ئەدۇنىس شىئېرلىرىدىن
ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى
ئەدىنۇس، ئەسلى ئىسمى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور 1930-يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان.1956-يىلى لىۋانغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1980-يىللاردىن باشلاپ ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكىدا ئوقۇتۇش، يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بولغان. ئەدىنۇس مول ـ ھوسۇللۇق شائىر، مۇتەپەككۇر، ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى، ئۇ دۇنيادا بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرەپ شائىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ شىئېرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان ئاكتىپ تەشەببۇسى، ئەرەپ مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ئەرەپ مەدەنىيەت ساھەسىدە كەسكىن بەس ـ مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان ھەم چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە يىگىرمە ئىككى پارچە شىئېرلار توپلىمى ۋە مەدەنىيەت، ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت ئون نەچچە ئىلمىي كىتابى نەشر قىلىنغان. ئۇ «بىريۇسېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، تۈركىيە «ھېكمەت ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، ماكىدۇنىيە «ئالتۇن تاج شىئېرىيەت مۇكاپاتى»، فىرانسىيە «چەتئەل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» ۋە «چەتئەل كىتاپ مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ قىزغىن نامزاتلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە.
چىغىر يول
خىرە شېخىللاردا بار تەشۋىشنىڭ رەڭگى
يامراپ كەلگەن خىيالنىڭ رەڭگى.
كىمدۇر، زادى كىم
ئۆتكىنىدە بۇ يەردىن كۆيگەن؟
ئاياغلىرىم خۇشتار يالقۇنغا
خۇشتار ھۆرمەتكە؛
بارغىنىدا يىراقلارغا ئۇ
پەخىرلىنەر، ئىپتىخارلىنار.
چىغىر يولدىن سورىسام ھەر چاغ:
كېچىنىڭ يۈكى قاچان تۈگەر دەپ؟
قاچان تىلەكلىرىم بولۇپ ئىجاۋەت
يېتىپ مەنزىلگە
سۈرەرمەن دەپ ھالاۋەت؟
«شۇ يەردىن،باشلىنارمەن» دەپ
بەردى جاۋاپ چىغىر يول ماڭا.
چۈشكۈنلۈك
ئۈنسىز دۇنياغا قېتىلغان تىلىم
ياشايمەن ئوت بىلەن ۋابانىڭ ئارىسىدا.
ياشايمەن مىۋىلىك باغ بىلەن بوشلۇقتا
تۇنجى ئۈمىدسىزلىك ۋە شادلىق ئىچىدە،
ياشايمەن ھاۋا ــ
قارغىش تەككۈر دەرەخنىڭ ئىگىسى
ۋە مىۋە ئىگىسىنىڭ ئالدىدا.
ياشايمەن بۇلۇت ۋە ئۇچقۇنلار ئارىسىدا
ياشايمەن يۇغىناۋاتقان تاشنىڭ ئىچىدە
سىرلىقلىق، چۈشكۈنلۈك تارقىتىۋاتقان كىتاپ ئىچىدە.
كۈنلەرنى تاپشۇردۇم...
كۈنلەرنى تاپشۇردۇم ھاڭلارغا
تەختىمنىڭ تەكتىدە ئۆرلىسۇن، چۆكسۇن
قەبرەمنى كولايمەن كۆزۈمدە
شەيتانلارنىڭ خوجايىنى مەن
تاپشۇردۇم ئۆزلىرىگە شەيتانلارنى مەن
تۈنۈگۈن، تىلنى تاپشۇردۇم جىنلارغا
تارىخقا قاراپ تۇرىمەن يىغلاپ
يىغا ئاۋازى لەۋلەردىن چۈشەر ئالدىراپ
يىغلايمەن ۋەھىمىگە باققىنىمچە
ئۆپكەمدە كۆيمەكتە
يېشىل ۋەھىمە دەرىخى
مەن جىنلارنىڭ خوجايىنى
ئويغىتىمەن ئۇلارنى
قوغلايمەن قېنىم ھەم كانىيىم بىلەن
قۇياش بوز تورغايدۇر
سىرتمىقىمنى تاشلايمەن ئاڭا
شامال بولسا مېنىڭ تەلپىكىم
ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە...
دېڭىز شىئېر ئوقۇپ بەردى دەپ،
قوڭغۇراق سەدەپتە ئۇخلاپ قالدى دەپ،
ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.
ئەپسانىلەر مەرىكىسى
جىنلار تويىدا ناخشا ئېيتتىم دەپ،
ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.
تارىخنىڭ تۇمانلىق يامغۇرلىرىدا
ئارىلىقنىڭ قىزىل يالقۇنلىرىدا
بىر قەسىر، بىر روھ كۆردۈم دەپ
ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.
بارغاچقىمەن كۆزۈمدە ئۈزۈپ،
ھەممە نەرسە كۆزۈم تەكتىدە
مەنزىللەرگە قەدەم قويدى دەپ،
ئېيتقان ئىدىم سىلەرگە.
كېچە بىلەن كۈندۈز دەرىخى
كەلدىم كۈندۈزدىن ئاۋال،
يورىدىم كۈننى كۈندۈز سوراشتىن ئاۋال.
يۈرەر گۈل قاچىسى سايەم ئاستىدا،
دەرەخلەر ئارقامدىن كەلمەكتە يۈگرەپ.
خىياللار قورۇلماقتا يۈزلىرىمدە،
ئارال ۋە قەلئەلەر ساداسىز ــ
سۆزلەر سىلىيالماس ئىشىكلەرنى.
يورۇتىپ دوستلارنىڭ كېچىلىرىنى،
تاشلانسا دەملەر كارۋىتىمغا
تامچىلار كۆكسۈمدىن بۇلاقنىڭ سۈيى.
ئۇخلىغىنىدا يېشىنىپ كۈنلەر،
مەن ئويغىتىپ سۇنى، ئەينەكنى
كەتتىم ئۇيقىغا،
سۈرتكىنىمچە چۈشنىڭ يۈزىنى...
20-ئەسىرنىڭ ئەينىكى
تاۋۇتلار ياپقان بالىلارنىڭ يۈزىنى
كىتاپلار
يېزىلماقتا قاغىلارنىڭ ئۈچەيلىرىگە.
يىرتقۇچ گۈل تۇتۇپ كەلمەكتە مېڭىپ
قىيا تاشلار
سەۋدايىنىڭ ئۆپكىسىدە ئالىدۇ نەپەس
مانا بۇ
20-ئەسىر...
بالا
تارىخ دۆۋىلەكلىك نەرسە
ئاۋامنىڭ بىرلىكى قان،
كۈنلەر قەبرە،
يىللار، قايسى پىلانىتتىن
قايسى يول بىلەن چىقتى سۆكۈلۈپ؟
بالا كەتتى ئۇيقۇغا،
ئاڭلىغانچە ئوتنىڭ گېپىنى.
مۇلايىملىق يۈزىدە تامام
يالقۇن كىتابىدۇر شۇ تاپتا تېنى.
دېرىزە (پارچە)
يالاڭئاياغ، ئەگكىنىچە باش
شامال ئۆتتى قىز دېرىزىسىدىن
ئۇ كەلگەنمىكىن ھەسرەت ئېلىدىن؟
شۇ دەمدە
كېچە چىققىنىچە ئاسمان شوتىسىغا،
دېرىزەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ
رامكىلارنى تامام قورشىدى.
ۋاقىت دەرەخلىرىدىن تۆكۈلگەن
قوزۋاقلارنى يايغىنىمچە
ئوقار ئىدىم ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ تارىخىنى.
دېرىزە ــ
نە ئۈچۈن تارتىسەن زوقنى، مەيلىمنى،
دالىلارنى توي ـ بايرام بىلىپ
بۇلۇتلارنى سۆيگۈ كارۋىتى؟
دېرىزە ــ
سايىگە يۈزلەنگەن ئۇنىڭ بىر يۈزى،
بىرى بولسا قۇياشقا.
دېرىزە ــ
يۈرەك خوشلاشماقتا،
بىلەكلەر كۈتىۋالماقتا.
يىللار ــ
دېرىزىنىڭ باياۋانىدا
كارۋاندۇر ئەبەتكە كېلىپ ـ كېتەرگە
قانداق بىر يالقۇن
قايىل قىلار تىل سېركولىنى
تۇنجۇقۇپ تۇرغان مەڭگۈلۈك تامغا
مۆشۈك دېرىزىنى سىزماقتا...
ئاقار يۇلتۇزنىڭ رىۋايىتى (پارچە)
ئۇشبۇ دەملەر نەقەدەر گۈزەل،
تېنىمدىن ئوت ئالغان بىر تۇتام يالقۇن،
قەدىمى يانار تاغ ئېغىزىدىن ئۆرلەر.
تارىخ،
روشەنلىشەر ۋەھشى تىل بىلەن.
كۈندۈزنىڭ قولىغا
قوللىرىمنى ئۇزاتماق بولسام،
كېلەر يۈگرۈپ كېچىنىڭ قولى.
يەشمەك بولۇپ
تېنىمدىكى باغلاقنى،
دەملەرنىڭ بېلىگە
چېتىپ قويىمەن ئەبەدىيلىك جۆيلۈشنى.
شەھەر ــ
قاتمۇ ـ قات ئىشىك ۋە رۇجەك،
مارىشىپ يۈرسىمۇ كۈندۈزدە ھەردەم
قۇچاقلىشار قاراڭغۇدا ھەم
شەھەر ــ
كوچا كۆكرەكلىرىدە لۆمۈلدەيدۇ سۈت،
چىقىۋاتقىنى بولسا ئىسسىق قىزىل قان،
ئاسمان بولسا بۇ يەردە ئىدىش.
ياز (پارچە)
تىنىققىنە ياز كېچىسىدە
ئالقان ئىزلىرىمغا قاراپ
ئوقىۋاتسام يۇلتۇزلارنى.
ئىش تېرىپ بىر دوستۇم
يۇلتۇزلارغا قاراپ
ئوقىدى ئالقان ئىزلىرىنى.
باقماپتىمىز شۇ چاغدا سوراپ:
«ئىلمىي بولار قانداق ئوقۇساق؟».
سورىغىنىمىز
«قانداق ئوقۇش شىئېرغا يېقىن؟»
دوستۇم دەر:
«تەبىئەتتۇر شىئېر ئۇ دىگەن»
مەن دەيمەن:
«شىئېر تەبىئەت كىيىمىدىكى گۇڭگىلىقمىكىن»
ياز
تۇتۇپ دېڭىزنىڭ قولىنى،
ئۈگىتەر قۇم بىلەن كۆرۈشۈشنى.
ساھىللارنىڭ ھىدىدۇر ئازاپ،
يازدا دولقۇن كېلىشتىن ئاۋال.
چوڭقۇرلايسىز يازنىڭ ئىچىگە،
كۈزنى سۆزلەر بولسىڭىز ئەگەر.
قۇياش يالاڭاچ، ئىشىكىمدە تۇرار ئېزىلىپ،
ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئۇياتچان سايىسى،
قۇياشنىڭ كۆكرەكلىرىنى توساپ ئاۋارە.
ئېيتقىنا تېنىم
شۇ مىنۇتلاردا ئەسىرسەن كىمگە؟
ياز دەيدۇ:
ئازاپلانغىنىم ــ
بەزىلەر يۈرەرمىش سۆزلەپ
بىلمەيدۇ دەپ ھەسرەتنى باھار
ياز قۇياشى ئولتۇرىدۇ دەرەخ ئاستىدا
غۇر ـ غۇر شاماللاردىن تىلەپ سەدىقە
ــ ئەدىنۇسنىڭ خەنزۇچە «غېرىپلىقىم باغچىدۇر مېنىڭ» ناملىق شىئېرلار توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى
ـــ ئىلاۋە: كونا مۇنبەردىن يۆتكەپ كېلىندى.