كۆرۈش: 3448|ئىنكاس: 41

كروران (ئىزگۈگە): مۇھەببەت ۋە نامەردلىك (داستان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا

مۇھەببەت ۋە نامەردلىك

(داستان)
(ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ھايات سىرلىرىغا بېغىشلاپ)

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

         1. ئوت

قىش يۇرتقا ھۈرپىيىشتىن توختىغاندا،
ھىراتنى① كۆكلەم كېلىپ يوقلىغاندا،
قار، مۇزلار ئېرىقلاردا ئەگىز بولۇپ،
ئاپتاپنىڭ ئورنى سوغدىن ئېگىز بولۇپ،
ئېتىزلار تەرلەپ، قىردا توڭلار ئېرىپ،
ئۇچقاندا قارلىغاچلار مەيدە كېرىپ،
تېرەكلەر شاخ-شاخلاردا تەڭگە بولۇپ،
گۈل يۈزلەر بىر خۇماردا بەڭگە بولۇپ،
تەن-تەندە قىشلىغاندا كۈلۈمسىرەش،
ئەتىياز ھەر بىر جاندا قىلدى كېڭەش.
تىنچلىق قايتاباشتىن ئورنىتىلىپ،
ئاسايىش ئەل بېشىغا يېنىپ كېلىپ،
ئۈزگەندەك ئاۋام تەلەي قاينىمىدا،
جەم بولدى ھەممە نورۇز بايرىمىدا...

يېتىلەپ پادىشاھنىڭ پەرمانىنى،
پۇقرانىڭ يېلىنجىتىپ ئارمانىنى،
بۇ يىلمۇ نېرى تۇرۇپ يوقچىلىقتىن،
سەمرىتمەك ئۈچۈن يۇرتنى توقچىلىقتىن،
ھەر جانغا تىرىكچىلىك يولى تۈزۈپ،
دىللاردىن غەلدى-غەشنى پاكىز سۈزۈپ،
زوق ئېلىپ شاھلىق نورۇز بەزمىسىدىن،
ياڭرىتىپ يېڭى باھار نەزمىسىدىن،
دالادا زارا خەتمە قاينىسۇن دەپ،
ھەر كىشى ئۆز ئۈنىدە سايرىسۇن دەپ؛
نورۇزلۇق مەيدانىنى كۆرمەك بولۇپ،
نەزمىلەر دىلدا نەچچە كۆلچەك بولۇپ،
ئىلھامى تاغ سۈيىدەك سۈزۈكلىشىپ،
نەۋايى باردى پۇتى يۈگۈرۈكلىشىپ.
ئاياغ بىر مەھەللىدىن ئۆتۈۋېتىپ،
كۆزىنى ئۇگۇلاپ بىر سۈرتۈۋېتىپ،
قارىدى باغ ئىچرە كىر يېيىۋاتقان ــ
پەرىگە، قەدەملىرى ئۆلدى شۇئان.
بوي-بەستى ئۇستا رەسسام سىزغان كەبى،
قاش، كۆزى، چېچى، بۇرنى تىزغان كەبى،
قايسىبىر داستان ئارا تەسۋىرلەنگەن ــ
مەشۇقتەك جان ئالغۇچى خۇيلۇق، لېۋەن،
جاڭگالدا قويىدىغان جاننى ئېلىپ،
دىلغا ھەر بېقىشىدا بىر ئوت سېلىپ،
شۇنداق بىر جانان ئىدى ئويلىمىغان،
ھېچ قىزغا شۇ چاغقىچە سويلىمىغان...
ئۇ يۇرتنى ئالا قويماي چىققان جۆنەپ،
نەلەردە خۇش بۇي يىغقان رەيھان بۇ دەپ،
تۇرغاندا ھەيرانلىققا چۆككىنىچە،
ئويىنىڭ ئۇلىقىنى سۆككىنىچە؛
شىددەتتە ئېقىپ قىزدىن ئاڭا سېھىر،
ئۈنگەندەك باغ ئورنىدا ئۇپلۇق قېقىر،
پۇتىغا پاتمان زەنجىر باغلىغاندەك،
جىسمىنى غايىب بىر ئوت داغلىغاندەك،
تىكىلىپ قىزغا ئۇزاق تۇرۇپ قالدى،
كاللىسى تاقىر سايدەك قۇرۇپ قالدى.
ئوي-پىكرى قىز كۆزىدە سۇغۇرۇلۇپ،
قىز ئاڭا، ئۇ قىزچاققا يۇغۇرۇلۇپ،
جىسمىنى بىر باغلاقتىن تارتالمىدى،
پۇتىنى بۇ ئۆيدىن ھېچ ئارتالمىدى.
قىز كىرىپ كەتتى بىر چاغ ئۇنى كۆرمەي،
تىكىلدى قارىسىغا زۇۋان سۈرمەي.
نەۋايى بۇ ھالەتكە ئۆزىدىكى،
ھەيرانلىق بىلەن باقتى كۆزىدىكى.
ھېلىمۇ ئۆزى يالغۇز چىققىنى، ۋاھ،
سەزمىدى ھېچكىم بۇنى، شۈكرى ئاللاھ...
دەم ئۆتۈپ ئۆز ئۆزىنى ۋاراقلىدى،
ھېسلىرى ئىدرىكىنى سوراقلىدى.
يۈرىكى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى ھاڭغا،
يولۇقۇپ ئىشىق دەشتىدە توپىلاڭغا...
شۇندىن سوڭ ئۆزى ئەمەس بولۇپ قالدى،
ياشلىقى شاشلىقىغا قۇلۇپ سالدى.
نەۋايى ئەسلىدىنلا ئويچى ئىدى،
ئەمدى ئۇ بىر كۆيۈككە قويچى ئىدى..

بۇرۇتى ئەتىيازغا قەدەم قويۇپ،
مېڭىشى قاتتىق يەرنى گۈس-گۈس ئويۇپ،
ئەقلىنى جاسارەتكە بەرق ئېتىپ،
ئۆتمۈشنى ئىزلىرىغا غەرق ئېتىپ،
يىگىرمە بىلەن ئوتتۇز پاسىلىدا،
تۇراتتى يېشى ئول چاغ قىران راسا.
چىنىگەچ يۈرىكىگە دىل كۆزىنى،
نەۋايى تىڭشاپ قالدى ئۆز ئۆزىنى.
بىر غەليان مالىماتاڭ قىلىپ ئويىنى،
ھەر كەچتە سىرداش قىلىپ كۆل بويىنى،
باقاتتى ياشلىقىغا توختىماستىن،
كېچىچە يۇلتۇز ساناپ ئۇخلىماستىن.
يۇلتۇز ئۆزگىرەتتى قىزغا دەم-دەم،
يىراقتىن چوغ پۈركۈيتتى ئۇنىڭغا ھەم.
قىز گۈل بولۇپ، گۈل قىز بولۇپ ئالمىشاتتى،
ئۇدا بىر ئوت بىلەن سالاملىشاتتى.
ئورماننى تومۇز قامال قىلغىنىدا،
يامغۇرنى قاياققىدۇر ئىلغىنىدا؛
ئۈستىگە ئۇرۇلغاندا كېلىپ چاقماق،
گۈپپىدە ئوت ئالغاندەك قارىغاي، قامغاق؛
بىر تۇيغۇ قىقاس سېلىپ يۈرىكىدە،
ئوردىدا، كارۋىتىدا، تۈڭلۈكىدە...؛
جېنىنى تاتلىق-تاتلىق غىردار ئىدى،
مەيلىگە دەم-دەم خىرىس قىلار ئىدى...

كۆڭلى بىر ئىسىمغا تۈگەل ئەل بولۇپ،
شۇ ئىسىم ئايەتتەك بىر غەزەل بولۇپ،
تەكرار جاراڭلايتتى ئەس-يادىنى يەپ،
پۇتلىرى ئېپ ماڭاتتى ئۇنى ئەلەڭلەپ.
كۆزىدە يۈرەكلەرگە تولدۇرۇپ جىغ-جىغ،
كوچىدا سەل ئىدى گۈزەللەر مىغ-مىغ،
بىراق ئويى كۈن-تۈن شۇ مەھەللىدە،
مەھەللىدە كۈلگەن ئاشۇ پەرىدە.
ھەر ۋاق داستىخانغا كەلگەن يىمەكلەر،
قايتاتتى ئىشتىھادىن تاپماي دېرەكلەر.
جېنى ئۇۋاقلىنىپ لەكمىڭ پارچىغا،
چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئېتىز، ئارچىغا؛
ۋە يا جان-جېنىنى چوقۇپ قارچۇغا،
ئاڭا مىڭ دوزاخنى قىلغاندەك سوۋغا؛
ماغدۇر-بەردەملىكى پېشىنى قېقىپ،
كۈلكىسى تۈگىگەندەك كۆزىدىن ئېقىپ،
چېھرىدىن خامۇشلۇق سويۇلۇپ توپ-توپ،
دۇنيا ئاڭا يوچۇن تۇيۇلاتتى خوپ.
دىلىدا پورەكلەپ ئاشۇ گۈل-لەيلى،
نە بىر ئىش، نە بىر كىمگە يوق ئىدى مەيلى...

ۋاقىت ئۈن چىقارماي خۇپتەندىن ئېشىپ،
ئۇيقۇ يوتقانلارغا كەلگەندە تېشىپ؛
ئاي مارلىغاندا ئاسماندىن سوغۇق،
خوراز ئەلياتقۇدا غىڭشىسا بوغۇق؛
كۆزىدىن چىراغ يېقىپ بۆرىلەر تاغدا،
پاقىلار بەلگە بېرىپ كۈيلىسە باغدا؛
تۈن پەرەنجىسىنى يېپىنىپ يەنە،
قاراڭغۇلۇققا ھەر كەچ قىلسا تەنتەنە؛
خورەكلەر ياستۇقلارغا ھېكايە ئوقۇپ،
چۈشلەر كاللىلارغا تورىنى توقۇپ،
كۈندىكى جىمجىتلىققا بولسا سەۋدايى،
راۋاقتا چىراغقا ھەمراھ ئىدى نەۋايى...
يۈرىكى ئاقار ئىدى قۇرلاردا شىر-شىر،
دەردلەر مەڭىزلىرىدە ياسايتتى چىغىر.
دىلى شادلىناتتى پەقەت بىر ئىشقا:
ھىجراننى كوھىقاپقا پاتراق تىقىشقا.
پۇتى يۈرىكىگە:«ئۇچايمۇ؟» دەيتتى،
«ھىجراننى دەم بولسىمۇ ئۇتايمۇ؟» دەيتتى.
قارلىغاچتەك ئۇچۇپ بارسا ئۈلگۈرۈپ،
قايتسا يار ھۆسنىنى كۆزىگە سۈرۈپ:
ياپقىلى پەنجىرىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن
تۇتۇش قىلسا بىر-بىر سالغىلى ئورۇن؛
شۇئان باقسا بىر رەت كوچا تەرەپكە،
ئوقۇپ مىڭلاپ رەھمەت چەرخى پەلەككە
نەۋايى ئېرىشەتتى گۆھەر-سەدەپكە!...
كۆڭلى شۇڭڭىدىلا ئۆسۈپ قالاتتى،
چاك-چاك ھېسلىرىغا مەلھەم ئالاتتى...
يېتىلىگەنچە ئۇنى شۇ جاھىل ئارزۇ،
باراتتى، ھەممە ياق تىمتاس، قاراڭغۇ.
يۆلىنىپ يارىنىڭ دەرۋازىسىغا،
ئەڭ-ئەڭ تېرەنىگە كەپلىشىپ يىغا؛
ۋىسالنى غېرىبلىقىغا ئەكىرىپ ئېمىپ،
دەردلىرى جۈپ كۆزىدىن چىقاتتى تېمىپ.
قۇدرىتى يەتسە گەر بولسا قارلىغاچ،
ئۇۋا بولسا ئاڭا ئۆي لىمى-ياغاچ،
كۆرسە جانانىنى كېچەيۇ كۈندۈز،
ياسىسا ئاشىقلىق يولىنى تۈپتۈز؛
سۈمۈرسە ھۇزۇرنى خۇلقى، تېنىدىن،
چىقسا بىر شېرىنلىك كۆكلەپ جېنىدىن...

ۋاراقلاپ دىۋانلارنى زارىقىش بىلەن،
دەيتتى مۇشۇمىدۇ ئاشىقلىق دېگەن؟
نېچۈن شۇنچە غالىب دىلدا بىر قىيناش؟
نېچۈن ئاڭا بۇنچە ئازابلا ئاداش؟
ئازابلارغا ئۇستام ئىكەن بۇ ئازاب،
كۈتكەنچە ئىچىڭدە بىر زەرداپ ئاداپ،
چىرايىڭ غازاڭغا سوڭدىشىپ، ياداپ،
يالماۋۇز ئەلەم ساڭا تۇغىنى قاداپ،
تېنىڭدە ئىزتىراپ چۈشسە كۆرەككە،
جېنىڭ ئەل بولاركەن بۇنداق كەمەككە...

تالاي سارايلاردا تالاي بەزمىدە،
ھەر-ھەر سودىگەر، بەگ، نى-نى ئەللامە،
دىلىغا قايىللىق باھارى تاراپ،
ئۇنى ئوغۇل قىلىش ئويىدا قاراپ،
قىزىچۈن بىر غەمنى ئەيلەپ نامايىش،
ئاتالىق مېھرىدە بولغان ئارايىش.
بىراق ھېچ كىشىگە بارمىغاچ رايى،
ھەممىنى ئۈمىدسىز قويۇپ نەۋايى،
مۆككەن شۇ كەمگىچە تەنھالىق ئارا،
ئەجەب ئىش، ئەمدى دىلى لىپمۇلىق يارا...

ئىشىق دەردى تۇغار دەردمەنگە دەردلەر،
دەردلەرچۈن جان پىدا شائىرغا ھەرپلەر.
ھەر لەھزە ئازابتا بىر نەزمە كۆكلەپ،
تەشنالىق كۆپەيگەنچە غەمگە غەم يۈكلەپ،
سىرىنى قەلىمىگە پىچىرلاپ تىنماي،
قان تامغان ئىلھامدىن قىلچە قىسىنماي،
ھەسرىتىنى كۈندە ئۆتكۈزۈپ قۇرغا،
مىڭلاپ يىڭنە سانجىپ يۇمران غۇرۇرغا،
سىردىشاتتى ھەرپ-قۇر بىلەن ئۇزاق،
مۇڭلىرى نەزمىلەردە بوپ قالاتتى قاق.
ھەر قۇرىدىن ئۆرلەپ تۇراتتى تۈتۈن،
شۇ تۈتۈندىن ياڭراپ دىلىدىكى ئۈن:

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.
ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقىمەن،
تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجەرى تەييارىنى.
بەش كۆرۈشمەكلىك بىلەن يۈزىگە خالۇ جانغا دۇر،
ئالتە كۆرگەندە تىلەرمەن قابىزۇل ئەرۋاھىنى.
يەتتە ئىقلىمدا سېنىڭدەك كۆرمىدىم نازۇك بەدەن،
سەككىز ئۇچماققا بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.
توققۇز ئاي بولدى نەۋايى ياردىن ئايرىلغىلى،
ئون ئىككى ئاي بىر يىل ئىچىدە كۆرمەدىم غەمخارىنى.

          2. گۈل

ھىرات شەھىرىنىڭ تاغ تەرىپىدە،
بار ئىدى بىر مەھەللە بۈك تېرەك، سىدە.
بىلمەس سۇ بېشىدا بۇلاق قانچىسى،
ئۈزۈم، قوغۇنلىرى شېكەر بانكىسى.
قوي، كالا، قوتاز، جەرەن بېرەر تاغلىرى،
جەننەتكە رىۋايەت سۆزلەر باغلىرى.
قوينىڭ قۇيرۇقىدەك ئېتىزى لىق ئاش،
ھىراتنىڭ قورسىقى ئۇنىڭغا ھاپاش.
ئاشۇ مەھەللىنىڭ ئايىغىدىراق،
بىر ئۆي بار، بارىڭىدا لىققىدە قاپاق.
بېغىدا سايۋىسى مەي باغلاپ سۈزۈك،
ئۆمرۈڭگە كۈچ ئۇلار شاپتۇل ۋە ئۆرۈك...
سالىھ موللام دەرلەر ئۆي ئىگىسىنى،
ياشار بىلىپ ھامان ھۇشى-ئېسىنى.
قىز بولغان ئۆمرىدە پەرزەنت كۆرمىشى،
بۇ يىل ئون سەككىزگە يۆگەشكەن يېشى.
ئايالىنى خۇمار ئەتكەچ چېچەكلەر،
ئۆي، ھويلىسى قاتار-قاتار تەشتەكلەر...
ئەتىيازدىن باشلاپ كۈزگىچە تاكى،
گۈل بىلەن ھەپىلىشەر قىشتا ھەتتاكى.
قىز دۇنياغا كەلگەن ئاشۇ دەقىقە،
گۈل دەپ ئات قويۇشنى ئۆتۈنگەن نەچچە.
«گۈل بولسۇن ئاسماندىن چۈشكەن ئېتىڭىز...»
دېگەن سالىھ موللا قۇچىقىدا قىز...
ئانىسىدىن قالغان پاكىز، ئىشچانلىق،
ئاتىسىدىن پەنگە زور تىرىشچانلىق.
ئۆيدە كىتاب ئوقۇپ بولغان ساۋاتلىق،
چىققان ئاتىسىلە ئوۋغىمۇ ئاتلىق.
يوقتۇر ئوقۇمىغان نەزمە-دىۋانلار،
ئازدۇر ئۇ ئىشىتمىگەن بەزمە، پىغانلار.
تاغ ئالمىسىدەك سۈزۈك چىرايى،
دەر ئۇنى مەھەللىنىڭ يېگانە ئايى.
سۆزلىشىپ قالسىلەر قىزلار تېپىشماق،
ئۇ تاپار، تاپالماس ئۆزگىلەر بىراق.
رۇبائىي، مەسنىۋى، كىنايە دەمسىز،
مۇخەممەس، غەزەل يا قەسىدە دەمسىز،
ئەمچىلىكتىن ھەتتا خەۋەرلىك خېلى،
ئۆيدە ئۇنىڭكىدۇر ئاغرىقلار غېمى.
دەر شۇڭا: ئون ئوغۇلغا بەرگۈسىز قىز بۇ،
بېرەر ئاللاھ ئارزۇ ئەتسىڭىز سىزمۇ...

نورۇزغا يېقىنلاپ قالغاندا ۋاقىت،
ئېگىنلەردىكى كىرغا قويۇپ كۆپ چېكىت،
غىڭشىپ بىر غەزەلنى ئۆزىگە ئۆزى،
ئېقىپ ئىچ-ئىچىگە دىلدىكى سۆزى،
ئۆگزىدە ئارغامچىغا يېيىۋاتقاندا،
بەدىنى ئەۋرىشىملىكتە بېيىۋاتقاندا،
ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ نەۋايى،
تۇنجى ۋە ئاداققى رەت بولدى سەۋدايى.

ئەقىل، نازۇكلۇقى ئالدىنى توسۇپ،
قويدى بىر سەۋرنى تىلىغا قۇسۇپ.
بىر كەمدە ھۇشىغا كېلىپ قارىسا،
جۆنىگەن نورۇزلۇق مەيدانغا بايا.
ئۆينى ئەس-يادىغا سىزىپ ئەينىدە،
ماڭدى سۆرىگەندەك كۆزى كەينىدە.
بەزمە ئالدىرىشىدا ھاردۇق ھېس قىلىپ،
كۆرمىدى نورۇزدا قىزنى ھېچ قىلىپ.
شاھنىڭ مۆھۈردارى تۇرسا ئۇ كاتتا،
خالىسا پۈتەر ئىدى ئىشى بىرساتتا.
ئۇ ئويلاپ كۆنگەچكە ئۆزگىنى ئاۋۋال،
راۋا كۆرمەس ئىدى سەبىيگە ئۇۋال.
بىر كۈن شاھ قىلىشماقچۈن غەزەلخانلىق،
چاقىرتتى، نەۋايىدا پەرىشانلىق،
ئاپتاپتەك چېھرىدە قات-قات سېرىقلىق،
كۆزىدە پاتمان دەرد نەچچە ئېرىقلىق...
گەپ باشلاپ نە بولدى دەپ تۇرۇشۇغا،
كۆتۈردى ئىشىكتە ئايغاقچى غوۋغا:
كەپتۇدەك ھىرات تامان ياغى قۇتراپ،
پىتراپتۇ ئەل تالان-تاراجقا ئۇچراپ...
ئاتلاندى نەۋايى شاھ بىلەن شۇئان،
چىقماستا سۆھبەتنىڭ باش قۇرىدىن قان.
يەنە نەچچە كەلدى سائىتى، بىراق
ئاجراپ يۇرت ئىشىدا تەدبىردىن قاداق،
سىرىنى سۇلتانغا قىلالمىدى پاش،
دۆلەتنىڭ ئىشىچۈن چىشلەپ قالدى تاش.
مۇۋاپىق بىر پەيتى كەلگەن چېغىدا،
بەلكىم شاھ ئۆزىنىڭ چاھار بېغىدا،
سوراپ قالار بىر كۈن: ۋەزىر ئەلىشىر،
بېشىڭىزنى ئوڭشاپ قويايلى ئاخىر؟...
شۇ چاغدا سۆزلەرمەن ھەممىنى تېشىپ،
ساپاقتىن ئاجرار قوغۇن قالغاندا پىشىپ...
كۆڭلىدە شۇ ئالتۇن ئويلارنى ئويلاپ،
سەۋر دەرياسىنى، شۇ ئۆينى بويلاپ،
ئۆتۈپ كەتتى نەچچە ئايلار ئارىدىن،
ھەر كەچ تەسكىن تېپىپ تەمبۇر تارىدىن...

تۈگەپ پادىشاھلىق زارا خەتمىمۇ،
يېلىڭلىق ئەيلىدى ئاداش ئەتنىمۇ.
نەۋايى ھەر كۈنى قايتىپ ئوردىدىن،
ماڭاتتى ئىشلىگەچكە ئارتۇق نورمىدىن.
ئەل-يۇرت جېدىلىدىن مۇشۇ ئۇسۇلدا ــ
قاچاتتى، خىيالى چېچى سۇمبۇلدا.
ئۆتتى نەچچە قېتىم گۈل كوچىسىدىن،
غەمكىنلىك توزىتىپ بەست-ئۇچىسىدىن.

بىر كۈنى باراتتى تەنھا تەلمۈرۈپ،
كۆردى قىزنى، باغدا خىياللار سۈرۈپ،
سۇ ئىچكەچ باراڭنى پۇتار ئىدى ئۇ،
شائىرنى سۇغا قوشۇپ يۇتار ئىدى ئۇ!
دېدى: باغۋەنمۇ سىز، بارمۇ سۈيىڭىز؟
دېدى: تارتىنماڭىز، بۇ ئۆز ئۆيىڭىز.
قىيا بېقىپ يەرگە سۇندى سۇنى قىز،
نەۋايى يۇتتى قىزنى قوشۇپلا تېز-تېز!
دېدى: نېمە كىتاب قولىڭىزدىكى؟
كۆرۈش ئىستىكىدۇر قۇلىڭىزدىكى.
ئاتاممۇ يامىداپ قويىدۇ بەزەن،
نەزمىلەرنى جىجاپ ئاخشام-ئەتىگەن.
ئۆيدە تولا بولار سىزنىڭ گېپىڭىز،
بىلىمىز قەلەمدە ئەجەب ئېپىڭىز.
مەن كۆپ ئوقۇغانمەن دىۋانىڭىزنى،
ئەل ئۈچۈن يولۇققان دىشۋارىڭىزنى...
نەۋايى ئىشتكەندە قىزدىن بۇ گەپنى،
جۇغلاپ ئىش، سۆزىگە ئۇلۇغ ئەدەپنى،
دېدى: كىتاب ئالغاچ كېلەي ئەتىمۇ،
دېدى: مۇمكىن بولسا قىلىڭ پەتىمۇ.
يېتەر كۆككە كۆرسە ئاتامنىڭ بېشى،
ئاغرىققا داۋادۇر كەمبەغەل ئېشى...
نەۋايى شەھەر ئالغان كەبى شاد بولۇپ،
ماڭدى ئۆيى تامان پۇتى ئات بولۇپ.
ئاشىقىنىڭ ئاڭلاپ ئۈنىنى تۇنجى،
خاتىرىلەپ كۆرگەن كۈنىنى تۇنجى،
قەلىمى بىر شادلىقنى سىزىپ كېچىچە،
چىقتى چۈشىدىمۇ ئېزىپ كېچىچە...

ئەتىسى كەلگەندە يۈرىكى ئۇرۇپ،
كىتابقا غەزىلىنى قويدى قىستۇرۇپ.
كېچە يازغان ئۇنى گۈلگە بېغىشلاپ،
تۈزەتكەن ھەر جۈملىنى يېنىش-يېنىشلاپ.
غەزەلدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى بىر كۆيۈك،
كۆيۈكتە تۈتەر ئىدى بىر يۈرەك بۈيۈك...

بىر كۈنى قايتۇرغاندا گۈل كىتابنى،
خۇش قىلدى شائىرنى ــ كۆڭلى بىتابنى.
غەزىلىگە مۇشائىرە يېزىقلىق ئىدى،
بىر شادلىق قۇر-قۇرغا تىزىقلىق ئىدى.
بېغىدا بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىپ،
كۆڭلىنى ۋىسالغا نەچچە قات چېتىپ،
بولۇپ ئاشىقلىقنىڭ يېگانە شاھى،
ھوردەك تاراپ كەتتى پەريادى-ئاھى.
ئارىلاپ ئۆتۈپ مۇشۇ كوچىدىن قەستەن،
كىتاب بېرىپ تۇردى، پەتىلەپ بەزەن.
شائىرنى كۆرۈپ سالىھ موللا ئۆيىدە،
ئېقىپ خۇشاللىقى دەم-دەم كۆزىدە،
تەلەيدە ئېغىناپ يۈرىكى بىر پەس،
قالدى كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ھۆددەس.
تۆردە ئولتۇراتتى راستلا بىر  ۋەزىر،
نە ۋەزىر، ئۇنىڭغا ئۇچرىغان خىزىر...
شادلىقتىن پايپېتەكتى بۇدەم ئانا، قىز،
ئۆزۈڭنى تەلەيلىكتىن، دېدى، سانا قىز.
ئالەمنىڭ دانىشى ساڭا ئۇچرىدى،
مۈشكۈلات ئېكەكلەپ ئۆمۈر ئۇپرىدى...
ئەمدى دۆلەت قۇشى قوندى بېشىڭغا،
پەس قولدىن چۈشمىگەي توپا ئېشىڭغا...
نەۋايى ئۆيىدىن بۇ ئۆيگە قەدەر
ئاقتى كۆرۈنمەس بىر ئېرىقتا كەۋسەر.
سائىتى كەلگەندە روھ، تەن بىرلىشىپ،
زەر كۆڭۈل زەرگەر كۆڭۈل بىرلە سىردىشىپ،
ھايات جەننىتىنى ياسىماق ئۈچۈن،
ئۆمۈردىن ئەخلەتنى تاسقىماق ئۈچۈن،
تولغاقلار يەۋاتقان ئىدى بىر جاھان،
بۇ جاھانغا گۈل ۋە نەۋايى خاقان...

ياز كېلىپ رەڭگا-رەڭ گۈللىرى بىلەن،
سۇ قۇيۇپ قۇشلار جانغا ئۈنلىرى بىلەن،
يۇتقاندا ئۆينى رەيھان، يوللارنى غوۋغا،
بىر كۈنى بولدى شاھ چىقماقچى ئوۋغا.
بۇ خەۋەر تارىغاندا شەھەرگە يەلدەك،
بىلىندى گۈل ئۈچۈن خەۋەر غەزەلدەك.
ئاشىقىنى زار-زار كۆرمىگەچ ھەپتە،
قەلبىگە سىغدالغان بىر شېرىن دەردتە،
چاك-چاك ئېتىزىغا سۇ كەلگەن كەبى،
تېنى بىر شېرىنلىكتىن مەستتۇر ئەسەبىي.
ئۆتسە مۇشۇ يولدىن پادىشاھ ئەگەر،
كەينىدىن نەۋايى سوڭدىشىپ كېلەر.
شۇ چاغ كۆرۈۋالار چىت ئىچرە تۇرۇپ،
كۆزىگە جاھاننەما ئەينىكى قۇرۇپ.
دېگەندەك ئاتنىڭ دۈپۈر ئاۋازى بىلەن،
يان-يېنىدا ۋەزىر، سەرۋازى بىلەن،
كەلدى شاھ ناشتىدىن ئاشقاندا ھەيۋەت،
كىمدۇر تەھسىن ئوقۇپ، كىملەردۇر غەيۋەت،
چىقىپ داۋزىسىغا، تىلىشىپ ئاق يول،
تۇرۇشتى تىزىلىپ، باغلاشقانچە قول.
بىر كەمدە كۆرۈندى ئۇلار قارىسى،
ئوۋچىلار ۋە چىت ئىچرە گۈلنىڭ ئارىسى ــ
يېقىن ئىدى بەكمۇ كۆرۈنەر ئېنىق،
ئاڭلىناتتى تىنسىمۇ كۈچلۈكرەك تىنىق.
ئۇچىسىدا شاھى تون، بېشىدە سەللە،
مەيلىنى كاپ ئېتىپ خىلۋەت مەھەللە،
ئاپپاق ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مەغرۇر،
باققانچە ئىككى قاتقا  سۇلتان بەھۇزۇر،
كېلەتتى نەۋايىغا نېمىنىدۇر دەپ،
قولىنى سىلكىشلەپ، نەگىدۇر چىنەپ.
نەۋايىدا ئىدى گۈلنىڭ كۆزلىرى،
بىر ئوتنىڭ ئاستىدا سۈتتەك يۈزلىرى.
ئۇدۇلىدىن شۇتاپ ئۆتۈپ بولغىچە،
نەۋايى بىر باقسا بۇيان دەقىقە،
گۈلنىڭ يۈرىكىگە شىرىلداپ شەربەت،
مىچچىدە ئېرىسە ھەپتىلىك ھەسرەت...

تۇرغاندا تەلمۈرۈشتە كۆڭلى ئېزىلىپ،
چىقىپ شامال، رومىلىنى شاخ ئىلىپ،
ئېچىلىپ كەتتى يۈزى كۈتمىگەندە،
ئۇيۇلۇش گۈل مەڭزىگە بولۇپ بەندە،
ئوڭشاي دەپ بولغىچە پۇتلىشىپ كېتىپ،
«ئانام!» دەپ توۋلاپ سالدى ئەندىكىش يېتىپ.
ئاڭلانغاندا ئاۋاز چىت ئىچرە نازۇك،
توختىدى قەدەملەر بىر دەقىقە شۇك.
كىم بىلسۇن، نەۋايى بىلەن تەڭلا شاھ
باقتى قىز تەرەپكە نەچچە رەت گاھ-گاھ،
بېشى بۇرالغانچە قىزغا ــ كەينىگە،
كەتتى ئات چاپتۇرۇپ ئوۋغا ــ سەيلىگە.
نەۋايى ۋە گۈلنىڭ سۆيگۈ بېغىغا
ئال چۈشتى مۇشۇ ئىش بىلەن، ھەسرىتا!...
قېيىپ شۇ كۈن دەھشەت تارىخنىڭ بېشى،
يىقىلدى پاجىئەگە مۇھەببەت تېشى.
يىرتىلىپ نەۋايىنىڭ جان خەرىتىسى،
ياندى گۈل قولىدا كۆڭۈللەر بىسى.
گۈزەل بىر قىسسەنى تۇتتى ئۇدا ھىق،
نە ئىش بۇ؟ كېيىنچە ئۇقتى خالايىق②...

   3. نەۋايى ۋە ھۈسەيىن بايقارا

كىرىپ ئون بەشىنچى ئەسىر قىرىق بىرگە،
توققۇز بولغان چېغى فېۋرالغا ھەمدە،
ھىرات ئاسمىنىغا بىر يۇلتۇز پارلاپ،
تارىختا ھەقىقەت ئۆسۈپ، پاكارلاپ،
كەلمىشكە ئاپپاق بىر دەپتەر ئېتىلدى،
شېئىر دەرياسىغا ناۋات قېتىلدى.
ئەلىشىر دەپ قويدى ئىسمى-ئېتىنى،
شىر سۈپەت بولسۇن دەپ مىجەز-دىتىنى.
كىچىككىنە باخشى دەيتتى ئاتىنى،
ئۇيغۇر دەپ يازمىشتۇر ئەسلى زاتىنى.③
كېيىن تەتقىق قىلىپ نەۋايى بۇنى،
دەپتىرىگە تىرەن يازغانمىش شۇنى:

تېمۇرىيلەر دەۋرى تارىخقا كىرىپ،
قانخۇمار قىلىچلار يۇرت-يۇرتنى قىرىپ،
ئىزدەپ بوش تەختنى ۋە ياكى بۇلاپ،
ئۆزىچە شاھلىقنى شاھلىققا ئۇلاپ،
ئەگەشتۈرۈپ تۈمەن چېرىك، ئالىمنى،
ھۈنەرۋەن، تېرىقچى، كاتىپ، خانىمنى...
نەزىرگە ئايلاندۇرۇپ توينى، ئايەمنى،
كۆزلەپ بىر سەلتەنەت كەزدى ئالەمنى.
ئادەملەر ماكانىدىن ئەركسىز ئايرىلىپ،
شاھلارچۈن تىنچلىق سۇندى قايرىلىپ.
بىر يۇرتتىن يېڭىلسە يەنە يۇرت ئاتلاپ،
تولدۇرۇپ غەللىسىنى نەچچە مىڭ قاتلاپ،
نەدە تىكلەنسە گەر سەلتەنەتلىرى،
ماكان ئەتتى ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرى.

بوۋىسى نەۋايىنىڭ ئاشۇ يۈرۈشتە،
كەلگەن چىن ماچىندىن قىلسا سۈرۈشتە.
شۇندىن سوڭرە خىزمەت قىلىپ ئوردىدا،
كۈنلىرى ئاچ-زارلىقنىڭ تۇرۇپ سىرتىدا،
ئۇرغاچ ئىلىمسىزلىك بېشىغا پالتا،
قالمىغان خارلىنىپ بولمىسۇن قايدا.
دادىسى كىچىككىنە باخشى ئاتىلىپ،
جاھالەتكە ئۆتكۈر مىخ بوپ قادىلىپ،
ئىلىنىپ ئوردىدا نەزەرگە كاتتا،
سەبزىۋارغا④ ھاكىم بولغان ئۇ ھەتتا...
ئون ئىككىگە كىرگەن چېغى نەۋايى،
قارا يېتىملىككە چالدى ساپايى.
ھاكىمىنىڭ چېچەن، شائىر ئوغلىنى،
ئالدى شاھ ھېمايىسىگە بېرىپ سوۋغىنى.
ھۈسەيىن بايقاراغا ــ ساۋاقدىشىغا،
كىرىشتى ھەمدەم بولۇپ ئوردا ئىشىغا.
كۆپ ئۆتمەي ئوبۇلقاسىم بابۇر شاھ تۈگەپ،
چىقتى ئەبۇ سەئىد قازىنىپ شەرەپ.
بۇ چاغ ئون سەككىزدە شائىرنىڭ يېشى،
شۆھرەت مەقامىدا ئىدى كەچمىشى.
ئادالەتسىز چىقتى بۇ سۇلتان ئەجەب،
كەتتى تالان-تاراج، بۇزۇقلۇق ئەدەپ.
يەۋاتقان بولسىمۇ ئوردا ئېشىنى،
بىر خەتەرگە ئۇدۇل تۇتۇپ بېشىنى،
بولغاچ كۆڭلى ھامان خەلق تەرەپتە،
ئارامى تۇنجۇقۇپ قالدى سەلەپتە.
ئەلخۇمار قەلىمى بۇنى قامچىلاپ،
تۈزدى نەزمىلەردە ئىسيان قانچىلاپ.
زالىملىق سەيناسىدا كۆتۈرۈشۈپ جام،
ئىككى تاغىسىنى قىلىپ قەتلى ئام،
ئاتىسىدىن قالغان مىراس مۈلكىنى،
ئەيلەپ مۇسادىرە پۈتۈن شۇ كۈنى،
مېھرىسىز تەلەتىنى سۆرۈن ئەيلىدى،
ھىراتتىن سەمەرقەندكە سۈرگۈن ئەيلىدى.
قىساس قورغىنىدا تۇرۇپ ھامىنى،
دەپ نەۋايىنى ياۋنىڭ يامىنى،
ھۈسەيىن بايقاراغا بولغاچقا ئاداش،
ئۇ شۇدەم تەخت ئۈچۈن بولغاچ ئالدىراش،
تىكەننى يۇلغىنى ئىدى بۇ شاھنىڭ،
يېنىك بىر جازاسى بىلىپ گۇمراھنىڭ.

«بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس، بۇ مەينەت مەندە»،
بۇ ھېكمەت پىراكتىكا قىلدى ھەر تەندە.
چىققاندەك ئەتىياز قىشنىڭ كەينىدىن،
ھۆكمىنى ئالاركەن ھەركىم پەيلىدىن.
ئۆلۈپ بىر ئۇرۇشتا ئەبۇ سەئىدمۇ،
كەلدى بايقاراغا شاھلىق پەيتىمۇ.
بۇچاغ سەمەرقەندتە شائىر نەۋايى،
شىپا تېپىپ ئىلىم ئىزدەش دەۋايى،
ئەھمەت ھاجى بەگنىڭ مەھكىمىسىدە،
سەمەرقەند ھاكىمىنىڭ مەرھىمىتىدە،
كۆرۈپ بۇ شەھەرنىڭ باراۋىتىنى،
سۈمۈرۈپ ئادەمىيلىك ئادالىتىنى،
دىل يىپىغا تىنماي ئەقىل ئۆتكۈزۈپ،
شېئىرىيەت بەيگىسىدا باراتتى ئۈزۈپ.
ئىدى ئەھمەد ھاجىبەگ كاشغەرلىك،⑤
ھەقىقەتكە كۆيگەن، دىتلىق، جىگەرلىك.
كۆرۈپ يۇرتدىشىنى-يىلتىزدىشىنى،
مەردلىك، ساخاۋەتكە يايغان پېشىنى...

شۇ كۈنلەردە مەكتۇب كەلدى ھىراتتىن،
ئەھمەد ھاجىبەگكە بىر كۈن توساتتىن.
ھۈسەيىن بايقارا يازغان خەتلەردە:
بىلىسىز، بەك زۆرۈر شاھ ئۈچۈن گەردە.
بولسىدى ئەلىشىر مېنىڭ پۇت-قولۇم،
ئېچىلاتتى ئاپپاق ئوڭ-سولۇم، يولۇم...
نەۋايى بىلگەندە خەتنىڭ سىرىنى،
كەلتۈردى كۆز ئالدىغا شاھلار گىرىنى.
ئۇندا جىڭلىناتتى ھەقىقەت، پۇقرا،
تەقسىمات قىلىناتتى دەسلىپى توغرا.
كېيىن پادىشاھنىڭ ئويى بۆلۈنۈپ،
جاھان لەززىتىگە ئەس-يادى كۆنۈپ،
بولماي قالار ئىدى ئەل بىرلە كارى،
بۇزۇقلاردا بىخسىپ ئاجىزلار زارى.
ئوردىدا يۈرگەن شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە،
قۇلىقىدا ئىشىتىپ، كۆرۈپ كۆزىدە،
شاھۇ بەگ دېگەننى چۈشىنىپ، سېزىپ،
كەتكەن مايىللىقى چۇۋۇلۇپ، تېزىپ.

كۆپ سۆزلەپ بۇ ھەقتە ئەھمەد ھاجىبەگ
ئىزاھلاپ ھۈسەيىندىن مەلۇماتۇ تەگ
ئاخىر يولغا سالدى ھىرات شەھىرىگە،
تىلەپ دۆلەت ئۇنىڭ شامۇ سەھىرىگە.
بولسىمۇ ھۈسەيىن ئوردا ئىچىدە،
تۇتۇشقان بىر باخشىنى پىر كىچىكىدە.
يېشى نەۋايىدىن ئىدى ئۈچ ياش چوڭ،
بولغاچ تېمۇر نەسلى پېشانىسى ئوڭ.
يوللۇق سانىلاتتى شاھلىق تەختىگە،
تولۇق ئىگە ئىدى قىسمەت-بەختىگە...

ئىككى رەت سەمەرقەندكە كەلدى نەۋايى،
گاھ سۈرگۈن بولۇپ، گاھ پەنگە سەۋدايى.
تۇرغان ۋاقتى جەمئى ئون ئىككى يىلدەك،
ئەقلى قىلدەك كېلىپ، قايتتى بوپ پىلدەك...

قايتۇرۇپ مۇسادىرە قىلغان مۈلكىنى،
بېرىپ شاھ بېغىدىن بىر بۆلۈكىنى،
چىقىپ ئىقبالىغا سۇلتان ھۈسەيىن،
مۆھۈردار-تامغىچىلىققا ئەتكەندە تەيىن،
ئۆتكەچ يايلاقلاردا ئاساۋ-شاشلىقى،
كېلىپ ئۈستۈن ئۇنىڭ ساۋاقداشلىقى،
كۆڭلىنى چالغىتىپ شاھنىڭ دەۋىتى،
سۇ توختىتالماي سەۋەب-بانا سېۋىتى،
ئەلدە جاھالەتكە سالماقچۈن نۇقتا،
باغلىدى بېلىنى ھەق بىرلە پۇختا...
كېيىن ۋەزىرلىككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇ،
دۆلەتنى ئاسايىشقا ئەتتى قونالغۇ.
ھۈسەيىن بايقارا ئويلىغاندىن بەك،
پۇقرادا سۇلتانغا قالدۇرمىدى شەك...

ئاشۇنداق ئالدىراش كۈننىڭ بىرىدە،
كۆردى گۈلنى، قالدى ئىشىق چۆلىدە.
ۋىسال ئاشىقلىققا قىلىپ كەينىنى،
كۆرسەتتى نەۋايىغا ئازاب ئەينىنى.
سېلىكسە بىرەر قۇر دۆلەتنىڭ ئىشى،
قويۇپ شاھقا مۇشۇ ھەقتە بىر كىشى،
يايغاندا داستىخېنىنى كۈز ۋەتەندە،
قۇتلۇق تويغا تۇتۇش قىلاي دېگەندە،
قىسمەت چاقچىقىنى قىلدى بەك غەلەت،
تارىخ مۇھەببەتكە تېرىدى قەھەت...

تۈزۈپ ھېكايەتكە باشقىدىن سەپنى،
ئەمدى بايقارادىن ئاڭلايلى گەپنى:
خۇراساننىڭ شاھى تۇرۇپ ھۈسەيىن،
بوپ قالدى كۆڭلى بىر دەردكە خوجايىن.
شۇ كۈنى ئوۋدىمۇ ئويى چېچىلىپ،
باقمىدى ھېچكىمگە بىر رەت ئېچىلىپ.
قىمىلداپ كۆزىدە گۈلنىڭ قامىتى،
قانىغاندەك ياپياش بىر جاراھىتى،
ئالغاندەك غايىب قول ئۇنى يۈگەنلەپ،
چىقتى شادلىقىنى دەم-دەم كېپەنلەپ.
بۇرۇن چۆرىسىدە مەدھىيەچىلەر
قەسىدە ئوقۇيتتى قولىدا دەپتەر.
ئەمدى ئۇلارغىمۇ ئىنئامى ئېتىك،
قايتتى تۈزۈك ئوۋسىز ئوردىغا ئىتتىك.
ئەتىسى قوبۇل ۋاقتى قازى كالان،
بېقىپ پەرىشان شاھقا قالدى ھەيران.
دېدى شاھ: بېشىمغا چۈشتى بىر سەۋدا،
كۆزۈم مىدىرلايدۇيۇ، ۋۇجۇدۇم مۇردا.
يىمەي نان ئوۋدىن سوڭرە ئىچمىدىم سۇ،
كۆزۈم قان، يۈز ئۆرىدى مەندىن ئۇيقۇ...
بايان ئەيلەپ ئۇ كۈنكى ئىش، سەنەمنى،
دېدى: ئاغرىققا تاپقايسىز شىپا-ئەمنى.
شۇئان ئەسكە ئالدى قازى كالان،
ئۇ قاي مەھەللە، قىز قايسى جانان؟
تاپقاندا ئۆيىنى سالىھ موللامنىڭ،
ئاغزى تۇۋاقلاندى قازى كالاننىڭ.
دېدى قىز: ئىككى رەت بوغۇزلايدىغان
تۆگە ئەمەستۇرمەن ۋىجدانلىق بىر جان...
قازى يەتكۈزگەندە جاۋابنى شاھقا،
چاقىرىپ نەۋايىنى ئورداگاھقا،
ئىلتىجا قىلدى سۆزلەپ ئىشنى باشتىن:
قۇتقۇزۇڭ باشقا چۈشكەن ئۇشبۇ تاشتىن!؟
شۇ قىزنى كەلتۈرمىسەم ھەر نە قىلىپ،
نە شاھمەن؟  بىجا ئەيلەڭ پەرمان بىلىپ!...
تەپسىلى ئاڭلىغاندا شاھ گېپىنى،
تاپالماي بىر كەمگىچە ئوڭ سېپىنى،
توساتتىن تۈپتۈز بىر يول گۈمۈرۈلۈپ،
نەۋايى شۇ ئويمانغا سۈمۈرۈلۈپ؛
قاپاقتا ئىچىلمىگەن سۈيى تۇرۇپ،
كەتكەندەك تەشنالىقتا جېنى قۇرۇپ؛
تونۇش بىر بۇلاڭچىغا ئۇچرىغاندەك،
سۇلتانغا بېقىپ ھېچ ئىش ئۇقمىغاندەك،
شائىرنىڭ يۈرەكلىرى سۇغۇرۇلۇپ،
يول ئالدى ئويى قانغا يۇغۇرۇلۇپ:
سۇلتانغا بۇ ئىشىمنى دېگەن بولسام،
بالدۇرراق ئۆز غېمىمنى يىگەن بولسام...
ئاشىققا بارمۇ بۇندىن ئارتۇق ئۆلۈم؟
باش تارتىپ بارمىسامچۇ؟ ئايان كۆرۈم.
سانىلار شاھقا ئىسيان ئەمدى دېسەم،
گۈل ماڭا، مەن ھەم گۈلگە ئەمچى دېسەم...
نازۇكلۇق، جىمغۇرلۇقۇم بەختىمنى يەپ،
ئاھ، قىسمەت مات قىلدىغۇ ئەقلىمنى يەپ؟!...

شائىرنىڭ مەقسىتىنى سالىھ موللا
بىلگەندە، تۇرۇپ قالدى دېگەچ ئاللاھ...
گۈل ئىشتىپ ئىشنىڭ بېشى-ئاخىرىنى،
كۆرگەندەك بوسۇغىدا مازىرىنى،
ھېقىقداپ ئۇزاققىچە يىغلاپ كەتتى،
يىغىسى نەۋايىنى تىغلاپ كەتتى.
ساق تۇرۇپ ھەممە، ھازا ئېچىلغاندەك،
بولدى ئۆي ئاخرەتلىك تون پىچىلغاندەك...
نەۋايى دېدى: يادىن ئاجرىدى ئوق،
ئالدىدا شاھنىڭ ئوقنى قايتۇرماق يوق...
بۇ قىسمەت كەلگەچ بەكمۇ كۈتۈلمىگەن،
بىلىندى تەڭلەنگەندەك گۈلگە كېپەن.
يۈرىكى كۆزلىرىدىن ئېقىپ-ئېقىپ،
لاس بولدى كەتكەن كەبى جېنى چىقىپ.
ئەتە بىر كېلەمسىز يا، دېدى موللام،
نەۋايى ياندى، كۆڭلى توغرام-توغرام.

پۈتمىگەن يارىسىغا چىڭداپ يارا،
قاپسىلىپ جاراھەتلىك قورشاۋ ئارا،
كېچىچە دەملىۋېلىپ ياتىقىنى،
لىقلىدى ئاھ-زاردا ئوي سادىقىتى:
تاڭغىچە ئۆلۈۋالسا ئەگەردە گۈل،
يىل ئۆتۈپ بىراۋغا مىر بەرسە كۆڭۈل...
ياق! ئۇچاغ ئۆلۈكىمۇ پارا-پارە!...
كۆڭلىنى تىندۇرارمۇ مۇنۇ چارە:
تەڭ ئۆلسە چايغا سالغان ئوغا بىلەن،
ئەتىسى قالسا ئەل-يۇرت غوۋغا بىلەن.
دەردىچۈن، ئاھ، گۇناھسىز جاننى ئالماق،
راۋامۇ بۇنداق قاتىل بولۇپ قالماق؟
ئۇغۇ مەيلى، شائىر ئۆلسە ئەگەردە،
ئۆلەر خۇراساندا كاتتا سەركەردە!
نەۋايى تۇرسا دۆلەت، شاھ گۆھىرى،
مەرىپەت ئۈجمىسىنىڭ بال-نۆۋىرى؛
ئۆزىچۈن، دۆلەتچۈن بۇ بىر ئاھانەت،
ئۇ چاغ كىلونلىنار يەنە قاباھەت!...
كەتسىچۇ يىراقلارغا بىللە قېچىپ؟
تۇتۇلار... جازالىشار دارغا ئېسىپ...
ئادالاش ئۈچۈن شورنى پېشانىدىن،
قىسمەتنى ئازدۇرۇش خوپ نىشانىدىن.
ئەقلىگە ئاختۇرغانچە گۈل خەج-خىراج،
بىلىندى توغرىدەكلا بىرلا ئىلاج...

كېچىچە دەردلىرىگە كەلكۈن يېيىپ،
ئەتىسى كەلدى سولغۇن پۇتى تېيىپ.
نەۋايى قاپاقلىرى مونەك-مونەك،
گۈل كۆزى ــ سۈيى قۇرۇپ كەتكەن چۆنەك.
سېلىنىپ بىر شاھانە كۈيگە چۈشەك،
ھەسرەتلەر ئاشىقلىقنى ئەتتى تۆشەك.
دېدى گۈل بىر ئاش پىشىم ۋاقىت سوڭرە:
شەرتىم بار، كۆنمىسىڭىز ئېيتاي ئۆزرە.
نەۋايى كۆزىدە ياش، لىڭشىتتى باش،
گۈل ئاڭا بىر قەغەزنى دېدى سۇنغاچ:
مانا بۇ ئەمچى ئىسمى، ئۇنى تېپىڭ،
مەن ئۈچۈن بارغىنىڭىز ئاڭا ئېيتىڭ.
شەرتىم شۇ: بۇ نە دورا، سورىمايسىز،
بولمىسا مېنى تىرىك قورىغايسىز...
نەۋايى شۇ دۇكانغا ئۈندى تېزلا،
بۇ ئەمچى باشتا كۈلدى تۇيۇقسىزلا،
كەينىدىن كۆزلىرىدىن مارجان تەرگەچ،
ئىككى خىل ئەم-دورىنى قالدى بەرگەچ.
گۈل يىغلاپ ئولتۇراتتى كەلگىنىدە،
دېدى ھەم دورىلارنى بەرگىنىدە:
بۇنى سىز ئىچىۋېتىڭ، كۆرۈپ تۇراي،
بۇ مېنىڭ، قاراپ تۇرۇڭ گالغا ئۇراي...
ئاڭا يات بولمىسىمۇ دورىگەرلىك،
ئاق كۆڭلى ھەرىكىتىگە قىپ رەھبەرلىك،
كاللىسى ئاشىقلىققا مەھكۇم بولۇپ،
ھەر قانداق ئۆزگە ئويدىن مەھرۇم بولۇپ،
گۈل ئۈچۈن ھەر نە ئىشقا پىدا بولغاچ،
ساپ سۆيگۈ جەبرىسىگە رىزا بولغاچ،
نە ئىش بۇ، سەۋەبىنى سورىماستىن،
مەشۇقنىڭ ئارزۇسىنى تورىماستىن،
نەۋايى شۇئان تولۇق ئىچىپ بولدى،
گۈل كۆزى يەنە بىر رەت ياشقا تولدى...
دېدىكى: يەنە قىرىق كۈندىن كېيىن
پادىشاھ ئامانەتنى ئالسۇن مەندىن.
كۆنمىسە شاھ ئۈچۈن مەن بىر مەھشەرگاھ...
نەۋايى قايتتى دىلدا لىپلىق ئاھ-ۋاھ...

توي بولدى، شاھمۇ تۇردى ۋەدىسىدە،
ئوتتۇز بەش كۈن بولغاندا، سەبرىسىدە ــ
چاك پەيدا بولدى، ئاخىر تەخىر سولدى،
ئوۋ ئوۋلاپ ئازراق سەۋدا كەسمەك بولدى.
گۈلدىن خەت كەلدى مىرغا: چىقماڭ ئوۋغا،
بىر قېتىم دىدارىڭىز ئېتىڭ سوۋغا...
ياندۇردى پەرمانچىنى ئاغرىدىم، دەپ،
ئوۋ كۈنى ھەرەم تامان كەلدى پەملەپ.
گۈل دېدى: شۇ كۈن دورا ئىچكىنىڭىز ــ
بۇندىن سوڭ ئەرەنلىكتىن كەچكىنىڭىز.
ئىچكىنىم قىرىق كۈندە قىيناپ جېنىم ــ
ئۆلتۈرەي، پاك سۆيگۈنى ساقلاپ دېدىم...
كۆرگۈم يوق چۆرىڭىزدە ئۆزگە قىزنى،
ئۆزۈمگە راۋا دەيمەن پەقەت سىزنى...
مەن سىزنى، سىزمۇ مېنى تۇتالمىغان،
تۇتۇڭ تاۋۇتۇمنى، كۆرسۇن ئالامان.
ھەر جۈمە بامداتتىن شۇڭغىسا ئاپتاپ،
دۇئا قىلىپ قويۇڭ روھىمغا ئاتاپ...
بىلگەندە ئىش سىرىنى ئۆرە تۇرۇپ،
نەۋايى ئىچ-ئىچىدىن كەتتى قۇرۇپ.
شۇ چاغ سۇلتان ئۈنى كەلدى تالادىن،
كېنىزەكلەر مەڭدەپ ئۇشبۇ بالادىن،
ئىت يېمى قازىنىغا يوشۇرۇشتى،
شاھ كىردى، كۆڭلى شۈبھە بىلەن توشتى.
كۆزلىرىنىڭ ئالاق-جالاقلىشىدا،
مەھرەملەر تېنىگەچ قازان بېشىدا،
قانداق يەم ئەتتىڭ ئىتقا بۈگۈن، دېدى،
قازاننى ئاچتى، ئۇندا دوستى ئىدى...
بۇرۇلدى ئوردىغا شاھ ئەلەم بىلەن،
مىڭ تۈرلۈك ئۇزۇن-قىسقا قەدەم بىلەن.
ھېس قىلىپ شاھ ئالدىدا ئەجەب خورلۇق،
ئېتىلدى سىرتقا شائىر، پۇتى تورلۇق.
قەلەندەرخانىغا بېرىپ ئۇدۇللا،
تېگىشتى بىرىگە پەرەنجە، كۇلاھ.
ئويىدا شۇ ماڭغانچە ھەجگە بېرىپ،
ياشىماق بولدى ئۇندا تاكى قېرىپ...

كىرىپ شاھ ئوردىسىغا قىلدى غەزەپ:
نەۋايى ئاغرىق ئىدى، بۈگۈن ئەجەب؟...
نە بار گۈل ھۇجرىسى يېنىدا ئاڭا؟
نېچۈن ئىت قازىنى ئاڭا باشپاناھ؟
شاھقا يالغان سۆزلەش نە تۈرلۈك گۇناھ؟...
ئويلىدى زىندانغا سېلىشنى شۇڭا.
شۇندا كىرىپ كەلدى ئوماق سىڭلىسى،
سۈزۈلدى كۆزىدىن ئاچچىقنىڭ ئىسى.
ئۇققاندا غەزەپنىڭ تېگىنى ئەينەن،
چۈشەندى جېدەلنى بولغاچ ئۇ چېچەن.
قايسى كۈن تۆككەندە باغرىنى تولۇق،
بېقىپ گۈلگە ئۇزاق تىنغان بىر ئۇلۇغ.
بىلگەندە سىرىنى دورا ئىچىشنىڭ،
نەۋايى ئىشقىدا جاندىن كېچىشنىڭ؛
يۈرىكى نەچچە كۈن ئېگىز-پەس سېلىپ،
ئېيتقان تەھسىن گۈلنى پەرىشتە بىلىپ...

ئىشتكەندە سىڭلىسىدىن شۇلارنى بىر-بىر،
يۈرىكىدە بىر يەر ئېچىشىپ زىر-زىر،
كۆزلەپ شاھ شائىر بىلەن مۇڭداشماقنى،
ئەتىسى ئىزدەتتۈردى ھەممە ياقنى.
خەۋىرى كەلدى ئاخىر: دەرۋىش بولۇپ،
كەتكىنى مەككە تامان تەشۋىش بولۇپ.
ھۈسەيىن بايقارا بىر نامە پۈتۈپ،
ماڭدۇردى چاپارمەندىن سەللا ئۆتۈپ.
ئۆگۈنى تۆپىلىككە چىقىپ كۆردى:
ئالدىدا كېتىۋاتقان شائىر ئەردى.
ئايلىنىپ ئۆتۈپ يولدىن تۇردى مارلاپ،
نامەنى قويۇپ يولغا سەل-پەل پۇرلاپ.
نەۋايى كۆردى خەتنى، قالدى قېتىپ،
چاپارمەن سالام بەردى شۇئان چىقىپ.
شاھ سىزنى قايتۇرۇپ كەل دەرھال دېگەن،
كۆردىكى، شائىر پۇتى يېغىر، تىكەن.
پەرمانچە ئاپىرىمەن سىزنى يۈدۈپ،
پادىشاھ قالدى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ.
كۆرۈشتى شائىر-سۇلتان قۇچاقلىشىپ،
تۆكۈشتى دەردلىرىنى ھازا ئېچىپ...
بېكىندى شاھ ھەر ئىشنى تەرك ئېتىپ،
بىر كەمدە گۈل قازاسى كەلدى يېتىپ.
نەۋايى چەكتى ئىشىك، يەنە جىمجىت،
ئاخىرى شاھ ئىشىتكۈدەك ئېيتتى بېيىت:
سەرۋىنىڭ سايىسىدە سولدى گۈل، نېتمەك كېرەك؟..
سەرۋىدىن تاۋۇت ياساپ، گۈلدىن كېپەن ئەتمەك كېرەك.
ئېيتقانچە جاۋاب بېيىت چىقتى سۇلتان،
مېڭىشتى گۈل ھەرىمىن قىلىپ نىشان.
نەۋايى يادلاپ گۈلنى-مەبۇدىنى،
كۆتۈردى قەبرىگىچە تاۋۇتىنى.
شۇندىن سوڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈمەگىچە،
نەۋايى ۋەدىسىگە بولدى ئىگە... ⑥

        4. ئەلەم ۋە قەلەم

گۈل كەتتى ئاڭا پۈتمەس ھەسرەت قويۇپ،
دىلىغا ھېچكىم كۆرمەس تامغا ئويۇپ.
گەرچە ئات-نوپۇز، شۆھرەت، ھوقۇق قارام،
ھاياتنىڭ ئەڭ ھۇزۇرى ئاڭا ھارام.
سۆيگۈمۇ ۋە ياكى بۇ چىدىماسلىق؟
مەردلىكمۇ ۋە ياكى بۇ بىر ئىپلاسلىق؟
سىقىمداپ تەتۈر تەلەي كېسىمىنى،
ھاياتتىن ئالالمىسا نېسىۋىنى،
ۋىسالسىز قالسا دەردتە ئاشىق يىگىت،
نەدە بار يىگىتلىككە قويغان چېكىت؟
ئۆزى مەھرۇمنى تەڭ ھالاك قىلماق،
پىكرىنى ئۆزگىگىمۇ ماياك قىلماق،
كۆرمىگەن نە كىتابتا، نە بىر ئەلدە،
نەدىكى مەنتىقە بۇ نە ئەزەلدە؟...
نەۋايى ئويلىغانچە ئەقلى يەتمەي،
ئويىدىن گۈل قىلىقى نېرى كەتمەي،
تاپقاندا شۈكرانلىقتىن ئاخىر مەلھەم،
كۆرمىدى گۈلدىن بۇنى، شاھدىنمۇ ھەم.
يېزىلمىش پېشانەمگە شۇنداقمىدى؟
ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى شۇنداق، دېدى...

قۇرامى ئوتتۇز بەشتىن ئاتلىغاندا،
ئوي-پىكرى سىياسىدىن دادلىغاندا،
ئوردىدىن بىر يولىلا يېنىپ مەرى،
نە سۇلتان، نە ئەل ئىشى، ھەممە-بەرى،
بەك رەزىل، بەك مەززىسىز تۇيۇلاتتى،
كۆڭلىگە شېئىر ئىشقى قۇيۇلاتتى.
ھەر كۈنى پېشىندىن ئاشقان زامانلا،
شاھ مەيگە، ئىشرەتكە مەشغۇل ھامانلا.
ئوغۇل، ۋەزىرلىرى كېچە-كۈندۈز مەست،
شەھەرنى پېتىقلىغان پاسىق ھەۋەس.
نە ھالدا ئەل كۈنى، سورار كىشى يوق،
بەگلەرنىڭ زالىملىقتىن ئۆزگە ئىشى يوق.
تېخى چېقىشتۇرسا شائىرنى شاھقا،
دەپ سىزدىن ئۈستۈن چاغلار ئۆزىن بارگاھتا،
شۇئان قازى بىرلە ياساپ پەتىۋا،
بىلىپ چېقىمچىنى ئۇندىن ئەتىۋا،
نەۋايىدىن يىراق قىلىپ ھىراتنى،
بەردى «ئاستىرابادقا ھاكىم» دەپ ئاتنى.
ئاستىرابادقا⑦ ھاكىم بولغاندا دەسلەپ،
پاسىقلار نەۋايىنى ئاش بىلەن قەستلەپ،
سۈيىقەست ئۆز قېپىدا بولغىنىدا پاش،
يەنە ھەقنى ناھەق قىلدى خامتالاش.
ئىنىسى راست سۆزلەپ مەيدانغا چىقسا،
پىتنىچۈن پالۋانغا قىلىچنى تىقسا؟
نەلەردە قالدى ئەلچۈن ئاتىغانلىرى؟
خۇراسان، شاھنى دەپ يادىغانلىرى؟...
ئويلىسا ئەلەمنى مىنگەشكەن باشقا،
بولار كىرگەن كەبى نەچچە مىڭ ياشقا.
لەختە ئىچ باغرىنى تۆكسە قەلەمگە،
ئۇپتا⑧ ئېرىشكەندەك چۆلدە زەمزەمگە،
جېنىدا مەشرەپ ئويناپ بىر ئازادىلىك،
روھىغا قاچىلىنار لىپمۇلىق يىلىك.

نەۋايى كېتىۋاتسا ئويغا ئەسىر،
ئاڭلىدى دېيىشكەننى ئىككى ئەمىر:
تەڭداش يوق قولۇمدىكى بۇ قىلىچقا،
كېسىلەر نەچچە كاللا بىر چېپىشتا.
نەچچە كۈن ئېلىشسىمۇ بىسى يانماس،
كۆرگەنلەر گۇۋاھلىقتىن بەلكى تانماس.
سىنامدۇق؟ دېيىشى-دە، تۇرسا مۆكۈپ،
مەيدانغا ئەسىرلەرنى تىزىپ جۈپ-جۈپ،
ياپىرلەر!... دېگىنىچە چېپىپ راستلا،
ھەممىنى ئۆلتۈرگىلى قالدى تاسلا.
دومىلاپ مۈرىلەردىن ناھەق ئۇدا،
تۆت كاللا بولدى شۇئان تەندىن جۇدا...
نەۋايى كەلمىسە گەر ئېتىلغانچە،
كېسىلەر بولغاي كاللا يەنە قانچە؟
دەرغەزەپ قىياپەتتە ئەمىر-باشقا،
ئاپارسا شاھ ئالدىغا جازالاشقا،
ئىشىتكەندە ئىش-ۋەقەنىڭ جەريانىنى،
جاكارلاپ قويۇۋېتىش پەرمانىنى،
ئوردىدا نەۋايىنى مات قىلدى شاھ،
دەۋانى ئادالەتكە يات قىلدى شاھ.
ئۆتكەن ئاي تىنجىتىشتا ئەلنى ياۋدىن،
تىككەچ ئۇ جان چىققانمىش شاھ قورشاۋدىن.
ئەسىرلەر ئاڭا قارشى كۆتۈرگەچ تىغ،
مەيلىمىش ھەننىۋاسى ئۆلسە ئېرىغ.
جازاغا لايىقمەسمىش شۇڭا ئەمىر...
نەۋايى قايغىنىچە بېشى پىر-پىر،
ئۆيىگە باردى ئۇدۇل، يېتىپ قالدى،
لايغا ھەق بېشىچىلاپ پېتىپ قالدى.
چېرىكتە نە گۇناھ، گەپ ئاتاماندا،
چېرىك ــ ئوق، كىرىچ، يا ــ بۇيرۇق-كوماندا.
نامەردنىڭ ئىشىدۇر ئەسىرنى خورلاش،
ناداندۇر چېرىكلەر بەكلا ھەمدە ياش...
ئۇلارچە ئايرىلىپ كەتسە شاھ، ئەدىب،
بولسا بىر-بىرىگە ئەشەددى رەقىب؛
شائىرنىڭ نوپۇزى يىسە بىر سوققا،
شۇندا كۆمەچلىرى كۆمۈلسە چوغقا...
دېيىشتى يەنە: مىر بەك ئاتىكاچا،
ھېسابلار ئۇ خانلىققا ئۆزىن ئاچا.
ئاۋامدىن كۆپ سېلىقنى قىلغاچ بىكار،
خەزىنە بىر يوقلۇققا بولدى شىكار...
ئەرتە-كەچ بۇنداق سۆزنى ئاڭلاۋېرىپ،
دىلىغا بىر قىسمىلا شەيتان كىرىپ،
نەۋايى تەدبىر بەرسۇن ئادىل قانچە،
پادىشاھ ئېرەن قىلماس بولدى ئانچە...

ئوردا غەۋغاسىدىن يۇيۇپ قولىنى،
ئىلىم، ساخاۋەتكە تۈزلەپ يولىنى،
ھىراتنىڭ چېتىدىن بىر يەرنى سوراپ،
ئۇنى باغ-ۋارانغا، ئىلىمگە ئوراپ،
سوراپ يېتىم، ئاجىز-ئورۇق ھالىنى،
داۋام ئەتتى يالغۇز روزىغارىنى.
تۈنگە ھەمراھ بولۇپ سىزدى گۈل-ئاينى،
ئاي بىلەن قۇراشتۇرۇپ بىر قۇرۇلتاينى.
قىرانلىققا قەدەم باسقاندا يېشى،
تۈركچە تۆت دىۋانغا جۇغلاندى ئىشى.
فارىسى نەزمىلەر «دىۋان فانى» دەپ،
قالدى ئۇندىن ئۈلگە-نىشانە تىكلەپ.
شۇ زاماننىڭ ئىلىم تەرتىپى ئارا،
فارىسچە يازماقنى بىلەتتى ئەلا.
ساۋادى چىقاتتى ئاشۇ تىل بىلەن،
نەۋايى تۈركچە تىل ۋە دىل بىلەن،
ئەرەبى ھەسەلەست، فارىسى شېكەرەست ــ
دېسە، نەۋايى دەپ: تۈركىي ھۈنەرەست،
«خەمسە»نى تاماملاپ، بەش داستان پۈتۈپ،
قىممىتى چۈشمەيدىغان زامانلار ئۆتۈپ،
ھەيكىلىن تىكلىدى ئانا تىلىنىڭ،
يايدى شۆھرىتىنى تۈرك ئېلىنىڭ.
كەتمىسۇن دەپ قىسمەت يېلى ئۆچۈرۈپ،
تالاي كاتىپ ئۇندا دىۋان كۆچۈرۈپ،
مەدرىس-مەدرىسلەرگە تىزدى قانچىلاپ،
خۇراساننى ئېرپان، كىتابقا چىلاپ.

كۆزىنىڭ قارىچۇقىنى نەزمىلەر شوراپ،
ئىلھامى ئورۇقلىسا زېھنى ھەم خوراپ،
چالسا ئىشتىياقتا ئۇد، تەمبۇر، راۋاب،
ئىتمۇ جىم بولاتتى تۇرسا گەر قاۋاپ.
قەلەمگە پاتمىسا ھەسرەتلەر كەچتە،
مۇڭ بىلەن ئوت قالاپ دەردىگە دەردتە،
سازلاپ سازنى ئۆزى يازغان غەزەلگە،
ناۋا مۇقامىنى ياراتتى ئەلگە...

«خەمسە» سەپىرىگە ئاتلانغان چېغى،
شائىرغا جەڭگاھ بولغان خىلۋەت بېغى.
سىزىپ ئاشىق-مەشۇق سۈرەتلىرىنى،
قەلەمگە بۇلاق ئەيلەپ دۈۋەتلىرىنى،
بىر كەچتە ئۇلار بىلەن قۇرسا سۆھبەت،
دادلاپتۇ رەقىبلىرى توقۇپ تۆھمەت:
ئۇلۇغلاپ دىيانەتنى ئېغىزىدا،
پېتىقلاپ لېكىن پىنھان ئېتىزىدا،
نەۋايى بۇزۇقچىلىق قىلدى راسا!...
كۆرمەككە نەق مەيداننى سۇلتان بارسا:
ئىشىكنى ئېچىپ كىرسە تۇيدۇرماستىن،
كۆرۈپتۇ بىر پەرىگە سۆزلەپ راستتىن
نەۋايى كۆيدۈم-پىشتىم دەۋاتقۇدەك،
چىرمىشىپ كۆز يېشىنى يەۋاتقۇدەك...
تۇرغان قىز سىنچىلىسا سۈرەت ئىكەن،
ئاي يۈزلۈك، ئەۋرىشىم بەل، شۇنچە لېۋەن.
ئەۋجىگە چىقارماقچۈن ھېكايىنى،
نەۋايى سىزىپ تامغا بىر پەرىنى،
قىسسىنىڭ ئىچ-ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ،
قەلەمدە ھەر كۆڭۈلگە بارگاھ قۇرۇپ،
ئادەملىك قات-قېتىنى قازغان ئىكەن،
ئوڭنى ئوڭ، توڭنى توڭ دەپ يازغان ئىكەن...

خۇراسان ئېلىدە نەۋايى شۇكەم
ھۈسەيىن بايقاراغا بولۇپ ھەمدەم،
مۈلكىنى ئەل-يۇرتقا، دۆلەتكە ئاتاپ،
ساخاۋەت كۆكىدىن ياغدۇرغان ئاپتاپ:
ئاشقان ئەللىك تۆتتىن سالدۇرغان رابات،
دوزاخ ئازابلىرى ئەيلەنگەن بەربات.
شاھانە قازدۇرۇپ ئوتتۇز جايدا كۆل،
قىش-ياز ئاۋام ئۈچۈن تەڭلىگەن كۆڭۈل.
دەريا، ئۆستەڭلەرگە يىگىرمە كۆۋرۈك ــ
ياساپ، سەپەر ئۈچۈن تىكلىگەن تۈۋرۈك.
يەنە توققۇز ھاممام سېلىپ يۇرت-يۇرتقا،
ھەر كۈن تاماق بەرگەن مىسكىنگە مۇتقا...⑨

نەۋايى بولمىسىمۇ ھوقۇق ئىگىسى،
بىراق بايقارانىڭ ئىدى ئىچكىسى⑩.
ئەڭ تەس چىگىش ئەلگە كەلگەندە دەۋرەپ،
سۇلتان تەدبىر ئۈچۈن كېلەتتى ئىزدەپ.
يوقاپ ئوردا ئىشى، ئاداشلىق قېلىپ،
نەۋايى ئۆزىنى ئۆزىگە سېلىپ
تۇرغان كۈنلىرىدە يەتتى بىر خەۋەر:
شاھ ئىسياندىن سۈزۈپ كەلمەكتە زەپەر...
چىقماقچۈن جامائەت ئىستىقبالىغا،
نەۋايى ئاتلاندى شەھەر سىرتىغا.
ھۈسەيىن بايقارا كۆرۈنگەن چېغى،
ئېتىدىن چۈشۈپلا ماڭماي كۆپ تېخى،
يىقىلدى گۈپپىدە بېشى بىر قېيىپ،
تىنىقى ئۈچ كۈنلا ئىپار ھىد يېيىپ...

ئون ئالتىنچى ئەسىر تولۇپ بىر ياشقا،
ئۈچ كۈن ئاشقان چاغدا يەتتىغۇ قازا.
ئۆتكەچ يېگانىلىق، دەردلىك قىلمىشتا،
ئۆمرى تۈگەللەندى ئاران ئاتمىشتا.
كەتمەي ئۈچ كۈنگىچە شائىر ئۆيىدىن،
چەكسىز قىيالماسلىق تۆكۈپ كۈيىدىن،
قالدى شاھ، قالدى دۇنيا، قالدى خۇراسان،
نەۋايى داستان بولدى، داستان ئەلگە جان...


ئىزاھلار:
① ھىرات ــ تېمۇرىيلەر دەۋرىدىكى خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى، ھازىر ئافغانىستان تېرىتورىيەسىدە.
② تۇرسۇن قۇربان تۈركەش تۈزگەن: «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، 253-بەت.
③ مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان: «تارىخىي رەشىدى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى، 431-بەت.
④ سەبرىۋاز ــ خۇراسان دۆلىتىنىڭ بىر شەھىرى.
⑤ ئىمىن تۇرسۇن: «نەۋايى ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 11-بەت.
⑥ تۇرسۇن قۇربان تۈركەش تۈزگەن: «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، 333-بەت.
⑦ ئاستىراباد ــ خۇراسان دۆلىتىنىڭ ھىراتتىن يىراق شەھىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىران ئەزەربەيجانى بىلەن چېگرىداش ئىدى.
⑧ ئۇپ ــ دىمىق ئىسسىق.
⑨ئىمىن تۇرسۇن: «نەۋايى ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 52-بەت. تۇرسۇن قۇربان تۈركەش تۈزگەن: «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010-يىل 12-ئاي 1-نەشرى، 368-بەت.
⑩ ئىچكىسى ــ ئەڭ يېقىنى، مەسلىھەتچىسى.

2014-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە يېزىلدى، كورلا


«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 23:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-1-5 13:16:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داستانىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئەسىرىڭىزنى نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ شانلىق ھاياتىغا تىكلەنگەن ئابىدە دەپ قارىدىم. ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تېخىمۇ يۈكسەك پەرۋاز تىلەيمەن!!

ۋاقتى: 2015-1-5 13:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ داستانىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. شائىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-5 13:57:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوردقا كۆچۈرسەم ساپمۇ-ساق 47 بەت چىقتى ئۆمەرجان ئاكا، ھەقىقەتەن كۆپ ئىزدىنىپسىز، بۇ داستانىڭىز نەۋايى ھەققىدىكى يېڭى يىلدىكى يىرىك ئەسەرلەرنىڭ تۇنجىسى بولغۇدەك. مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېخمۇ چوڭ غەلبە ۋە شان-شەرەپ نىسىپ بولغاي!

ۋاقتى: 2015-1-5 18:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان، داستانىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىنى ۋە سىزنىڭ يېڭى يىلىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-1-5 19:08:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان ئاكا داستانىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ، سىزگە ئامەت يار بولسۇن!!

ۋاقتى: 2015-1-5 19:23:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇستاز ، مۇبارەك قەلىمىڭىز ئاستىدا پۈتۈپ چىققان داستانىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇدۇم.
تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-5 19:39:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن...

ۋاقتى: 2015-1-5 22:31:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق بوپتىكەن داستان-بولۇپمۇ يىرىك داستان ئوقۇمىغىلى...ھاردۇقۇم چىققاندەك بولۇپ قالدىم...ئاپتورغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-1-6 00:37:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

داستاننىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىلەن شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن ،

نەۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ  ھاياتىغا بېغىشلانغان ئابىدە خارەكتىرلىك بۇ داستان ئۇيغۇر شېئىرىيتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر يىرىك ئەسەر بولۇپ قالغۇسى .
شائىرنىڭ تېنىگە ئېسەنلىك،قەلىمىگە يۈكسەك پەللە تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-1-6 01:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھوي! قايتا - قايتا ئوقۇشقا  ئۈچ يېرىم سائەت ۋاقىت كەتتى. بۇ داستان ھەقىقەتەن ئىسىل چىقپتۇ. ياقتۇردۇم،
ئەسەرلىرىنىڭ  مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىغا  تىىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ۋاقتى: 2015-1-6 11:24:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داستاننى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم، تىل بۇلاقلىرىڭىزدىن كەۋسەرلەر ئۆزۈلمىگەي.

ۋاقتى: 2015-1-7 03:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا بىر ئەسەر بوپتۇ.
مۇشۇ ئەسەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغىنىغا بىر بىلەت تاشلايمەن.

ۋاقتى: 2015-1-7 22:34:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشقان قەلەمدىن سەرخىل دۇردانىلەر تۆكۈلىدىكەن. ئوقۇپ سۆيۈندۈم. مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-1-7 22:44:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داستان تولىمۇ ياخشى يېزىپىتۇ . داستاننىڭ نەتىجىگە ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش