يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1727|ئىنكاس: 45

شەرارى: غەربكە ساياھەت( ئەڭ ئاخىرقى قىسمى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              غەربكە ساياھەت
                                              م.ئوسمان شەرارى
                              سۇن ۋۇكۇڭنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى
                                                    (10-قىسىم)
         تاڭ راھىبلىرى يەنە بىر كۈن شياسىڭنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلىدى.ئەپسوس يەنە ئۇچۇر يوق.ئۇلار ئۈمىدىنى‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››پروگراممىسىغا باغلىدى.مانا‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››مۇ باشلاندى.يۇمۇر،چاقچاقلار سۆزلىنىۋاتاتتى.ئۇلانىڭ قۇلىقىغا بۇ كۈلكىلىك گەپلەر كىرمەيۋاتاتتى.
بىر چاغدا رادىئودىن ئىنتايىن تۇنۇش بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.بۇ دەل شيا ۋۇجىڭ ئىدى.
شيا ۋۇجىڭ:
-مەن شيا ۋۇجىڭ بۇلىمەن.مەن بۇ پروگرامماڭلار ئارقىلىق ھەمراھلىرىمنى ئەھۋالىمدىن خەۋەردار قىلاي دېگەن،قۇشۇلامسىلەر؟
رادىئودىن ئۆزىنىڭ ھەمراھىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان تاڭ راھىبلىرى ھاياجانلىنىپ،ھەممىسى رادىئو ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى.
شياۋۇجىڭ:
  -سالام مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ھەم سۆيۈملۈك بولغان ئۇستاز ۋە ئاغىلىرىم،ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ؟كۈنلىرىڭلار ئامان،تۈنلىرىڭلار ئىسەنمۇ؟قايسى كۈنى بۇ پروگراممىدىن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ جاپا تارتىۋاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ھەم يېرىم بولدى ھەم خوش بولدۇم.مېنى شۇنچىلىك چوڭ بىلگېنىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.مېنى ئەپۇ قىلىڭلار،سىلەرگە دەپ قويمايلا چىقىپ كەتكىنىمدىن بەك خىجىل بولدۇم.راستىنى ئېيتسام،ۋۇكۇڭ ئاغامنىڭ توي قىلدېغىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.ئارىمىزدا ئۆزەمنىڭلا بويتاق قالىدىغېنىمنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزەمدىن نۇمۇس قىلدىم.شۇڭا سىلەردىن ئايرېلىش قارارىنى ئەخمەقلەرچە چىقىرىپ قويدۇم.ئۆيدىن چىقىپ بىر نەچچە كۈن يۈرۈپ سىلەرنى بەك سېغىندىم.ھەم‹‹تۈن تېۋىشلىرى››پروگراممىسىغا تېلىفون قىلىپ مەۋلۇد ئەپەندىدىن مەسلىھەت سورىدىم.لېكىن ئىسمىمنى ئاشكارلىمىدىم.شۇڭا مەۋلۇد ئەپەندىمى مېنى تۇنىمىدى.ئۇ ماڭا مېنىڭ نادانلارچە ئىش قىلغانلىقىمنى ئەيىبلەپ،تىزدىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىشقا نەسىھەت قىلدى.دىمەك،مەن خاتا قىلغان ئىدىم.ئۆيگە قايتىشقا شۇنداق تەشنا بولدۇم.ئەپسۇس،يۈزۈم چىدىمىدى،بىرەر ئىش قىلىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتماق بۇلۇپ تۇقسۇنغا كەلدىم.ئۇ يەردە مەۋلۇد ئىبراھىم بىلەن زۆھرە كېرەم شېرىكلىشىپ قۇرغان ‹‹يۇمۇر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى››نىڭ تۇقسۇندىكى تارمىقىدا بىر مەزگىل ئىشلىدىم.ئەپسوس مېنىڭ بەدىنىمدىكى قىززىقچىلىق ھۈجەيرىلىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغاچقا،ئۇ يەردە ئىشلىيەلمىدىم.مەن يەنىلا سۇ بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىشنى قىلسام بولغۇدەك  دەپ ئويلاپ،ھازىر توقسۇندىكى غول ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن‹‹ئەرشنىڭ سۈيىنى پەرشكە يۆتكەش››قۇرلۇشىغا تۇتۇش قىلۋاتىمەن.لېكىن بۇ يەردە بوران كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا،ئىشىم ئالغا باسمايۋاتىدۇ.شۇڭا چوڭ ئاغا سىزدىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى ئىدىم.سىز ئەرشتىكى شامال مۇمامنىڭ شامال خالتىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۇغرىلاپ،ئىچىگە‹‹تۇقسۇنغا بوران بەرمەس››يۇمشاق دېتالنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز سىزدىن بەك مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.مېنىڭ ئەھۋالىم بولسا مۇشۇ.مەن ئاغامنىڭ تويىغا ئۈلگۈرۈپ يېتىپ بارىمەن.ئۇستاز ۋە كىچىك ئاغا سىلەر توي قىلىپ بولغاندىكىن چوڭ ئاغام سىلەرنى قولداش قىلمايدىغۇ دەيمەن.چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىگە قولداش بۇلىدىغان ئادەمنىڭ توي قىلمىغان يىگىت بۇلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن ئەمەسمۇ؟شۇڭا قولداش بۇلۇش ۋەزىپىسى شەرتسىز ماڭا يۈكلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن تويغا ئۈلگۈرۈپ بارالايمەن.ئەنسىرىمەڭلار.ھە راست،مەن ھېلىقى تىنچ ئوكياندىكى ئاق ئاتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئارلىشۋاتىمەن.تويغا ئۇنىمۇ ئېلىپ بارىمەن.ئۇنىڭ بىلەن قانداق تۇنۇشقاندۇ دەپ ھەيران قىلىۋاتقانسىلەر-ھە؟گەپنى ئاۋۋال ئاق ئاتتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.مەن يولبۇيى ئاق ئاتنى ئوبدان بېقىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن،ئۇ مەكتىپىگە بارغاندىن كىيىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردى.كېيىن بىز ئاق ئات بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان ،ئاق ئات ئوقۇتقۇچىسىغا مېنىڭ تەرىپىمنى قىلىپ ،ھەم ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى ئېيتىپ بېرىپتىكەن.شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ ئارلىشىپ قالدۇق.  مەن تويغا ئۇنى ئېلىپ بېرىپ سىلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي.بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىم.باشقا ئاڭلىغۇچىلار بەك ساقلاپ كەتمىسۇن.قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دەپ بېرەي.خەير،سىلەرگە ئاي شارىدەك بەخت،يەر شارىدەك،گۈزەللىك تىلىگۈچى نادان ھەمراھىڭلار شيا ۋۇجىڭدىن.
باجيې:
  -‹‹ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى قولتۇقىدا›› دېگەندەك بۇ ئىنىممۇ لايىق تېپىۋاپتا؟ئوقۇتقۇچىكەن تېخى.چۇقۇم بەك چىرايلىقتۇ-ھە؟ھەجەپ تەلىيى كەپتۇ ئۇنىڭ.توۋۋا،شياسىڭ ئىنىمنىڭ ئاۋازى نىمانچە يىقىملىقتۇ؟ئاغا مەۋلۇد ئىبراھىمغا دەپ ئۇنى رادىئو ئىستانىسىسىغا ئاۋاز ئارتىسلىقىغا تۇنۇشتۇرۇپ قويسىڭىز قانداق؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-بىر ئېغىز گەپنى ئاز قىلساڭ،بىر كىم سېنى گاچا دېمەيدۇ.شياسىڭ ئىنىمنىڭ ئاۋازىغا بەك تەشنا بۇلۇپ كەتكەچكە شۇنداق ئاڭلىنىپ كەتكەن گەپ.ئۇنى ئاۋاز ئارتىسلىقىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن ئالىمجان ئابدۇقادىر قانداق قېلىدۇ.ئۇنىڭ يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋالساق بولماس؟
تاڭ سىڭ:
-يائاللا،ھەرنىم بولسا ۋۇجىڭنى تېپىۋالدۇق.ئۇمۇ تېنچ-ئامان تۇرۇپتۇ.ئامىي توفو.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم.ئەمدى تويۇمنىڭ ئىشىغا تۇتۇش قىلىشتىن بۇرۇن شياسىڭ ئىنىمغا ياردەم قىلىپ شامال مۇمامنىڭ خالتىسىنى ئوغۇرلىغىلى ئەرشكە چىققاچ،ئەرشتىكىلەرنىڭ توي باغىقىنى ئاپىرىپ بېرىپ كېلەي.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇنداق دېگەچ‹‹توي شادلىقى››دېگەن ناخشىنى غىڭشىغاچ چىقىپ كېتىپتۇ.
تاڭ راھىبلىرى توي ئىشى بىلەن ھەلەكچىلىكتە يۈرۈپ،كۈنلەرنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالغان ئىدى.سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھەي،ئەتە تويۇم بۇلىدۇ.لېكىن شياسىڭ ئىنىم تېخى كەلمەيۋاتقىنىنى قارىمامدىغان.قولداش بولمىسا قانداق بۇلار ئەمدى؟
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا شياسىڭ ئىشىكتىن كىرىپ كەپتۇ. شياسىڭ:
-چوڭ ئاغا، مانا مەن كەلدىم.مەن دېگەنغۇ ۋاقتىدا ئۆلگۈرۈپ بارىمەن دەپ.قاراڭلار كىم كەلدى.
ئىشىكتىن ئاق ئات بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كىرىپ كەپتۇ.ئاق ئات:
-سالام ئۇستاز،چوڭ ئاغا،ئۇتتۇرانچى ئاغا،قانداق ئەھۋالىڭلار؟پېقىر ئاق ئاتتىن ھەممىڭلارغا يەنە بىر سالام.چوڭ ئاغا گەرچە مەن ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ تويغا چىللانماي قالغان بولساممۇ،لېكىن يۈزۈمنى قېلىن قېلىپ تويغا قاتناشقىلى كەلدىم.ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-قارا بۇ ئاق ئاتنى،ئالىي مەكتەپكە بېرىپلا گەپدان بۇلۇپ كەتكىنىنى،سېنى ئۇنتۇپ قالدىم ئەمەس،شۇ سېنىڭ ئۆگىنىشىڭگەدەخلى يەتمىسۇن دەپ ساڭا خەۋەر قىلمىغان.بۇنداق كېلىشىڭنى بىلگەن بولسام تۇنجى بۇلۇپ سېنى چىللايتتىم ئەمەسمۇ ئۇكام.مەن خاتا قىپتىمەن، خاتا قىپتىمەن...
تاڭ سىڭ:
-كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،ئاق ئات،ياخشى تۇرۋاتامسەن؟ئۆگىنىشىڭ ياخشىدۇ؟كۆنۈپ كەتتىڭمۇ ئۇ مەكتەپكە؟
تاڭ سىڭنىڭ سۆزى ئاياغلاشمايلا ئاق ئاتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان باجيې:
-ئۇستاز،قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ ماۋۇ خانقىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قويسۇنچۇ بۇ؟ھە-ئۇكام قېنى بۇ ساھىبجامالنى تۇنۇشتۇرۇپ قويمامسەن بىزگە.
شياسىڭ:
-سىلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپلا قاپتىمەن،بۇ قىز بولسا مەن ئۆتكەندە تىلغا ئالغان لايىقىم‹‹ئوكيان پاشاگۈل››بۇلىدۇ.شۇنداقلا ئاق ئاتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
باجيې يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولۋاتقان چاغدا ئىشىكتىن يالقۇن سەپەر،پەرھات تالىپ،ئابدۇقەييۇم ئىمىن ۋە ئالىمجان ئابدۇقادىر قاتارلىق ئاۋاز ئارتىسلىرى كىرىپ كەپتۇ.
يالقۇن سەپەر:
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قانداق ئەھۋالىڭلار؟ۋۇكۇڭ ئەپەندى تۇيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.بىزنى تويىڭىزغا چاقىرىش نىيىتىڭىز يوق ئىكەن-ھە؟بىز تۆتىمىز مەۋلۇد ئىبراھىمدىن توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ چاقىرمىساقمۇ كەلدۇق.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئاپلا،ماۋۇ كاللامنىڭ قاپاقلىقىنى قارىمامدىغان.چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ دېگەن شۇدە-ھە!كەچۈرۈڭلار.ئادەم توي قىلىش ئالدىدا بەك تەمتىرەپ كېتىدىكەن.شۇڭا جىددىيلىشىپ ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشايمەن.مانا ئوبدان كەپسىلەر.ئەمدى ئەتە تويۇمنى تۆگىتىپلا كەتمەمسىلەر؟باجيې مېھمانلارنى مېھمانخانىغا باشلا.مەرھەمەت.
باجيې مېھمانلارنى مېھمانخانىغا باشلاپ تۇرىشىغا ئىشىكتىن تاڭ سىڭنىڭ خانىمى ئاق توشقان بىلەن باجيېنىڭ ئايالى سۇيلەن خانىم كېرىپ كەپتۇ.ئۇلار ئىككىسى خانىملىرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوش بۇلۇپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭمۇ يەڭگىلىرىنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شۇنچە يىراقتىن كەلگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپتۇ.
تاڭ راھىبلىرى ۋە مېھمانلار،كېچىچە مەشرەپ قىلىپ چىقىپتۇ.يالقۇن سەپەر نۇرغۇن ناخشىلارنى ئېيتىپ سورۇننى قىزىتۋېتىپتۇ.تاڭمۇ ئېتىپتۇ.مانا ئۆزىنىڭ كەپسىزلىكى تۈپەيلى ئەرشنى مالىمان قىلىپ،500 يىللىق تاش ئاستىغا باستۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان،ئەمما تاڭ سىڭنىڭ بىللە ئېلىپ مېڭىشى تۈرتكىسىدە غەربكە نوم ئالغىلى بېرىپ كاتتا ئۇنۋانلارغا ئېرىشىپ،تاڭ پادىشاھى تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ غەربىي رايونغا،يەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن‹‹ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم›› سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تويى.ئەرشتىن ۋە پەرشتىن تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. نۇرغۇن بۇلۇتلار تەق بۇلۇپ قىزنى كۆچۈرۈپ رېستۇرانغا ئەكىلىپتۇ.بارلىق مېھمانلار ئۈستەلگە جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن توينىڭ رىياسەتچىلىرى مەۋلۇد ئىبراھىم ۋە زۆھرە كېرەملەر توينىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. سازچىلارنىڭ‹‹تويلار مۇبارەك››دېگەن ناخشىسىنىڭ باشلىنىشى بىلەن  تەڭ يىگىت-قىز ۋە قولداشلىرى شوخ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ.توي ئەنە شۇنداق شوخ ھەم قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىپتۇ.توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن غىلدىر-غىلدىر غايىبخاننى چىمەن تاغقا شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈپ كېلىش ئۈچۈن يولغا سېلىپ قۇيۇپتۇ.مەۋلۇد ئىبراھىم بىلەن زۆھرە كېرەمنىڭ ئىدارىسىگە قاراپ مېڭىشى بىلەن تاڭ سىڭ ئەرشتىن كەلگەن مېھمانلارغا مۇنداق دەپتۇ:
-مېھمانلار،قايتىشقا ئالدىرىمىغايسىلەر.ئۆيگە بېرىپ بۇ تۇيىمىزغا رىياسەتچىلىك قىلغان رىياسەتچىلەر رىياسەتچىلىك قىلىدىغان‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››دەيدىغان پروگرامما بار.شۇنى ئاڭلىساڭلار مېنىڭ گۆشىمنى يېگەندىنمۇ ئۆتە ياش تۇرىسىلەر.
مېھمانلار ئۇنىڭ سۆزىگە ھەيران بۇلۇپ راست ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن رادىئو ئاڭلىغىلى مېڭىپتۇ.ئۇلار ئۆيگە كېلىپ رادىئونى ئىچىشى بىلەن‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››باشلىنىپتۇ.ئەرشتىن كەلگەن مېھمانلار يۇمۇرلارنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن غىلدىر-غىلدىر غايىبخانمۇ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››نى ئاڭلاش ئۈچۈن سائەت بەشكە ئۈلگۈرۈپ چىمەن تاغقا يىتىپ بېرىپتۇ.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 23:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 17:31:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ 10قىسىملىق كۈلدۈرگە‹‹غەربكە ساياھەت›› تاماملاندى،ھەربىر قىسىمىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ۋە ئىنكاس يازغان قېرىنداشلىرىمغا تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2015-1-19 17:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋۋا،بۇ گەپلەرنى قەيەرلەردىنمۇ تېرىپ كەتكەنسىز دەيمەن.يېزىق سۈپىتىدە مۇنداق كۈلدۈرگەن يەردە،سەھنىگە چىقسا قانچىلىك كۈلەرمىز؟سەھنىدە كۆرۈشكە نېسىب قىلسۇن.

ۋاقتى: 2015-1-19 18:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھنىلەشتۇرۇشكە ماس كىلىدىكەن.

ۋاقتى: 2015-1-19 19:13:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كۈلكىلىك چىقىپتۇ ئىجادىيەتلىرىڭىزگە يىڭى ئىجادىيەتلەر قۇشۇلۇشقا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-1-19 19:19:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان قىززىق چىقىپتۇ ، كۈلدۈرگە يېزىشقا ئۇستا ئىكەنسىز .

ۋاقتى: 2015-1-19 19:32:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل چىقىپتۇ، ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولسۇن

ۋاقتى: 2015-1-19 19:44:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ۋۇكۇڭ خوتۇن ئالدى.كۈلدۈرگە تۈگۈدى؟ ۋۇكۇڭغا خوتۇن چىقمىسا بوپتىكەن.بۇ كۈلدۈرگە ياخشى يېزىلىۋاتاتتى...

ۋاقتى: 2015-1-19 20:31:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىنۇر ئوسمان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:31
شۇنداق قىلىپ 10قىسىملىق كۈلدۈرگە‹‹غەربكە ساياھەت›› تا ...

ئەستاغفىرۇللاھ. بۇ ۋۇكۇڭ نەدىنمۇ تۇنۇشۇپ قالغاندۇ بۇ خوتۇن بىلەن ،يامان قىزىغان يىرگە كەلگەندە، غول ئۆستەڭگە توغان سالغاندەك توختاپ قالغىنىنى قارمامدىغان،
ئەگەر سەھىنلەشتۇرگەن بولسا ۋۇكۇڭنىڭ رولىنى ئۆزۇم ئەپ بىرەتتىم ، خوتۇن ئالماي داۋاملاشتۇراتتىم جۇمۇ،
بۇنۇڭغا راست يەنىلا دوستۇم شەرارىنڭ سىنارىيەسى بولمىسا بولمايتى -ھە؟
بولمسا مەھمۇت قەھۋەسىدىن بىرە ئىستاكان ئىچىپ ئىلھام تولپارىڭىزنى ئوينۇتۇپ باقامسىز -يا،؟
ھاياجانلىنىپ كۆپ سۆزلەپ مالالىق يەتكۈزگۇنۇمدىن ئەپۇ سورايمەن . ھەقىقەتەن ياخشى چىقۋاتاتى. بەك ياقتۇردۇم. بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرڭىزگە ئۇتۇق ۋە بەرئىكەت تىلەيمەن سالامەت بۇلۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 20:36:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى قېرىنداشلار،بۇ كۈلدۈرگىنىڭ تۈگىشىنى قۇبۇل قىلىڭلار،مەنمۇ كۆزۈم قىيمىغان ھالدا قەلىمىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ قويدۇم،لېكىن باشقا تېمىلاردا داۋاملىق تۈردە ھۇزورۇڭلارغا كۈلدۈرگە سۇنۇپ تۇراي.

ۋاقتى: 2015-1-19 20:41:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىنۇر ئوسمان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:31
شۇنداق قىلىپ 10قىسىملىق كۈلدۈرگە‹‹غەربكە ساياھەت›› تا ...

          چېھرىڭىز  قەمەردك ، تىلىڭىز  شەمەردەك ئىكەن ،  قايىل بولدۇم . ھەر كۈنى تاماق ئەتكەندە ،ھاردۇق يەتكەندە ، كۈلمەي تۇرۇپ ،  كۈلدۈرىدىغان   كۈلكە ساداسى ئۆينى بىر ئالا .ھەقىچان..............
كۈندە ‹‹ئەخلەت چېلىكى›› گە چۈشۈپ كېتىپ ئىز-دېرەكسىز يوقۇلۇپ كېتىدىغان ‹‹ بالىلىرىمىز››غا
قاراپ يېرىم بولغان كۆڭۈللەرگە مەلھەم بولىۋاتقان ‹‹ شادلىق دورىسى ›› نىڭ ئاخىرلىشىپ قالغېنىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم ،لېكىن،  شۇنداقتىمۇ ، ‹‹ئېچىلىڭ داستىخېنىم›› دىكى  ‹‹ يۇتازا غوجام ››  ،  ‹‹چۆچۈرە خېنىم ›› لارنىڭ يازغۇچىلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، قولىڭىز  تالمىسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-19 20:59:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىدىن چارچاپ كەتكەندە،ھاردۇقىڭلارنى چېقارغۇدەك كۈلدۈرگىلەرنى داستىخانغا تۆكۈپ تۇرىمەن.

ۋاقتى: 2015-1-19 21:35:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىنۇر ئوسمان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 20:59
بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىدىن چارچاپ كەتكەندە ...

      يارايدىكەنسىز جۇما ،  قانداق رازى  قىلامىز ، شۇ .

ۋاقتى: 2015-1-19 22:00:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلكە ئەلچىسى بولۇشقا لايىق ئىكەنسىز سىڭلىم. تەسەۋۇرلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئېگىز ئۆرلىشىنى. سەھنە ئەسەر ئەدەبىياتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. داۋاملىق تىرىشىڭ.

ۋاقتى: 2015-1-20 00:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ 8-قىسىمىنى كۆرۈپلا ، ھەممىنى باشتىن كۆرۈپ چىقتىم، تەسەۋۇلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك قاناتلىنىشىغا تىلەكداشمەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش