كروراننىڭ «ناۋايى» ھەققىدىكى داستانىنى قايتا-قايتا ئىككى نۆۋەت سۆيىنىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . شائىرنىڭ تىلدىكى پاساھىتى ھەم قەلەمدىكى كامالىتى مېنى ئىختىيارسىز ناۋايى دەۋرىگە باشلاپ كەتتى ...(قاچانمۇ كېلىپ بولارمەن ئۇ دەۋردىن ...
)
مەنمۇ بۇ داستاننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلايمەن .
2015 -يىلىدا : شائىرنىڭ قەلىمىگە تېخىمۇ يۈكسەكلىك ،تېنىگە ساقلىق، بارلىق ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن ! شۇنداقلا يەنە بايىنغولىن قەلەمكەشلىرىنى يېتەكلەش ، ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتلەردىمۇ «بايراقدار»لىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ، بۇ ساھەدە كۆپلەپ ئىزباسارلارنىڭ سەپكە قېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىمەن ! مەن شائىرنىڭ تىرىشچان بالا شاگىرتى بولالمىساممۇ
، قىزغىن ئوقۇرمىنى ، قوللىغۇچىسى بولالايمەن .