- UID
- 11
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئەيبۇ ياقۇپ
- يازما
- 657
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 3709
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-6
- توردا
- 1390 سائەت
|
|
|
|
|
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى شىزاڭ، چىڭخەيلەردە ئېكىسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئېكىسكۇرسىيە – زىيارەت ئۆمىكىدىكى 24 نەپەر ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى شىزاڭ، چىڭخەيلەردە سەپەردە بولۇپ زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولدى.
5-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىزاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى لىخاسادا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئىككى ئاپتونوم رايۇندىكى يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى، ئانا تىل يېزىقچىلىقى، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىجادىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، چەت – ياقا رايۇن ئىجادىيىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە چەكلىمىلىكلىرى قاتارلىق ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدە كەڭ – كۇشادە ئالماشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى. سۆھبەت يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئوقۇپ – تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تۇردى ھاشىم،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمبەت تۇردى، شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى زاشى داۋا،«شىزاڭ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تەيشىن، «شىزاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى»گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى دۇنجۇ دوجى،«شىزاڭ ئانتوروپوگېئوگرافىيەسى»(人文地理) ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاسۇ قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئاندىن زىيارەت كۈنتەرتىپى بويىچە شىزاڭنىڭ لىخاسا، لىنجى، رىكازى ۋە چىڭخەيدىكى كۆكنۇر كۆلى قاتارلىق جايلاردا زىيارەت ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرىدە بولدى.
|
|
|
|
|
|
|