يازغۇچىلار تورى

شەرارى: غەربكە ساياھەت( ئەڭ ئاخىرقى قىسمى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-20 02:15:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىپسىز .تاتلىق ۋە ئۆزگىچە يىزىلىپتۇ ،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-1-20 03:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇمكىن بولسا بۇ تېمىنى بىر يەرگە ئىخچاملاپ داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، باشنى ئوقۇغانلار داۋامىنى ئىزدەپ تاپالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرمەسكەن دەپ قارىدىم. ئىزدىنىشلىرىڭىز ئوتۇقلۇق بولسۇن! سىزگە ئامەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-1-20 11:51:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان يېزىلغان ئەسەر بولدى، ھارمىغايسىز قېرىدىشىم.

ۋاقتى: 2015-1-20 12:00:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئوتۇقلۇق بولسۇن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 18:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەت ۋە ئىلھام بەرگەن قېرىنداشلارغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-1-20 18:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاھار يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 20:31
ئەستاغفىرۇللاھ. بۇ ۋۇكۇڭ نەدىنمۇ تۇنۇشۇپ قالغاندۇ بۇ  ...

ماھىنۇر خانىمنى قەلىمىنى ئويناتسۇن دېسەك،ئىچىل داستىخاندىن چىققاندەك چىقىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ.سۇن ۋۇكۇڭ بالىلىق بۇلۇپ....دېگەندەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 18:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                      غەربكە ساياھەت

                                                    م.ئوسمان شەرارى

  بۇ كۈلدۈرگىنىڭ بىرىنچى،ئىككىنچى،ئۈچىنچى قىسىملىرى بۇرۇن يوللىنىپ بولغان.

   
forum.php?mod=viewthread&tid=13608

تاڭ راھىبلىرىنىڭ خىزمەت ئارزوسى

(4-قىسىم)
تاڭ سىڭ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى نومنى ئېلىپ تاڭ مەملىكىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،تاڭ پادىشاھى ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ.نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئوردا ئالدىدا ئۆچرەت بولۇپ كېتىپتۇ.نوم ئېلىش ئۈچۈن غەربكە بېرىپ تېنچ-ئامان قايتىپ كەلگەن بۇ تۆت راھىب تاڭ مەملىكىتىدىكى كاتتا چۇلپانغا ئايلىنىپتۇ.تاڭ پادىشاھى بولسا ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى چەتئەلگە بىر ئايلىق ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.
راھىبلار چەتئەلدىكى ساياھىتىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ،خۇشال-خۇرام ئويناپ قايتىپ كەپتۇ ۋە پادىشاھقا ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت ھازىرلاپ بەرگىنىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرمەك بۇلۇپ،ئۇدۇللا پادىشاھنىڭ ھۇزورىغا كەپتۇ.
تاڭ پادىشاھى:
-مېنىڭ پەخىرلىك تۆت باتۇرۇم،ياخشى ئويناپ كەلدىڭلارمۇ؟ھاردۇقۇڭلار چىقتىمۇ؟
تاڭ سىڭ:
-ئالىيلىرى بىزگە بەرگەن ھىممەتلىرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
تاڭ پادىشاھى:
-ئۇنداق دېمەڭ ئىنىم،مەن سىلەرگە تەشەككۈر ئېيتسام بۇلىدۇ.سىلەر ياخشى ئۇيناپ ھاردۇقۇڭلار چىققان بولسىلا،مەن شۇنىڭغا خوش.ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،سىلەر غەربكە بېرىپ،كاتتا شان-شۆھرەتلەر بىلەن قايتىپ كەلدىڭلار.سىلەردەك بۇنداق ئىختىساس  ئىگىلىرى مېنىڭ بۇ مەملىكىتىمدە يوق.شۇڭا سىلەر بىكار يۈرسەڭلار بولمايدۇ-دە.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئالىيلىرى،بۇ گەپچە سىلى بىزنى يەنە غەربكە ئەۋەتمەكچى ئوخشىماملا؟بۇ قېتىم مەن بارمايمەن جۇمۇ؟
تاڭ پادىشاھى:
-ھا...ھا...ھا...ئۇنداق ئەمەس.سىلەرنى ئەمدى ئۇنداق جاپاغا سالسام بولمايدۇ.مەن ئوردىدىكى ۋەزىر-ۋۇزرالار بىلەن سىلەرنىڭ خىزمەت مەسىلەڭلارنى يىغىن ئىچىپ مۇزاكىرلەشتىم.
ۋۇكۇڭ:
-ئەمىسە بىزنى قايسى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرماقچى بۇلۋاتىلىكىن؟
تاڭ پادىشاھى:
-بۇ ئىشتا ئاۋۋال سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى ئېلىپ باقاي.سىلەرنىڭ قانداق خىزمەت قىلغۇڭلار باركىن؟ئاۋۋال كىم دەپ باقىدۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
  -ئالىيلىرى،ئاۋۋال مەن دەپ باقاي.مەن ھېلىقى جاھاننامە ئەينىكى دېگەن نەرسىدىن ۋولمىس ئاتلىق بىر كىشىنى كۆردۈم.ئۇ كىشى بەك قابىليەتلىك بۇلۇپ،نۇرغۇن پاش قىلىنمىغان دېلولارنى،يىشىلمىگەن سىرلارنى ۋە نۇرغۇن ئۇغرە-قاراقچىلارنى تۇتۇش جەھەتتە بەك داڭلىق ئىكەن.ئۇنىڭغا بەك ھەۋىسىم كەلگەن ئىدى.شۇڭا مەنمۇ ئەنە شۇ ۋولمىستەك رازۋېتچىك بۇلۇپ مەملىكەتلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپەمنى قۇشسام دەيمەن.بۇ ئارزويۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلغايلا.
تاڭ پادىشاھى:
-بۇ خىيالىڭغۇ بۇلىدىكەن.ئامما ئۈچۈن تۆھپە يارىتىمەن دەۋاتىسەن.ماقۇل،ئەمىسە مەن سەندىن شۇ رازۋېتچىكلىققا ئائىت بىر سۇئال سوراپ باقاي.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ماقۇل،قېنى خالىغانچە سورىسىلا.ئەگەر توغرا جاۋاب بېرەلىسەم ئارزويۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىلا جۇمۇ؟
تاڭ پادىشاھى:
-ماقۇل بۇلىدۇ.مەلوم بىر ئۆيدە قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردى دەيلى.سەن ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئۆي ئىچىدىن بىرەر يىپ ئۇچى ياكى بىرەر بارماق ئىزى تاپالمىدىڭ.ئۇنداقتا سەن بۇ دېلونى قانداق بىر تەرەپ قىلىسەن؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-بۇنى...توختاڭ،مەن بىردەم ئويلىنىۋالاي-ھە!بۇ نەق مەيداندا بىرەر بارماق ئىزى تېپىلمېغىنىغا قارىغاندا بۇ ئىشنى چۇقۇم بارماقلىرى يوق بىرەرسى قىلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىمەن دە،پۈتكۈل بارمىقى يوق كىشىلەرنى يىغىپ تەكشۈرىمەن.
تاڭ پادىشاھى:
-ھا...ھا...ھا...ئىنىم،قېنى سىز دەپ بېقىڭا،سىز نېمە خىزمەت قىلىشنى خالايسىز؟
تاڭ سىڭ:
-ئالىيلىرى،مەن غەربكە قىلغان سەپىرىمدە ھەر قېتىم ئالۋاستىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان چاغلىرىمدا،‹‹خەپ تۇىتاش،ئەدىبىڭلارنى ھامان بىر كۈنى بېرىمەن››دەيتتىم.شۇڭا مەن مەمورىي ھۇقوق تۇتايمىكىن دەيمەن.شۇنداق قىلساملا مەن مېنى يىمەكچى بولغان ئالۋاستىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرەلەيمەن.
تاڭ پادىشاھى:
-ھەي،ئۇ ئالۋاستىلار پەرىشتىن چۈشكەن تۇرسا،بۇ مەملىكىتىمدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى قانداق بېرىسىز؟كۈلكىلىك گەپ بولدىغۇ-بۇ؟قېنى باجيې سەن دەپ باقە،سېنىڭ قانداق ئارزويىڭ بار؟
جۇباجيې:
-ھا...ھا...ھا...ئالىيلىرى،بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟مەن غەربكە قىلغان سەپىرىمدە بەك گۆشسىراپ كەتكەن ئىدىم.شۇڭا مەن مەملىكەتلىرىگە‹‹گۆش پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى››قۇرۇپ،يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسەمكەن دەيمەن.شۇنداق قىلساملا قاچان گۆش يېگۈم كەلسە يىيەلەيمەن ئەمەسمۇ؟
تاڭ پادىشاھى:
-ماقۇل ئەمىسە سەندىنمۇ گۆشكە ئائىت بىر سۇئال سوراپ باقاي.ئات گۆشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ئا بار،بېلىق گۆشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ب بار.قېنى ئەمىسە سەن دەپ باققىن،غاز گۆشىنىڭ تەركىبىدە نېمە بار؟
جۇباجيې:
-ئات گۆشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ئا،بېلىق گكشىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن ببولسا غاز گۆشىنىڭ تەركىبىدە... غاز گۆشىنىڭ تەركىبىدە...
ھە بىلدىم،ۋېتامىن غ.
تاڭ پادىشاھى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.ئۇ شياسىڭدىن ئۇنىڭ نېمە خىزمەت قىلغۇسى بارلىقىنى سوراپتىكەن،شيا سىڭ:
-ئالىيلىرى،مەن يولبۇيى ئۇستازنى قوغداپ كۈنۈپ قاپتىمەن.ئەگەر ئۇستاز مەمەرىي ھۇقوق تۇتسا،مەن ئۇنىڭغا خاس قۇغدىغۇچى بولسام دەيمەن.
تاڭ پادىشاھى:
-بارىكاللا،بارىكاللا،سەن ھەقىقەتەن ساداقاتمەن ئىكەنسەن.سەن بولساڭلا مەن ئىنىمدىن ئەنسىرمىسەممۇ بولغۇدەك.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ۋۇي ئۇستاز،سائەت بەش بۇلۇپ كېتىپتۇ.مۇشۇ تاپتا يازغۇچىلار مۇنبىرى بەك قىزىپ كەتتىغۇ دەيمەن.مەن دەرھال كومپىيوتېرنى ئاچاي.
تاڭ پادىشاھى:
تېخى مېنىڭ گېپىم تۈگىمىدى...توختا...ۋۇكۇڭ...
سۇن ۋۇكۇڭ پادىشاھنىڭ گېپىگىمۇ قارىماي،كومپىيوتېرنى ئېلىپ چىقىپ يازغۇچىلار مۇنبىرى تور بېتىنى ئېچىپتۇ.ھەممەيلەن مەزكور مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 18:48:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربكە ساياھەت

م.ئوسمان شەرارى

تاڭ راھىبلىرىنىڭ تالاش-تارتىشى



(5-قىسىم)
تاڭ پادىشاھى راھىبلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئارزوسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇنداق دەپتۇ:
-كەچۈرۈڭلار،مەن سىلەرنىڭ ئارزويىڭلار بۇيىچە سىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالمايمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-قارىغاندا ئالىيلىرى،بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى ئاللىبۇرۇن بېكىتىپ بولغان ئوخشىماملا؟
تاڭ پادىشاھى:
-ئەگەر مەن سىلەرنى قەيەردە ئىشلەڭلار دېسەم ئىشلەمسىلەر؟
كۆپچىلىك پادىشاھنىڭ تەقسىملىشىگە قۇشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.پادىشاھ بۇنىڭدىن خۇشال بۇلۇپ:
-ماڭا ئىشەنگىنىڭلارغا،ماڭا بولغان ساداقىتىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.ھازىر ھەممە جايدا‹‹غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئىچىش،غەربىي رايونغا ياردەم بېرىش››دولقۇنى كۆتۈرۈلۋاتىدۇ.مۇشۇنداق مۇھىم چاغدا مەن سىلەردەك ئېختىساسلىقلارنى بۇ يەردە چىڭ تۇتىۋالسام بولمايدۇ.شۇڭا سىلەرنى غەربىي رايونغا،يەنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان پىدائىي قىلىپ ئەۋەتمەكچى ئىدىم.بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەركىن؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ راھىبلار ھەيرانۇ-ھەس قاپتۇ.جۇباجيې:
-ۋاي ئاللا،نېمە دەيدىغانلا ئالىيلىرى؟شىنجاڭغا دەيدىلىغۇ-ئەمدى؟ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلارمىز؟
تاڭ پادىشاھى:
-ھازىر شىنجاڭدا نۇرغۇن ساھەلەر سىلەردەك ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج بۇلۇۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ ۋەزىپىدىن باش تارتمىغايسىلەر.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئالىيلىرى،سىلىنىڭ بۇ گەپلىرى سەل قاملاشماي قالدىمۇ قانداق؟بىز غەربكە بېرىپ نۇرغۇن جاپالار ئارقىلىق بۇ شان-شۆھرەتكە ئىگە بولغان تۇرساق،بىزنى يەنە بىر جاپاغا ئىتىرىشنى ئويلاۋاتاملا-قانداق؟بىز ئۇنداق تۇغما جاپاكەشلەر ئەمەس جۇمۇ؟
تاڭ سىڭ:
-ئالىيلىرى،ۋۇكۇڭ توغرا دەيدۇ.مېنىڭمۇ ئۇ يەرگە بارغۇم يوق.گەرچە شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل مېۋە-چېۋىلىرى كۆپ،كىشىلىرى مېھماندوست بولسىمۇ،لېكىن ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قورغاق.شىنجاڭغا بارسام،ھەر قانداق ئالۋاستى كۆرسە كاپلا قىلىپ يەۋالغۇسى كېلىدىغان بۇ يۇمران ھەم يۇمشاق تېرەم تۈگىشىپ كەتمەمدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن غەربتىن قايتىپ كېلىپ خانىمىم بىلەن تېخى كۆرۈشمىگەن تۇرسام.ئۇ مېنىڭ بۇ يۇمران تېرەمنى ‹‹بىزنىڭ تېرىمىز كورىيە مايلىرىنى سۈرسەكمۇ،سىزنىڭ تېرىڭىزدەك بولمايدۇ››دەپ ماختايتتى.
جۇباجيې:
-توغرا،ئۇستازنىڭ تېرىسى نى-نى خانىم-قىزلارنىڭكىدىنمۇ يۇمران ھەم پارقىراق.ئۇنى كۆرگەن ئالۋاستىلارنىڭلا ئەمەس،ئادەملەرنىڭمۇ يەۋالغۇسى كېلىدىغان تۇرسا .راست گەپنى قىلغاندا بىزنى كۆپ بالا-قازاغا ئۇچراتقانمۇ،نۇرغۇن ئايال ئالۋاستىلارنى ئۆزىگە ئاشىق-بىقارار قىلغانمۇ دەل شۇ ئۇستازنىڭ تېرىسى.شۇنداقتۇ ئاغا.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-باجيې،راست شىنجاڭغا بارغۇڭ يوقما؟ئۇ يەردە نۇرغۇن مېۋە-چېۋىلەر بار.يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېسىل يېمەكلىكلىرى..مەسىلەن:نان،پولو،كاۋاپ...قاتارلىقلار.ئەجىبا،سېنىڭ بۇ نەرسىلەرنى يىگۈڭ كەلمەيۋاتامدا؟
جۇباجيې:
-مايمۇن ئاغا،مېنى زاڭلىق قىلۋاتىسىز-ھە؟مېنىڭ ئۆز نەپسىمنى دەپ ئۇستازنىڭ گۈزەللىكىنى ۋەيران قىلغۇم يوق.مەن ئۇنچىلىك شەخسىيەتچى ئەمەس.
گەرچە باجيې ئاغزىدا شۇنداق دېسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كاۋاپ ھەم پولولار كېلىۋېلىپ،ئاغزىغا سېرىق سۇ كېلىپ كېتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
-بىراق ئۇستاز،شىنجاڭ ئۇنداق بىز دېگەندەك قۇرغاقمۇ ئەمەس،تېرىڭىزمۇ ئۇنچىلىك بۇزۇلۇپ كەتمەس؟ھېلىقى چاغدا بىز شىنجاڭدىن ئۆتكەن چاغدا تېلىۋىزوردىن خىلمۇ-خىل تېرە ئاسراش مايلىرىنى كۆردۇققۇ.شۇلارنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟ئەمدى بۇمۇ ئالىيلىرىنىڭ كۆڭلى تۇرسا،بارمايمىز دېسەك سەت تۇرامىكىن؟شۇنداقمۇ ئالىيلىرى؟
سۇن ۋۇكۇڭ خۇددى باجينىڭ شۇنداق دېيىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا،شياسىڭغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قۇيۇپ مۇنداق دەپتۇ:
-ئالىيلىرى،ئاڭلىدىلىمۇ؟بىزنىڭ باجينىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى بەك كۈچلۈك.شۇڭا ئۇنى ھەقىقىي قەھرىمان،باتۇر دەپ تەرىپلىسەك ھەرگىزمۇ ئازلىق قىلمايدۇ.ئۇ بىز راھىبلارنىڭ پەخرى،ئارىمىزدىن چىققان ۋەتەنپەرۋەر.
ئاغىسىنىڭ ئۆزىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلىغان جۇباجيې خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ؛
-ھا...ھا...ھا...مايمۇن ئاغا،ئۆمرىڭىزدە تۇنجى قېتىم بىر راست گەپ قىلدىڭىز جۇمۇ؟سىز ئەمدى ئوڭشىلىپ ئادەم بۇلۇپسىز.ئەمدى مېنىڭ ئاغام بۇلۇشقا مۇناسىپ كەلگۈدەكسىز.ھا...ھا...ھا...
سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئەمسە باجيې مېنىڭ گېپىم توغرىكەندە؟سەن بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيسەن شۇنداقمۇ؟
جۇباجيې:
-ئەلۋەتتە توغرا،دېمىسىمۇ مەن شۇنداق ماختاشلارغا مۇناسىپمەن.بۇددىنىزىم ئىشلىرى ۋە سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە دائىم تەييارمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئالىيلىرى،سىلىمۇ ئاڭلىدىلا.باجيې بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە تەييار ئىكەن.شۇڭا غەربىي رايونغا بېرىشكە بىز باجيېنى كۆرسەتسەك قانداق؟بۇنداق باتۇر ئەزىمەت ئۇ يەرگە يالغۇز بارسىمۇ چۇقۇم چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدۇ.شۇڭا باجيېنى ئەۋەتەيلى.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بۇ گېپىدىن باجيې ئىنتايىن چۈچۈپ كېتىپتۇۋە ئاچچىقىدا:
-توۋۋا،بۈگۈن بۇ مىراخورنىڭ ئاغزى نىمانچە مايلىشىپ كەتتىكىن دېسەم،‹‹جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا›› ئىكەندە؟ۋۇ ئۆلگۈر مىراخور،مېنى ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئۇ يەرگە يالغۇز بارمايمەن.قارا بۇنىڭ شۇملۇقىنى.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-نېمە بولدۇڭ باتۇر پالۋان؟نېمە قورقىۋاتامسەن؟ھى..ھى...ھى...
جۇباجيې ئۆز-ئۆزىگەپىچىرلاپ مۇنداق دەپتۇ:
-كىم قورقۇپتۇ؟داۋاملىق ئادەمنى قەستلەيمەنلا دەپ يۈرگەن.نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيتتىمكىنتاڭ بۇ مايمۇنغا؟مېنى تېخى شىنجاڭغا يالغۇز ئەۋەتەيل، ئۇنداق پالۋان،مۇنداق باتۇر دەپ كەتكەنلىرىدىن ئايلىناي.قىل قاپتىمەن ئۇنىڭ توزىقىغا چۈشكىلى.ھېلىمۇ ئۇنىڭغا گوللانماپتىمەن جۇمۇ؟بۇدساتۋا بىر ساقلاپتۇ.
تاڭ سىڭ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
-بۇ باجينىزە،قۇرساققا كەلگەندە ھېچنىمىگە قارىمايدۇ.باجيې،سەن قاچانغىچە قۇرساق غىمىدىلا يۈرىسەن؟
تاڭ پادىشاھى:
-بولدى قىلىڭلار،تالاشماڭلار.مەن قارار قىلغان ئىشىمنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمەن.شۇنداق بولسۇن.مەيلى قۇشۇلۇڭلار ياكى قۇشۇلماڭلار،سىلەرنى شىنجاڭغا ئەۋەتكىنىم ئەۋەتكەن.بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
جۇباجيې:
خوپ بولدى،ئۆلگۈر مىراخور.جاجاڭنى يە تازا.سۈيقەستىڭ بىدچىت بولدىغۇ.ھا...ھا...ھا...
تاڭ سىڭ:
-ۋاي-ۋۇي راستلا بارامدۇق؟ئالىيلىرى مەن بارمىساممۇ بۇلار؟مەن بۇ شاگىرتلىرىمدەك باتۇر، قەھرىمانمۇ ئەمەس.قۇلىدىن ئىش كېلىدىغان ئەزىمەت،دانامۇ ئەمەس.قايسى كۈنى ئۇنۋان تارقاتقاندا مېنى يولبۇيى ئاۋارىچىلىق تېپىپ كەلگەن دېدىلىغۇ؟يەنە شۇنداق بالا-قازالارنى تېرىماسلىقىم ئۈچۈن مەن بارمىسام قانداق؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئۇستاز،مۇنداق دېمەڭ.سىز بىزنىڭ رەھبىرىمىز تۇرسىڭىز،سىز بارمىسىڭىز بىز قۇماندانسىز قۇشۇن بۇلۇپ قېلىپ، خۇددى قانىتى يوق قۇشتەك بۇلۇپ قالمايمىزمۇ؟
تاڭ سىڭ ئاچچىقىدا مۇنداق دەپتۇ:
-ھەي ئۆلگۈر مايمۇن،باجيې ئىككىمىز ساڭا نېمە يامانلىق قىلغان بولغىيتتۇق.نېمىشقا دائىم بىز ئىككىمىزنى ئورىغا چۈشۈرۈش كويىدىلا يۈرىسەن؟
تاڭ پادىشاھى:
-بولدى تالاشماڭلار.ئىنىم مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز.مەن ھەممىڭلارنى بارىدۇ دەپ بىكىتكەن ئىكەنمەن،ھەممىڭلار بارىسىلەر.ئەمىسە مۇشۇنداق بولسۇن.
جۇباجيې:
-ۋايجان ئۇ يەردە زېرىكىپ كەتسەك قانداق قىلارمىز ئەمدى؟يا ئۇ يەردە تۇنۇش-بىلىشلىرىمىز بولمىسا؟
تاڭ پادىشاھى:
ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ.شۇمۇ گەپمۇ ئەمدى؟زېرىكىپ كەتسەڭ تېلىۋىزور كۆر،رادىئو ئاڭلا،تورغا چىق.شۇنداق قىلساڭ،ھەربىر كۈنىڭنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالىسەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-تور؟كومپىيوتېر قېنى؟يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ياخشى ئەسەرلەر چىقىپ بولدى ھەرقاچان،
تاڭ سىڭ:
ھە توغرا،تورغا چىقايلى،ھازىر مۇنبەردىكى يازغۇچىلارنىڭ مۇنبەرگە چىقىپ ئەسەر ئەۋەتىدىغان ياخشى پەيتى..تىز كومپىيوتېرنى ئاچ ۋۇجىڭ.تاڭ پادىشاھى:
-سىلەرنىڭ دەۋاتقىنىڭلار ئاخشامقى ھېلىقى كىتابمۇ؟؟
جۇباجيې:
-ۋاي-ۋۇي،ئالىيلىرى،مەن ئۆزەمنى دۆت دېسەم،سىلى مەندىمۇ دۆتمۇ نېمە؟كىتاب ئەمەس يازغۇچىلارمۇنبىرى دەيدىلا.ما پادىشاھنىڭ كالۋالىقىنى قارىمامدىغان.
تاڭ پادىشاھى:
ھا...ھا...ھا...مەن يىڭى كۆرگەچكە خاتا گەپ قىلىپ قۇيۇپتىمەن.ئەسلى كىتاب ئەمەس،مۇنبەر ئىكەندە.ھە قېنى كومپىيوتېرنى ئېچىڭلار.
پادىشاھنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا،سۇن ۋۇكۇڭ مۇنبەردىكى يىڭى تېمىلارنى كۆپچىلىككە ئوقۇشقا باشلاپتۇ.
              



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 18:49:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربكە ساياھەت

                                                          م.ئوسمان شەرارى

                                         تاڭ راھىبلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشى

                                                                    (6-قىسىم)

تاڭ راھىبلىرى شۇنچە قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ،پادىشاھ ئۇلارنى يەنىلا شىنجاڭغا ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ.ئۇلار ئامالسىز سەپەر تەييارلىقىنى قىلىپ يولغا چىقماق بۇلۇپتۇ.شىنجاڭغا قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-بىز ۋۇجىڭ ئىنىم ئىككىمىز بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ ماڭايلى.باجيې سەن ئۇستازغا ھەمراھ بۇلۇپ پويىزدا ماڭغىن.
شياسىڭ:
-ئاغا،بىز بۇ ئىككىسىنى بىللە يولغا سېلىپ قويساق بولمايدۇ.ئۇلار ئىككىسىلا سەپەر جەريانىدا قىزلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كەلگەن تۇرسا.ئۇلارنى پويىزدا ئەۋەتسەك،قىزلارغا قانات سۆرەپ بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكۈپ،شەنىمىزگە داغ تەككۈزەمدىكىن دەيمەن.ئۇلارنى كىم دېسە،ۋۇكۇڭ بىلەن شيا ۋۇجىڭنىڭ ئۇستازى بىلەن ھەم ساۋاقدىشى دېسە،بىزنىڭ يۈزىمىزگە سەت بۇلمامدۇ؟
جۇباجيې:
-سەن بىزنىڭ ئىچىمىزگە كىرىپ چىقمىغانسەن،ۋۇجىڭ؟بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى بىلىۋاپسەن ئەمەسمۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-بۇ گەپنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ.ئەمىسە بىز ھەممىمىز بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ ماڭساق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.شۇنداق بولسۇن،بۇلۇتقا ئولتۇرايلى.
راھىبلار شۇنداق قىلىپ،تاڭ پادىشاھى ۋە تاڭ مەملىكىتى خەلقنىڭ داغدۇغۇلۇق ئۇزىتىشى ئارقىسىدا،بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپتۇ.ئۇلار بىر ھازا ئۇچقاندىن كىيىن سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئىنىلىرىم،ئۇستاز،قاراڭلار،ئۈرۈمچىدىكى قىزىل تاغ باغچىسى كۆرۈنىۋاتىدۇ.بىز ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەپتۇق.
كۆپچىلىك يولدا ئانچە جاپا تارتمايلا شىنجاڭغا يېتىپ كەلگىنىگە خۇشال بۇلۇپ بۇلۇتتىن چۈشۈپتۇ.ئۇلار بىردەم ئۇيەر-بۇيەرلەرنى كۆرۈپ قۇرساقلىرىنى توقلاپ،قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي قاپتۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئۇستاز،تاڭ پادىشاھى بىزدەك تالانت ئىگىلىرىنى سىخىيلىق قېلىپ بۇ شىنجاڭغا ئەۋەتكىنى بىلەن،قاراڭە،بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.
جۇباجيې:
-توغرا دەيسىز ئاغا،بىزگىمۇ ئاز.ئۆزىمىزنى دەڭسىمەي ھۆرمىتىمىزنى قىلغان جايدىن مۇشۇنداق يەرگە كەلگەندىكىن.
تاڭ سىڭ:
-بوپتۇ،ھېچكىم چىقمىسا چىقمىسۇن.بىز نومنى ئالغىلى ماڭغاندا شىنجاڭدىن ئۆتكەندە،ئوبدان ئايلىنالمىغان ئىدۇق.ئەمدى بولسىمۇ شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىدىن تازا بىر ھۇزورلىنايلى.
ئۇلار شۇنداق مەسلىھەتلىشىپ،ئۈرۈمچىنى ئايلانماق بولۇپتۇ.باجيې:
-ماقۇل،شۇنداق قىلايلى.بىراق بىز بۇ يەردە ھىچكىمنى تۇنۇمىساق،يا ھېچيىرىنى بىلمىسەك.قانداقمۇ قىلارمىز ئەمدى؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-خاتىرجەم بۇلۇڭلار،ئۈرۈمچىدە مېنىڭ بىر شىرەم تۇغقىنىمنىڭ تۇغقىنى بۇلىدىغان،ئىسمى شەرۇل پەيدا.بىر چاغلاردا ئۇ مېنىڭدىن غايىب بۇلۇش ۋە پەيدا بۇلۇش ھۈنىرىنى ئاز-تۇلا ئۆگىنىپ،تۇرۇپ ئۇ يەردە يۈرسە تۇرۇپ بۇ يەردە يۈرگەن ئىدى.مەن ھېلىقى تۇغقىنىمدىن ئاڭلىسام ئۇ مۇشۇ ئۈرۈمچىدە ئىكەن.شۇنى چاقىرساق قانداق دەيسىلەر؟
تاڭ سىڭ:
-مەن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ مۇشۇ يېرىنى دېمىسەم،ئۇنى ھەرگىزمۇ شاگىرتلىققا ئالمايتتىم.ئۇ ھەر دائىم بىزنى مۇشۇنداق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ۋۇكۇڭ،سەندە ئۇ تۇغقىنىڭنىڭ تېلىفون نومۇرى بارمۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئۇ تۇغقىنىمنى تېلىفون ئۇرۇپ چاقىرمىساممۇ بۇلىدۇ.مەن ئۇنىڭغا ھۈنەر ئۆگەتكەن چاغدا،ئۇنىڭغا پەقەت ئىسمىنى چاقىرسىلا پەيدا بۇلۇشنى ئۆگىتىپ قويغان.شۇ ھۈنەرنى جايىدا ئۈگىنەلىگەن بولسىلا،ئۇنى تاپماق بەك ئاسان.تاڭ سىڭ:
-ئەمىسە ئۇنى چاقىرىپ باققىن.پەيدا بۇلۇپ قالغىيدى ئىلاھىم.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئەي شەرۇل پەيدا...تىز بۇياققا چىققىن.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ شەرۇل پەيدانى چاقىرىشى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا،بىز ساليوت ئېتىلغاندەك ئاۋاز چىقىپ،بىر كىشى پەيدا بۇلۇپتۇ.ئۇ كىشى سۇن ۋۇكۇڭغا قاراپ:
-ۋوي،بۇ مېنىڭ ئۇستازىمغۇ؟سالام ئۇستاز.ئۈرۈمچىگە خوش كىلىپسىز.سىزنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم.
سۇن ۋۇكۇڭ:
ۋاي-ۋۇي،شەرۇل پەيدا،بار ئىكەنسەن-ھە!سېنى مەن ئۆگەتكەن ھۈنەرنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم.ھەرنىم بولسا ئېسىڭدە بار ئىكەن.
شەرۇل پەيدا:
-ئۇستازىم سېلىنىڭ ماڭا بەرگەن بىلىملىرىنى ئۆلسەممۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن.مەن بۇ ھۈنىرىم ئارقىلىق نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلدىم.مەن تېخى سىلىگە رەھمەت ئېيتىش پۇرسىتى چىقارمۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈرگەن ئىدىم.ئۇلۇغ ئىگەم مېنىڭ تېلىكىمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ سېلىنى ئالدىمغا ئەۋەتىپتۇ.ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ ھىممىتىگە ھەشقاللا.
تاڭ سىڭ:
-ۋۇكۇڭ،بۇ ئايىغى چاققان ئىنىمىزنى بىزگىمۇ تۇنۇشتۇرۇپ قويمامسەن؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ۋوي...ۋوي...گەپ بىلەن بۇلۇپ كېتىپ سىلەرنى تۇنۇشتۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.شاگىرتىم سىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي.بۇ مېنىڭ ئۇستازىم تاڭ شۈەنزاڭ.
شەرۇل پەيدا:
-ھە ياخشىمۇسىز.سىز ئۇستازىمنىڭ ئۇستازى ئىكەنسىز.دېمەك،مېنىڭ چوڭ ئۇستازىم بۇلىدىكەنسىز.شۇڭا سالىمىمنى ئىلىك ئالغايسىز چوڭ ئۇستاز.
تاڭ سىڭ:
-ياخشىمۇسەن ئىنىم؟سېنىڭ بىلەن مۇشۇنداق يات بىر جايدا تۇنۇشقىنىمدىن بەك خۇشالمەن.بىزگە كۆپ شاگىرتدارچىلىق قىلىپ قۇيارسەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-بۇ بولسا مېنىڭ چوڭ ھەمساۋاق ئىنىم جۇباجيې.
جۇباجيې:
-ھە ياخشىمۇسەن؟مەن ئۇستازىڭنىڭ ئىنىسى بۇلىمەن.مېنىمۇ ئۇستاز دەپ چاقىرساڭ بۇلىدۇ.قېنى سالام قىلە-ھە!
شەرۇل پەيدا:
-سالام كىچىك ئۇستاز،ئاغىڭىزنىڭ شاگىرتىنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغايسىز.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-بۇ مېنىڭ ئىككىنچى ھەم ساۋاق ئىنىم شيا ۋۇجىڭ بۇلىدۇ.ئۇنىمۇ ئۇستاز دېسەڭ بۇلىدۇ.
-ئىككىنچى كىچىك ئۇستازغىمۇ سالام.
سۇن ۋۇكۇڭ شەرۇل پەيدانى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-بۇياق بولسا مەن بايا سىلارگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن ئىنىمىز شەرۇل پەيدا بۇلىدۇ.مەن ئۇنىڭ بىزنى ئۈرۈمچىنى قانغۇدەك ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشىغا ئىشىنىمەن.
شەرۇل پەيدا:
-چاتاق يوق،سىلەر ئۈرۈمچىنى ئايلاندۇرۇشقا مېنى تەكلىپ قېلىپ ناھايىتى توغرا قېلىپسىلەر،ساياھەت يىتەكچىسى بۇلار،مەندەك بۇلار.قېنى يۈرۈڭلار،سىلەرنى تازا بىر ئوينىتىپ قۇياي.
شەرۇل پەيدانىڭ يول باشلىشى بىلەن تاڭ راھىبلىرى ئۈرۈمچىنىڭ بارمىغان جايى قالماپتۇ.نۇرغۇن ساياھەت ئورۇنلىرىنى ساياھەت قىلىپتۇ.نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ چېچەك سەيلىسى قىلىپتۇ.نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىپتۇ.شۇنداق ئۇيۇن-تاماشا بىلەن كەچمۇ بۇلۇپتۇ.شەرۇل پەيدا تاڭ راھىبلىرىنى ئېسىل بىر مېھمانسارايغا قۇنۇش ئۈچۈن ئەكىرىپتۇ.نوم ئېلىش جەريانىدا يولبۇيى قاتتىق يەردە يېتىپ-قوپۇپ كۈنۈپ قالغان راھىبلار بۇنداق ئىسىل كىرىسلو-كارۋاتلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بۇلۇپتۇ.
تاڭ سىڭ:
-شاگىرتلىرىم،بىز ئۈرۈمچىگە كېلىپ نۇرغۇن جايلارنى كۆرۈپ تاماشا قىلدۇق.لېكىن پادىشاھقا تېلىفون ئۇرۇپمۇ قويمىدۇق.ئۇنىڭغا تېلىفون ئۇرۇپ قۇيامدۇق؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ۋاي بولدىلا ئۇستاز،ئۇ سىزدىن ئەنسىرىسە ئۆزى تېلىفون قىلاتتى.ئۇ بىزدەك باتۇرلار يېنىڭىزدا تۇرغاچقا، سىزدىن خاتىرجەم بولغان گەپ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە تېلىفون ئۇرسىڭىز رايون ئاتلاش ھەققى بەك كۆپ بولغاچقا،تېلىفونىڭىز توختاپ قالامدىكىن.شۇڭا ئەڭ ياخشىسى تېلىفون ئۇرماڭ.
شەرۇل پەيدا:
-چوڭ ئۇستاز،ئۇستازىم توغرا دەيدۇ.بۇ يەردە ھازىر قۇلۇڭلاردىكى كارتىنى ئىشلەتساڭلار،سىلەرگە بەك كۆپ قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.مەن ئەتە سىلەرگە ئۈرۈمچىنىڭ كارتىسىنى بىجىرىپ بېرەي.ئۇنىڭدا بىر قىسىم مۇناسۋەتلىك كەسىپلەرنى ئاچقۇزساڭلار،قەيەرگىلا تېلىفون ئۇرساڭلار بۇلۇۋېرىدۇ.
تاڭ سىڭ:
-ئەمسە بىزگە كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ مەشرەپ كارتىسىنى بىجىرىپ بەرگىن ئىنىم.
باجيې:
-كۆچمە خەۋەرلىشىش؟ۋاي تەڭرىم،ئۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسىنى ئىشلەتسە كۆچۈپ يۈرۈپ سۆزلىشىدىغان گەپمۇ؟
شەرۇل پەيدا:
-ھا...ھا...ھا...باجيې ئۇستازنىڭ گېپىنى قاراڭلار.چاقچاققىمۇ ئۇستا بۇلۇپ كېتىپسىز جۇمۇ؟بولدى ئەمسە سىلەرمۇ بالدۇر ئارام ئېلىڭلار.مېنى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسسىسنىڭ 107.4 سەنئەت رادىئوسى‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››پروگراممىسنىڭ رىياسەتچىسى زۆھرە كېرەم چاقىرۋاتىدۇ.مەن شۇ بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيىدە پەيدا بولمىسام بولمايدۇ.ياخشى چۈش كۆرۈڭلار.
شەرۇل پەيدا شۇنداق دەپلا كۆزىدىن غايىب بولۇپتۇ.ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان راھىبلار خۇددى يۇقۇتۇپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك خۇشال بۇلۇشۇپ كېتىپرۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-شەرۇل پەيدا ھازىر رادىئولارغا چىققۇدەك بۇلۇپ كېتىپتۇ.ھەي ‹‹بالدۇر چىققن قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئىشىپ كېتىپتۇ››دېگەن شۇدە.بوپتۇ،ئۇنىڭ رادىئودا نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى.باجيې تىز رادىئونى ئاچ.
جۇ باجيېنىڭ رادىئونى ئىچىشى بىلەن تەڭ شەرۇل پەيدانىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.راھىبلار بىر تەرەپتىن رادىئو ئاڭلىغاچ،بىر تەرەپتىن يازغۇچىلار مۇنبىرىنى ئىچىپ يىڭى يوللانغان تېمىلارنى كۆرۈشكە باشلاپتۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 18:50:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
                           سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆزىگە لايىق ئېزدىشى
                                                  (7-قىسىم)
        تاڭ راھىبلىرى مېھمانخانىدا يېتىپ قوپۇپ شۇنى ھېس قىلدىكى،بۇنداق چوڭ، تەرەققىي قېلغان شەھەردە ھەر كۈنى ئېسىل مېھمانخانىدا تۇرىۋەرسە،ئېقتىسادىي جەھەتتە بەك كۆپ قىزىل رەقەم كۆرۈنىدىغانلىقىنى ھېس قېلىپ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردىن بىرنى ئېلىپ ئولتۇرۇش نېيىتىگە كەپتۇ.لېكىن سۇن ۋۇكۇڭ بىر ئۆي تۇتسا ئۆينى تازلاپ، كىر-قات يۇيۇشتا ئايال كېشى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قېلىپ،ئۈرۈمچىدىن ئۆيلىنىش نىيىتىگە كەپتۇ.ئۇ بىر كۈنى سەھەردە ھېچكىمگىمۇ دەپ قويماي،لايىق ئىزدىگىلى مېڭىپتۇ.ئۇ سىرتقا چىقىپ قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي،شەرۇل پەيدانى چاقىرىپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چاقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا شەرۇل پەيدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەيدا بوپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ:
     -شەرۇل ئۇكام،مەن بۇ گەپنى تۇنجى بۇلۇپ ساڭا مەسلىھەت سېلۋاتىمەن.شۇڭا بۇ گەپنى باشقىلاردىن سىر تۇتقىن جۇمۇ؟
شەرۇل پەيدا:
     -چاتاق يوق ئۇستاز،قېنى دەڭا،قانداق گەپ ئىدى؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -بۇ مۇنداق گەپتى دېگىنە،سەنمۇ بىلىسەن،بىز ھازىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا تۇرغىلى خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى،گەرچە بىزنىڭ ياتاق-تاماق پۇلىمىز يۇقىرىدىن ئاتچۇت قىلىنسىمۇ،لېكىن بۇ ياقا-يۇرتتا بىز ئولتۇردىغان ئىللىق ئۆي-ماكان بولسا،كۆڭلۈڭ سەل پۈتۈن تۇرىدىكەن.شۇڭا بىز ھېلىقى مېھمانسارايدىن كۆچۈپ چىقىپ،ئىجارىگە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇشنى قارار قىلدۇق.ئۆزەڭمۇ بىلىسەن،بىز تالا-تۈزدە قۇنۇپ يېتىپ،ساخاۋەتچىلەر بەرگەننى يەپ قۇرساق تويغۇزۇپ،ئۆي ئىشلىرىنى قېلىپ ئۆگەنمىگەن ئىكەنمىز،شۇڭا ئائىلە ئىشلىرىنى قېلىشتا سەل قىينىلىپ قالىمىزمىكىن دەپ ئويلاپ،ئۈرۈمچىدىن ماڭا بىرەر لايىق بولسا توي قېلىپ،ئۇستاز ۋە ئىنىلىرىمنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتەي دەيمەن.
شەرۇل پەيدا:
   -ياخشى ئويلاپسىز ئۇستاز،بۇ دۇنيادا ھەر بىرىمىز جۈپتىمىز بىلەن يارلغان،ئۇستازىڭىز بىلەن باجيې ئۇستاز توي قېلىپ بوپتۇ.ماقۇل،سىز بۇنداق قارارغا كەلگەن ئىكەنسىز مەنمۇ قاراپ تۇرماي،مەن تۈنۆگۈن رادىئو ئىستانسىغا بېرىپ ھېلىقى مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ‹‹ئەلۋىدا بويتاقلىق لايىق تۇنۇشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى››قۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم.ئەمسە سىز ئۇدۇل شۇ يەرگىلا بېرىپ بېقىڭ،مەن ھازىر بىر سېرىك ئۆمىكىگە يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگىلى بارماقچى ئىدىم.بولمىسا بىللە بېرىشىپ بېرەر ئىكەنمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -ھە مۇنداق ياخشى ئىشلارمۇ بار دېگىن،ماقۇل ئەمسە،سەن ئۆز ئىشىڭغا بېرىۋەرگىن.مەن شۇ يەرگە بېرىپ باقاي.
ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ شەرۇل پەيدا بىر تاكسىنى توساپ شوپۇرغاسۇن ۋۇكۇڭنى ئۇدۇللا مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىگە ئاپىرىپ قۇيۇشنى تاپىلاپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ ئىشىكتىن كىرىپلا بۇ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دېرىكتورى مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىگە مۇيەسسەر بۇلۇپتۇ:
-             ئەسسالامۇئەلەيكۇم،خوش كەپسىز مېھمان، ۋوي-ۋوي،بۇ كىمۇ ئەمدى،ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا سۇن ۋۇكۇڭ ئەپەندىغۇ؟كېلىڭ-كېلىڭ،يۇقىرى ئۆتۈڭ.كاتىپ تىز يادىكار چايلىرىدىن دەملەڭ.
مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ كاتىپى شادىيە خالىق دەرھال ئۇلارغا بىر پىيالىدىن چاي قۇيۇپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ مەۋلۇد ئىبراھىمنى كۆرۈپ ھاياجانلانغىنىدىن سۆزلەپلا كېتىپتۇ:
-ئامىي توبا،مەۋلۇد ئەپەندىم،سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى رادىئودىن تۇلا ئاڭلاپ ماڭا بەك تۇنۇشلۇق بۇلۇپ كەتكەن،بۈگۈن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق.دىدار غەنىمەت،دىدار غەنىمەت.ئىسىمدە قىلىشىچە،سىز بۇرۇن ساتراچخانىمۇ ئاچقانغۇ دەيمەن.قانداق ساتراچخانىنىڭ سودىسى يۈرۈشمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ھە راست،ئۇنىڭدىن كېيىن دوغاپ سېتىپمۇ يۈردىڭىز تېخى.ھەي،ھەقىقەتەن جىم تۇرالمايدىغان ئادەم ئىكەنسىز جۇمۇ؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
   -ھا...ھا...ھا...قارىغاندا ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››نى بەك سىجىل ئاڭلايدىكەنسىز-ھە؟مېنى مۇشۇنچىلىك چوڭ كۆرۈپ،ئەستە تۇتقىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.مەنمۇ سىزنى بۇرۇن تېلىۋۇزوردىنلا كۆرەتتىم.مانا كۆرۈشۈش شەرىپىگە نايىل بولدۇم،خۇشالمەن،خۇشالمەن...
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -نېمە؟سىرتقا چىقماقچى بۇلىۋاتقانما؟مەن تېخى سىزنى مېنىڭ ئىشىمغا ياردەم قىلامدىكىن دەپ كەلگەن ئىدىم.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-شۇنداق،راستىنى دېسەم،مېنىڭ ھازىر سىز بىلەن كېچىچە دېگۈدەك مۇڭداشقۇم بار ئىدى،بىراق،پروگراممىغا چىقىدىغان ۋاقتىم تۇشۇپ قالاي دەۋاتىدۇ.شۇڭا ئاساسلىق مەقسەتنى بىۋاستىلا دېيىشىپ قالغان گەپنى باشقا كۈنى دېيىشكەن بولساق قانداق دەيسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -ماقۇل،سىزمۇ ئالدىراش ئادەم،ۋاقتىڭىزنى ئالماي، مەقسىتىمنى بىۋاستىلا ئېيتاي.مەن مۇشۇ ئۈرۈمچىدىن توي قىلدىغان لايىق ئىزدەۋاتقان ئىدىم.شەرۇل پەيدا مۇشۇ يەرگە كېلىشىمنى ھاۋالە قىلغان ئىدى،بىلمىدىم،سىزنىڭ بۇ مەركىزىڭىز راستلا شەرۇل پەيدا ئېيتقاندەك شۇنداق ياخشىمۇ؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-قارىغاندا،بىزگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك قىلىسىز،قاراڭ، بۇ بىزنىڭ خېرىدارلاردىن تاپشۇرۋالغان رەھمەت خەتلىرى.بۇ خەتلەرنىڭ ئارىسىدا سىزنىڭ تۇنۇشلىرىڭىزمۇ بار.كۆرۈپ بېقىڭ.
سۇن ۋۇكۇڭ تامدىكى رەھمەت خەتلىرى ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئۇستازى تەرىپىدىن قوغلىنىشىغا سەۋەب بولغان پاسىق سۆڭەك جىننىڭمۇ تەشەككۈرنامىسى بارلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ سورىدى:
-نېمە؟پاسىق سۆڭەك جىنمۇ مۇشۇ يەردىن لايىق تاپتىما؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-شۇنداق،ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە كېلىپ تىزىملاتقان ئىدى،بىزنىڭ تۇنۇشتۇرشىمىز بۇيىچە،ئىسكىلىتشاھ ئىسىملىك بىر ئەپەندى بىلەن تۇنۇشۇپ توي قىلدى،مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ تۇيىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ بەرگەن ئىدىم.ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار،ئىسمى ئۇستىخان.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەك بەخىتلىك.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھە،مۇنداق دەڭ،ئەمسە ھەقىقەتەن قابىليىتىڭلار بار ئىكەن.ئۇنداق بولسا ماڭىمۇ بىرەرسىنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيسىڭىز،ئەگەر ئېپىمىز كېلىشىپ قالسا مەنمۇ سىزنى تۇيۇمىزغا رىياسەتچى بۇلۇشقا تەكلىپ قېلىپ،ئەرشتىكىلەرگىمۇ مەركىزىڭىزنى تەشۋىق قېلىپ قۇياتتىم.
مەۋلۇت ئىبراھىم:
   -ماقۇل،قېنى شەرتلىرىڭىزنى دەڭ،مەن تېزىملىۋالاي،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۈچ پارچە بىر سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىم ۋە كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى تاپشۇرسىز.تېزىملىتىش ھەققىنى بولدى ئالماي.بۇ كۆرۈشۈش سوۋغىسى بۇلۇپ قالسۇن.ئەگەر بىز تۇنۇشتۇرغان لايىق بىلەن كېلىشىپ ياخشى ئۆتۈپ كەتسەڭلار، مېنى چىمەن تاغقا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلسىڭىز ھەم مەركىزىمنى كۆپرەك تەشۋىق قېلىپ قويسىڭىزلا بۇلىدۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -مېنىڭ باشقا چوڭ شەرتىممۇ يوق،لېكىن بىر ئۆتىنىشىم بار ئىدى،مېنىڭ تەرجىمھالىمنى يازغان چاغدا يېشىمنى كىچىكلىتىپ يازغان بولسىڭىز،بولمىسا قىزلار يېشىمنى كۆرۈپلا قېچىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسېرەۋاتىمەن.مېنى كۆرگەنلەرغۇ،ھېچقايسىسى 500 نەچچە ياش كىرىپتۇ دېمەيدۇ،شۇڭا يېشىمنى 25 ياش دەپ يازغان بولسىڭىز قانداق دەيسىز؟
مەۋلۇت ئىبراھىم:
   -ياخشى...ياخشى ..بۇ گەپنى ناھايتى جايىدا ئېيتتىڭىز.ماقۇل شۇنداق قېلايلى.ھە يەنە بىر گەپ راست،سىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىزنى ۋە قارشى تەرەپ تويلىقىنى قانداق بېرىدىغانلىقىڭىزنى قانداق يازسام بۇلار؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-قارشى تەرەپ تويلۇقتىن غەم قىلمىسىمۇ بۇلىدۇ،مەن تويلۇققا ئائىلە سايمانلىرى ۋە ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى سالىدىغانغا پۇلنى قانچە دېسە،شۇنچە بېرىمەن.ئالتۇن زىبۇ-زىننەتكە كەلسەك،بىشىمدىكى ئالتۇن چەمبىرەك ۋە قۇلۇمدىكى ئالتۇن گۈرزىنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن.ئۇلارنى نېمە ياسىتىۋالسا ئېختىيارى.توي كۆچۈرۈشكە كەلسەك،قىزنى بۇلۇتتا كۆچۈرىمەن.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
   -ۋاھ...بۇ ھەقىقەتەن كاتتا بىر توي بولغۇدەك.بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىغان قىزلار چۇقۇم ئالدىڭىزدا ئۆچرەت بۇلۇپ كېتىدىغان بولدى.ماقۇل، مەن بۇ نۇقتىلارنى تۇلۇق يېزىپ قۇياي.ئەگەرسىزگە لايىق چىقىپ قالسا مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشاي.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -رەھمەت سىزگە،مەۋلۇت ئەپەندىم.ئەمسە مېنىڭ بۇ ئىشىمنى سىزگە تاپشۇردۇم.ئەگەر قارشى تەرەپ مېنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈرۈپ قالسا،ياخشى گېپىمنى كۆپرەك قىلىپ قۇيارسىز.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
   -ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدۇ-دە.ئەنسىرىمەڭ،سىزگە سىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى قىز تېپىپ بېرىمەن.ئەمسە سۆھبىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسا.بىز كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم پاراڭلاشمامدۇق؟ھازىر‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››باشلىندىغانغا ئازلا قالدى.مەن ماڭاي.بولمىسا زۆھرە كېرەم مېنى ئىزدەپ ئىدارىگە ئېلان چىقارمىسۇن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
   -ماقۇلە،ئەمسە مەنمۇ دارھال قايتىپ رادىئونى ئېچىپ تەييار بۇلۇپ تۇراي.زۆھرە قىزغا مەندىن سالام دەپ قۇيۇڭ.خەير-خوش،كۆرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ.
ئۇلار شۇنداق دەپ ئۆزئارا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىشىپ خوشلىشىپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ ئالدىراپ-تېنەپ مېھمانسارايغا قايتىپتۇ.ئۇ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ كىرىشىگە ھەمراھلىرى رادىئودىن مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ كەلگۈسى 24 سائەتتىكى ھاۋارايى مەلۇماتىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەن.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 18:51:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                               سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۇچرىشىشقا چىقىشى

                                             (8-قىسىم)

     سۇن ۋۇكۇڭ مەۋلۇد ئىبراھىنمىڭ لايىق تۇنۇشتۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ تېزىملىتىپ قويغاندىن كىيىن،مەۋلۇد ئىبراھىم نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، سۇن ۋۇكۇڭغا لايىق ئىزدەپتۇ.ئاخىرى مەلوم بىر سېرىك ئۆمىكىدە ئىشلەيدىغان ‹‹غىلدىر-غىلدىر غايىبخان››ئىسىملىك دائىم غايىب بۇلۇپ چوڭ ئىشلارنى ھەل قىلىدىغان بىر قىزنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرسېتىپتۇ.مەۋلۇد ئىبراھىم بىر كۈنى سەھەردە سۇن ۋۇكۇڭغا خەۋەر قىلىپ تېلفون قىلىپتۇ:
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۇن ۋۇكۇڭ ئەپەندى،قانداق،ئەھۋال ياخشىمۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھە..ياخشى...ياخشى...مەۋلۇدئىبراھىم ئوخشىمامسىز؟ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟
مەۋلۇد:
-ياخشى.سىز ماڭا ھاۋالە قىلغان ئىش پۈتۈپ قالغان،شۇڭا سىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قۇياي دەپ تېلفون قىلغان.چۈشتىن كىيىن مەركىزىمىزگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز،كونكرت ئىشلارنى كەلگەندە دېيىشكەن بولساق قانداق دەيسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ۋاسسېي،ھەقىقەتەن مەركىزىڭلارنىڭ ئىش سۈرئىتى ياخشى ئىكەن-ھە!ماقۇل مەن چۈشتىن كېيىن باراي.رەھمەت جۇمۇ راست!
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-بولدى،ئالدىراپ رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندە رەھمەت ئېيتسىڭىزمۇ ئۈلگۈرسىز.كىم بىلىدۇ،بۇ لايىق كۆڭلىڭىزدىكىدەك چىقماي قالامدۇ تېخى؟
سۇنۋۇكۇڭ؛
-ئۇنداق بولمايدۇ،سىز بىجىرگەن ئىشتىن نۇقسان تېپىشقا مېنىڭ ئون كاللام بارمۇ دەيسىز،ھەددىم ئەمەس...ھەددىم ئەمەس.
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-ھا...ھا...ھا...شۇنداق-ئويلىغان-بولسىڭىزلاياخشىغۇ،ئەمسە مۇشۇنداق بولسۇن.چۈشتىن كىيىن كۆرۈشەيلى.
مەۋلۇد ئىبراھىم بىلەن سۇن ۋۇكۇڭ چۈشتىن كىيىن كۆرۈشمەك بۇلۇپ خوشلىشىپتۇ.سۇنۋۇكۇڭ كۆڭلىدە‹‹مەن لايىق ئىزدەۋاتقان ئىشىمنى مۇشۇ چاغقىچە يا ئۇستازغا،يا ئىنىلىرىمغا ئېيتىپ باقمىدىم.ئەمدى بۇ ئىشىممۇ ھال بۇلۇپ قالغىلى تۇردى،شۇڭا بۇ توغرۇلۇق ئۇلارغا ئېغىز ئاچمىسام بولمايدۇ،ئۇ يەرگە بېرىشتىن بۇرۇن مەن ئۇلارغا مەسلىھەت سېلىپ باقاي››دەپ ئويلاپ،ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ.بۇ چاغدا كۆپچىلىك دەل ناشتىلىق قېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتقان ئىكەن.سۇن ۋۋۇكۇڭ:
-ئۇستاز،ئىنىلىرىم سىلەرگە بىر ئىشنى مەسلىھەت سالماقچى ئىدىم.
جۇباجيې:
-ۋوي...ۋوي...مايمۇن ئاغا سىزگە نېمە بولدى ئەمدى؟ئەجەپ موللا مۈشۈك بۇلۇپ كېتىپسىزغۇ؟ئۇستاز ئۇ چۇقۇم بىر خاتا ئىش قىلىپ قويدى،ئۇنى ئوبدان ئەدەپلەپ قويمىسىڭىز بولمىدى جۇمۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-باجيې،بولدى غەلۋە قىلماي گېپىمنى ئاڭلا.مەن توي قىلماقچى.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئاغزىدىكى يەۋاتقان نەرسىلىرىنى پۈركۈۋېتىپتۇ،
تاڭ سىڭ:
  -ۋۇكۇڭ،تېنچلىقتۇ؟‹‹دۆڭ قوپتى››دېگەندەكلا گەپ قىلسەنغۇ ئەمدى؟يا مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن؟
جۇباجيې:
-ياق...ياق..ئۇستاز،ھەرگىز خاتا ئاڭلاپ قالمىدىڭىز،ئاغام توي قىلىمەن دېدى.توۋۋا...توۋۋا...ئۇ نەچچە كۈن ياقى ھېلىقى شەرۇل پەيدا بىلەن بىللە تىمسىقلاپ يۈرۈشىۋىدى،ئەسلى قىزلارغا قانات سۆرەپ يۈرۈپتىكەندە.تېخى مېنى ئۈجمە كۆڭۈل دەيدۇ...
تاڭ سىڭ:
-شۇنى دىگىنە،بۇ ئۈرۈمچىنىڭ قىزلىرىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ جۇمۇ ۋۇكۇڭ.ئۇلار دېگەن سېنى دەريا بۇيىغا ئاپىرىپ سۇغارماي قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ بىلىۋال.ئۇلار چۇقۇم سىنىڭ گۈرزەڭ بىلەن بىشىڭدىكى چەمبىرەكنى كۆزلەۋاتقان گەپ.ھەي ئۇلارغا ئەخمەق بۇلۇپ قالما يەنە؟بولدىلا...ھە قېنى دەپ باقە،كىمگە ئۆيلەنمەكچى بۇلۇۋاتىسەن؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-كىمگە ئۆيلىندىغانلىقىمنى بىلمەيمەن.بۇگۈن كۆرۈشمەكچى ئۇ قىز بىلەن.ئاڭلىسام ئىسمىنى ‹‹غىلدىر-غىلدىر غايىبخان››دەيدۇ،ئۆزى سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەيدىكەن.كونكرت ئەھۋاللارنى چۈشتىن كىيىن كۆرۈشكەندە بىلىمەن.
تاڭ سىڭ:
-ۋاي خۇدايىم،نېمە دەيدىغانسەن؟ئەجەپ چوڭ سۈپەت بۇلۇپ كېتىپسەنغۇ؟ئۇ ئالماقچى بولغان قىزىڭنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندىلا بىردەم ئۇ يەر،بىردەم بۇ يەردە يۈرۈيدىغان قىز ئوخشايدۇ جۇمۇ!ئالدىراپ ئالىمەن دەپ سالما.سېنى ھەممىدىن ئەقىللىق دېسە قىلۋاتقان ئىشىڭنى قارا سېنىڭ.ھەي...بولدىلا،كۆرۈشكەندە بىرنېمە بولار.قېنى تامىقىمىزنى يەۋېرەيلى.
ئەنە شۇنداق كايىش،ئەيىبلەشلەر ئىچىدە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆيلىنىش ئىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە تەھلىللەر ئاخىرلىشىپتۇ.چۇشتىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ مەۋلۇد ئىبراھىمنىڭ مەركىزىگە يېتىپ كەپتۇ.ئۇلار سالاملاشقاندىن كىيىن مەۋلۇد ئىبراھىم:
-ئۇ قىز بىلەن قەيەردە كۆرۈشىشنى ئويلىشۋاتىسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-قايسى كۈنى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوت پىلاستىنكىسىنى كۆرسەم‹‹ھايات غىزالىق چايخانىسى››دەپ چايخانىنى تۇنۇشتۇرغان ئىدى،قارىغاندا شۇ يەر كۆرۈشۈشكە بەكرەك ماس كېلەمدۇ قانداق؟
مەۋلۇد ئىبراھىم:
-ناھايىتى توغرا ئويلاپسىز،ئەمسە شۇ يەردە ئۇچرىشىدىغانلىقىڭلارنى ئۇ قىزغا يەتكۈزۈپ قۇياي.
مەۋلۇد ئىبراھىم ھېلىقى قىزغا تېلىفون ئۇرۇپ ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلغاندىن كىيىن سۇن ۋۇكۇڭغامۇنداق دەپتۇ:
-ئۇ قىز ماقۇل بولدى.ئەمدى گەپ سىزدە قالدى.سىز ئۇ قىز بىلەن مۇشۇ پېتى كۆرۈشسىڭىز ئۇ قىز سىزدىن قورقۇپ قېچىپ كەتمىسۇن يەنە.شۇڭا مەن سىزنى بۇرۇن مەن ئاچقان ساتراشخانىغا ئاپىرىپ سىزنى تازا پەردازلىۋېتەي.يۈرۈڭ.
ئۇلار ئىككىسى ساتراچخانىغا كىرىپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەرنى پاكىز ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن، يوللۇق ماركىلىق ئەرەنچە كىيىملىرى دۇكىنىغا كىرىپ بىر يۈرۈش كىيىم ئېلىپ كىيىم ئالماشتۇرغاندىن كىيىن مەۋلۇد ئىبراھىم سۇن ۋۇكۇڭنى‹‹ھايات غىزالىق چايخانىسى››غا ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ ئۇ يەرگە كىرىپ بۇ جايخانىنىڭ، ئۇ ئەرشتە كۆرگەن يۈرۈن سۇلتاننىڭ ئوردىسىدىنمۇ ئىسىل ئىكەنلىكىگە ئىنتايىن ھەيران قاپتۇ.ئۇ چەتتەرەك بېرىپ بىر دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇ بىردەم-بىردەم ئىشىك تەرەپكە قاراپ ھېلىقى قىزنى تۇنالماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قاپتۇ.ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر توشقاندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەل ئۈستىدىن بىر ئاۋاز چىقىپتۇ؛
-ياخشىمۇسىز،سىز سۇن ۋۇكۇڭ ئەپەندى بۇلامسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كېتىپ:
-سىز...سىز...كى...كىمۇ؟قې...نى...قېنى سىز؟
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىدىن بىر پارچە ئىس كۆتۈرۈلۈپ قارشى تەرەپتىكى ئورۇندا سېرىق چاچلىق،قوللىرىنى سەل-پەل سېرىق تۈك بېسىپ كەتكەن،ئاغزى ئورانگۇتاننىڭ ئاغزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان،بۇيى چاققان بىر قىز پەيدا بۇلۇپتۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-يا...ياخشىمۇ...سىز؟سى...سىز...غىلدىر-غىلدىر غايىبخانمۇ؟مەن...سۇن ۋۇكۇڭ.
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-ھەئە،مەن غىلدىر-غىلدىر غايىبخان.قانداق بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟بەك قورقۇپ كەتتىڭىزما؟ئەجەپ سايىم شاپى زۇنۇنگۈلنى كۆرگەندەك دۇدۇقلاپ كەتتىڭىزغۇ؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھا..ھا...ھا...سىزمۇ ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››نى ئاڭلايدىكەنسىزدە؟مەن دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ يۈرەتتىم،لېكىن باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا مۇنداق پەيدا بولۇپ باقمىغان.شۇڭا سەل جىددىيلىشىپ قالدىم.سىز بۇ ھۈنەرنى نەدىن ئۆگەنگەن؟
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-بەلكىم خەۋىرىڭىز باردۇ،مەن سېرىك ئۆمىكىدە ئىشلەيمەن.مەن بۇرۇن يۇقاپ كېتىش ئۇنۋېرستىتىنىڭ غايىب بۇلۇش فاكولتىىتىنى پۈتكۈزگەن.بۇ ھۈنەرنى شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا ئۆگەنگەن.بۇنداق ھۈنەردە سىزگە يېتەلمەيمىز دەڭا.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ھە ئەمسە خېلى ئالىي مەلۇماتلىق ئىكەنسىز-ھە؟ھە راست،نېمە تاماق يەيسىز؟قورۇمىلارنى بۇيرۇتقاچ تۇرايلى.
سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن غىلدىر-غىلدىر غايىبخان بىر مۇنچە قورۇمىلارنى بۇيرىتىپ،قۇرسىقىنى راسا تويغۇزغاندىن كىيىن سۇن ۋۇكۇڭ سۆز باشلاپتۇ:
-ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،مەۋلۇد ئەپەندى سىزگە مېنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمنى ئېيتقاندۇ؟
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-ھەئە،مەن خەۋەر تاپتىم.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئەھۋالىم بولسا مۇشۇنداق،مەن كۈيۈمچان،سەمىمىي،ئائىلە ئىشلىرىغا ماھىر،مېنى چىن كۆڭلىدىن قەدىرلەيدىغان بىر قىزغا مۇھتاج ئىدىم.باياتىن ياقى سىز بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا نۇرغۇن جەھەتلەردا ماڭا ماس كېلدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم.سىز قانداق ئويلىغانسىز بۇنى بىلمىدىم.مۇمكىن بولسا سىزمۇ ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقسىڭىز.بۇ ئۈرۈمچىلىكلەردە‹‹ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ،قىز چوڭ بولسا ياتلىق بۇلىدۇ››دېگەن گەپ بار.بولسا ئىككىمىز ئائىلە قۇرۇپ قالغان بولساق.
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
-مەۋلۇد ئەپەندى ماڭا ئەھۋالىڭىزنى بىر قۇر ئېيتىپ بەردى،قارىسام سىز بۇرۇنقىدىن بەك چوڭ سۈپەت،تەمكىن بۇلۇپ كېتىپسىز.مەن دەل مۇشۇنداق مىجەزدىكىلەرنى ياقتۇرىمەن.سىزنىڭ يولبۇيى شۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى ھەم كۆڭلۈمدە‹‹ مۇشۇنداق كىشىنىڭ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلالىغان بولسام نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى-ھە!›› دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.مانا ئەمدى پۇرسەت كەلگەندە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشۇم ناتايىن.مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى قىلىشقا قۇشۇلىمەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-راستما؟رەھمەت سىزگە...رەھمەت.مەن سىزنىڭ مېنى بۇنچىلىك چوڭ كۆرۈپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان.رەھمەت.سىزنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ئىشەنگەنلىكىڭىز شەنىگە سىزنى كىنوغا تەكلىپ قىلاي،ماقۇلمۇ؟
غىلدىر-غىلدىر غايىبخان:
ۋوي،ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ خېلى ئادەتلىرىنى ئۆگىنىۋاپسىز-ھە؟مۇنداق بولسۇن،ھازىر سائەت بەش بۇلاي دەپتۇ،‹‹يازغۇچىلار مۇنبىرى››مۇ قىزىپ كەتتى شۇ تاپتا،بىز مۇشۇ يەردە ئازراق شىمىشكا بۇيرىتىپ،شىمىشكا چاققاچ تېلىفونۇمدىن  يازغۇچىلار مۇنبىرىنى كۆرسەك قانداق دەيسىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ما دۆتلىكىمنى قارىمامدىغان،بۇ خۇشاللىقىمدا يازغۇچىلار مۇنبىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى قارىمامسىز.بۇ گەپنى ياخشى قىلدىڭىز.ماقۇل شۇنداق قىلايلى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىسى شىمىشكا چاققاچ تېلىفوندىن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللانغان تېمىلارنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.                        



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-20 18:52:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                          تاڭ راھىبلىرىنىڭ شيا ۋۇجىڭنى ئىزدىشى
                                                 (9-قىسىم)
سۇن ۋۇكۇڭ غىلدىر-غىلدىر غايىبخان بىلەن توي قىلماقچى بولغاندىن كېيىن،ھەمراھلىرىنى مېھمانخانىدىن ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە كۆچۈرۈپ كەپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ توي خېتى ئېلىش،چىمەن تاغدىكى تۇغقانلىرىغا مەسلىھەت سېلىش ۋە رېستۇران ئىزدەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆيىگە قايتماي ئالدىراش يۈرۈپتۇ.تاڭ سىڭ گەرچە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئۆيلىنىدىغان ئىشىنى ئۆزىگە مەسلىھەت سالماي بىر تەرەپ قىلۋاتقانلىقىغا ئىچىدە غۇم ساقلاپ يۈرسىمۇ،لېكىن ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى ھەم شاگىرتلىرى ئالدىدىكى ھۆرمىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ يۈرۈپتۇ ۋە ‹‹ئىبادەت قىلىمەن››دېگەننى باھانە قىلىپ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ.جۇ باجيې بىر نەچچە قېتىم ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يامان گېپىنى ئۇستازىغا قىلغان بولسىمۇ،كار قىلماپتۇ.شۇڭا جۇ باجيې ئۇستازىنىڭ ئۆز گىپىگە پىسەنت قىلماي يۈرگىنىگە قۇرسىقى كۆپۈپ ھۇجرىسىدىن چىقماي يېتىپتۇ.تاماققا چىقسىمۇ ئايرىم چىقىپتۇ.شيا ۋۇجىڭ بولسا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ ئۇ ئاچچىقىنى بەك كەلتۈرۈپتۇ،شۇڭا تاڭ سىڭ ۋە باجيې ئۇنىڭغىمۇ ئاداۋەت ساقلاپ يۈرۈپتۇ.شۇنداق قېلىپ تاڭ راھىبلىرى ئۆزئارا كۆرۈشمىگېنىگە 10 كۈندىن ئىشىپتۇ.بىر كۈنى سۇن ۋۇكۇڭ مەسلىھەت چىيى بەرمەكچى بۇلۇپ،ئۇلارنى چاقىرىپتۇ.تاڭ سىڭ بىلەن جۇ باجيې دەل ۋاقتىدا كەپتۇ،بېراق شيا سىڭ كەلمەپتۇ.تېلىفون قىلسا تېلىفونى ئۇلانماپتۇ.سۇن ۋۇكۇڭ تاڭ سىڭ بىلەن جۇباجيىدىن شياسىڭنى سوراپتىكەن،باجيې:
-10 كۈننىڭ ئالدىدا شيا سىڭ ئىنىم‹‹ئۈرۈمچى دەرياسىدىكى تۇغقىنىمنى يۇقلاپ كېلەي››دەپ تەييارلىق قىلۋاتقان ئىدى.شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم.
سۇن ۋۇكۇڭ باجيېنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن‹‹بەلكىم شۇ تۇغقىنىنىڭ يېنىدا بولسا كېرەك››دەپ ئويلاپ خاتىرجەم بۇلۇپتۇ.بېراق 4-5كۈن ئۆتۈپ كەتسىمۇقايتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىپ ئۇنى ئىزدەپ ئۈرۈمچى دەرياسىغا بېرىپتۇ.ئۈرۈمچى دەرياسىدىكى شياسىڭنىڭ تۇغقىنى:
-شيا سىڭ مېنىڭ ئانامنىڭ دادىسىنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى.بىزنى تۇغقاندارچىلىق مۇناسۋىتىمىز سەل يىراق بولغاچقا بىز بەك كۆرۈشۈپ كەتمەيمىز.بىز كۆرۈشمىگىلىغۇ بەك ئۇزۇن بولدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ‹‹شياسىڭ ئىنىم تاڭ مەملىكىتىگە كەتكەنمىدۇ-يە››دەپ ئويلاپ،تاڭ سىڭغا تاڭ مەملىكىتىگە تېلىفون قېلغۇزدى .تاڭ پادىشاھى:
-شياسىڭ ھەزرەت بۇ يەرگە كەلمىدى.نېمە ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
تاڭ سىڭ:
-ياقەي،ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمىدى ئاكا.بايا ياتىقىغا كىرسەم يوق،شۇڭا يېنىلىرىغا كەتتىمىكىن دەپ تېلىفون قىلغان.بولمىسا بوپتۇ،كىيىن كۆرۈشەرمىز.
تاڭ سىڭ:
-ۋۇجىڭ ئۇ يەرگىمۇ بارماپتۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئەمدى شيا سىڭ نەگە كەتكەندۇ؟ئۇ خېيشۈخې دەرياسىغا كەتكەندىمۇ-يا؟باجيې،سەن خېيشۈخې دەرياسىدىكىلەرگە تېلىاون قېلىپ باقە،شۇ يەردىمىكىن.
جۇ باجيې خېيشۈخې دەرياسىدىكىلەرگە تېلىفون قىلىپتۇ.
خېيشۈخې دەرياسىدىكىلەر:
-شياسىڭ جانابلىرى بۇيەرگە كەلمىدى،قايسى كۈنى مەن قاتار چايغا چاقىرساممۇ كەلمىدى.تېلىفون قىلساق ئۇلانمىدى.بىزمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغان.
تاڭ راھىبلىرى ئۇنىڭدىن رەسمىي ئەنسىرەشكە باشلىدى.سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئۇستاز ئەمدى بولمىدى،شياسىڭ ئىنىمغا چۇقۇم بىر ئىش بولدى.ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالساق ھەرگىز بولمايتتى.ئەمدى قانداق قېلىش كېرەك؟قانداق قىلارمىز؟
جۇباجيې:
-شياسىڭ ئىنىم بەك ياخشى ئادەم ئىدى.ئىككىمىز تاماك يېسەك دائىم تاماق پۇلىنى تۆلەيتتى.ئەمدى قانداق قېلارمەن؟ۋاي شياسىڭ ...ۋاي شياسىڭ ئىنىم...تۇققۇز گۈلۈڭنىڭ بىرى ئىچىلماي تۇرۇپ ئەجەپ ياشلا كەتتىڭغۇ...ۋاي شياسىڭ ئىنىم...
تاڭ سىڭ:
-باجيې،بۇ نېمە دېگىنىڭ ۋۇجىڭ تېخى ئۆلمىگەندۇ؟ئادەمنى تۇلا قورقۇتمىغېنا؟كىم بىلىدۇ ئۇمۇ ئاغاڭغا ئوخشاش بىرەر قىزنى تېپىۋېلىپ،بىرەر جايدا ئۆي تۇتۋالدىمۇ تېخى.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-ئۇستاز،باجيې،قارىغاندا شياسىڭ ئىنىم بىزدىن ئايرىلىش نىيىتىگە كەپتۇ.مېنىڭ تۇيۇمغا ئۇ قولداش بولمىسا بولمايتتى.شۇڭا ئۇنى تاپمىساق بولمايدۇ.
تاڭسىڭ:
-ئۇنى قانداق تاپىمىز،يا بۇ ئۈرۈمچىنى پىششىق بىلمىسەك.يا تۈزۈك تۇنۇشىمىز بولمىسا؟
سۇن ۋۇكۇڭ:
-شۇ تاپتا ئېسىمگە‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››كېلۋاتىدۇ.شۇ پروگراممىغا ئادەم ئىزدەش ئېلانى بەرسەك قانداق دەيسىلەر؟
باجيې:
-توغرا،شيائىنىم،شۇ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››پروگراممىسىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.بىر كۈننىمۇ قويماي ئاڭلايدىغان ئەمەسمۇ،شۇڭا ئىنىم ھاياتلا بولسا مۇشۇ پروگراممىنى ئاڭلايدۇ ھەم ئېلانىمىزنى ئاڭلاپ چۇقۇم قايتىپ كېلىدۇ.
تاڭ سىڭمۇ بۇ پىكىرگە قۇشۇلۇپتۇ.ئۇلار مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن رادىئو ئىستانىسىغا ئاپىرىپ مەۋلۇد ئىبراھىمغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئېلان سۆزى تەييارلاشقا كىرىشىپتۇ.ئۇلار ئۈچىسى‹‹بۇ بولدى،بو بولمىدى››دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئېلان سۆزىنى يېزىپ بوپتۇ.ئۇلار يازغان ئېلان سۆزى مۇنداق ئىكەن:
              ئادەم ئىزدەش ئېلانى
خېيشۈخې دەرياسىدىن يولغا چىقىپ،تاڭ راھىبلىرى بىلەن نەچچەئون يىل سەرپ قىلىپ غەربكە نوم ئالغىلى بېرىپ شەەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن،تاڭ پادىشاھىنىڭ ئەتىۋارلىشى بىلەن،‹‹غەربكە ياردەم بېرىش››ئۈچۈن كەلگەن شياۋۇجىڭ.سىز تەخمىنەن ئون كۈنلەر ئىلگىرى ھەمراھلېرىڭىز بىلەن ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدىن گەپ-سۆزسىز چىقىپ كېتىپ تا ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەن.چوڭ ئاغىڭىزنىڭ توي مۇراسىمى كىيىنكى ھەپتىنىڭ سەككىزى ئۆتكۈزىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.ھەمراھلىرىڭىز توي ئىشى بىلەن شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ سىزنى تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەپ ئىچى ۋە تېشى ئەنسىرەشكە ۋە غەمگە تۇلۇپ كەتتى.ئۇلار ھازىر سىزنىڭ دەردىڭىزدە سوپۇننى تۇز دەپ ئاشقا سالىدىغان،تۇزنى سوپۇن دەپ داسقا سالىدىغان بۇلۇپ قالدى.شۇڭا سىزنىڭ تىزدىن قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. شيا ۋۇجىڭنى كۆرگەن رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ تاڭ راھىبلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.شيا ۋۇجىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا قانداق كىيىم كىيگەنلىكى نامەلوم.لېكىن ئۇنىڭ دولىسدىن ئۆتكەن بۈدرە چېچى ۋە بوينىغا ئېسىۋالغان قارا مونچاق مارجىنى ئالاھىدە بەلگىلىك.ئاڭلىغۇچىلار دوستلارنىڭ بىر كۆرسىلا تۇنۇۋالالايدىغىنىغا ئىشىنىمىز.تاڭ راھىبلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفون نۇمۇرى12345678910.خەۋەر قىلغۇچىلارغا سۇن ۋۇكۇڭ ئەپەندىنىڭ توي مۇراسىمىگە قاتنىشىش بېلىتىدىن ئىككى تال سوۋغا قىلىندۇ.ئالاھىدە ئېلان بېرىلدى.

مىلادى2020-يىلى13-ئاينىڭ32-كۈنى
سۇن ۋۇكۇڭ ئەتىسى ئېلاننى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن رادىئو ئىستانىسىسىغا بېرىپتۇ ۋە مەۋلۇد ئىبراھىمغا ئەھۋالنى ئېيتىپ،ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپتۇ.مەۋلۇد ئىبراھىم:
-گېپىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى.مەن بار كۈچۈم بىلەن ئىنىڭىزنى تېپىشىڭىزغا ياردەم قىلىمەن.كەچتە بېرىلدىغان‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››پروگراممىسىدا بۇ ئېلان بېرىلىدۇ.كەچتە خەۋىرى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-رەھمەت سىزگە.بۇ ئىشتىمۇ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
سۇن ۋۇكۇڭ مەۋلۇد ئىبراھىم بىلەن خوشلىشىپ بۇلۇپ ئۆيىگە قايتتى.تاڭ راھىبلىرى شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ ئۇچۇر كۈتۈپ قۇلى ئىشقىمۇ بارماپتۇ.ئەتىسى يەنە بىر كۈن كۈتۈپتۇ،ئۇچۇر كەلمەپتۇ.باجيې:
-ئۇستاز بولدى بىز ساقلاۋەرمەيلى،شياسىڭ ئىنىمغا چۇكۇم بىر ئىش بولدى.ئەتە ئۇنىڭ نەزىرسىنى بېرۋېتەيلى.مەرھومنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپسۇن.شيا سىڭ ئىنىم،سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن.مېنى كەچۈرۈڭ.سىزنىڭ ھالىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمىدىم.
تاڭ سىڭ:
-باجيې،شۇم ئېغىزلىق قىلمىساڭ بولمامدۇ...ھەر ۋاقىت ئىشنى يامان تەرەپكىلا بۇرايدىكەنسەن.
سۇن ۋۇكۇڭ:
-باجيې تۇلا ۋالاقشىماي رادىئونى ئاچە،‹‹شادلىق مىنۇتلىرى››پروگراممىسى باشلىناي دەپ قالدى.
باجيې:
-بولدى قىلىڭە ئاغا،بىزگە شياسىڭ ئىنىمنى تېپىپ بېرەلمىگەن ئۇنداق پروگرامما ئىشىنى قىلسۇن.ئەتىدىن كەچكىچە‹‹شادلىق مىنۇتلىرى،شادلىق مىنۇتلىرى››دەپلە يۈرگەن...ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرېتىپ.
تاڭ سىڭ:
-باجيې ئاچە رادىئونى.ھېلى بىكار ھاجەتخانا تازلاپ يۈرمىگىن يەنە.
جۇ باجيې غۇدۇڭشىپ يۈرۈپ رادىئونى ئېچىپتۇ.مەۋلۇد ئىبراھىم،زۆھرە كېرەم ۋە ئاڭلىغۇچىلار سۆزلىگەن يۇمۇرلار شۇنچە قىززىق بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ كۈلگۈدەك ماجالى يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ شياسىڭنىڭ خەۋىرى بولۇپ قالارمۇ دەپ پروگرامما تۈگىگىچە ئاڭلىدى.سائەت سەككىزدە باشلايدىغان‹‹تۈن تېۋىشلىرى››پروگراممىسىنىمۇ شيا سىڭنىڭ خەۋىرى چىقىپ قالارمۇ دەپ باشتىن-ئاخىرىغىچە گەپ-سۆزسىز ئاڭلىدى.ئەپسوس يەنە ئۇچۇر بولمىدى.ئەمدى ئۇخلاپ تاڭ ئاتقاندا مۆجىزە يۈز بېرىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.


ۋاقتى: 2015-1-21 00:14:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكارچىنىڭ ئىشى بولۇپتۇ بۇ. مۇشۇنىڭغا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىزنى باشقا بىرەر نەرسە يېزىشقا سەرپ قىلغان بولسىڭىزچۇ؟

ۋاقتى: 2015-1-21 00:30:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-21 01:09:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتاش يوللىغان ۋاقتى  2015-1-21 00:14
بىكارچىنىڭ ئىشى بولۇپتۇ بۇ. مۇشۇنىڭغا سەرپ قىلغان ۋاقت ...

توغرا دەيسىز ئاكا،بەك دانا ئىكەنسىز.مەن شۇ بىكاچىلىقتىن قىلىدىغان ئىش تاپالماي مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتۇردۇم.باشقا بىر نەرسە يېزىش پەقەت قۇلۇمدىن كەلمەيدۇ قاراڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش