كۆرۈش: 2592|ئىنكاس: 10

ئىزدىنش ئىچىدىكى ئىزگۈ قەدەملەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  988
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 150
تۆھپە : 4
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 01:47:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىزدىنىش ئىچىدىكى ئىزگۈ  قەدەملەر

يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم


تارىخىي رومان-تارىخ ئىلمى بىلەن بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ، ئۇ تارىخىي چىنىلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى ئورگانىڭ ھالدا بىرلەشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى. تارىخىي چىنلىق –تارىخنىڭ ئەسلىي قىياپىتى، بەدىئىي چىنلىق بولسا تارىخىي چىنلىقنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئوبرازلىق ئىنكاسى. تارىخىي رومان ئىجادىيتى،  يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس بولغان ئىجادىيەت يولىنى ھازىرلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم بولغان ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 20يىلدىن كۆپرەك ئىجادىيەت تارىخىغا ئىگە ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتى بۇ قىسقىغىغا ئىجادىيەت جەريانىدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىگە خاس مۇناسىپ رول ھازىرلاپ، ئىجادىيەت تەجىرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ يېڭىچە قەدەم بىلەن يېڭى مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۇردى. يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتى ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن ئۆز ئىجادىيەت مۇساپىسىنىڭ قىسقىلىقىغا قارىماي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەگرى- توقايلىقلارنى بىسىپ ئۆتتى. تارىخىي رومانلارنى دەۋىر  جەھەتتىن يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىنىڭ پەرىقلىقلىقى، ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ۋە ئىجادىيەت قارشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك  مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققان تەرەپلەر بىلەن  تۇلۇقلاشقا  تېگىشلىك دەپ قاراشقا بۇلىدىغان تەرەپلەرمۇ تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ كەلدى.
مېنىڭچە، يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنى  يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىلا،ئەمەس، بەلكى بۇگۇنكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنىڭ بىرى دىرىشكە بولىدۇ. دەل مۇشۇ نوقتا بىزنىڭ تەكشۇرۇپ تەتقىلىشىمىزغا تىگىشلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى. مەن بۇ ماقالەمدە يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى دەپ قارىغان بىر قانچە نوقتا ئۇستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن . يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنىڭ مۇۋاپپىقىيتىنى تۈۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرىۋىلشقا بولىدۇ.
   بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپپىقىيتى خەلق ئېغىز ئەدەبىيات جەۋھەرلىرىنى مەنبە قىلىپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىياتتىكى مەسەل، چۆچەك،داستان، قىسىسە، ئەپسانە، رىۋايەتلەردىكى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئىجابىي ۋارىسلىق قىلىپ يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىي رومان ئىجادىيتى ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. خەلق بارلىكى يەردە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بولىدۇ. گوركىي :« خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئەمگەكچى خەلىقنىڭ تارىخىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئېيتقىنىدەك  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئۇگىنىش نەتىجدە خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىياتى ھەم تارىخىي ئۇگىنىش. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىنى يازما ئەدەبىياتقا قىستۇرۇش بۇگۇنكى زامان ئەدىبىياتى ياكى ھازىرقى زامان رومانچىلىقى باشلانغاندىن كىيىن پەيدا بولغان ئەمەس. بۇ ئۆز تارىخمىزدا ئۆتكەن كىلاسسىكلىرىمىزدىن باشلاپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ۋارىسچانلىققا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىمىزنىڭ بىرى. ئېغىز ئەدەىبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەدەبىيات دەۋىرىمىزگە يىتىپ كىلىشى ۋە داۋاملىشىشىسدا كىلاسسىك ئەدەبىيات ئىجادى ۋارىسچانلىق رولىنى ئوينىغان. يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك داستانلىردىكى شېئىرىي ئىپادىلەش  ئۇسۇلى بىلەن بايان ئۇسۇلى ئۇنۇملۇك قوللىنىلىپ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادى رولىغا ۋارىسلىق قىلىندى.  مەسىلەن: «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» رومانىدىكى سىيىت نوچى داستانى،«رېھىمشاھ پەلۋان»رومانىدا بايان قىلىنغان كۆچ-كۆچ داستانى... قاتارلىقلار بۇنىڭ بىر مىسالى. «رېھىمھشاھ پەلۋان» رومانىدىكى رېھىنشاھ نىڭ تۇغۇلۇش جەريانى،«سەئىدخان» رومانىدىكى سەئىدخاننىڭ كىچىك ۋاختىدا يولدىن ئېزىپ قېلىشى، دۈشمەنلەرگە ئۇچراپ قىلىپ قاچالماي تۇرغاندا بىر ئەركەك كۆك بۆرىنىڭ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىشى ...دىگەنگە ئۇخشاش بايانلار «ئۇغۇرنامە» ئېپوسىدىكى، شۇنداقلا تۇر*كىي تىللىق مىللەتلەر ئېپۇسىدىكى قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىدىكى ۋەقەلىك بىلەن ئوخشاپ كىتىدۇ. بۇ تۇر*كىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوس قەھرىمانلىرى «ئۇغۇزنامە»،«دەدە قۇرقۇت»،«گۆر ئوغلى»... قاتارلىقلاربىلەن«سەئىدخان»، «رېھىمشاھ  پەلۋان»نى بىر-بىرگە باغلايدۇ. مېنىڭچە، بۇنى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى «يىلتىز ئىزدەش»،«ئەپسانىگە قايتىش» قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرىنى ئىجابىي يوسۇندا قۇبۇل قىلىپ ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ ئېستېتىك تۇيغۇسى بىلەن باغلاپ بەدىئيىلىككە كۆتۈرگەن. خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان، ئۇزاق ئۆتمۇشتىن بۇيان ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەپسانە- رىۋايەت ۋە قىسسە-چۆچەكلەرنىڭ ھاياتى كۈچىگە ئىگە دىتاللىرىنى بايان ئۇسۇلى بىلەن بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزدا جۈملىدىن يېڭى دەۋىر تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە ئىپادە قىلىشنى مەخسەت قىلغان.  بۇنى يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى بۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋرىمىز كىشىلىرنىڭ روھىي چاڭقىشىغا ۋە ھازىرقى دەۋر تۇرمۇشى ئىلىپ كەلگەن مەنىۋى كىرىزىسلارغا مەلھەم ئىزدىگەنلىكىنىڭ نەتىجسى دىرىشكە بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن،يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى تارىخى رومانلاردىكى قىز-ئوغۇللا، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت سيۇژىتى، كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرىمىزدىكى مۇھەببەت سيوژىتى بىلەن ئۆز-ئارا باغلىنىشچانلىققا ئىگە سيوژىت لىنيەسى شەكىللەندۇرگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا قىز-ئوغۇل، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت سيوژىتى روماندا ئاساسى لىنيە قىلىنغان. تارىخىي رومانلاردا رىئال ۋەقەلەرنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھەببەت مەزمۇن قىلىنغان داستانلارغا ئوخشاش، مۇھەببەت ئاساسىي ئوق لىنيەسى ئەسەر سيوژىتىنىڭ مەركىزىي قىلىنىپ، پۇتكۇل ئەسەر سيوژىتىنىڭ تۈگۈنى قىلىندۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا مۇھەببەت مەزمۇن قىلىنغان داستانلاردىن «غېرىب-سەنەم»، «پەرھات- شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»...قاتارلىق ئاز بىر قىسىم رىئاللىق ئۇستىگە قويولغان مۇھەببەت داستانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ توقۇلما قىلىپ يارتىلغانلىقىنى روشەن كۆرېۋىلىشقا بولىدۇ. لىكىن، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە بايان قىلىنىۋاتقان مۇھەببەت ۋەقەلىكلىرى رېئاللىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، تارىخىي رومانلاردىكى ۋەقەلەر قىز-ئوغۇل، ئەر-ئاياللار ئۇتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئاساس قىلىپ يۈز بىرىدۇ. ھەم بۇ كۆپ قىسىم تارىخىي رومانلارنىڭ مۇھىم قۇرۇلما ئالاھىدىلىگى ھىسابلىنىدۇ. ھەممىگە مەلۇم قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت پۇتۇن ئنسانىيەتكە ئورتاق بولغىنىدەك، مۇھەببەت سيوژىتى دونيا ئەدەبىياتىغا ئورتاق بولۇپلا قالماي ھەم مۇھىم سالماقنى ئىگەللايدۇ. ل.تولىستوينىڭ «ئىنسانلارنىڭ دوستلۇق بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئەسەرلەر ياكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ھېسياتىنى بىرلەشتۈرە لەيدىغان ئەسەرلەرلا سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق سەنئەت قوبۇل قىلنىدۇ، مەدھىيلىنىدۇ، تارىلىدۇ»دەپ ئېيتقىنىدەك يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدىكى قىز-يىگىتلەرنىڭ گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى تېراگىدىيلىك قىسمەتلەرگە تولغان تەقدىرى، پاك سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، ئۆزىنى قۇربان قىلىشى، گۈزەللىككە، ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشى ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقي گۈزەللىكنىڭ  قەدىرى- قىممىتىنى، پاك مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مېنىڭچە، بۇ مىللەت سزىقىدىن ھالىقغان،ئىرق،جنىسقىمۇ تەۋە بولمىغان، پۇتۇن ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ئىستېتىك گۈزەللىك. مەسىلەن: «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» رومانىدىكى ھەمراخان بىلەن مومىنئاخۇن؛«مەلىكە ئاماننىسا خېنىم» رومانىدىكى ئابدۇرىشىدخان بىلەن ئاماننىسا؛«تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار» رومانىدىكى ئالىمجان بىلەن چىمەنگۈل: «ئانايۇرت»رومانىدىكى نۇرى بىلەن پەرىخە؛ «سۇتۇق بۇغراخان» رومانىدىكى سۇتۇق بىلەن ئايدىڭ... قاتارلىق بىر جوپ قىز-ئۇغۇل ياكى ئەر-ئايال يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان سىيوژىتىنىڭ مەركىزى ھالقىسى سوپىتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، تارىخي ۋەقەلەر بولسا مۇشۇ بىر جوپ پىرسۇناژنىڭ مۇھەببەتلىشىش جەريانىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرلغان. مېنىڭچە، بۇ خىل سىيوژىت لىنيەسى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات داستانلىرىدىكى «غېرىب» بىلەن «سەنەم»؛ «پەرھات» بىلەن «شېرىن»؛«لەيلى» بىلەن «مەجنۇن»...قاتارلىق پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت  سىيوژىت بىلەن يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىي رومان ئىجادىيتىدىكى قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت سيوژىت لىنيەسىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى تارىخىي رومان ئىجادىيتىنى كىلاسسىك ئەدەبىيات بىلەن باغلىنىشچانلىققا ئىگە قىلىغان. بۇ خىل باغلىنىش مەيلى مەلۇم بىر تارىخىي دەۋىردىكى، مەلۇم ئىنقىلاپ ياكى سياسىي ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولسۇن ئوقۇرمەنلەرگە خۇددى مۇھەببەت داستانلىرىنى ئېيتپ بىرىۋاتقاندەك تەسىر بىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىش ئادىتىگە ماس بولغان سيوژىت لىنيەسىگە ئايلاندۇرۇلغان.
ئۇچىنچىدىن، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرنىڭ مۇۋاپىقىيتى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ماقال تەمسىللەرنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ رولىدىن ئۇنۇملىك پايدىلىنىشتا كۆرۈلىدۇ. ماكىسىم گوركىي يازغۇچىلارنىڭ خەلق ماقال-تەمسىللىرنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ بىزگە سۆزنى تېجەشنى،تىلنى پىششىق، پۇختا ۋە ئوبرازلىق قىلىشنى ناھايىتى ئوبدان ئۆگىتىدۇ». بىز تارىخىي رومانلارغا قارايدىغان بولساق ماكىسىم گوركىي ئېيتقاندەك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ خەلق ماقال- تەمسىللىرىنى توپلىغان،ئۆگەنگەن، ئۇنى دەل جايىدا توغرا ئىشلەتكەنلىگىنى ئېنىق كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. مېنىڭچە تارىخىي رومانلاردا ماقال-تەمسىللەرنى مۇۋاپىق ،دەل جايىدا قوللىنىش ئۇزۇن بايان ياكى دىئالوگلار بىلەنمۇ تۇلۇق ئېچىپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان پىكىر چوڭقۇرلۇقلىرىنى، ئاددىي، قىسقا، ئەمما خەلىققە چۈشۈنۈشلۈك، ناھايىتى تۇنۇشلۇق بولغان ئاددىي تىل بىلەن ئىپادە قىلىشتا ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە بولۇپ، رومان تىلىنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن، تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى خەلق ئېغىز ئەدىبىياتىمىزدىكى ماقال-تەمسىللەرنى يىغىپ ساقلاش تارىخىي رومان ئارقىلىق خەلىققە قايتۇرۇش، بۇگۇنكى دەۋىردىكى ئىستېتىك قىممىتىنى جادىر قىلدۇرۇش جەھەتتە ئىجادى رول ئوينىدى  دىرىشكە بولىدۇ.
    تۆتىنچىدىن، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرنىڭ مۇۋاپىقىيتىنى خوشنا ئەل ۋە خوشنا مىللەت تارىخىي رومانلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى قۇبۇل قىلىپ ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتى ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرغانلىقدا كۆرۈلىدۇ. ئانھېل راما (ئۇرۇگۋاي):« بارلىق بۈيۈك ئەدەبىي ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ئەنئەنە بىلەن چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئۇچرىشىش نوقتىسىدا تۇرغان بولىدۇ.» دەپ ئېيتقىنىدەك مېنىڭچە،يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخي رومان ئىجادىيتىمۇ قوشنا ئەل ئەدىبىياتنىڭ مەلۇم تەسىرىنى ئۆزىنىڭ  تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجادى قۇبۇل قىلدى. خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى«سۇ بويىدا»،«ئۇچ پادىشالىق ھەققىدە قىسسە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۇش»... قاتارلىق رومانلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەر چوڭ. بۇ مۇقەييەر ئاساستا ئۇيغۇرتارىخىي رومان ئىجادىيتىگىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. مەسىلەن: «سۇ بويىدا» رومانىدىكى 108پالۋاننىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى مىسال ئالساق پىرسۇناژلارنىڭ ھەممىسى مەيلى قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرمىسۇن يەككە ھالدا بايان قىلىنىپ ئاخىرىدا لىياڭشەن كۆلىگە جەم بولىدۇ. بۇ «جىمجىت جوڭغارىيە» ناملىق تىرىلوگىيەدىكى پىرسۇناژلارنىڭ باشتا يەككە سىيوژىت لىنيەسىدىن باشلىنىپ، ئاخىرى بىرىكىپ بىر سىيوژىت لىنيىسىگە ئايلانغىنغا ئوخشاش. تۇر*كىيە ئەدەبىياتىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كىرگەن  بىرقىسىم رومانلارنىڭ تەسىرىمۇ بىر قەدەرگەۋدىلىك بولدى. ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق» (1-2-قىسمى1985-يىلى، 3-4-يىلى،«چالىقۇش» (1982- يىلى ۋە 1989- يىلى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان). ئەرب ئەدەبىياتىدىن تەرجىمە قىلىنغان رومانلار ئىچىدە ئېھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ «يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا»، «رەزىل يۈرەك» قاتارلىق رومانلار، جۇرجى زەيداننىڭ «رامزاننىڭ ئون يەتتىسى»، «مىسىر قىزى»، «پەرغانە قىزى»... قاتارلىق تارىخىي رومانلارنىڭ ئىجادىيەت مۇۋاپپىقىيتىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجايىتىگە مەلۇم دەرىجىدە ئىجادى تەسىر كۆرسەتتى.
بەشىنچىدىن،ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنىڭ مۇۋاپپىقىيتى تارىخىي روماندا تەسىۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەر شۇ تارىخىي دەۋىر ئۇستىگە ئىنچىلىك بىلەن قويۇلغان بولغاچقا ئۆزىدە ئۆزىگە خاس بولغان بىر خىل تارىخىي مۇھىت،تارىخىي مەنزىرە پەيدا قىلىپ شۇ تارىخىي دەۋىرنىڭ بەدىئىي كارتىنىسىنى يۇرۇتۇپ بىرەلىدى. ل.تولىستوي: «يازغۇچىنىڭ ۋىجدانى ئۇنىڭ يازغان كىتابىدا»دەپ ئېيتقىنىدەك، ئاپتۇرلار ئەدەبىي ئىجادىيەتىنى ۋىجدانى ئىشى دەپ بىلىپ تارىخقا، خەلقىگە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ماكىسىزىملىق نوقتىئنەزەر ئارقىلىق شەيئىلەرنى كۆزىتىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق كۆز قاراش بىلەن تارىخىي ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلدى. ئۇلار گىرەلەشمە زىددىيەتلەرگە تويۇنغان تىپىك ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلىرى ئارقىلىق جانلىق، يارقىن بولغان سىيوژىت لىنيىسىنى يارىتپ ئۆزىگە خاس بولغان بىر-بىردىن پەرىقلىق ھالدىكى رومان ئىجادىيەت مەنزىرسىنى شەكىللەندۇردى. مەسىلەن: ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ«ئويغانغان زىمىن»، «ئىز»رومانى، پەرھادجىلاننىڭ «مەھمۇدقەشقىرى»، «جىمجىت  جوڭغارىيە» رومانى، زوردۇن سابىرنىڭ«ئانا يۇرت»،ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «تۈندىكى چاقماق»...قاتارلىق رومانلار ئوقۇرمەنلەرنى تەبىئىي ھالدا روماندىكى  تارىخىي مۇھىت ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ شۇ بەدىئىي مەنزىرلەرنى كۆرگەندەك، شۇ تارىخىتا بىرگە ياشاۋاتقاندەك، ئۆزى شاھىد بۇلىۋاتقاندەك تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.
ئالتىنچىدىن،تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىقنىڭ زىچ بىردەكلىگى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومان ئىجادىيتىنىڭ يەنى بىر مۇۋاپپىقىيتى. ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:« ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا  دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك». يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخي رومان ئىجادىيتى تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇش، پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۆزۈپ تەسۋىرلىگەن. كەڭ تارىخىي بىلىملەردىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىپ، ئەسەر ۋەقەلىكىگە، پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى بىرلەشتۇرۇپ، مىللەت ھەققىدە چوڭقۇر پىكىرلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. چىن بولغان تارىخىي ماتىرىياللار مەنبەسىنى بەدىئىي ئەدەبىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، رىئال تۇرمۇش ۋەقەلىكىنى ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈزەتكەن. چىنلىق بىلەن خاسلىق تۇيغۇسى بىر گەۋدىگە ئايلانغان بەدىئىي كۆچ بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى ئەدەبىيات كارتىنىسىغا باشلاپ كىرگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوقىغا خاس تەپەككۇر بوشلۇقى يارتىلغان. دوستويېۋىسكى:« بەدىئىي كۆچ چىنلىقتا ۋە ئۇنى يارىقىن ئەكىس ئەتتۈرۈشتە نامايان بولىدۇ. بەدىئيلىك ئەسەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدا، ئوبرازلىرىدا ئۆز پىكىرىنى شۇ دەرىجىدە يارقىن ئىپادە قىلىش قابىلىيتىدىكى،يازغۇچى يېزىۋىتىپ قانداق ئۇيلىغان بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇقۇۋىتىپ ئۇنى شۇنداق چۈشىنىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتقىنىدەك، تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق تارىخىي رومان ئىجادىيتىدىكى گەۋدىلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. مېنىڭچە، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ«ئويغانغان زىمىن»، «ئىز»رومانى، پەرھادجىلاننىڭ «مەھمۇدقەشقىرى»، «جىمجىت جوڭغارىيە» رومانى، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «تۈندىكى چاقماق»...قاتارلىق رومانلار بۇنىڭ مىسالى بۇلالايدۇ.  
يەتتىنچىدىن، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرنىڭ مۇۋاپپىقىيتى  رىئال تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئىچىدىن ئۆزىدە چىن بولغان بەدىئىي پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ چىقالىغان لىقىدا كۆرۈلىدۇ. پىرسۇناژلار ئوبرازى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن تارىخي چۇڭقۇرلۇقلىرى ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرچىنلىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.  ئېنگېلىس:« ئاساسىي پىرسۇناژ مۇئەييەن سىنىپىي خاھىشچانلىقنىڭ ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت-پائالىيەتلىرى نوقۇل ھالدا پەقەت شەخسىي ھەۋەس، مۇددىئانىلا چىقىش نوقتىسى قىلمايدۇ. بۇ ھەرىكەت- پائالىيەتلەر ئۇلارنىڭ مەنسۇپ بولغان تارىخىي ئېقىمىدىن كېلىپ چىقىدۇ» دەيدۇ. ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر تارىخي رومانلاردا ئاپتۇرلار تارىخ ھەقىقتىنى، ھاياتلىق پەلسەپىسىنى ۋە ئۆتكۈر پىكىر-كۆز قاراشلىرىنى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئوبرازلار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ، رىئال تارىخىي قەھرىمانلار پروتوتىپىنى كەڭ بەدىئىي زىمىن ئىچىگە قۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. بەدىئىي پىرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق يارتىلغان بۇلۇپ، مۇناسىپ ھالدىكى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش، پىسخىك ئادەت، مىجەز-خولۇققا ئىگە. ئۇلار روماندا ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆز خاراكتىر بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. رېپىن:« قەھرىمانلار نىڭ ھەممىسىنى ‹بىغۇبار سۇزۇك ئاسمان›دەك قىلىپ سۈرەتلىمەسلىك كېرەك. ئۇستا سەنئەتكارلار ئۆز قەلبىدە چوقۇنىدىغان قەھرىمانلىرىنى نۇرانە قىلىپ تەسۋىرلىمەستىن، بەلكى تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ قىياپىتى بۇيىچە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ‹سەت يېرى›ۋە ‹تارتۇق›لىرىنى يۇشۇرمايدۇ» دەپ ئېيتقىندەك، ئويغۇر تارىخىي  رومانلىردىكى باش قەھىرىمانلارمۇ ھەرگىز غايىۋى، سىھىرلىق ئادەملەر ئەمەس. ئۇلار ئۆزىگە خاس مۇھەببەت- نەپرەت، ئارتوقچىلىق-ئاجىزلىق، قەيسەر، باتۇرلۇق بىلەن بىرگە كالتا پەملىك، ئادىراڭغۇ لۇق، قىزىقىقانلىق، تېڭىرقاشدەڭ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىق  ۋە ئاجىزلىقلىرى زىچ گىرەلەشكەن. پىروفىسسۇر ئازاد سۇلتان خۇلاسىلاپ ئۆتكەندەك:« ‹ئىز›رومانىدىكى تۇمۇر خەلپە ھەمىشە دۈشمەنگە نەپرەت بىلەن كەڭ قوساقلىق، رەھىمسىزلىك بىلەن ئەپۇچانلىق،جەڭگۇۋارلىق بىلەن پاسسىپلىق،كۈرەشچانلىق بىلەن ئىلاھىي تەقدىرچىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاڭ، ئىككى خىل پۇزىتسىينىڭ تۇقۇنۇشى ئىچىدە تۇرىدۇ. مەسىلىلەرنى كۆزەتكەندە نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويغانلىقىنى غۇۋا سەزسىمۇ، بىراق ئېڭىدىكى تەقدىرچىلىك قارىشى باش كۆتۈرگەن ھامان مەغلۇبىيەتنىڭ ئوبېكتىپ ۋە سۇبېكتىپ سەۋەبلىرىنى قېزىشتىن دەرھال ۋاز كېچىپ،ھەممىنى تەقدىردىن، ئىرادىدىن كۆرۈپ،روھىي تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ. لېكىن، رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغاچقا، ئۇ بەرىبىر روھىي ئازابتىن، قايغۇدىن قۇتۇلالمايدۇ. قىسقىسى، ئۇ ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكۈدەك سەۋىيىگە ئىگە بولمىغاچقا، ئۆزىدىكى چەكلىمىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ كىتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ تراگېدىيلىك ئاقىۋىتى ئاخىرى قوزغىلاڭنىڭ تراگېدىيلىك ئاقىۋىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ». مېنىڭچە، شۇنىڭغا كىتابخانلار ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ۋە غەلبىسى ئۇچۇن خۇشال بۇلۇپ شادلىنىدۇ، مەدەتتە بولىدۇ. قايغۇسى ۋە پاجىئەسى ئۇچۇن ئازابلىنىدۇ ، نەپرەتلىنىدۇ.
      سەككىزىنچىدىن، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرنىڭ مۇۋاپپىقىيتىنى رىئالىزىم نىڭ چوڭقۇرلىقىدا يارتىلغان تېراگىدىيە گۈزەللىگىدىن  كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. تېراگىدىيە –  تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە گەۋدىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر تەرەپ. تارىخىي رومانلاردا رىئال تۇرمۇشتىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىرىنى ئەكىس- ئەتتۇرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ كىشىلەرنىڭ مەۋجۇد ئىجتىمائى رىئاللىقى ۋە ئۆز پىسخىك خاراكتىرى بىلەن ئارزو-ئىستەكلىرى ئارىسىدا كۆرۈلگەن زىدىيەتلىك توقۇنۇشلارمۇ مۇقەررەر گەۋىدىلنىدۇ. پىروفىسسور ئازاد سۇلتان ئېيتقاندەك:« ئاددىي كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى تۇرمۇش تەلىپى، گۇزەل ۋە نۇرمال ئارزۇسى تارىخنىڭ تەرەققىيات يۇلىنىشى بىلەن بىلەشسىلا، تارىخنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولالايدۇ. بۇنداق تراگېدىيىلەر  تارىخنىڭمۇ شۇنداق  مۇقەررەر تەلپى ھەر تۇرلۇك سوبىكتىپ شەرت-شارائىتلار چەكلىمىسى بىلەن ۋاقتىنچە ئىشقا ئاشمىغانلىقتىن پەيدا بولغان. بۇنداق تېراگىدىيە ئارزۇ-غايە بىلەن رىئاللىقنىڭ ماس كەلمەسلىكىدىن ئىبارەت مەڭگۇلۇك زىددىيەت كاتېگورىيسىگە مەنسۇپ بولغاچقا، تېراگىدىيە ھەمىشە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ. تېراگىدىيىدىن ئىبارەت ئىستېتىك كاتېگورىيەمۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىۋىرىدۇ». تراگېدىيدىن ئىبارەت ئىستىتىك كاتېگۇرىيە تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسان ئېڭىنىڭ مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ۋە تاكاممۇللاشقان. ئارىستۇتېل قەدىمقى گرېك تېراگىدىيلىرىدىن نەزىرىيەۋى خۇلاسە چىقىرىپ، قۇللار تېراگىدىينىڭ قەھرىمانلىرى بولالمايدىغانلىقى، پەقەت كومىدىيلىك قەھرىمانلار  بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. ئەدەبىياتنىڭ ئويغىنىش دەۋىرىدە بۇ ئەندىزە بۇزۇپ تاشلاندى. ۋېكتۇر ھيوگۇغا كەلگەندە، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى سىگان قىزى ئاسمىرادانى ئۆزىنىڭ مەشھۇر تراگېدىيلىك رومانى-« پارىژ دىكى بۈۋى مەريەم ئىبادەتخانىسى»نىڭ باش قەھرىمانى قىلىش ئارقىلىق كلاسسىزىمغا بۆسۈپ كىرگەن رومانتىرىملىق ئىدىيەۋى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن تەنقىدى رىئالىزىمچىلار باش قەھرىماننىڭ ئوينىغا ئېزىلگەن،جارلانغانلارنى قويۇپ، ئاددىي كىشىلەر تراگېدىيسىنى، ئائىلىۋى تراگېدىيلەرنى كۆپلەپ يازدى. ئۇيغۇر تراگېدىيە سەنئىتىدە قەدىمقى گرىك تراگېدىىلىرىدەك ئۇنداق ئېنىق بولۇنۇپ كەتمىسىمۇ، ئەڭ دەسلەپكى نەزمە ئەسەرلىرىدىن بولغان «ئىككى تىكىن ھېكايىسى» دىن باشلاپ، ئابدۇرىھىم نىزارى، مۇللا بىلال نازىمى قاتارلىقلارنىڭ «رابىيە- سەئدىن»، «نۇزۇگۇم» داستانلىرىدا باش قەھرىمانلارنىڭ مۇھەببەت ۋە قەھرىمانلىق تراگېدىيسى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەلۋەتتە تراگىدىيە ئېڭىمىزدىكى بىر بۆسۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ تراگېدىيە ئېڭى مۇقەررەر ئاساستا بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدە جۈملىدىن رىئال تارىخىي شەخىسلىرىمىزنىڭ تارىخي چىنلىق بىلەن «ئىز»،«ئويغانغان زىمىن»، «جاللات خېنىم»... قاتارلىق بىر قاتار تارىخىي رومان ئىجادىيتىمىزدىمۇ  رىئال تۇمۇشتىكى رىئال شەخسلەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن  ئەركىنلىك، ۋەتەنپەرۋەر لىك غايىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، نەتىجىدە ھەرخىل ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ سەۋەبلەر، تارىخىي چەكلىمىلەر،ئۆزلىرنىڭ خاراكتىرچەكلىمىسى تۇپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى پۇشايمىنى ۋەچېكى يوق ئازابلارنىڭ سەۋەبلىرى  ...قاتارلىق بىر قاتار تراگېدىيىلەرنى يازغۇچىلار رېئالىزىملىق ئىجادىيەت  ئۇسۇلىغا، رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا  ئوتتۇرىغا چىقاغان. گوركىي ئېيتقاندەك:« رېئالىزىم- ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ھايات -شارائىتلىرىنى بويالماستىن،چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىنىشىدۇ». مېنىڭچە، مىللىتىمىزنىڭ، ئەدەبلىرىمىز نىڭ تراگېدىيە ئېڭىدا ئېستېتك قاراشلىرى ۋە زوقلىنىش پىسخىكىسىدا ئۇزاق تارىخنىڭ ئىزناسى بار.بۇ خىل باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان تراگېدىيە ئېڭى دەل بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتى يېڭى دەۋىر تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى ھەم تراگېدىيە گۈزەللىكىنىڭ يېڭى  پەللىسىگە قەدەم باستى . ئېنگېلىس ئېيتقاندەك:«تىندىنسىيە ئالاھىدە كۆرسىتىلمەسلىكى، ئۇ كۆرۈنۈش ۋە سيۇژىتلار ئارقىلىق تەبىئىي ھالدا ئۆزلىكىدىن ئىپادىلنىشى كېرەك. يازغۇچىلارنىڭ نوقتىئىنەزەرى قانچە يوشۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى». تارىخىي رومانلىرىمىزدىكى پىرسۇناژلانىڭ  زىددىيەت تۇقۇنۇشلارى ئىچدە ئۆز خائىشى بويىچە ھەركەت قىلىشى،لىكىن ھەرخىل چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى ئۆزىدىن ھالقىپ كىتىلمەسلىكلىرى، ئاقىبەت ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تىپىك شارائىت ئىچىدىكى تۇرمۇش مۇقەررەلىكى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىشى، تارىخىي رومان يازغۇچىلىرنىڭ روشەن ئىدىۋىي خائىشىنىڭ،تۇرمۇش چىنلىقىغا سادىق بولۇش تەك رېئاللىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ، شۇنىڭدەڭ خېلىلا مۇكەممەللە شكەن تراگېدىيە ئېڭىنىڭ نامايەندىسى.
توققۇزىنچىدىن، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرنىڭ مۇۋاپپىقىيتى ـــ تارىخىي رومانلاردىكى تەكرار ئىجادىيەتنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرغان ئىسېتتىك بوشلۇقىدا كۆرۈلىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ. تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىدىن يۇشۇرۇن ئىشارەت بىرىدۇ.جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەرقايىسى تەرەپلىرىنى ئەكىس– ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جەمىئيەتنى، تۇرمۇشنى تۇنۇتۇش خاراكتىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇچىڭبىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيىسى ئۇقۇشلۇقى» دىگەن كىتابىدا شەرىھىلەپ ئۆتكەندەك:« ئەدەبىي ئەسەر تۇنۇتۇش خۇسۇسىيتىدىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسلىق مەدىنىيەت خاراكتىرىگە ئىگە بۇلىدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي ئەسەر ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۇنۇتۇش قىممىتى» ئوقۇرمەنلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. تۇنۇتۇش قىمىتى دىگىنىمىزدە، ئەدەبىياتنىڭ جانلىق بەدىئى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى زىددىيەتنى تۇنۇتۇش ۋە تۇرمۇشنى چۈشۈنۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش خۇسۇسىيتىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە، تارىخي رومان ئىجادىيتىدىمۇ ئۇقۇرمەن سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھالقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش پائالىيىتى بولمايدىكەن تارىخي روماننىڭ قىممىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەر يېزىلىپ، كىتاپخان تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئاندىن ھەقىقىي ھاياتى كۈچىگە ئىگە بۇلىدۇ. كىتابخان ئەسەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، ئەسەر يەنە بىر قىتىملىق«تەكرار ئىجادىيەت»باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئەسەردىكى ئۇبرازلار كىتاپخاننى ئۆزى بىلەن بىللە ئالاھىدە كونكىرىت مۇھىتقا باشلاپ كىرىدۇ. كىتابخانمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى ھىسياتى ۋە تۇرمۇش تەجىرىبىسىگە ئاساسەن، ئەسەردىكى ئوبرازلارنىڭ مەزمۇننى بىيتىدۇ ۋە تۇلۇقلايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىستىتىك قىممىتىمۇ مانا مۇشۇ باسقۇچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ بۇ ھەم ئىجادىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. تارىخي رومانلارمۇ ئەدەبىي ئەسەر بولۇش سۇپىتى بىلەن ئەدەبىي  ئىجادىيەت باسقۇچلىرىدا «تەكرار ئىجادىيەت» باسقۇچىدىن مۇستەسنا ئەمەس. يەنە بىر تەرىپتىن، تارىخىي رومانلارنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ مانا مۇشۇ باسقۇچتا ئەمەلگە ئاشىدۇ. يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىمىز مەنا چوڭقۇرلىقى بىلەن كىتابخانلارنى قايتا تەپەككۈرغا تەشكىللىيەلىگەن. تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىمىز  ئىجادىيەت جەريانىدا مەزمۇننى كىتابخانغا بىرۋاستە تاپشۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەسەر ئىدىيىسى بىلەن كىتابخان ئارىلىقىدا مۇئەييەن ئارىلىق شەكىللەندۇرۇپ كىتابخاننىڭ تارىخىي روماننىڭ مەزمۇن قاتلىمى ھەققىدە ئەركىن ئىزدىنىشى ئۇچۇن يەنە يىتەرلىك بوشلىق قالدۇرلغان. بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلارنى تارىخىي رومان ئىچىدىكى يۈكسەك بولغان بەدىئىي  دۇنياغا باشلاپ، رىئاللىقنىڭ بۇ بەدىئىي دۇنيادىكى ئىزنالىرىنى ئىزدەپ تېپىشقا، بىرۋاستە كۆرۈشكە، چۈشۈنىشكە، يىتەكلىگەن.
دۇشۇيىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيسى»دىگەن كىتابىدا ئېيتقاندەك:«تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى ئوقۇرمەنلەرگە تەمىنلىگەن ئەسەر تېكىستىتە،دائىم بىۋاستە،چەكلىك ھەم تۇلۇقسىز بولغان تەرەپلەر ھەمىشە ۋاستىلىك چەكسىزلىك ھەم نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىيىنكى تەرەپلەر،ئەدەبىي ئەسەر ئىچىدىكى ئاق ۋە بىكىتىلمىگەن نوقتىلار بۇلۇپ، بۇ نوقتىلارنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ تەكرار ئىجادىيتى ئارقىلىق تۇلۇقلايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان- چىقمقغانلىقىدا، ئۇنىڭ ئۇقۇرمەنلىرىنى مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئىجادىيەت بوشلۇقى بىكەن تەمىنلىيەلىگەن- تەمىنلىيەلمىگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ قانچىلىك كەڭلىكتىكى ئىجادىيەت بوشلۇقى ئىكەنلىكىگە قارىلىدۇ». ئادەتتە ئوقۇرمەن بىلەن ئەسەر ئۇچىرىشىپ،ئۇنى ئوقۇشقا باشلىغان يەنى تېكىسىت ئىچىگە كىرىپ سۆز مەنىسى بىلەن ئۇچىرىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئاكتىپ ئىجادىيەت قىلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي تىل بىر خىل سەنئەت بەلگىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ مەنىلىك ھەم غۇۋالىققا ئىگە بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ مۇئەييەن ئىستىتىك چۈشەنچىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ خىلمۇ-خىل مەنىلىرىنى ئىگەللەيدۇ». دىمەك،تارىخىي رومانلاردا يازغۇچىلار سۆز مەنىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە غۇۋالىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئەسىرىدە ئوقۇرمەنلەر تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن بوشلۇقلارنى قالدۇرىدۇ. دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:« ئەدەبىي ئىجادىيەت يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ بۇ خىل ئورتاق ئىجادىيىتى نەتىجىسىدىلا تۇلۇق ئاخىرلىشىدۇ،شۇنداقلا بۇنى تۈگىمەس جەريان دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.چۇنكى، يازغۇچى مەلۇم بىر روماننى يېزىپ جەمىيەتكە ئېلان قىلغاندىن كىيىن،قانچىلىك ئوقۇرمەن ئوقۇپ چىققان بولسا، شۈنچە ئوقۇرمەننىڭ ئىجادىيتىدىن ئۆتىدۇ؛قانچە قىتىم ئوقۇلسا، شۇنچەقېتىم ئىجاد قىلنىدۇ؛ قانچە دەۋىرىدە، قانچە مىللەت كىشىلىرى ئوقۇپ چىققان بولسا شۇنچىلىك دەۋىر ۋە مىللەت كىشىلىرى ئىچىدە قايتا ئىجادىيەتتىن ئۆتىدۇ. ئەسەرنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىش ۋە ئوقۇلۇشى جەريانى،ئەسەر ھاياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىنىش ۋە كۆپىيىش جەريانى دىيىشكە بولىدۇ».مېنىڭچە، يېڭى دەۋىر تارىخىي رومانلىرىمۇ ئۆزىنىڭ بەدىئىي قىمىتى، مەزمۇن چوڭقۇرلىقى،مەنا كەڭلىگى،تارىخىي چىنلىق ۋە بەدىئىي كۈچ،ئىستېتىك گۈزەللىك قاتارلىق تەرەپلەردىن  ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ،ھەرخىل قاراشتىكى، ھەرخىل كىشلەر توپى ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى ھەم يارىتىپ كىلىۋاتىدۇ.
يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان نۇرغۇن بوش نوقتىلار ئۈچراپ تۇرىدۇ. تارىخىي روماندىكى سىموۋۇللۇق سۆزلەر سىموۋۇللۇق ئوبرازلار نىڭ كۆپ قوللىنىشى تارىخىي رومانلارنىڭ لىرىكا پۇرىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستىك قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا ئەسەر مەزمۇنىنىڭ مەنا كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كىڭەيتىدۇ. مېنىڭچە، سموۋۇللۇق ئوبرازلارنىڭ كۆپ قوللىنىشى ئەمىلىيەتتە دەل تارىخىي رومان يازغۇچىلىرنىڭ مۇشۇ خىل ئىھتىياجنى چىقىش قىلغان مەقسەتلىك تاللىشى بۇلۇپ، بۇ سىموۋۇللۇق ئوبرازلار ئەسەرنىڭ شېئىرىي تۈسىنى قۇيۇقلىتىش بىلەن بىللە مۇھىمى، تېخىمۇ كۆپ خىل مەنا چوڭقۇرلىققا ئىگە. مەنا جەھەتتىكى بۇ خىل كۆپ خىللىق ۋە چوڭقۇرلۇق ھەرخىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشىمىغان تەپەككۇر ۋە تەسەۋۇر بوشلۇقىغا باشلىغان ۋە تارىخىي رومانلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. تىپىك بولغان تارىخىي رومانلاردىن «ئىز»،« ئويغانغان زىمىن»، «ئانايۇرت»... قاتارلىقلارنى مىسال ئالساق،يازغۇچى «ئىز»،«ئويغانغان زىمىن»،«ئانا يۇرت»... قاتارلىق سۆزلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا قاتلىمىنى يازغۇچىلار توغرىدىن-توغرا ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، پەقەت بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلەرگە رىئال ۋەقەلىكلەر ئىچىدىكى رىئال پىرسۇناژلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى،كەچۇرمۇشلىرى، ئىچىكى ھېسياتى ۋە روھىي دۇنياسىنى تاپشۇرۇش ئارقىلىقلا، ئوقۇرمەنلەرنى  «ئىز»،«ئويغانغان زىمىن»،«ئانا يۇرت» ...قاتارلىق سۆزلەرنىڭ كۆپ قاتلامىلق مەنا چوڭقۇرلىقىغا باشلاپ بەدىئىي تەپەككۇر بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىخىي رومانلاردا يارتىلغان سىمىۋۇللۇق ئوبرازلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا قاتلامىلىرىنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىغانلىقىنى يازغۇچىلار ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، بەلكى كىتابخانىنىڭ ئۆز تەپەككۈرىغا تاشلىغان.
دىمەك، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا كىتابخانلار ئۈچۈن ئۆزىگە قالدۇرۇلغان بۇ خىل «تەكرار ئىجادىيەت» بوشلۇقى يىتەرلىك ئوچرايدۇ. تارىخىي  رومان ئوقۇرمەنلىرى ئۇچۇن ئۇنى ئەسەر تېكىسىتىدىن ئايرىلمىغان ھالدا قانداق تەسەۋۋۇر قىلىش ئۆزىنىڭ ئىشى، يازغۇچىلار ئۇنىڭغا ئايرىلاشمايدۇ. بۇ بوش ئورۇن ئەسلىدىلا ئوقۇرمەننىڭ تولدۇرىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان. دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«بەدىئي كەڭلىككە ئىگە ھەر قانداق  بىر ياخشى ئەسەر ئون ئوقۇرمەنگە ئون خىل چۈشەنچە بىرىشى مۇمكىن.لىكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسىدىكى پەرىق قانچە كۆپ بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، پەقەت نۇرمال ئوقۇش ۋە نۇرمال قۇبۇل قىلىشلا بۇلىدىكەن ئوقۇرمەن ئوقۇپ چىققان مەزمۇن چوقۇم ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىمايدۇ. چۈنكى يازغۇچى ئىجاد قىلغان ئەدەبىي تېكىسىت ئۆزگەرمەس نەرسە ئوقۇرمەننىڭ تەكرار ئىجادىيتى بولسا ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ سانسىز قىتىملاپ بىرىكىشى يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ سانسىز قىتىملاپ قوشۇلىشىدىن كىيىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاندىن رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ».مېىنىڭچە، مەزكۇر ماقالىمىزدە تارىخىي رومانلار ئۇستىدە توختىلىشىمىزمۇ ماھىيەتتە، تارىخىي رومان يازغۇچىلارىنىڭ ھەرقايسى ئەسەرلىرىگە بولغان تەكرار ئىجادىيەتنىڭ نەتىجسى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇمۇ بىرخىل تەكرار ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تارىخىي رومانلارغا  بولغان تەكرار ئىجادىيەت بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. تارىخىي رومانلىرىمىز ئۆزىدىكى كەڭرى مەنا بوشلۇقى بىلەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەرقايسى دەۋىرلەرگىچە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكرار ئىجادىيتى بىلەن بىرلىشىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ھاياتى كۈچى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. ئەگەر تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىمىز ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىلەرنى ئوقۇرمەننىڭ چۈشىنەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئارتۇقتىن-ئاتۇق ئىزاھات ۋە ئىستىلىستىكىسى يوق ئۇدۇل تىل بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسا،تارىخىي رومانلار مەڭگۇ بۇ يۈكسەكلىككە يىتەلمىگەن ۋە بۇ خىل تەكرار ئىجادىيەت قىممىتىنى يارىتالمىغان بولاتتى.
مەن بۇ ماقالەمدە ئۆزەمنىڭ يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىنىڭ قىسقىغىنا تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇۋاپپىقىيەتى دەپ قارىغان گەۋدىلىك تەرەپلەر ئۇستىدە، ئازغىنە مىساللاربىلەن ئويلىغانلىرىمنى ئابىستىراكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇم. ئىگەللىگەن يۈزەكى بىلىم قۇرۇلمام بىلەن ئۇشۇقچە كۆپتۇرۇپ قويۇلغان ياكى چوڭقۇرلاپ يىتەلمىگەن تەرەپلەر ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ، يازغۇچى-ئۇستازلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەنقىدى پىكىرىدە بۇلۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن.   
» بۇ ماقالەمنى  تۇرپان » ئەدىبىي ژورنىلىنىڭ 2011.2سانىدا  ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ ، تۇرداشلار بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىىشنى مەخسەت قىلىپ يۇللىدىم.

پايدىلانمىلار:
①يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تارىخىي رومانلار.
②ئازات سۇلتان:«بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات توغرىسسدا» ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997-يىل 4-ئاي،1-نەشىرى.
③ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي.
④دۇچىڭبڭ:«ئەدىبىيات نەزىررىسى ئۇقۇشلۇقى»، ئالىي مائارەپ نەشىيىات 1999-يىل، (خەنزۇچە)
⑤دۇشۇچىڭ:« ئەدىبىيات نەزىرىسى»، خەلىق ئەدەبىيات نەزىرىياتى 2001-يىل،(خەنزۇخە)











روزى سايىتنىڭ  ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخى توغرىسىدا

يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20نەچچە يىللىق ئەدىبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتىدا ئەدەبىي-ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلى كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ،كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.ئەدەبىي ژانىرلارتۇلۇقلىنىپ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللىشىپ، تىما دائىرسى كېڭەيدى.مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتى، ئىدىيسى كۈچەيدى،بەدىئي سەۋىيىسى ئۆستى.شۇ سەۋەبتىن بۇ دەۋىر ئەدەبىياتى ئۆزىدىن ئىلگىركى دەۋىرئەدىبىياتىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ چىقىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋىرنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى. يازغۇچى-شائىرلار قوشۇنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، تارىختىكى زۇر ئەدىبىيات قوشۇنغا ئايلاندى.ئەسەرلەرنىڭ سانىمۇ زۇر دەرىجىدە كۆپەيدى.ئەسەرلەر ئىچىدەمۇھىم ،ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ئاشتى. نۇرغۇنلىغان يازغۇچى- شائىرلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەرخىل تېمىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازدى.ھەتتا بەزىلىرى تىما جەھەتتە خاسلىققا يۇزلىنىپ،تېما خاسلىقى ئارقىلىق شۇ تېمىنى چۇڭقۇرلۇققا يەتكۆزۇش ئۈچۇن تىرشىپ، ئۆز ئىجادىيىتدە زور ئۇتۇقلارغا  ئېرىشتى.
جۈملىدىن «دىھقانلار شائىرى» دەپ ئاتالغان (مەرھۇم شائىر‹ 1944_2001.9 ›) روزى سايىتنىڭ  يىڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدا قۇلغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرى دەل بۇنىڭ بىر مىسالى. روزى سايىت 1944-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيەسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1958- يىلىغىچە باشلانغۇچ- ئۇتتۇرا مەكتەپلەرنى تاملىغاندىن كىيىن يېزىغا چۇشۇپ دىھقان بۇلىدۇ.روزى سايىت1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىدۇ.روزى سايىت ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:«يېشىم 30دىن ئاشقان، ئالقانلىرىم جىگدىدەك قېتىپ، تال-تال يېرىلپ قەلەم تۇتىشقىمۇ قۇلاشمىغۇدەك بىر ھالغا كەلگەندە 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتغا ئوقۇشقا كىردىم.ئوقۇش مەزگىللىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسىرلىرنىڭ نەمۇنىلىرى، كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرنى ئۆگەندىم.ئەپسۇس سېستىمىلىق نەزىرىيەۋى بىلىم ئىلىش تەربىيلىنىش  پۇرسىتىگە
ئېرىشەلمىدىم. شۇ يىللاردا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى. شۇ تۇپەيلىدىن قۇشاقچى دىھقان –روزى قوشاق بۇلۇپ قىلىۋەدىم»①.روزى سايىت 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە«دىھقانمۇ بولدى داشۆسىڭ»ناملىق تۇنجى شېئىرىني ئىلان قىلدۇرىدۇ. مېنىڭچە,بۇ مەز گىلنى روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى دىرىشكە بۇلىدۇ.(ئۇ ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغانلىقى مەلۇم .لىكىن بۇ مەز گىلدە يازغان شېئىرلىرى خاتىرلىنىپ ساقلانمىغان).
ئىلگىرى روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۇستىدە بىر قاتار تەتقىقات ئېلىپ بىرىلغان ئىدى.پروفىسىور ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدىرىھىملار تۇزگەن«ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»(ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى)، پروفىسىور ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»(4-توم2-كىتاب)، قاتارلىقلاردا روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۇستىدە بىر قاتارتەتقىقات ئېلىپ بارغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەكىل خاراكتىرلىك شېئىرلىرىدىكى تېما ئالاھىدىلىگى، مەزمۇن قاتلىمى،ئىجادىيەت ئالاھىدىلىگى قاتارلىق تەرەپلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن.ئۇنىڭدىن باشقانۇرمەھەممەت توختى«شائىرغا كىسەل تەككەن كۈنلەردە»ئەدەبىي خاتىرە،«شىنجاڭ مەدەنىيتى»(2001-يىللىق5-6-سانى). مۇھەممەتجان مەتسەيدى«نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر شېئرىيتىكى نامزاتى»،«تەڭرىتاغ»2002- يىللىق1-سانى. «شېئىر توغرىسىدا»( 1989-يىلى 9ئاي )نامىلىق ئوبزۇرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن مەھەممەت چاۋارنىڭ «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»دىكى ئىستېتك گۈزەللىك توغرىسىدا، ئۆمەر رەجەپ.توختىمەھەممەت تۇردىلار يازغان «مەرھابا» توغرىسىدا ... قاتارلىق ئوبزۇرلاردا شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيتىگە  باھا بىرىلىپ ئۆتۈلگەن بولسا، نۇرمەھەممەت توختىنىڭ «دىھقان كۈيچىسىنى ئەسلەيمەن»، (تارىم 2002-يىل 2-سان)، مىجىت ناسىرنىڭ « ئوت يۈرەك خەلق شائىرى روزى سايىتنى ئەسلەيمەن»،(شىنجاڭ مەدىنىيتى 2003-يىل 1-سان)، روزىنىسا تۇرسۇننىڭ «ئېرىم روزى سايىتنى ئەسلەيمەن»(تەڭرىتاغ ژورنىلى 2003-يىل 6-سان)...قاتارلىق ئەسلىمىلەردە شائىرنىڭ ھايات كەچمىشلىرى، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى، ئەخلاق –پەزىلەتلىرى توغرىسىدا ئەسلىمە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بىرىلغان ئىدى.مەن بۇ ماقالەمدە روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخنى باسقۇچلارغا بۇلۇپ ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.مېنىڭچە روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخىنى تۈۋەندىكىدەك باسقۇچلار بويىچە تەھلىل قىلىشقا بۇلىدۇ.
   1-باسقۇچ: ئۇيغۇر خەلىق ئېغىز ئەدىبىيات چەشمىلىرىنىڭ دۇردانىلىرى بولغان خەلىق ئاممىسى ئىچىدە كەڭ تارقىلىپ يۇرگەن شېئىر- قوشاقلارىنى ئاڭلاش ۋە ئۈگىنىش باسقۇچى.بۇ يەنە بىر تەرەپتىن روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ بەدىئى جۇغلانما باسقۇچى بولۇپ، بالىلىق مەزگىلىدىن يەنى، 1944ــ يىلىدىن 1973-يىلى تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنغاغىچە بولغان ئۇسۇپ يىتىلىش مەزگىلىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.روزى سايىتنىڭ بەدىئى جۇغلانما باسقۇچىنى ئۇنىڭ ئانا تىل ساۋادى چىققان ۋاقىتتتىن باشلانغان دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئۇ خەلق قوشاقلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇگىنىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا شىئىرىيەتكە بولغان تۈنجى قەدىمىنى ئۆزىنىڭ ئاھاڭ ۋە رىتىمدارلىق تۇسىنىڭ تەسىرىگ ئۈچىرىغان لىرىك سۆز جۇملىلىرىگە ئەسىر قىلىشقا باشلىغان.ئۇ ئىجادىيەتكە كىرىشش جەريانى ھەققىدە توختالغاندا«مەن يىراق، تولىمۇ چەت بىر تاغدا، ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەربىي فورما كىيىپ، مىلتىق بىلەن ھەپىلىشىپ كۈن ئۆتكۈزگەن كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مېنىڭ باشقا تەلەيلىك قەلەمداشلىرىمدەك ناھايىتى كۆپ قوشاق يادلىغان، نۇرغۇن چۆچەك،لەتىپىلەرنى بىلىدىغان چوڭ ئاپام،كۆزەينىكىنى تاقىۋىلىپ روستەم،زال، ھاتەم ھەققىدىكى قىسسسە، جەڭنامىلەرنى ئوقۇپ بىردىغان بۇۋاممۇ يوق ئىدى.ئون ئۆچ-ئون توت يېشىمدىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلىپ يېزىغا باردىم.ئۇدا يەتتە يىل دىھقانچىلىق بىلەن ھەپىلىشىپ دىھقانچىلىقتىن كېلىدىغان ئازغىنا دارامەت ھېسابىغا تىرىكچىلىكىمنى قامداپ تۇرمۇش ئۆتكۈزدۇم.ئون يەتتە يىل كەتمەن بىلەن ئاشنا بۇلۇپ يەر تېرىدىم، ئۆستەڭ قازدىم، سۇ ئامبارلىرنى ياسىدىم، بوز يەر ئاچتىم»②دەيدۇ.كوروپ ئۆتكىنىمىزدەك روزى سايىتنىڭ باشلانغۇچ –ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇش مەزگلىدە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىرشەلمىگەنلىگى، ئوقۇشقا بولغان ئوتلۇق ئىنتېلىشىنى كىچىكىدىن باشلاپ يىراق چەت جايلاردا ئاددىي دىھقانلار ئارىسىدا، ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلاردا، دىھقانلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۈلۈشنىڭ تاتلىق ئەركىسىنى، قايغۇسى بىلەن يىغلاشنىڭ ئاچچىق  ھىدىنى ھىس قىلغان. كەڭ دالىلاردىكى مەيىن شاماللار نامراتلىق قاپلىغان يىراق يېزا تۇرمۇشى بىلەن سىڭىشىپ روزى سايىتنىڭ سەبىي قەلبىدە ساناقسىز سۇئاللارنى پەيدا قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇرمۇش ئېغىرچىلىقىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا ھىس قىلىغان. ۋۇجۇدىدا توختاۋسىز دولقۇنلىغان ھىس تۇيغۇلىرى، دىھقانلار تىلىدىن ئوقۇلغان جاراڭلىق ناخشا-قوشاقلار ئۇنىڭ قەلب تارىسىغا سىڭىپ كىتىدۇ.ئاشۇ ئاپەتلىك يىللار، جاپا- مۇشەققەتلىك دىھقانلار تۇرمۇشى ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلار ئۆسمۇر روزى سايىتنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئارمانلارنى بېغىشلايدۇ. دىھقانلارنىڭ تىلىدىن ئېيتلغان شۇ قەدەر ساپ، شۇ قەدەرچوڭقۇر، قىلچە غەرەز ۋە ساقتىلىق ئارلاشمىغان خەلق ئېغىز قوشاقلىرى روزى سايىتنى تەپەككۇرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ رەڭگارەك بەدىىي دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. شۇنداقلا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئايرىلماس بىرتەن بىر جانغا ئايلاندۇرىدۇ.  
كۆرۈپ ئۆتۈشكە بۇلىدۇكى,روزى سايىتنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىرىشەلمىگەنلىكى، ئوقۇشقا بولغان ئۆتلۈق ئىنتىلىشىنىڭ دىھقانلار بىلەن ئېتىزلاردا ئەمگەك قاينىمىغا سىڭىپ كەتكەنلىگى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان روزى سايىت ئۇيغۇر تىىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمىۇ چەكلىك بولغان ئەشۇ يىللاردا ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسك نەمۇنىلىرىدىن باشقا شۇ دەۋىردە يېڭى يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا زور ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ قېتىرقىنىپ ئوقۇغان.بۇھەقتە شائىرنىڭ قەلەمداش ھەم سىرداش دوستى نۇرمەھەممەت توختى:«بىز كۆرۇشكەن چاغلىرىمىزدا كۆپرەك ئەدەبىيات- سەنئەت ھەققىدە، قەيەرلەردىدىۇر ساقلنىپ قالغان كىتابلار ۋە خاتىردىن خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ مەخپىي تارقىلىۋاتقان، «پۇل»، «گۈزەل نايادا جۇش ئۇرۇپ ئاقماقتا»، «مۇقەددەس»، «سۆيگۈ دىسسېرتاتسىيىسى»،«تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر»، «ئاخىرقى سىناق»،«قىز قەلبى» دىگەن  ئەسەرلەر قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تۇراتتى. بىز ئۇلارنى بىرگە ئوقۇيتتۇق، بىللە مۇلاھىزە قىلاتتۇق، ھەتتا پارتىيە گېزىتلىرنىڭ قەرەلسىز ئەدەبىيات بەتلىرىدە چىققان ئوخشاش مەزمۇنلۇق مەدىھيەلەرنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىققاتتۇق.ئەشۇ يىللاردا ئاپەتلىك يىللار سۈرىدىن تالاي شېئىرلارنى ئاتا-ئانىسىغا ئاتاپ ‹ئۇ دۇنياغا خەت›دىگەن نەسىرىي ئەسەرنى يازغان ئىدى»③دەيدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يازغان مەشىق ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ، پىكىر ئالماشتۇرغان.قانداقتۇر بىر مەنىۋىي تەشنالىق روزى سايىتنى بىر تەرەپتىن قىينىسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئىزدىنىشكە مەجبۇرلىغان.ئۇ مەدىنىيەت ۋە مەنىۋى قەھەتچىلىكنىڭ ماددىي ئاچارچىلىقتىنمۇ بەكرەك قىينايدىغانلىغنى غۇۋا ھىس قىلسىمۇ،لىكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا شېىئىرىيەتكە بولغان ئىشتىياق ئوتى دالا گۈلخانىدەك لاۋۇلداپ يانغان.
روزى سايىت 1972-1973-يىللاردا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئۇزاق مەزگىللىك قەلبىگە يۇشۇرۇنغان ئارزۇسىنىڭ غۇۋا سىماسى كۆرۈنگەندەك بۇلىدۇ.ئۇ ئەسلى ئويلاپمۇ باقمىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقىنى يۇرۇتقاندەك رۇھىغا سىڭىپ كەتكەن تۇرلۇك ئاچچىق-چۈچۈك كەچمىشلەر ۋە ئىگىز-پەسلىكلەرگە تولغان بۇ دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياتقا نىسبەتەن يېڭى بىر مەنزىرە پەيدا قىلغاندەك ھىس قىلىدۇ.ئۇ ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان بىلىم تەشنا لىقىنى ئالىي مەكتەپ قوينىدا قاندۇرۇشنىڭ رولىنى ئىز دەيدۇ.لىكىن بۇ ۋاقىتتا كىچىكدىن ئاتا-ئانىسىز قالغان ئىگە چاقىسىز روزى سايىت ئاللىقاچان 31ياشلارنىڭ قارسىنى ئالغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۈيغۈسىغا ئىگەئەرلەرگە ئوخشاش بىر دادا، بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان ئىدى. ئوقۇش ئالىي مەكتەپ، ئەدەبىيات ۋە شېئىرى، ئائىلە، تاتلىققىنا كۈلۈپ ئغناقلاپ ئايىغى چىقىۋاتقان قىزى (غونچەم)ئۇنىڭ تەپەككۈرى ئاسمىنىدا توختاۋ سىز ئۆركەشلىگەن دىڭىز دولقىندەك تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەقەت روزى سايىت ئۇچۇن بىرلا تاللاش پۇرسىتى بارئىدى. ئائىلە ياكى ئالىي مەكتەپ. چۇنكى بۇ مەزگىللەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار توي قىلىشقا يول قويۇلماتتى.بۇ خىل تۇرمۇش رىئاللىق روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دونيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋابسىز سۇئاللارنى تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزى باشتىن كەچۇرگەن تۇرمۇش رىئاللىقدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلىق ھالەتلەرگە جاۋاپ ئىز دەشكە باشلايدۇ. ئاخىرى ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئەكىس ئېتىۋاتقان ئوقۇش قىز غىنلىقى، شېئىر، ئالىي مەكتەپ ئۇنىڭ رىئال تۇرمۇشى ئۇستىدىن غالىب كىلىدۇ.
دىمەك، روزى سايىت بۇ باسقۇچتا ئۆزىنىڭ ئەدىبىي ئىجادىيەتتىكى باشلانغۈچ مائارىپىنى ئۇيغۇر خەلق ئىغىز ئەدىبىياتىنىڭ شەكلى ئاددىي، مەزمۇنى چوڭقۇر،تىلى يىنىڭ شېئىر- قۇشاقلىرى بىلەن سۇغاردى. شۇنداقلا ئۇيغۇر كىلاسستىك شېئىرىيىتىگە تەۋە بولغان خەلىق قۇشالىرى بىلەن تۇنۇشتى.بۇ دەل ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش قەدىمى بولۇپ، ئىغىز ئەدىبىياتىمىزنى روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ تۈنجى بىخ سۇرۇش ئانا تۇپرىقى  دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.
2-باسقۇچ: روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىنىڭ پارتىلاش باسقۇچى بولۇپ، 1973-يىلدىن 1981-يىللارغىچە بولغان مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. روزى سايىتنىڭ توختاۋسىز ئىزدىنىش روھى ۋە ئۈنتۇنسىز تىرىشچانلىقى ئۇنى ئەدىبىي ئىجادىيەت سىپىگە باشلاپ كەلگەن.ئۇ 1973-يىلى قەشقەر گىزىتىدە ئىلان قىلغان «دىھقانمۇ بولدى داشۆسىنىڭ» دىگەن شېئىرى بىلەن  شېئىر ئىجادىيتىنىڭ تۈنجى باھارىغا قەدەم قويغان. روزى سايىتىنڭ ئون نەچچە يىللىق دىھقانچىلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىجادىيەت ھاياتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى بىر قەدەركىچىكپ باشلانغان دىرىىشكە بولىدۇ. ئۇ 1973-يىلدىن ئىلگىرى بىر پارچىمۇ ئەسەر ئېلان قىلمىغان. لىكىن بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە تاسادداپىلا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتقا بولغان تۇغما ھەۋەس ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە جۇغلىنىپ،پىشىپ يىتىلگەن بىر پەيىتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى.دىمەك، شائىرنىڭ ئىجادىيتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېنىرگىيەجۇغلاش ۋە تەپەككۇرىنى تاۋلاش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن. شائىر ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائى مۇھىت ۋە شەخسەن ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، شائىرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش،ئۇگىنىش ۋە تەپەككۇرنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرنى باشتىن كەچۇرىدىغا نلىقى ئىنىق.نەتىجىدە،روزى سايىت ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ جەھەتتىكى تىگىشلىك ھازىرلىقلىرى جۇغلانغان.مانا مۇشۇ پەيىتتە ئۇنىڭدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلانما ۋە يۇشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچى ئاخىرى پارتىلاپ چىققان دىرىشكە بۇلىدۇ.ئۇ زورلاپ يېزىلغان بىردەملىك قىزغىن ھېسيات ئەمەس،ئۇنى يېڭى مەنزىلگە قاراپ ئېتىلغان مەدىھىيە كۈيى دىگەندىن بىرمەزگىللىك تېڭىرقاش، ھەر تەرەپلىمە كۆپ ئىزدىنىشندىن كىيىن شائىرنىڭ جۇغلانما ۋە يۇشۇرۇن ئىجادىيەت جۇغلانما كۈچىنىڭ پارتلىشى دىگەن تۈزۈك.
روزى سايىت مۇنداق دەيدۇ:«يېشىم 30دىن ئاشقان، ئالقانلىرىم جىگدىدەك قېتىپ، تال-تال يېرىلپ قەلەم تۇتىشقىمۇ قۇلاشمىغۇدەك بىر ھالغا كەلگەندە 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتغا ئوقۇشقا كىردىم. ئوقۇش مەزگىللىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردە بار بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسىرلىرنىڭ نەمۇنىلىرى، كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرنى ئۇگەندىم. ئەپسۇس سېستىمىلىق نەزىرىيەۋى بىلىم ئىلىش تەربىيلىنىش  پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدىم. شۇ يىللاردا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى. شۇ تۇپەيلىدىن قۇشاقچى دىھقان –روزى قوشاق بۇلۇپ قىلىۋەدىم.شۇ مەزگەللەردە بۇنىڭدىن باشقا مەمتېلى زونۇن،قۇربان ئىمىن،مۇھەممەت سىدىق، تۇمۇرىلەر بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تۇغرىسىدا نۇرغۇن قىتىم ئۆگىنىش ھەم سۆھبەت مۇلاھىزىلەردە بولدۇم .بۇ مىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشىمىدە مۇھىم رول ئوينىدى.شۇنداق قىلىپ مەن كىتاب ئۇقۇشتىن، شېئىرىي ئۇقۇشتىن بىردەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم...»④.ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«‹ئۆز زامانىسىنىڭ شېئىرىيىنى ئەڭ ئاداققى پەللىگە ئېلىپ چىققان ›دانتى ئەسىرلىرىدىن،‹خۇددى سۇنئىي ھەمراھدەك قاراڭغۇلۇق ئىچىدە نۇر تاراتقان شائىر›ھورمان ماندىك شېئىرلىردىن، ‹تالانتى قۇرقۇنچلۇق ھيۇگۇ› ۋە ياكى ‹ئوت- چۆپلەر قۇيۇق ئۆسكەن شېئىرىيىەت چىملىقىغا قوپاللىق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، شېئىرىيەتىنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرىۋەتكەن شائىر› ماياكوۋىسكى ... لاردىن خەۋەرسىز قالدىم.ئەمما، مەن بەختىمىگە يارىشا، كىتابخۇمار كىشلەر ئاپەتتتىن ساقلاپ قالغان ناھايتىى ئاز تاش باسما ۋاراقلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەلىشىر نەۋائىيسىدىن، شاھ مەشرىپىدىن، ئەخمەت شاھسىدىن شېئىرىيەتنىڭ تۇنجى ساۋىقىنى ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم. يەنە مەن ئۆزەمنىڭ  لۇتپۇللا مۇتەللىپى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىمشېھىد ئارمىيسى. .. بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم...»⑤. بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك روزى سايىت مەيلى قانداق شارائىتىتا بولسۇن بىر كۈنمۇ ئەدەبىياتتىن، شېئىرىيەتتىن ئايرىلمىغان.دىھقانچلىق جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ۋە ھايات ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئەتراپلىق مول چۈشەنچىگە، مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولسا، كىتابقا بۇلغان مۇھەببەت، ئۈزلۈكسىز كىتاب ئوقۇش ئۇنى تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ئەتراپلىق كۆزىتىش، ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ھىسسى كۆز بىلەن قاراشتىن ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش رىئاللىقى روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋاپسىز سۇئاللارنى تاشلىغان.بۇ مەزگىللەردە روزى سايىتنىڭ 1976-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنىپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرى بولۇپ، بۇ ئۆنى يەنە بىرقىتىمىلىق ئۆزىنى چىنىقتۇرۇش پورسىتىگە ئىرىشتۇرگەن.
دىمەك، بۇ باسقۇچ ئۇنىڭ ساددا ھالدىكى شېئىرىيەت ھەۋەسكارىدىن ئەدىبىيات نەزىىيەسىنى بىلەن تۇنۇشقان، ئەدىبىياتنىڭ كەڭ دالاسىنى ئەدىبىياتنىڭ يەنى شېئىرىيەتنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈپ بىر قەدەر سىستىملاشقان شېئىرىيەت نەزىيە چۈشەنچىسى بىلەن تۇنۇشقا باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى دىرىشكە بولىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەدىبي ئىجادىيەتكە نىسبەتەن ئاددىلىقتىن-مۇرەككەپلىككە، تىيىزلىقتىن –چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقنىڭ كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇ.
3-باسقۇچ: روزى سايىت شېئىر ئىجادىيەت نوقتىسىنىڭ كېڭىيىش باسقۇچى  بولۇپ، 1981-يىللىرىدىن 1990-يىللارغىچە بولغان مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. 1980-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىغا يۆتكىلىپ،«يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا تەھىرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇنى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتبىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلايدۇ. 1981باشلاپ ئېلان قىلىنغان بىر يۇرۇش شېئىرى توپلاملىرى روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدىكى يىڭىچە بىر قەدەم بىلەن قولغا كەلتۇرۇلگەن يېڭى بىر ئىجادى ئەمگەك بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. روزى سايىت1981-يىلى ۋەكىللىك ئەسىرىدىن بىرى بولغان «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»(شېئىر چۆچەكلەر) نى ئىلان قىلىدۇرىدۇ.شائىرى بۇ شېئىرى چۆچەكتە خەلىق ئىچىگە كەڭ قارتقالغان رىۋايەت تۇسىنى ئالغان خەلق چۆچىكىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ شېئىرىي شەكىلدە، يېڭىچە  بەدىىئى تۇس بىلەن شېئىرى تىلدا ئىپادە قىلىپ چىقىدۇ. خەلىق چۆچەكلىرىنى شېئىرىي چۆچەكلەر ئايلاندۇرۇش روزى سايىتنىڭ شېئىرى ئىجادىيتىدىكى تۇنجى سىناق ۋە مۇۋاپپىقىيەتلىك بېسىلغاب يېڭى قەدەم. بۇ روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت كۈچى تۇلۇپ تاشقان، ئىزدىنىش رۇھى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىللىرى بۇلۇپ، شېئىرلىرىدا ئىلگىرى كۆرۈلۇپ باقمىغان يېڭىچە مۇھىتنى ئىپادە قىلدى. مىنىڭچە بۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى «يىلتىز ئىزدەش»،«ئەپسانىگە قايتىش»قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرىنى ئىجابىي يۇسۇندا قۇبۇل قىلىپ ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ ئېستستىك تۇيغۇسى بىلەن باغلاپ بەدىئيىلىككە كۆتۇردى. خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان، ئۇزاق ئۆتمۇشتىن بۇيان ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەت ۋە قىسسە-چۆچەكلەرنىڭ ھاياتى كۈچىگە ئىگە دىتاللىرىنى بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرىشنى مەخسەت قىلغان. روزى سايىت«ئاي قوشىغى»(1981-يىلى)، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن» (1978-1982 -يىللاردا)،«بەختى دىخان- بەخىتلىك دىخان»(1982-يىلى)، «دۇسلۇق ناخشىسى»، (1983-يىلى) «مەرھابا»(شېئىرلار)،«خىيالدىن تۈرەلگەن خىياللار» (شېئىرلار،1988)، «مۇھەببەتتىن پۇتۇلگەن ناخشىلار» (شېئىرلار،1982 -1988 يىللار)، «روبائىي ۋە تۇيۇقلا» (توپلام،1969 -1990 يىللار )،.. قاتارلىق شېئىرى داستانلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن شېئرىيەت ئاسمىنىدا ھەقىيقى چاقىنىدى. شېئىرىي توپلاملىرىنىڭ كەينى- كەينىدىن نەشىر قىلىنىپ كەڭ كىتابخانلارنىڭ سۇيۇپ ئۇقۇشىغا مۇيەسسەر بۇلۇشى ۋە ياخشى باھاغا ئىرىشىشى بىلەن روزى سايىت ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەھنىسىدە يېڭىچە بىر تون بىلەن نامايەن بۇلدى. قانداقسىگە ئوتتۇز نەچچە ياشتن ھالقىغان بىر دىخان ئازغىنىە ئۇقۇش پۇرسىتى  ئارقىلىق  قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شېئىرىي ئىجادىيتىدە بۇنداق مۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ، كەڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلىدى؟مىنىڭچە، بۇ دەل بىزنىڭ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا، ئۈگىنىشىمىزگە تىگىشلىك مۇھىم بىر نوقتا.ئۇ ئۆزى باشتىن  كەچۇرگەن تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرىگە جاۋاب ئىزدىگەن شائىر.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى روزى سايىتىكى ئەدەبىياتىقا بولغان كۈچلۈك ھېسىسيات ئۇنى ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچاس باغلىدى.بۇ خىل ھېسىيات شۇقەدەرساپ،شۇ قەدەر چوڭقۇر بۇلۇپ، قىلچە شەخسى غەرەز ۋە ساختىلىق ئايرىلاشمىغان.شۇڭا شېئىرىيەتتىكى بەدىئي دۇنيا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن.بۇ مەزگىل روزى سايىتنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان تۇنۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزگىل.ئۇنىڭ شېئىرىيەتىنى ساددا ھالەتتە چۇشىنىشىگە كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ۋە شۇ مەزگىللەردىكى شائىر ئۇستازلارنىڭ شېئىرىيەت قارىشى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسىنى روزى سايىت ئەدەبىي-ئىجادىيەت مىۋىسىنىڭ يىلىتىز تۇتۇپ بىخلىنىشىدىكى ئانا تۇپراق، مەۋجۇپ بۇلۇپ شەكىللىشىنىڭ بىردىن-بىر ھاياتلىق مەنبەسى دەپ خۇلاسىلاشقا بۇلىدۇ.
4-باسقۇچ:بۇ روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيتىنىڭ تېما دائىرىسى جەھەتتىن رەڭدارلاشقان ۋە تېما خاسلىقىغا ئۆزلەنگەن مەزگىلى بولۇپ، 1990-يىللاردىن 2001- يىلغىچە بولغان ھاياتنىڭ ئاخىرى مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.روزى سايىت شېئىرى  ئىجادىيىتدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن يىڭى بىر ئىجادىيەت دەۋرىنى كۈتۇۋالدى. ئۇ بۇ مەزگىللەردىكى شېئىرئىجادىيتىدە ئۆزىگە خاس تېما ئالاھىدىلىگى شەكىللەندۇرۇپ، دەۋىرداش شائىرلاردىن پەرىقلىق ھالدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.روزى سايىتنىڭ بۇ مەزگىلدىكى شېئىرلىرىنى تېما جەھەتتىن تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، روزى سايىت بۇ مەزگىلدە دىھقانلار ھەققىدە يېزىش،دىھقانلارنى تېما قىلىپ يېزىشنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇ پىروفىسسۇر ئازات سۇلتان ئېيتقاندەك :«يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىتىدە ئەڭ روشەن تېما ئالاھىدىلىگى شەكىللەندۇرگەن شائىرلارنىڭ بىرى»⑥بولۇپ قالدى.بۇلۇپمۇ دىھقانلار تېمىسىدا يىزىلغان «پاھ،دىخاننىڭ ھەيكىلى»(1992-يىلى)،«دىھقاننى ئالدىغا سىلىۋالدى ئىش» (1993-يىلى)، «دىھقان دەيدۇ...»(1994-يىلى)،«دىھقان بولماق تەس» (1995-يىلى)، «دىھقان كۈلكىسى» (شېئىرلار توپلىمى1998-يىلي)... قاتارلىق بىر يۇرۇش شىئىرلىرنىڭ كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىشى روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىنى يىڭى بىر مۇۋاپپىقىيەت پەللىسىگە ئىلىپ چىققان.«دىھقان بۇلماق تەس»، «خوتەندە راۋان يۇللا»، «ئاھ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش» قاتارلىق دىكلاماتسىيە قىلىنغان مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان 3دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ  شەھەر ۋە يېزا قىشلاقلارغىچە تارقىتىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.«پاھ،دىھقان ھەيكىلى»... قاتارلىق بىر يۇرۇش شېئىرلىرىدا دىھقانلارنىڭ ئالىي جاناپ پەزىلىتىگە مەدىھىيە ئوقۇيدۇ. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ«دىھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش»ناملىق شېئىردا ئىجتىمائى رىئاللىقنى دادىل ھەم يورەكلىك ھالدا سەممىي ئەكىس-ئەتتۇرگەن.روزى سايىت يېزا ھاياتىنى، دىھقانلار تۇمۇشىنى يازغاندا خۇشاللىق، بەختىيارلىقلارنى يېزاپلا قالماي، يەنە ئېغىرچىلىق-كۆڭۈلسىزلىككەرنىمۇ يازىدۇ،ئۇنىڭ بۇلارنى يىزىشتىكى مەقسىتى قانداقتۇر تەرەققىيات-گۈللىنىشلەرنى ئىنكارقىلىش بولماستىن، بەلكى پارتىينىڭ يېزا سىياسىتىنى تەكىتلەش، تەشەببۇس قىلىش،بۇ ئارقىلىق دىھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش،ئۇلارنى،ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۇلاغلاشنى، قەدىرلەشنى مەخسەت قىلغان.ئۇنىڭ «جان دادم-دىھقان دادام»،«بەختى دىھقان-بەخىتلىك دىھقان»، «دىھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش»،«دىھقان بولماق تەس»...قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ قايىسى بىرسىنى تىلغا ئالمايلى ئۇنىڭدا دىھقانلارنىڭ ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئالدىراشلىقى، بۇ تەبىئي ئالدىراشلىقلار ئۈستىگە يەنە ھەرخىل يولسىزلىقلار ئارقىلىق بىرمۇنچە مەجبۇرى خاراكتىرلىق«ئالدىراشلىقلار»كىلىپ قېتىلىپ دىھقانلارغا ئارام ئالغۇدەكمۇ ۋاقىت بولمايۋاتقانلىقى، دىھقانلارنىڭ  دىھقانچىلىقنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە  ئۆزنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئوربىتا ئىچىدىن ھەرخىل دەم-ئېلىش، كاماندۇرۇپكا ... قاتارلىق پائالىيەتلەرنى خىيالىدا، ھەتتاكى چۈشىدىمۇ كۈرۈشنى ئارزۇ قىلماي ئۆز ئەمگىكى بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى، ئۆزنىڭ ئەمگەك مىۋىسىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دىھقاننىڭ مىھنەتسىز روھىينى ئەكىس –ئەتتۇرگەن.ئۇنىڭ شېئىرلىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدا دىھقانلارنىڭ يۈرەك سۆزى بار. ئۇلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە چوڭقۇر ھىسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قىزغىن مەدىھلىگەن.بۇ ئارقىلىق  دېھقانلارغا كۈيۈنۈش، ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى، ئەمگەك مېۋىسىنى ھۆرمەتلەش، قوغداش، شۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرىق قىلىنغان.يېزا تۇرمۇشىدىكى رىئال مەسىلىلەر ئارقىلىق دىھقانلار ئاممىسىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بەدىئي يول بىلەن ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئەكىس-ئەتتۇرگەن.
روزى سايىت بىر شائىرغا خاس سەزگۈر كۆزبىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى زىددىيەتلەرنى چوڭقۇر كۆزەتكەن.نۇرغۇن ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى بەدىئى يۈكسەك لىككە كۆتۈرۈپ ماھىرلىق بىلەن شېئىرىي تىلدا سۈرەتلەپ بەرگەن.شۇنىڭغا ئۇنىڭ «بېلىجاننىڭ كەچمىشى»دىكى بېلىجاننىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بەدىئي ئوبرازلارنىڭ بىزدە قالدۇرغان تېراگىدىيلىك تەسراتى ئۇزاققىچە تارقالمايدۇ.بىزگە پاجىئە بىلەن سۇغىرىلغان شادلىق بەخىش ئېتىدۇ.بېلىجاننىڭ پاجئەلىك قىسمتى، تېراگىدىيلىك تەقدىرى تىپىك شارائىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس-ئەتتۇرۇش نەتىجىسىنىڭ مەھسۇلى.
روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرىدا گەرچە بىز زور دەبدەبىلىك تېراگىدىيلىك قەھىرىمانلارنى ئۇچراتمىساقمۇ لىكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىي،غەزەللىرىدە،داستانلىرىدا تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي قاتلام لىرىدىكى كىشلەرنىڭ جۈملىدىن دىھقانلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى رىئال مەسىلىلەر ۋە كىشىلىڭ خاراكتىر پاجئەسى ئەكىس ئېتىدۇ.شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى تېراگىدىيلىك پۇراق ئەمىلىيەتتە شائىرنىڭ رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ مۇقەرەر مەھسۇلى.رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئەدەبىيات بىلەن ئىجتىمائى تۇرمۇش ئارىسىدىكى مەنبە مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەيدۇ. شائىر دائىم رىئاللىقنى يېزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ تۇرمۇشنى توپلاپ،تاللاش ئارقىلىق ئەسەر ئىچىدە ئەسەر سىرتىدىكى ئوبىكتىپ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا قارىتا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۇرمۇشتا بار بولغان ۋە بار بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان شەيئىلەرنى تەسۋىرلەيدۇ.تۇرمۇشنى ئەسلى قىياپىتى بىلەن ئەكىس- ئەتتۇرۇش رىئالىزىمنىڭ مۇھىم ئىستىتىك پىرىنىسپى. مۇشۇ خىل ئىجادىيەت پىرىنىسىپى بۇيىچە ئىلىپ بىرىلغان ئەدەبىي ئىجادىيەت چوقۇم رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا ئېلىپ بىرىلىدۇ.بۇ خىل ئىجادىيەت پىرىنىسىپى ئاساسىدا روياپقا چىققان ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەر،رىئاللىققا يىقىندىن ياندىشىپ، تۇرمۇش بىلەن زىچ بىرلىشىپ يازغۇچى تۇرىۋاتقان ئىجتىمائى رىئاللىقنى، دەۋىر تەققىياتىنىڭ رىئال يۈزلىنىشىنى،جەمىيئەتنىڭ ئىچىكى قاتلاملىرىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ھەقىقىي ئەكىس-ئەتتۇرىدۇ.  ئالايلۇق:
دېھقان دىسە كۆز ئالدىمغا خىزىر كېلىدۇ،
خىزىردىن كاتتا «خىزىر» ـــ پۇزور كېلىدۇ.
دېھقان دېسەم ئىس ـــ يادىمغا ھاتەم كېلىدۇ،
ھاتەمدىنمۇ سېخىيراق مەرد ئادەم كېلىدۇ.
شۇڭا ئۇنى باغاش ئېتىپ سۆيگۈم كېلىدۇ،
مۇرادىغا يەتكىننى كۆرگۈم كېلىدۇ.
مېنىڭ خانەم يال-يال،كۆمۇر چويۇن ئوچاققا،
ئەنە، دىھقان،ھۆل تەمىچى ئۆشنە،قۇچاقتا،
مودا كىيىم غەيۋەتىدە مودا ئاياللار،
دېھقان موماي يېپىنغىنى يىرتىق جىياللار.
بىزنىڭ شەھەر مەكتىپىدە پارلىق سىنىپلار،
«سەھرالىق»نىڭ سىنىپىدا توڭغاق تىنىقلار.
سېنىڭ تاماق داستىخانىڭ پاراۋان، ئەلۋەك،
ئەمما، دېھقان زاغرىغا توق، ھېيىتلىقتۇر ھەمەك،
كۆر،رېستۇران شىرەسىدە مەزەلەر ئىسراپ.
بەلكى دېھقان ئۇنى بىر رەت كۆرمىدى پۇراپ؟...
بىزدە نۇرغۇن ئېشىپ-تېشىپ، سېسپ تۇرغىنى،
ئەمما،غۇربەت دېھقانلارنى بېسىپ تۇرغىنى.
كەمىنى پۈتۈن قىلسامتى دەپ ئاۋارە دېھقان،
ئاققۇزماقتا چىدام بىلەن مەردلەرچە تەر-قان.
ئۇ شۇ تاپتا يەڭ شىمايلاپ بوز ئېچىپ ھەلەك،
جان بېشىغا بەش پۇڭدىن يەر ئاۋۇتۇش تىلەك.
يەر دېھقانغا ئالتۇن قۇزۇق، يەر ــــ دېھقان جېنى،
تېرىدىغان يەر بولمىسا نەدە ئاش ــــ نېنى؟
........
«دېھقان ئۇلۇغ، دېھقان بۈيۈك» ناملىق بۇ شېئىرنىڭ يۇقارىقى مىسرالىرىدىنمۇ تېراگىدىيە تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. چۇنكى دېھقانىڭ تېراگىدىيسى ـــــ بىر پۇتۇن مىللەتنىڭ تېراگىدىيەسى. «دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ». دىگەن ھەقىققەتكە ئاساسلىنىپ ئېيتساق دېھقانلىرى تېراگىدىيەدە ياشاۋاتقان خەلق يوناق تاپمايدۇ.دېھقانلىرى تېراگىدىيەدە ياشاۋاتقان خەلق دەل تېراگدىينىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان، جۈملىدىن تېخچە تېراگىدىيە پاتقاقلىرىدا تىپىرلاۋاتقان بولىدۇ.بۇنداق خەلقنىڭ تېراگىدىيدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن تېراگىدىينىڭ تىگى تەكتىنى ۋە تۈپ نىگىزىنى ئېنىقلىماي بولمايدۇ. شائىر رېئاللىقنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى شېئىر مىسرالىرى ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزغا تاشلاپ، بىزنى ئۇشبۇ تېراگىدىيەلەرننىڭ ئەسلى مەنبەسى ـــ يىلتىزى ھەققىدە ئويلاندۇيدۇ.ئەڭ ھەقىقىي ئەنئەنىلىرمىزنى، تارىىخىي ئەڭ ئۈزۈن ھىسابلىنىدىغان مەدىنىيەتلىرىمىزنى، ۋە ئۆرۈپ –ئادەت خاسلىقىمىزنىمۇ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات ئۈزۈلدۇرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگۈچى بولغان دېھقاننىڭ كۈلپەتلىرى بىلەن بىر پۈتۈن خەلىقنىڭ تەقدىر قىمىستىنى تېراگدىيلىك تۈس بىلەن دىققەت بوشلىقىمىزغا تاشلايدۇ. بۇ يەردىكى تېراگىدىيە رىئالىزىملىق روھقا شۇنچىلىك تۇيۇنغانكى ئختىيارسىز ھالدا ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆزلىرىنى ياشلايدۇ.چىن پۇتۇشۇمىز كىرەككى شائىر ئەنە شۇ ئۇلۇغ، بۇيۇك ۋە سۇيۇملۇك كىشىلىرىمىزنىڭ نامىدىن «دادلايدۇ».شۇڭا خەلق، خەلىقنىڭ كۆپ قىسمى ھىسابلىنىدىغان دېھقانلار ئۇنىڭ نامىنى ھەرقاچان يادلايدۇ.
دىمەك،روزى سايىت شېئىرلىرنىڭ بۈگۈنگىچە ئىجادىيەت نەتىجىلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بۇلىدىكى ئۇ بىر رىيالىسىتك شائىر، روزى سايىت ئىجادىيەتتە تاللىغان رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئۆزىگە نىسبەتەن تولىمۇ تۇنۇش بولغان ئۇيغۇر تۈۋەن قاتلام كىشىلىرنىڭ ، ئۇيغۇر دىھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىنچىكە، نازۇك  زىددىيەتلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكىس-ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇلدى.20 -ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى ئۇيغۇر جەمىيئىتىگە ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەر شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ قىياپىتىدىلا ئەمەس دىھقانلارنىڭ مەنىۋىيتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل رېئال ئىجتىمائى مۇھىت ئوخشاشلا دىھقانلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا، مەنىۋى دۇنياسىداۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈش ۋە داۋالغۇشلارنى  پەيدا قىلدى. ئۆزلۈك ئېڭى بىلەن ئەنئەنىۋى ئادەت تۇيغۇسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەت قاراشلىرى، رىئال ئىجتىمائى مەسسىلىلەر ئۇستىدىكى گاڭگىراش تۇيغۇسى دىھقانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشىلىرنىڭ  مەنىۋىيتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەرگە ئايلاندى. بۇ زىددىيەتلەر ئۇلارنىڭ شەخسى ئارزۇ- ئارمانلىرى، كىشىلىك قەدىرى-قىممىتى، گۈزەل غايىلىرىنى بىر تەرەپتىن ئويغانسا، بىرتەرەپتىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.
روزى سايىتمۇ ئۇيغۇر جەمئيىتنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئۆزى تەۋە بولغان بۇ قاتلامنىڭ مۇرەككەپ مەنىۋى دۇنياسىغا بىرۋاستە كىرىپ كەلگەندىن سىرىت ئۆزىگە پىششىق بولغان دىھقانلار تۇرمۇشىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا ئەڭ ئاۋال ئىشتىياق قىلدى ۋە بۇ ھەقتە بىرۋاستە ھىس-تۇيغۇ ھەم كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز شېئىرلىغا سىڭدۇرۇپ تاشلىدى.روزى سايىت شېئىرنىڭ تېراگىدىيلىك قاتلامنى ئاساسەن تۇۋەن قاتلام كىشىلىرى ۋە دىھقانلار مەسىلىسى ئىگەللەيدۇ.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا يارتىلغان ئۇبرازلارنىڭ تىراگىدىيسى ئۇلارنىڭ مەۋجۇت ئىجتىمائى رىئاللىقتىكى رىئال مەسىلىلەرنى چۆيىدەيدۇ.تىراگىدىيە شېئىرلىردا تىراگىدىيلىك  توقۇنۇشلار ئارقىلىق يۈكسەلككە كۆتۈرلىدۇ.زىدىدىيەت يېزىلغاندىلا ئاندىن تىراگىدىيلىك  ئۇبرازلارنىڭ ھەركىتى چىنلىققا ئىگە بولىدۇ. مىنىڭچە روزى سايىت شېئىرلىردىكى تىراگىدىيلىك توقۇنۇشنى رىئالىستىك زىددىيەتلەرنىڭ توقۇنىشى دىرىشكە بولىدۇ.
روزى سايىت ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئۈچۈن چۇقان سالىدىغان،ئۇيغۇر دىھقانلىرى ئۈچۈن شېئىر يازىدىغان شائىر.ئۇ ئۆزى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دىھقانلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.مەن ‹بىزنىڭ يازغانلىرىمىزدا دىھقانلار تەسۋىرلەنمىسە، دىھقانلارنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلساق، ئەدىبىياتىمىز قاناتسىز قۇش، يىلتىزى يوق گۈل، يىپسىز لەگلەككە ئوخشاپ قالىدۇ. .. ›دەپ قاراپ كەلدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇندىن توققۇزى دىھقان. ئۇلار ئۆمۈر بويى ھارماي-تالماي، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەپ كىلىۋاتسىمۇ،ھەرخىل توسالغۈ، ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئەجرىنىڭ قەنتىنى تۇلۇق چاقالمايۋاتىدۇ،‹قۇرسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن›بولۇشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە تىرمىشىۋاتىدۇ.مەن ئەشۇ دىھقانلارنى دىققەت نەزىرىمدە تۇتۇپ، مەۋقەيىمنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا، قايغۇسىغا تەڭ شىرىك بولۇشنى شائىرلىق بۇرچۇم دەپ قارىدىم، ئۇلارنىڭ دەردى،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ھەر بىر شېئىردىمدا ئۇرۇنغىنىمنىڭ ۋەجىمۇ دەل مۈشۈ!»⑦. بۇنىڭدىن روزى سايىتنىڭ دىھقانلارنىڭ دەردىگە مەنىۋى جەھەتتىن دەرمان بولۇش، ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىن تەسەللىي بىرىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دىھقانلار ئاممىسى بىلەنمۇ ھەمنەپەس،تەقدىرداش ئىكەنلىگىنى ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيتى ئارقىلىق ئىپادە قىلىشتا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۈيغۇسىغا شائىر ئىكەنلىگىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
پرۇفېسسۇرئازات سۇلتان ئېيىتقاندەك:« دىھقانلار تېمىسى ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان.ئۇنىڭ شېئىرلىرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ،ئۇلارنىڭ خۇشاللىق قايغۇسىنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان.ئۇنىڭ ۋەكىلىك خاراكتىرىگە ئىگە بولغان، تەسىر قوزغىغان شېئىرلىرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ دېھقانلار ھەققىدە يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيەتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلكلىرىدىن بىر بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىجادىيەتتە دىھقانلارنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيە-ھېسياتىنى، بۇلۇپمۇ ياشاش شارائىتىنى، خۇشاللىقىنى، دەرد- ھالىنى، ئەكىس –ئەتتۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرى ئەمىلىيەتتە دىھقانلارنىڭ قەلىب ئىزھارى،دىھقانلارنىڭ قەلىب سۆزلىرىنى قوشاققا قاتقان بولغاچقا كىشلەر ئۇنى‹دىھقان شائىر›،‹روزى قۇشاق›دەپ ئاتىشىدو»⑧. ھەقىقەتەنمۇ روزى سايىت ئەدەبىيات ساھەسىدە زور مۇۋاپپىقەيەتلەرگە، زور شۆھرەتلەرگە ئىرشكەندىمۇ ئۆزىنىڭ «دىھقان» تەخەللۇسىنى، ئۆزگەرتمىگەن، ياكى ئۇنىڭدىن نۇمۇس قىلغان ئەمەس.ئەكسىچە خۇشال بولىدۇ,ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكمەتلەردىن «ئۆتكەن كۈنۇڭنى ئۇنۇتما، شىرچۇرۇقىڭنى قۇيۇتما»دىگەندەك ئۇ ئۆتكەن كۈنىنى ئۇنتمىغان شائىر. تۇرگېنېۋنىڭ: «ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان تۇرمۇشنى زورمۇ-زور يازغان يازغۇچىدىن ئونى بولسا، توققۇزى مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ»⑨ دەپ ئېيتقىنىدەك روزى سايىتنىڭ 17يىللىق دىھقانچىلىق ھاياتى روزى سايىتنى رىئال ماتىرىيال مەنبەسىگە ئىگە قىلغان. مېنڭچە ،  روزى سايىتنىڭ دىھقانچىلىق تۇرمۇشىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخى مەنبە دىھقانلار تېمىسىدىكى شېئىرلىرنىڭ چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىق تۇيغۇسىنىڭ چوڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇئەييەن ئىجادى رول ئوينىغان.   
ئىككىنچىدىن، چوڭقۇر مۇھەببەت، كۈچلۇك تەنقىد روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتىدە ئەكىس- ئەتتۈرۈلگەن يەنى تېما ئالاھىدىلىكى ھىسابلىنىدۇ. ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدىكى ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋىيتىدىكى ھەرخىل ئىللەتلەرنى تەنقىدلەش –ئەسىر ئاخرىدىكى قىزىق بىر تېما بولۇپ، روزى سايىت بۇ تېمىنى يېزىشتا ئاۋانگارتلاردىن بولدى. شائىر ئۇمۇمىي ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر  ئوي-پىكىرىنى، مۇھەببەت –نەپرەت قۇرۇق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق كۆز قاراش، يارقىن ھېسيات، ساغلام ۋە تىرەن پىكىرلەر ئاساسىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ. ئۇجۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقنىڭ 43يىللىق مەرىكىسىگە بېغىشلاپ يازغان «ساناقلا تىلغا كىرگەندە...»ناملىق نەسىرىدە ئېلىمىز ئازاتلىقتىن كېينكى ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلىرى ۋە ئىستقباللىق قەدەملىرىنى ئەنئەنىۋىلىشىپ كەتكەن ئادەت بۇيىچە قۇرۇقتىن قۇرۇق ئابىستىراكىت مەدىھيەلەر بىلەن بولدى قىلىشتىن چەتنەپ، ئۇنى ئۇزاق تارىخي جەريان تەسۋىرى ئىچىگە قويۇپ جانلىق ۋە ئىنچىكە سۈرەتلەش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ تەرەققىيات ۋە يۇكسىلىشلىرىدىن چەكسىز سۈيۈنىشىنى ئىپادىلىدى.«دىلىم ياش-سۆيگۈ ياش»...قاتارلىق ئەسەرلىرىدە «يار»، «جانان» غا كۆچلۈك تەلپۇنۇش بىلەن يېڭى دەۋىر كىشىلىرنىڭ غايە، كۆز-قارىشىلىرىنى سۆرەتلىگەن.
مۇھەببەت، ھېسيات سەنئەت ئىجادىيتىنىڭ ئىچكى كۇچى. ئەگەر ھىسيات بولمىسا سەنئەت ئىجادىيتىمۇ بولمىغان بۇلاتتى. ئەدىبىي ئىجادىيەتتە يەنى ئەدىبىي ئەسەردە ئەكىس ئەتكەن مۇھەببەت بىز ئادەتتە كۆزدە تۇتىدىغان،نۇقۇل ھالدىكى جىنىسلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت مەنىسىدىن ھالىقىپ كەتكەن بۇلۇپ،ئۇنىڭغا شائىرنىڭ ئۈمىد-غايىلىرى، بەخىت،ھايات ۋە كىشىلىك قىممەت قاراشلىرى سىڭىپ كىتىدۇ. شۇنداقلا مۇھەببەت يازغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى كۈزىتىشتىكى ئالاھىدە بىر خىل ۋاستىسى،شائىر مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ،ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كۈزىتىش نوقتىسىنى كىڭەيتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەت شېئىرىي ئوبرازلار مۇھەببەت ئىچىدە تاۋلىنىپ، مۇھەببەت ئىچىدە ئاشكارلىنىدۇ. شېئىرلىرىدا ئەدەب-ئەخلاق، مەردانىلىك،ساداقەت، سۆيگۈ - مۇھەببەت  قاتارلىق ئىجتىمائى مەسىلىلەر تېما قىلىنغان شېئىرلىرىدىن  بۈگۈنكى دەۋىر كىشىلىرىغا خاس بولغان، بىر  شائىرغا خاس بولغان كۆچلۇك مۇھەببەت قارىشىنى كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇ. بۇ شېئىرلاردا جەمىتيمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ساقىلىنىۋاتقان چاكىنىلىق، ئەدەبسىزلىك، نامەردلىك،ساختىلىققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەر ھەجىۋىي تىل ۋاستىسى بىلەن ئوبرازلىق ھالدا قامچىلانغان.شائىر ئۇلارنى غۇبارسىز،پاك پاك قەلىبلىك كىشلەردىن بۇلۇشقا،ئىنسان باغرىدىن پاك تۇغۇلغانىكەن، ئىنسانچە خىسلەت بىلەن پاك ياشاشقا دالالەت قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.ساختىلىق، رەزىلىك،خۇنۇكلىككە ئوخشاش مەنىۋى«سەت»لىكتىن يىرگىنىدۇ. «بالىلار پولغا زار،چىرىكلەر بەتخەج»...قاتارلىق ئەسەرلىرىدە جەمىيتىمىزدىكى چىرىكلەشكەن بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى رەھىمسىز  تۈردە قامچىلىغان.
ئۈچىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيەت نوقتىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى- ئىجتىمائى ئەخلاق تېمىسى بولدى. شائىر بۇ تېما ئۇستىدە ھەرتەرەپلىمە قەلەم تەۋرەتكەنلىگى كۆىۋىلىشقا بۇلىدۇ . شېئىر ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ مەركەزلىك ھالدىكى ئىپادىلىنىشى.شېئىردا تەسۋىرلەنگەن گۈزەللىك بىلەن سەتلىك يۈكسەك دەرىجىدە ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ، مەركەزلەشتۇرۇپ يارتىلغان گۈزەلىك ۋە سەتلىكتۇر. بۇ گۈزەلىك ۋە سەتلىك كىتابخانلارغا كۈچلۈك ھاياجان قوزغاپ، قەلىبلەرنى لەززىگە سالىدۇ. يەنى كىتابخانلارغا ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.بۇ خىل زوقلىنىش ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارسىز ھالدا نېمىنىڭ ياخشى،نېمىنىڭ يامانلىقىنى، نېمىنىڭ خۈنۈكلىغىنى، نېمىگە مۇھەببەت باغلاپ،  نېمىگە نەپرەتلىنىش. نېمىدىن يىرگىنىپ، نېمىگە تەلپۈنۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.بۇخىل بىلىم ۋە تەربىيە جانلىق سۈرەتلەنگەن شېئىرىي ئوبرازلار قوزغىغا بەدىئىي زوق ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولغاچقا ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ئويۇلۇپ قالىدۇ.جەمىئيىتىمىزدە قىز-يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت،نىكاھ ئىشلىرىدا ھەشىمەتچىلىك قىلىش،ماددىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى شەرىت قىلىش، ئابرويپەرەسلىك قىلىش،قارشى تەرەپكە سېلىق سېلىش،ئەركىن مۇھەببەتنى ماك دۇنيا بىلەن بوغۇپ قويۇشتەك ناچار ئىللەتلەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئىللەت شائىرنىڭ بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ توي مەرىكىسى ۋە تويدىن كېيىنىكى ئائىلە ئەھۋالى تەسۋىرلىنىدىغان «شېرىن ئاي پاجىئەسى»ناملىق غەزىلىدە ئۆتكۈر تىل ۋاستىسى بىلەن كونكىرىت،جانلىق سۈرەتلەپ بىرىلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا «ئارزۇنىڭ ئاقىۋىتى»، «ھەسەتنامە»، «باشلىقىمغا تېلىفۇن»...قاتارلىق ساتېرىك ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائى ئەخلاققا زىت بولغان شەخسىيەتچىلىك، نەپسىيەتچىلىك، ھەسەتخورلۇق، خوشامەتچىلىك،مەزھەپچىلىك... قاتارلىق يامان ئىللەتلەرگە قامچا ئۇرسا،«نەسىھەت دۇردانىلىرى»، «غوم ساقلىماڭ»، «غېلىم»،«مۇت يېمەڭ»،«بارمۇ شۇنداق بىر ئەيىپ» ... قاتارلىق غەزەل ۋە مۇخەممە سلىرىدە ساپ ئەخلاقنى قەدىرلەش، يامان ئىللەتلەرنى، بولمىغۇر قىلمىش قاتارلىق ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ھېكمەت ۋە ئىبارىلىك شىېئىرىي تىل ۋاستىلىرى بىلەن قايىل قىلارلىق ئىچىپ بەرگەن.
تۆتىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيتىدە شەكىللەنگەن يەنەبىر مۇھىم تېما ئالاھىدىلىك بولسا ئىلىمنى ئۇلۇغلاش،ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش،ئىلىملىك بۇلىشنى تەكىتلەش. شائىر بىرقىسىم ئەسەرلىرىدە ئىلىم بىلەن جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇرگانىڭ مۇناسىۋىتىنى مەنتىقىلىق ھالدا بايان قىلىپ ، ئىلىم-مەرىپەتكە سەل قارالسا، جەمىيئيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۈكسىلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەلمىي ھەقىقەتنى يۇرۇتىشقا تىرىشقان. «دېمىدىم بۇسۆزنى قارىسىغا»،«ئۇلۇغ كەسىپ»،«ناداننىڭ راھىتى داناغا كۆلپەت »، «بىلمەسلىك باشقا، نادانلىق باشقا»...قاتارلىق بىر تۇر*كۇم شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالىدىن دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ ساپاسىغا داغ تەككۈزىۋاتقان نىگىزلىك ئىللەتلەرنى ئېچىپ بەردى. ئۆز مىللتىنى ماختاشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئىللىتىنى پاش قىلىشقا سەل قاراش ياكى جۇرئەت قىلالماسلىقتەك بىرتەرەپلىمىلىكلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگىچە پىكىر ۋە يېڭىچە روھ بىلەن نەزەردائىرىسىنى ئېچىشنىڭ زورورلىگىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتىكى شېئىرلىرى ئىچىدە«ئاھ،مىنىڭ مېللىتم» ۋەكىللىك خاركتىرگە ئىگە. پرۇفېسسۇرئازات سۇلتان ئېيىتقاندەك:«شائىر بۇ شېئىرىدا مىللەتنىڭ ئۇمۇمىي خاراكتىرىدە مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان،مىللەتنىڭ تەققىياتى، گۈللىنىشى،رىقابەت دەۋىرىدە ئۇتۇپ چىقىشغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇن بولۇۋاتقان ئىتتىپاقسىزلىق،يۇتۋازلىق، ھورۇنلىق، خۇراپاتلىق،نادانلىق،مەيخورلۇق، ئەيىش- ئىشرەت كە بىرىلىش... كە ئوخشاش ھەرخىل ئىللەتلەرنى-خاھىشلارنى تەنقىدلەپ، ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان رىقابەت، خىرىس، تەلەپلەرنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە‹جاھان نەدە، بىز نەدە؟› دىگەن سۇئالنى قويۇپ، خەلىقنى ئىتتىپاقلىشىشقا ، كۈنلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا، تىرىشپ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن، ھەرخىل بەخىت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل كېلىچىكىنى يارتىشقا چاقىرغان»⑩.  ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغرا ئەدەبىيات كۆز-قارىشى،ساغلام ئىجادىيەت ئىدىيسى،كۆزىتىش،تەسەۋۇر قىلىش، ئىپادىلەش، ئەكەس –ئەتتۇرۇش ماھارىتىنى پۇتكۈل ئىجادىيەت ئەمىلىيتىدە تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىلىمسىزلىكنىڭ مىللەتكە، خەلىققە كەلتۇرگەن زىينىنى، خۇرپاتلىق پاتققىنىڭ مىللىتنىڭ،خەلىقنىڭ تەرەققىيات  يۈكسىلىش يولىنى تۇسۇپ قويغانلىقىنى، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بىلىم ئىلىشنىڭ تەخىرسىزلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇمۇمەن، شائىر  ئىجتىمائى تۇرمۇش ھادىسلەرنى ھەر تەرەپلىمە يۇرتۇپ بىرىش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شىرىن مېۋىلەرنى تەقدىم قىلدى.
يازماق ئاسان، شائىر بولماق تەس،
بىرسى ئەقىل بۇرۇچ بىرسى ھەۋەس.
شائىر دېمەس،شېئىرمۇ ئەمەس،
گەرلەززىتى قىلالمىسا مەس.
شائىر قەلبىدىن تۇغۇلغان يۇقىرىقى مىسرالارنى روزى سايىت ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت ئەمىلىيتى جەريانىدا ھاسىل قىلغان يەكۈن. دىسەك خاتا بولمايدۇ. ھەقىقەتەن يازماق ئاسان يازغاننى خەلق يارايدىغان«شائىر بولماق تەس»چۈنكى يازغانلىرى كىشىلەرگە مەنىۋىي كۈچ ئاتاقىلالمىسا، سۇ، كۈمۈر،مۇھەببەت گۇلى، جەڭ تەزىيىسىگە ئايلىنالمىسا، مىللەتنىڭ ئۇيۇشقاقلقى،ئالغا ئىلگىرلەش روھىي ۋە كۆرەش ئىرادىسىگە پۇتلىكاشاڭ بۇلىدىغان ھەرقانداق ناچار قىلمىشلارغا شېئىرىي نەيزىسى سانجىپ ئۆتەلمىسە،ئۇنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى نىمە؟ جەڭ مەيدانى باھادىرلارنى تاۋلايدۇ.خەلقىنىڭ قەلبىمۇ ھەقىقىي شائىرلارنى تاللايدۇ.ھەقىقىي شائىر خەلقىنىڭ قەلبىگە ياقىدۇ.«يارتىش» دىگەن مانا شۇ. روزى سايىت ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ سان-ساناقلىقنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس.بەلكى كىشىلەر قەلبىگە يارىغانلىقىدا يەنە كىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ، مۇئەييەن ھەسسە قوشقانلىقىدا ئىپادىلنىدۇ.
1973-يىلدىن ئىتبارەن شائىر روزى سايىت ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپىسىدە كۆپلىگەن بەدىئى ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇردى. قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان خېلىلا زور ھەجىملىك كىلاسسىك داستاننى مەزمۇن ئەينەنلىكى ۋە بەدىئى يۈكسەكلىكىگە تۇلۇق سادىق بۇلۇش ئاساسىدا ئۆز بەھرى بۇيىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئايلاندۇرۇپ شېئىرىي يول بىلەن تەقدىم قىلدى. تېلىۋىزىيە بەدئىى سەنئەت فىلىمى ئۆستىدە قەلەم تەۋرەتتى. ئۇمۇمەن تىل ۋە بەدىئى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەمدە بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى تۇر ژانىرلىرىدا ئىشتىراق  قىلىپ كۆپ ئىزدەندى. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە شېئىر ئىجادىيتى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىدى. شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيەت يولى ئۇيغۇر شېئىرىيتنىڭ ئارزو ۋەزنى ھەم بارماق ۋەزنىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماقنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن خاراكتىرلەندى.مەسىلەن:غەزەل،مۇخەممەس، مۇۋەششەھ، مۇستەھزاد،مۇسەممەن،مەسنەۋىي،مۇختەملان،تەرجئىبەند، روبائىي شەكىلى قاتارلىق شەكىللەر ئۇستىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى يىتېشتۇرۇش بىلەنلا قالماي،ئەڭ قەدىمقى شەكىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىش يولىدا تىرشچانلىق كۆرسىتىشمۇ روزى سايىت ئىجادىيتىدىكى گەۋدىلىك بىر تەرەپ قاراشقا بۇلىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيتىدە مۇھىم سالماققا ئىگەبولغان باشقا ژانىرلارغا ئوخشاش خىلى زور سالماقنى ئىگەللىدى. ئۇنىڭ روبايئىلىرى مەنتىقىلىق ھەم ئوبرازلىق تەپەككۇر،ئىخچام شىرىن تىل،باي تەسەۋۋۇر ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ياردىمىدەتەبىئەت ۋە ئىجتىمائى ھايات ھادىسلەرنى, كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى روشەن ھەم تەسىرلىك ئىپادىلەپ بىرەلىگەنلىگى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر.
روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىغان ئەسەر «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى» قاتارلىق 11پارچە شېئىر- داستانلار تۇپلىمى،9پارچەھېكايىسى.10پارچىدىن ئارتۇق ئىلمي ماقالىسى، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي تىلى ۋە ئۆزبېك تىلىدىن نەشىرگە تەييارلىغان 6توپلام ئەسىرى ھەرقايسى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.«دىھقان بۇلماق تەس»، «خوتەندە راۋان يۇللا»، «ئاھ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش» قاتارلىق دىكلاماتسىيە قىلىنغان مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان 3دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.ئۇ يەنە 8پارچە بەدىئىي سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيسىنى يىزىپ چىققان. خوتەن رايۇنىغا مۇناسىۋەتلىك 8ئەدەبىي كىتاپنى تۇزىش ۋە تەھىرلەشكە قاتناشقان.200 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستىلىرگە ئاھاڭ ئىشلەنگەن. 100پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تېما ، ھەرخىل ۋانىردىكى سەنئەت نۇمۇرلىرنى يازغان. 1983-يىلى «بارات يازغان ھېكايە»ناملىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاش كومتېتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 53پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ ھەر خىل ناملاردىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001 -يىلى 9-ئايدا دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ تەكلىبى بىلەن«رۇزى سايىت شېئىرلىردىن»ناملىق 2پارچە شېئىرلار توپلىمى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنپ تارقىتىلغان.روزى سايىت قىقىغىنا 28 يىللىق ئىجاىيەت ھاياتىدا 25 پارچە داستان(13مىڭ مىسرا)،1000پارچىدىن ئاريۇق غەزەل(22مىڭ مىسرا)80پارچىدىن ئارتۇق مۇخممەس، مۇسەممەن،مۇسەددەس(700مىسرا)، 1200 كۇپلتتىقا يېقىن رۇبائىي،تۇيۇق، تەجنىس، پەرد (4500مىسرادىن ئارتۇق)،500پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى (4500مىسرا) يازدى. روزى سايىت ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ سان-ساناقلىقنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس.بەلكى كىشىلەر قەلبىگە يارىغانلىقىدا يەنە كىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنىڭ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ،مۇئەييەن ھەسسە قوشقانلىقىدا ئىپادىلنىدۇ.
ــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:
①      ②⑦روزى سايىت،« پاھ، دىھقان ھەيكىلى»، شىنجاڭ ياش-ئوسمۇرلەر نەشىريىاتى، 1999-يىلى. ( ئاپتۇر لەۋزىدىن، 1-بەت).
②       نۇر مۇھەممەت توختى،« دىھقان كۈيچىسىنى ئەسلەيمەن»،تارىم ،2002-يىللىق 2- سان. 143-بەت.
④⑤  روزى سايىت،« دىھقان كۈلكىسى»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1998-يىلى 10-ئاي، (مۇقەددىمە ئورنىدا، 3-بەت).
⑥⑩ ئازات سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرىھىملار تۈزگەن«ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدىبىيات تارىخى»(ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك)،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،2002-يىلى 9-ئاي،1-نەشىرى.173-178-بەتلەر
⑧ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۇزۇلگەن:«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى». 4-توم2-كىتاب1 -نەشىرى، 400-بەت.
⑨ ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي(73-77بەتلەر).
پايدىلانمىلار:
①  روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»1-2-قىسىم، مىللەتلەر نەشىرىياتى،2009-يىل 9-ئاي.
②  روزى سايىتنىڭ يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق شېئرلىرى. مۇناسىۋەتلىك ماقالە،ئەسلىمە خاتىرلىرى.
③ ئازات سۇلتان،كېرىمجان ئابدۇرىھىملار تۈزگەن«ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان ئەدىبىيات تارىخى»(ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك)،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،2002-يىلى 9-ئاي،1-نەشىرى.
④  ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۇزۇلگەن:«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى».4-توم2-كىتاب1-نەشىرى
⑤ نۇر مۇھەممەت توختى،« دىھقان كۈيچىسىنى ئەسلەيمەن»،تارىم ،2002-يىللىق 2- سان
⑥ ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي.



ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ـــــ ئازات  سۇلتان توغرىسىدا

ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان  ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، روشەن ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى شەكىللەندۈرپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس بەلكى، شىنجاڭدىكى قۇشنا مىللەتلەر ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىمۇ  ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى ئىجادىيەت مېۋىسى بىلەن بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتقان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئازات رەخمىتۇللا سۇلتان 1951- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1975-يىلى يازغان «بۇران- چاپقۇندا» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ئۇ بوۋىسىنىڭ ئىسمى «سۇلتان» سۆزنى فامىلە قىلىپ قوللانغاندىن كىيىن جەمىئيەت ۋە كەڭ ئەدىبىيات ساھەسىدە ئۇنى «ئازاد سۇلتان»دەپ ئاتاش ئۇمۇمىيلىققا ئايلانغان. ئۇ ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ،ئەدەبىيات ئارقىلىق ئەدەبىي ئىجادىيەتكە، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئارقىلىق، ئەدەبىي تەتقىقاتى سېپىگە كىرىپ كەلگەن بىر مەسئولىيەتچان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئازات سۇلتان  ئالدى بىلەن بىر مائارىپچى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مائارىپ بېغىدىكى تۇھپىكار باغۋەن. ئەدەبىياتقا چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە  ئەدىبىيات تەتىققاتچىسى. ئۇ  ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت رۇھىي بىلەن دادىل ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات مېۋىسىنىڭ كۆكلەپ مىۋە بىرىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغا يېڭى تۇپراق ھازىرلاپ، ئۆزىنى تۇلۇقلاپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان يىڭىلىق يارتىش رۇھىغا باي، ئىجتىھاتلىق ئەدىبىياتشۇناس.
ئازاد سۇلتان باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچى شەھەردە ئوقۇپ تاماملىغاندىن كىيىن قۇمۇل ئارا تۈر*ۈك ھەربىي ئات مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان. ئۇ 1973-يىلى ئۆزى ئۇقۇغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەپ كېلىنىپ،1978- يىلغىچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۇپ بەرگەندەك قىلسىمۇ،لىكىن بۇ خىل قاتلاممۇ-قاتلام ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ئارقىمۇ–ئارقا مەيدانغا  چىقىشىنىڭ كەيىنىگە مۇقەررەر يۇسۇندا ئۈن-تۈنسىز تىرىشىش ۋە جاپالىق ئىزدىنىش روھىينىڭ يۇشۇرۇنغانلىقنى ۋە ئۆزىدە تەبئىي ھالدا شەكىللەنگەن ئىچكى ئېنىرگىيە جۇغلانمىسنىڭ ھەرىكەتلەندۇگۈچ كۈچكە ئايلانغانلىقىنى ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. مېنىڭچە، بۇ خىل تەۋىرىنىش كۈچىنى ئازاد سۇلتاننىڭ دەل مۇشۇ باسقۇچتىكى ئۆزىدىن ھالىقىش كۈچى ۋە ئىزدىنىش روھىي دىرىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ بۇگۇنكىدەك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى زور نەتىجلەرنى قولغان كەلتۇرۇشىگە ئاساس بولغان بىردىن –بىر «خېمىر تۇرۇچ»بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيتىنىڭ كەڭرى قانات يېيىشى ئۈچۈن بىر سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ خىل ئون-تۇنسىز ئىزدىنىش، ئۆزىنى تۇلۇقلاپ تۇختاۋىسىز ئىلگىرىلەش ۋە ئەدەبىياتقا بولغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھي بىزنىڭ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىپ قىلىشمىزغا، ئۈگىنىشىمىزگە تېگىشلىك مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى. مېنىڭچە، ئازات سۇلتاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخىنى تۈۋەندىكىدەك باسقۇچلار بۇيىچە تەھلىل قىلىشقا بۇلىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ، ئازات سۇلتان ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ جۇغلانما باسقۇچى. (1951-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە بولغان مەزگىللەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ). ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن قارىغاندا،ئۇنىڭ ئىجادىيتىنى بىر قەدەركىچىكپ باشلانغان دىرىىشكە بولىدۇ. ئۇ 1975-يىلدىن ئىلگىرى بىر پارچىمۇ ئەسەر ئېلان قىلمىغان. لىكىن بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە تاسادداپىلا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتقا بولغان تۇغما ھەۋەس ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە جۇغلىنىپ، پىشىپ يىتىلگەن بىر پەيىتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى. دىمەك،ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېنىرگىيەجۇغلاش ۋە تەپەككۇرىنى تاۋلاش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن. مېنىڭچە، ئازات سۇلتاننىڭ بەدىئى جۇغلانما باسقۇچىنى ئۇنىڭ ئانا تىل ساۋادى چىققان ۋاقىتتتىن باشلانغان دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد مەركىزى بولغان ئۇرۇمچىدە مەرىپەتپەرەر مائارىپچى ئائىسدە دۇنياغا كىلىشپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچى مەكتەپ تەربىيسىنى ئىلىشى، ئۇنىڭ ئۆسمۇرلۇك مەزگىلىدىكى ئۇگنىش ۋە تەربىينىشلىگە مۇئەييەن ئىجتىمائى مۇھىت ھازىرلىغان. شۇ مەزگىللەردە پىشقەدەم مائارىپچى ئاتىسى رەخمىتۇللا سۇلتان 1957-يىلى يېڭىلا قۇرۇلغان ئۇرۇمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتۋىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىدى.(شۇ مەزگىللەردە مەزكۇر مەكتەپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئېنىستىتوتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىۋى دەپ ئاتىلاتتى). ئاتىسى رەخمىتۇللا سۇلتاننىڭ كۈچلۈڭ مائارىپ قارىشى، مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى  بۇ خىل قۇيۇق بولغان مائارىپ مۇھىتى ئازاد سۇلتاننىڭ ئىپتىدائى مائارىپ باسقۇچىنىڭ بىر قەدەر سېتىمىلىق شەكىللىنىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ خىل ئىجتىمائى مۇھىت ئىچىدە كىچىكىدىن ئىلىمگە ھىرىسمەنلىك ۋە كىتاپ ئوقۇشنى تەبىئى ھالدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرغان. باشلانغۇچتىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان مەزگىللەردە ئەدەىبي ئەسەرلەرگە زور ئىشتىياق باغلىغان ئازاد سۇلتان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمۇ چەكلىك بولغان ئەشۇ يىللاردا ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روس ئەدبىياتدىن تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزىلگەن ئەسەرلەردىن تولىستۇي،گوركىي، تۈرگىنىپ... قاتارلىق داڭلىق روس كىلاسسىكلىرنىڭ بەدىئىلىگى يۇقىرى، باياننىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ئىنسان پىسخىكىسنىڭ مۇرەككەپلىگىگە قارىتىلغان نادىر ئەسەرلىرىنى قانماي ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىياسىي پۇرىقى كۈچلۈك، پىرسۇناژ خاراكتىرىدىكى قۇتۇپلىشىش ۋە شۇئارۋازلىق ئېغىر بولغان ئەسەرلەر كەڭ ئەۋىج ئالغان ئەينى دەۋىر مۇھىتى، ئازاد سۇلتاندەك بىر ئەدىبىيات ھەۋەسكارىنىڭ ئەدىبىيات ھەققىدە قىزىقىشنى كۈچەيىتكەن. ئۇيغۇر كىلاسسك ئەسەلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روس ئەدەبىياتى پىشىۋالىرىنىڭ ئەسەلىرى بىلەن تۇنۇشۇش ئۇنىڭ تەپەككۇر يولىنى ئاچقان ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان.
ئەپسۇسكى، ئازاد سۇلتاننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمدىلا تاماملىغان مەزگىللىرى مەدىنىيەت ئىنقىلاۋنىڭ بۇران چاپقۇنلىرى كۆتۇرۇلگەن مەزگىللەرگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، ئەمدىلا ئۆسمۈرلۈكتىن ياشلىق مەزگىلىگە قاراپ مېڭىۋاتقان ئازات سۇلتاننىڭ ھايات ھەققىدە ئويلىنىشلىرنىڭ دەسلەپكى مۇقەددىمسى ئېچىلىشقا باشلىغان مەزگىللەردە مەدەنىيەت ئېنقىلاۋىنىڭ بۇرانلىرى ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە مۇستەقىل ئويلىنىشقا پۇرسەت بەرمىگەن. قابىلىيەتلىك مەكتەپ مۇدىرى ئاتىسى رەخمىتۇللا سۇلتاننىڭ ئەينى دەۋىردىكى چېكىدىن ئاشقان سولچىل لۇشىيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، خىزمەتتىن چىكىندۇرۇلۇپ، تۇرپانغا چۇشۇرۋىتىلىشى بىلەن تەڭ  ئازاد سۇلتان ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياشتىكى بارلىق ياش-ئۆسمۇرلەرگە ئۆخشاش، ئوتتەك ياشلىقىنى مەدەنىيەت ئېنقىلاۋىنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىغا ئەسىر قىلغان. ھەمدە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا مەدەىنىيەت ئېنقىلاۋىنىڭ قۇمۇلدا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان بۆلىكىدىكى ئاۋانگارىت ياش ئېنقىلاپچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئادەملەردە ھەقىقەت ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى يوقالغان ھەممىلا ياقنى ۋەھىمە قاپلىغان جەمىئيەتتە، كۆزىگە كۆرۇنۇپ تۇرغان ئاڭسىز ھالدا ئشتىراك قىلىنغان ناھەقچىلىقلار ئۇنىڭ ئىدىيسىدە تۈرلىك زىددىيەت ۋە گاڭگىراشلارنى پەيدا قىلغان.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىراق چەت جايلاردىكى ئاددىي دىھقانلار ئارىسىدا، ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلاردىكى دىھقانلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۈلۈش، قايغۇسى بىلەن يىغلاشنىڭ ئۆزگىچە ھىدىنى ھىس قىلغان شەھەر يىگىتى ئازاد سۇلتاننىڭ سەبىي قەلبىدە كەڭ دالىلاردىكى مەيىن شاماللار بىلەن نامراتلىق قاپلىغان يىراق يېزا تۇرمۇشى تۇرمۇشنىڭ ئاچىچىق-چۈچۈكلىرىدىن ساۋاق بىرىپ تەپەككۇر ئاسمىنىدا سان-ساناقسىز سۇئاللارنى پەيدا قىلغان. بۇ مەزگىللەردىكى ھەقىقى، ساپ رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش بىلەن تۇنۇشۇش ۋە تەبىئەت بىلەن بىرۋاستە ئۇچرىشىش پۇرسىتى، ئۇنىڭ يېڭى ۋە قايناق ھىسياتىنىڭ تاۋلىنىشىغا، تۇرمۇش تەجىرىبىلىرنىڭ چوڭقۇرلىششىغا بىرۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇ مۇشۇنداق جاپالىق شارائىلاردىمۇ ئۇگىنىشى ۋە كىتاپ ئۇقۇشنى تاشلاپ قۇيغان ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئۇ مەزگىللەردە كۈندىلىك پائالىيەتنى ئۇرۇنداپ بۇلغاندىن كىيىن شۇ ۋاقىتتا ئوقۇش ئىنكانىيتى بولغان خەنزۇ ئەدەبىياتنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»... قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى پۇرسەت تېپىپ ئۇقۇپ چىقتىم. بىر بۈلەك كۈرۈپ بولسام شۇ بىر  بۈلەك ھەققىدە بىرگە چېنىقىشقا چۈشكەن دۇستلىرىم بىلەن مۇنازىرلەرنى قىلىشاتتۇق. مۇنازىردىن كىيىن يەنە قايتا كۇرۇپ چىقاتتىم. بۇنىڭ بىلەن چۈشۈنىشىمنى تېخمىۇ چوڭقۇرلاشتۇراتتىم . كۈندە كىتاب ئۇقۇش مىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىم ئىدى. كىتاپ ئۇقۇش تۇپەيلى بەزى بىر  كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان بولساممۇ ، بوش ۋاقىت تاپساملا كىتابنى قولۇمدىن چۈشۇرمەيىتتىم». كۆرۈپ ئۆتكىمىنىمىزدەك ئۆزلۇكسىز كىتاپ ئۇقۇش ئادىتى ئۇنى تەبىئىي ھەلدا ئەدىبىياتنىڭ كەڭرى قوينىغا قەدەم بىسىشىدىكى بىردىن بىر يىتەكچى ئامىل.
ئازات سۇلتاننىڭ  1973-يىلى ئۆزى ئوقۇغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە يۈتكەپ كېلىنىپ ئوقۇتقۇچلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇنى يەنە بىرقىتىملىق  ئۈگىنىش ۋە ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان ئازاد سۇلتان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمىۇ چەكلىك بولغان ئاشۇ قاباھەتلىك يىللاردا ئۆزىمىزدە ساقلىنىپ قالغان كىلاسسك ئەدىبىيات نەمۇنىلىرىدىن باشقا شۇ دەۋىردە يېڭى يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا زور ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ قېتىيقىنىپ ئوقۇغان. شۇنداقلا ئۇنى قانداقتۇر بىر مەنىۋىي تەشنالىق بىر تەرەپتىن قىينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىزدىنىشكە مەجبۇرلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەدىنىيەت ۋە مەنىۋى قەھەتچىلىكنىڭ ماددىي ئاچارچىلىقتىنمۇ بەكرەك قىينايدىغانلىقنىڭ  غۇۋا سىماسىنى يەنە بىر قىتىم ھىس قىلىغان. مېنىڭچە، ئۇ قۇمۇل ئارا تۈر*ۈك ھەربىي ئات مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئىلىش ۋە قايتىپ كىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ۋە ھايات ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئەتراپلىق مول چۈشەنچىگە، مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولسا، كىتابقا بۇلغان مۇھەببەت، ئۈزلۈكسىز كىتاب ئوقۇش ئۇنى تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ئەتراپلىق كۆزىتىش، ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ھىسسى كۆز بىلەن قاراشتىن ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشگە ئاساس بولغان. شۇنداقلا، ئۇنى ئەدەبىيات بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلىغان.
ئىككىنچى باسقۇچ، ئازاد سۇلتان ئەدەبىي-ئىجادىيتىنىڭ پارتلاش باسقۇچى. (1975-يىلىدىن 1983-يىلغىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىش مۇمكىن) ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش رۇھى بىلەن تۇختىماستىن تىرىشىپ ئىلىمىز ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتنى قېتىرقىنىپ ئۇگىنىشى نەتىجىسىدە، يىڭىلىق يارىتىش رۇھىغا باي بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى تەبئىي رەۋىشتە ئۇنى بىر قىتىملىق يېڭىچە بولغان ئەدەبىيات مۇھىيتىغا باشلاپ كىردى. ئازاد سۇلتان  1975-يىلى «شىنجاڭ ئەدىبىياتى»(خەنزۇچە) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان«بۇران-چاپقۇندا» نامىلىق تۇنجى ھېكايىسىدە ئۆزى شاھىت بولۇپ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن زۇلمەتلىك يىللاردىكى رىئال تۇرمۇش ئىنكاسىنى ئەدبىيات تەپەككۇرىدا تاۋلاپ، ئۇقۇرمەنلەرنى چىنلىق ئۈستىگە قويۇپ يارتىلغان  «بۇران-چاپقۇنلۇق» يىللارنىڭ بەدىئىي كارتىنىسىغا باشلاپ كىرىدۇ. ھىكايىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەركىزى ئىدىيە  ئاپتۇرنىڭ ئۈزۈندىن-ئۈزۈن قۇرۇق بايانلىرىدا ئەمەس، بەلكى پىرسۇناژلارنىڭ بىۋاستە سۆز- ھەرىكەتلىرى داۋامىدايارتىلغان بولغاچقا ئوقۇرمەنلەرنى چىن  ھىسيات تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان. بېلىنىسكى ئېيتقىنىدەك:«سەنئەت-رىئاللىقنىڭ كۆچۈرۇلمىسى. شۇڭا سەنئەتىنىڭ ۋەزىرپىسى تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش،گۈزەللەشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى رېئال مەۋجۇدىيەت نى نامايەن قىلىپ بېرىشتۇر». ھېكايىدە ئەكىس-ئەتتۇرۇلگەن ئەركىنلىك، گۈزەللىكە بولغان تەلپۇنۇش ھېكايىنىڭ ياخشى باھاغا ئىرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى. تۇرگېنېۋنىڭ: «ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان تۇرمۇشنى زورمۇ-زور يازغان يازغۇچىدىن ئونى بولسا، توققۇزى مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ»②دەپ ئېيتقىنىدەك ئازاد سۇلتانىنىڭ ئۆزكەچمىشى ئۇنى رىئال ماتىرىيال مەنبەسىگە ئىگە قىلغاندىن باشقا، ھېكايىدىكى چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىق تۇيغۇسىنىڭ چوڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرغان. ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن رىئال تۇرمۇش شۇ دەۋىردىن، شۇدەۋىر كىشىلىرگە قايتۇرۇلغان قايتۇرما ئىنكاسنىڭ نەتىجىسى. شۇنداقلا، شۇ دەۋىر تۇرمۇش كارتىنىسىدىن  يارتىلغان «تىز سىزما». مىنىڭچە، ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۇرگەن تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرىگە جاۋاب ئىزدىگەن. شۇنىسى ئېنىقكى،دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەر تاسادىپىيلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كەينىگە سانسىزلىغان جاپالىق ئىزدىنىشلەر بىلەن ئۈن-تۈنسىز تۆككەن قان-تەر يۇشۇرۇنغان. شۇنىڭغا ئازات سۇلتاننىڭ تۇنجى قولغا كەلتۇرگەن بەدىئى مۇۋاپىقيىتىنى ئەمىلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇشۇرۇن چىنىقىشنىڭ يەنى، تەييارلىنىشنىڭ نەتىجىسى دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ. بەدىئى تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن ياكى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن شۇ مەزگىلدىكى باشقا ھېكايىلەرگە قارىغاندا پىشقان بولۇپ، بۇنى ئاپتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بىرخىل يۇشۇرۇن ماھارىتنىڭ ئىپادىلىنىشى دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ. يازغۇچى ئۆزى تەۋە بۇلغان ئىجتىمائى مۇھىت ۋە شەخسەن ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش، ئۇگىنىش ۋە تەپەككۇرنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرنى باشتىن كەچۇرىدىغانلىقى ئىنىق. نەتىجىدە، ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ جەھەتتىكى تىگىشلىك ھازىرلىقلىرى جۇغلانغان مانا مۇشۇ پەيىتتە ئۇنىڭدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلانما ۋە يۇشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچى ئاخىرى پارتىلاپ چىققان.
ئازاد سۇلتان ئىزچىل تىرىشىش نەتىجىسىدە 1978-يىلى ئىمتىغانغا قاتنىشىپ تىيەنجىن نەنكەي ئۇنۋىرىستېتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كەلگەندىن كىيىن ئۇزاق مەزگىللىك قەلبىگە يۇشۇرۇنغان ئارزۇسىنىڭ غۇۋا سىماسى كۆرۈنگەندەك بۇلىدۇ. ئۇ ئارزۇ قىلىپ كېىۋاتقان  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقىنى يۇرۇتقاندەك، رۇھىغا سىڭىپ كەتكەن تۇرلۇك ئاچچىق-چۈچۈك كەچمىشلەر ۋە ئىگىز-پەسلىكلەرگە تولغان بۇ دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياتقا نىسبەتەن يېڭى بىر مەنزىرە پەيدا قىلغاندەك ھىس قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان بىلىم تەشنالىقىنى ئالىي مەكتەپ قوينىدا قاندۇرۇش ئىمكانىيىتگە ئاخىرى ئىرىشكەنلىگىنى ھەقىيقى ھىس قىلىدۇ. ئوقۇشقا كىرىشى بىلەن ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى چۇشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇش رىئاللىقى ئالدىغا تاشلىغان ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋاپسىز سۇئاللار ئۇستىدە قايتا ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ بۇ مەزگىللەردە بالزاك ۋە مۇپاسساننىڭ ئەسەرلىرىدىكى تۈرلۈك رىئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى، شىكىسپىر دىراممىلىرىدىكى گۈزەل ۋە تەسىرلىك تېراگىدىيلىك توقۇنۇشلارنى، دىككىنىس، لاۋرىنىسلارنىڭ قەلىمىدىكى ئىنسانىڭ ئەسلى تەبىئىتى ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائى خۇسۇسىيىتىنى، گىئورگى ساندىنىڭ سىرلىق ھەم گۈزەل تەبىئەت تەسۋىرلىرىنى، سىرۋانتىسنىڭ كىنايە ئاستىغا يۇشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنالىرىنى ئەدەبىيات ئالىمىدىكى ئاجايىپ گۈزەل ھەم  سىرلىق بەدىئىي دۇنيانىسىدا تۇنۇپ يىتىدۇ. ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك ھىسياتىنىڭ شۇ قەدەر ساپ، شۇ قەدەر چوڭقۇر بولىشى، ئۇنى  ئەدەبىيات تەپەككۇر  ئالىمىدە ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىدۇ.  
ئازاد سۇلتاننىڭ  1982-يىلى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتى تىل- ئەدەبىيات فاكولتىتىغا تەقسىم قىلىنپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بۇلىشى  ئۆنى بىرقىتىمىلىق ئۆزىنى چىنىقتۇرۇش پورسىتىگە  ئىگە قىلغان. ھەم ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچاس باغلىدى.1983-يىلى يازغان «ئۆلگەن بوغا»نامىلىق ھېكايىسى«شىنجاڭ ئەدەبىياتى»(خەنزۇچە) گېزىتىدە ئېلان قىلنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىجادىيتىدىكى بىرقىتىملىق تۇختاۋسىز ئىلگىرلەش نەتىجسىنىڭ مۇقەررەر يۇسۇندا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى. ھېكايىنىڭ تېما ۋە مەزمۇندىكى يېڭىلىقى بىلەن مەيدانغا چىقىشى ئىنسانىيەت ئۇرتاق ھىس قىلىۋاتقان كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئەكىس ئېتىشى ھىسابلىنىدۇ. ئازاد سۇلتان بۇ ھېكايىسىدا دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى «يىلتىزغا قايتىش»،«يىلتىز ئىزدەش» تەك قىزغىنلىق  خائىشىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىپادە قىلىغان. يەنى، ئانا تەبىئەتنى سۇيۇش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاشتەك ئىدىيەنى ئەسەر باش قەھرىمانغا باغلىغان. بۇلار بىر تەرەپتىن مۇرەككەپ زىددىيەت تۇقۇنۇشلار ئارقىلىق ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ  ۋارىسى بۇلغان باش قەھرىمان ئۇبرازىنى مۇكەممەلىككە ئىگە قىلغان بۇلسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانىيەتكە بالا كەلتۇرۋاتقان ئاپەت، چىركىن ئامىللارنىڭ، ئىللەتلەرنىڭ ئەتراپىمىزدا يامراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن نەپرەتلىنىدۇ.مانا بۇ ھېكايىدە ئىپادىلەنگەن دۇنياۋى كىرزىس تۇيغۇسى. بېلىنىسكى ئېيتقىنىدەك:«سەنئەتتە رىئاللىققا سادىق بولمىغانلىكى نەرسىلەرنىڭ ھەننىۋاسى يالغانچىلىق ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئاشكارا بولغىنى ئىقتىدار بولماستىن، بەلكى ئىقتىدارسىزلىقتىن ئىبارەت بولىدۇ»③. ئۇ رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروزا ئىجادىيتىدە ئۆزىگە خاس بولغان بەدىئىي ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان. بۇ ئازاد سۇلتاننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىجادىيەت سىنقى ھەم ئىجادىيەت مۇۋاپپقىيتى بولدى. مېنىڭچە، رىئالىزىمنى ئازاد سۇلتاننىڭ تۇنجى ئەدەبىي- ئىجادىيەت مىۋىسىنىڭ  يىلىتىز تۇتۇپ بىخلىنىشىدىكى ئانا تۇپراق، مەۋجۇپ بۇلۇپ شەكىللىشىنىڭ بىردىن-بىر ھاياتلىق مەنبەسى دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ. ئەمما، ئازاد سۇلتاننىڭ ھېكايە ئىجادىيتى ئۇنىڭدىن كىيىن قايتا داۋاملاشمىغان.
ئۈچىنچى باسقۇچ، ئازادسۇلتان ئىجادىيەت دائىرسىنىڭ كېڭىيىشى باسقۇچى.    بۇ مەزگىللەردە ئۇ  ئەدەبىي-ئىجادىيەت يۇلىنىشىنى ھېكايە ئىجادىيتىدىن ئەدەبىي تەرجىمە ۋە ئىلمىي ھالدىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا يۈزلەنگەن.(1983-يىلدىن 1997-يىلىغچە بولغان مەزگىلەرنى كۆرسىتىش بولىدۇ). ئۇ جۇڭگو ۋە چەتئەل يازغۇچىلىرنىڭ ئاز بولمىغان داڭلىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تۇنۇشتۇرغان. مەسىلەن: «چېلىشىش» (ف.مۇھەممەدىيۇف،‹سوۋىت ئىتتىپاقى،ھىكايە،دۇنيا ئەدەبىياتى،1983-يىل،6-سان)، «كوممۇنا ئەزاسىنىڭ تۇروپكىسى» (ئېليا ئېرىنبورگ، ‹سوۋىت ئىتتىپاقى›،ھىكايە، دۇنيا ئەدەبىياتى، 1984-يىل، 4-سان)، «تۇغۇلغان كۈن » ( ل. تىرىشىپ،‹سوۋىت ئىتتىپاقى›،ھىكايە، دۇنيا ئەدەبىياتى، 1985-يىل، 2-سان)،«شىڭ شىنيى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيتى توغرىسىدا» (دۇنيا ئەدەبىياتى، 1985-يىل، 3-سان، ماقالە)، «لىننانىڭ كۆزى»،(ك.پالما،‹پىرو›،ھىكايە، دۇنيا ئەدەبىياتى، 1985-يىل، 5-سان)،«كۆل بويىدىكى ئەما قىز»،(گورشىن ناندا، ‹ھىندىستان›، ھىكايە، دۇنيا ئەدەبىياتى، 1985-يىل،6-سان)،«ئادىمى ھايۋان»، (زولا،‹فىرانسىيە›، ھىكايە،دۇنيا ئەدەبىياتى، 1986-يىل، 6-سان)،... قاتارلىق 20پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە نەسىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ  ئىلان قىلدۇرغان.  بۇ نىڭ ئىچىدە مۇپاسساننىڭ «چىرايلىق دوسىت» روماننىڭ تەسىىر بىرقەەر چوڭ بولۇپ، كەڭ كىتابخانىلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە سۇيۇپ ئۇقۇشىغا ئىرىشكەن. ئازاد سۇلتاننىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئەدەبىي ئىجادىيتى ئىچىدە ھېكايە ئىجادىيتىگە قارىغاندا ئەدەبىي تەرجىمە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنى ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجادىيەت سىنقى ھەم ئىجادىيەت مۇۋاپپقىيتى دىرىشكە بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيتىمۇ دۇنيا ئەدىبياتىنىڭ 1992-يىلى،1-سانىدا ئىلان قىلغان لىۋان يازغۇچىسى جېبران جىلىل جېبراننىڭ« تۇمان ئىچىدىكى كېمە» دىگەن ھىكايىسىنى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن يەنە قايتا داۋاملاشمىغان. گىيوتى:« سەنئەتكارغا (يازغۇچىغا) نىسبەتەن بىرخىل بولۇشنى مەجبىۇرىيى تەلەپ قىلىشقا ھەگىز بولمايدۇ؛ ھەر كىمنىڭ قىززىقىشى، ھەۋىسى پۈتۈنلەي ئوخشاپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەدىب ۋە سەنئەتكارغا بىرلىككە كەلگەن ئۇخشاش بەلگىلىمە چىقىرىشنى تەلەپ قىلىش مۇقەررەر ھالدا، ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن زور زىيات-زەخمەت كەلتۇرىدۇ»دەپ ئېيتىقاندەك مېنىڭچە، يازغۇچى- سەنئەتكارلارنىڭ ئەركىن بەس-مۇنازىرە قىلىشى، ئىجادىيەتتە ئەركىن بولۇشى، ھەرخىل ئېىقىملارنى، ھەرخىل ژانىلارنى ئۈگىنىشى ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنىڭ پىشىپ يىتىلىشى  ئۈچۈن پايدىلىق. ئازاد سۇلتاننىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ھىكايە ئىجادىيتى ۋە ئەدىبىي تەرجىمىگە قارىغاندا ئەدىبىيات تەتقىقاتىدىكى ئىزدىنىشلىرى مۇھىم سالماقىنى ئىگەللەيدۇ.  مېنىڭچە، بۇ دەل بىز تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا، خۇلاسىلاپ يەكۈنلىشىمىزگە، ئۆگىنىشىمىزگە تىگىشلىك مۇھىم بىرنۇقتا. بىز ئەمدى ئەدىبىي تەرجىمە بىلەن  تەڭ ۋاقىتتا ئېلىپ بارغان ئەدىبىيات تەتقىقاتىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى.
ئازاد سۇلتان 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەدىبي تەرجىمە بىلەن بىرگە «شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ1-سانىدا ئىلان قىلغان «مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» دىگەن ئىلمىي ماقالىسى بىلەن دەسلەپكى ئىلمىي مۇلاھىزە مۇنبىرىگە قەدەم قۇيغان. 1980-يىللاردىن باشلاپ جۇڭگو ئەدىبىياتىدا غەرىب ئەدىبىيات ئېقىمىنى قوبۇل قىلىشقا باشلانغان. 1880-يىللاردىن باشلاپ يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا بەزى يازغۇچى، شائىرلىرىمىز يېڭىلق يارتىش مەخسىتىدە غەرىب مۇدىرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ بەزى ئېقىملىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشنى مەخسەت قىلسىمۇ، لىكىن بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا بۇ ئەدىبىي ئېقىم ھەققىدە ئېنىق بولغان نەزىرىيەۋى چۈشەنچە تېخى ئۆتتۇرىغا چىقمىغان ئىدى . بۇ خىل ئەدىبيات ئېقىمى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ كىيىنكى تەرىقىيات يۈكسىلىشىگە ئىجادىي تەسىر لەرنى كۆرسىتەلەمدۇ؟ يوق. بۇ ئالدىن ئويلىشىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر تەرەپ ئىدى. ھەم بۇ شۇ مەزگىللەردىكى قىزىق تېما بولۇپ، ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە ۋە تالاش-تارتىشلارنى قوزغىغان. بۇ  ھەقتىكى بەس-مۇنازىرلەرنىڭ ھىلىھەممۇ تېخى تۇلۇق ئاخىرلاشقىنى يوق. ئازات سۇلتان بۇ ماقالىسىدە ھازىرقى بەزى كىشىلەرنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدىبىيات –سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىنى غەرىبنىڭ مودېرنىزىمچلىغىغا باغلاپ، ئىستىقبالىنى مۇدېرنىزىم ئەدىبىياتىدىن ئىزلەپ، مودېرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ پىشىۋالىرىدىن بولغان كاۋكا ، پائۇل ۋەسارتىلارنى بېشىغا ئېلىپ كوتىرىپ، غەرىبنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك،فولويىتىزىم، يىڭى توماسىزىم  دىگەندەك سەپسەتىلەرنى ماركىستىك ئەدەبىيات –سەنئەت نەزىرىيسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ بارلىق پۇرولېتارىيات يازغۇچىلىرنىڭ ئۈستىگە قويماقچى بولغانلىقىدەك خائىشلار ھەققىدە توختالغان. شۇنداقلا،  غەرىبنىڭ مودېرنىزىم ئەدىبىيات توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى شەرھىلەپ شەكىللىنىش، تەرەقىقىي قىلىش باسقۇچىلىرى ۋە مودېرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ ۋەكىللىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزگەن. مېنىڭچە، بۇ«مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» دىگەن ماقالىنى مودېرنىزىم ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەقىقى قىلىشى  دەۋەر تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى، «مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمى»،«ئاڭ ئېقىمى»،«ئىپادىچلىك» ۋە مودېرنىزىم ئەدىبىياتىغا باھا قاتارلىق تۆت باسقۇچ بويىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ، مودېرنىزىم ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەقىقى قىلىشى دەۋەر تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى بولۇپ، ئۇ مۇدېرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ شەكىللىنىش  توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ:« مودېرنىزىم ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەقىقى قىلىشى ⅩⅪ-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ غەرب بۇرژۇئازىيسىنىڭ چىرىكىلىشىپ تازا چۈشكۈنلەشكەن مەزگىلىرى ئىدى. غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئەدەبىياتچىلار، سەنئەتكارلار كاپىتالىزىمدىن ۋە ئۇنىڭ چىرىك تۇزۇمىلىرىدىن نارازى بولاتتى، ئۇنىڭدىن يىرگىنەتتى. بىراق ئۇلار يۇرۇقلۇقنى، چىقىش يولىنى كورەلمىگەچكە ۋە ئۇنى تاپالمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلاردا ئىسيانكارلىق، قارشىلىق كورسىتىش روھى كەمچىل بولغاچقا، روھسىزلىق، ئومىتسىزلىق ۋە مەنىۋى ئازاپتىن قىيلىناتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، ئۇلارپاسسىپ ھالدىكى ئانارخىرىم،نىگىرلىزىم خائىشلىرىغا بېرىلىدى. ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى تۇرغان ھوكۇمران سىنىپلار بىلەن ئاپاق چاپاق بولمىسىمۇ،خەلق ئاممىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنىمۇ ياقتۇرماتتى. ئۇلار مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرۇملۇق ئىچىدە ئۇچىنچى بىر يول ـــ روھىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش،سوبىكتىپ دونيادىن پانالىق ئىزلەش يولىغا ماڭدى. شۇ سەۋەپتىن، ئۇلار رىيال تۇرمۇشنى ئەكىس- ئەتتۇرۇدىغان ئەنئەنىۋى ئەدىبىيات-سەنئەتكە (رىيالىزىملىق ئەدىبىيات–سەنئەتكە) قارشى يولدا ماڭدى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئىدىيسى، تەتقىقات پوزىتسىيسى، ئىجادىيەت تەجرىبىسى، كەچمىشلىرى، مىجەز-خۇلىقى، ئىستېتك كۆز قاراشلىرى ھەرخىل بولغانلىقتىن، ئىجادىيەت جەريانىدا تەبىئىي ھالدا خىلمۇ-خىل مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى ئېقىملار پەيدا بولدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەت جەھەتتىدىن يۇقارىقىدەك ئورتاقلىققا ئىگە بولغاچقا، يۇقارىقىدەك خائىش نۇرغۇن ئەدىبىي ئېقىملارغا خاس بولغاچقا، ئۇلار مودېرنىزىمچىلارنى يەنى ھازىرقى زامان تەرەپدارلىرى دەپ ئاتىدى. ئۇلارنىڭ ئەدىبىياتى ھازىرقى زامان ئەدىبىياتى بولۇپ قالدى». ئۇ يەنە مۇدىرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ ئەكىس-ئەتتۇرۇش ئوبىكتى ھەققىدە توختىلىپ:« مودېرنىزىم ئەدىبىياتى تۇرمۇش رىئاللىقىنى ئەكىس-ئەتتۇرمەيدۇ. ئەكىس-ئەتتۇردى دىگەندىمۇ، بۇلار ئايرىم غۇۋا كورۇنۇشلەردىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئەمىلىيەتتە، ئۇ بۇرمىلانغان رىياللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مودېرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ ئىپادىلەش ئوبىكتى كىشىنىڭ سوبىكتىپ دونياسى بولۇپ، يۇشۇرۇن ئاڭ، توغما ئاڭ ۋە ئاڭسىزلىق دىگەنلەردىن ئىبارەت. بىر جۈملە سۆز بىلەن تەرەپلىگەندە، ئۇ پەقەت روھىي دۇنيانى ئىنكاس قىلىشنىلا مەخسەت قىلىدۇ» دەيدۇ. يۇقارىقى پىكىرىنى دەلىللەپ مۇدىرنىزىم ئەدىبىياتىغا تەۋە بولغان «يېڭى پروزىچىلىق» ئەدىبىي ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى فرانسىيە يازغۇچىسى لوب. گېلىس(1922-يىلي) نىڭ «ئوزىنىڭ سىرلىق ساراي» ناملىق  ھىكايىسى ئۈستىدە تۇختىلىپ باش قەھرىماننىڭ بارلىق ھەركەتلىرىدىن ھىچقانداق مۇدا ۋە مەنتىقە تاپىلمايدىغانلىقىنى،ئەسەردە سۆزلىنىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ قايسى ئۇرۇندىكى، قاچانقى ۋەقە ئىكەنلىگىنى، قارىمۇ-قارىشى بولغان ئىككى تەرەپنىڭ زادى قانداق رەقىپلەردىن ئىكەنلىگىنى بىلىۋىلىشقا بۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مودېرنىزىم ئەدىبىيات-سەنئىتىگە تەۋە بولغان «بىمەنىلەرچە تىياتىر» نىڭ  ۋەكىلى بولغان ئىرلاندىيلىك دىراماتورگ ۋە يازغۇچى سامور. بېيكىت نىڭ « ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان» ۋە « ئەڭ ئاخىرىقى بىر تال لىنتا» ... قاتارلىق دىرامملىرى ئۇستىدە تۇختىلىپ بالايى-ئاپەت ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ  ۋەھىمىلىك كەيپىياتى، جىسمانى ۋە مەنىۋىتىدىكى نۇرمالسىزلىقىنى، ۋەقەلىكتىكى مەنتىقەسىزلىكنى، ئىشلىتلگەن سۆز ئىبارىلەردىكى غۇۋا چۈشۈنۈشسىزلىگىنى، دىئالۇگلارنىڭ مەنىسىزلىگى ... قاتارلىق تەرەپلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ تەھلىل يۈرگۈزگەن. ئو بۇ ئارقىلىق  دادىللىق بىلەن  مۇدىرنىزىمچىلارنىڭ دۇنيانى سۇبېكتىپ ئىدىيالىستىك نوقتىنەزەر بىلەن كۇزىتىدىغانلىقىنى، پۇتۇن مەۋجۇدىيەت ئۈسىتىدە بىر تەرەپلىمە يەكۈن چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ سەپسەتىلىرىنى ئەدىبىيات- سەنئەت نەزىرىلىيدە ۋە ئىجادىيەتلىرىدە قىپ-يالىڭاچ  ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى دىيالىكتىك ماتىرىيالىزىم نوقتىسىدا تۇرۇپ كۈزەتكەن. ئىلمىي پىكىر ۋە تەھلىللىرى ئارقىلىق دىيالىكتىك ماتىرىيالىزىملىق دۇنيا قاراشنىڭ ئەدىبىيات- سەنئەت ئىشلىرىمىزدىكى نەزىرىيەۋى يىتەكچى ئاساسىنى شەرىھلەپ  ئۆتكەن. ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق مۇدېرنىزىم ئەدىبىيات –سەنئەت ئېقىمىدا نۇپۇزلۇق ئورۇن تۇتىدىغان مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىنىڭ ئىدىيۋى ئاساسى- مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ئىكەنلىگىنى، ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشىدا سىنپى ۋە ئىجتىمائى سەۋەپلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ⅩⅪ–ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كاپىتالىزىم مونوپول كاپىتالىزىمغا تەرەققىي قىلغانلىقى، ئەسلىدىكى ئىچكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ ئاشكارىلىنىپ ئۆتكۈرلەشكەنلىگى، ئۆز مەملىكىتىدىكى پۇرولېتارىياتنى ۋە مۇستەملىكە ئەللەر خەلىقلىرىنى تېخىمۇ ئېزىشكە باشلىغانلىقىدەڭ تارىخىي باسقۇچتا سىنپى مەنپەئەتنىڭ ئېھتىياجدىن پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغانلىقىدىن ئىبارەت مودىرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە دەۋىر ئارقا كۆرۈنىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مودېرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ توت چوڭ ئېىقىمى باسقۇچلار بويىچە تۇنۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېقىمنىڭ  مەيدانغا كىلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى، راۋاجلىنىشى،ھەر قايسى ئېقىمدىكى ۋەكىللىك يازغۇچىلار، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئەمىلىي مىساللار ۋە پاكىتلار ئارقىلىق ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.
ئىككىنچى باسقۇچ، مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمى توغرىسىدا. ئەمىلىيەتتە مەۋجۇدىيەت چىلىك ئېقىمى ــــــــ مەۋجۇدىيەتچلىك پەلسەپىسىدىن كەلگەن. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ كەشپىياتچىسى گېرمانىيە پەيلاسوپى ھېدىگىر (1889-1969) ۋە جاسپىرىس (1883-1969)ئىدى. بۇ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى ئۇلاردىن بۇرۇنقى «جان بېقىش» پەلسىەپىسى ئاساسىدا پەيدابولغان. بۇ پەلسەپە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيەدىن فىرانسىيەگە يىتىپ كەلگەن. ئۇلار بۇ پەلسەپىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەن. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى نىڭ فىرانسىيە دىكى ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن كاممۇس،ژان، پائۇل، سارتىر ...قاتارلىقلار بار. ئۇلارنىڭ  مۇدىرنىزىم ئەدىبىيات-سەنئىتى مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەرمۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئازاد سۇلتان مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىنى سارتىنىڭ «يىرگىنىش»ناملىق رومانىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئېقىمدىكى يازغۇچىلارنىڭ قۇغلىشىدىغىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيەتچلىك كۆز-قارىشى ئىكەنلىگىنى، ئۇلار شارائىت بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى رىيالىستىك ئەدىبىياتنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلماي ئەكىس ھالدا مۇھىت،شارائىت ئارقىلىق پىرسۇناژلارنى چەكلەپ، ھەركەتلىرىنى بەلگۈلەپ قۇيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ھەتتا، پىرسۇناژلارنىڭ ئادەتتە تەنھا كىشىنىڭ غېرىبانە ھۇجرىسى، تەسەۋۇرىدىكى دوزاخ، مۇدھىش تۈرمە ... قاتارلىق مۇقىم مۇھىت بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، پىرسۇناژلار ئاشۇ مۇھىت ئىچىدە ئۆز تەقدىرلىرىنى بەلگۇلەپ ۋە تاللايدىغانلىقدىن ئىبارەت بۇ خىل كاتىگورىيە ئىچىدە سارتىرىنىڭ« ئەركىن تاللاش» دىگەن سەپسەتىسىنىڭ ماھىيتىنى ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ «ئانتۇن لوگىندىن»نىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، دۇنيا قارىشىدىكى ئۆزگۈرۈش لەرگە باغلاپ تەھىلىل قىلغان.  بۇخىلدىكى ئەسەرلەردە باش قەھىرىمانلارنىڭ داۋاملىق مەغلۇبىيەتتىن بېرى كىلەلمەي، ئۆز-ئۆزىنى نابۇت قىلىپ تۇگىتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى  ئەھمىيەتسىز ۋە مەنىسىز، ياشاشتا ھېچقانداق مەخسەت يوق، مەۋجۇت بۇلۇش بىلەن مەۋجۇدىيەتسىزلىكنىڭ پەرقى يوق دەپ قارايدىغان بۇ خىل دۇنيا قاراشلار پىرسۇناژلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆز-ھەركەتلىرى داۋامىدا ئۆتتۇرىغا چىقسىمۇ ئەمىلىيەتتە بۇ ئاپتۇرنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز–قارىشى ئىكەنلىگىنى، ئەسەردە تەكىتلىنىۋاتقنى تەركى– دۇنياچىلىق، ئۇمىتسىزلىك،  ۋە ئىنكارچىلىقنىڭ تەشەببۇسى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بىز بۇ ھەقتە «مەۋجۇدىيەتچىلىك» ئېقىمنىڭ ۋەكىلى، 1975-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىرانسىيە يازغۇچىسى،پەيلاسوپ كومىيو نىڭ ئەدىبىيات قارىشى ۋە ئەمىلىيتىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئازات سۇلتاننىڭ يۇقارىقىدا پىكىرىنى دەلىللەپ ئۆتۈشكە  بولىدۇ.
كومىيو:«دونيادا ھىچقانداق قانۇنىيەت مەۋجۇت ئەمەس»دەپ قارايدۇ. ئۇ 1942-يىلى يازغان «دائىرنىڭ سىرتىدىكى ئادەم» ھىكايىسىدە،«سىجنفۇنىڭ ئەپسانىلىرى توغرىسىدا» دىگەن ماقالىسىدا ۋە «چاشقان ئاپىتى»،«ئۇقۇشماسلىق»، «ئادالەتپەرۋەر»،«چۈشكۈنلۈك» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىزلىگى، دۇنيانىڭ ئىنسان بېشىغا كۇلپەت ياغدۇرىدىغان دۇشمەن ئىكەنلىگى توغىرىسىدا يازىدۇ. ئۇ «ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىر خىل مەقسەتسىز، مېخانىكىلىق ھەركەت» دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «ناتۇنۇش ئادەم»،«سىجىنفۇنىڭ ئەپسانىلىرى » دىگەن ماقالىسىدە:«ئورۇندىن تۇرۇش،تىرامۋايغا ئولتۇرۇش،ئىشخانىدا تاكى زاۋاۇتتا توت سائەت ئىشلەش،چۈشلۈك غىزا، يەنە تىرامۋاريغا چۇشۇش، يەنە توت سائەتلىك خىزمەت، يەنە غىزا ۋە ئۇخلاش. دۇشەنبە،سەيشەنبە،چارشەنبە...ھەممىسىدىلا مۇشۇ بىر خىل تۇرمۇش رېتىمى تەكرارلىنىۋىرىدۇ. ئاخىرقى نەتىجىدە ناھايىتى ئېنىق. يەنى قېچقىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئۈلۈم. چىقىش يولى نەدە؟ چىقىش يولى ــــ يا ئۆزىنى ئۆلتۇرۇش ياكى زاھىت بولۇپ، تەركى دۇنيالىق تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيتىنى تېپىش. يەنى دىنغا چوقۇنۇش». ئۇ يەنە :«مەن بىمەنىلىك ئىچىدىن ئاسىيلىق قىلىش، ئەركىنلىك، جىنسى ھەۋەس دىگەن ئۆچ خىل نەتىجىنى تاپتىم. ئەركىنلىك دىگەن نىمە؟ ئەركىنلىك ــــ ھەم ئۇمىتنىڭ ھەم ئىستىقبالنىڭ يوقلۇقىنى تۇنۇپ يىتىشتۇر». دەيدۇ. بۇنىڭدىن مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىنىڭ مەقسەتسىزلىگىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.  
ئۈچىنچى باسىقۇچ، ئاڭ ئېقىمى توغرىسىدا. بۇ مودېرنىزىم ئەدىبىياتىغا تەۋە يەنەبىر ئەدىبىي ئېقىمىنىڭ نامى بولۇپ،ئاڭ ئېقىمى ئەدىبىياتىنىڭ كىلىپ چىقىشى«ئاڭ ئېقىمى» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ۋەكىلى ئامىرىكا پەيلاسوپى، پىسخولوگىيە ئالىمى ۋىللىيام. جامېس ئۆزىنىڭ 1881-يىلى ئېلان قىلغان «پىسخولوگىيەدە سەل قارالغان بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا» دىگەن ئىلمىي ماقالىسىدە تۈنجى بولۇپ بۇ ئاتالغۈنى ئىشلەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« ئاڭ ئېقىمى ئۇ بىر پارچە ئۇلاق ئەمەس، بەلكى ھەركەتچان ئېقىم. ئۇنى دەريا، ياكى ئېقىۋاتقان سۇ دىسەك توغرا بولىدۇ. بۇندىن كىيىن بىز ئۇنى ئىديىۋى ئېقىم، ئاڭ ئېقىمى ياكى سوبېكتىپ تۇرمۇشنىڭ ئېقىمى دەيلى». ئازات سۇلتان بۇ ھەقتە توختالغاندا:« ئاڭ ئېقىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ۋە تېخىمۇ تولۇقلىغۈچى ئاۋىستىرىيە پىسخولوگىيە ئالىمى ژىگىلمىنىت. فىروئىت (1856ــ1939) پىسخولوگىيە نوقتىسىدا تۇرۇپ« ئاڭ ئېقىمى»دا نىمىلەرنى يېزىش كىرەلىگىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، فىرانسۇزپەيلاسۇپى بوگسىن پەلسەپە جەھەتتىن قانداق يېزىش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار ئەسەر سيۇژىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىلىشىدا، كومپوزىتسىيە قۇرۇلىشىدا، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدا ئەنئەنىۋى يۇسۇننى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇندەيدۇ. مەلۇم بىر پىرسۇناژنىڭ پىسخىك پائالىيتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىت تەرتىۋىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۆتكەنكى،ھازىرقى ۋە كەلگۇسىدىكى ئىشلار، ھادىسىلەر، تەسەۋۇر،پىكىرلەرنىڭ ھەننىۋاسىنى پارالىللاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا سىڭدۇرۇپ، بىر-بىرنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئالماشتۇرۇپ، بىر يولىلا يېزىشنىڭ مۇمكىنچىلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ»دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئاڭ ئېقىمى» ئەدىبىياتىنىڭ ئىجادىيەت پىرىنسىپى جەھەتتىن رىئالىستىك ئەدىبىيات بىلەن قارىمۇ-قارىشى بولسىمۇ، لىكىن ئەنئەنىۋى ئەدىبىيات بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقنى ئۈزىۋىتەلمىگەنلىكىنى، ئەنئەنىۋى ئەدىبىياتقا خاس ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىنى،يىزىقچلىق ماھارەتلىرىنى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى چورۋىتەلمەي، رىئالىستىك ئەدىبىياتنىڭ پىسخىك تەسۋىرى، مونولوگ قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجادى قوللىنىپ ئۆزلىنىڭ يەنى«ئاڭ ئېقىمى»نىڭ ئىپادىلىش ئۇسۇلىنى بىيتقانلىقىنى مۇئەييەنلشۇرگەن. مېنىڭچە، پىسخىك تەسۋىرى، ئەركىن تەسەۋۋۇر،سىمۋول، مونولوگ قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە ئىپادىلەش ۋاستىلىرى كىلاسسىك ئەدىبىياتنىڭ ئۈزۈن يىللىق ئەمىلىيتىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىگى ھەممىگە مەلۇم. «ئاڭ ئېقىمى» دىكىلەرنىڭ ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئەنئەنىۋى ئەدىبىياتتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللانغانلىقى ئۆز-ئارا سېڭىشىش ۋە ئۆز-ئارا تەسىرچانلىقنىڭ نەتىجسى بولۇپ، ئاكتىپ ئامىللارنى ئىجادىي  قوبۇل قىلىشتا ئۇلار ئۆزلىرىنى بېيتىش، ئۆزلىرىنى تۇلۇقلاش مەخسەت قىلغان.   
توتىنچى باسقۇچ، «ئىپادىچلىك» توغرىسىدا. ئىپادىچىلىك ــــ ئەڭ دەسلەپ رەسساملىق ساھەسىدە شەكىللەنگەن بولۇپ،«ئىپادە» سۆزىنى ئەڭ بۇرۇن رەسسام مادىس دەسلەپ ئۇتتۇرىغا قويوپ:«بىزنىڭ ئەڭ ئىنتىلىدىغىنىزىم ــــ ئىپادىلەشتۇر»دەپ شەرىھلىگەن. ئوبزورچى ۋىللىيام1911-يىلى بېرلىندا چىقىدىغان «بۇران» ژورنىلىدا «ئىپادىچىلىك»كە تەبىر بەرگەن. شۇنىڭدىن كىيىن «ئىپادىچىلىك» دىگەن سۆز بىر خىل ئەدىبىي ئېقىمنىڭ نامى بولۇپ قوللىنىپ كەلمەكتە. ئازات سۇلتان بۇ ھەقتە   «ئىپادىچىلىك»نىڭ نەزىيەۋى قارىشىنى ئۆتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن، ۋەكىللىك خاراكتىرىغا ئىگە بولغان فىرانسىيە يازغۇچىسى ئىپادىچىلىك ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى كاۋكانىڭ ‹قەلئە›رومانى، ئامىرىكا دىرامما تورگ ئىپادىچىلىك ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى ئوۋنېر «قارا ياغاچ تۈۋىدىكى ھەۋەس»،«مۇز تۇشىغۇچى كەلدى»،«خۇدانىڭ بالىلىرىغا قانات چىقتى»، «شەرىققە سەپەر قىلغان كادىف» قاتارلىق ئەسەرلەر ئۇسىتىدە ئايرىم-ئايرىم  چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك پىكىر يۈرگۈزگەن. بۇ ئارقىلىق ئىپادىچىلىكنىڭ تۇپ نەزىرىيەۋى ئاساسى ئىدىيالىزىم. ئۇلار سەنئەتكار ئوبىكتىپ رىياللىقتىن ئايرىلىشى، سوبىكتىپ ھالدا «ساپ روھىي دۇنيا»نى ئىپادىلىشى لازىم دەپ قارايدىغانلىقىنى، كاپىتالىزىمغا قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىزىمنى ئىنكار قىلىپ،ئىلاھى تەقدىرچىلىك نەزىرىيىسى، ئىنكاچىلىق نەزىرىيسى، فىروئىت نەزىرىيىسى قاتارلىق ئەكسىيەتچىل سەپسەتىلەرنى تەرغىپ قىلىپ، ئەدىبىياتتىكى ئەنئەنىۋى بەدىئىلىك قانۇنىيەتلەرنى بۇزۇپ، ئۇسۇللىرىنى بىكار قىلىپ، سوبىكتىپ سىزىمنىڭ مۇتلەقلىقىنى تەكىتلەپ، ئەقلىيەتچانلىققا قارشى تۇرۇشنى مەخسەت قىلىدىغان نەزىرىيەۋى قارىشىنى خۇلاسىلاپ بەرگەن.
بەشىنچى باسقۇچ،مودېرنىزىم ئەدىبىياتىغا باھا. ئازات سۇلتان مودىرنىزىم ئەدىبىياتىغا قارىتا دادىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىنى ئۆتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ خىل بىر يۇرۇش كۆز قاراشلار گۈزەللىك ۋە ئىنسانىي يۈكسەكلىكنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال، ئەمىلىيەتتە، ئەدىبىيات-سەنئەتنىڭ ھۇلىنى تەۋىرىتىدۇ. چۈنكى،ئانارخىزىم، ئىنكارچىلىق (نېگىلسىزىم) ۋە شۈنىڭدەك بارلىق قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنى ئىنكار قىلىدىغان سەپسەتە، خائىشلار ئەسلا ئەدىبىيات سەنئەتنىڭ ئاساسىي بولالمايدۇ. مۇدېرنىزىم ئەدىبىياتىغا تەۋە ھەر خىل ئېقىملار شەكىل جەھەتتە، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئورتاق  نەزىرىيەۋى ئاساسقا، دۇنيا قاراشقا ئىگە. شۇنىڭدەك ،ئۇلار ئىپادىلىگەن خاھىشچانلىق ئاساسەن كوپ پەرىقلەنمەيدۇ. ⅩⅪ-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅩ- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن تا بۈگۈنگىچە غەرىب ئەدىبىيات-سەنئەت ساھەسىدە گاھ كۈچىيىپ، گاھ ئاجىزلاپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇنداق بىر ئەدىبي ئېقىمغا نىسبەتەن بىز ماركىسىزىم –لېنىنىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى بويىچە، ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ماركىستىك مەيدان،كۆز-قاراش، ئۇسۇل بىلەن كونكىرىت ۋە ئىنچىكە تەھلىل يۇرگۇزۇشىمىز، ئاق-قارىنى ئاجرىتىپ ، توغرا ۋە تىگىشلىك باھا بېرىشىمىز لازىم. بىز غەرىب ئەدىبىيات-سەنئىتگە، جۈملىدىن  مودېرنىزىم ئەدىبىيات-سەنئىتىگە پۇتۇنلەي ئىنكار قىلىش پۇزىتسىيسىدە بولمايمىز. چۇنكى، ئۇنىڭدىكى بەزىبىر ئەسەرلەر مەلۇم دەرىجىدە تۇنۇش قىمىمىتىگە ئىگە. ئوۋنېر، ھېمىڭۋاي، كاۋكا، سارت، كومىيوقاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە كاپىتالىزىمنىڭ  قاراڭغۇلۇقىنى ئۆخشىمىغان دەرىجىدە ئەكىس-ئەتتۇرۇپ بەردى،پاش قىلدى. بىز بۇ خىل ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن خائىشنى ۋە پاۋلوف.پىيكاسو (ئىسپانىيەلىك مەشھۇر رەسسام‹1881-1973›مودېرنىزىملىق رەسىمچىلىككە ئاساس سالغۈچى) قاتارلىق دەۋىر تەرەقىياتىغا ماسلىشىش ئۇچۇن ئىزلەنگەن يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ يېڭلىق يارتىش روھىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشتۇر. مودېرنىزىم ئەدىىياتىدىكى نۇرغۇن ئۇسۇل، شەكىل، ماھارەت قاتارلىقلاردىن پايدىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، ئۇلار تەرغىپ قىلىۋاتقان ئىدىيالىسيىك كۆز قاراشلارنى ، ئىنكارچىلىق، ئىلاھى تەقدىرچىلىك، فولۇيىتىزىمچىلىق، دىگەندەك سەپسەتىلەرنى قەتئى پىپەن قىلىشىمىز كېرەك. بۇنداق سەپسەتىلەرنىڭ ئەركىن يامراپ يۇرۇشىگە يول قويىدىغان بولساق، ئىدىئولوگىيە ساھەسى بولغىنىدۇ، پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىكگى ئاجىزلايدۇ، سوتسىيالىزىم ئىشلىرىغا دەخلى يېتىدۇ»دەپ قاراپ دىئالكتىك ماتىرىيالىزمىلىق نوقتىدا تۇرۇپ ئۆزنىڭ مودېرنىزىم ئەدىبىيات- سەنئىتىگە بولغان ئوبىكتىپ كۆز-قارىشىنى ئۆتتۇرىغا قويغان. مودېرنىزىم ئەدىبىيات- سەنئىتىنىڭ ئىجادى تەرەپلىرىگە تەنقىدى ئاساستا توغرا مۇئامىلە قىلىش، نۇقۇل ھالدىكى قارىغۇلارچە چوقۈنۈشتىن ساقىلىنىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  
ئەمما ئۇ «مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى توغرىسىدا»(دۇنيا ئەدىبىياتى،1987-يىلى 6-سان)، دىگەن ماقالىسىدە مۇدېرنىزىم ئەدىبىياتىغا نىسبەتەن قايتا مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ئۇ «مۇدېرنىزىم ئەدىبىياتى توغرىسىدا» دىگەن ماقالىسىدە توختالغاندا بۇ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« مۇدېرنىزم ئەدىبىياتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە ياۋرۇپا ۋە ئامېىرىكىدا پەيدا بولغان، بۈگۈنكى غەرب دۇنياسىنىڭ ساقايماس كېسەللىكلىرىنى، شۇنىڭدەك ئاشۇ ئىجتىمائى مۇھىتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە پىسخىكىسىنى چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك ئىپادىلەپ بېرىۋاتقان مۇھىم بىر ئەدىبىي ئېقىمنىڭ ئۇمۇمىي نامى. بۇ ئۇمۇمىي نام ئاستىدا مەۋجۇدىيەتچىلىك، ئىپادىچىلىك،ئاڭ ئېقىمى، سىمۋولىزىم،ئۈستۈن رېئالىزىم، فوتورىزىم،بىمەنە تىياتىرچىلىق، يېڭى پروزىچىلىق، قارا يۇمۇر... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تارماق ئېقىملار بار. بۇ ئېقىملار ئارىسىدا بەزى پەرىقلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاساسەن كاپىتالىزىمنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ، بۇ جەمىئىيەتتىكى بۇرمىلانغان تۆت چوڭ مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەپ بەرگەنلىگى، تېما جەھەتتە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى،نېگىلىزىم ۋە نۇرمالسىز پىسخىكىنى يېزىشقا بېرىلگەنلىگى، ئۇسۇل جەھەتتە ئەركىن تەسەۋۋۇر، سىمۇول ھەم ناتۇرالىزىمنىڭ قىسمەن ئۇسۇللىرىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇرتاقلاشتۇرۇپ ‹مودېرنىزىم ئەدىبىياتى› دەپ ئاتىلىپ كىلىۋاتىدۇ». دەيدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئوبىكتىپ مەجۇدىيەت كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىنى بەلگۈلەيدۇ، شۇنىڭدەك ئۆز دەۋرىنىڭ ئەدىبىيات- سەنئىتىنىڭمۇ خاراكتىرىنى بەلگۈلەيدۇ. مېنىڭچە، مۇدېرنىزىم ئەدىبىياتىمو مۇشۇ قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مۇدېرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ خاراكتىرى ئۇنى پەيدا قىلغان غەرىب مونوپول كاپىتالىزىم دەۋرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. مودېرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچىلار ئوتتۇرا ۋە كىچىك بۇرژۇئازىيە مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۆز سىنىپىنىڭ نارازىلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ئەكىس- ئەتتۇرگەن، كاپىيالىزىمنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائى زىدىدىيەتلىرىنى ئېچىپ بەرگەن ئەسەرلەردۇر. مېنىڭچە ئازات، سۇلتان مۇشۇ خىل ئىلمىي پۇزىتسىيە ۋە كۆز-قاراش نوقتىسىدا تۇرۇپ «مودېرنىزىم ئەدىبىياتى»غا نىسبەتەن قايتا باھا بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئىلگىرى بىز چېكىدىن ئاشقان سولچىل پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ياۋرۇپا،ئامىرىكا ھازىرقى زامان ئەدىبىياتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولغان مۇشۇنداق دۇنياۋى ئەدىبىيات ئېقىمىغا قارىتا كونكىرىت ۋە ئىنچىكە تەھلىل يۈرگۈزمەيلا، ئۇنىڭغا سىياسى جەھەتتىن ئەكسىيەتچىل، ئىدىيىۋى چۈشكۈن، بەدىئىي جەھەتتىن نوقۇل شەكىل قوغلىشىدۇ، دىگەن ئۇچ قالپاقنى كىيگۈزۈپ، ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىۋەتكەنىدۇق. بۈگۈن ئېلىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە، جۈملىدىن ئەدىبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە ئەمىلىيتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى مودېرنىزىم ئەدىبىياتىدىن ئىبارەت بۇنداق مۇرەككەپ مەۋجۇدىيەتنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئۇنى پۈتۈنلەي قاراڭغۈ جاڭگال دەپ ھېسابلاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۇردى». ھەقىقەتەنمۇ مودېرنىزىم ئەدىبىياتىدا يەنە ئاز ساندىكى ئىنقىلاۋى يازغۇچىلار ۋە ئەسەرلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن. كېيىنكى سىمۋولىزىمچىلاردىن بولغان ئالېكىساندىر بىلوكنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى مەدھىيىلەيدىغان «ئون ئىككى» ناملىق داستانىنى، فوتورىزىم ئېقىمىغا تەۋە بولغان شائىر ماياكوۋىسكىنىڭ«سولغا مارشى»ۋە «مەجلىس مەستانىسى» شېئىرلىرنى بۇنىڭغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
مېىنىڭچە،«مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى توغرىسىدا» دىگەن بۇ ماقالىنى مودېرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىگى، مودېرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىگى، مودېرنىزىم ئەدىبىياتىنى تەتقىق قىلىش ۋە تۇنۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيتىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچتا، ئازات سۇلتان مودېرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىگى ئۇستىدە توختالغاندا دەسلەپكى قەدەمدە « مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى»بىلەن «ئەنئەنىۋى ئەدىبىيات»(يەنى رېئالىزىم ۋە تەنقىدى رېئالىزىم ئەدىبىياتى) نىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىگىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىغان. كىشىلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە  مودېرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنى جەمئىيەتنىڭ سىرتىغا قويۇپ تۇرۇپ، غەرب بۇرژۇئازىيسىنىڭ بارلىق قىممەت كۆز- قاراشلىرىغا ۋە مەدىنىيەتنىڭ جىمى ساھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى، «ئەنئەنىۋى ئەدىبىيات» بولسا ئادەتتە ئىنساننىڭ ئىجتىمائى لىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭ كۇنكىرىت ھادىسىلىرىنى، مەسىلەن: مۇستەبىت ھاكىمىيەت، چىرىك ئەخلاق...قاتارلىقلارنى پاش قىلىپ، قاراڭغۇ جەمئىيەتنى «كىشىلىك دۇنيادىكى دوزاخ» قىلىپ تەسۋىرلىسە، مودېرنىزىم ئەدىبىياتى جەمئيەتنىڭ سىرتىدىكى بىر نوقتىدا تۇرۇپ بىر كۆنكىرىت جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ مەلۇم تەرىپىنى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەممىلا جەمئىيەتكە ھەتتا مۇشۇ «جەمئىيەت» تىن ئىبارەت تەشكىلىي جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگىمۇ قارىشى تۇرىدىغانلىقنى، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئۆتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە مودېرنىزىم ئەدىبىياتى،كىشىلەر ئارىسىدا ھىسيات ئالماشتۇرۇش، چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنىڭ كۆۋرۈكى يوق دەپ قارايدىغانلىقى،پۇتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىگىنى ۋە زۆرۈلىگىنى ئىنكار قىلىۋىتىدىغانلىقنى سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق خۇلاسىلاپ ئۆتكەن. مېنىڭچە، بىز دۇنيا ئەدىىياتىدىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەدىبىيات تارىخىغا نەزەرسالساق رومانتىزىملىق يازغۇچىلار تەبىئەتنى مەدىھلەش ئىنساننىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن بولسا، رېئالىستىك يازغۇچىلار ماددىي دۇنياغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما مودېرنىزىمچىلار بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ تامامەن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىگىنى نامايەن قىلىپ مۇتلەقلەشتۇرۋىتىش ۋە كېڭەيتىۋىتىش خائىشىنى ئاشكارلىغان. ئۇلار ھەتتا  ئىنسانى يېزىشتا ئادەمنى نەرسىلەشتۇرۇش،شەكلىنى ئۆزگەرتىش،ھايۋان مەخلۇق قىلىپ يېزىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچتا، ئازات سۇلتان مودىرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىگى ئۆستىدە توختالغان. ئالدى بىلەن سەنئەتنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ۋە بەدىئىي چىنلىقنى مۇناسىۋىتىدە مودېرنىزىمچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشنى، پىسخىك چىنلىقنى تەكىتلەپ، سوبىكتىپلىق ۋە ئىچكى قارىتىلمىلىقنى مودېرنىزىم ئەدىبىياتنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىگى دەپ قاراپ،سەنئەتنىڭ ئىپادىلەش ۋە تەقلىد قىلىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە سەنئەت ئىپادىلەيدۇ، ئىجاد قىلىدۇ، ئەكىس- ئەتتۇرمەيدۇ، تەقلىد قىلمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقنى، شەكىل بىلەن مەزمۇن مۇناسىۋىتىدە شەكىل دىمەك مەزمۇن دىمەك، مەزمۇن دىمەك شەكىل دىمەك، دەپ ھېسابلايدىغان ئۆچ خىل قارىش يەنى، سوبېكتىپ قارىشىنى ئىپادىلەش، بەدىئي تەسەۋۋۇرغا ئەھمىيەت بىرىش،شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىق يارتىشىقا تىرىشىش دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مودېرنىزىمچىلارنىڭ ئىپادىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئىپادىلەيددىغان، تەسۋىرلىمەيدىغان، ئوبېكتىپ شەيئىلەرنى بۇرمىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سوبكتىپ ئىدىيۋى ھىسياتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، رومانتىزىمچىلارغا ئوخشاش ئوبىكتىپ شەيئىلەرنى تەسۋىرلىمەيدىغان ياكى ئۆزىنىڭ ھېسياتىنى بىر ۋاستە ئىزھار قىلمايدىغانلىقىنى، رېئالىزىمچىلارغا ئوخشاش ئوبېكتىپ دۇنيا سادىق بولغان ھالدا ئىنچىكىلەپمۇ تەسۋىرلىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مېنىڭچە، ئازات سۇلتان بۇ ئۆچ خىل ئەدىبىياتنى بۇنداق سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق مودېرنىمىز ئەدىبىياتىنىڭ رومانتىزىملىق ئەدىبىيات ۋە رىئالىزملىق ئەدىبىيات بىلەن سەنئەتنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ۋە بەدىئي چىنلىق، ئىپادىلەش ۋە تەقلىد قىلىش، شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىنلا پەرىقىلىنپ قالماي، بەلكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىنمو (مودېرنىزىمچىلار ئەنئەنىۋى ئەدىبىياتىتكى يازغۇچىلار دەك بايان ۋە مۇھاكىمە ئۇسۇلىنى قوللانمايدۇ. بەلكى ئوبراز ئارقىلىق بىشايەت بىرىدۇ، گەۋدىلەندۇيدۇ. بۇنى ئۆزلىرى ‹دىرامماتىك›بايان ئۇسۇلى دەپ ئاتىشىدۇ.) ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتۇپ مودېرنىمىزىم ئەدىبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئي ئالاھىدىلىگىنى يۇرتۇشىنى مەخسەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا مودېرنىزىم ئەدىبىياتىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن ئۆزگىرىشچان ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىگى ئەركىن تەسەۋۇرنىڭ مەنتىقىسى بويىچە فورمال لوگىكىنىڭ چەكلىمىسگە ئۈچرىمايدىغانلىقنى،سيوژىتنىڭ بار-يوقلىقىنىڭ ئارلىقىدا بولىشى، ئوبرازلارنىڭ ئىزچىل ۋە مۇكەممەل بولالماسلىقى شۇنىڭدەك ئەسەر مەزمۇننىڭ ئابىستىراكتلىقى، سىموۋۇللۇقى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ مودىرنىزىملىق ئەدىبىياتنىڭ كۆرۈنەرلىك بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىگىنى كۆرىسىتىپ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدىبىيات بىلەن بولغان چەك-چىگىرىسىنى ئېىنىق ئاجرىتىپ، توپتىن پەرىقلىق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئەدىبىيات ئېىقىمى ئىكەنلىگىنى دەلىللەپ  ئۆتىتى.
ئۈچىنچى باسقۇچتا، مودېرنىزىم ئەدىبىياتنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا جۈملىدىن يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تۇنۇشتۇرۇشنىڭ ئەھميتىنى ئۆچ نوقتىغا يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ:« بىرىنچىدىن، مودېرنىزىم ئەدىبىياتى بىزنىڭ ھازىرقى غەرىب جەمئىيتىنىڭ ئىجتىمائى زىدىيەتلىرىنى، كىشىلەرنىڭ روھىي ئەھۋاللىرىنى بىلىشىمىزدە تۇنۇش قىمىتىگە ئىگە. ئىككىنچىدىن، يەتمىش-سەكسەن يىلنىڭ مابەينىدە مودېرنىزىمچىلار بەدىئىي ماھارەت جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىپ نۇرغۇن ئەمىلىي تەجرىبىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىزنىڭ ئەنئەنىلىرىمىز ئاساسىدا ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرنى مۇۋاپىق ئىشلەتسەك بىزنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمىز بېيىدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيەت يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم. ئەمما ئۆز پېتى دوراش ۋە قايغۇلارچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۈچىنچىدىن،مودېرنىزىم ئەدىبىياتىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھازىرقى زامان ئەدىبىياتىدىكى ھەرخىل ئېقىملار تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، غەرب ھازىرقى زامان ئەدىبىياتىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مودىرنىزىم ئەدىبىياتى بىلەن تۇنۇشىشقا توغرا كىلىدۇ». بىز ئازاد سۇلتاننىڭ يۇقارىقى خۇلاسىسىدىن مودېرنىدىم ئەدىبىياتىغا قارىتا بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش قارىشى بويىچە ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزۈپ، مۇۋاپىق ھالدىكى تەنقىد ۋە شاللاش ئارقىلىق ئۇلارغا قارىتا تۇنۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ چۈشىنىش، ھەمدە ئۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى تۇنۇپ يىتىپ، ئۇنىڭ ئەھمىيتى ۋە قىممىتى بار تەركىبلەردىن لايىقىدا پايدىلىنىشنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۈكسىلىشىگە نىسبەتەن مۇئەييەن قوللىنىشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان «بەدىئى زوق ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەت تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ( شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى، 1986-يىلى،2-سان)،«ئۇيغۇر پروزىسىدىكى تراگېدىيە ئېڭى توغرىسىدا» (تارىم،1990-يىل، 10سان)،«لوتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيتى ھەققىدە مۇلاھىزە»، (تارىم،1993-يىل،1سان)، «يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ پرۇزا ئىجادىيتى» (تارىم،1993-يىل،90سان)، «ئۇيغۇر درامماتورگىيسىنىڭ بۈگۈنكى سەھنىسىدە» (شىنجاڭ سەنئىتى،1995-يىل،8-سان)، « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە»(شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى،1987-يىلى،3-سان)،«ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» (تارىم،1993-يىل،9سان)،«زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يۈكسەكلىك» (تارىم،1997-يىل،7سان)،... قاتارلىق20 پارچىدىن ئارتۇق  ئىلمىي ماقالە ۋە ئوبزۇرلىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى يۇلىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئەدىبىيات تەتقىقاتىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ رەسمىي نامايەندىسى دىرىشكە بولىدۇ. ئۇ  ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ماقالىلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ژورنىلى ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىشى، ئۆزىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بىلەن خەنزۇ تىل مۇھىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ۋە ئۆزگۈرۈشلەرنى جۇڭگو ئەدىبىياتىغا باشلاپ كىرىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىجادى ئەمگىگى ھىسابلىنىدۇ.                              
ئۇ «بەدىئى زوق ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەت تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» دىگەن ماقالىسىدە ئادەت ۋە ئۆزگىرىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھىلەپ كىلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىمىزدىن«پەرھات-شېرىن»،«تاھىر-زۆھرە»ۋە«غېرىب-سەنەم» قاتارلىق داستانلارنىڭ خەلقىنىڭ زوقلىنىش ئادەتلىرىدىن ئۆتۈپ ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كىلىپ، ئالاھىدە سەنئەت مۇھىتىدا شەكىللەنگەن، يېڭىلانغان ۋە تاكاممۇللىشىپ بىرىۋاتقان ئادەت قاراشلىرىنىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بەدىئىي زوقنىڭ دەۋىرلەر تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى، خەلقىمىزنىڭ زوقلىنىش ئادەتلىرنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبلىرىنى ئەمىلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۇرۇپ بەرگەن. بەدىئىي زوقنىڭ ئومۇمىيلىقى ۋە خىلمۇ-خىللىقى ھەققىدە توختالغاندا:«ھەرقاندق مىللەتنىڭ ئەزالىرى تارىخىي كەچۈرمىشلەر، ئىقلىم، يەر-شارائىت،  ئۆرپ-ئادەت، تىل- يېزىق، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە ئورتاق بولغان تۇمۇش مۇھىتى ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان پىسخىك خۇسۇسىيەتلەرنى يېتىشتۇرىدۇ. مىللەت پىسخىكىسىدىكى بۇ خىل ئورتاقىلىق شۇ مىللەت خەلىقلىرىنى ئاساسەن ئوخشاش بولغان ئېستېتىك كۆز-قاراشلارغا جۈملىدىن بەدىىئي زوققا ئىگە قىلىدۇ. زىددىيەت ۋە قارمۇ-قارشىلىق جاھاندىكى پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقا بەدىئىي زوقلىنىڭ ئومۇمىيلىقى ئۇنىڭ ئۆز قاتارىدىكى خىلمۇ-خىللىقنى، پەرىقلەرنى كۈمۈۋىتەلمەيدۇ. بەدىئىي زوقلىنىش ھەر بىر يەككە شەخسىنى پائالىيەت بىرلىگى قىلغان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش پائالىيەتلىرى باشقا-باشقا، ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ»دەپ خۇلاسە قىلغان. ئەدىبىيات- سەنئەت تەرىققىياتىنىڭ بەدىئىي زوققا كۆرسىتىدىغان تەسىرنى شەرىھىلىگەندە ئەدىبىيات-سەنئەت تەرققىياتىنىڭ خەلىقنىڭ بەدىئىي زوقىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنى يېڭىلايدىغانلىقى، ئەدىبىيات-سەنئەتتىكى يېڭىلىق ئالدى بىلەن زوقلانغۈچىلارنىڭ بەدىئىي نەزىرىنى كېڭەيتىپ،ئستېتك تەجرىبىلىرىنى بيېتىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ناتۇنۇش بولغان يېپ-يېڭى ساھەلەرگە باشلاپ كىرىپ، كۈزۈتىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بەدىئىي تەربىيىگە ئىگە قىلىنىغانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئازات سۇلتاننىڭ بۇ مەزگىللەردىكى يەنە بىر مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملانغان ۋەكىللىك ماقالىسى ۋەتەنپەرۋەر شائىر«لوتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيتى ھەققىدە مۇلاھىزە»بولۇپ، بۇ ماقالىسىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت پائالىيتىنى ۋە ئىجادىيەتتىكى دادىللىق بىلەن ئىزلىنىپ، يېڭىلىق يارتىشتا ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا يېڭى ئېقىم،يېڭى قان تۇلۇقلاش يولىدا قان-تەر ئاققۇزۈش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۆچ چوڭ تاغنىڭ تۆمۇر تاپىنى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىدىن ئۆرتىنىپ، جاھالەتنىڭ قەپىسىنى ئۇرۇپ چاقىدىغان كۈرەشلەرنىڭ شىددەتلىك قايناملىرىدا باتۇرلارچە ئۆزگەن ھايات پائالىيتىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئازات سۇلتان ل.مۇتەللىپكە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ كۈرەشكە ئۆزىنىڭ قەلىمى بىلەنلا ئەمەس، ئەمىلىي ھەرىكەت- پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ ئاشۇ دەۋىرنىڭ ئەڭ ئېگىز چوقىسىدا تۇرۇپ نەرە تارتقان، ھۇررا توۋلاپ جەڭگە كىرگەن لۈشۈن،گومورۇ،ئەي چىڭ،تىيەن جىيەن، زاڭ كېجىيا، رۇشى قاتارلىق يازغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇردى. جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ جاھالەتلىك ۋە ئەڭ يالقۇنلۇق يىللاردا ياشىغان بۇ ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىز ئوخشاش ھەم جەڭچى، ھەم شائىر بولالىدى». بۇ سوبكتىپ ھىسيات ئارلاشقان شەخىسى قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە پەيدا بولغان بىردەملىك مەدىھيە سۆز ئەمەس. مېنىڭچە، بۇنى ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ تارىخى تەرەققىياتلار جەريانىدا قايتا-قايتا مۇلاھىزە ۋە ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن، خەلقىمىزنىڭ  ئۆت يۈرەك ئوغلانىغا بەرگەن ئادىل باھاسى دىگەن تۈزۈك.
ل.مۇتەللىپ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا ئېلىپ كىرگەن يېڭلىقلىرى، بولوپمۇ ئەدىبىي شەكىللەر جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ماقالىدىكى ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدىبىي شەكىللەر جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنى بىرىنچى باسقۇچ، چاچما شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى. ئىككىنچى باسقۇچ، نەسىر شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا، ئۇچىنچى باسقۇچ،فىليەتون ئىجادىيتىدىكى مۇۋاپپىقىتىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بۈيىچە خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ، ل.مۇتەللىپنىڭ چاچما شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى. ئازات سۇلتان ئۇنىڭ چاچما شېئىرلىرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىدىن، مۇتەللىپ شېئىرلىرىدا رېتىملىق ۋە ئاھاڭدارلىق  بولۇشنى، يەنى مۇزىكا گۈزەللىگى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئىككىنچىدىن، مۇتەللىپنىڭ چاچما شېئىرلىرى ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىستىتىك قىممتكە ئىرىشكەن. شېئىرىي ھىسياتى چىن، قىزغىن ھەم كۈچلۈك. ئۇ ئۆز ھېسياتىنى ھېچقانداق پەرداسسىز، تەبىئىي ئىپادىلىشكە تىرىشىدۇ. پىكىرنى ئېنىق،ئۇچۇق، چۈشىنىشلىك ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مۇتەللىپنىڭ چاچما شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلۇغۋارلىق،يۈكسەكلىكتىن ئىبارەت ئېستىتېك خۇسۇسىيەتكە ئىگە». دەرۋەقە بىز ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا ئېستېتك خاراكتىر جەھەتتىن شالدىرلاپ ئاققان بۇلاق سۇلىرى،يۈزىنى سىلاپ ئۆتىدىغان مەيىن شامال،مۇڭلۇق ساتار ساداسىنى ئەمەس، بەلكى ئاجايىت زور قۇدرەت بىلەن ئېتلىپ چۈشۈۋاتقان شاقىراتما، قەھرلىك دولقۇنلاۋاتقان دېڭىز، مەڭگۈلۈك ئاقباش تاغلار، غايەت زور تىك چوققىلارنى ئۆزىگە سۈپەت قىلىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتىشكە بولىدۇ. ئۇ چاچما شېئىر ئىجادىيتىدە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجلىرى بىلەن بۇ شەكىلنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنىغا ئاساس سالغۈچى.
ئىككىنچى باسقۇچ،ل.مۇتەللىپنىڭ نەسىر شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا. ئازات سۇلتان ئالدى بىلەن نەسىرى شېئىرىغا تەبىر بىرىپ ئۆتكەندىن كىيىن، مۇتەللىپنىڭ «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»دىگەن نەسىرى شئىېرنى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان. گوركىنىڭ «بۇرانقۇش قوشىقى»، ماۋدۇنىڭ« سۇۋادان تىرەككە مەدھىيە» قاتارلىق نەسىرى شېئىرلارى بىلەن سلېشتۇرما مۇلاھىزە ئېلىپ بىرىپ، ل.مۇتەللىپنى گوركى قاتارلىق ئاتاقلىق  يازغۈچىلارنىڭ  تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە نەسىر شېئىر ئىجادىيتىنى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەن.
ئۈچىنچى باسقۇچ، ل.مۇتەللىپنىڭ فىليەتون ئىجادىيتىدىكى مۇۋاپپىقىيتى ھەققىدە. فېليەتۇن نەسىرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىجتىمائى مەسىللەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان، بەدىئىي تۈسى كۈچلۈك،سىياسى خاراكتىدىكى ماقالىلەردۇ. ئېلىمىزدە لۈشۈن،چۈي چىيۇبەيلەرنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ۋە يېڭىلىق يارتىش نەتىجىسىدە فىلىيەتۇن كەڭ تۈردە ئىشلىتىدىغان مۇستەقىل بىر ئەدىبىي تۈرگە ئايلانغان. ئازاد سۇلتان ل.مۇتەللىپنىڭ فىليەتۇن ئىجادىيتىگە باھا بەرگەن ئۇنىڭ«پادىشاھ سامورايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھۇدۇقۇشىدا» دىگەن بۇ ئىككى فىليەتۇننىڭ تەھلىل قىلىپ، ئەسەرنىڭ  مەيدانغا كەلگەن دەۋىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى شۇ ۋاقىتنىڭ دۇنيا ۋەزىيتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. ئۇ ئىككى فىليەتۇننىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى تۇنجى قىليەتۇن بولسىمۇ،ئېرىشكەن مۇۋاپىقىيتى بىلەن ئۆرنەكلىك فىليەتۇنلاردىن ھېسابلىنىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، ل.مۇتەللىپنىڭ  بىزگە قالدۇرغىنى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىستلى، ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى، شۇنداقلا ئىجادكارلىق ۋە ئىزدىنىش روھى ئىكەنلىگىنى دەلىلەپ ئۆتكەن.  
توتىنچى باسقۇچ، ئازاد سۇلتان ئەدىبىيات تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى باسىقۇچى. (1997-يىلدىن 2000-يىلىغىچىە بولغان قىسقىغىنە ئەمما نەتىجىلىك بولغان ئۈچ يىلنى كۆرسىتىش مۇمكىن) ئۇن-تۇنسىز  ئىزدىنىش ۋە ئىجادچانلىق روھىي ئازاد سۇلتاننى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجادىيەت كۈچى تولۇپ تاشقان، بەدىئىي دىتى پىشقان، يىتىلگەن بىر ئەدىبىيات تەتقىقاتچىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئىجادىيەت سەھنىسىدە يەنە بىر قىتىم قايتا نامايەن قىلغان بولۇپ، 1997 -يىل، 4-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان«بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» ناملىق ئىجادى ئەمگىكىدە ئىپادىلەندى. بۇ كىتاۋىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇنى ھەقىقى مەنىدىكى ئەدىبىيات تەتقىقات سەھنىسىگە يېڭچە قىياپەت بىلەن باشلاپ چىققان. بۇ ئازاد سۇلتاننىڭ ئىجادىيەت كۈچى تۇلۇپ تاشقان، ئىزدىنىش رۇھى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىللىرى بۇلۇپ، بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىلگىرى كۆرۈلۇپ باقمىغان يېڭىچە بولغان ئىجادىيەت مۇھىتنى ئىپادە قىلىپ، بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېشىل تون كىيگۈزۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  ئەدىبىيات تەتققىقاتى ئاجىز ھالقا (ئاساسەن يوق)   بولۇپ كىلىۋاتقان بۇ بوشلۇقىنى تولدۇرۇشنى مەخسەت قىلغان. ئۇ بۇ كىتاۋىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى باسقۇچلار بويىچە تەھلىك قىلىپ،ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار، ئەدبىيات تەتقىقاتى ۋە ئەدىبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىدىكى قولغا كەلتۇرۇلگەن نەتىجىلەرنى ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتنىڭ پوئىزىيە، پروزا،دراماتورگىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى داۋالغۇش ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى باسقۇچلار بويىچە تەھلىل قلىپ خۇلاسىلىغان.
ئازات سۇلتان بۇ كىتاۋىدا يەنە 1949-يىلىدىن بۇيانقى يېرىم ئەسىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىگە خاس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن يازغۇچى،شائىر ۋە ئەدىبلىرىمىزدىن بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ ئۇل تېشى زۇنۇن قادىرى(‹1911ــــ 1989›ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدىبىياتنىڭ پېشىۋاسى، بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، يازغۇچى،درامماتۇرگ، مەسەلچى)، شائىر تېيىپجان ئېلىيۇۋ(‹1930ـــ1989›ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى، ئاتاقلىق شائىر )، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى مەڭگۈلۈك ئابىدە ئابدىرىھىم ئۆتكۈر(‹ 1923ـــ 1995 ›ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدىبىياتىنىڭ ئاساسچىسى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىنىڭ بايراقدارى، يازغۇچى، شائىر، تۇنۇلغان ئىجتىمائىي پەن ئالىمى)، نىمشېھىت (‹1906ــ1971›ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىنىڭ ئاساسچىسى، مەشھۇر شائىر)، ئابدۇكىرىم خوجا (‹1928ـــ1988 ›ئاتاقلىق شائىر، تەرجىمەشۇناس )، ئويغۇر پروزاچىلىقىدا تارىخىي تېمىلار ھەققىدە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ زور نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يازغۇچىلاردىن سەيپىدىن ئەزىزى(‹ 1915ـــ2003 ›ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدىبىيات مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگە يازغۇچى،درامماتۇرگ، شائىر)، قەييۇم تۇردى (‹1937ــ2000› بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە داڭلىق يازغۇچى )، ئابدۇراخمان قاھار (‹1936ــ   › بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە داڭلىق يازغۇچى )، خېۋىر تۈمۈر ( ‹1922ــ1992 ›بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە يازغۇچى )، ئەخەت تۇردى(‹1940ـــ    ›بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە داڭلىق يازغۇچى) قاتارلىقلار يازغۇچىلارنىڭ ئەدىبىي ئىجادىيەت ھاياتى، ئىجادىيتىدىكى ئالاھىدىلىكلەر، ۋەكىللىك ئەسەرلىرنىڭ مۇۋاپپىقىيتى، يېزىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگى قاتارلىق تەرەپلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن.
80 -يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمۇ ئېلىمىزنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي قىياپىتىدىكى زور بۇرۇلۇشقا ماسلىشىپ، مەنىۋى تەلىۋى ماددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا جۇر بولغان ھالدا تېڭىر قاش،تەلپۇنۇش ھالىتىدىن ئۆتۈپ ئىزدىنىش باسقۇچىغا قەدەم قۇيغان. مانا، مۇشۇ مەزگىلدە ئەدبىيات ئىدىيسى، ئېستېتىك تۈيغۇسى، ئىجادىيەت قارىشى جەھەتتىن يېڭىچە بولغان بىر تۈ*ركۈم يازغۇچىلار مەيدانغا چېقىشقا باشلىغان.  ئازات سۇلتان ئىزدىنىش روھىغا باي يازغۇچىلىرىمىزدىن زوردۇن سابىر (1937ــ 1998 بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە يازغۇچى )، مەمتىمىن ھوشۇر(1944ـــ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچى )، مۇھەممەت باغراش (1952ـــ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە يازغۇچى)، ئەختەم ئۆمەر ( بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە يازغۇچى )، خالىدە ئىسرائىل (بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە يازغۇچى ) قاتارلىق يازغۈچىلارنىڭ پروزا ئىجادىيتىدىكى ئۆزگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىگى،ئىجادىيەت كۆز-قارىشى، ئۇيغۇر پروزا ئىجادىيتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈسىتىدە توختالدى. ئوت يۈرەك شائىرلىرىمىزدىن مۇھەممەتجان سادىق (1934ـــ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پوئىزىيسىنىڭ ۋەكىلى)، ئۇسمانجان ساۋۇت (1945- بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرشېئىرىيىتگە تەۋە شائىر)، بوغدا ئابدۇللا (1946ــ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرشېئىرىيىتگە تەۋە مۇل-ھۆسۈللۈق شائىر)، قۇربان بارات قاتارلىق شائىرلانىڭ شېئىر ئىجادىيتىدىكى مۇۋاپپىقيتىنى كۆرسىتپ ئۆتكەن بولسا، درامما ئىجادىيتىدە تۇرسۇ يۇنۇس(1942ــ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر درامما ئىجادىيتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن درامماتۇرگ)،مەمتلى زۇنۇن (1939ـــ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا تەۋە شائىر، درامماتۇرۇگ)، تۇرسۇنجان لىتىپ (1945ــــ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر درامما ئىجادىيتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن درامماتۇرگ قاتارلىق درامماتۇرگلىرىمىزنىڭ  بۇ باسقۇچتىكى نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلاپ ئۆتتى. مېنىڭچە، ئازاد سۇلتان «بۈگۈنكى زامان ئويغۇر ئەدىبىياتى توغرىسىدا» دىگەن تەتقىقات ئەسىرىدە مەسىللەرنى سوتسىئولوگىيلىك تەتقىقات مىتودى بىلەن تەھلىل قىلغان.
   سوتسىئولوگىيلىك تەتقىقات مىتودىنى ئىتالىيك تارىخشۇناس ۋىلا(1668ـــ 1744)ئۆزىنىڭ ئىسنسانىيەتنىڭ تەرققىياتىنى ئىلاھلار دەۋرى، قەھرىمانلىق دەۋىرى ۋە ئىسانىيەت دەۋىرى قاتارلىق ئۈچ باسقۇچقا بۈلۈپ يازغان «يېڭى ئىلىم» دىگەن كىتاۋىدا ئەڭ بۇرۇن ئۆتتۇرىغا قويغان ئىدى. فىرانسىيە رومانتىزىم ئەدىبىياتىنىڭ يولباشچىسى سىتار خانىم (1766ـــ 1817) 1800-يىلى نەشىر قىلدۇرغان«ئەدىبىيات ۋە ئىجتىمائى تۈزۈم مۇناسىۋىتىدىن ئەدىبىياتىمىزغا نەزەر»،«مونتىكىيونىڭ قانۇن تۈزۈم روھىي»دىگەن كىتاۋىنىڭ14-تومىنى سوتسىئولوگىيەلىك تەتقىقات مىتودىنى قوللىنىپ يازغاندىن كىيىن ، ياۋرۇپا، ئامىرىكا،جۇڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەرە ئەڭ كۆپ قوللىنىشقا باشلىغان ھەم ھازىرمۇ كەڭ قوللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۈگۈنكى زامان ئويغۇر ئەدىبىياتىدا گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.يازغۇچى،شائىر،درامماتۇرگلانىڭ سوتسىئولوگىيەسى،ئەسەر مەزمۇنى،ئەسەرنىڭ جەمىئىيەت تىكى تەسىرى قاتارلىق ئۆچ ئامىلنى ئەدىبىياتىتىكى ئۆچ مۇھىم ھادىسە دەپ قارىغان. تارىخىي تەنقىد ئەمىلىيەتتە بىر ئىجتىمائى تەنىقىد يەنى ئۇ ئۆتمۈشكە تەۋەماكان، زامان رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بىرىلىدىغان بىر خىل سوتسىئولوگىيەلىك تەتقىقات مىتودىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇ كونكىرىت مەسىلىلەرنى،كونكىرت تەھلىل قىلىشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ. سوتسىئولوگىيەلىك تەتقىقات مىتودى رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن تۇمۇشىنى ئەكىس-ئەتتۇرگەن ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىشقا، ئەدىبىيات بىلەن جەمىئيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ. ماركىسىزىم لىق ئەدىبىي تەنقىد سوتسىئولوگىيەلىك مىتودنىڭ تەرققىياتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئەسەرنىڭ چىنلىق ۋە بەدىئىلك دەرىجىسىنى تەتقىق قىلىدۇ ياكى باھالاپ خۇلاسىلايدۇ. ئازاد سۇلتان بۇ تەتقىقات ئەسىرىدە ئەدەبىي ئۇيغۇربۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىنى سوتسىئولوگىيەلىك تەتقىقات مىتودىنىڭ كۆزى بىلەن كۆزىتىپ،  تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ، ھەر قايسى ژانىرلاردىكى ۋەكىللىك ئالاھىدىىللكە ئىگە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلگىنى تۇتقا قىلىپ، ئەدىبىي ژانىرلارنىڭ قاتلاملىق ئۆزگۈرۈشلىرىنى  ئىلمىي نەزىرىيە بىلەن خۇلاسلاپ، كەڭ ئەدىبىي بىلىملەردىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىپ، ئەسەر ۋەقەلىكى بىلەن پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى بىرلەشتۇرۇپ تۇرۇپ،بۈگۈنكى زامان ئەدىبياتمىز ھەققىدە چوڭقۇر پىكىرلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. دوستويېۋىسكى:« بەدىئىي كۆچ چىنلىقتا ۋە ئۇنى يارىقىن ئەكىس ئەتتۈرۈشتە نامايان بولىدۇ. بەدىئيلىك ئەسەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدا، ئوبرازلىرىدا ئۆز پىكىرىنى شۇ دەرىجىدە يارقىن ئىپادە قىلىش قابىلىيتىدىكى،يازغۇچى يېزىۋىتىپ قانداق ئۇيلىغان بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇقۇۋىتىپ ئۇنى شۇنداق چۈشىنىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتقىنىدەك ، ئۇ «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى توغرىسىدا» دىگەن تەتقىقات ئەسىرىدە بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىمىزنىڭ يېرىم ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپىسىنى ئەدىبىيات تەپەككۇرىنىڭ پىششىق تاۋلىشىدىن ئۆتكۈزگەن. چىن بولغان تارىخىي ماتىرىياللار مەنبەسىنى بەدىئىي ئەدەبىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۇرۇپ، ئەدبىيات ھادىسلىرنى ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈزىتىپ، چىنلىق بىلەن خاسلىق تۇيغۇسىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، بەدىئىي تىل بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى ئەدەبىيات تەتقىقات يارتىلغان بەدىئىي مۇھىت كارتىنىسىغا باشلاپ كىرگەن. ئۇقۇرمەنلەرنى نوقۇل ھالدىكى ئەدىبىيات تارىخىي ماتىرىياللار جۇغلانمىسىغا باشلاپ كىرىشتىن ساقلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوقىغا خاس تەپەككۇر بوشلۇقىي يارتىلغان. مەيلى ئەدىبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۈچىلار ۋەياكى ئەدىبىيات ھەۋەسكارلىرى ياكى كەڭ كىتابخان بولسۇن ئۆزىنىڭ بېلىش ئىھتىياجىغا ماس ھالدا بۇ تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقىدا ئۆزىگە خاس ئېستېىك زوق ئالالايدۇ. شۇڭا تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنىڭ بىردەكلىگى ئازاد سۇلتاننىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئەدبىي ئىجادىيتىنىڭ يەنى، ئەدىبىيات تەتقىقاتىدىكى  گەۋدىلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى دىرىشكە بولىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر خۇلاسىلاپ ئۆتكەندەك:«خېلى چوڭ ھەجىملىك بۇ ئىلمىي ئەسەردە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئۈچ چوڭ ژانىر بويىچە خېلى ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن مەن بۇ كىتابىنى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر بولوشلۇقنى تولدۇرغان تۇنجى ئىلمىي ئەسەر دەپ قارايمەن. بۇ ئەسەر نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەت جەھەتتىن مۇۋاپپىقىيەتلىك يېزىلغان بولۇپ،كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكەن. ئۇ يالغۇز ئىجتىمائى ئۈنۈمگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە بەلگىلىك ئېستېتىك قىممەتكە ۋە بىلىش قىممىتىگە ئىگە. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بۇ ئەسەر ئېلىمىزنىڭ بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى يۇقىرى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ، ھەمدە مۇشۇ ساھەدىكى بولشلۇقنى تۇلدۇرالايدۇ». ئازاد سۇلتان بۇ تەتقىقات ئەسىرىدە مەسىللىلەرنى ماتېرىيالىزىملىق نوقتىنەزەر بىلەن كۈزىتىپ، ھەر خىل ئىجادىيەت ھادىسىلىرنى دېئالىكتىكلىق مېتود بويىچە تەھلىل قىلىپ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ خىل تەتقىقاتتىكى توغرا ۋە ئىلمىي كۆز قارىشى كىتاب مەزمۇنى ۋە ماتىرىياللىرنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە توغرا بولغانلىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئەسەرنىڭ چىنلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە تەتقىقات قىممىتىنىمۇ ئاشۇرغان. ئېمىل زولا:«ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككىسى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتقىنى تۈزۈك» دەپ ئېيىتقاندەك ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىق ئەدىبى  ئىجادىيەت يەنى ئەدىبىيات تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم بىلىش قىمىتىگە ئىگە.
بەشىنچى باسقۇچ، ئازات سۇلتاننىڭ ئەدىبىيات تارىخى تەتقىقات قەدەم قويىشى. (2000-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىش مۇمكىن). ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ئىرىشكەن مۇل نەتىجىلىرى بىلەن ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىن، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىغا قەدەم قۇيغانلقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ يېڭى ئەسىرگە يېڭىچە قەدەم، يېڭىچە نەتىنجە بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدبىياتنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى» دىگەن ماقالىسى دەل بۇنىڭ بىر مىسالى بۇلالايدۇ. گوركى ئېيىتقاندەك: «تالانت تەلەپ قىلىدىغان دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى نەرسە ھەقىقىقەتىنى قىزغىن سۆيۈشتۇر». ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئەدىبىياتنىڭ بىر ئەسىرلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى رىئاللىققا سادىق بولغان ھالدا، تارىخىي ماتىرىيالىزىملىق نوقتىنەزەر بىلەن ئىنچىكىلىق كۈزىتىپ، ئاچچىق- چۈچۈكلەرگە گىرەلەشكەن زور نەتىجلەرۋە مۇۋاپپىقىيەت لەرنى،ساقلانغان مەسىلىلەرنى قىسقچە خۇلاسىلىغان. ئۇيغۇر ئەبىيات تارىخىنىڭ راۋاجلىنىشى، تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگۇۈرۈشلەر ۋە ئەدىبىياتنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنى، تەجرىبە- ساۋاقلار ۋە نەتىجلىلەرنى شۇنداقلا، ئىلمىي بولغان ئەدىبىيات نەزىرىيەسى ئاساس قىلىپ ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان يازغۇچىلارنىڭ، ئەسەرلەرنىڭ ئەدىبىيات تەرەققىياتىدىكى قىممىتى، ئەھىمىيتىنى خۇلاسىلاپ يەكۈنلىگەن.
ئازاد سۇلتاننىڭ «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدىبىيات تارىخى»( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2001-يىلى، 8-ئاي)، «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخى»(خەنزۇچە، 2001 - يىل،7-ئاي، شىنجاڭ داشۆ نەشىرىياتى، ئازاد سۇلتان باشچىلىقدا جاڭ مىڭ،نۇرمەممەت زامان قاتارلىقلار)، «ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان ئەدىبىيات تارىخى» (ئالىي مەكتەپلەر ئەدىبىيات دەرىسلىگى، شىنجاڭ داشۆ نەشىرىياتى، 2002-يىل،9-ئاي)، «شىنجاڭ مىللىي ئەدىبىياتىنىڭ 50يىلى» (شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى، 2005-يىل،2-سان)، «ئۇيغۇر ئەدىبىياتنىڭ 50يىلى» (تارىم،2006-يىل، 1-سان)، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەدىبىياتى توغرىسىدا»2توم، (شىنجاڭ داشۆ نەشىرىياتى، 2006-، 4-ئاي)،«ئۇيغۇرئەدىبىيات تارىخى»نىڭ 4-تومى، 2-كىتاپ (ئازاد سۇلتان باشچىلىقىدا يېزىلغان، 2006-يىل، 4-ئاي، مىللەتلەر نەشىرىياتى، «شىنجاڭدىكى ھازىرقى كۆپ مىللەتلەر ئەدىبىيات تارىخى»3توم،(ئازاد سۇلتان،شىياگۇۋەن جۇ،ئەي گۇاڭ خۇي قاتارلىقلار تۇزگەن، خەنزۇچە، خەلق نەشىرىياتى، 2006-يىلى،5-ئاي) ... قاتارلىق ئەدىبىيات تارىخى ئۇستىدە ئىلىپ بىرىلغان بۇ بىر قاتار ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئۇنىڭ ئەدىبىيات تارىخىي تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۇرگەن مۇۋاپپىقىيەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. (بۇ چۈڭ ھەجىملىك تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئايرىم-ئايرىم، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلاش بولىدۇ.كىينكى ئىزدىنىشلىرىمدە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئەسەرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىدىغان بولغاچقا ۋاقىت ئىتۋارى بىلەن بۇ يەردە ئايرىم مۇلاھىزە يۈرگۈزمىدىم).
ئازاد سۇلتان ئىلمىي نوقتىنەزەر بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شىنجاڭدىكى قۇشنا مىللەتلەر ئەدىبىياتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ، ئەدىبىيات تەرەققىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى، يېڭىلىقلارنى، ساقلانغان مەسىلىلەرنى دادىلىق بىلەن ئوتتۇرىغاقويۇپ، يازغۇچى– شائىرلارنىڭ، ئەدىبىيات تەتقىقاتچىلىرنىڭ،شۇنداقلا كەڭ ئۇقۇرمەنلەرگە ئەدىبىياتمىزنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىدىن خۇلاسە بىرىپ ئۆتىدۇ. كىتابخانلارنى ئەدىبىيات تارىخىيىمىز ئۇستىدە قايتا تەپەككۈرغا تەشكىللەپ، بۇگۇنكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتنى، خەلق ئېغىز ئەدىبىياتى ۋە كىلاسسىك ئەدبىياتى بىلەن بىر پۇتۇن باغلىنىشچانلىققا ئىگە تارىخ لىنيەسى ھاسىل قىلغان.  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېىيتقاندەك:« سەنئەتكارنى تارىخ يارتىدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسى،ھېسىياتى ۋە ئىپادىلەش مەدەنىيتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇ ئۆزى ياشىغان دەۋىردىكى ھالىتى ۋە تارىخىي رىئاللىقىنى ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇ كۈچلۈك دەۋر خاراكتىرلىك ئەسەر ۋە پائالىيتى ئارقىلىق تارىخنى ئۇيغىتىدۇ، ئىنسانىيەتىنى تەربىيلەيدۇ، مەدىنىيەتلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ». ئازاد سۇلتان  ئىجادىيەت جەريانىدا ئەدىبىيات تارىخى  ئائىت مەزمۇنلارنى كىتابخانغا بىرۋاستە تاپشۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەسەر ئىدىيىسى بىلەن كىتابخان ئارىلىقىدا مۇئەييەن ئارىلىق شەكىللەندۇرۇپ كىتابخانلارنى  ئەسەرنىڭ مەزمۇن قاتلىمى ھەققىدە ئەركىن ئىزدىنىشى ئۇچۇن يەنە يىتەرلىك بوشلىق قالدۇرلغان. بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلارنى ئەدىبىيات تارىخى ئىچىدىكى يۈكسەك بولغان بەدىئىي  دۇنياغا باشلاپ، ئەدىبىياتىمىزنىڭ بۇ بەدىئىي دۇنيادىكى رىئال ئىزنالىرىنى ئىزدەپ تېپىشقا،بىرۋاستە كۆرۈشكە، چۈشۈنىشكە، يىتەكلىگەن. گىيوتى ئېيتقاندەك: «ئەدىبىيات  پۈتكۈل ئىسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىدۇر. ئەدىبىيات بىر دۆلەت بىر مىللەتكىلا مەنسۈپ بولىدىغان زامان ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى...». مېنىڭچە، بۇ نەتىجلەر پەقەت ئازاد سۇلتانغا تەۋە  بولۈشتىن ھالقىپ، بەلكى  ئۆزى تەۋە بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى شۇنداقلا، شىنجاڭدىكى قۇشنا مىللەتلەر ئەدىبىيات –سەنئەتگىمۇ تەۋە. چۈنكى، بىر ئەدىب، بىرسەنئەتكار ياكى ئالىم، ئىرىق ياكى مىللەت ئايرىمىسىدىن ئۆز ئىرىقىغا، ئۆز مىللىتىگە تەۋە بولسىمىۇ، ئەمما ياراتقان ئىجادى ئەمگەك سەنئەت نوقتىسىدىن، ئەدىبىيات نوتىسىدىن ئېيىتقاندا ئۇ بىر پوتۇن ئىنسانىيەتكە ئۇرتاق بۇلىدۇ. ئەدىبىيات- سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللسىمۇ دەل مۇشۇ باسقۇچتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. دۇنيا ئەدەىبىياتىدا ھەرقانداق بىر مىللەت ئەدىبىياتىنىڭ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئەدىبىيات ئالاھىدىلىكى بىلەن راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇرۇن تۇتۇپ كەلگەنلىگىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس .
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېىيتقاندەك: «بىرمىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ۋە بۇ كۈچنى داۋاملىق ئىجاد قىلىپ تۇرۇش بىلەن ساقلىنىدۇ، راۋاجلىنىدۇ». ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمۇ ئۆزىنىڭ ئەدىبىياتىدىكى مەۋجۇتلىقى بىلەن بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. چىڭغىر ئايتىماتوۋ ئېيتقاندەك:«بىز مىللىي ئالاھىدىلكنى راۋاجلاندۇرۇشنى ۋە ساقلاپ قىلىشنى تەكىتلەيمىز. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن باشقا قۇتۇپقا ـــ يۇرتۋازلىققا ئۆتۇپ كەتمەسلىكىمىز كىرەك. سەنئەتتىكى تار مەھكىمىچىلىك بېكىنىۋىلىش ئىدىيىسى سەنئەتىنى ئەركىن پەرۋاز قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. پۈتۈن ئىنساننىڭ قىممىتىنى يوق قىلىدۇ. ئۇ جەزمەن ئىپتىدائىلىققا  ئېلىپ بارىدۇ». مېنىڭچە، ئىلمىي، توغرا بولغان ئەدىبىيات تەتقىقاتى، ئەدىبىيات تارىخى، ئەدىبىياتنىڭ مىللىي  ئالاھىدىلكنى ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇش،ئۆزىنى تۇنۇش،ئۆزىدىن ھالقىش جەھەتلەردە ئىجابى رول ئۇينايدۇ. ئېنگلىس:«كىشلەر ئۆز تارىخىنى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاڭلىق رەۋىشتە ئازۇر قىلىدىغان مەقسىدىگە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئارقلىق يارىتىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئارزۇ ھەم مەخسەتلىرى بويىچە تاشقى دۇنياغا كۆرسەتكەن ھەر خىل شەكىلدىكى تەسىرلىرى پەيدا قىلغان نەتىجىنىڭ ئۆزى تارىخ بولىدۇ» دەپ خۇلاسىلىغاندەك،  بۇگۇنكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا ئاز بولمىغان بۇران-چاپقۇنلىقلارنى بېسىپ، يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ئىسسىق قان-تەرىنىڭ، جاپا- مۇشەقەتلىك ئەجرىنىڭ بەھدىلىگە، ئۆزىنىڭ بۇگۇنكى تەرەققىيات نەتىجسىنى ياراتتى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ئۇچۇن ئۈن-تۇنسىز تىرىشقان، ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى، ھاياتىنى، بارلىقىنى ئەدىبىيات ئۈچۈن بېغىشلىغان ئەدبىيات قۇشۇنىدىكى بىر تۈ*ركۈم سەركەردىلەرنىڭ، ئۆزىنى پىدا قىلىشتىن يانمىغان قەھرىمان ، جەڭچىلەرنىڭ شانلىق نەتىجىسىنىڭ مەھسۇلى. بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، قۇغداش، ئۇلار بىسىشقا ئۈلگۈرمىگەن مۇساپىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشمىز ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ئىجادى ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىشىمىز، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىشىمىز،كىيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئېچىشىمىز كىرەك. مېنىڭچە، بۇ مەسئۇلىيەتىنى بىز ئەدىبىيات تەتقىقاتىمىز ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلاپ، ئەدىبىيات تارىخىمىز ئارىلىق ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملاشتۇرۇپ ئورۇنداشقا بولىدۇ. بۇ مۇقەررەر ھالدا ئەدىبىيات تارىخىمىزنى بېيىتىش، مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى. ئازد سۇلتاننىڭ دادىللىق بىلەن ئەدىبىيات تارىخىغا زور ئىجتىھات بىلەن قەدەم بېسىشى، بۇ ھەقتىە مۇل نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۇرۇشى ،ئۆزى بىۋاستە يتىەكچىلىك قىلىشى، تەتقىقات قۇشۇنىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچلەندۇرۇش يولىدىكى تىرىشىچانلىقلىرى( ئۇيغۇر بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئەدىبىيات كەسپى بويىچە ئىزچىل دوكتۇر ئاسپىرانىت ۋە ماگىستىر ئاسپىرانىت تەربىيلەپ كىلىۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلدى)، سەپ ئالدىدا ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىق بىلەن بايراق كۆتۇرۇپ مېڭىشى (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرىستىتىدا ئەدىبىيات سارىيى قۇرۇشقا ئۆز يىتەكچىلىك قىلىپ تاماملىغانلىقى،ھەم دوكتۇلۇق تەربىيلەش نوقتىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغانلىقى كۆزدە تۇتۇلدى) دەل مۇشۇ بوشلۇقىنى تولدۇرۇشنى مەخسەت قىلغان. شۇنداقلا، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى تەرەققى تاپقان قۇشنا مىللەتلەر ئەدىبىياتىغا يىتىشتۇرۋىلىش، مىللىي ئەدىبىياتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن تىرىشقانلىقنىڭ نەتىجىسى. مەن ئۇنىڭ ئەدىبىيات ھاسىدىلىرىنى، يېڭى ئېقىم، يېڭى شەيئىلەرنى  بايقاش،كۆزىتىش، مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇلىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگىنى، تەتقىق قىلىشتىكى پىرىنىسىپى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچىلىگىنى، ئەدىبىياتىمىزدا ساقلانغان مەسىلەرگە نىسبەتەن تۇتقان پوزىيتسىيەسىنى، خۇلاسىلاپ يەكۈن چىقىرىشتىكى نەزىيەۋى يۈكسەكلىكگىنى، ئەدىبىياتنىڭ كىينىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە بولغان ئىجادى كۆز-قارىشىنى تېپىپ چىقىشىمىزنىڭ بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۈگۈنىش ۋە تەتقىقات ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىدە مۇھىم كۆرسەتكۈچلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ ماقالەمدە ئۆزەمنىڭ يۈزەكى بىلىم ئاساسىمغا تايىنىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت تارىخىغا بىرلەشتۇرۇپ يېڭى ھادىسىلەر، يېڭى مەسىللەر توغرىسىدا يازغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى توغرىسىدا ھس قىلغانلىرىمى ئۆتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتۇم. بۇ مەن ئۇنىڭ ئەدىبىيات تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىش، چوڭقۇرلاپ ئۈگىنىش مەخسىتىدە پىكىر ئېىلپ دەسلەپكى ئىزلىدىنىش. بۇ ھەرگىزمۇ ئازاد سۇلتاننىڭ ئەدەبىي- ئىجادىتى ئۇسىتىدىن چىقىرىلغان ئىلىمي خۇلاسە ياكى باھا ئەمەس. ماقالىنىڭ ئىلمىلىكىنى نەزەردە ئۇستازىمنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا تېلغا ئېلشقا توغرا كەلدى. بۇ ھەقتە ئۇستازىمنىڭ شۇنداقلا، تەتقىقاتچىلارنىڭ، كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تۇغرا چۈشىنىشتە بولىدىغانلىقغا ئىشىنىمەن. ماقالىدە ئۆتتۇرىغا قويۇلغان كۆز-قاراشلىرىمغا قارىتا تەنقىدى پىكىرلەردە بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن. ئاخىرىدا ئۇنىڭ مەرىىپەت بېغىدا ياش-غونچىلەرنى تەربىيەلەش يولىدا تەر ئاققۇزىۋاتقان ھارماس قەدىمىگە، تەتقىقات يولىدىكى ئۈن-تۈنسىز ئىزدىنىش بەرىكەت تىلەيمەن.
پايدىلانمىلار:
①        ئازات سۇلتان:« بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات توغرىسسدا» ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997-يىل 4-ئاي،1-نەشىرى.
②        ئازاد سۇلتان:« شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەدىبىياتى توغرىسىدا» شىنجاڭ ئۇنۋىرىسىتېتى نەشىرىياتى، 2006-يىل،4-ئاي،،،،قاتارلىق بارلىق ئەدىبىيات تارىخىغا ئائىت كىتابلىرى،
③        ئازات سۇلتاننىڭ ھەر-قايسى ژورناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى،
④        ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي.
⑤        ئىبراھىم ئالىپ تېكىن تۇزگەن:« ئابدۇشۇركۇر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.2000-يىلى7-ئاي.
⑥        ئامانۇللا مۇسا:« ئېنگېلىسنىڭ ئىككى پەلسەپە ئەسىرىگە ئىزاھ»،مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1985-3-ئاي.





ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا تېراگىدىيە ئېڭى



تراگېدىيدىن ئىبارەت ئىستىتىك كاتېگۇرىيە تارىخنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىنسان ئېڭىنىڭ مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ۋە تاكاممۇللاشقان. ئارىستۇتېل قەدىمقى گرېك تېراگىدىيلىرىدىن نەزىرىيەۋى خۇلاسە چىقىرىپ، قۇللار تېراگىدىينىڭ قەھرىمانلىرى بولالمايدىغانلىقى، پەقەت كومىدىيلىك قەھرىمانلار بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. ئەدەبىياتنىڭ ئويغىنىش دەۋىرىدە بۇ ئەندىزە بۇزۇپ تاشلاندى. ۋېكتۇر ھيوگۇ غا كەلگەندە، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى سىگان قىزى ئاسمىرادانى ئۆزىنىڭ مەشھۇر تراگېدىيلىك رومانى-« پارىژدىكى بۈۋى مەريەم ئىبادەتخانىسى»نىڭ باش قەھرىمانى قىلىش ئارقىلىق كلاسسىزىمغا بۆسۈپ كىرگەن رومانتىرىملىق ئىدىيەۋى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن تەنقىدى رىئالىزىمچىلار باش قەھرىماننىڭ ئوينىغا ئېزىلگەن، خارلانغانلارنى قويۇپ، ئاددىي كىشىلەر تراگېدىيسىنى، ئائىلىۋى تراگېدىيلەرنى كۆپلەپ يازدى. گىرمانىيەلىك كارل. ياسىبرىس مۇنداق دىگەنىدى:" تراگېدىيلىك ئاڭ شېئىرىدىكى مەركىزىي ئىدىينى ئاساسىي دېتال بىلەن تەمىنلەيدۇ، پەقەت تراگېدىيلىك  كەيپىيات بىزنىڭ قەلمىبىزنى زىلزىلگە سالغاندىن كىيىنلا ئاندىن بىز ۋەقەلىكتىكى بىزگە بىرۋاستە تەسىر قىلغان ياكى پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جىددىي، تىنىچسىز ئاپەتلەرنى ھىس قىلالايمىز، تراگېدىيە كۈرەش جەريانىدا، يېڭىش ۋە يېڭىلىشتە ھەم جىنايى رەزىللىكتە مەيدانغا كېلىدۇ. تراگېدىيە ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدىكى مۇتلەق ئىرادىسىدە ئىپادىلىنىدۇ". تراگېدىيلىك ئاڭ، تراگېدىيلىك كەيپىيات، تراگېدىيلىك كۆرۈنۈشلەر بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەزمە ئەسەرلىرىمىزدە، كلاسسىك ئەسەلىرىمىزدە مۇھىم سالماقى ئىگللەپ كەلگەن.  ئۇيغۇر تراگېدىيە سەنئىتىدە قەدىمقى گرىك تراگېدىىلىرىدەك ئۇنداق ئېنىق بولۇنۇپ كەتمىسىمۇ، ئەڭ دەسلەپكى نەزمە ئەسەرلىرىدىن بولغان «ئىككى تىكىن ھېكايىسى» دىن باشلاپ، ئابدۇرىھىم نىزارى، مۇللا بىلال نازىمى قاتارلىقلارنىڭ «رابىيە- سەئدىن»، «نۇزۇگۇم» داستانلىرىدا باش قەھرىمانلارنىڭ مۇھەببەت ۋە قەھرىمانلىق تراگېدىيسىنىڭ تەسۋىرلەنگەنلىگى بۇنىڭ دەلىلى بۇلالايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تراگىدىيە ئېڭىمىزدىكى بىر بۆسۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدىكى تېراگىدىيە ئېڭى ئەدەبىيات تارىخمىزدا ھەر قايسى ئەدىبىي ژانىرلارنىڭ تۇلۇقلىنىش، بىيىشى نەتىجىسىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئېستىتىك گۈزەللىك كاتىگورىيسىنى شەكىللەندۇرۇپ يازغۈچى ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ ئەدىبىي ئەسەرلىرىدە ئورۈن تۇتۇپ كەلدى. مەسىلەن،«ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»،‹‹تۈندىكى چاقماق››،‹‹ئانا يۇرت››، «جاللات خېنىم»...  تارىخىي رومانلىرىمىزدا بۇخىل تراگېدىيە ئېڭىنىڭ مۇقەررەر ئاساستا ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ. رىئال تارىخىي شەخىسلىرىمىزنىڭ تارىخي چىنلىق بىلەن رىئال تۇرمۇشتىكى رىئال شەخسلەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن  ئەركىنلىك، ۋەتەنپەرۋەر لىك غايىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، نەتىجىدە ھەرخىل ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ سەۋەبلەر، تارىخىي چەكلىمىلەر،ئۆزلىرنىڭ خاراكتىرچەكلىمىسى تۇپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى پۇشايمىنى ۋەچېكى يوق ئازابلارنىڭ سەۋەبلىرى، ۋەياكى ئۇلارنىڭ رىئال تۇرمۇشىدىن ھالقىپ كىتەلمەي ئاقىبەت مەغلۇپ بولۇشى...قاتارلىق بىر قاتار تراگېدىيىلەرنى يازغۇچىلار رېئالىزىملىق ئىجادىيەت  ئۇسۇلىغا، رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا  ئوتتۇرىغا چىقارغان. شۇنداقلا تراگېدىينىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىگىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان.
تېراگىدىيە –  تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە گەۋدىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر تەرەپ. تارىخي رومانلاردا رىئال تۇرمۇشتىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىرىنى ئەكىس- ئەتتۇرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ كىشىلەرنىڭ مەۋجۇد ئىجتىمائى رىئاللىقى ۋە ئۆز پىسخىك خاراكتىرى بىلەن ئارزو-ئىستەكلىرى ئارىسىدا كۆرۈلگەن زىدىيەتلىك توقۇنۇشلارمۇ مۇقەررەر گەۋىدىلنىدۇ. پىروفىسسور ئازاد سۇلتان ئېيتقاندەك:« ئاددىي كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدىكى تۇرمۇش تەلىپى، گۇزەل ۋە نۇرمال ئارزۇسى تارىخنىڭ تەرەققىيات يۇلىنىشى بىلەن بىلەشسىلا، تارىخنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولالايدۇ. بۇنداق تراگېدىيىلەر  تارىخنىڭمۇ شۇنداق  مۇقەررەر تەلپى ھەر تۇرلۇك سوبىكتىپ شەرت- شارائىتلار چەكلىمىسى بىلەن ۋاقتىنچە ئىشقا ئاشمىغانلىقتىن پەيدا بولغان. بۇنداق تېراگىدىيە ئارزۇ- غايە بىلەن رىئاللىقنىڭ ماس كەلمەسلىكىدىن ئىبارەت مەڭگۇلۇك زىددىيەت كاتېگورىيسىگە مەنسۇپ بولغاچقا، تېراگىدىيە ھەمىشە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋىرىدۇ. تېراگىدىيىدىن ئىبارەت ئىستېتىك كاتېگورىيەمۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىۋىرىدۇ».
بۇ خىل باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان تراگېدىيە ئېڭى يۇقاردا كۆرۈپ ئۆتكىمىزدەك بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتى يېڭى دەۋىر تارىخىي رومان ئىجادىيتىدە يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى ھەم ئۆزىگە خاس بولغان تراگېدىيە گۈزەللىكىنىڭ يېڭى  پەللىسىگە قەدەم باستى . ئېنگېلىس ئېيتقاندەك: «تىندىنسىيە ئالاھىدە كۆرسىتىلمەسلىكى، ئۇ كۆرۈنۈش ۋە سيۇژىتلار ئارقىلىق تەبىئىي ھالدا ئۆزلىكىدىن ئىپادىلنىشى كېرەك. يازغۇچىلارنىڭ نوقتىئىنەزەرى قانچە يوشۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى». تارىخىي رومانلىرىمىزدىكى پىرسۇناژلانىڭ  زىددىيەت تۇقۇنۇشلارى ئىچدە ئۆز خائىشى بويىچە ھەركەت قىلىشى، لىكىن ھەرخىل چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى ئۆزىدىن ھالقىپ كىتىلمەسلىكلىرى، ئاقىبەت ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تىپىك شارائىت ئىچىدىكى تۇرمۇش مۇقەررەلىكى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىشى، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ روشەن ئىدىۋىي خائىشىنىڭ، تۇرمۇش چىنلىقىغا سادىق بولۇش تەك رېئاللىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ، شۇنىڭدەڭ خېلىلا مۇكەممەللەشكەن تراگېدىيە ئېڭىنىڭ نامايەندىسى. مېنىڭچە، بۇ يەردە ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە تىگىشلىك مۇھىم بىر نوقتا شۈكى تراگېدىيە دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبىياتىغا كىرىپ كىلىشى بىلەن تەڭ بىزدە تراگېدىيە پەيدا بولغان، ياكى شۇندىن باشلاپ شەكىللەنگەن ئەمەس. بەلكى مىللىتىمىزنىڭ، ئەدەبلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئېڭىدا، ئېستېتك قاراشلىرى ۋە زوقلىنىش پىسخىكىسىدا، شۇنداقلا ئۇزاق تارىخى مۇساپىسىدە تراگېدىيە ئېڭىنىڭ ئىزناسى بار.









كىلاسسىك  قاپىيە ئىلمىدىن روزى سايىت شېئىرلىرىغا نەزەر

شېئىرىيەت –ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن،سالماقلىق ئورۇن ئىگەللەپ، ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بەدىئىي ژانىر ھىسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئاجايىت رەڭدار ئېغىز ئەدەبىيات چەشمىلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۈلگىلىك كىلاسسىك ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى ئەدەبىيات دۇردانىلىرى بىلەنمۇ ئىپتخارلىنىشقا ھەقلىق. ئۇيغۇر شېئىرىيتنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق ئۆركەشلىك ئېقىمىدا پەلسەپە، ھېكمەت،ئىلىم،تىبابەت،تارىخ ۋە تەلىم- تەربىيە ئۈنچىلىرى ئۆزىگە لايىق شېئرىي تۈستە گەۋدىلنىپ كەلگەن. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك:«ئۇيغۇر شېئىرىيتىنى ئۇيغۇر خەلقى مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىۋى تىنىقى، ئۇيغۇر خەلقى ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىنتلىشچان تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئوبرازىچانلىق بىلەن شۆھرەت تاپقان بەدىئىي پاۋلىئونى دېيىش مۇمكىن»①. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە شېئىرىيەت ئىجادىيتى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئاساسلىق ژانىرى بولۇش سۈپىتىدە زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشىپ، كلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرى بولغان مەسنەۋى، غەزەل، مۇخەممەس، روبائىي،تۇيۇق... قاتارلىق تۈرلەردە كۆپلىگەن ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىگە خاس بولغان مول-ھوسۇللۇق يىڭى ئىجادىيەت پەللىسىنى ياراتقان. دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەر شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى تاسادىپىيلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كەينىگە سانسىزلىغان ئەدىبلەرنىڭ، ئەدەبىيات ئۈچۈن كۆيگەن ئوت يۈرەكلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلەر بىلەن ئۈن- تۈنسىز تۆككەن قان-تەرى، قانلىق ئەجىر-مېھنىتى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ تارىخ تەرەققىياتىدا كلاسسىك  ئەدەبىيات دەۋرى،  ھازىرقى ۋە بۇگۇنكى ئەدەبىيات دەۋرىنى بېسىپ ئاز بولمىغان داۋالغۇشلارنى ئىچىدە بۇگۇنگە ئۇلاشتى. يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇگۇنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ۋارىسى، دەۋىرلەر تەرەقققىيات جەريانىدىكى قولغا كەلتۇرگەن نەتىجلىرىنىڭ مەھسۇلى. يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى بىر مۇھىم ئالاھىدىلىك- ئۇنىڭ خىلمۇ-خىللىقىدا، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20نەچچە يىللىق مۇساپىسىدىن كۆرۇشكە بولىدۇكى،  ئەدەبىي- ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلى كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئەدەبىي ژانىرلارتۇلۇقلىنىپ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللىشىپ، تىما دائىرسى كېڭەيدى. مەزمۇنى چوڭقۇرلاشتى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋىرئەدىبىياتىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋىرى بۇلۇپ قالدى. يازغۇچىلار قوشۇنى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ، تارىختىكى زۇر قوشۇنغا ئايلاندى. ئەسەرلەرنىڭ سانىمۇ زۇر دەرىجىدە كۆپەيدى. ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ئاشتى. نۇرغۇنلىغان يازغۇچى- شائىرلار تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەرخىل تېمىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازدى. ھەتتا بەزىلىرى تىما جەھەتتە خاسلىققا يۇزلىنىپ، تېما خاسلىقى ئارقىلىق شۇ تېمىنى چۇڭقۇرلۇققا يەتكۆزۇش ئۈچۇن تىرشىپ، ئۆز ئىجادىيىتدە زور ئۇتۇقلارغا  ئېرىشتى.  بۇنىڭ ئىچىدە شئىرىي ئىجادىيتىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تىز بولۇپ، قولغا كەلتۇرگەن نەتىجلەرمۇ زور بولغان بولسىمۇ، گەۋدىلىك بولغانلىرى ئاز بولدى. ئەينى دەۋىردىكى كلاسسىك شائىرلار قولغا كەلتۇرگەن نەتىجلەرنى بۇگۇنكىدەك يىڭى تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغان دەۋرلەردە تۇرۇپ بىزنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىمىز بىلەن سىلىشتۇغاندا ئارلىقنىڭ خېلىلا چوڭلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.بۇ بوشلۇق  بىزنىڭ ئالدىمىزغا ھەر ۋاقىت سۇئال بەلگۇسىنى قويۇپ كەلدى. ھەرقانداق بىر يۈكسەكلىككە يىتىشنىڭ بىر يىتەكچى ئىدىيسى، ئىچكى قانونىيتى بولغىندەك، كلاسسىك شائىرلار شېئىرىي ئىجادىيتىدە شېئىرنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنى  مۇكەممەل بولغان بىر نەزىرىيەۋى سېسىتىمىدىن ئۆتكۈزگەن، ھەم شۇ نەزىرىيەنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىجادىيەت ئىلپ بارغان. بۇ نەزىرىيەۋى ئۇلارنىڭ شېئىرى ئىجادىيىتىدە ئاكتىپ ئىجابى رول ئوينىغان. كىلاسسىكلار شېئىرىيدا ۋەزىن،قاپىيە ۋە شېئىرىي سەنئەتتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىل بۇلىدۇ دەپ قاراپ بۇ ئۈچ ئامىل ھەقتە ئېنىق بولغان سېستىملىق بىر نەزىرىيەنى شەكىللەندۇرگەن بولۇپ، ئۇنى شئىرىي ئىجادىيتىدە قاپىيە ئىشلىتىشنىڭ ئۆلچەمى قىلىپ بىر ئىلىم نۇقتىسىغا كۆتۈرۈگەن ھەم  بۇ قاپىيەگە ئائىت نەزىرىيەلەرنى« قاپىيە ئىلمى» دەپ ئاتىغان. مەن ئۈگەنگەن ئازغىنە نەزىرىيەۋى بىلىمىنى مۇستەھكەملەش  ۋە يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شېئىر ئىجادىيتىگە تەتبىقلاپ ئىلمىي تەكشۇرۇش ئېلىپ بىرشىنى ئىستىگىدە مەرھۇم شائىر رۇزى سايىت ‹1944_2001.9 ›رۇزى سايىت شېئىرلىرىدىكى قاپىيەلەرنى ئەمىلىي تەكشۇرۇش ئېلىپ باردىم. روزى سايىت شېئىرلىرى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئىجادى قىممىتى بىلەن مۇھىم سالماقىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ ھەقتە پرۇفېسسۇرئازات سۇلتان ئېيىتقاندەك: «ئۇنىڭ شېئىرلىرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق قايغۇسىنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان. ئۇ ئىجادىيەتتە دىھقانلارنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيە-ھېسياتىنى، بۇلۇپمۇ ياشاش شارائىتىنى، خۇشاللىقىنى، دەرد- ھالىنى، ئەكىس –ئەتتۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرى ئەمىلىيەتتە دىھقانلارنىڭ قەلىب ئىزھارى، دىھقانلارنىڭ قەلىب سۆزلىرى »②.  
1.قاپىيە ئىلمى ھەققىدە
كىلاسسىكلار قاپىيە ئىلمىدە ۋەزىن،قاپىيە ۋەشېئىرىي سەنئەتتىن  ئۇلار بۇ ئۈچ ئامىلنى مۇنداق شەرھىلىگەن.
1).ۋەزىن-رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىشىش دىمەكتۇر. ئۇ شېئىرنى نەسىرى ئەسەرلەردىن ئايرىدىغان ئۆلچەم.(بۇ ئاروز ئىلمىي دەپ ئاتىلىدۇ).
2).قاپىيە- شېئىردا ئاھاڭدارلىقنى تەمنىلەيدىغان، ئاھاڭدارلىقتا ئۆزئارا ماسلىشىدىغان سۆزلەر قاپىيە دىيلىدۇ.
3) . شېئىرىي سەنئەت ـــ شېئىرنىڭ تەسىرى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شېئىرىدا قوللىندىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى يەنى بەدىئىي سەنئەتلەرنى كۆرسىتدۇ. ( بۇ  بەلاغەت ئىلمىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
قاپىيە شېئىردا مۇنداق رول ئوينايدۇ.
1). قاپىيە ئالدى بىلەن شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشكىللەيدىغان مۇھىم ئامىل.شېئىرنىڭ مەزمۇن بۇلەكلىرى قاپىيە ئارقىلىق بۆلىنىپ تۇرىدۇ.
2). شېئىرىي مەزمۇننىڭ يارقىن،تەسىرلىك،ئۇنۇملۇك ئىپادىلىنىشى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ.شېئىرىي مەزمۇندىكى تەسىرچانلىق قاپىيە ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.شېئىردا قاپىيە ماھارىتى ئۈستۇن بولسا،تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ.
3).قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەردە جەزىبە كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.نۇرغۇن شېئىرىي سەنئەتلەر قاپىيە بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇپ رېتىم ئاھاڭدارلىقمۇ قاپىيە ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. قاپىيە ياخشى بولمىسا تەسىر كۈچى سوسلايدۇ.
قاپىيەنى تەشكىل قىلغۇچى تاۋۇشلار ئۈچكە بۆلىنىدۇ.
1) ھەرىكە ـــ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئە،ئو،ئۆ،ئې ھەرىپلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
2) ھەرفى ئىللەــ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئا،ئۇ،ئۈ،ئى ھەرىپلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
3) ھەرف  ـــ ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. قاپىيە ئىلمىدە ھەرف بىلەن ھەرفى ئىللە ئىككىسىنىڭ قاپىيەدىكى رولى ئوخشاش بولغاچقا بىر دەپ سانىلىدۇ. ئەمما ھەرىكەنىڭ رولى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.
قاپىيە ئىلمىدە ھەرف ۋە ھەرفى ئىللەدىن توققۇز ئامىل بارلىققا كېلىدۇ.
1) رەۋى، 2) قەيد، 3) رىدف، 4) تەئسس، 5) دەخل، 6) ۋەسل، 7) خۇرۇچ، 8) مەزىد، 9) نائىرە قاتارلىقلار
1). رەۋى- قاپىيەدە تۈۋرۇكلۇك رول ئوينايدىغان تاۋۇشتۇر. رەۋى ئەرەبچە «تۇگىككە يۇڭ باغلايدىغان ئارقان»دىگەن مەنىدىكى سۆز. قاپىيە ئىلمىدە قاپىيە بولۇپ كەلگەن سۆزنىڭ يىلتىزىدىكى ئاخىرىقى ھەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. رەۋى بىرشېئىردىكى ھەرقانداق قاپىيەدە ئوخشاش ھەرىپتىن تەركىب تاپىدۇ. رەۋى بولمىسا قاپىيەمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
         مەسىلەن: تېپىلسىمۇ تېپىلار «توققۇزى تەل» كىشىلەر،
                    تېپىلمىغاي ئالەمدىن ئارزۇسى ھەل كىشىلەر.
                    بىزگە ئارزۇ ئەزەلدىن خاتىرجەنلىك،ئىناقلىق،
                    قوغلىغانچە قاچتى ئۇ،بەردۇق بەدەل،كىشىلەر...③
بۇ روبائىيدا «تەل»، «ھەل»،«بەدەل» قاتارلىق سۆزلەر قاپىيەبۇلۇپ، «تەل»، «ھەل»، «بەدەل» سۆزىلىرىدىكى «ل» رەۋى بولىدۇ..
قاپىيە سۆزى ئەگەر ھەرىكە «ئە» ھەرىپى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، ئۇچاغدا«ئە» ھەرىپى سۆز يىلتىزىنىڭ ئاخىرقى ھەرىپى ياكى قوشۇمچە بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ رەۋى ھېسابلانمايدۇ. ئالدىدىكى ھەرىپ رەۋى ھېسابلىنىدۇ.شۇنداقلا «ئە» ھەرىپى سۆز يىلتىزىنىڭ ئاخىرقى ھەرىپى ياكى قوشۇمچە بۇلسۇن رەۋى بولالمايدۇ. ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپلىرنىڭ رەۋى بۇلىشى كەڭ ئۇمۇملاشقان.
مەسىلەن : رەقىبلەر سۆز قىلسىمۇ تەمە،
                    تىلىڭنى يىغ-سىرىڭنى دېمە.
                    ئاغزى بوشلۇق-غەپلەت،ئۆلۈمدۇر،
                    ھوشيارلىققا يېتىدۇ نېمە؟④
بۇ روبائىيدا«تەمە»،«دېمە»،«نېمە»قاتارلىق سۆزلەر ئۆز-ئارا قاپىيەبۇلۇپ كەلگەن. سۆز ئاخىرىدىكى«ئە» ھەرىپى رەۋى ئەمەس، بەلكى«م»ھەرىپى رەۋى بۇلىدۇ.
مەسىلەن:بىر زامان يىغلاتتىڭ ئەي چەرخى پەلەك،
                   بەرمىدىڭ ئەجرىمگە مۇۋاپىق خەمەك.
                   ئەمدى ئۇ كاجلىق ياندى ئۆزەڭگە،
                   ئەمرىمگە كۆنمەي يوق ئامالىڭ بۆلەك⑤.
   بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «پەلەك»،«خەمەك»، «بۆلەك» قاتارلىق سۆزلەر دىكى «ك» ھەرىپى رەۋى ھىسابلىنىدۇ.
(2. قەيد- قاپىيە ئىلمىدە رەۋى ھەرپىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان ۋە كىينىگە ھەرپى ئىللە قۇبۇل قىلمايدىغان ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپى«قەيد» بولىدۇ. رەۋى ھەرىپى بىلەن قەيد ھەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇزۇق تاۋۇش بولمايدۇ. «قەيد» ئۇزۇك تاۋۇشتىن تەركىپ تاپىدۇ. ھەم رەۋىگە بىۋاستە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. مەسىلەن:                                                                           
ئەل قوزغالسا قوزغىلار تەخت،
ئەل قوغدىسا قوغدىلار بەخت.     
ئەل ئېشىغا توپا چاچسا كىم،
شاھ بولسىمۇ بۇلۇر بەدبەخت!⑥
   بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «تەخت»،«بەخت»، «بەدبەخت» قاتارلىق سۆزلەردىكى«ت» ھەرىپى  رەۋى بولىدۇ.«خ»ھەرىپى قەيد بولىدۇ.
3) . رىدف-ـ رىدف ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى ئاددىي رىدف (رىدف موفرەت)، يەنە بىرى مۇرەككەپ رىدف (رىدف زائىد).
① ئاددىي رىدف دىگىنىمىز ــ ھەرفى ئىللە بىۋاستە ھالدا رەۋىنىڭ ئالدىدا كەلگەن بولسا بۇ« ئاددىي رىدف» بولىدۇ. مەسىلەن:
قويساڭ غەبلەت ياستۇقىغا باش،
تېگەر بىركۈن باش-كۆزۈڭگە تاش.   
بىلسەڭ ياران بىزگە ھەممىدىن،
بولغىنى خوپ ھوشيارلىق يولداش.⑦
بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«باش»،«تاش»،«يولداش»قاتارلىق سۆزلەردىكى «ش» ھەرىپى  رەۋى بولىدۇ.«ا» ھەرىپى ھەرفى ئىللە بولۇپ، بىۋاستە رەۋىنىڭ  ئالدىدا كەلگەن. شۇڭا بۇ  «ا» ھەرىپى ئاددىي رىدف بولىدۇ.
② مۇرەككەپ رىدف ــ رەۋى بىلەن ئاددىي رىدف ئۇتتۇرسىدىكى ھەرىكەنى كۆرىستىدۇ. مەسىلەن: كەتمىكى بولغاندەك كېلىشنىڭ بۇ راست،
بەرمىكى بولىدۇ ئېلىشنىڭ ئۇ دوست.
ئالغاننى بەرمىسەڭ تىلىڭ قىسقىدۇر،
يولى شۆ ئۆزىنى بىلىشنىڭ، بۇ راست.
    بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن « كېلىشنىڭ »،«ئېلىشنىڭ» سۆز تەركىبىدىكى ئەسلى سۆز يىلتىزى«كېلىش»، «ئېلىش»بولىدۇ. يۇقارىقى نەزىرىيەتنى شەرھىلەشتە روزى سايىت شېئىرىلىدا  بۇنىڭغا مۇۋاپىق قاپىيە سۆزلىرىنى ئۇچراتمىغانلىقم ئۈچۈن روزى سايىتنىڭ روبائىيسىنى ئۆزگەرىتتىم. مىسرا ئاخىرىدىكى«دوست» نى«راست» قا.«راست» سۆزىگە ئوخشاش سۆزلەر قاپىيە بولۇپ كەلسە «ا» ئاددى رىدف، «س» ھەرىپى مۇرەككەپ رىدف بولىدۇ.
4) . تەئسس ــ قاپىيەدە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ۋە بىر ھەرىكەدىن تەركىب تاپقان يېپىق بۇغۇمنىڭ ئالدىدا كەلگەن«ئا» ھەرىپى «تەئسس» دىيلىدۇ.  مەسىلەن:
ئاشىققا ئازارىڭ ئادالەتمىدى؟
                ئارزۇغا ئارتارىڭ ئاھانەتمىدى؟
                ئالدىڭدا ئارمانلار ئايلاندى «ئاھ»قا،
               «ئاھ-ئاھ» لاش،ئامرىقىم ئامانەتمىدى؟⑧
  بۇ روبائىيدا قاپىيە بۇلۇپ كەلگەن «ئادالەتمىدى»، «ئاھانەتمىدى»، «ئامانەتمىدى» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئەسلى سۆز يىلتىزى «ئادالەت»، «ئاھانەت»، «ئامانەت». بۇ سۆزلەر تەركىۋىدىكى «ت»ھەرىپى رەۋى بۇلىدۇ. «دا»دىكى«ا»،«ھا»دىكى«ا»، «ما»دىكى «ا» ھەرىپلىرى «تەئسس» بولىدۇ.
5).دەخل ــ«تەئسس»تىن كىيىن كەلگەن ھەرىكە«دەخل»دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
             دېمەيمەن«سېنى دەپ كۆردۈم مالامەت»،  
             سېنىڭچۇن مالامەت كۆرگىنىم ئامەت.
             ۋەدەڭگە ۋاپانى كۆرسەڭلا راۋا،
             توي ماڭا ھەر قانچە زۇلمى قىيامەت⑨.
   يۇقارىقى روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن « مالامەت »،« ئامەت »، « قىيامەت » قاتارلىق سۆزلەر تەركىبىدىكى «م»ھەرىپلىرى دەخل بولىدۇ. بەزىدە دەخل ئوخشاش ھەرىپتىن تەركىب تاپمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. ئوخشاش ھەرىپتىن تەركىب تاپمىغان دەخل«ئاجىز دەخل» ھېسابلىنىدۇ. دەخل ئاجىز بولغان قاپىيە ئاجىز قاپىيە دىيلىدۇ.
6). ۋەسىل ــ سول تەرەپتىن رەۋىگە ئۇلىنىپ كىلىدىغان ھەرفى ئىللە ياكى سول تەرەپتىن ھەرىكە ئارقىلىق ئۇلىنىپ كەلگەن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپى «ۋەسل» بولىدۇ.بەزى
«ۋەسل» نىڭ ئۆزى ھەرفى ئىللەدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. مەسىلەن:
بۇ ئۆمۇر چەكلىكلا، ھاياتلىق باقى،
توختىماي ئايلىنار تىرىكلىك چاقى.
ئەي ئىنسان، پەخىرلەن غالىبلىقىڭدىن،
ئۆلمىدۇق بوغقانغا ئەجەل تىرناقى.⑩
  يۇقارىقى روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «باقى»،«چاقى»،«تىرناقى» قاتارلىق سۆزلەرتەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى«باق»،«چاق»،«تىرناق». بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ق» ھەرىپى رەۋى.«ق» ھەرىپگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن«ى» ھەرىپى ۋەسىل بولىدۇ.
7).خۇرۇچ ــ ۋەسىلدىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۇلىنىپ كىلىدىغان ھەرىكە «خۇرۇچ» بولىدۇ. مەسىلەن:  مەي ئىچىپ ھەييامنىڭ «نەزىم جامى»دىن،                                    سۆزلىسەم قۇرلاردا ئۇنىڭ نامىدىن.
                 دېدى ئۇ: ئاسانمۇ «چېدىرچى» بولماق،
                 رەنج كۆرۈپ يۈرمەپسەن غەپلەت دامىدىن ...⑪                              
بۇ روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«جامىدىن»،«نامىدىن»، «دامىدىن» قاتارلىق سۆزلەر تەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى «جام»،«نام»، «دام». ھەر قايسىسىدىكى «م» ھەرىپى رەۋى.«م» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى« ۋەسل» بولىدۇ. «ى» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«د» ھەرىپى «خۇرۇچ» بولىدۇ.
8). مەزىد ــ قاپىيە تەركىبىدە «خۇرۇچ » تىن كىيىن ئۇرۇن ئالىدىغان ئۇزۇك تاۋۇش، ھەرف ياكى ھەرفى ئىللە «مەزىد» دىيلىدۇ. مەسىلەن:
                         گۈل، رەڭنى ئالدىڭمۇ يارنىڭ لېۋىدىن؟
                         مەي ھىدىنى تاپتىڭمۇ جانان دېمىدىن؟
                          ئەي ساقى، ماي كەلتۈر، جىمىنى ئۇنتۇپ،
                          ئىچەي مەن،قۇتۇلاي بۇ دەم غېمىدىن!⑫
   يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«لېۋىدىن»،«دېمىدىن»، «غېمىدىن» قاتارلىق سۆزلەر تەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى «لەۋ»،«دەم»،«غەم» بولىدۇ. «لەۋ» سۆزى يىلتىزى تەركىبىدىكى«ۋ»، «دەم» سۆزى يىلتىزى تەركىبىدىكى «م»، «غەم» سۆزى يىلتىزى تەركىبىدىكى «م» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ. «ۋ» ھەرىپىگە، «م» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى ۋەسىل بولىدۇ. «ى» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«د» ھەرىپى خۇرۇچ بولىدۇ. «د» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«ى» ھەرىپى مەزىيد بولىدۇ.   
9). نائىرە ـــ قاپىيە تەركىبىدە« مەزىد» دىن كىيىن كەلگەن ھەرف ياكى ھەرفى ئىللە «نائىرە» دىيلىدۇ.
مەسىلەن: بىز جاھاننىڭ باغ- گۈلزارىدۇرمىز،
                              مەۋجۇدادنىڭ تاج- تۇمارىدۇرمىز.
                              ئۆمۈر تاجىنىڭ دېغى-تەمەننا،
                              ئۇنىڭدىن كۈرمىڭ بىزاردۇرمىز!⑬                    
يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «گۈلزارىدۇرمىز »،« تۇمارىدۇرمىز »، «بىزاردۇرمىز » قاتارلىق سۆزلەر تەركىۋىدىكى سۆز يىلتىزى «گۈلزار»،«تۇمار»، «بىزار». بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «ر» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ. «ر» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى ۋەسىل بولىدۇ. «ى» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«د» ھەرىپى خۇرۇچ بولىدۇ. «د» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن«ۇ» ھەرىپى «مەزىيد» بولىدۇ. «ۇ» ھەرىپىگە ئۇلىنىپ كەلگەن «ر» ھەرىپى نائىرە بولىدۇ.
ھەرىكەدىن تەركىب تاپىدىغان 6 ئامىل.
1) رەس، 2)ئشباھ، 3)ھەزۋ، 4) تەۋجېھ، 5)مەجرا 6) نەفاز قاتارلىقلار.
1). رەس ـــ «ا»ياكى «تەئسس»نىڭ ئالدىدا كېلىدىغان يۇشۇرۇن«ئە» ھەرىپى «رەس» دىيلىدۇ. ئەرەب تىلىدا ھەرفى ئىللە بار يەردە، يەنى «ا» بار يەردە «رەس» يۇشۇرۇن بولىدۇ. رەس ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە  كۆپ قۇللىنىلمىغان بولغاچقا بۇ ھەقتە ئايرىم توختالمىدىم.
2). ئىشباھ ـــ دەخىلدىن كىيىن كەلگەن ھەرىكەلەرگە رەۋى ھەرىپىدىن كېيىن ۋەسىل ئۇلانغان بولسا « ئىشباھ » بولىدۇ. مەسىلەن :
           تولا يادلاپ سىنىڭ ئېتنىڭنى،
دەرد قاپلىدى يۈرەك قېتىڭنى.
كۆرسەتسەڭچۇ ئەي جانان دىدار،
خار قىلمىساڭ مۇھەببىتىمنى!؟⑭
  يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن « ئېتىڭنى »،« قېتىڭنى »، « مۇھەببىتىمنى » قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يىلتىزى «ئات»، «قات »، «مۇھەببەت ». بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «مەت» بۇغۇممىدىكى «م» ھەرىپى «دەخل». «مەت» بۇغۇممىدىكى «ە» ھەرىپى « تەۋجېھ». بۇ سۆزلەر تەركىۋىدىكى «ت»ھەرىپى رەۋى.
3) . ھەزۋ ــــ «قەيد»نىڭ ئالدىدا كەلگەن ھەرىكە «ھەزۋ» دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن: ئەل قوزغالسا قوزغىلار تەخت،
ئەل قوغدىسا قوغدىلار بەخت.     
ئەل ئېشىغا توپا چاچسا كىم،
شاھ بولسىمۇ بۇلۇر بەدبەخت!⑮
    بۇروبائىيدىكى«تەخت»،«بەخت»،«بەد بەخت»قاتارلىق سۆزلەردىكى «ت» ھەرىپى  «رەۋى» بولىدۇ. «خ»ھەرىپى «قەيد». «قەيد» نىڭ ئالدىدا كەلگەن«ە» ھەرىپى «ھەزۋ» بولىدۇ.
4). تەۋجېھ ـــ دەخىلدىن كىيىن كەلگەن ھەرىكەلەرگە رەۋى ھەرىپىدىن كېيىن ۋەسىل ئۇلانمىغان بولسا«تەۋجېھ» بولىدۇ. مەسىلەن:
             دېمەيمەن «سېنى دەپ كۆردۈم مالامەت»
              سېنىڭچۈن مالامەت كۆرگىنىم ئامەت.
              ۋەدىگە ۋاپانى كۆرسەڭلا راۋا،
             توي ماڭا ھەر قانچە زۇلمى قىيامەت!⑯
  يۇقارىقى رۇبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن «مالامەت»، «ئامەت»، «قىيامەت» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يىلتىزى «مالامەت»، «ئامەت»، «قىيامەت» بولۇپ، بۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى «مەت» بۇغۇممىدىكى «م» ھەرىپى «دەخل»  بولىدۇ. «مەت» بۇغۇممىدىكى «ە» ھەرىپى « تەۋجېھ»بولىدۇ. بۇ سۆزلەر تەركىۋىدىكى «ت»ھەرىپى رەۋى. يۇقىرىدا  شەرھىلىگىنىمىزدەك «رەۋى»دىن كىيىن ۋەسىل ئۇلانمىغان شۇڭا بۇ «تەۋجېھ» ھىسابلىنىدۇ.
5). مەجرا ــ «رەۋى» ھەرىپىدىن كېيىن كېلىپ «رەۋى» ھەرىپى بىلەن« ۋەسل»نى بىر-بىرگە  ئۇلاپ تۇرىدىغان ھەرىكە «مەجرا» دىيلىدۇ.  ئەگەر ۋەسىل ھەرفى ئىللەدىن تەركىپ تاپقان بولسا مەجرا يۇشۇرۇن بولىدۇ. مەسىلەن:
تولا يادلاپ سېنىڭ ئېتىڭنى،
دەرد قاپلىدى يۈرەك قېتىمنى.
كۆرسەتسەڭچۇ ئەي جانان دىدار،
خار قىلمىساڭ مۇھەببىتىمنى!؟⑰
يۇقارىقى روبائىيدا قاپىيە بولۇپ كەلگەن«ئېتىڭنى»، «قېتىمنى»،« مۇھەببىتىمنى» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ سۆز يىلتىزى «ئات »، «قات »،« مۇھەببەت».سۆزلەرتەركىبىدىكى«ت» ھەرىپى رەۋى بولىدۇ.«ئېتىڭنى» سۆزىدىكى «ت» بىلەن «ڭ» ھەرىپىنى باغلىغۇچى «ى» ھەرىپى،« قېتىمنى »سۆزىدىكى «ت» بىلەن «م» ھەرىپىنى باغلىغۇچى «ى» ھەرىپى،« مۇھەببىتىمنى » سۆزىدىكى «ت» بىلەن «م» ھەرىپىنى باغلىغۇچى«ى»ھەرىپى « مەجرا »بولىدۇ.
6).نەفاســـ«ۋەسل»دىن كىيىن كەلگەن ھەرىكەلەرنىڭ ھەممىسى«نەفاس» دىيلىدۇ.
مەسىلەن:«قېرىساق قولقانات بولار بالىمىز»
           دېمىسە كۆيەمتى ئاتا-ئانىمىز.
           مۇشتۇمچە تۇغۇلدۇق،ھالال بۇ كۈندە،
           ئارزۇغا جاۋابەن شۇمۇ ھالىمىز؟...⑱  
     بۇ روبائىدىكى « بالىمىز »، « ئانىمىز »، « ھالىمىز » قاتارلىق سۆزلەر ئۆز-ئارا قاپىيىداش.سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى«لى» بوغۇمىدىكى «ى»،«نى» بوغۇمىدىكى «ى»،«لى» بوغۇمىدىكى «ى» مەجرا،«م» ھەرىپى ۋەسل،«م» ھەرىپىگە كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن «ى» ھەرىپى «نەفاس» بولىدۇ.
مېنىڭچە، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىرىتىدە روزى سايىت شېئىر ئىجادىيتى مەيلى ئاڭلىق ھالدىكى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بولسۇن ياكى ئاڭسىز  ھالدىكى تەقلىد قىلىش شەكلى بىلەن بولسۇن، بۇ ئېنىقكى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىر ئىجادىيتىنى ئۇيغۇر كىلاستىك ئەدىبىياتى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىتىگە تۇتىشىدىغان، باغلىنىشچانلىققا ئىگە بولغان بىر 《ھالقا》دىرىشكە بولىدۇ. روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدىكى يۇقىرى ماھارىتى ئىچىدىن سېستىملىق بىر شېئىرىيەت نەزىرىيەسىنى كۆرۈۋىلىش  بىلەن بىرگە، كىلاسسىكلار نىڭ بۇ خىل شېئىرىيەت نەزىرىيىسىدىن ، شېئىرىيەتكە تۇتقان ئىلمىي پۇزىتسىيەسىدىن ئۇزۇق ئالغانلىقىنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس. شۇنداقلا بۇ خىل ئىجادى ۋارىسچانلىق ئۆزى ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتىنىڭ يۇكسەكلىككە كۆتۈرۇلىشىدىكى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى خۇلاسىلاشقا بولىدۇ. بىز مەيلى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىغا قارايلى ئۇلارنىڭ مەلۇم دەۋىردە  ئۆزئەدەبىياتىغا قويغان نەزىرىيەۋى سىستىمىسى بولغان بۇلىدۇ. بۇ نەزىرىيەۋى سىستىما مەيلى قايسى خىل يۇلىنىشكە تەۋە بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر شۇ دەۋىر ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئەدەبىيات تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. يەنە بىرتەرەپتىن مۇئەييەن دەرىجىدە شۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ قايتۇرما ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى دىرىشكە بۇلىدۇ. روزى سايتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىگە قەدەم قويشىغا، ئەدەبىياتىنى چۇشىنىشىگە كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ۋە شۇ مەزگىللەردىكى شائىر ئۇستازلارنىڭ شېئىرىيەت قارىشى كۈچلۇك تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىگى ئېنىق. روزى سايىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« ئوقۇش مەزگىللىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردە بار بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسىرلىرنىڭ نەمۇنىلىرى،كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرنى ئۇگەندىم. ئەپسۇس سېستىمىلىق نەزىرىيەۋى بىلىم ئىلىش تەربىيلىنىش  پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدىم. شۇ مەزگىللەردە بۇنىڭدىن باشقا مەمتېلى زونۇن،قۇربان ئىمىن،مۇھەممەت سىدىق، تۇمۇرىلەر بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تۇغرىسىدا نۇرغۇن قىتىم ئۆگىنىش ھەم سۆھبەت مۇلاھىزىلەردە بولدۇم .بۇ مىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشىمىدە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنداق قىلىپ مەن كىتاب ئۇقۇشتىن، شېئىرىي ئۇقۇشتىن بىردەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم...».ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:« مەن بەختىمىگە يارىشا، كىتابخۇمار كىشلەر ئاپەتتتىن ساقلاپ قالغان ناھايتىى ئاز تاش باسما ۋاراقلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەلىشىر نەۋائىيسىدىن، شاھ مەشرىپىدىن، ئەخمەت شاھسىدىن شېئىرىيەتنىڭ تۇنجى ساۋىقىنى ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم. يەنە مەن ئۆزەمنىڭ  لۇتپۇللا مۇتەللىپى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىمشېھىد ئارمىيسى. .. بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم...». بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك روزى سايىت كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇپ، كىلاسسىك شېئىرىيتىمىزدىكى ئىجادىيەت ئۇسۇللاردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت مەنزىرسى سىزىپ چىقىشنى مەخسەت قىلغان. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن كىلاسسىك شېئىرىي  شەكىللەرنىڭ روزى سايىت شىېئىرلىرىدا داۋاملىشىشى تەقلىدىچانلىققا ئىگە بۇلغان ئۆرنەك ئېلىشنىڭ، ئىجادى ۋارىسچانلىق روھىنىڭ، كلاسسىك شېئىرىيەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ نەتىجىسى دىرىشكە بولىدۇ.

بۇ ماقالىنىڭ داۋامى بار ئىدى. ھازىرچە دەسلەپكى قەدەمدە «تارىم» ژورنىلىنىڭ  2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخسىنى ئاسا قىلغان ھالدا تۇرداشلار بىلەن پىكىرلىشىشنى مەخسەت قىلىپ تۇرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. كىينكى قەدەمدە كىلاسسىك شېئىرىيتىمىزە شېئىر قاپىيەلىرىدە ساقلىنىدىغان نۇقسانلار ھەققىدىكى نەزىرىيەنى روزى سايىت شېئىرلىرىدىن مىساللارنى ئېلىپ تەييارلىغان ماقالەمنى ھەم قاپىيەلەر ئۇستىدە ئۆزەمنىڭ ماتىماتىكلىق ھىسابلاش ئۇسۇلى بويىچە نۇمۇر قويۇپ خۇلاسىلاپ تەكشۇرگەن (دەسلەپكى قەدەمدە سىناق ھالىتىدىكى  سېفىرلىق تەھلىل)ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق پەيىتتە كۆپچىلكنىڭ تەنىقىدى پىكىرىگە  سۇنىمەن.





روزى سايىت شېئىرلىردىكى شىۋىلەردىن تۈزۈلگەن رادىفلار ھەققىدە



قاپىيە ـ «مىسرانىڭ ئاخىرقى ئىككى سوزى كېينكى قاپىيە چۈشكەن مىسرالارنىڭ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئاخىرقى ئىككى سوزى بىلەن قاپىيداش كەلسە، قوش قاپىيە بولىدۇ.بۇنىڭدا ئاخىرقى سوز قاپىيداش بولغان مىسرالاردا باشتىن-ئاخىرغىچە تەكرارلىنىپ كېلىشمۇ مۇمكىن.بۇنداق ئىزچىل تەكرارلىنىپ كەلگەن سۆز رادىف دەپمۇ ئاتىلىدۇ».(ئىمىن تۇرسۇن:«شېئىرىيەتتە بەدىئىلىك توغرىسىدا»،(«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۇغرىسىدا، ئەدەبىي ئوبزورلار»، مىللەتلەر نەشىرىياتى،1982يىل1-نەشىرى75-بەت). يىغىنچاق قىلىپ ئېيىتقاندا، شېئىر مىسرالىرىدىكى قاپىيەدىن كىيىن تەكرارلىنىدىغان سۆز ياكى بوغۇملار رادىف (قوش قاپىيە) دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
«مۇت،زەھەر بۇلسىمۇ يۇت»دەپ مۇت يېمە،
تەنگە سىڭمەس بىئەجىر نەپ، مۇت يېمە.
مۇتقا كۆنگەن ئىشتىھاغا مىڭ بالا،
بۇ بالادىن قاچ يىراق،تەپ!مۇت يېمە.
رىزىق دىگەن تەردىن يارالسا تەمى بال،
مۇت ھەسەلگە تامشىمالەب،مۇت يېمە.
ـــــــــ روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»1 –توم 382-بەت)
يۇقىرىقى غەزەلدىكى«دەپ»،«نەپ»،«تەپ»،«لەب»دىگەنلەر قاپىيە بولىدۇ «مۇت يېمە»رادىف ھېسابلىنىدۇ.دىمەك، رادىف ـ شېئىرىيەت ئىلمىدە قاپىيە سەنئىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان شېئىرىي ئاھاڭدارلىقنى مەيدانغا كەلتۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.رادىف قۇللىنىش ھادىسىسى ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە، بۇلۇپمۇ غەزەل، مۇخەممەس، مۇرەببە، روبائىي، تەرجىبئەند قاتارلىق لىرىك تۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
شېئىر سەنئىتىدە رادىف قوللىنىش ئەڭ ئاۋال قايسى مىللەتتە،كىم تەرىپىدىن بارلىقققا كەلگەنلىگى تۇغرىسىدا ئېنىق ماتېرىيال مەنبەسىگە ئىگە بۇلۇش ھازىر قىيىن بىر مەسلە. ئۇمۇمەن ئۇنىڭ ئىنساندا بۇلىدىغان رىتىم ۋە ئاھاڭدىكى گۈزەللىكنى سىزىش ئىقتىدارى (ئىنسان تەبىئىتىدە رېتىملىق ئاۋازغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر خىل ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىكى گۇزەللكنى ئاسان سىزىشتەك تەبىئى ئىقتىدارى بولىدۇ) دىن ئاۋۋال فولىكلور زېمىنىدا پەيدا بولۇپ، كىلاسسىك يازما شېئىرىيەتتە پىشىپ يىتىلگەنلىكى ئىنىق.رادىف قوللىنىش ھادىسىسىنىڭ ئەرەب، پارىس ۋە تۈ*ركىي شېئىرىيتىدە ئەڭ ئېتىبارغا ئېلىنغان ئېستېتىك ۋە ئىستىلىستىك پرىنسىپ بولغانلىقىنى نەزەرگە ئالغان ۋاقتىمىزدا، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە راۋاجلىنىشىدا يەنە مىللىي خاراكتىر ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئەرەب پارىس ۋە تۇر*كىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدا ئۆز–ئار ئۆتۈشكەن ۋە نۇسخا-ئەندىز بولۇشقان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ. ئارۇز ۋەزنى ئۇنىڭ بەھىرلىرى، جۈملىدىن رادىفلار ھادىسىسى بۇنىڭ بىر ياخشى مىسالى.
رادىف قوللىنىش بىرلا مىللەتكە خاس شېئىرىيەت قانۇنى بولالمىسىمۇ، مىللىي تىل ۋە مىللي ئەدەبىيات زېمىنىدا تەكرار ئىشلىتىلىش ۋە نىسبىي مۇقىم بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئۆزىدە روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلىدۇ. يەنى ھەرقانداق بىر مىللەتتە ۋە شۇ تىلغا خاس رادىفلار ئەنئەنىسى ۋە تۈ*ركۈمى شەكىللەنگەن بۇلىدۇ.بۇخىل ئەنئەنىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئەدەبىيات تارىخىي تەرەققىياتىدا شۇنداقلا مىللىي ئەدەبىياتنى ئۆز يولىدا ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا رادىف ئىشلىتىش ۋە ئاۋۋالقىلار ئىشلەتكەن رادىفلارغا تەقلىد قىلىش ھادىسىسى «چاغاتاي ئەدەبىياتى»دەۋرىدە، بۇلۇپمۇ،ناۋائىلار باشلامچى بولغان، ئاشۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ غول ئېقىمى بولغان غەزەل، مۇخەممەس قاتارلىق لىرىك شېئىرىيەت ساھەسىدە بەكمۇ ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىدى.كىيىن نەزىرىيە ۋە تەقلىد قىلىش يولى بىلەن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.ئۇيغۇركىلاسسىك شېئىرىيتىدە رادىفلار ئۆزىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، تۈزۈلىشى، قايتىلنىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئەنئەنىۋى شېئرىيەت دائىرىسىدە بىرخىل تەقلىتچىلىك ھادىسىسى سۈپىتىدە چۈشىنىشكىمۇ بۇلىدۇ.ئۇيغۇر شېئرىيتىدە قوللىنىلغان ئاساسى پېئىللار ۋە ئۇلارنىڭ ھەرخىل تۇرلىنىش شەكىللىرى، ئالماشلار، ئىسىملار، رەۋىش، سۈپەت، رەۋىشداش، سۈپەتداش ۋە ئۈندەش سۆزلەرگە ئوخشاش سۆز تۈ*ركۈمىگە تەۋە سۆزلەرنى كۆپ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى رادىف ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى لۇتفى، ناۋائىلاردىن تارتىپ تاكى نىمشىھىت، ئا.ئۆتكۈر، ت.ئېلىيوفلارغىچە تەكرارئىشلەتكەنلىگىنى بايقايمىز.(ئەنىۋەر مەتسەيدى. «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېىرسىتېتى ئىملي ژورنىلى»،2007-يىل1-سان ،(46-بەت).روزى سايىت يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە زورنەتىجىلەرگە ۋە بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە، ئاۋام ئارىسىدىكى تەسىرى چوڭ شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھاياتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭلىرىغىچە يىتىپ بىرىپ خەلقىمىزنىڭ ھالىغا مۇڭداش، دەردىگە دەرمان بولدى.ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى،پروفىسسور ئازاد سۇلتان:«يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە روزى سايىتنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ئاۋام خەلق بىلەن باغلىنىشى جەھەتتە يېگانە ئىجادىيەت بولۇپ ھسابلىنىدۇ»(ئازات سۇلتان،« ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى، (172 -بەت). دەيدۇ. دىھقانلار تۇرمۇشىنى ئاساسلىق تېما قىلغانلىقى، دىھقانلارنى باش قەھىرىمان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ھېسياتىنى ئىپادىلىگەنلىكى، ھايات رېتىمىغا ماسلىشىپ، رىئاللىققا تېخىمۇ يېقىن يانداشقانلىقى شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، ئىنىق، يەڭگىل، ھازىر جاۋاب بولىشى روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىگى ھېسابلىنىدۇ.ئۇ17-يىل دىھقانچىلىق بىلەن شۈغۈللىنىش ئەمىلىيەت جەريانى سەۋەبلىك بولسۇن ياكى ئۆزىنى دىھقان ساناپ دىھقانلار تېما قىلىنغان ئەسەرلەرنى يىزىشقا زور ئىشتىياق باغلىغانلىقى سەۋەبلىك بولسۇن، شېئىرلىرنىڭ تېلىدا ئۆزىگە پىششىق بولغان خوتەن دىھقانلىرنىڭ سۆز ئىشلىتىش ئادىتى،خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان يەرلىك شىۋىلەرنىڭ ھېدى دىماققا گۆپپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ.روزى سايىت شېئىرلىرىدىكى رادىف ئشىلىتىش ئۇسۇل جەھەتتىن كىلاستىك شائىرلارغا ئوخشاش تەقلىدىچانلىققا ئىگە بۇلسا سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىن شىېۋە سۆزلەرنى (خوتەن رايۇنىداخەلق ئىچىدە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان) ئىشلىتىش جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بۇ خىل شېۋە لەرنى شېئىرىيەتتە رادىف ئىشلىتىش بىرتەرەپتىن ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتكى بەدىئىي ماھارىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ئىپادە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خەلق تىلىغا پىششىق، ئاناتىلغا سادىق تىل ئىشلىتىش ئۇستازى ئىكەنلىگىنى يەكۈنلەشكە بۇلىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى دىرىشكە بولىدۇ
روزى سايىت شېئىرلىرىدا ئىشلىتىلگەن رادىفلار سان جەھەتتىن چەكلىك ئۇمۇمەن خوتەن شىۋىسىدىن تەركىپ تاپقان. بۇلار تۇۋەندىكىچە. «ئەينا»، «ئېيتىپتىڭيا»، «ياپا»، «غىلتاڭ»، «ھاما»، «ئانىي تاپماڭ»، «غوم ساقلىماڭ»، «مۇت يېمەڭ»، «سالتاڭمەن»، «ھەلەق»،«شالتاق»،«غېلىم»، «ھېجېن»،«خەتىدىن»، «ئۈز»، «ئۇپ»،«ھاللاڭ»،«قاشاڭ دەي سەن»، «ئوندەرىمەڭ»، «ھەپىلەش»، «گوللىدى »، «چاپتىكەش»،«دەللەڭ»،«گول قىلىپ»،«دالۋاڭ چۆرۇمە»، «ھۆددەس»، «ئومۇلاخمان»،«بۆككىلى»، «پىتكە»، «ھائ،بۇقانداق گەپ»،«جىق»،«بېرەتكە»،«ئا-ئەھ!»، «ئانداغ»، «پۇشۇقاتماق»،«مەڭزىتىپ»،«شاپ بولۇڭ!»،«ھىمىنى بىر قىلىپ»، «ئاۋۇي كىرەك»، «ئەي نېقىپ!»،«تاۋايمەن!»، «شىيلىسا»، «پەلەمما»، «زوۋىلەن»، «پەللىمەڭ»، «نېمەقوق»، «مۇدەممەتلىك»،«كۇس سالامەت ئوخشىدى!»، «چىن پىششىق»، «خۇسۇمەت قىلمىدىڭ»، «ئىندەككە كەل»، «ھاما-ھاما!»، «پەندۇرۇپ»، «غۇلى»، «تەممەت»،«دېۋەڭ»، «موككىدەك»، «ھايتاقلىك»، «مۇزەررەت»،«‹جۇگۇ-جۇگۇ›دەپ»، «شۇنىڭ بۇيزى»، «ئېرىغ»، «قېرىغ»، «ئەمگەلدۈرۈپ» دىگەنگەن ئوخشاش  بىرىكمىلەرنى  ئىشلەتكەن. بۇ سۆزلەر بىر قىسىم كىشىلەرگە چۈشۈنىكسىز تۇيۇلغان بىلەن خوتەن رايۇنىدىكى خەلقلەرگە بەك چۈشۈنىشلىك. ھەر بىرسۆز ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە شېئىرىيدا كۈچلۈك بولغان مەنا كەڭلىكى ۋە مەزمۇن چوڭقۇرلىقىغا ئىگە بولۇپ، شېئىرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ياپا»،«ھاما»، «ھەلەق» دىگەن شىېۋە سۆزلەرنى كۆرۇپ باقايلى.
«ياپا»دىگەن سۆز«دائىم، ھەمىشە، داۋاملىق، سۇۋارىسىغا» دىگەن مەناغا ئىگە. (ئابدۇللا سۇلايمان:«دۇنيادا بىرلا خوتەن بار»،264-بەت). سۆز تۈ*ركۈمى ـــ رەۋىش.
ئۇ قىلار پەش زۇلقى،خالىنى ياپا،
ھەم قىلار پەش ئاقچا-مالىنى ياپا.
«ھۆر-پەرىمۇ مەنچىلىكتۇر ياكى يوق؟...»
دەرسۈرۈپ پەيزى خىيالىنى ياپا.
....
«ھاما» دىگەن سۆز«شۇنداققۇ،شۇنداقمۇ؟،قانداق دېدىم» دىگەن مەناغا ئىگە. (ئابدۇللا سۇلايمان:«دۇنيادا بىرلا خوتەن بار»،237-بەت). مەنىسىدىكى مەزمۇنى تەۋە بولغان سۆز تۈ*ركۈمى ــــ رەۋىش.
زەربە يوق ئاشىققا يالغاندەك،ھاما؟
بۇ گويا زۇلمەتتە قالغاندەك، ھاما؟
لەۋزى چىنلىق سۆيگۈنىڭ گۈلتاجىسى،
سەن ئايان پەتنۇستىكى ناندەك، ھاما؟
......
«ھەلەق»دىگەن سۆز «پاسكىنا، كىر، مەينەت» مەنىسىدە. ئىستىمالىدا «ئۇيات»، «نومۇس»دېگەن ئەيىبلەش، ئىزا تارتقۇزۇش مەنىلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. (ئابدۇللا سۇلايمان:«دۇنيادا بىرلا خوتەن بار»،235-بەت). «پاسكىنا،كىر، مەينەت»  مەنىسىدە تەۋە بولغان سۆز تۈ*ركۈمى ــــ سۈپەت.
دېدى ئەل جامائەت خۇيۇڭغا ھەلەق،
ئىشىڭ ما س ئەمەس بەسىت ـــ بويۇڭغا ھەلەق.
يىگىت بۇرچى شۇنداقمىدى،ھەي ئېسىت،
ئەقىل كۈچىنى بۇزدۇڭ ئويۇنغا،ھەلەق.
......
يۇقىرىدا كۆرۇپ ئۆتكەن «ياپا»دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا«ھەردائىم، ھەمىشە»دىگەن سۆزنى،«ھەلەق»دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا«پاسكىنا،مەينەت»دىگەن سۆزنى، «ھاما» دىگەن سۆزنىڭ ئۇرنىغا «شۇنداققۇ،شۇنداقمۇ؟»دىگەن ئەدەبىي ئۇرتاق تىلدىكى بۇ سۆزلەرنى ئىشلەتسەك بۇ شېئىرلارنىڭ شېئىرىي مەزمۇن تۇۋەنلىپ، ئىپادىلەش كۈچى ئاجىزلىشىدۇ ھەم شېئىرىينىڭ ۋەزنى بۇزىلىدۇ. بۇ سۆزلەر دەل شىېئىرىي مىسرالىرىدا ئۆزىنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن ئەگەرئوينىغا باشقا سۆز ئالمشتۇرۇلسا خاسىيىتىنى يوقۇتىدىغان گۆھەردەك چاقناپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە روزى سايىتنىڭ تىل ئىشلىتىشتىكى بەدىئىي دىتىنىڭ پىشقانلىغىدىن دىرەك بىرىدۇ. ل.تولىستويمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن:«ئەدەبىي ئەسەردە مۇنداق ئەھۋالدا، يەنى بىرەر سۆزنىمۇ قوشۇپ قۇيغىلى بولمايدىغان ،بىرەر سۆزنىمۇ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان، ئۇنىڭ ئۇستىگە، تېخى بىرەر سۆزنى ئۆزگەرتىۋېتىش بىلەنلا ئەسەر بۇزۇلىدىغان ئەھۋالدىلا ئۇنىڭ ئىدىيسىنى ئىپادىگىلى بولىدۇ» (ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان: مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى[M],  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي.146-بەت).
مېنىڭچە، روزى سايىت شېئىرلىرىدىكى رادىف قوللىنىلىشىنى تۇۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرۈپ ئۆتۈشكە بۇلىدۇ.
1. ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە رادىفلار ئورنى جەھەتتىن ئومۇمەن قاپىيداش سۆزلەردىن كىيىن كەلگەندىكىگە ئوخشاش روزى سايىت شېئىرلىرىدىمۇ رادىفلار قاپىيداش سۆزلەردىن كىيىن كەلگەن.
نەگۇناھىم بار ئىدى،قىلدىڭ پەلەك ياردىن جۇدا،
دىمەگىل سەن ياردىن،بىل،گەۋھەرى جاندىن جۇدا.
.....
ــــــــ قەلەندەر («بۇلاق»1981-يىل 1-سان 135-بەت)
نىگارىم كەلدى گۈل قىسقان پېتى ئەينا①،
تىنىق نەپسىدە پاك سۆيگۈ ئوتى ئەينا.
.....
ـــــــــ روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»1 –توم 137-بەت)
قايسى گۈلشەن گۇلبۇنى سەرۋى خىرامانىڭچە بار؟
قايسى گۈلشەن ئۆزرە غۈنچە لەئلى خەندانىڭچە بار؟
ـــــــــ گومنام («ئۇيغۇر كىلاستىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» 506-بەت)
ھائ②،قويۇڭ ئۇنداق قىلىقنى ياشقا ماس كەلمەيدىغان،
ئەمدى بۇ ياشقا ياراشماس باشقا ــــ ماس كەلمەيدىغان.
ھائ، بۇ قانداق گەپ جامائەتتىن ھېيىقماي يۈرسىڭىز،
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 411-بەت)
ھاما-ھاما③،بولما ئۇنداق بەت قىلىق،
سەن بىلەن بىزگە ياراشماس سەت قىلىق.
ھاما-ھاما،«ئۆزىنى سورىغانلار يۇرت سورار»،
.......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 442-بەت)
2. ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە  بىرلا رادىف ئەمەس، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رادىف قاتار كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. مېنىڭچە، بۇنى«قوش رادىف»دەپ ئاتاشقا بۇلىدۇ. بۇ خىل «قوش رادىف» ئىشلىتىش روزى سايىت شېئىرلىرىدا خىل كۆپ سالماقىنى ئىگەللەيدۇ. بۇنى كىلاسسىك شېئىرىي  شەكىللەرنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە، شۇنداقلا روزى سايىت شىېئىرلىرىدا ئۆرنەك ئېلنىش، داۋاملىشىش ۋە ۋارىسلىق قىلىنىشىنىڭ نەتىجىسى دىرىشكە بولىدۇ.
مەسىلەن: تۈۋەندىكى كلاسسىكلارنىڭ  شېئىرلىرىغا قاراپ باقايلى.
نەمەنگان شەھىرىدىن كەتسەم، مىنى يوقلار كىشىم بارمۇ،
غەرىبلىك شەھرىدە يۈرسەم، مېنى يوقلار كىشىم بار مۇ،
....
ــــــ مەشرەپ («بۇلاق»1981-يىل 2-سان،110-بەت)
بۇ مېنىڭ شۇم تالىئىمدىن يار باقمايدۇر ماڭا،
ئاي يۈزىنى ياشۇرۇپ دىلىدار باقمايدۇر ماڭا،
...............
-ـــــــ نەۋبەتى («بۇلاق» 1982-يىل 3-سان، 172-بەت)
مۇپتىكالىق كارى-بارى كەلدى غىلتاڭ④ ماڭىلا،
ۋەسلى ھىجران قايغۇ زارى كەلدى غىلتاڭ ماڭىلا.
..........
يىگىت، كۆيدۈم دېدىڭ،كۆيسەم ئانىي⑤ تاپما،
سېنى سۆيدىم دېدىڭ،سۆيسەم ئانىي تاپما.
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 378-بەت)
بولمىسا دۇشمەن ئۇ،بەس،غۇم⑥ ساقلىما،
دوست دېگەن دۈشمەن ئەمەس غۇم ساقلىما.
.....
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 380-بەت)
دوست تۇرۇپ بەختىمگە قوپماڭلا غېلىم⑦،
بۇ مۇراد تەختىمگە قوپماڭلا غېلىم.
.....
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 393-بەت)
يۈرگىنىم،ئېسىت،كونا ئەندىزە گول⑧قىلىپ،
پەتىۋاچى پىتنە-ئەڭگىز گول قىلىپ
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 402-بەت)
ئەي كىشى،«مەنمەن!»نى دالۋاي چۆرۈمە⑨،
گۈل بۇ دەپ ئەمەننى دالۋاي چۆرۈمە.
.......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 403 -بەت)
ھەممە ئىشقا سىلكىمەڭ قول،دەپلا«ئا-ئەھ!⑩...»،
«تەقدىرىمگە بوپتىمەن گول، ــــــ دەپلا،ــــــــ ئا-ئەھ!...».
..........................
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 417-بەت)
كۈن بۆلەكچە چىقتى پارلاپ،ئويغىنىڭ تېز،شاپ⑪ بولۇڭ،
ھەمسەپەرلەر يولدا ھازىر،ياتقىنى بىز،شاپ بۇلۇڭ.
.....................
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 421 -بەت)
ئاڭلىسام ئەغيار ھمىنى بىر قىلىپ⑫،
نەدىكى ھەييار ھىمىنى بىر قىلىپ.
.........................
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 423-بەت)
غەيرىي، مەيلى ئۆزئارا ئاۋۇي⑬ كېرەك،
يىتسە ئاۋۇي دىل يارا ــــــ ئاۋۇي كېرەك.
....................
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 424-بەت)
مۇڭنى قوي،تىك تۇت بېشىڭنى ،نېمە قوق⑭،
تاشلىغىن «ئاھ-ئۇھ...»لىشىڭنى،نېمە قوق.
.....
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 434 -بەت)
ساڭا تۇتتۇم گۈلۈمنى يار مۇددەممەتلىك⑮،
ساڭا بەردىم قولۇمنى يار مۇددەممەتلىك .
........................
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»435 -بەت)
بىر سۈرەت سىزدىم،ئاداشقا كۇس سالامەت⑯ ئوخشىدى،
دەل ئۆزى شۇ ــــ بىر قاراشقا كۇس سالامەت ئوخشىدى.
....................
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 436-بەت)
تۇتاشتى ئوت كۆڭۈل خانەمگە چىن پىششىق⑰،
نەپەس قاپلاشتى دەندانەمگە چىن پىششىق.
....
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 440-بەت)
بۇلدى،بەس! كەتكىن يىراق بەڭۋاشلىقىم،ئىندەككە كەل⑱،
سەنمۇ چۈش پەسكارىغا ئەي شاشلىقىم،ئىندەككە كەل.
.....
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» 441-بەت)
ساڭا دائىم يالۋۇرامتىم «جۇگۇ-جۇگۇ⑲» دەپ؟
ئىشقىڭ قىيناپ ئاھ ئۇرامتىم جۇگۇ-جۇگۇ دەپ؟
....
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»458 -بەت)
قاچان كۆردۈم سېنى ئەي يار، شۇنىڭ بۇيزى⑳،
ئارامىم يوق،خىيال سەييار شۇنىڭ بۇيزى.
.....
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»458 -بەت)
3. ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىدە رادىفلار بىر سۆزنى جۇپ سۆز شەكلىدە تەكرار ئىشلىتىش ھادىسىسىمۇ بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان. بۇ ئارقىلىق شېئىرنىڭ مۇزىكىدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. لىكىن روزى سايىت شېئىرلىرىدا سۆزنى تەكرار تەڭداش مەنىدە ئىشلەتكەن رادىفلار ئوچرىمايدۇ.
لەتافەت قىبلەسى ئاللەمدە سەن-سەن،
پەرى يۈزلۈك بەنى ئالەمدە سەن-سەن.
....
ـــــــــــ لوتفى («بۇلاق» 1982-يىل 1-سان،28-بەت)
ئەي مۇسەلسەل زۇلفىدىن جانىمدە يۈزمىڭ پىچ-پىچ،
سورماساڭ ھەردەم بۇ قولنى بارى سۇرغىل كېچ-كېچ .
...
ــــــــ ئاتايى («بۇلاق» 1982-يىل 1-سان،76-بەت)
4 .كىلاسسىك شېئىرىيەتتە رادىفلار ئىسىم ۋە باشقا سۆز تۈ*ركۈملىرىگە قارىغاندا كۆپرەك پېئىللاردىن تەشكىل تاپقان مەسىلەن:«ئەيلە»،«بول»، «قىل»، «ئۆت»، «ئەت»،«ئۇنۇت»  قاتارلىق پېئىللار نىڭ كۆپ خىل شەكىللىرى ھەم پېئىللارنىڭ سوراق ۋە بولۇشسىز شەكىللىرىنىڭ ئىشلىتىلى كۆپرەك. مەسىلەن: «قەنى»، «نىتەي»، «نەھاسىل»، «قايداسەن»، «بارمۇ»، «قالدىمۇ»، «بارمىكىن»، «بولماس»، «بولمادى»، «تېپىلماس»...دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئاسالىق ئۇرۇندا تۇرىدۇ. لىكىن روزى سايىت شېئىرلىرىدىكى رادىفلارنى خوتەن رايۇنىدىكى خەلق ئىچىدە ساقىلىنىپ كىلىۋاتقان مەنا كۈچى چوڭقۇر رەۋىش ، ھالەت، سۈپەت، پىئىل قاتارلىق شېۋە سۆزلەر ئىگەللىگەن.
سەنتەك جەھاندا كۆزلەرى ئەينى بەلا قەنى؟
مەنتەك ئانىڭ بالاسى بىلەن مۇبتەلا قەنى؟
.....
ـــــــــ سەككاكى («ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» 218-بەت)
نىگارا، سەنسىزدىن مەندىن نە ھاسىل؟
ئەگەر جان بولماسا،تەندە نە ھاسىل؟
.....
ــــــــــ لۇتفى (« ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتىدىن  نەمۇنىلەر»244-بەت)
ھىچ كىشى مەندەك سېنىڭ ئىشقىڭدا شەيدا بولمادى،
چىقتى مەجنۇن، لىك مەندەك ئەلگە رەسۋا بولمادى.
......
ــــــــــ قەلەندەر  ( ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر » 486-بەت)
سېنى«شالتاق» دېگەنلەر نەق ئۆزى شالتاق،(21)
كۆرەلمەسلىك بۇ، ئېيىتقان گەپ-سۆزى شالتاق.
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»386 -بەت)
لەيلىگە قەيسىنىڭ كۆزىدە باقسا ئۇز،(22)
تاھىر زۆھرە كويىدا ئاقسا ئۇز.
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»390 -بەت)
ئۆتنە ئالەم بۇ، ياران،ئۆندەرىمەڭ،(23)
تۇرمىغاي ھېچكىم قىران.ئۆندەرىمەڭ.
. ......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»394 -بەت)
مېنى،دوستلار،ئىشقى قىڭغىر گوللىدى،(24)
تۇنجى سۆيگۈمنى ئەجەپ بىر گوللىدى.
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»397 -بەت)
گېپىڭ دەللەڭ سېنىڭ،ئى ئىشىڭ دەللەڭ(25)،
شۇ بائىسىت دىلىمغا يېقىشىڭ دەللەڭ.
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»401 -بەت)
ئاپىرىن،يار سەن خۇسۇمەت قىلمىدىڭ(26)،
تەڭلىدىڭ بال، قەنت خۇشۇمەت قىلمىدىڭ.
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»440 -بەت)
يازدا، سالقىن-سايىدە ياتقان دېۋەڭ(27)،
كىشتا،سوزغنىڭ دەردىنى تارتقان دېۋەڭ.
......
ــــــــــــ   روزى سايىت («روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»450 -بەت)
5.كىلاسسىك شېئىرىيەتتە ئادەتتە كۆپ ئىستىمال قىلىنمايدىغان ياكى ئېستىمالىدىن قېپقالغان بىر يۈرۈش سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ۋە مورفولوگىك قۇرۇلمىلار رادىف سۆزلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:«-دۇر»،«-ۇر»، «-مىش»، « غىم»، «-ىبار»، «-چەبار»...، دىگەندەك. ئەمما رروزى سايىت  شېئىرلىرىدا رادىفلاردا بۇ خىل سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئىشلتىلمىگەن، بۇنى ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيتىدە ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارغا ۋارىسلىق قىلىپ،ئۆز ئەمىلىتىدە ئىجادىي قوللانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دىرىشكە بۇلىدۇ.
ھەر نەچە يامانلىقكى قىلۇر،ياخشى كۆرۈنۈر،
نازىك كىشىدىن ھەر نە كىلۇر،ياخشى كۆرۈنۈر.
....
ـــــــــ لۇتفى («ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتنىدىن نەمۇنىلەر» 236-بەت)
....، دىگەنگە ئوخشاش.
دىمەك،روزى سايىت شېئىرىلىرىدا قوللىنىلغان رادىفلار بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك ئاساسەن خوتەن شېۋىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. منىڭچە بۇ  خىل شېۋىلەرنىڭ شېئىردا رادىف قىلىپ قوللىنىشىنى مۇنداق تەرەپلەردىن خۇلاسىلاپ بېقىشقا بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا رادىف بۇلۇپ كەلگەن سۆزلەر خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇزاق مەزگەللىك تۇرمۇش ئىستېمالدىكى شېۋىلەردىن ئېلىنغان. باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىنغا ياكى خەلق ئىستىمالىدىن ئۆتمىگەن، خەلققە ناتۇنۇش بولغان ياسالغان سۆزلەر يوق.
ئىككىنچىدىن، شېئىرىينىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ (بۇلۇپمۇ خۇتەن رايۇنىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ) شېئىردىن زوقلىنىش ۋە چۈشىنىشگە  ماس كەلگەن.
ئۈچىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا رادىف بۇلۇپ كەلگەن  شېۋىلەر خەلىقنىڭ  ئېغىز تىلىدىكى  تۇرمۇش تىلدىن شېئىردا شېئىرىي تىلغا يەنى، شېئىردىكى بەدىئى تىل يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن.
توتىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىداشېۋىلەرنىڭ ئاكتىپ ئىشلىتىلىشى بۈگۈنكى شېئىرىي ئىجادىيتىدە شېئىرنىڭ خەلق بىلەن (يەنى ئەدەبىياتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن)بولغان ئارىلىقنى يىقىنلاشتۇرۇپ، ئەدەبىي تىلنى خەلق تىلىغا يېقىنلىتىشتا مۇئەييەن ئىجادى يول ئىگە .
ئوستىروۋىسكى:«خەلق ئۈچۈن يېزىشتا، ئۇلار قىلىدىغان گەپ بىلەنلا يازماستىن، بەلكى ئۇلار ئىشلىتىشنى خالايدىغان تىل بىلەن يېزىش كېرەك»دەيدۇ. بېلىنىسكىنىڭ قارىشىچە بولغاندىمۇ: «شېئىرىي ئەسەردە ھەر بىر سۆز، پۇتۇن ئەسەرنىڭ ئىدىيسى ئېھتىياجلىق بولغان مەنىنى تۇلۇق ئېچىپ بېرىشكە پۈتۈن كارامىتى بىلەن خىزمەت قىلىشى كىرەككى، ئوخشاش بىر خىل تىلدىكى باشقا ھەرقانداق سۆز ئۇنىڭ باسالمايدىغان دەرىجىدە بولسۇن»(ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.199 1-يىلى9-ئاي، (144-145--بەت). دەيدۇ. مېنىڭچە شېۋىلەر قانداقلا بولمىسۇن ئۇ خەلقنىڭ تۇرمۇش ئىستىمالدا تىلى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. خەلىقنىڭ تىلى ئۇ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنە مەۋجۇت بولىدۇ ھەم داۋاملىشىدۇ. شۇنداقلا  بۇنى مەلۇم مەنىدىن ئەدەبىي ئەسەرنىڭ، ئاپتۇرنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى دىرىشكە بولىدۇ. لىكىن شېۋىلەرنى، (دېئالىكىتلارنى) ئەدەبىي ئەسەرلەرە ئىشلىتىشتە مەلۇم رايۇندىكى خەلىقلەرنىڭ ئېستمالىدا بۇزۇلغان ئەدەبىي تىل بىلەن شېۋىلەرنى، دېئالىكىتلارنى پەرىقلەندۇرۇش كىرەك. بۇزۇلغان ئەدەبىي تىل بىلەن شېۋىلەرنى، دېئالىكىتلارنى ئورتاق قوللىنىشتىن ساقىلىنىش كىرەك.
رادىفلار پۈتۈنلەي ئۆلۈك ھالدىكى تەقلىد قىلىش ئەمەس. سېماسىئولوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،رادىف بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئەسلىي لېكسىكىلىق مەنىسى بىلەن مىسرا تەركىبىدىكى يۈكلىمە ۋە كېڭەيگەن مەنىسى ئوتتۇرىسىدا ھەم باغلىنىش،ھەم پەرق مەۋجۇت بولىدۇ شۇنداقلا ھېسىسىي ۋە ئەقلىي مەنىسىدە مۇستەقىللىق بولىدۇ.  روزى سايىت شېئىرلىرىدا ئىشلىتىلگەن رادىفلارمۇ شېئىردا تۇتقان رولى ۋە قىممىتى بىلەن بەدىئىي –ئېستېتىك قىممەت يارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بۇلۇپ ئۆزگىچە رېتىم گۈزەللىكىنى شەكىللەندۇرۇش بىلەن بىرگە شېئىرى كەيپىياتنى قەدەممۇ-قەدەم ئالغا سېلجىتىش، ئىدىيۋى ھېسياتنى كۈچەيتىش، شېئىرىي پىكىردە تېرەنلىك ۋە جىپسىلاشقان قاتلام ھاسىل قىلشتا مۇھىم رول ئۇينىغان.  شېۋە سۆزلەرنىڭ مەنا كەڭلىگى ۋە مەزمۇن چوڭقۇرلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە شېئىردا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىككە ئىگە قىلىنغان. شېئىرلىدا ئىشلىتىلگەن رادىفلار خەلىقنىڭ ئېغىز تېلىدىكى بۇلۇپ، ھازىرغا قەدەربىرەر يازغۇچى ياكى ئەدىب تەرىپىدىن بىرقەدەر سىستىمىلىق بولغان بىرەر ئەدەبىي –ئەسەرلەردە خاتىرىگە ئېلىنپ بەدىئىي تىل سەۋىيىسىگە كۆتۇرۇلگەن ئەمەس. بۇ شېۋە سۆزلەرنى شېئىرغا كىرگۈزۈشۈلۈشتە روزى سايىت  ئەدەبىياتقا، تىلغا بۇلغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن قاتتىق تاللاش ۋە پىششىقلاشتن ئۆتكۈزگەن. ماكيوۋىسكى:«بىرگىرام دورا قېزىشقا بىر يىل ئەمگەك قىلىشقا توغرا كەلسە،شېئىر يېزىشقا بىر سۆز ئۈچۈن سۆز كانىدىن مىڭ توننىلاپ دورا قېزىشقا توغرا كېلىدۇ»دويدۇ. بۇنىڭدىن شائىرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش، ئۇگىنىش ۋە تەپەككۇرنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرنى باشتىن كەچۇرگەنلىكىنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس. جىياۋداۋ:«ئىككى مىسراغا ئۈچ يىل قاتتى بېشىم،ھەر ئوقۇسام بۇلدۇق-بۇلدۇق ئاقار يېشىم؛»دەپ يازىدۇ. ئۇيەنە«ھەر ھەرپ-سۆز مۇشكۇلاتتا تۈزۈلدى، ئاڭغىچە چاچ-ساقىلىمۇ ئۈزۈلدى»دىگەن شېئىرىي ئارقىلىق شېئىرىيەتتە سۆز تاللاپ(ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي،135-145-146-بەت). ئىشلىتىشنىڭ  قىينلىققىغا قارىتا قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. روزى سايىتنىڭ خەلق تىلىدىكى ئەدەبىي-ئىجادىيەتتە بەدىئي يۈكسەكلىككە كۆتۇرۇشى، شېۋە سۆزلەرنىڭ قىممىتى ۋە رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش، ساقلاپ قىلش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئىجادى ئەمگىگى ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا، بۇنى ئىجادىيتىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىشنىڭ نەتىجسى  دىرىشكە بولىدۇ.

(ماقالەمدىكى سىتاتلار سەل كۆپرەك بولغاچقا ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرالماي بەزىلىرىنى ئۆز ئوينىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.شېئىرى مىسرالىرىدا كەلگەنلىرىنى ئاستىدا ئىزاھلىدىم.بۇ ئىلمىي ماقالە تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ،بۇ ھەقتە تۇرداشلارنىڭ توغرا چۈشەنچىدە بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن. شۇنداقلا تۇرداشلارنىڭ،ئۇستازلارنىڭ ۋە دوستلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلەردە بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۇمىت قىلىمەن.)
ئىزاھاتلار:
①       ئەيناـــــ خوتەن دېئالىكتى.ئەنە (كۆرسىتىش ئالماش)،«غۇ،قۇ»قوشۇمچىسى.
② ھائ ــــ ئەجەبلىنش،ھەيران بۇلۇش،تەئەججۈپلىنىش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
③ ھاما-ھاما ـــ «ئاڭلاپ تۇرۇڭ»،«ماڭا قارىڭا»دېگەنگە يىقىن تۇرىدىغان تەكىت مەنىسىدىكى شىۋە سۆزى.
④غىلتاڭ ــــ خاس، ئارىلاشمىسى يوق دىگەن مەنىدە. رەۋىش.
⑤ئانىي ـــ بۇزەك ،ياۋاش دىگەن مەنىدە .سۈپەت.
⑥غوم ــــ ئاداۋەت،يامانلىق دىگەن مەنىدە. مەنىسىدىكى سۆز تەركىبى ــــ ئىسىم.
⑦غېلىم ــــ ئۆكتە قوپماق.
⑧گول ــــ تۈز، ساددا.يالغان،شۇملۇقنى بىلمەيدىغان.سۈپەت.
⑨دالۋاي چۆرۈمە ـــــ كۆز-كۆز قىلىش،كۆپتۇرۇپ ماختاش،بازارغا سېلىش.
⑩ئا-ئەھ! ـــــ بىزارلىق،كۆڭلى قېلىش،بولغىنچە بۇلار دېگەنلەرنى ئىپادىلەيدىغان ھالەت..
⑪شاپ ــــ تېز، چاپسان مەنىسىدە .
⑫ ھىمىنى بىر قىلىش ـــــ ئىچ گېپىنى بىر قىلىۋىلىش،پىكىردە بىرلىككە كېلىۋېلىش مەنىسىدە.
⑬ ئاۋۇي ـــــ ئىززەت،مەنىۋى نەپىس، ئابروي-ئىناۋىتى .
⑭ نېمە قوق ــــ كېرەك يوق، ئىچىڭنى پۇشۇرما مەنىسىدىكى تەسەللى سۆزى.
⑮ مۇددەممەتلىك -ـــ  مەڭگۈلۈك، باشتىن-ئاخىرى، ئەبىدىلىك مەنىسىدە.
⑯ كۇس سالامەت ــــــ بەئەينى، ئوپمۇ ئوخشاش، قۇيۇپ قويغاندەك.
⑰ چىن پىششىق ــــــ ھەقىقەتەن ،راستىنلا.
⑱ ئىندەك ــــ قىچقىرىق،مەيل،قېشىغا چاقىرماق..
⑲ جۇگۇ-جۇگۇ ــــــ رەھىم قىلىڭ،خوش بوپكېتەي ... دېگەندەك گالىنى قولى بىلەن سوزۇپ يالۋۇرۇش.
⑳ شۇنىڭ بۇيزى ــــ شۇنىڭدىن بىرى،شۇنىڭدىن باشلاپ مەنىلىرىدىكى شېۋە.
(21)         ھاما- ھاما ـــــ «ئاڭلپ تۇرۇڭ»،«ماڭا قارىڭا» دېگەنگە ئوخشاش تەكىت مەنىسىدىكى شېۋە.
(22)          شالتاق ـــــ كىر، مەينەت،سۆز مەنىسىدە شۈپەت.
(23) ئۆندەرىمەڭ ـــ ئالدىرماڭ ،تەخىر  قىلىنىڭ،مەنىسىدىكى سۆز تەركىبي -پېئىل .
(24) گوللىدى ــــ ئالدىدى ، مەنىسىدىكى سۆز تەركىبي - پېئىل .
(25) دەللەڭ ـــ ئوچوق –ئاسكارا، مەنىسىدىكى سۆز تەركىبي رەۋىش.
(26) خۇسۇمەت قىلمىدىڭ ــــ دىلدىكى غۇم- مۇرام،ئاراز،رەنجىش. مەنىسىدىكى سۆز تەركىبي- پېىئل
(27)  دېۋەڭ ـــــ ئەقىلسىز، دۆت . مەنىسىدىكى سۆز تەركىبي –سۈپەت .

پايدىلانمىلار:
①         روزى سايىت :روزى سايىت شېئىرلىرىدىن[M],1-2-قىسىم، مىللەتلەر نەشىرىياتى،
②     ھاجى ئەخمەت: ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا[M], مىللەتلەر نەشىرىياتى،1982-يىل نەشىرى.
③ ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدىرىھىم:ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى[M], ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى، شىنجاڭ پەن-تىخنىكا سەھيە نەشىرىياتى،2002-يىل 9-ئاي، 1- نەشىرى.
④ ئازات سۇلتان :ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى[M],4-توم -كىتاب1 -نەشىرى.
⑤ئەنىۋەرمەتسەيدى:شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېىرسىتېتى ئىملي ژورنىلى»،2007- يىل1 -سان.
⑥ «بۇلاق» ژورلىنىڭ يۇقىرىدا كۆرسەتىلگەن سانلىرى.
⑦ ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان: مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى[M],  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي.














روزى سايىت شېئىرلىردىكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

.

مېنىڭچە، روزى سايىت رىئالىزىمچى شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش بەدىئىي چىنلىق بىلەن شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قايتۇرۇلغان.بۇ ھەقتە پىروفىسسۇر ئازاد سۇلتان مۇنداق دەيدۇ:«روزى سايىتنىڭ ئىجادىيتىدە لىرىكىدىن كۆرە ئېپىكا ئاسالىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ ھېسياتىنى ئەمەس بەلكى، تۇرمۇشنى.خىيالىي جەننەتنى ئەمەس بەلكى، كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقنى يازىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھېسيات ئامىللىرى بار دەپ قارالسا، بۇ ھېسيات رېئاللىق ئاتا قىلغان تەسرات-تۇيغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس».ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق رېئالىزىم روزى سايىت ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ گەۋدىلىك بىر تەرىپى ھىسابلىنىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى ھەرقانداق نەزەرىيۋى يەكۈن ئەمىلىيەتتىن كېلىدۇ. رېئالىزملىق ئەدىبىي ئىجادىيەتمۇ «رېئالىزىم» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدىن ۋە بۇ ھەقتىكى نەزەرىيۋى خۇلاسىلەردىن خېلىلا ئىلگىرى باشلانغانىدى.ياۋرۇپادا ئەڭ دەسلەپكى رىئالىستىك ئەسەر ھومىرنىڭ «ئودىسسا»ناملىق ئېپوسى ھىسابلانسا، خەنزۇ ئەدىبىياتىدا رىئالىسىت ئەدىبىياتنىڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرى «نەزمىنامە» بولۇپ ھىسابلاندى.ئۇيغۇر ئەدىبىياتىمىزدىكى رېئالىزىملىق ئىجادىيەتنىڭ باشلىنىشىمۇ ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەرگە بېرىپ تۇتىشىدۇ.بۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغزاكى شەكىل بىلەن ئىجاد قىلغان ۋە تارقاتقان قەدىمكى دەۋىرلەردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا بېغىشلانغان قوشاقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن Ⅸ ئەسىر ئىلگىرىلا دۇنياغا كەلگەن «تۇر*كىي تىللار دىۋانى» غا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.دىمەك «رىئالىزىم»دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئەدىبىيات ئەمىلىيتىدىن خېلىلا كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.رېئالىزىم دىگەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم گىرمانىيەلىك شائىر شېللىر تىلغا ئالغان. ئۇ 1795-يىلى يازغان «ساددا شېئىر ۋە ھەسرەتلىك شېئىر»دىگەن ماقالىسىدە، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى «ساددا شېئىرلار»بىلەن «ھەسرەتلىك شېئىرلار»نىڭ ئورتاقلىقى ۋە پەرىقلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق شەرھىلىگەن.فىرانسىيە ئەدىبىيات –سەنئەت نەزىرىيەچىسى شافېللى 1850-يىلى يازغان «سەنئەتتىكى رىئالىزىم»دىگەن ماقالىسىدە، فىرانسىيە رەسسامى كوبىرنىڭ رەسىملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، رىئالىزىمنى بىر خىل ئېقىم ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ⅩⅪـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدا روسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئەدىبىي تەنقىدچىلىرىدىن بېلىنىسكي، چېرنىشېۋىسكىي، دوبروليوبوفلار رېئالىزىم چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇدى.ماكىسىم گوركىي ئۆزىنىڭ « ئەدىبىيات توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە:« ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسىدىن  ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئېلىش بىلەن بىللە، ئۇنى ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەپ كۆرسەتسەك، رىئالىزىمغا ئىگە بولالايمىز» دەپ كۆرسىتىپ، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى رېئاللىقنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس-ئەتتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ئۆتتۈرىغا قويغان. بۇ ھەقتە ئا.پ.چىخوف «چىخوپ ئەدىبىياتى توغرىسىدا» دىگەن ئەسىرىدە رىئالىزىملىق ئەدىبىيات «تۇرمۇشنى تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تەسۋىرلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەتسىز ۋە ئۇچۇق –ئاشكارە چىنلىقتۇر»دەپ كۆرسىتىپ، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى رېئاللىقنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس- ئەتتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ئۆتتۇرىغا قويغان.
روزى سايىت شېئىرلىرىدا يارتىلغان رىئالىزىملىق شېئىرىي مۇھىت 80-يىللاردىن كىيىنكى ئۇيغۇر جەمىئيتىدىكى رىئال ئىجتىمائى تۇرمۇش ئىچىدىن تاللاپ ئېلىنغان رىئال ھادىسىلەرنى شېئىرىيەت تەپەككۇرىدا تاۋلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرگە تۇرمۇش رىئاللىقىغا سادىق بولغان بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە يارتىلغان تەپەككۇر بوشلۇقىدىن ئىبارەت. ئۇ بىرقىسىم ئەسەرلىرىدە ئىلىم بىلەن جەمىئيەت تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك مۇناسىۋىتىنى مەنتىقىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئىلىم- مەرىپەتكە سەل قارالسا، جەمىئيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۈكسىلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھەقىقەتنى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن يۇرۇتىشقا تىرىشقان. ئۆز تەقدىرى ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، ئۆز رىئاللىقىنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ماتېرىئالىزىملىق نوقتىنەزەردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ رېئال ھادىسىلەرنىڭ ماھىيتىنى كۆرسىتىپ بىرىشنى مەخسەت قىلغان. بۇ ھەقتىكى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە شېئىرلىرى ئىچىدىن «بەختى دىھقان –بەخىتلىك دىھقان»، «ئاي قوشىقى»، «تاڭ شەجەرىسى»، «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى»...قاتارلىق داستانلىرى، «ئاھ،مىنىڭ مېللىتم»، «دېمىدىم بۇ سۆزنى قارىسىغا»، «ئۇلۇغ كەسىپ»، «ناداننىڭ راھىتى داناغا كۈلپەت »، «بىلمەسلىك باشقا، نادانلىق باشقا»...قاتارلىق بىر تۈ*ركۈم شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالىدىن دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ ساپاسىغا داغ تەككۈزىۋاتقان نىگىزلىك بىر قىسىم ئىللەتلەرنى ئېچىپ بەردى.ئۆز مىللىتىنى ماختاشقا ئەھمىيەت بىرىپ ئىللىتىنى پاش قىلىشقا سەل قاراش ياكى جۇرئەت قىلالماسلىقتەك بىرتەرەپلىمىلىكلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگىچە پىكىر ۋە يېڭىچە روھ بىلەن نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى تەكىتلىدى.
مېنىڭچە، روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيتىدە قوللىنىلغان رىئالىزىملىق  ئىجادىيەت  ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكىدەك نوقتىلار بويىچە كۆرۈپ ئۆتىشكە بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا ئەكىس-ئەتتۈرۈلگەن بەدىئى مۇھىت رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رىئال تۇرمۇش كارتىنىسىنى سىزىپ چىققان.ئەسەردە ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە...قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ مۇۋاپىق دەل جايىدا قوللىنىلغانلىقى شېئىر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شېئىردا يارتىلغان رېئال مۇھىت ۋە رېئال پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغان.  
مەسىلەن:«ئاي قوشىغى» داستانىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى.
.....
ھايىت-ھۇيت دېگىچە بېسىپ مىڭ لى يول،
قونۇپتىمەن ئاي قەسرىگە ئۇدۇل.
قەسىر ئىشىگى ھىم ئىتىك ئىمىش،
تاملىرى شۈنچە ئىگىز، تىك ئىمىش.
ئىشىكتە قۇلۇپ، چوڭلۇغى ئۆيدەك،
يولۇم توسارمىش بىر كۈزەتچى دىۋىدەك.
تۇرارمىش كوزى سۈرلۈك پارقىراپ،
قىلارمىش ھەيۋە بىر سەت ۋاقىراپ:
«بۇ قەسىر ـــ ھەپسە مەھبۇسلار ئۆيى،
ئەمەس دەك، ئۆتەڭ ــــ يولوچى جايى.
كۆزۈمدىن يوقال بولمىسا ھىلى...!»
.......
يۇقارقى مىسرادا شائىرنىڭ ئاي قەسىرىگە ھايىت-ھويت دىگۈچە مىڭ «لى» (ئارىلىق بىرلىگى) مۇساپىنى باسقانلىقى مۇبالىغا قىلىنغان بولسا، ئىچىگە كىرمەك ئۈچۈن كەلگەندە ئىشىككە سېلىنغان قۇلپىنىڭ چوڭلىغى ئۆيگە ئۇخشىتىلغان، ئۇنىڭ ئالدىنى تۇسۋالغان كۈزەتچى دىۋىگە ئوخشىتىلغان.
1-بابنىڭ«ئاسمان تەزكىرىسى»دىكى تۆۋەندىكى مىسرالارغا قاراپ باقايلى.
..............
كۆكنى بىر ئالدى شاتلىق ساداسى،
ياڭرىدى شۇئان ناخشا ساداسى.
شۇ چاغ توساتتىن چاقماق چېقىلدى،
تەشمە كوزىگە تاغلار يىقىلدى.
چىقتى بىر مەخلۇق تەشكەن ئېغىزدىن،
قولى ئارىدەك، يالاقتەك،
كۆزى ئورىدەك، بويى راۋاقتەك.
...............
يۇقارىقى مىسرالاردىكى شاتلىق تەنتەنىسىنىڭ پۈتۈن ئاسماننى قاپلىغانلىقى، چاقماقلارنىڭ چىقىلىپ، تاغلارنىڭ يىقىلغانلىقىدەك جانلاندۇرۇشلارنىڭ دەل جايىدا مۇۋاپىق قوللىنىلغانلىقى شائىرنىڭ غەلبە تەنتەنىسىنى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشتە ئىجابى رول ئوينىغان. توساتتىن بىر مەخلۇقنىڭ چىققانلىقى ئۇنىڭ قولى ئارىغا، چىشى بىگىزگە، بېشى خاپانغا، ئاغزى يالاققا، كۆزى ئورىغا، بويى راۋاققا ئوخشايدىغانلىقىدىن ئىبارەت سۈر تەلەتىنى بەدىئىي ۋاستىلەردىن  پايدىلىنىپ ئوخشىتىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق قوللىنىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ياۋۇز، قارا نىيەتلەرنىڭ كۆرۈمىسىز، قورقۇنۇشلۇق سىماسى يارتىلغان.
روزى سايىت «بەختى دىخان ــــ بەختلىك دىخان» داستانىدا بەختى بوۋاينىڭ پارتىيمىزنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ تۇرمۇشنىڭ باياشتلىققا چۆمگەنلىكى تۈۋەندىكىدەك ئوخشىتىشلار ئارىلىق جانلىق ياراتقان.
......
چېھرىمىزگە باققىنا،
خۇددى ئانار دانىسى.
قەلبىمىزدىن ئۇرغۇيدۇ،
چىن بەخىتنىڭ ناخشىسى.
............
توڭ ئاجراتتى «سايۋاغ»لىق،
بىر چاپاننىڭ پىشىدەك.
ئۇنىڭغىچە بوپ قالدى،
ئەلنىڭ رەڭگى شىشىدەك.
.........
يۇقارىقى مىسرادا بەختى بوۋاينىڭ خۇشاللىق كەيپىياتى بىلەن ئەمگەككە قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ توڭلاپ كەتكەن يەرلەرنى چەبدەسلىك بىلەن ئاجرىتىپ ئەمگەك قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىگى، ئاجراتقان توڭ بىر چاپاننىڭ پىشىگە ئوخشىتىلسا، ئەتراپتىكى دىھقانلار ئۇنىڭ جەسۇر، ئەمگەكچان، ئەمگەكنى سۈيىدىغان، ئەمگەككە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئەمگەك ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان خستىلدىن ھەريان بولغانلىقى، ئۇنىڭ جىددى ھالدا ئۆزگەرگەن چىراي ئىپادىسى شىشىگە ئوخشىتىلغان. بۇ خىل بەدىئىي ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستلەرنىڭ روزى سايىت شېئىرلىرىدا دەل جايىدا قوللىنىلغانلىقى شېئىرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجادى رول ئوينىغان.
رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ تۇقۇلما ۋە مۇبالىغىلەرنىڭ بولىشىنى چەتكە قاقمايدۇ.«گىيوتىنىڭ سۆھبەت خاتىرىلىرى»دە ئۇنىڭ مۇنداق بىر سۆزى خاتىرىلەنگەن:«سەنئەتكار بەزى دېتاللارنى سۈرەتلىگەندە ئەلۋەتتە تەبىئىيلىككە سادىق بولۇشى، تەبىئەتكە تەقلىق قىلىشى لازىم... بىراق بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كەلگەندە، بىر پارچە رەسىمنى ھەقىقىي بىر سەنئەت بويۇمى قىلىپ چىقىرىش ئۈچۈن سەنئەتكار توقۇلمىغا مۇراجئەت قىلىپ ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلسا بولىدۇ».بىز ھەرقايسى ئەللەر ئەدىبىياتىغا قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىنجىلىرى ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەسىلەن: ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈننىڭ «ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، بازۇڭ بېگىمنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ  سۇنۇقى بولمىغان ئا Qنى تۇتۇش ئۈچۈن بىر توپ ساقچى ۋە ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىگى، ئۇلارنىڭ بىرى ئا Qنىڭ ئىشىكىگە پىلىمۇتنى توغرىلاپ قويغانلىقىلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئېنىقكى، بۇ يەردە مۇبالىغە ئۇسۇلى قوللىنىلغان.بۇ ھەقتە لۇشۇن ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دىگەن:«مېنىڭچە تېخى‹ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى›غا بىر ئارىلاشما بېرگادا ۋە سەككىز دانە مىنامىيۇتنى قوشۇپ قويساقمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن». بۇ ئارقىلىق لۇشۇن ئەپەندى توقۇلما ۋە مۇبالىغىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.بىز يۇقارىقىدەك نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيى ئىجادىيەتنىڭكىىسىشمىسىدە تۇرۇپ رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن روزى سايىت شېئىرلىرىنى تەكشۇرگەندە، ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە ... قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ  ئەسەردە دەل جايىدا ھەم مۇۋاپىق ئىشلىتلگەنلىكى، روزى سايىت شېئىرلىرنىڭ رېئالىستىك ئالاھىدىلىگىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، روزى سايىت شېئىرلىرىدا تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى چىنلىق بىلەن يارىتىپ چىقىلغان.  مەسىلەن: بىز يەنە«بەختى دىھقان ـــ بەخىتلىك دىھقان» داستاننىڭ 1-بابىدا قارايلى.
..............
ــــ چىقالماپسىز بەختىكا،
بىز پۈتۈشكەن «داۋان»غا.
ساق ئۇچيۇز جىڭ كەملەپتۇ،
يىللىق ھوسۇل پىلانغا؟....
...................
ئويلاپتىمەن ئەمەسمۇ،
«دىگۋار دىگەن قەغەزدە...»
ساقلاپتىمەن ئەخمەقتەك،
ئىدىيەمنى قەپەزدە.
...........
ئەمدى پۇشايمان پايدىسىز،
ئىشلىگەنلەر باي بولدى.
ئامبىرىغا ئاش-ئورۇق،
سىقىمىغا پۇل تولدى.

مانا، مەنچۇ...
             سوزلىمەي،
ھالىم ئايان ھەممىگە.
ئوت ياقىمەن كېلەر يىل،
«قەرىزدار» دىگەن سەللىگە!

بەختى دىھقان شۇنى دەپ،
توختىغاندا سوزىدىن.
ئىرادە ھەم نومۇسنىڭ،
ئوتى ياندى كۆزىدىن.
..............
بەختلىك دىھقان بەختى ئاخۇن شېئىردا ئاددى بىر دىھقان سۈپىتىدە يارتىلغان. يەنە ئۇ ئىنسان تەبىئەتلىك بىر پىرسۇناژ. شۇڭا ئۇ باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش يەنى نۇرغۇنلىغان دىھقانلارغا ئوخشاش يەر تېرىپ جاھاندارچىلىق قىلىدۇ.ئۆزىنىڭ ساددا، تار دائىرلىك دۇنيا قارىشى ئىچىدە ياشايدۇ. تۈزگەن يىللىق توختامغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك يىللىق ھۆسۇلى يىل ئاخىرىدا ھۆددە دىگۋار توختامدىكى سانغا يەتمەي ھىسابچىغا قەرىزدا بولۇپ قالىدۇ.لىكىن ئۇ دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇزىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «بەختى دىھقان» بولۇپ چىقىش ئوچۇن تۇرمۇشقا، ھاياتقا، ئۆزىگە نىسبەتەن قارتىدىن ئىرادىگە كىلىدۇ. داستاننىڭ 2-بابىدا  ئۇ ئۆيىگە قارتىپ ئايالى بىلەن باي بولۇشنىڭ يۇلى ھەققىدە كۆپ كىڭەش قىلىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسدە دىھقانچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانغا مەبلەغ، جاڭگاڭدىن قىغ يوتكەيدىغانغا ئىشەك ھارۋىسىمۇ يوق ئىدى. ئائىلىسىدە سىتىپ پۇل قىلغۈدەكمۇ باشقا بىساتى يوق ئىدى. ئاخىرى ۋاپادار ئايالى ئايخاننىڭ تەكلىبى بىلەن توي قىلغاندىكى تويلۇق مىلى «زىرە»(ئۈزۈك) نى سىتىپ ئۇنىڭ پۇلىسىغا دىھقانچلىقى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ. دىمەك، بەختى دىھقان مۇشۇنداق نامراتلىق قاپلىغان ئاددى  ئائىلىدە  يارتىلغان دىھقان ئوبرازى ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىنىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان مۇشاققەتلەرنى يىڭىپ ئاخىرى ھاللىق تۇرمۇشقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. لىكىن بەختى دىھقان ئۆزىنىڭ ئاددى كىشلىك تۇرمۇش قارىشىدىن يەنىلا قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ ئوغلى مەتقاسىمنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنى چەكلەيدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئۇقۇشنىڭ ئەھمىيتىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا تېڭىرقاش، جاھالىلىق، مەسىللەرگە سوبىكتىپ مۇئامىلە قىلىش ئىدىيسى ھۆكۈم سۈرىدۇ.ئايالىنىڭ چۈشەندۇرشىگە، ئوغلىنىڭ كۆز يېشىغا پىسەنىت قىلمايدۇ.مايسىلارغا كىسەل تىگىپ تېخنىكا خادىملىرى ئۇنىڭ زىرائەتلىرنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كىيىن ئۇ ئاخىرى بىلىم ئىلىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى تۇنۇپ يېتىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئىلىم– پەنگە ئىشىنىدۇ. ئوغلىنى مەكتەپكە بىرىدۇ.ئۆزىمۇ پەن–تېخنىكا بىلەن قۇراللىنىپ دىھقانچلىق بىلەن باي بولىدۇ.بۇ داستاننىڭ سىيوژىتى ئەملىىيەتتە بىزنىڭ رىئالنى تۇرمۇشىمىزنى مەنبە قىلغان. (داستاندىكى سايۋاغ يېزىسى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيسىنىڭ سايۋاغ يېزىسى.روزى سايىت بۇ يېزىغا خىزمەتكە چۈشكەن مەزگىلىدە دىھقانلار تۇرمۇشىغا چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بۇ داستانغا مۇنانسىۋەتلىك ئەمىلىي ماتىرىيالنى توپلىغان).
دىمەك، داستاندا پىرسۇناژلار خاراكتىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق، ئوبرازلىق يارتىلغان. بەختى دىھقاننىڭ ئىجابى ئوبرازى ياكى ئاددىي دىھقانلارنىڭ ئوبرازنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىپلا قالماي، بەلكى داستاندىكى باشقا  پىرسۇناژلارنىڭمۇ پىرسۇناژلار ئوبرازىنى  ئۇلارنىڭ ئۆزنىڭ سۆز–ھەركىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئەركىن ھەركەت قىلدۇرۇلۇپ مۇۋاپقىيەتلىك يارتىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
بۇ ھەقتە ئا.پ.چىخوف «چىخوپ ئەدىبىياتى توغرىسىدا»دېگەن ئەسىرىدە رىئالىزىملىق ئەدىبىيات «تۇرمۇشنى تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تەسۋىرلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەتسىز ۋە ئۇچۇق –ئاشكارە چىنلىقتۇر»دەپ ئېيىتقىنىدەك.روزى سايىت شېئىرلىرىدا قوللىنىلغان، چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغان رىئال مۇھىت ۋە رىئال پىرسۇناژلانى ئوبرازى، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ «قۇيۇق ھىدى» ئوقۇرمەنلەرنى داستاندا يارتىلغان رېئال مۇھىتقا  باشلاپ كىرەلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەردىكى پىرسۇناژلار سىھىرلىك ياكى غايىبانە تۇستە ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ساقلىنىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتىرى رىئال مۇھىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلگى بويىچە ھەركەت قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا بەختى دىھقاننىڭ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى سەۋەبلىك زىراتلەرنى نۇرمىدىن ئارتۇق سۇغۇرۇش، يەرلىك ئۇسۇلدا نۇرمالسىز ئۇغۇت بىرىشى، ئاقىۋەت زىرائەتلەر ئۇنىڭ ئارزۇ قىلىپ كۆتكەن يىرىدىن چىقماي سارغىىيپ كىتىشى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆز–قارىشىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دەل ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىش بىلەن ئۇنىڭ زىرائەتلىرىنىڭ زىيان زەخمەتتىن قۇتۇلۇپ قىلىشى، ئاخىرى ئۇ پەن–تېخنىكىنىڭ ئىلمىي رولىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىگى  داستاندا يارتىلغان تىپىك مۇھىت ئىچىدە بەختى دىھقاننىڭ ئۆزىنىڭ سۆز–ھەركىتى ۋە دىئالۇگلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى بۇيىچە يۇرتىپ بىرىلگەن بولغاچقا داستاننىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاشۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا رېئالىستىك ئەسەرلەردە يارتىلغان سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازلىرىمۇ ئۆزلىرىگە تۇرمۇش رىئاللىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرى تۇرمۇش ئەمىلىيتىدىن ئېلىنغان بولغاچقا كىشىگە «سۇنئىي»ۋە «ياسالما» تۇيۇلمايدۇ.رېئالستىك ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارنىڭمۇ نۇرمالسىز كەيپىياتى ۋە روھىي ھالىتى، غەلىيتە قىلىق، غەرىي ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. مەسىلەن:ⅥⅩ-ⅦⅩئەسىردىكى ئىسپانىيىنىڭ مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچىسى سېرۋانتىسنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى دونكىخوت ئەنە شۇنداق پىرسۇناژ ئىدى.بىز «ئاي قۇشىقى »داستانىدا تىلغا ئېلىنىدىغان 《مەخلۇق》،《لەشكەر》 قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەتىدىن بۇ خىل ئامىللار روشەن كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
ئېنگىلىس ئېيتقاندەك:«رىئالىزىمنىڭ مەنىسى، دىتاللارنىڭ چىن بۇلۇشىدىن تاشقىرى، تىپىك شارائىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس- ئەتتۇرۇشتۇر». رىئالىزىملىق ئەسەرلەر مۇئەييەن پىرىنسىپ، گوروھ ياكى مەلۇم دەۋىرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس-ئەتتۇرگەندىن سىرت، يەنى پىرسۇناژلار تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرىدىغان ئىجتىمائىي، تارىخىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ  ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى يۇرتۇپ بېرىشى، پىرسۇناژ، مۇھىت ۋە دەۋىرنىڭ بىرلىكى ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسىنى كۆرسىتەلىشى كېرەك.روزى سايىت شېئىرلىرىدا يارتىلغان پىرسۇناژلار ئوبرازى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن تارىخي چۇڭقۇرلۇقلىرى ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرچىنلىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدا بەدىئىي پىرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق يارتىلغان بۇلۇپ، مۇناسىپ ھالدىكى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش، پىسخىك ئادەت، مىجەز-خولۇققا ئىگە. ئۇلار داستاندا ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆز خاراكتىر بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. رېپىن:« قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنى ‹بىغۇبار سۈزۈك ئاسمان›دەك قىلىپ سۈرەتلىمەسلىك كېرەك.ئۇستا سەنئەتكارلار ئۆز قەلبىدە چوقۇنىدىغان قەھرىمانلىرىنى نۇرانە قىلىپ تەسۋىرلىمەستىن، بەلكى تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ قىياپىتى بۇيىچە تەسۋىرلەيدۇ.ئۇلارنىڭ‹سەت يېرى›ۋە ‹تارتۇق›لىرىنى يۇشۇرمايدۇ» دەپ ئېيتقىندەك، روزى سايىت شېئىرلىرىدا پىرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ يارتىلىشى  نەتىجىدە ئەسەردىكى رېئال تپىك مۇھىت ئىچىدە ئەركىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆزنىڭ سۆز-ھەركىتى، خاراكتىر ئالاھىدىلىگى بويىچەئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن:«بەختى دىھقان —— بەخىتلىك دىھقان» داستانىدىكى《 بەختى دىھقان》،《ئايخان》، 《مەتقاسىم》قاتارلىقلار،《ئاي قوشىقى》داستانىدىكى 《ئاي قىز》،《نەزمىچى》، 《مەخلۇق》...دىگەنگە ئوخشاش بىرتۇر*كۈم بەدىئىي ئوبرازلار ماھىرلىق بىلەن يارتىلغانلىقى، ئەملىيەتتە داستاندىكى تىپىك مۇھىت ئىچىدە، تىپىك پىرسۇناژلار خاراكتىرىدىكى سىنىپىي، دەۋىرى ۋە ئىجتىمائى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يۇرۇتۇلىشى ئۇلارنىڭ تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ بەدىئىي  تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.بۇ خىل تىپىك مۇھىتىتىكى تىپىك ھېسيات، تىپىك كەيپىيات، تىپىك تەسرات قاتارلىقلار ئارقىلىق داستاندا يارتىلغان شۇ دەۋىر تۇرمۇشنىڭ ماھىيتى ۋە قانۇنىيتى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ بىرىش مەخسەت قىلغان.
دىمەك، دوستويېۋىسكى:«بەدىئىي كۆچ چىنلىقتا ۋە ئۇنى يارىقىن ئەكىس ئەتتۈرۈشتە نامايان بولىدۇ.بەدىئيلىك ئەسەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدا، ئوبرازلىرىدا ئۆز پىكىرىنى شۇ دەرىجىدە يارقىن ئىپادە قىلىش قابىلىيتىدىكى، يازغۇچى يېزىۋىتىپ قانداق ئۇيلىغان بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇقۇۋىتىپ ئۇنى شۇنداق چۈشىنىدىغان بولسۇن»دەپ ئېيتقىنىدەك، روزى سايىتنىڭ داستانلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان پىرسۇنالار ھەرگىز غايىۋى، سىھىرلىق پىرسۇناژلار ئەمەس.ئۇ ئۆزىگە خاس مۇھەببەت- نەپرەت، ئارتوقچىلىق-ئاجىزلىق، قەيسەر، باتۇرلۇق بىلەن بىرگە كالتا پەملىك، ئادىراڭغۇلۇق، قىزىقىقانلىق، تېڭىرقاشدەڭ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىق  ۋە ئاجىزلىقلىرى زىچ گىرەلەشكەن.
مەسىلەن:《بېلىجاننىڭ كەچىمىشى》داستانىدىكى بېلىجاننىڭ ھەمىشە تەنتەكلىك بىلەن ئاتا–ئانىسنىڭ چۈشەندۈرىشىگە، خەۋىپ–خەتەرلەرگە ، پەندى– نەسىھەت لىرىگە پەيۋا قىلماي ئۇلاردىن ئايرىلىپ يىراقلاردا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىشى، دادىل، ئنىچىكىلىك بىلەن بىرگە قاراملىق، ئالدۇراڭغۇلۇقى،《بەختى دىھقان —بەخىتلىك دىھقان》داستانىدىكى بەختى دىھقاننىڭ ئۆز خاتا قىلغانلىقنى ھىس–قىلسىمۇ يەنىلا ئۆزى خائىشى بويىچە ئىش كۆرىشى، ساددا، كالتا پەملىك بىلەن قاراملىق، ئالدۇراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاڭ، ئىككى خىل پۇزىتسىينىڭ توقۇنىشى ئىچىدە تۇرىشى بۇنىڭ مىسالى.ئۇلار مەسىلىلەرگە يولۇققاندا نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويغانلىقىنى غۇۋا سەزسىمۇ، بىراق مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كىسىل ھەل قىلىۋەتمەيدۇ ياكى مەسىلىلەرنىڭ ماھىيتى بويىچە ئىش كۆرمەي ئۆزى قىززىقانلىق بىلەن تەدبىر كۆرىدۇ. لېكىن، رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغاچقا ئۇ بەزىبىر ئاۋارىگەرچىلكتىن  قۇتۇلالمايدۇ. شۇنىڭغا كىتابخانلار ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ۋە غەلبىسى ئۈچۈن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ، مەدەتتە بولىدۇ. قايغۇسى ۋە كۈلپەتلىرىدىن قايغۇرىدۇ. مېنىڭچە، بۇنى دەل پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى دىرىشكە بولىدۇ.
ئۇچىنچىدىن، روزى سايىت داستانلىرىدا تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىق زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا  دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك».روزى سايىت 《تاڭ شەجەرىسى》داستانىدا تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن: داستاننىڭ 1–بابىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
بۇلۇتلۇق كۆكتە ئويناشقان چېغى قۇزغۇن قىلىپ سەيلى،
قاۋانلار ھۆكمىگە مەھكۇم ئىدى باغلاردا گۇل–لەيلى.
تىنىپ چەشمە، قۇرۇپ دەريا، تۇمەنمىڭ غونچىلار سۇلدى،
غازان قىلغاچ چىمەنزارنى باھارغا ئوچ زامان پەيلى.
ھوقۇشلار، تۇن خۇمار جىنلار قۇرۇپ بەزمە كورەڭلەشتى،
ئىدى قاندىن شاراپ ئىچمەك ئۇلارنىڭ ئىختىيار–مەيلى.
جەسەتلەر تاغىدىن قات–قات ياساپ تەختىرىۋان، زۇلمەت —
سېلىشتى ئەلگە كوپ جەۋرى، قىلىشتى ھەم بوزەك –خەيلى.
شەپەرەڭ ئىتكاپ ئىچرە ئۇلۇغلاپ ماختىدى تۈننى،
ئۆزىچە چىقىراپ ئېيتتى:" باھارنى، تاڭنى كۆرمەيلى..."
...................
قەپەزدىن بەك بىزار جانلار ئازاتلىق ۋەسلىنى ئىزلەپ،
ساباغا تەلمۇرۇپ،نالاپ،يۇرۇپ تاڭ پەسلىنى ئىزلەپ.
تالاي مەرت پەھلىۋانلار ئوغلان جاھاد مەيدانىغا چىقتى،
بېقىپ چولپانغا، تاقەت–تاق، ھەقىقەت ئەسلىنى ئىزلەپ.
...................
ئۇمىدچولپانلىرى ياندى قەدىم مەشرىقتە بولستاننىڭ،
قۇياش پارلىدى جۇڭخۇانىڭ قۇچىغىدا گۈلۈستاننىڭ.
پايانداز سالدى تارىمنىڭ چىمەن باغرى مۇبارەكلەپ،
جېنى قاقشايدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلدى زىمىستاننىڭ.
مەۋج ئۇردى سۇيۇپ قىرغاق ئەزىم چاڭجىياڭ بىلەن خۇاڭخې،
چېلىندى دۇمبىغى جەڭنىڭ، يېقىلدى مەشئىلى شاننىڭ.
قىساسنىڭ خەنجىرى چىقتى غىلاپتىن ،چاچرىتىپ ئۇچقۇن،
تېگىگە كەتتى دەز مەشئۇم زامانە –كونادەۋراننىڭ.
..............
داستاننىڭ 3–بابىدا زۇلۇمغا بولغان كۇرەش تەنتەنىسىنى مۇنۇ مىسرالار بىلەن نەزمىگە قاتقان.
نە قىلماق كىرەك، زۇلمەت باسسۇنمۇ ئالەمنى،
داۋام قونسۇنمۇ زاغ، قۇزغۇن، شېخىغا لالە، سەمبەرنىڭ؟
ئاشۇ قىل ئۇستىدە تۇرغان ۋەزىيەتنى تۇزەپ مەكەز،
سەپەر قىلدى شىمال ياققا ئېلىپ ئاۋال خەتەرلەرنىڭ.
تېخى دۇنياغا كورۇپ باققان ئەمەس بۇنداق جاسارەتنى،
چىدامغا جۇرئىتى يەتمەس ئىدى ئادەتتىكى ئەرنىڭ!
بۇ باتۇرلۇق، چىداملىققا سىپارتاك قالدى ھەيران–ھەس:
"مېنىڭ ھىممەتتە، غەيرەتتە سىلەردەك بولمىغىم بەك تەس.."
كولۇمبۇ، ماگىللان مەمنۇن بولۇپ سۆز قاتتى بىر–بىرلەپ:
"بۇ يەڭلىغ چارچىماس يولچى جاھانغا قايتا كەلمەس بەس..."
.................
ئۇنىڭدىن باشقا داستاننىڭ 4–بابىدا شائىر  غەلبە تەنتەنىسىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.
خوراز چىللاپ سۇزۇلدى كۆك،ئەجەپ نۇرانە تاڭ ئاتتى،
سابا كەيىدى شەپەقتىن تۇن، باھار–گۇلزارنى ئويغاتتى.
قۇچاق ئاشتى زىمىن دەرھال بەخت تاڭىغا ھۆرمەتتە،
كىيىپ زەر تاجىنى بوستان قىزىل گۇلدەستە ئۇيناتتى.
.............
ئېچىلدى ئارزۇ–ئارماننىڭ پورەكلەپ لالە،رەناسى،
ئىسلاھات ھەركىتى بولدى دىخاننىڭ دوسىتى ھەمراسى.
ھارام بايلىق يىغىپ توپتەك سەمرىگەن زومىگەر–بەگلەر،
ئۇرۇقلاپ يىڭنىدەك قالدى، چىقىپ ھەردەمدە رەسۋاسى.
چوماقتىن قان تېمىتقانلار جەھەننەمدىن ماكان تۇتتى،
تېگىپ نەخ جايىدا ئۇچلۇق ئوقى–ھامپاسى،پەشۋاسى.
"زىمىن– دان ئەككۇچىنىڭ" ئۇ – دىخاننىڭ ئىلكىگە ئوتتى،
خەلىقنىڭ ئاشتى پارتىيە يولىغا شۇنچە ئىخلاسى!
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك شائىر داستانىڭ 1–بابىدا زۇلمەتلىك يىللاردىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىپ، داستاننىڭ سىيوژىتىغا پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ، چىن بولغان رېئال ماتىرىياللار مەنبەسىنى بەدىئىي ئەدەبىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، رىئال تۇرمۇش ۋەقەلىكىنى ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈزەتكەن. چىنلىق بىلەن خاسلىق تۇيغۇسى بىر گەۋدىگە ئايلانغان بەدىئىي كۆچ بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى «تاڭ شەجەرىسى»داستانىدا يارتىلغان شېئىرىيەت كارتىنىسىغا باشلاپ كىرگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوقىغا خاس تەپەككۇر بوشلۇقى يارتىلغان. داستاننىڭ 3–بابىدا بىز مەيلى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەق– ئادالەت يوقىلىپ، قەبىھلىك ئەۋجىگە چىققان ئەينى زاماندىكى دەرد–ئەلىمى ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈك-ئەركىنلىگى ئۇچۇن مورىنى-مورىگە تىرەپ، بىر نىيەت-بىر مەخسەتتە ئەقىل-پاراسەتى بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلىپ پارتىيىنىڭ قىزىل بايرىقى ئاستىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىكى قەھىرىمانلىق ئىش- ئىزلىرى بولسۇن، ۋەياكى رەزىل شۇم جادىگەر، بەگ–غۇجاملارنىڭ تەسلىم بولۇپ قېچىشى بولسۇن ياكى مەدىنىيەت زور ئېنقىلاۋىدىن كىينكى ئۆز-ئارا تەشۋىش بىلەن بىرگە خۇشاللىق تەنتەنىسى بولسۇن بۇخىل ۋەقەلەر تارىخىي چىنلىق  ئاساسىدا يارتىلغان بولغاچقا ئەسەرنىڭ بەدىئىي چىنلىق كۆچىنى ئاشۇرغان. داستاننىڭ 4–بابىدا پارتىمىزنىڭ توغرا رەھبەلىگى ئاستىدا ھەرمىللەت خەلقىنىڭ يېڭى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ يېڭىچە نۇرى بىلەن ئىسلاھاتتىن كىيىنكى دىھقانلارنىڭ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم باسقانلىغى، زومىگەرلەرنىڭ، بەگ –تۆرىلەرنىڭ بەرھەق جايىنى تاپقانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ھەقىقەت ئەكىس–ئەتتۈرۈلگەن.روزى سايىت مەسىللىلەرنى ماتېرىيالىزىملىق نوقتىنەزەر بىلەن كۈزەتكەن. دېئالىكتىكلىق مېتود بويىچە تەھلىل قىلىنىپ كۆز قاراشلارنىڭ توغرا ۋە ئىلمىي ئىشەنچىلىك بۇلشى، مەزمۇن ۋە ماتىرىياللارنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.نۇقىل ھالدىكى تارىخىي ماتىرىياللارنىڭ دۆۋىسى بولۇپ قىلىشتىن ساقىلىنىپ، بەدىئىي چىنلىق ئىچدە يارتىلغان چىنلىقى كۆچلۈك بولغان دىتاللار ئارقىلىق، داستاندا يېڭى دەۋىرگە، يېڭى تۇرمۇشقا ئىرشكەن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ 《يېڭى تاڭ》غا بولغان يېڭىچە خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ئۆزىگە خاس بولغان ئىپادىلەش ئالاھىدىلگى بىلەن《سىزىپ》چىقالىغان. تارىخ ھەقىقىتىنى، ھاياتلىق پەلسەپىسىنى ۋە ئۆتكۈر پىكىر-كۆز قاراشلىرىنى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە سىيوژىت ۋە ئوبرازلار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ، رىئال تارىخىي قەھرىمانلار پروتوتىپىنى كەڭ بەدىئىي زىمىن ئىچىگە قويوپ تەسۋىرلىگەن.يەنى بەدىئىي چىنلىق ئارقىلىق تارىخىي چىنلىق ئىچىدىن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھۆرلۈك–ئەركىنلىك ، ئادالەت رولىدىكى جاسارىتى، ئەل–ۋەتەن تەقدىردى ئۈچۈن پىداكىرانە روھىي، خاراكتىرىدىكى چىنلىق مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىلغان.تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق بىلەن خاسلىقنىڭ زىچ بىردەكلىگى نەتىجىسىدە «يېڭى تاڭ»غا، يېڭى ئادىل زامانغا ئىشتىياق قىلغۈچى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باتۇرانە خاسلىقىنى يارتىپ چىقىشنى مەخسەت قىلغان. شۇڭا، رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن يارتىلغان تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق «تاڭ شەجەرىسى»ناملىق داستاننىڭ چىنلىقى ۋە بەدىئىي مۇۋاپپىقىيەتلىرىدىن بىرى.روزى سايىت ئۆزنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيتىدە رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ھەم بۇنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارىتى بىلەن ئىپادە قىلغان.شۇنىڭغا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا لىرىكىغا قارىغاندا ئىپىكا ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللىگەن. رىئالىزىمنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىدا كۈچلۈك يىلتىز تارتىشى ئۇنىڭ شېئىرى ئىجادىيتىدىكى رىئالىزمىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ چوڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، رىئالىزىمنىڭ چوڭقۇرلىقى ـــ روزى سايىت شېئىرلىرنىڭ ئىستېتىك گۈزەللگىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
(ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ،ئۇستازلارنىڭ ۋە دوستلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلەردە بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.)

پايدىلانمىلار:
[1  [1]روزى سايىت:پاھ، دىھقان ھەيكىلى[M]،شىنجاڭ: شىنجاڭ ياش-ئوسمۇرلەرنەشىريىاتى، 1999.
[2]  [2]روزى سايىت: دىھقان كۈلكىسى[M]،شىنجاڭ:قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1998.
[3]  [3] روزى سايىت:«روزى سايىت شېئىرلىرىدىن»[M]،بېيجىڭ:1-2-، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2009.
[4]  [4]روزى سايت:رۇبائىيلار ۋە تۇيۇقلار[M]،شىنجاڭ:شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997.
[5]  [5] روزى سايت:ئاھ،ئۇزاققا سۆزۇلغان چۈش[M]،شىنجاڭ:شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى، 2002.
[6]  [6]ئازات سۇلتان :ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى[M]،شىنجاڭ:4-توم1-2-كىتاب،   1-نەشىرى.
[7]  [7]ئازات سۇلتان:ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى[M]،شىنجاڭ:مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2006- يىلى 4-ئاي.4-توم2-كىتاب 1–نەشىرى.
[8]  [8]ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدىرىھىم:ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى[M]، شىنجاڭ: ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى،شىنجاڭ پەن-تىخنىكا سەھيە نەشىرىياتى،2002.
[9   [9] ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان:مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى[M]، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991،9،
[     [10]ئابلەت ئۆمەر: ئەدىبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى[M]، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى نەشىرىياتى،2002 ،3.
[     [11]ما.گوركىي: ئەدىبىيات توغرىسىدا[M]، ( ئەدىبىي-تەنقىدىي ماقالىلار)،« شەر*ق ھەقىقىتى» نىڭ نەشىرى، تاشكەنىت ـــ 1957.
[[[] [12] تۇچىڭبڭ: ئەدىبىيات نەزىررىسى ئۇقۇشلۇقى[M]، ئالىي مائارىپ نەشىرىيات 1999 ، (خەنزۇچە)
[13  [13] دۇشۇچىڭ: ئەدىبىيات نەزىرىسى[M]،خەلىق ئەدەبىيات نەزىرىياتى 2001 ،(خەنزۇخە)



ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا يارتىلغان تەكرار ئىجادىيەت بوشلۇقى
.
ئەدەبىي ئەسەر خىلمۇ-خىل ئىستىلىستىكلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق تۇرمۇش مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ.تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىدىن يۇشۇرۇن ئىشارەت بىرىدۇ.جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەرقايىسى تەرەپلىرىنى ئەكىس–ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى جەمىئيەتنى، تۇرمۇشنى تۇنۇتۇش خاراكتىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇچىڭبىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيىسى ئۇقۇشلۇقى»دىگەن كىتابىدا شەرىھىلەپ ئۆتكەندەك:«ئەدەبىي ئەسەر تۇنۇتۇش خۇسۇسىيتىدىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسلىق مەدىنىيەت خاراكتىرىگە ئىگە بۇلىدۇ».شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي ئەسەر ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۇنۇتۇش قىممىتى» ئوقۇرمەنلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. تۇنۇتۇش قىمىتى دىگىنىمىزدە، ئەدەبىياتنىڭ جانلىق بەدىئى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى زىددىيەتنى تۇنۇتۇش ۋە تۇرمۇشنى چۈشۈنۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش خۇسۇسىيتىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە، ئەدىبىي ئىجادىيەتتە ئۇقۇرمەن سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر ھالقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش پائالىيىتى بولمايدىكەن ھەر قانداق ئەدىبىي ئەسەرنىڭ قىممىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.ئەدەبىي ئەسەر يېزىلىپ، كىتاپخان تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئاندىن ھەقىقىي ھاياتى كۈچىگە ئىگە بۇلىدۇ. كىتابخان ئەسەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، ئەسەر يەنە بىر قىتىملىق«تەكرار ئىجادىيەت»باسقۇچىغا ئۆتىدۇ.بۇ باسقۇچتا ئەسەردىكى ئۇبرازلار كىتاپخاننى ئۆزى بىلەن بىللە ئالاھىدە كونكىرىت مۇھىتقا باشلاپ كىرىدۇ. كىتابخانمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى ھىسياتى ۋە تۇرمۇش تەجىرىبىسىگە ئاساسەن، ئەسەردىكى ئوبرازلارنىڭ مەزمۇننى بىيتىدۇ ۋە تۇلۇقلايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىستىتىك قىممىتىمۇ مانا مۇشۇ باسقۇچ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ بۇ ھەم ئىجادىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تارىخي رومانلارمۇ ئەدەبىي ئەسەر بولۇش سۇپىتى بىلەن ئەدەبىي  ئىجادىيەت باسقۇچلىرىدا «تەكرار ئىجادىيەت» باسقۇچىدىن مۇستەسنا ئەمەس. يەنە بىر تەرىپتىن، تارىخىي رومانلارنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ مانا مۇشۇ باسقۇچتا ئەمەلگە ئاشىدۇ. يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىمىز مەنا چوڭقۇرلىقى بىلەن كىتابخانلارنى قايتا تەپەككۈرغا تەشكىللىيەلىگەن. تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىمىز  ئىجادىيەت جەريانىدا مەزمۇننى كىتابخانغا بىرۋاستە تاپشۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەسەر ئىدىيىسى بىلەن كىتابخان ئارىلىقىدا مۇئەييەن ئارىلىق شەكىللەندۇرۇپ كىتابخاننىڭ تارىخىي روماننىڭ مەزمۇن قاتلىمى ھەققىدە ئەركىن ئىزدىنىشى ئۇچۇن يەنە يىتەرلىك بوشلىق قالدۇرلغان. بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلارنى تارىخىي رومان ئىچىدىكى يۈكسەك بولغان بەدىئىي  دۇنياغا باشلاپ، رىئاللىقنىڭ بۇ بەدىئىي دۇنيادىكى ئىزنالىرىنى ئىزدەپ تېپىشقا، بىرۋاستە كۆرۈشكە، چۈشۈنىشكە، يىتەكلىگەن.
دۇشۇيىڭ «ئىجادىيەت نەزىرىيسى»دىگەن كىتابىدا ئېيتقاندەك:«تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى ئوقۇرمەنلەرگە تەمىنلىگەن ئەسەر تېكىستىتە،دائىم بىۋاستە،چەكلىك ھەم تۇلۇقسىز بولغان تەرەپلەر ھەمىشە ۋاستىلىك چەكسىزلىك ھەم نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىيىنكى تەرەپلەر،ئەدەبىي ئەسەر ئىچىدىكى ئاق ۋە بىكىتىلمىگەن نوقتىلار بۇلۇپ، بۇ نوقتىلارنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ تەكرار ئىجادىيتى ئارقىلىق تۇلۇقلايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان- چىقمقغانلىقىدا، ئۇنىڭ ئۇقۇرمەنلىرىنى مەلۇم قىممەتكە ئىگە ئىجادىيەت بوشلۇقى بىكەن تەمىنلىيەلىگەن- تەمىنلىيەلمىگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ قانچىلىك كەڭلىكتىكى ئىجادىيەت بوشلۇقى ئىكەنلىكىگە قارىلىدۇ». ئادەتتە ئوقۇرمەن بىلەن ئەسەر ئۇچىرىشىپ،ئۇنى ئوقۇشقا باشلىغان يەنى تېكىسىت ئىچىگە كىرىپ سۆز مەنىسى بىلەن ئۇچىرىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئاكتىپ ئىجادىيەت قىلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي تىل بىر خىل سەنئەت بەلگىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ مەنىلىك ھەم غۇۋالىققا ئىگە بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ مۇئەييەن ئىستىتىك چۈشەنچىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ خىلمۇ-خىل مەنىلىرىنى ئىگەللەيدۇ». دىمەك،تارىخىي رومانلاردا يازغۇچىلار سۆز مەنىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە غۇۋالىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئەسىرىدە ئوقۇرمەنلەر تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن بوشلۇقلارنى قالدۇرىدۇ. دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«ئەدەبىي ئىجادىيەت يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ بۇ خىل ئورتاق ئىجادىيىتى نەتىجىسىدىلا تۇلۇق ئاخىرلىشىدۇ،شۇنداقلا بۇنى تۈگىمەس جەريان دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.چۇنكى، يازغۇچى مەلۇم بىر روماننى يېزىپ جەمىيەتكە ئېلان قىلغاندىن كىيىن،قانچىلىك ئوقۇرمەن ئوقۇپ چىققان بولسا، شۈنچە ئوقۇرمەننىڭ ئىجادىيتىدىن ئۆتىدۇ؛قانچە قىتىم ئوقۇلسا، شۇنچەقېتىم ئىجاد قىلنىدۇ؛ قانچە دەۋىرىدە، قانچە مىللەت كىشىلىرى ئوقۇپ چىققان بولسا شۇنچىلىك دەۋىر ۋە مىللەت كىشىلىرى ئىچىدە قايتا ئىجادىيەتتىن ئۆتىدۇ. ئەسەرنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىش ۋە ئوقۇلۇشى جەريانى،ئەسەر ھاياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىنىش ۋە كۆپىيىش جەريانى دىيىشكە بولىدۇ».مېنىڭچە، يېڭى دەۋىر تارىخىي رومانلىرىمۇ ئۆزىنىڭ بەدىئىي قىمىتى، مەزمۇن چوڭقۇرلىقى،مەنا كەڭلىگى،تارىخىي چىنلىق ۋە بەدىئىي كۈچ،ئىستېتىك گۈزەللىك قاتارلىق تەرەپلەردىن  ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ،ھەرخىل قاراشتىكى، ھەرخىل كىشلەر توپى ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى ھەم يارىتىپ كىلىۋاتىدۇ.
يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان نۇرغۇن بوش نوقتىلار ئۈچراپ تۇرىدۇ. تارىخىي روماندىكى سىموۋۇللۇق سۆزلەر سىموۋۇللۇق ئوبرازلار نىڭ كۆپ قوللىنىشى تارىخىي رومانلارنىڭ لىرىكا پۇرىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستىك قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا ئەسەر مەزمۇنىنىڭ مەنا كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كىڭەيتىدۇ. مېنىڭچە، سموۋۇللۇق ئوبرازلارنىڭ كۆپ قوللىنىشى ئەمىلىيەتتە دەل تارىخىي رومان يازغۇچىلىرنىڭ مۇشۇ خىل ئىھتىياجنى چىقىش قىلغان مەقسەتلىك تاللىشى بۇلۇپ، بۇ سىموۋۇللۇق ئوبرازلار ئەسەرنىڭ شېئىرىي تۈسىنى قۇيۇقلىتىش بىلەن بىللە مۇھىمى، تېخىمۇ كۆپ خىل مەنا چوڭقۇرلىققا ئىگە. مەنا جەھەتتىكى بۇ خىل كۆپ خىللىق ۋە چوڭقۇرلۇق ھەرخىل مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشىمىغان تەپەككۇر ۋە تەسەۋۇر بوشلۇقىغا باشلىغان ۋە تارىخىي رومانلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. تىپىك بولغان تارىخىي رومانلاردىن «ئىز»،« ئويغانغان زىمىن»،«تۈندىكى چاقماق»،«ئانايۇرت»... قاتارلىقلارنى مىسال ئالساق،يازغۇچى «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن»،«تۈندىكى چاقماق»،«ئانا يۇرت»... قاتارلىق سۆزلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا قاتلىمىنى يازغۇچىلار توغرىدىن-توغرا ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، پەقەت بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلەرگە رىئال ۋەقەلىكلەر ئىچىدىكى رىئال پىرسۇناژلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى، كەچۇرمۇشلىرى، ئىچىكى ھېسياتى ۋە روھىي دۇنياسىنى تاپشۇرۇش ئارقىلىقلا، ئوقۇرمەنلەرنى  «ئىز»،«ئويغانغان زىمىن»،«تۈندىكى چاقماق»،«ئانا يۇرت» ...قاتارلىق سۆزلەرنىڭ كۆپ قاتلامىلق مەنا چوڭقۇرلىقىغا باشلاپ بەدىئىي تەپەككۇر بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىخىي رومانلاردا يارتىلغان سىمىۋۇللۇق ئوبرازلار ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا قاتلامىلىرىنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىغانلىقىنى يازغۇچىلار ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، بەلكى كىتابخانىنىڭ ئۆز تەپەككۈرىغا تاشلىغان.
دىمەك، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىدا كىتابخانلار ئۈچۈن ئۆزىگە قالدۇرۇلغان بۇ خىل «تەكرار ئىجادىيەت» بوشلۇقى يىتەرلىك ئوچرايدۇ. تارىخىي  رومان ئوقۇرمەنلىرى ئۇچۇن ئۇنى ئەسەر تېكىسىتىدىن ئايرىلمىغان ھالدا قانداق تەسەۋۋۇر قىلىش ئۆزىنىڭ ئىشى، يازغۇچىلار ئۇنىڭغا ئايرىلاشمايدۇ. بۇ بوش ئورۇن ئەسلىدىلا ئوقۇرمەننىڭ تولدۇرىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان. دۇشۇيىڭ ئېيتقاندەك:«بەدىئي كەڭلىككە ئىگە ھەر قانداق  بىر ياخشى ئەسەر ئون ئوقۇرمەنگە ئون خىل چۈشەنچە بىرىشى مۇمكىن. لىكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسىدىكى پەرىق قانچە كۆپ بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، پەقەت نۇرمال ئوقۇش ۋە نۇرمال قۇبۇل قىلىشلا بۇلىدىكەن ئوقۇرمەن ئوقۇپ چىققان مەزمۇن چوقۇم ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن يىراقلىمايدۇ. چۈنكى يازغۇچى ئىجاد قىلغان ئەدەبىي تېكىسىت ئۆزگەرمەس نەرسە ئوقۇرمەننىڭ تەكرار ئىجادىيتى بولسا ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ سانسىز قىتىملاپ بىرىكىشى يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ سانسىز قىتىملاپ قوشۇلىشىدىن كىيىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاندىن رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ». مېىنىڭچە، مەزكۇر ماقالىمىزدە تارىخىي رومانلار ئۇستىدە توختىلىشىمىزمۇ ماھىيەتتە، تارىخىي رومان يازغۇچىلارىنىڭ ھەرقايسى ئەسەرلىرىگە بولغان تەكرار ئىجادىيەتنىڭ نەتىجسى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇمۇ بىرخىل تەكرار ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تارىخىي رومانلارغا  بولغان تەكرار ئىجادىيەت بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ. تارىخىي رومانلىرىمىز ئۆزىدىكى كەڭرى مەنا بوشلۇقى بىلەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەرقايسى دەۋىرلەرگىچە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكرار ئىجادىيتى بىلەن بىرلىشىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ھاياتى كۈچى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. ئەگەر تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىمىز ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىلەرنى ئوقۇرمەننىڭ چۈشىنەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئارتۇقتىن-ئاتۇق ئىزاھات ۋە ئىستىلىستىكىسى يوق ئۇدۇل تىل بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسا، تارىخىي رومانلار مەڭگۇ بۇ يۈكسەكلىككە يىتەلمىگەن ۋە بۇ خىل تەكرار ئىجادىيەت قىممىتىنى يارىتالمىغان بولاتتى.


مۇھەممەت باغراشنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى توغرىسىدا

يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، پروزىچىلىق  ساھەسىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، روشەن ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى شەكىللەندۈرپ، كىتابخانلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان  يازغۇچى مۇھەممەت باغراش 1952- يىلى قارا شەھەر ناھىيسىنىڭ بازار ئىچىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1980-يىلى يازغان «سەپداش»ھېكايسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەن. ئۇ يۇرتىغا ھاياتى كۈچ بەخىش ئىتىپ تۇرغۇچى«باغراش كۆلى»نىڭ نامىنى ئۆزىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قىلىپ تاللىغاندىن كيىن،يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە مۇھەممەدنى «باغراش» دەپ ئاتاش ئۇمۇميىلىققا ئايلانغان. ئۇ جەمىيئەتنى مەكتەپ،كىتابنى ئۇستاز تۇتۇپ ،ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق ئەدەبىياتقا،ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بىر مەسئولىيەتچان ياز غۇچى .ئۇ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت رۇھىي بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا دادىل ئىزدىنىپ،ئۆزىنىڭ كۆكلەپ مىۋە بىرىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغا يېڭى تۇپراق ھازىرلاپ، ئۆزىنى تۇلۇقلاپ،تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان يىڭىلىق يارتىش رۇھىغا باي، ئىجتىھاتلىق قەلەم ئىگىلىرنىڭ بىرى.
      مۇھەممەت باغراش باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى  قارا شەھەردە ئوقۇپ تاماملىغان. 1965-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈگەندىن كىيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس بۇلۇپ كىيىن كورلىدىكى شىنجاڭ 4-ترانسىپورت شىركىتىدە شوپۇر بۇلۇپ ئىشلىگەن. بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۇپ بىرىدۇ. ئۇ 1981- يىلى يازغان «سەپداش» ھېكايسىنىڭ مۇۋەپپىقىيتى ۋە تەسىرى بىلەن شوپۇرلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1982- يىلى ئۈرۈمچىگە  يۆتكۈلۈپ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. 1987 -يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئيىتنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بۈلىدۇ. بۇ خىل قاتلاممۇ-قاتلام ئۆزگۈرۈش تەبئىي ھالدا مەيلى، كەڭ ئوقۇرمەن ياكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرنىڭ بولسۇن ۋە مەيلى،كەسپى ئەدەبىيات بىلەن شۈغۈللانغۇچى يازغۇچى- ئەدىبلەر ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرنىڭ بولسۇن توختاۋسىز دىققىتىنى قوزغايدۇ. چۈنكى، خەلق ئەسەرلىرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ،جەمئىيەت ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا مۇيەسسەر بولغان يازغۇچى مۇھەممەت باغراش، كۆپ قىسىم يازغۇچىلارغا ئوخشاش ئالي مەكتەپ تەربىيسىنى ئىلىش پۇرسىتىگەئىرىشەلگەن ئەمەس. يەنەكىلىپ، مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپى بويىچىمۇ تەربىيەلەنگەنمۇ ئەمەس. مىنىڭچە،دەل مۇشۇ تەرەپ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغاشقا ۋە تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىزغا تىگىشلىك ھالقىلىق بىر نوقتا.
ئىلگىرى مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۇستىدە بىر قاتار تەتقىقات ئېلىپ بىرىلغان ئىدى. پروفىسىور ئازات سۇلتان تۈزگەن «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا»، پروفىسىور ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدىرىھىملار تۇزگەن« ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»(ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى)، پروفىسىور ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» (4-توم2-كىتاب)قاتارلىقلاردا مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تارىخىنى باسقۇچلارغا بۇلۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەكىل خاراكتىرلىك ھېكايە ۋە پوۋېستلىرىنىڭ بەدىئيلىگى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلەر ئىلىپ بىرىلىغان ۋە تەھلىل قىلىنىپ خۇلاسىلانغان.مەن بۇ ماقالەمدە مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئۈگەنگەن يۈزەكى بىلىم قۇرۇلمامغا ئاساسەن باسقۇچلارغا بۇلۇپ تەھلىل قىلدىم. مىنىڭچە باغراشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى مۇنداق باسقۇچلار بۇيىچە تەھلىل قىلىشقا بۇلىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: باغراش ھېكايە ئىجادىيتىدە ئەڭ دەسلەپ ئەنئەنىۋى ھېكايچىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى يەنى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى مەنبە قىلدى. مۇھەممەت باغراش بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مەن كىچىكىمدىن كىتابقا ھىرىسمەن ئىدىم. يەنە كىلىپ ئون نەچچە يېشىمدا ئارتىس بولدۇم. ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بۇلالمىدىم. لىكىن مەن يەنىلا كىتاب ئوقۇشنى تاشلىمىدىم. ماشىنا ئەترىتىدە ماشىنا ھەيدەپ يۈرگەن كۈنلىرىمىدىمۇ يىنىمدىن كىتابنى ئايرىمىدىم. كىيىن ماشىنامغا ئوت كەتكەن سەۋەبلىك ماشىنىدىن ئايرىلىپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن ئەترەت مىنى40 نەچچە نەس باسقان شوپۇر بىلەن لەخمە كولاشقا بەلگىلىدى. بىر كۈنلۈك ۋەزىپىنى كۆپ بولسا ئىككى سائەتلەردە ئورۇنداپ بۇلۇپ قالغان ۋاقىتلاردا دەم ئالاتتۇق.بۇ بوش ۋاقىت مىنى تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇكۈنلەردە خىلى كۆپ كىتاب ئوقۇپتىمەن دوراپ بولسىمۇ بىرەر نەرسە يىزىپ باقمايمەنمۇ دىگەن خىيال بىلەن قولۇمغا قەلەم ئالدىم. نىمىنى يازسام بۇلار دىگەننى ئويلاۋىتىپ تۇيۇقسىز ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن،ماڭا كىشىلىك ھاياتنى تۇنۇتقان، مىنى قايتا ھاياتقا ئىرىشتۇرگەن،مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيىەتلىك بولغان بىر ئىش ئىسىمگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى ھېكايەم‹سەبداش›نى يەنى ئاشۇ ئىشنى يازدىم . ئۈچ ئاخشامدا يېزىپ بولۇپ پۇچتىدىن سىلىۋەتتىم ئىككى ئايدىن كىيىن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تارىم ژۇرنىلى مۇندەرىجە بېتىدە‹مۇھەممەت باغراش›،‹سەبداش› دىگەن خەتلەرنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. ئالتە كۈندىن كىيىن بىر پارچە ژورنال بىلەن سەكسەن يۈەن پۇل تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ ماڭا ھەققىقەتەن باشقىچە ئىلھام بولدى،چۈنكى ئۇ چاغلاردا مۇئاشىم ئاران قىرىق يۈەن ئىدى.شۇنداق قىلىپ تۇنجى ئەسىرىم ئېلان قىلىندى، مەن ئۇ ئەسەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن..»① بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك مۇھەممەت باغراش مەيلى قانداق شارائىتىتا بولسۇن بىر كۈنمۇ كىتابتىن ئايرىلمىغان. شوپۇرلۇق جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ۋە ھايات ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئەتراپلىق مول چۈشەنچىگە، مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولسا، كىتابقا بۇلغان مۇھەببەت، ئۈزلۈكسىز كىتاب ئوقۇش ئۇنى تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ئەتراپلىق كۆزىتىش، ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ھىسسى كۆز بىلەن قاراشتىن ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش رىئاللىقى باغراشنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋاپسىز سۇئاللارنى تاشلىغان. باغراش بۇ مەزگىللەردە بالزاك ۋە مۇپاسساننىڭ ئەسەرلىرىدىكى تۈرلۈك رىئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى، شىكىسپىر دىراممىلىرىدىكى گۈزەل ۋە تەسىرلىك تېراگىدىيلىك توقۇنۇشلارنى، دىككىنىس، لاۋرىنىسلارنىڭ قەلىمىدىكى ئىنسانىڭ ئەسلى تەبىئىتى ۋە مۇرەككەپ ئىجتىمائى خۇسۇسىيىتىنى، گىئورگى ساندىنىڭ سىرلىق ھەم گۈزەل تەبىئەت تەسۋىرلىرىنى، سىرۋانتىسنىڭ كىنايە ئاستىغا يۇشۇرۇنغان چوڭقۇر مەنالىرنى ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ئالىمىدىكى گۈزەل بەدىئىي دۇنياسىدا تۈگۈل خيالى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باققان ئەمەس. مىنىڭچە، ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۇرگەن تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرىگە جاۋاب ئىزدىگەن يازغۇچى. ئۆزى تەۋە بۇلغان ئىجتىمائى مۇھىت ۋە شەخسەن ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، يازغۇچىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش، ئۇگىنىش ۋە تەپەككۇرنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرنى باشتىن كەچۇرىدىغا نلىقى ئىنىق. نەتىجىدە، باغراش ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ جەھەتتىكى تىگىشلىك ھازىرلىقلىرى جۇغلانغان. مانا مۇشۇ پەيىتتە ئۇنىڭدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلانما ۋە يۇشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچى ئاخىرى پارتىلاپ چىققان.
     باغراشنىڭ تۇنجى ھېكايىسى «سەبداش»تا،ئۇ ئەزەلدىن كۆزگىمۇ ئىلىپ قويمايدىغان،بىر قانچە سائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئۇرۇپ ئاغزى-بۇرۇنىنى قانقىلىپ قويغان ئەرزىمەس «سەبداش» شۇنچىلىك خەتەرگە قىلچىلىك پىسەنىت قىلماي ئۇنى قۇتۇلدۇررىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى، ھەقىقي دوستلۇقىنىڭ قەدىرى-قىممىتنى، ئادىمىيلىكنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلىدۇ. بۇ رىئالنى ۋەقەلىك ھېكايىنىڭ سۇژىتى قىلنىدۇ. تۇرگېنېۋنىڭ:«ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان تۇرمۇشنى زورمۇ-زور يازغان يازغۇچىدىن ئونى بولسا،توققۇزى مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ»②دەپ ئېيتقىنىدەك باغراشنىڭ ئۆزكەچمىشى باغراشنى رىئال ماتىرىيال مەنبەسىگە ئىگە قىلغاندىن باشقا،ھېكايىدىكى چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىق تۇيغۇسىنىڭ چوڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرغان. ل.تولىستوينىڭ:«ئىنسانلار نىڭ دوستلۇق-بىرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئەسەرلەر ياكى پۈتۈن ئىسانىيەتنىڭ ئورتاق ھېسياتىنى بىرلەشتۇرەلەيدىغان ئەسەرلەرلا سەنئەت ھېسابلىنالايدۇ. بۇنداق سەنئەت قۇبۇل قىلنىدۇ، مەدىھيىلىنىدۇ، تارىلىدۇ»③.دەپ ئېيتقىنىدەك ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن «سەبداش» نىڭ ئالي جاناپ دۇستلۇق مىھرى،ھېكايىنىڭ ياخشى باھاغا ئىرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ. شۇنىسى ئېنىقكى،دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر مەشھۇر ئەسەر تاسادىپىيلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كەينىگە سانسىزلىغان جاپالىق ئىزدىنىشلەر بىلەن ئۈن-تۈنسىز تۆككەن قان-تەر يۇشۇرۇنغان. شۇنىڭغا باغراشنىڭ تۇنجى قولغا كەلتۇرگەن بەدىئى مۇۋاپىقيىتىنى ئەمىلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇشۇرۇن چىنىقىشنىڭ يەنى، تەييارلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىشقا بۇلىدۇ.
باغراشنىڭ 1982- يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بۇلۇپ ئىشلىشى ئۇنى ئەدەبىيات بىلەن زىچ باغلايدۇ.تۇنجى يازغان مەشىق ھېكايىسى «سەبداش»تىن باشقا،«ساۋاب»، «ئالمىچى»، «ئادەملەر»،«گۈزەل» قاتارلىق بىرتۇر*كۇم مۇۋاپپىقىيەتلىك يېزىلغان ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندۇ.بۇ ئەسەرلەر ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ۋە ئەنئەنىۋى تېمىلاردا يېزىلغان. كۆپىنچە ئۆزى بىۋاستە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شۇپۇرلۇق تۇرمۇشى داۋامىدىكى تەسراتلىرى، رىئال تۇرمۇشتىكى ئادەملەر بىلەن جەمىيئەت ئوتتۇرسىدىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نازۇك مۇناسىۋەتلەرنى يارقىن جۇملىلەرئارقىلىق يۇرۇتۇپ بەرگەن.
ئېنگىلىس:«مېنىڭچە،رىئالىزىمنىڭ مەنىسى تەپسىلاتلارنىڭ ھەقىقي بۇلۇشىدىن تاشقىرى، تىپىك پىرسۇناژلارنى ھەقىقى تۇردە گەۋدىلەندۇرۇش دىگەنلىكتۇر»④دەيدۇ. گوركىمۇ: «رېئالىزىم ـــــ ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ھايات شارائىتلىرىنى بۇيالماستىن، چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىنىشى»⑤دىگەن قاراشنى شەرھىلەيدۇ. «سەبداش»،«ساۋاب» ھېكايىلىرىدىكى تەسۋىرلەنگەن  تۇرمۇش چىن بۇلۇش بىلەن بىرگە، راسچىل،سەمىمىي،ئۇمۇمنىڭ،مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان،ئەپۇچان،كەڭ قۇرساق «ئىجابىي»پىرسۇناژ «سەبداش»تىكى سابىر بىلەن «ساۋاب»تىكى دېھقانغا مەدھىيە ئوقۇلۇپ، شەخسىيەتچى، ئالا كۆڭۈل«سەلبىي»پېرسۇناژ «سەبداش»تىكى مەخمۇت بىلەن «ساۋاب» تىكى ساۋۇت موللامغا نەپرەت ئوقۇلۇشى ئاپتۇرنىڭ ئۈزۈندىن-ئۈزۈن قۇرۇق بايانلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بىۋاستە سۆز-ھەرىكەتلىرى داۋامىدايارتىلغان بولغاچقا ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزى شاھىت بولغاندەك ھىسياتقا ئىگە قىلغان. بەدىئى تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن ياكى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن شۇ مەزگىلدىكى باشقا ھېكايىلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بۇلغاچقا،بۇنى ئاپتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بىرخىل ماھارىتنىڭ ئىپادىلىشى دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىئالىزىمنى باغراشنىڭ تۇنجى ئەدەبىي- ئىجادىيەت مىۋىسىنىڭ  يىلىتىز تۇتۇپ بىخلىنىشىدىكى ئانا تۇپراق، مەۋجۇپ بۇلۇپ شەكىللىشىنىڭ بىردىن-بىر ھاياتلىق مەنبەسى دەپ خۇلاسىلاشقا بۇلىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ: باغراش ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارتىش مەخسىتىدە غەرىب مۇدىرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قۇللاندى. باغراشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش رۇھى بىلەن تۇختىماستىن تىرىشىپ ئىلىمىز ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ھەرخىل ئېقىملارنى قېتىرقىنىپ ئۇگىنىشى نەتىجىسىدە، يىڭىلىق يارىتىش رۇھىغا باي بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى تەبئىي رەۋىشتە ئۇنى يەنە بىر قىتىملىق يېڭىچە ئىجادىيەت پەللىسىگە باشلاپ چىقتى. 1986-يىلى «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ سىناق سانىدا ئېلان قىلىنغان«مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋېستى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. ئىجادىيەت سىپىگە كىرگەنىگە ئەمدىلا بەش يىل توشقان پەيىتتە بۇ ياش يازغۇچىنىڭ يېڭىچە شەكىل،يېڭىچە مەزمۇن،يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئەدەبىي-ئىجادىيەت سەھنىسىگە چىقىشى ئەدەبىيات ساھەسىدە غول-غۇلا پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، كەسپى ئەدەبىيات بىلەن شۈغۈللانغۇچى يازغۇچى- ئەدىبلەر ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بولسۇن ئىككىنچى قىتىملىق گۇمانى دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ پوۋېست غەرب مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتنىڭ قىسمەن تەسىرىنى قۇبۇل قىلىپ،شەكىل جەھەتتە دادىللىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىش مەخسەت قىلىنغان بولغاچقا، ئەسەر ئېلان قىلىنىپلا كىتابخانلار ئارىسىدىمۇ خىلمۇ-خىل تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدى. ئۇلار ھەرخىل مەيدان ۋە نوقتىدا تۇرۇپ، مەزكۇر پوۋېست ھەققىدە كەسكىن بەس-مۇنازىرىلەرنى قىلىشدى. پىروفىسور ئازات سۇلتان ئېيتقاندەك:«ئاپتۇر پوۋېستتا پىر سۇناژلارنىڭ پىسخىك پائالىيتىنى ئەسەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى قىلىشتەك يېڭىچە ئىپادىلەش شەكلىنى قوللىنىپ،ئۇزۇن تارىختىن بۇيان مىللىتىمىز ئېڭىغاسىڭىپ كەتكەن ئەنئەنە تۇيغۇسىنى، بۇرۇقتۇرمىلىقنى ،قامال قىلىپ تۇرغان ئۇدۇم كىشەنلەرنى ئىرغىتىپ تاشلىۋىتىپ، يېڭى دۇنيانىڭ رىقابەتكە تولغان ئىرادىسىنى ۋە ھازىرقى زامان ئېڭىنى قۇبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا نۇر چىچىپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ قۇياشقا مىنگەن بۇدرۇق بالىنى تارىم ئاسمىنىغا باشلاپ كىلىپ،مىللىتىمىز رۇھىيتىدە ھازىرقى زامان ئېڭىنى تۇرغۇزۇشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ»⑥. بۇ باغراشنىڭ يېڭىلىق يارتىش يۇلىدائىزدىنىشى، ئىجادىيتىدىكى بىر قىتىملىق يېڭى سىناق، يەنە بىرقىتىملىق تۇختاۋسىز ئىلگىرلەش نەتىجسىنىڭ مۇقەررەر يۇسۇندا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى.ئۇنىڭ ئۇيغۇر پىرۇزاچىلىقى ئۈچۈن يېڭىچە بۇلغان بۇخىل يولنى تاللىشى ۋە بۇ يولدىكى تۇنجى قەدەمنىڭ مۇۋاپىققىيەتلىك بېسىلىشىنى،يالغۇز باغراش ئىجادىيتىنىڭلا ئەمەس بەلكى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروزىچىلىقى ئۈچۈن  تاشلانغان يېڭى بىرقەدەم دىيىشكە بۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە باغراش ئەنئەنىۋى ھېكايىچىلىقىمىزدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان،يېڭىچە ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، بەدىئىيلىكى خېلى يۇقىرى بۇلغان بىر تۇر*كۇم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۇرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ۋاقىتنى ئەنئەنىۋى ھېكايىچىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن بولغان چەك-چىگىرىنى ئاجراتقان مەزگىلى دەپ ئېيتىشقا بۇلىدۇ.ئەمما،بۇ مەزمۇن شەكىلنى بەلگۈلەيدۇ، مەزمۇن بىرىنچى ئامىل دەپ تەكىتلىنىۋاتقان ئەدەبىيات قارىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بۇلۇپمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا يېزىلغان ھېكايىلەرنىڭ ئەكسىچە بۇلغاچقا، خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيانقى سىيۇژىت تەرەققىياتى ئاساسى لىنيە قىلىنىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان زۇقلىنىش ئادىتىگە ماسلىشالمىدى. بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى قايتا داۋاملاشمىدى. باغراش بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«86-يىلىدىن كىيىن مەن غەرب مۇدىرنىمىنى ناھايىتى ئىشتىياق بىلەن ئۇگەندىم. مەن مۇدىرنىزىم ئىنساننىڭ رۇھى دۇنياسىنى ئىچىپ بىرىشتە ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە دەپ قارايمەن .شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ئەسەر يازدىم. خەقلەر يېڭىلىق ياراتتى ،دەپ كەتكەن بۇلدى. بىراق يېڭىلىق بۇلسىلا ئەدەبىيات بۇلمايدۇ دە. خەلققە بىر نەرسە بىرىش، خەلىقنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىش كىرەكتە. شۇنداق قايمۇقۇپ يۈرگەن كۈنلەردە شاياردا بىر يىغىن ئېچىلىپ قالدى. يىغىندىن كىيىن توغراقلىققا ئۇينىغىلى چىقتۇق. يۇلدا قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يالاڭئاياغ،پىيادە ياكى ئۇلاغلىق،بەزىلىرى بالىلىرىنى بوينىغا ئېلىۋالغان ھالدا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،بۇ يەردە بازار بار مۇ ؟دەپ سورىدىم. ئۆلار،-ياق،دەپلا جاۋاب بەردى.- ئەمىسە نەگە بارىدۇ؟دەپ سۇرىسام ھېلى بىلىسەن دەپلا قۇيدى.كىيىن بىلسەم مۇشۇ بىچارە دىھقانلار يازغۇچى كىلىدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تەرەپ-تەرەپتىن مۇشۇ يەرگە كېلىپتۇ. ئەشۇيەردە مەن مۇدىرنىزىمنىڭ بەزى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدا يازغان ئەسەرلىرىم بىلەن مۇشۇ خەلىقمگە نېمە بىرىمەن،چۈشىنىدىغان زىيالىلارغىغۇ ئاز تولا بىر نەرسەدەپ بىرەرمەن، بۇ خەلقىمگە نىمىمۇ بىرىمەن دىگەننى ئويلىدىم .بىز شۇلار ئۇچۇن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دە،ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئەدەبىيات ئاسىي ئەدەبىيات بۇلمامدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقى ئىككىلى يولۇمدىن ياندىم، ئۆزەمگە  ئاسىيلىق قىلدىم. ئۇچىنىچى يولنى تاللىۋالدىم،بۇ ئۈچىنچى يول دەل خەلققە لازىم بولغان،خەلق چۈشۇنىدىغان ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى، تۇرمۇشىنى،ئېڭىنى يېزىش. ئۈچىنچى يولنى تاللىشىمغا سەۋەب بولغان نەرسە خەلققە، ئەدەبىياتقا بولغان ھۆرمىتىمدىن ئىبارەت. مىنىڭ خەلقنى چۈشىنىشىمدىكى ئۆزگۇرۇش ئەمىلىيەتتە مىنىڭ ئەدەبىياتقا بۇلغان تۇنۇشىمنى ئۆزگەرتتى»⑦دەيدۇ. مىنىڭچە، باغراش ئۆز قەلىمىگە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان، تارىخقا،خەلقىگە ۋە ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن كۈچلۈك جاۋابكارلىق  تۇيغۇسىغا ئىگە يازغۇچى. بۇ ئۇنىڭ چىن قەلىبدىن ئېيتىلغان ھەقىقىي يۇرەك سۆزى. شۇنداقلا،قەلبى خەلقى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۆيگەن ئوت يۈرەك يازغۇچىنىڭ ئاخىرقى تاللىشى. ل.تولېستوي :«يازغۇچىنىڭ ۋىجدانى ئۇنىڭ يازغان كىتابىدا»⑧دەيدۇ. ئۇ خەلقىنى تاللىغان ئىكەن،خەلقىمۇ ئۇنى تاللايدۇ،ئۇ خەلقىنى سۆيگەن ئىكەن خەلقىمۇ ئۇنى سۇيىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۈچىنچى باسقۇچ:باغراشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يېڭىچە ئاڭ بىلەن سىھىرىي رىئالىزىم ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا قەدەم قويىشى بولدى. باغراشنىڭ ئۇن-تۇنسىز ئىزدىنىشى ۋە ئىجادچانلىق رۇھى 1987-يىلىدىن كىيىنكى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بۇلغان،«ئاق ئېچىلغان سۈگەت گۈلى»،«تەنھا ماشىنا»،«تۈگىمەس چۈش»،«تۆتقۇلاق»، «ئاقساق بوغا» قاتارلىق بىرتۇر*كۇم ئۆزگىچە ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەندى. بۇ باغراشنىڭ ئىجادىيەت كۈچى تۇلۇپ تاشقان، ئىزدىنىش رۇھى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىللىرى بۇلۇپ، ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى كۆرۈلۇپ باقمىغان يېڭىچە مۇھىتنى ئىپادە قىلدى.دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى «يىلتىز ئىزدەش»،«ئەپسانىگە قايتىش» قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرىنى ئىجابىي يۇسۇندا قۇبۇل قىلىپ ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ ئېستستىك تۇيغۇسى بىلەن باغلاپ بەدىئيىلىككە كۆتۇردى. خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان، ئۇزاق ئۆتمۇشتىن بۇيان ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەت ۋە قىسسە-چۆچەكلەرنىڭ ھاياتى كۈچىگە ئىگە دىتاللىرىنى بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرىپ، دەۋرىمىز كىشىلىرنىڭ رۇھىي چاڭقىشىنى ۋە ھازىرقى دەۋر تۇرمۇشى ئىلىپ كەلگەن مەنىۋى كىرىزىسلەرنى ئىپادە قىلىدى. «ئاق ئېچىلغان سۈگەت گۈلى»دىكى، ئاتىللانىڭ تۇغۇلۇش  جەريانىدىكى ھېكايە قىلىش ئامىللىرى،تۇر*كىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوس قەھرىمانلىرى «ئۇغۇزنامە»، «دەدە قورقۇت»،«گۈر ئوغلى» ...قاتارلىقلار بىلەن ئاتىللانى بىر-بىرگە باغلايدۇ.
«ئاقساق بوغا» پوۋېستىنىڭ تېما ۋە مەزمۇندىكى يېڭىلىقى بىلەن مەيدانغا چىقىشى ئىنسانىيەت ئۇرتاق ھىس قىلىۋاتقان كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئەكىس ئېتىشى ھىسابلىنىدۇ. باغراش بۇ پوۋېستىدا رىۋايەتلەردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى «يىلتىزغا قايتىش»،«يىلتىز ئىزدەش» تەك قىزغىن  خائىشىنى ئىپادىلىگەن يەنى، ئانا تەبىئەتنى سۇيۇش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاشتەك ئىدىيەنى ئەسەر باش قەھرىمانى ئىشقىيارغا باغلىغان. بۇلار بىر تەرەپتىن مۇرەككەپ زىددىيەت تۇقۇنۇشلار ئارقىلىق ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ  ۋارىسى بۇلغان ئىشقىيار ئۇبرازىنى مۇكەممەلىككە ئىگە قىلغان بۇلسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانىيەتكە بالا كەلتۇرۋاتقان ئاپەت ،چىركىن ئامىللارنىڭ، ئىللەتلەرنىڭ ئەترپىمىزدا يامراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن نەپرەتلىنىدۇ. مانا بۇ پوۋېستىتا ئىپادىلەنگەن دۇنياۋى كىرزىس تۇيغۇسى. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇ سىھرىي رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئەدەبىياتىمىزغا ئىلىپ كىرىپ يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروزا ئىجادىيتىدە ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن ئۇنۇملىك پايدىلىنىپ ئۆزىگە خاس بولغان بەدىئىي ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۇردى. ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىش ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىجادىيتىگە ئۆزگىچە رەڭ بەردى. دىگەندەك سىھرىي رىئالىزىم باغراشنىڭ ئىجادىيتىدە ئۆزىنىڭ «سىھرىي»نى كۆرسەتتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، بۇنى باغراشنىڭ ئىجادىيتىنىڭ ئۇچىنچى قېتىملىق ئىجادىيەت سىنقى ھەم ئىجادىيەت مۇۋاپپقىيتى دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ .
تۆتىنچى باسقۇچ: باغراش ئەدەبىي ئىجادىيەتتە رىئالىزىمىلىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى مەنبە قىلىپ ئاڭ ئېقىمى، سىموۋۇلىزىم، مۇدىرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ئەدەبىي ئىجادىيتىدە ئۆز خاس بولغان بىر خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۇردى. باغراشنىڭ تۇختاۋسىز ئىزدىنىش رۇھىي ـــ باغراشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجادىيەت كۈچى تولۇپ تاشقان، بەدىئىي دىتى پىشقان، يىتىلگەن بىر يازغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ ئىجادىيەت سەھنىسىدە يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلدى. 90-يىلى يازغان ۋەكىللىك  ئەسىرى «يۇرەك تاغ» بۇنىڭ بىر مىسالى.يازغۇچى بۇ پوۋېستدا،قەدىمكى دەۋىر رېئاللىقى بىلەن ھازىرقى دەۋىر رېئاللىقىنى ئۈنۈملۈك باغلاپ، ئەۋلاد بىلەن ئەجداد مۇناسىۋىتىگە دائىر پەلسەپىۋى-دىداكتىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۈچ بالىنىڭ تراگېدىيىسى ئارقىلىق، ئەجدادلارنى ئۇنتۇپ قېلىش ئەۋلادلارغا تېراگىدىيىلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ، دىگەن قارىشىنى ئىلگىر سۈرگەن.ھازىرقى زامان كىشىلىرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ھەرخىل تراگېدىيە- پاجىئەلىرىنى كۆرسىتپ بەرگەن. ئادەم بىلەن تەبىئەتنى بىر گەۋدە قىلىپ، سېھرىي –ئەپسانە تەركىبلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن زامانىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللانغان. بۇ باغراشنىڭ ئىجادىيتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۈھىم ئەسەر. ئەسەرنىڭ تېمىسى، چىقىش نوقتىسى، ئەسەردىكى بەدىئىي مۇھىت...قاتارلىق تەرەپلەر باغراشنىڭ  ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان. ئۇنىڭدىن كىيىن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىدىمۇ  مەيلى قانداق ئۇسۇلنى پايدىلانمىسۇن ئۇنىڭ ئىزدىنىش،ئىجاد قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش رۇھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى يەنىلا ئۆزىگە خاس بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى بۇلدى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باغراش ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئۇستىدە توختىلىپ:«1985-يىلىدىن كىيىنكى ئەسەرلىرىم گاھ ئاڭ ئېقىمىدا، گاھ سىمۋولىزىمدا، گاھ سىھرىي رىئالىزىم ئۇسۇلىدا يېزىلدى. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مېنىڭ قايسى ئېقىمدىكى يازغۇچى ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم ئاڭقىرالماي قالدى. مىنىڭ قوغلاشقىنىممۇ دەل مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت»⑨دەيدۇ. ئۆزىنىڭ «يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ 10يىلى ۋە مەن» دىگەن ماقالىسىدە ئىجادىيتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇگەنگەن يازغۇچىلىرنى تىلغا ئىلىپ پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا ئۇمۇمىيۈزلۈك ياخشى باھاغا ئىرىشكەن شۆھرەتلىك يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوف ئىجادىيتىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكىلەر ئۇستىدە توختالغان.«ئۇ،رېئالىزىمچە ئىجادىيەتتە ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ھەرقانداق بەدىئىي شەكىلنى قورىقماي قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئۇ يەنە‹كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى رېئالىزىم›غا،‹مەدھىيۋازلىق›قا قارشى تۇرىدۇ.‹مەدھىيىۋازلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش رىئالىزىمى ئادەملەرنى تار ئېغىلغا سۇلاپ قۇيغانلىق›دەپ قارايدۇ.»⑩ دىگەن پىكىرىنى قۇۋەتلەيدۇ. باغراش ئايتماتۇف ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ئىجادىيتىدە ئايتماتۇف ئەسەرلىرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇۋاپپىققىيەتلىك قوللانغانلىقمۇ مەلۇم. باغراش ئاخىرى ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت يولىنى قۇرۇپ  چىقتى. ئۆزى ئېىتىپ ئۆتكەندەك رىئالىزىم،ئاڭ ئېقىمى،سىمۇۋۇلىزىم،سىھرىي رىئالىزىم ... قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىجادىيەت ئەمىلىيتنىڭ  ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق قوللىنالايدىغان، ئۆزىگە خاس بولغان ئىجادىيەت ئۇسۇلنى شەكىللەندۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، رىئالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى تۇلۇق يۇرۇتۇپ بېرىشكە قادىر بۇلالمىغان رۇجەكلەرنى ئىپادىلەشتە، سىھرىي رىئالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىدۇ. سىھىي رىئالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى تۇلۇق يۇرۇتۇپ بېرىشكە قادىر بۇلالمىغان رۇجەكلەرنى ئاڭ ئېقىمى،سىمۇۋۇلىزىم قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ،خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك قۇبۇل قىلىش سەۋىيىسىگە، زوقلىنىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرىدۇ. ۋېكتۇرھىيوگونىڭ قارىشىچە بولغاندا: «كەلگۈسى پەقەت ئۇسلوبقا ئىگە كىشىگىلا مەنسۇپ بۇلىدۇ». مېنىڭچە ئۇ ئۇزىگە خاس بولغان  ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيەت ئۇسلوبىنى ياراتتى.
قىسىقىسى، يازغۇچىلارنىڭ ھايات تەجىرىبىلىرى ۋە بەدىئىي غايىسى ئۇلارنىڭ ئەسىرلىرىگە باشتىن – ئاخىرى ھەمراھ بولىدۇ. ياغۇچى گىې فىي «پروزا بايانچىلىقى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ كۆرىسىتىدۇ:«بىرنىڭ قارىشىمىزچە، يازغۇچىنىڭ بىر ئۆمۇرلۇك ئىجادىيىتىدە بەلكىم بۇ خىل مۇناسىۋەت مۇقەررەر مەۋجۇت بۇلىدۇ. ھەرقايسى دەۋىر لەردىكى ئوخشىمىغان ھېكايىلەردىمۇ بىر ئاساسىي ‹يادرو›ساقلانغان بولىدۇ.بۇنى يازغۇچى ئاڭلىق،مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بارىدۇ دېگەندىن كۆرە، ئۇ بىرخىل ئاڭسىزلىقنىڭ مەھسۇلى دېگەن تۈزۈك. يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىتىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرنىڭ بىرى،يېزىقچىلىق ئارقىلىق،قەلبىگە يۇشۇرۇنغان مەلۇم مەقسەت مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.بەلكىم،يازغۇچى بۇ خىل ۋەزىپىنى  تۇلۇق ئۇرۇنلاپ كېتەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن،لىكىن بۇ خىل تىرىشچانلىق يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ئارىسىدىكى بەزى ئۈزۈلۈپ،بەزىدە ئۇلىنىپ تۇرىدىغان زىنجىرسىمان لىنيەنى شەكىللەندۈرىدۇ. يازغۇچى مانا مۇشۇ زەنجىر ئارقىلىق،ئۆزى ياشاپ تۇرىۋاتقان دۇنياغا(تارىخنىمۇ ئۆز ئىچىگەئالىدۇ) بولغان پوزىتسىيەسىنى،ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ مۇل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ». باغراشمۇ بىر يازغۇچى بولۈش سۇپىتى بىلەن بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىجادىيەتتە باغراشنىڭ بىرقانچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى، مۇقەررەر ھالدا ئۆزىنىڭ پروزا مەنزىرسى شەكىللەندۇرۇشنى مەخسەت قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ پروزا مەنزىرسىنى سالماقىلىق ، ئنچىكىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سىزدى.ئۇ خەلقىمىز ئىچىدىكى ئەپسانە –رىۋايەتلەرنىڭ رولىدىن ئۇنۇملىك پايدىلنىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىيئىجادىيەتتىكى  پروزا مەنزىرىسىگە رەڭ بەردى. باغراش بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ئەپسانە-رىۋايەت مۇشۇ مىللەت يوقالغۇچە بىز بىلەن بىرگە ماڭىدۇ. مىنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن پايدىلنىشىم ئەجداتلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ۋە تەپەككۇر شەكلىنى ئۆگىنىش ھەم شۇنىڭ ئۇچۇن خىزمەت قىلىشدۇرۇش. مەدەنىيەتىنڭ ئەڭ ئەخىرقى تەرەققياتى ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي ھالىتىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، ئەدىبىياتمۇ شۇنداق. ئەپسانە- رىۋايەتلەردىن ئوخشىمىغان ئاپتۇرلار ئوخشىمىغان ژانىرلار ئۇچۇن، ئوخشىمىغان شەكىللەردە پايدىلنىدۇ. ئۇ پەقەت ئەدەبىياتىمىزغا قان تۇلۇقلايدۇكى، ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇكى،ھەرگىز كونىراپ قالمايدۇ. بىزنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىمىز ھېچقاچان مەلۇم زامان بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ شۇنداق كەڭلىككە ئىگە، ماكاننىڭ چېكى يوق، زاماننىڭ چېكى يوق. ئۇ قايسى بىر دەۋىرگە تەۋە نەرسە ئەمەس،ئۇ مەڭگۇلۇك نەرسە، مەڭگۇ ئۆلمەيدىغان نەرسە. ئەگەردە يازغۇچىنىڭ تەپەككۇرى ئەنە ئاشۇ پەللىگە يىتەلىسە، ئۇ يازغۇچى كاتتا يازغۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.‹مېنىڭ ئەسەرلىرىمىنىڭ ئاڭ چوڭ مۇۋاپپقىيتى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىش ،ئۇلارنى چىقىرۋەتسە ئەلۋەتتە رازى بولمايمەن›»⑩. باغراشنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىشى، ئۆزىگە خاس بولغان ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوخشاش  ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشنىڭ، سىناق ۋە مۇۋاپپەقىيتنىڭ ئەمەلىيەت جەريانى. مانا بۇ باغراشنىڭ تاللىشى. شۇنداقلا ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىشى، ئۆزلۈكسىز تىرىشىشى، جاپالىق ئەمگىكى. بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنى باغراش ئىجادىيەت مۇۋاپىقىيتىدىكى  توختاۋسىز ئىزدىنىشنىڭ  نەتىجىسى دېرىشكە بۇلىدۇ.






ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:
①⑦⑨⑩پرۇفېسسۇرئازات سۇلتاننىڭ يىتەكچىلىكىدە 2007-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ  ماگىستىر ئاسپىرانىتلىرى بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىرى مۇھەممەت باغراش بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بارغان. بۇ شۇ قېتىملىق سۆھبەت خاتىرسىدىن ئېلىندى.
②③④⑤⑧ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي(73-77-66-120-122-بەتلەر).
⑥ئازات سۇلتان:«بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1997-يىل 4-ئاي(346-347-348-349--350بەتلەر ).
⑩مۇھەممەت باغراش:«يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ 10يىلى ۋە مەن»،تارىم،1989 -يىل2-سان.
⑪گې فېي:«پروزا بايانچىلىق نەزىرىيىسى»،چىڭخۇا ئۇنىۋىرىسىتىتى نەشىرىياتى،2002-يىل نەشىرى،59- 60-بەت.

پايدىلانمىلار:
①مۇھەممەت باغراشنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھېكايە-پوۋېستلىرى.
②پرۇفېسسۇرئازات سۇلتاننىڭ يىتەكچىلىكىدە 2007-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ  ماگىستىر ئاسپىرانىتلىرى بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىرى مۇھەممەت باغراش بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بارغان. بۇ شۇ قېتىملىق سۆھبەت خاتىرسى.
③ئازات سۇلتان:«بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدا»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1997-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى. (346-348-350بەتلەر ).  
④ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدىرىھىملار تۇزگەن« ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى»ئالىي مەكتەپلەر دەرىسلگى،شىنجاڭ پەن-تىخنىكا سەھيە نەشىرىياتى،2002-يىل 9-ئاي،1-نەشىرى.
⑤ئازات سۇلتان باشچىلىقىدا تۇزۇلگەن:«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى».4-توم2-كىتاب1-نەشىرى.
⑥ئارزۇگۈل،شادىيە،گۈلشەنلەر تەييارلىغان«بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىك»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2000-يىل1-ئاي،1-نەشىرى.(78-82-85)







رېئالىزىمدىن «ماناس»قا نەزەر

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ئۇستازلار،تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىلەر ياخشىمۇ سىلەر!
مەن بۈگۈن ئانا مەكتىۋىم شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىدا ئىسانىيەتنىڭ غەيرى مەدىنىي مىراسلىردىن بولغان «ماناس» داستانىنىڭ قۇتلۇق تويىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكىدەك مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆپچىلىك بىلەن جەم بولغانلىغىمدىن ھەم ماقالە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلغانلىقىمدىن ئۆزەمنى تولىمۇ بەخت ئىلكىدە ھىس قىلماقتىمەن. ئەسەرنىڭ ئانا تىل نۇسخىلىرىنى كۆرۇپ چۇشىنىش سەۋىيىسىگە ئىگە بولالمىغان بولساممۇ، لىكىن  ئۇزغالچا قىدىرباينىڭ قىرغىزچە شېئىرى شەكىلدىن ئۇيغۇرچە نەسىرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغان نۇسخسىنى رېئالىمنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۇپ ھىس قىلغان بۇ ھەقتىكى ئاددىي قاراشلىرىمنى ئۆتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
ھەمممىگە مەلۇمكى ھەرقانداق نەزەرىيۋى يەكۈن ئەمىلىيەتتىن كېلىدۇ. رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ «رېئالىزىم» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدىن ۋە بۇ ھەقتىكى نەزەرىيۋى خۇلاسىلەردىن خېلىلا ئىلگىرى باشلانغانىدى. ياۋرۇپادا ئەڭ دەسلەپكى رىئالىستىك ئەسەر ھومىرنىڭ «ئودىسسا» ناملىق ئېپوسى ھىسابلانسا، خەنزۇ ئەدىبىياتىدا رىئالىسىت ئەدىبىياتنىڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرى «نەزمىنامە» بۇلۇپ ھىسابلاندى. ئۇيغۇر ئەدىبىياتى يەنى تۇر*كىي تىللىق مىللەتلەر ئەدىبىياتىدا رېئالىزىملىق ئىجادىيەتنىڭ باشلىنىشىمۇ ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەرگە بېرىپ تۇتىشىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغزاكى  شەكىل بىلەن ئىجاد قىلغان ۋە تارقاتقان قەدىمكى دەۋىرلەردىكى  ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا بېغىشلانغان قوشاقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن Ⅸ ئەسىر ئىلگىرىلا دۇنياغا كەلگەن «تۇر*كىي تىللار دىۋانى» غا كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋىلىشقا بۇلىدۇ. دىمەك «رىئالىزىم» دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئەدىبىيات ئەمىلىيتىدىن خېلىلا كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. رېئالىزىم دىگەن بۇ ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم گىرمانىيەلىك شائىر شېللىر تىلغا ئالغان. ئۇ 1795-يىلى يازغان «ساددا شېئىر ۋە ھەسرەتلىك شېئىر» دىگەن ماقالىسىدە، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى «ساددا شېئىرلار» بىلەن « ھەسرەتلىك شېئىرلار» نىڭ ئورتاقلىقى ۋە پەرىقلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق شەرھىلىگەن. فىرانسىيە ئەدىبىيات –سەنئەت نەزىرىيەچىسى شافېللى 1850-يىلى يازغان «سەنئەتتىكى رىئالىزىم» دىگەن ماقالىسىدە، فىرانسىيە رەسسامى كوبىرنىڭ رەسىملىرى ئۈستىدە توختىلىپ، رىئالىزىمنى بىر خىل ئېقىم ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.ⅩⅪـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدا روسىيىنىڭ ئاتاقلىق ئەدىبىي تەنقىدچىلىرىدىن بېلىنىسكىي،چېرنىشېۋىسكىي،دوبروليوبوفلار رېئالىزىم چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇدى. ماكىسىم گوركىي ئۆزىنىڭ « ئەدىبىيات توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە:« ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىسىدىن  ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئېلىش بىلەن بىللە، ئۇنى ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلەپ كۆرسەتسەك، رىئالىزىمغا ئىگە بولالايمىز» دەپ كۆرسىتىپ، رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى رېئاللىقنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس- ئەتتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ئۆتتۇرىغا قويغان.
مېنىڭچە،«ماناس»تىكى رىئالىزىملىق ئۇسۇلىنى تۇۋەندىكىدەك نۇقتىلار بويىچە كۆرۇپ ئۆتىشكە بولىدۇ.
1.«ماناس»تا ئەكىس-ئەتتۇرۇلگەن بەدىئى مۇھىت رىئاللىققا سادىق بولغان ئاساستا بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رىئال تۇرمۇش كارتىنىسى سىزىپ چىققان. ئەسەردە ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە ... قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ مۇۋاپىق دەل جايىدا قوللىنىلغانلىقى ئەسەر بايان تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەسەردىكى رېئال مۇھىت ۋە رېئال پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغان.  
مەسىلەن:« شۇ چاغلاردا قارا خىتاي-قالماقلارنىڭ ئالوكە دېگەن خانى بار ئىدى... ئۇنىڭ ئوڭكۇردەك قاپىقىدىن قار، قازاندەك قارا تۈكلۈك يۈزىدىن شىۋىرغان، قېلىن كالپۇكلىرىدىن ياۋۇزلۇق يېغىپ تۇراتتى»①. ئۇ يەنە ئورازدۇخاننىڭ ئۆلگەن خەۋرىنى ئاڭلىغاندا « ئۇنىڭ كۆزلىرى قۇدۇقتىكى سۇدەك پارقىراپ كەتتى»②.
يۇقارىقىدەك ئوخشىتىش ۋە جانلاندۇرۇشلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىنتايىن زالىم، قارا نىيەت، ياۋۇز تاجاۋۇزچى خان ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت خاراكتىرى ناھايىتى جانلىق ھەم مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىپ بىرىلگەن. ۋەھشىي قالماق قالدايلىرى قىزغىلارنى باستۇرۇپ تالان-تاراج قىلغاندىن كىيىن، ئۇلاردىن بىر خاقاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىپ، خەلىقنى قارىتىپ تۇرۇپ ھامىلدار ئاياللارنىڭ قوسىقىنى يىرىپ، ئەمدى تۇغۇلغان بۇۋاق بالىلارنىڭ بالقانلىرىنى تىلغانلىقى، ھامىلدار بولمىغان ئاياللارنىمۇ تۇغمايدىغان قىلىۋەتكەنلىگىدىن ئىبارەت ۋەھشىلەشكەن زالىملىقىنى ۋە شۇ خىل مەنزىرىنى بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە تۆۋەندىكىدەك ئوخشىتىشلار ئارقىلىق جانلىق يۇرۇتۇپ بىرىلگەن. مەسىلەن:
«كۆرگەنلەرنىڭ يۈرەكلىرى تۇرماق،جىگەرلىرى داغلىنىپ تۈتەپ كەتتى. ياش بالىلار چۈجە قۇشتەك چىقىراشتى، بوتىدەك بوزلاشتى. ئاياللار ئالا قاغىدەك چۇرقۇراشتى، چىل بۆرىلەردەك ھۆۋلاشتى. ئەرلەر ئۆكۈزدەك ھۆركىرىشىپ، يەرگە يېتىپ ئېغىناشتى...»③.
ياقۇپ ئايالىم تۇغىدىغان بولدى دەپ خۇشال بولۇپ تۇغاندا تۇغۇت ئانىسى مۇماي بۇۋاق ئەمەس، بەلكى يۇپ-يۇمىلاق كۆك بىر تۇلۇم ياتقىنىنى كۆرىدۇ. ئەتراپتا تۇرغانلارمۇ ھەيران بولغىنىدىن ياقىسىنى تۇتقان پېتىچە كۆزلىرىنى پارقىرتىپ تۇرۇپ قالىدۇ. ياقۇپ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى بىر خۇشاللىقنى ساقلاۋاتقان ياقۇپ بۇنى كۆرۇپ يىغا زار قىلىپ تەڭرىگە نالە قىلىشقا باشلايدۇ.
«ياقۇپنىڭ يىغىسىغا تاغ-تاشلارمۇ چىدىيالماي گۈرۈلدىدى، يايلاقلاردىن ئۇشقىتىپ بۇران چىقىتى...»④.
  بۇ بەدىئىي ۋاستىلەر يەنى بۇ يەرە قۇللىنىلغان جانلاندۇرۇش ياقۇپنىڭ بۇ ۋاقىىتىكى ھىسياتىنى تېخىمۇ جانلىق يۇرتىپ بەرگەن.
يۇقارقىلارغا ئوخشاش بەدىئىي ۋاستىلەردىن يەنى مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق قۇللىنىلىشى «ماناس» نىڭ ئىپادىلەش كۆچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. مەسىلەن:
«باق دۆلەت ئالدىرىغىنىدىن ئۆزىنىڭ بىر يېڭى كۆڭلىكىنى تېپىپ كەلدىدە، بالىنى ئوراپ يەردىن كۆتۇرمەكچى بولغانىدى، بىراق كۆتۈرەلمىدى. ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىنى كۆتۈرەلمىگىنىگە نۇمۇس قىلىپ، يەنە قاتتىق كۈچەنگەنىدى، پۇتلىرى ئىگىلىپ، قۇۋۇرغىلىرى غاراسلاپ، ئومۇرتقىلىرى غىچىلاپ  كەتتى...»⑤.
«بالا يەنە قاتتىق يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى گولدۇرمامىدەك چىققاتتى... بۇلاقلار ئېگىزلىككە ئېتلىپ چىقتى، يەر تەۋرەپ، تاغلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە تاس قالدى»⑥.
«ئوڭ-سولغا بىرىن شىلتىقاندا ئىككى يۈزدەك باشىنى ئالىدىغان، گەۋدىسىگە ئۇرۇلسا زېلىم بىلەن باشنى يارىدىغان، باشنى ئەمەس تاشىنى يارىدىغان، تۆمۈرنى ياغاچتەك توغرايدىغان، چاپقاننى كەسمەي قويمايدىغان، ئۇرۇش كۇنى ئۇزىرايدىغان، ئۇچى چوغدەك قىزىرىدىغان، غىلپىغا سالغاندا يەتتە غېرىچ قىسقىرايدىغان، غىلىپىدىن ئالغاندا قىرىق ئەرشىندەك ئۇزىرايدىغان، تشنى خېمىردەك كىسىدىغان ...»⑦.
رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ تۇقۇلما ۋە مۇبالىغىلەرنىڭ بولۇشىنى چەتكە قاقمايدۇ. «گىيوتىنىڭ سوھبەت خاتىرىلىرى»دا ئۇنىڭ مۇنداق بىر سۆزى خاتىرىلەنگەن:« سەنئەتكار بەزى دېتاللارنى سۈرەتلىگەندە ئەلۋەتتە تەبىئىيلىككە سادىق بولۇشى، تەبىئەتكە تەقلىق قىلىشى لازىم... بىراق بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كەلگەندە، بىر پارچە رەسىمنى ھەقىقىي بىر سەنئەت بويۇمى قىلىپ چىقىرىش ئۈچۈن سەنئەتكار توقۇلمىغا مۇراجئەت قىلىپ ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلسا بولىدۇ». بىز ھەرقايسى ئەللەر ئەدىبىياتىغا قاراپ باقىدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىنجىلىرى ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەسىلەن: ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇشۈننىڭ «ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، بازۇڭ بېگىمنىڭ قولىدا تۆمۇرنىڭ  سۇنۇقى بولمىغان ئا Qنى تۇتۇش ئۇچۈن بىر توپ ساقچى ۋە ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىگى، ئۇلارنىڭ بىرى ئا Qنىڭ ئىشىكىگە پىلىمۇتنى توغرىلاپ قويغانلىقىلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئېنىقكى، بۇ يەردە مۇبالىغە ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بۇ ھەقتە لۇشۇن ئەپەندى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دىگەن:« مېنىڭچە تېخى‹ ئا Qنىڭ رەسىمىي تەرجىمھالى›غا بىر ئارىلاشما بېرگادا ۋە سەككىز دانە مىنامىيۇتنى قوشۇپ قويساقمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن». بۇ ئارقىلىق لۇسۇن ئەپەندى توقۇلما ۋە مۇبالىغىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۇرۇپ بەرگەن. بىز يۇقارىقىدەك نەزىيە ۋە ئەملىيى ئىجادىيەتنىڭ  كىىسىشمىسىدە تۇرۇپ رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن «ماناس»نى تەكشۇرگەندە، ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە ... قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ  ئەسەردە دەل جايىدا ھەم مۇۋاپىق ئىشلىتلگەنلىكى «ماناس»نىڭ رېئالىستىك ئالاھىدىلىگىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينىغان.  
2. «ماناس» دا تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى چىنلىق بىلەن يارىتىپ چىقىلغان. «ماناس» نىڭ بىرىنچى بابىنىڭ بېشىدىلا  يىنسەي ۋادىسىگە دەششەتلىك كېزىك كېسىلى تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئۇلۇپ مال- ۋارانلارنىڭ ئىگىسىز قالغانلىقى، بۇ كىسەل ئورازدۇرخانغىمۇ يامىشىپ خاننىڭ قېرىلىققا يەتمەيلا ئۇلۇپ كەتكەنلىگى،  يىغازارە قىلىپ ئۇلۇغ خاننىڭ ئۆلۈمىنى  ئۇزاتقانلى بىلەن ئەسەر باشلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئورازدۇرخان ھەرقانچە ئۇلۇغ خان بولىسمۇ ئەسەردە ئۇ يەنىلا ئىسان سۇپىتىدە يارتىلغان، يەنە ئۇ ئىنسان تەبىئەتلىك بىر پىرسۇناژ. شۇڭا ئۇ باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش كىسەك بولىدۇ ھەم كىسەل سەۋەبلىك ئاددىي پۇقرالار بىلەن ئوخشاش كىسەلگە چارىسىز ئۈلۈپ كىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئا.پ.چىخوف «چىخوپ ئەدىبىياتى توغرىسىدا» دىگەن ئەسىرىدە رىئالىزىملىق ئەدىبىيات « تۇرمۇشنى تۇرمۇشنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن تەسۋىرلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەتسىز ۋە ئۇچۇق –ئاشكارە چىنلىقتۇر» دەپ ئېيىتقىنىدەك. ئەسەرنىڭ بېشىدىلا قوللىنىلغان، چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغان رىئال مۇھىت ۋە رىئال پىرسۇناژلانى ئوبرازى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ «قۇيۇق ھىدى» ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەردە يارتىلغان رېئال مۇھىتقا  باشلاپ كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسەردىكى پىرسۇناژلار سىھىرلىك ياكى غايىبانە  تۇستە ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ساقلىنىپ، ئۇلارنىڭ خاراكتىرى رىئال مۇھىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلگى بويىچە ھەركەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ياقۇپ باينىڭ پۇلغا ئامراقلىقى، ئارزۇ قىلىپ ئىرىشكەن ئوغلىنىڭ كۆتكەن يىرىدىن چىقماي پۇل دۇنياسىنى بۇزۇپ چىچىشى، ئۇنىڭ ئوغلىدىن نارازى بولشى ، بېخىللىغى تىپ مۇھىت ئىچىدىكى تىپىك پىرسۇناژلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىئالۇگلىرى ئارقىلىق يۇرتىپ بىرىلگەن بولغاچقا ئەسەرنىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاشۇرغان. مەسلەن:
«ھازىرقى بالام چوڭ جىندى مېنىڭ كۈتكىنىمدەك چىقمىدى ئاران يىغقان مېلىمنى ھەر كۈنى بۇرۇپ –چېچىۋاتىدۇ! قانداق قىلارمەن خالايىق! يۇقىتاي دىسەم ئۆز بالام، يوقايماي دىسەم دۇنيا-بايلىقمنىڭ بېشىغا چىقىدىغان يالماۋۇز بولدى...»⑧.
«ماناس» نىڭ ئۆسۇپ يىتىلىش جەريانى دادىسنىڭ ئارزۇسى بويىچە پۇل-مال خۇمار بولماستىن، بەلكى كىچىكىدىنلا جىدەل خۇمار، قەيسەرلىكنى، باتۇرلۇقىنى سۇيىدىغان، مال دۇنيانى دوست تۇتىمايدىغان ئۆزىنىڭ خاراكتىرى ئالاھىدىلگى بويىچە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن:
«... جىدىلىدىن جان چىقىتى، تۇتقىدىن قان چىقتى. ئاۋۇلدىكى ھەمممە بالىلارنى قورقىتىپ، ئۇرۇپ سوقۇپ بويسۇندۇرۇپ گېپىنى ئاڭلايدىغان قىلدى... ھەركۈنى جەڭگە جىدەل كۆپەيدى... بەزىلەرنىڭ پۇتىنى سۇندۇردى، بەزىلەرنىڭ قولىنى يۇلۇۋالدى، بەزىلەرنىڭ قۇلىقىنى ئۈزۈۋالدى...».
«چوڭ جىندى( ماناس) يىلقىچىلار بولسۇن، ئەتراپىدىكى پۇقرالار بولسۇن ـــ قىيىنچىلىقى بارلىكى ئادەملەرگە يىلىقىلاردىن تارتۇق بەردى، خالىغانچە ئۆتىنىگە بېرىپ ، خالىغىنىچە خەجلىدى».⑨
«ماناس»تا يەنە قىرغىزلارنىڭ ئەنى ۋاقىتتىكى دۇشمىنى بولغان قالماقلارنىڭ كۆكتەي ئاتلىق قوماندان باشلىقى بولۇپ، ئۇ نەچچە ئون مىڭ لەشكىرىنى يېغىپ ماناسنىڭ باشچىلىقىدا ئورازدۇ (قىرغىزلارنىڭ ئىلگىرىكى خانى)نىڭ توغى قايتا تىكلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايىتى غەزەپلىنىپ،ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇرۇش قىلىش ئۇچۇن يامغۇرچىغا (قىرغىزلارغا) ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى جەڭگە چارقىرىدۇ. ئۇ ناھايىتى زەبەردەست، پالۋان ئادەم بولۇپ جەڭ قىلىپ نۇرغۇن پالۋانلارنى يېڭىۋالغان، لىكىن ئۆزى بىر قېتىممۇ يېڭىلىپ باقمىغان.
«...مەن ئۇلارغا قىلىچىمنىڭ تەمىنى بىر تېتىتىپ قوياي، ئۇلار مىنىڭ قىلىچىمنىڭ ئىتتىكلىگىنى ئۇنتۇپ قېلىشپتۇ، بالدۇرقى بىچارە ھالىتىنى سېغىنىشقان ئوخشايدۇ!»⑩.
« كۆرەڭلىگەن بۇرۇتلار خۇدىنى بىلىپ، بۇرۇنقىدەك تىنىچ پۇقرالىقنى قىلىپ، منىڭ ھۆكۈمۈمگە بويسۇنسۇن. ئەگەر دومبىلىرى قىچىشىپ قالغان بولسا، مەرھەمەت. ئۇرۇشىدىغان جايىنى تاللىسۇندە، قېلىچ-نەيزەمنىڭ بىسىدىن ئاغرىنمىسىۇن! ئۇۋال-ساۋابنى ئۆزىدىن كۆرسۇن... »⑪.
يۇقارىقى كۆكتەينىڭ تىلدىن ئۇنىڭ تەلۋەلارچە مۇشتۇمزورلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. تۈۋەندىكى بايان ۋە پىرسۇناژ تىلى ئۇنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرنى تېخىمۇ ئېنىق ئېچىپ بەرگەن.
«قەھرىلىك كۆكتەي قالماقلاردىن چىققان تەڭداسسىز باتۇر ئىكەن، ئۇنىڭ قالقىنى دۇمبىسىدە غالدىرلاپ، ئۇزۇن پۇتى ئۇزەڭگىدىن ساڭگىلاپ، قارا تىللىق قارا گاڭدىن سوقۇلغان نەيزىسىنى تۇتۇپ، قەۋەت-قەۋەت تۆمۈر كىيىملەرنى كىيگەن...»⑫.
  « ھەي قىرغىزلار، مانا سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن باتۇرۇڭلار! ھالىڭلار مۇشۇمىدى؟ ئەگەر سەنلەر  مېنىڭ بىلەن سوقۇشىدىغان نىيتىڭلار بولسا، ئانچە-مۇنچە قول قىچىقىمنى چىقارغۇدەك ئادەم چىققىرىڭلا! بولمىسا بىكاردىن-بىكار ئاۋارە بولۇشماي، قۇرۇقتىن-قۇرۇق داۋاڭ سېلىشماي، ئالدىمغا كېلىپ تىز پۈكۈپ تەسلىم بولۇڭلار!»⑬.
جەڭگە كىرگەندە ئۇ جەڭدە سەمەتنى يېڭۋىلىپ خۇدىنى بىلمەي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلايدىغان، مەمەددانلىغى  قۇزغىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۇرۇشخۇماي، دۇشمەنلىرىنى كۆزگە ئېلمايدىغان، پىرسۇناژلار خاراكتىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق ، ئوبرازلىق يارتىلغان. «ماناس»تا ئىجابى پىرسۇناژ قەھرىمان ماناسنىڭ ئوبرازى ياكى قىرغىزلارنىڭ پىرسۇناژلار ئوبرازنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىپلا قالماي، بەلكى «ماناس»تىكى سەلبىي پىرسۇناژلاردىن ئۇلارنىڭ رىقىبلىرى بولغان قالماقلار ۋەياكى ئۇلارنىڭ باشقا دۇشمەنلىرىنىڭمۇ پىرسۇناژلار ئونرازىنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك يارتىلىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن.
رېئالىستىك ئەسەرلەردە يارتىلغان سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازلىرىمۇ ئۆزلىرىگە تۇرمۇش رىئاللىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرى تۇرمۇش ئەمىلىيتىدىن ئېلىنغان بولغاچقا كىشىگە «سۇنئىي»ۋە «ياسالما» تۇيۇلمايدۇ. رېئالستىك ئەسەرلەردىكى پىرسۇناژلارنىڭمۇ نۇمالسىز كەيپىياتى ۋە روھىي ھالىت، غەلىيتە قىلىق، غەرىي ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. مەسىلەن:ⅥⅩ-ⅦⅩ ئەسىردىكى ئىسپانىيىنىڭ مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچىسى سېرۋانتىسنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى دونكىخوت ئەنە شۇنداق پىرسۇناژ ئىدى. بىز «ماناس»تا بىرىنچى بابىدىلا تىلغا ئېلىنىدىغان قالماقلارنىڭ خانى ئالوكە، قالماقلارنىڭ لەشكەر قوماندانى دىۋەخان، قالماقلارنىڭ قەھرىلىق تەڭداشسىز پالۋانى كۆكتەي، شورۇقخان، تۇز كور ۋە قار نىيەت ئاتا-بالا كۆز-قامان بىلەن كۆكچە كۆز... قاتارلىق پىرسۇناژلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن بۇ خىل ئامىللار روشەن كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
ئېنگىلىس ئېيتقاندەك:« رىئالىزىمنىڭ مەنىسى، دىتاللارنىڭ چىن بۇلۇشىدىن تاشقىرى، تىپىك شارائىتتىكى تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس-ئەتتۇرۇشتۇر»⑭.  رىئالىزىملىق ئەسەرلەر مۇئەييەن پىرىنسىپ، گوروھ ياكى مەلۇم دەۋىرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس-ئەتتۇرگەندىن سىرت، يەنى پىرسۇناژلار تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرىدىغان ئىجتىمائىي، تارىخىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى يۇرتۇپ بېرىشى، پىرسۇناژ، مۇھىت ۋە دەۋىرنىڭ بىرلىكى ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسىنى كۆرسىتەلىشى كېرەك. «ماناس»تا ماناس، كۆكتەي، يامغۇرچى، شىغايباي، كۆكچە كۆز، قارماناپ، كۆكۆتۆي، ئاي جاڭجۇن... قاتارلىق بىرتۇر*كۈم بەدىئىي ئوبرازلارنى ماھىرلىق بىلەن يارتىپ بىرىلگەن. بۇ ئەملىيەتتە ئەسەردە تىپىك مۇھىتتىكى، تىپىك پىرسۇناژلار خاراكتىېرىدىكى سىنىپىي، دەۋىرى ۋە ئىجتىمائى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يۇرۇتۇلىشى ئۇلارنىڭ تىپىك خاراكتىرىنى شەكىللەندۇرۇش تىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ بەدىئىي  تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ  ئىپادىسى. بۇ خىل تىپىك مۇھىتىتىكى تىپىك ھېسيات، تىپىك كەيپىيات، تىپىك تەسرات قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەينى دەۋىر تۇرمۇشنىڭ ماھىيتى ۋە قانۇنىيتى ئەكىس-ئەتتۇرۇپ بىرىش مەخسەت قىلغان. «ماناس» تىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن تارىخي چۇڭقۇرلۇقلىرى ، ئۆزىنىڭ خاراكتىرچىنلىقى بىلەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بەدىئىي پىرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق يارتىلغان بۇلۇپ، مۇناسىپ ھالدىكى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش، پىسخىك ئادەت، مىجەز-خولۇققا ئىگە. ئۇلار ئەسەر ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆز خاراكتىر بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. رېپىن:« قەھرىمانلار نىڭ ھەممىسىنى ‹بىغۇبار سۇزۇك ئاسمان›دەك قىلىپ سۈرەتلىمەسلىك كېرەك. ئۇستا سەنئەتكارلار ئۆز قەلبىدە چوقۇنىدىغان قەھرىمانلىرىنى نۇرانە قىلىپ تەسۋىرلىمەستىن، بەلكى تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ قىياپىتى بۇيىچە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ‹سەت يېرى›ۋە ‹تارتۇق›لىرىنى يۇشۇرمايدۇ»⑮ دەپ ئېيتقىندەك، ماناس، يامغۇرچى، شىغايباي، كۆكچە كۆز، قارماناپ، كۆكۆتۆي، ئاي جاڭجۇن... قاتارلىق پىرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ يارتىلىشى ئەسەرنىڭ بايان تىلىدا چۇشەندۇرۇش ياكى تەرجمىھال ئۇسۇلىدا ئەمەس بەلكى ئەسەردىكى رېئال تپىك مۇھىت ئىچىدە ئەركىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆزنىڭ سۆز- ھەركىتى، خاراكتىر ئالاھىدىلىگى بويىچە  ئوتتۇرىغا چىققان.
مەسىلەن: ماناسنىڭ دۈشمەنلىرىدىن بولغان كۆكچە كۆز بىلەن دادىسى كۆز قامان ماناسنى                                           قەستلەپ ئۆلتۇرمەكچى بولىدۇ. بۇنى خانىكەي ئاڭلاپ قىلىپ ماناس قا دەيدۇ. ماناس بۇ ئەھۋالنى بىلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئالدىدىن تەدبىر قوللانمايدۇ. ھەمدە قاراملىق كۆز قاماننىڭ  تەكلىۋى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا بارىدۇ. زەھەر سىلىنغان ھاراق قۇيۇلۋاتقاندا خانىكەي ئالدىن پىلانلاپ ئەۋەتكەن ياساۋۇلنىڭ چاقىرىشى بىلەن ماناس بىر قېتىملىق بالا-قازادىن ئامان قالىدۇ. كۆز قامان ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەۋەتكەن ھاراقتىن راستىنلا زەھەر چىقىدۇ. لىكىن ماناس ئەتىسى ئەتتىگەندە بىخارامان داقا-دۇمباق چىلىپ ئوۋغا ماڭىدۇ. كۆز قامان ئاققۇلانى قالدۇرۇپ باشقا ئاتلارنى ئېلىپ قېچىپ كىتىدۇ. ماناس بۇنىڭ بىرەر سەۋەبىنى ئويلاشماي ئۆزى يالغۇز ئاق ئولپۇق توننىمۇ كىيمەي، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنىمۇ تاقىماي قاراملىق بىلەن دۇشمەننى قوغلاپ ماڭىدۇ. نەتىجىدە دۇشمەننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ يارلىنىدۇ.⑯
دىمەك، دوستويېۋىسكى:« بەدىئىي كۆچ چىنلىقتا ۋە ئۇنى يارىقىن ئەكىس ئەتتۈرۈشتە نامايان بولىدۇ. بەدىئيلىك ئەسەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدا، ئوبرازلىرىدا ئۆز پىكىرىنى شۇ دەرىجىدە يارقىن ئىپادە قىلىش قابىلىيتىدىكى، يازغۇچى يېزىۋىتىپ قانداق ئۇيلىغان بولسا، ئوقۇغۇچى ئۇقۇۋىتىپ ئۇنى شۇنداق چۈشىنىدىغان بولسۇن»⑰ دەپ ئېيتقىنىدەك،  ماناس ھەرگىز غايىۋى، سىھىرلىق ئادەم ئەمەس. ئۇ ئۆزىگە خاس مۇھەببەت- نەپرەت، ئارتوقچىلىق-ئاجىزلىق، قەيسەر، باتۇرلۇق بىلەن بىرگە كالتا پەملىك، ئادىراڭغۇلۇق، قىزىقىقانلىق، تېڭىرقاشدەڭ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىق  ۋە ئاجىزلىقلىرى زىچ گىرەلەشكەن. ماناس نىڭ ھەمىشە دۈشمەنگە نەپرەت بىلەن كەڭ قوساقلىق،جەڭگۇۋارلىق بىلەن قاراملىق، ئالدۇراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاڭ، ئىككى خىل پۇزىتسىينىڭ تۇقۇنۇشى ئىچىدە تۇرىدۇ. مەسىلىلەرنى كۆزەتكەندە نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرگە يول قويغانلىقىنى غۇۋا سەزسىمۇ، بىراق مەسىىلىەرنى ئۈزۈل- كىسىل ھەل قىلىۋەتمەيدۇ ياكى ئۆزى قىززىقانلىق بىلەن تەدبىر كۆرىدۇ. لېكىن، رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغاچقا ئۇ بەزىبىر ئاۋارىگەرچىلكتىن  قۇتۇلالمايدۇ. شۇنىڭغا كىتابخانلار ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ۋە غەلبىسى ئۇچۇن خۇشال بۇلۇپ شادلىنىدۇ، مەدەتتە بولىدۇ. قايغۇسى ۋە پاجىئەسى ئۇچۇن ئازابلىنىدۇ، نەپرەتلىنىدۇ. مېنىڭچە، بۇنى دەل پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ چىنلىق ئاساسىدا يارتىلغانلىقىنىڭ نەتىنجىسى دىرىشكە بولىدۇ.
3. «ماناس»تا تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق ۋە خاسلىق زىچ بىرلەشتۇرۇلگەن. ئېمىل زولا ئېيتقاندەك:« ئەدەبىي ئىجادىيەتتە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئورنىغا  دەسسىيەلەيدىغان ھېچنىمە يوق. ئەگەر يازغۇچىدا بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك بولمايدىكەن،  ئۇنىڭ ئەسەر يازغىنىدىن كۆرە شام ساتىقىنى تۈزۈك»⑱. ماناس داستاننىڭ نەسىرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇلىشى ماھىيەتتە قايتا ئىشلەش ئىجادىيتىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ ئىجادىيەت تارىخي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنى زىچ بىرلەشتۇرۇش، پىرسۇناژلار ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۆزۈپ تەسۋىرلىگەن. كەڭ تارىخىي بىلىملەردىن ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىپ، ئەسەر ۋەقەلىكىگە، پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى بىرلەشتۇرۇپ، چىن بولغان تارىخىي ماتىرىياللار مەنبەسىنى بەدىئىي ئەدەبىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۇرۇپ، رىئال تۇرمۇش ۋەقەلىكىنى ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۈزەتكەن. چىنلىق بىلەن خاسلىق تۇيغۇسى بىر گەۋدىگە ئايلانغان بەدىئىي كۆچ بىلەن ئۇقۇرمەنلەرنى «ماناس»تا يارتىلغان ئەدەبىيات كارتىنىسىغا باشلاپ كىرگەن ھەم ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوقىغا خاس تەپەككۇر بوشلۇقى يارتىلغان.  بىز مەيلى قىرغىزلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈك-ئەركىنلىگى ئۇچۇن مورىنى-مورىگە تىرەپ ، بىر نىيەت-بىر مەخسەتتە ئەقىل-پاراسەتى بىلەن جان تىكىپ جەڭ قىلىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىكى قەھىرمانلىق ئىش-ئىزلىرى بولسۇن، ۋەياكى قالماقلارنىڭ قازاقلارغا ھۇجۇم قىلىشى ياكى ئۆز-ئارا ئىچكى نىزالار بولسۇن بۇخىل ۋەقەلەر تارىخىي چىنلىق  ئاساسىدا يارتىلغان بولغاچقا ئەسەرنىڭ بەدىئىي چىنلىق كۆچىنى ئاشۇرغان. مەسىللىلەرنى ماتېرىيالىزىملىق نوقتىنەزەر بىلەن كۈزىتىلگەن. دېئالىكتىكلىق مېتود بويىچە تەھلىل قىلىنىپ توغرا ۋە ئىلمىي كۆز قاراشلارنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە توغرا بولغانلىقى، مەزمۇنى ۋە ماتىرىيالارنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسەرنىڭ چىنلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە تەتقىقات قىممىتىنىمۇ ئاشۇرغان. نۇقىل ھالدىكى تارىخىي ماتىرىياللارنىڭ دۆۋىسى بولۇپ قىلىشتىن ساقىلىنىپ، بەدىئىي چىنلىق ئىچدە يارتىلغان چىنلىقى كۆچلۈك بولغان سىيوژىت دىتاللىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خاسلىقنى يارىتپ چىقالىغان. ئېنگېلىس:« ئاساسىي پىرسۇناژ مۇئەييەن سىنىپىي خاھىشچانلىقنىڭ ۋەكىلى. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت- پائالىيەتلىرى نوقۇل ھالدا پەقەت شەخسىي ھەۋەس، مۇددىئانىلا چىقىش نوقتىسى قىلمايدۇ. بۇ ھەرىكەت- پائالىيەتلەر ئۇلارنىڭ مەنسۇپ بولغان تارىخىي ئېقىمىدىن كېلىپ چىقىدۇ»⑲ دەيدۇ. «ماناس»تا تارىخ ھەقىقتىنى، ھاياتلىق پەلسەپىسىنى ۋە ئۆتكۈر پىكىر-كۆز قاراشلىرىنى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئوبرازلار ئارقىلىق يۇرۇتۇپ، رىئال تارىخىي قەھرىمانلار پروتوتىپىنى كەڭ بەدىئىي زىمىن ئىچىگە قۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. يەنى بەدىئىي چىنلىق ئارقىلىق تارىخىي چىنلىق ئىچىدىن ماناس، يامغۇرچى، شىغايباي، كۆكچە كۆز، قارماناپ، كۆكۆتۆي، ئاي جاڭجۇن... قاتارلىق پىرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ چىن ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق بىلەن خاسلىقنىڭ زىچ بىردەكلىگى نەتىجىسىدە «ماناس»نىڭ (قىرغىزلارنىڭ) خاسلىقى، كىملىگى يارتىپ چىقىلغان. شۇڭا، رىئالىزىملىق ئۇسۇل بىلەن يارتىلغان تارىخىي چىنلىق، بەدىئىي چىنلىق «ماناس»نىڭ چىنلىقى ۋە بەدىئىي مۇۋاپپىقىيەتلىرىدىن بىرى دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ.
مەن بۇ ماقالەمدە ئازغىنە مىساللار ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىمنىلا ئۆتتۇرىغا قويدۇم. ئۇشۇقچە كۆپتۇرۇپ قويۇلغان ياكى چوڭقۇرلاپ يىتەلمىگەن تەرەپلەرنىڭ بولىشى تەبىئىي ئۇستازلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەنقىدى پىكىرىدە بۇلۇشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۇمىت قىلىمەن.
كۆپچىلىكگە رەھمەت!

ئىزاھاتلار:
①②③④⑤⑥⑦⑧⑨⑩⑪⑫ ⑬⑯ئۇزغالچا قىدىرباي نەشىرگە تەييارلىغان: (قىرغىزچە شېئىرى شەكىلدىن ئۇيغۇرچە نەسىرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغان)، « ماناس»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1993-يىلى،6-ئاي، 460-بەت، 2-بەت، 15-بەت، 41-بەت، 45-بەت، 48-بەت، 146-بەت، 55-بەت، 52-بەت، 54-بەت، 172-بەت،173-بەت،180-بەت، 181-بەت،  45 -بەت،
⑭  ئامانۇللا مۇسا:« ئېنگېلىسنىڭ ئىككى پەلسەپە ئەسىرىگە ئىزاھ»،مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1985-3-ئاي. 36-بەت.
⑮⑰⑱⑲ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر،بارىجان زەپەرتەييارلىغان،«مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991-يىلى9-ئاي،(73-77-66-122-بەتلەر).

پايدىلانمىلار :

①     ئۇزغالچا قىدىرباي: ماناس[M]،بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشىرىياتى،1993،6،(قىرغىزچە شېئىرى شەكىلدىن ئۇيغۇرچە نەسىرى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ نەشىرگە تەييارلىغان)
②     ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، بارىجان زەپەرتەييارلىغان:مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدە ئېيتقانلىرى[M]، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.1991،9،
③     ئابلەت ئۆمەر: ئەدىبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى[M]، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى نەشىرىياتى،2002 ،3.
④     ما.گوركىي: ئەدىبىيات توغرىسىدا[M]، ( ئەدىبىي-تەنقىدىي ماقالىلار)،« شەر*ق ھەقىقىتى» نىڭ نەشىرى، تاشكەنىت ـــ 1957.
⑤  دۇچىڭبڭ: ئەدىبىيات نەزىررىسى ئۇقۇشلۇقى[M]، ئالىي مائارىپ نەشىرىيات 1999 ، (خەنزۇچە)
⑥ دۇشۇچىڭ: ئەدىبىيات نەزىرىسى[M]،خەلىق ئەدەبىيات نەزىرىياتى 2001 ،(خەنزۇخە)






ئابلىمىت ئابدۇراخمان:شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى فىلىلوگىيە ئىنىستىتوتى 2007- يىللىق بۈگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگېستىر ئاسپىرانتى.     QQ:952997070
13899963848 :تېلىفون

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلىمىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-22 00:18  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  766
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 168
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 14:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت،ئىزدىنىشلىرىڭىز نى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم.تېمىلىرىڭىزنىڭ سالمىقى ،كۆپ تەرەپلىمىلىكى پىكىر چوڭقۇرلۇقىغا تېخىمۇ يانداشقاي.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 18:09:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىتمىت مۇئەلىمنىڭ يۇقۇرقى ماقالىلىرى كۆزقاراشلىرىدا،مۇلاھىزىلىرىدە ،پاكىت-دەلىللىرىدە ئىلمىيلىقنىڭ ئىزچىللاشقانلىقى،تەتقىقات مىتودىنىڭ ماكرۇ نوقتىنى ئاساسى يۆنۈلۈش قىلغانلىقى بىلەن يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە ئىكەن.شۇڭا ھەمبەھرلىۋالدىم.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 18:20:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ «ئىزدىنىش ئىچىدىكى ئىزگۈ قەدەملەر» ناملىق ئالدىنقى ئورۇنقى تىزىلغان ماقالە  ئۇيغۇر رومانچىلىقىمىز ھەققىدىكى ئەڭ ياخشى تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ بىرى بوپتۇ.شۈبھىسىزكى مەزكۇر ماقالە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلدىغان «ئۇيغۇر رومانچىلىقى » مۇھاكىمە يىغىنىدا ياخشى تەسىر قوزغايدىغانلىقى ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 18:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى تىز زامانىۋى رىتىم مۇھىتىدا جىمى ئادەمنىڭ ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن،مۇنبەرگە كىرگەنلەرنىڭمۇ  ئۆز غېمى بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقانلىقى چۈشىنىشلىك.شۇنداقتىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى كۆرۈپ قويىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.مۇشۇنداق موھىم ئەسەرلەر كۆزلەردىن چەتتە قالمىسۇن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 5
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 00:36:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىتنىڭ ئىزدىنىشلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1433
تۆھپە : 0
توردا: 271
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-9

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 00:58:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىنىڭ پەقەت مۇھەممەت باغراش توغۇرلۇق يېزىلغان قىسىمىنىلا ئوقۇدۇم. بۇرۇنتىمۇ ھىكايىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم . ماقالىنىڭ باشقا بولەكلىرىنى ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقىمەن .ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ماھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 14:42  


گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2357
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 170
تۆھپە : -2
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 18:35:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قايىل بولغۇدەك ئىزدىنىشلەر ئىكەن . تولىمۇ سۆيۈندۈم . قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 464
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 21:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمرانلىقتا قالىدۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 464
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 21:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

كىتاب ئوقۇمىغان مىللەت گۇمرانلىقتا قالىدۇ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3567
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 16
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 20:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىزدەنگەندە بىراقلا ئىزدىنىپسىز.ئىزدىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

تۇرغۇنجان سېلىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش