ئۇزغۇنىمىز ئابدۇراخمانغا مەرسىيە
مۇختار مۇھەممەتئىمىن نەزەر
«تومۇرىدا غېنى، سادىر قېنى بار،
كۆكتەك كۆزى ئوغۇزخاننى ئەسلىتەر.
غەلبىسېرى يۈرۈشلىرى مەيداندا،
مەن- مەن دېگەن رەقىبنى يەر چىشلىتەر.»
دەپ بىلەتتىم سېنى شۇنداق باتۇرۇم،
سەن غورۇرى ئىدىڭ ۋەتەن، مىللەتنىڭ.
سەن ئارقىلىق چۈشەنگەنتىم شەرەپنى،
ياۋى ئىدىڭ قورقۇش دېگەن ئىللەتنىڭ.
قەھرىتانغا يىگىرمە بىر بولغان كۈن،
نېمە بولدۇڭ، ساڭا قانداق كۆز تەگدى؟
كېرەك ئىدىڭ بۇ قەۋمگە يەنە كۆپ،
قاي دۈشمەندىن ساڭا يامان سۆز تەگدى؟
شۇ كۈن شۇنداق تۇيۇقسىزلا كېتىپسەن،
يۈرەكلەرنى قان يىغلىتىپ، ئەلۋىدا!
توپا سورۇپ باش-كۆزۈمگە يىغلايمۇ؟
بۇ دەرتلەرگە قانداق چىداي، ھەسرىتا!...
كۆرمىگەنمەن سېنى بىر رەت يۈزمۇ-يۈز،
چىدالمىدىم ئايرىلغانغا ۋە لېكىن.
ياخشىلار كۆپ ياشىمايدۇ نېمىشقا؟
نىچۈن ئەجەل ياخشىلارغا بەك يېقىن؟
قىلالمىغان تەرىپىڭنى بارىڭدا،
كېچىكسەممۇ قىلىۋالدىم، باتۇرۇم.
سېنىڭ ھايات شەجەرەڭدىن ياشاشنى،
ئەمدى بىردىن بىلىۋالدىم، باتۇرۇم!...
2015-1-22 كىچاتنا كۈنى باي ناھىيەسىدە يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 17:15