سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ ئاۋازىغا يېقىشلىق تەبەسسۈم بىلەن چىرايلىق ئىما-ئىشارىلەر سىڭىشسە كۆڭۈلنى مەست قىلغىدەك دەرىجىدە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئاۋاز(ئەسەر) غا جانلىق ئوي-پىكىر بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۈر سىڭدۈرۈلسە خۇددى ئېچىلىپ تۇرغان گۈلدەك چىرايلىق تۇيۇلىدۇ. دېمەك، يۇقۇرقى شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسىگە مۇشۇنداق پاكىز بىر مەسئۇلىيەت سىڭدۈرۈلگەچكە، شۇنچىلىك تېتىملىق چىققان دەپ ئويلايمەن. ئەيبو ياقۇپنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىگە مۇشۇنداق كاتتا ئەمگەكلەر دائىم ھەمراھ بولسۇن!
|