ئىگىسى: kroran

كروران (ئىزگۈگە): مۇھەببەت ۋە نامەردلىك (داستان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-1-8 11:54:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كروراننىڭ «ناۋايى» ھەققىدىكى داستانىنى قايتا-قايتا ئىككى نۆۋەت سۆيىنىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . شائىرنىڭ تىلدىكى پاساھىتى ھەم  قەلەمدىكى كامالىتى مېنى ئىختىيارسىز ناۋايى دەۋرىگە باشلاپ كەتتى ...(قاچانمۇ كېلىپ بولارمەن ئۇ دەۋردىن ...)

مەنمۇ بۇ داستاننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلايمەن .  

2015 -يىلىدا :   شائىرنىڭ قەلىمىگە تېخىمۇ يۈكسەكلىك ،تېنىگە ساقلىق، بارلىق ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن !  شۇنداقلا يەنە بايىنغولىن قەلەمكەشلىرىنى يېتەكلەش ، ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتلەردىمۇ «بايراقدار»لىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ، بۇ ساھەدە كۆپلەپ ئىزباسارلارنىڭ سەپكە قېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىمەن !   مەن شائىرنىڭ تىرىشچان بالا شاگىرتى بولالمىساممۇ ، قىزغىن ئوقۇرمىنى ، قوللىغۇچىسى بولالايمەن .

ۋاقتى: 2015-1-8 17:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،ئەجىر بۇلاقلىرىڭىزدىن بالقىغان بۇ ئېسىل دۇردانىگە مۇبارەك بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەدەپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 17:13  


ۋاقتى: 2015-1-8 23:59:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ داستان ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.
بۇ داستاننىڭ قاتناشتۇرۇلغىنى «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»پائالىيىتىنىڭ شان-شۆھرىتىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈپتۇ.

ۋاقتى: 2015-1-9 10:34:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر  دوستۇم  ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن  كىروراننىڭ  يېڭى داستانىغا  مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-1-9 20:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە داستان ژانىرى بەلگىلىك سۇسلاش خەۋپىگە دۇچ كىلگەنىدى. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ئەپەندى شائىرلىق تاجىغا مۇناسىپ ھالدا ئۈشبۇ داستانى ئارقىلىق بۈگۈنكى ئۇيغۇر داستانچىلىقىمىزغا يېڭى خۇش پۇراق گۈلدەستە سوۋغا قىپتۇ. كۆپ تەشەككۈر. مەزكۇر داستان ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە يېڭى قىزغىنلىق ئېلىپ كەلگەي.

ۋاقتى: 2015-1-11 18:58:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.ق يوللىغان ۋاقتى  2015-01-09 20:43:32
بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە داستان ژانىرى بەلگىلىك سۇ

توغرا دەيسىز ئەخمەتجان قۋربان ئاكا...
مەن بۇ داستاننى خۇددى كلاسسىك ئەسەر ئوقۇغاندەك تۇيغۇدا ئوقۇپ چىقتىم..يېزىلىش ئۇسلۇبىمۇ كلاسسىكلارچە،شۇنچىلىك راۋان...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەپ،پارىس تىللىرى ئارىلاشمىغاچقىمۇ بەكلا چۈشىىشلىك...
ئاپتورنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇبارەكلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-1-11 20:40:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ داستان تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ،شۇنداق چۈشىنىشلىك،شائىر ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن  كىرورانغا  ئۇتۇق  تىلەيمەن

ۋاقتى: 2015-1-13 17:12:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالدى شاھ، قالدى دۇنيا، قالدى خۇراسان،
نەۋايى داستان بولدى، داستان ئەلگە جان...


بەك چىرايلىق مىسرالار...داستان تىلىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلاندىم، شائىرغا ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2015-1-17 03:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  باشقا داستانلارنى ئوقۇغان  لېكىن مۇنداق  ئىسىل داستاننى ئوقۇماپتىكەنمەن،تىلى راۋان مەزمۇنلۇق بەك پەيزى چىقىپتۇ

ۋاقتى: 2015-1-17 13:45:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ داستاننى مەن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى كۆپ قېتىملىق ئىچكى سەكرەشلەرنىڭ بىر قېتىملىىق نامايەندىسى دەپ قارايمەن. بەدىئى تەپەككۈرۈدىكى چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك مېنى تولىمۇ خۇش قىلدى. شائىرنىڭ تەپەككۈر ئېتىزلىغا يېشىل زىرائەت، تەسەۋۋر قۇشىغا سۇلماس قانات تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-17 21:57:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داستاننىڭ تىلى گۈزەل،يېقىشلىق...
مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-1-23 12:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    مەن «ئىزگۈ » مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرىگە قاتناشتۇرىلىۋاتقان بارلىق تېمىلارنى  تەپسىلى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن . ئاپتورلار بۇ پائالىيەتكە ھەقىقەتەن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋېتىپتۇ . يوللانغان ئەسەرلەر راستىنلا  بىر قەدەر سەۋىيىلىك ھەم جېنى بار ئەسەرلەركەن .

    بۇ پائالىيەتكە مەنمۇ قىزىقتىم . ئەمما ماۋۇ داستاننى يەنە بىر كۆرۈش بىلەن تەڭ نىيىتىمدىن ياندىم ...ئەڭ ياخشىسى بىز كۆرگۈچى ، ئوقۇپ ھوزۇرلانغۇچى ھەمدە مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرگە توردا بېلەت تاشلىغۇچى بولساق بولغۇدەك . كروران ئەپەندى بۇ داستانىدا خەلق ماقال تەمسىللىرىدىنمۇ بەك جايىدا پايدىلىنىپتۇ . جان -جانىۋار ، ئۇچار قۇشلارغىچە شۇنچىلىك جانلاندۇرۇپ يېزىپتۇ .  داستاندىن يەنە بىر قېتىم ھوزۇرلاندىم . شائىرنىڭ ئىجادىيىتىگە قۇت بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-1-23 13:22:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كرورەنگە ئالىي ئېھتىرام......!بەك ياخشى چېقىپتۇ.....سۆيۈندۈم....!

ۋاقتى: 2015-1-23 19:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كروران ئەپەندى قاتارلىق بىر نەچچە شائىرنىڭ ھەر بىر شېئىرىنى ئوقۇغاندا ھەم ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن ھەم ئىختىيارسىز ئويلىنىپ قالىمەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە، «تارىم» نىڭ قايسىبىر سانىدىن «ئايالىمنىڭ قولى» نى ئوقۇغاندا، «قىشتىن زېرىكىش» نى ئوقۇغاندا ھەم شۇنداق ھېسىياتتا بولغان ئىدىم. نەۋائى ھەزىرەتلىرىنىڭ ھايات سىرلىرىغا بېغىشلانغان بۇ داستاننى ئوقۇپ تۈگەتكەندە ئۇنىڭدىن ئۆتەراق ھاياجانلىنىپ قالدىم... «قىزلارنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق توپلام مەن تۇرۋاتقان كەنىتنىڭ قىرائەتخانىسىغا يېڭىدىن تارقىتىلغان كىتابلار قاتارىدا تارقىتىلىپتىكەن، مۇنبەردە بۇ كىتاپ توغرىسىدىكى خۇشخەۋەرنى كۆرگەن بولغاچقا، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتىم ھەم نەچچە كۈن ئىچىدە تولۇق ئوقۇپ تۈگىتىپ قويدۇم.
  شائىرنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-1-29 09:56:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر سادىر،ئە.ق ئەپەندى سەمىمىي ئىنكاس يىزىپتۇ،باشقىلار سىزنىڭ قازان بېشىدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەچكەئىغىز تەخسىكەشلىكىنى قىلىپتۇ،مەنچە  بۇ قىتىمقى بەيگىدە سىزدە چوڭ ئۈمىد يوق،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش