
ماڭا مۇشت ئاتقان ئەمەسمىدى
ئۇ ھاياتنى مەغلۇپ قىلغان ئەمەسمىدى
دەپ قالارمەن كىيىكتەك بوزلاپ.
ھەي ئابدۇراخمان
ھەي تەكلىماكان
ھەي ئاسمان
ھەي بىچارە، ئۇيغۇر بولۇپ قالغان
ئەگەر سەن ئېنگىلىز بولۇپ قالغان ۋە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان بولساڭ
بولار ئىدىڭ دۇنيانىڭ بوكسيور ئاتىسى،
توكيودا تۇرىۋاتقان بولساڭ
بۇلار ئىدىڭ ياپونلارنىڭ ئىلاھەسى.
بىراق سەن مۇشۇ تۇپراقتا تۇردۇڭ
مۇشۇ تۇپراقتىن كەلگەنلىكىڭگە
كەتسەڭ مۇشۇ تۇپراقنىڭ قوينىغا ئالقدىغانلىقىغا ئىشەندىڭ.
رەقىبىڭگە بىر مۇشت ئۇرغاندا
مۇشۇ تۇپراقنىڭ
ئاچ-يېلىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ
ئاسمىنىڭدىكى ئۇچار قاناتلارنىڭ
ھەر تۈپ گۈل-گىياھ ھەتتا ئەخلەتنىڭمۇ
ساڭا ئۈنسىز تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى
بېشىنى كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭ،
تۈگۈلگەن مۇشتۇم مۇشۇ ۋەتەننىڭ دەپ ئىپتىخارلاندىڭ
رەقىبىمنى يىقىتقىنى مەن ئەمەس ۋەتەندۇر، دېدىڭ،
ئۇسسىغاندا تەڭلەنگەن لاي سۇ
سېنى مىڭ يىللىق توغراقتەك قىلدى قەيسەر
ھارغاندا مەنزىلىڭگە يەتكۈزگەن ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سۈرئىتى
نەزەرىڭدە چىڭلۇڭنىڭ ئايرۇپىلانىدىنمۇ تېز ئىدى...
بۈگۈن مەن چارچىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغانىدىم
توۋا دەيمەن،
سەنمۇ چارچاپسەن
بىر ياتقانچە ئويغانماپسەن
سېنى چارچىتىدىغانلار ئويغىتالماي
سېنى «كېتىپتۇ» دەپتۇ.
بىراق كەتسەڭ نەگە كېتىدىغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
كىندىك قېنىڭنى ئىزدەپ ماڭغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
سېنىڭ بۇ ۋاقىتلىق ھاياتتىن
مەڭگۈلۈك ھاياتقا يول ئالغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
نېمە بىلسۇن ئۇلار-
سېنىڭ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىڭنى بىر پەس...
مۇشتى تۈگۈلگەن پېتى... دېيىشىدۇ
دېمەك، سەن يەنە بىر جەڭگە تەييارلىنىپسەن
يوقۇتۇشقا، يوقۇلۇشقا ئەمەس!
2015-يىلى 21-يانۋار
دوكتور قەيسەر مىجىتنىڭ مەرسىيەسى
(بوكسچى ئابدۇراھمانغا بىغىشلايمەن)
قەيسەر مىجىت
******
تاڭ سەھەر، مۇسىبەتلىك شۇمپەن خەۋەر،
يۈرەكنى ئەزدى ھەجەپ، كۆڭۈل يىرىم.
يىغلايدۇ خەلقىڭ سىنىڭ، قايغۇ بىلەن،
ئەل ئۈچۈن شاۋكەت قۇچقان باتۇر ئىنىم.
ۋاقىتسىز قازا قىلىپ كەتتىڭ ئەجەپ،
ئازاپتا تىترىمەكتە مىنىڭ جىسمىم.
جەننەتتىن بولغاي ئورنۇڭ، مۆمىن يىگىت،
دۇئاغا قول كۆتۈردى پۈتۈن خەلقىم!
ياش ئىدىڭ، ياخشى ئىدىڭ، ياشىغانتىڭ،
كۆمۈلگەن ئىدىڭ ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە.
ئەل -ئادىل، قەدىرلەيدۇ كىشىلەرنى،.
ئىرىشكەن تا-ئەبەتلىك سۆيگۈسىگە.
(ئامېرىكا، بوستۇن شەھىرى)
مۇسىبەت پەسلى
ئابدۇراھمان ئابلىكىم ئاكىمىزنى ئەسلەپ–
كېتىش بار،
قايتىپ كەلمەك يوق،
بىر ئارىدا
يېڭىباشتىن كۈلمەك يوق.
شۇڭا
سەپەر ئەمەس
قايتىش دەيدىكەن،
بىزگىمۇ بار، دېسەكمۇ
بۇ مۇسىبەت يۈرەكلەرنى يەيدىكەن.
كېتىش بار،
تۇتۇپ قالماق يوق،
ياكى بىللە كەتمەك ئۈچۈن
كىملەرنىدۇر ساقلىماق يوق.
شۇڭا
ئۆلۈمدىن باشقىسى
تاماشا دەيدىكەن،
ئۆلۈملا
ئويۇن ئەمەس، ھەقىقەتنى سۆزلەيدىكەن.
ئۈنسىز يىغلايسەن،
رەببىم دەيسەن،
يەنە
كىملەرگىدۇر ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيسەن،
كەتكەنلەرگە ئەجىر،
قالغانلارغا سەۋر تىلەيسەن.
باش كۆتۈرۈپ
كەلگەندە زىمىستان
بۇ ھازىلارنى ئاچارغا
ئۈچ كۈنلۈك مادار بارمۇ؟
ئۇلانغاندا
ماتەمدار يۈرەكلەر بىر–بىرىگە
ئۈرۈمچىنى بويلىغان
ياشلارغا تۇغان سالار بارمۇ؟
غۇنچە پەسلىگە
ئىككى ئاي قالغان بولسا كېرەك،
پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنىڭ سۈرىتى
چاناقلاردا قالدى،
ئۇيقۇدىكى قاناتلاردا قالدى.
ئۇلارنى ئۈششۈتمەي ساقلاش ئۈچۈن
قانچە يىگىت ئات سالدى؟
قانچە قىزنىڭ دىلىدا
بىر پارچە ئوت ياندى؟
كېتىش بار
قايرىلىپ قارىماق يوق،
ئۇنتۇلغانلارغا
ئەسلەپ يەنە باقماق يوق.
شۇڭا
ئۇزۇن بىر ئۇيقۇ ئىكەن
ئۆلۈم دېگەن.
بەزىلەر ئۈچۈن
ھېچكىم ئىشىنەلمەس تۇيغۇ ئىكەن.
مۇسىبەت
قاپلىدى تەڭرىتاغنى، تارىمنى،
يىغلىتار
بالام دېگەن ئاتاڭنى،
باغرى خازان يارىڭنى.
تالاي ئۆتتى
ئۇيغۇرنىڭ مۇسىبەت پەسلى،
كەلدى يەنە
ئۇنىڭ يېڭىچە ئەسلى...
بەلكىم
ھەركۈنى
بىر مۇسىبەت پەسلى...
2015–يىلى 21–يانۋار
ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى دوستۇم ئابدۇراھمانغا مەرسىيە
رۇستەم قاراسۇ
ئابدۇراھمان كەتتى كۆز يۇمۇپ،
مۇسىبەتكە تولدى دىيارىم.
قان يىغلايدۇ تۇلغۇنۇپ ئاچچىق،
تەكلىماكان تەڭرى تاغ تارىم.
قۇچقان شەرەپ ھايات چېغىدا،
ئەل ۋەتەنگە تۆھپە ياغدۇرۇپ.
ئىلىپ كەتتى ئەجەپمۇ ئەجەل،
بارچە ئەلنى داغدا قالدۇرۇپ.
يىغلاش بىلەن قايتۇرۇش بولسا،
يىغلايتۇق كۆز كور بوپ كەتكىچە.
يانىۋارنىڭ يىگىرمە بىرى،
بولدى بىزگە زۇلمەتلىك كېچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 10:47