كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 5

ئېلىيا بەختىيانى خاتىرىلەيمىز(بوغدا ئابدۇللا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  693
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 77
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 21:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلىيا بەختىيانى خاتىرىلەيمىز

ئېلىيا بەختىيا ۋاقىتسىز كۆچكەن بىر يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ. شۇنداق، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچكىم تولدۇرالمايدۇ.
   ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ھازىر ئويلاپ قارىسام، توپتوغرا 15ياش ۋاقتىمدا ئوقۇغان ئىكەنمەن. بالا ۋاقىتتىكى شېئىرىي تەسىرات ئادەمنىڭ مېڭىسىدە تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈلۈك ئورناپ كېتىدىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان بىر قانچە پارچە شېئىر توپلامىنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
   ئېلىيا بەختىيانىڭ تالانتى نېمىدە؟ ئۇنىڭ تالانتى ھەر قانداق تېمىنى ئاجايىپ-غارايىپ مىسرالار بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىدە  ئەمەس، بەلكى، تولىمۇ تەبىئىي تىل بىلەن سۈزۈك ، نەپىس، ئاددىي ئىپادىلىگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ.      ئاددىيلىق ھەقىقىي مەنىدە چوڭقۇرلۇقتۇر. بۇ تازا دىققەت بىلەن كۆزەتكەندە بۇراتا(برېليانت) تاشقا ئوخشايدۇ. ،. ، ئۇنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان تەبىئىي نۇرىدا ئىلاھىي گۈزەللىك ۋە نەپىسلىك بار،ئۇ ئانا تۇپراق توپىسىنىڭ خاسىيىتى بىلەن  قىممەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن.

    ئېلىيا بەختىيا شېئىرلىرىدا چوڭقۇر رېئال ۋە تارىخىي ھېسسىياتلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئۇ ھەرقانداق تېمىنى ئىپادىلەشتە كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قولى بىلەن تۇتۇپ ئاندىن كېيىن بىر نېمە دەيدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇ تولىمۇ سەزگۈر ۋە ئەستايىدىل، مۇشۇ نۇقتا ئۇنى زامانداش شائىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرىدۇ.
     ئېلىيا بەختىيانىڭ ئۆمرى گەرچە قىسقا بولسىمۇ ،لېكىن شېئىرىي مۇساپىسى بىر ئۇزۇن يول بولۇپ، ھازىر كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ يەتكىنى پەقەت بىرنەچچە چاقىرىمدىنلا ئىبارەت.
بۇ ئەسەرلەرنى چوقۇم ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ھەمدە بۇ جەھەتتە مەخسۇس كەسىپ ئەھلىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش كېرەك.
مەرھۇم ئۇستاز ساۋۇتجان موللاۋۇدۇۋ ئاكا ۋە سونىيات ئەپەندىلەر ئۆز قولى بىلەن نەشىرگە تەييارلىغان ‹‹مېنىڭ بىلەن مۇڭداشقىن›› ناملىق شېئىرلار توپلامى مەرھۇم شائىرنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى، ئۇسلۇبى، ئالاھىدىلىگىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، كەم بولسا بولمايدىغان دەرسلىك.
بىز ئۈرۈمچىدە بۇ گىگانت ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاپ تەق قىلىپ قويدۇق. بۇ كىتاب پات پۇرسەتتە نەشىر ئېتىلسە مەرھۇمنى خاتىرىلەشتە تەقدىم قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىتىمىز بولۇپ قالىدۇ.
    بىز بۇ مەرىكە مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىيا بەختىيانىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى،
ئېلىياشۇناس ۋە ئېلىيابەختىيا ئەسەرلىرىنىڭ قەدرىگە يەتكەنلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: بوغدا ئابدۇللا
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچە
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، ئۈرۈمچى




mukam.cn
bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 22:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ تېما كونا مۇنبەردە ئىدى. شائىر ئىليابەختىيا خاتىرلىنىۋاتقان كۈنلەردە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يۈزىسىدىن، ئىنكاس شەكلىدە بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدىم: ئەمما شائىرنىڭ رەسىمىنى ئىنكاسقا قوشقىلى بولمىدى.

                                                  ئىليا بەختىيا

                               ئەخمەتجان ئىسراپىلوۋ(قازاقىستان)


                                               (1987-1937)

ئۆتكەن ئەسىر تارىخىمىزدىكى ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەر بىلەنلا ئەمەس،بەلكى شۇ ۋەقەلەرگە زامىن بولغان يارقىن شەخىسلەر بىلەنمۇ ئەستە قالدى. ئەمدى بىۋاسىتە ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە ئېيتىدىغان بولساق، ئۇنىڭمۇ بۇ تارىخ كارۋىنىدا ئۆزىگە خاس ئورنى مەۋجۇت. سىياسىي تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي تۈسىدىن قەتئىنەزەر ئۇيغۇر خەلقىمۇ مىللەت سۈپىتىدە ئۆز تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى بېسىپ ئۆتتى.

جۈملىدىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خېلى چوڭ تەرەققىياتقا ئېرىشتى. كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەر يارىتىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇتۇقلار شۇ دەۋردە ياشاپ، ئىجات قىلغان ئەدىبلەرنىڭ نامى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئەنە شۇنداق نامايە ندىلەرنىڭ بىرى تالانتلىق شائىر ئىليا بەختياردۇر. ئۇ 1932-يىلى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئاچنوقا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئاتىسى مولۇت مەسئۇدىدىن بالدۇرلار ئايرىلدى. ھەتتا شائىرى ئۆز خاتىرلىرىنىڭ بىرىدە ئاتىسىنى ئېسىگە ئالالمايدىغانلىقى ھەققىدە يازىدۇ. يەتتە بالا بىلەن قالغان ئۇنىڭ ئانىسى رەۋىشەننىڭ بۇ يۇرتتا يا بىر قېرىندىشى، يا يار-يۆلەك بولغىدەك قاياشىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ يەرگە باشقا يۇرتتىن ئەمدىلا كۆچۈپ كېلىشكەن ئىدى.

ئىليا بەش ياشقا تولغاندا، يەنى 1937-يىلى ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرىدىغان كىچىك دادىسى ئۇنىڭ بىلەن ئاكىسى ئىككىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كىچىك دادىسى ئەر-ئايال مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۇلار ئاكىسىنىڭ چوڭ ئوغلىنى سەمەرقەند پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا، ئىليانى بولسا  مەھەللىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بەردى. مەكتەپ بۇ بالىنىڭ 6-5 يېشىدىلا«ئالپامش» داستانىنى پۈتنلەي ياتقان ئېلىپ بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى بىراقلا 3-سىنىپقا قۇبۇل قىلىشتى. بەلكىم شۇم ئۇرۇش باشلانمىغان بولسا، ئۇنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولارمىدىكىن. ئەپسۇس،  ئۇنىڭ كىچىك دادىسى بىلەن ئاكىسى ئۇرۇشقاكەتتى.ئۇزاق ئۆتمەيلا كىچىك ئانىسىمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ياقا يۇرتتا يالغۇز قالغان گۈدەك تونۇش ئادەملەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا مىڭ جاپالار بىلەن 1941-يىلى تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى، كېيىنرەك«ئۇرۇش بالىلىرى»دەپ نام ئالغان پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەۋلادنىڭ تەقدىرىدىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ دېسەكمۇ، ئىليانىڭ ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن پەرقى چوڭ بولدى.ئەمدى ئىشقا خېلىلا  ئەسقېتىپ قالغان گۈدەك ئانىسى بىلەن يۈرۈپ سوقا بىلەن يەر ئاغدۇردى، ئېتىزغا سۇ تۇتتى، يازدا ئورما ئورۇپ، كۈزدە فرونتقا ئەۋەتىلىدىغان ئاشلىقنى ئىلغا توشىدى.(ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيە تلىرىدىن ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزىلىدىغان ئاشلىق ئىلى تەۋەسىدىكى پورتقا ئاپىرىلىپ، ئاندىن ئىلى دەرياسىدا قاتنايدىغان كېمىلەر بىلەن توشۇلاتتى.-نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن) قىشتا بولسا، چوڭلار بىلەن بىللە تاغدىن ئوتۇن توشىدى. كەلگۈسى شائىر ئەنە شۇلار ھەققىدە قوشاق قاتتى. بۇ قوشاقلار ئاشۇ كۆڭلى يېرىم بوۋاي-مومايلار،قىز-جوۋانىلار ئۈچۈن كۆڭۈل خوشى ئىدى.





...ياشلىق، مۇھەببەت ھېچ نەرسىگە بوي بەرمەيدىكەن. ئەنە شۇ مۇھەببەت ئوغۇزىغا تويمىغان يۇرت قىزلىرى سۆيگەنلىرىگە ئاتاپ، مەن يېزىپ بەرگەن سۆيگۈ شېئىرلىرىنى خامان دالدىلىرىدا، يار ئېلىپ كەتكەن ئۆستەڭ ئچىلىرىدە ئوقۇپ، ئۈنىنى چىقارماي ئۇزاققىچە ئۆكسۈپ يىغلىشاتتى. ئاندىن ھېچ نەرسە كۆرمىگەندەك بولىۋېلىپ، كۈلۈشۈپ ئىشقا ماڭاتتى.

ئەسلى ئىنسانغا نان، سۇ، ھاۋا قانداق زۆرۈر بولسا، پوئىزىيەمۇ شۇنداق زۆرۈر. شۇڭلاشقا مەن پوئىزىيەگە تېخىمۇ«ئاشىق» بولدۇم».

ئىليا بەختىيا ئۇرۇشتىن كېيىن، دەسلەپ غالجاتتا ئېچىلىپ، كېيىن كەنمەنگە كۆچۈرۈلگەن ئنېتىرنات مەكتىپىدە ئوقىدى. 1957-يىلى ئاباي نامىدىكى قازاقىستان پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ قازاق تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەمگەك پائالىيىتىنى ئۆزى بىلىم ئالغان كەتمەن مەكتىپىدە مۇئەللىملىكتىن باشلايدۇ. كېينچىرەك ئالمۇتىغا كېلىپ «جازۇشى»(يازغۇچى) نەشرىياتىدا ۋە جۇمھۇرىيەتلىك رادىئو كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر رىداكسىيە سىدە ئىشلەيدۇ. 1975-يىلى مۇسكۋادىكى ئىككى يىللىق ئالىي ئەدەبىيات كۇرسنى تاماملىغا ندىن كېيىن، تولۇقى بىلەن ئىجادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئىليا بەختىيانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇ توغرىسىدا نۇرغۇن خاتىرىلەر ۋە رىسالىلەر يېزىلدى. يەنى كۆپچىلىك ئۇنىڭ تەرجىمھالىدىن يىتۈك خەۋەردار. ھەر ھالدا خەلق ئۇنى شائىر، يەنە كېلىپ، ھەقىقىي خەلق شائىرى سۈپىتىدە تونۇيتتى. شۇڭا بىزمۇ ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدە ئەمەس،ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا توختىلىشنى ئەۋزەل كۆردۇق.

شائىرنىڭ «دوستلارغا سوۋغا» دەپ ئاتالغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمى 1955-يىلى يەنى، شائىر ئىنىستىتۇتىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇپ يۈرگەندە يورۇق كۆردى. ئۇ دەسلەپكى كىتابى ئارقىلىقلا ئۆز كىتاپخانلىرى قەلبىگە يول تاپقان ئىدى. چۈنكى، گۈدەك چاغلىرىدىن باشلاپلا شېئىر-قوشاق توقۇپ ئۆسكەن ئىليا بۇ كەمگىچە قەرەللىك مەتبۇئاتلاردا ئۆز كۈچىنى سىناپ، ئاللىقاچان كىلاسسىك ئىجادكارغا ئايلانغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەدىپنىڭ« ئارمىنىم» (1958-يىل)،«بۇلاق»(1941-يىلى)،«تىيانشان يىگىتى»، (1963-يىلى)،«گۈل ۋە تىكەن» (1969-يىل)،«ئۆمۈر شۇنداق ئۆتىدۇ» قاتارلىق ئون پارچىدىن ئارتۇق  شېئىرلار توپلاملىرى كەينى-كەينىدىن يورۇق كۆرىدۇ.

ھازىر ئويلىساق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قايتا تەرەققىيات قىنىغا ئېرىشكەن شۇ دەۋرىدە يۈزگە يېقىن شائىر-يازغۇچى قەلەم تەۋرىتىشتى. ئالدى 10-15 كەينى 4-5 تىن توپلاملارنى چىقاردى. بىراق ھەممىسى ئوخشاش ئۇتۇققا ئېرىشمىدى. ئۇلارنىڭ پەقەت ساناقلىقلىرىلا كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. نېمىشقا؟ جاۋاب ئاددىي«جانابى»تالانت ئالدىدا دۈشمەننىڭمۇ باش ئىگىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئەنە شۇ ساناقلىقلارنىڭ بىرى بولغان ئىليا بەختىيا نىڭ قۇدرىتى قەلىمىنىڭ ئۇچچىدا بولدى. ئۇ شۇ ئاددىي قەلەم ئارقىلىق ئاددىي خەلقنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ سىرى ئىليابەختىيا ئەسەرلىرىنىڭ خەلقنىڭ مۇڭ، قايغۇسى، شادلىقى ئومۇمەن ھايات بىلەن ئاھاڭداشلىقىدا،ئېھتىمال. مەسىلەن ئۇنىڭ«1945 -1941» سەرلەۋھىلىك شېئىرىدىكى:

    كەتمەن تۇتۇپ قېرىنداشنىڭ ئورنىغا،

    قارا يەرگە سوقا بىلەن خەت يازدۇق.

دادىلارغا ئەركىلەشنىڭ ئورنىغا،

   ئېتىزلاردا يالغۇز يۈرۈپ ئۆتكۈزدۇق.

دېگەن مىسرالىرى «ئۇرۇش بالىلىرى»دەپ ئاتالغان پۈتۈن بىر ئەۋلادنىڭ تەقدىرىنى قىسقا ۋە ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە،ئۆزىمۇ شۇ ئېغىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن شائىر تەقدىرداشلىرى ھەققىدە سىرتۆككەندىمۇ قەدىمكى قارا سۆز بىلەن شۇلارنىڭ ئالەمچە دەرت- ھەسرىتىنى كۆرەلەيدۇ.

ئى. بەختىيا ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى ئىنتايىن خىلمۇ-خىل. پىكىر دائىرىسى بولسا تېخىمۇ كەڭ.شۇنداقتىمۇ شائىر ئىجادىيىتىنىڭ «ئۇرش ۋە تىنچلىق»تېمىسىغا ئاخىرغىچە مۇراجەت قىلغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس. بالىلىقى ئۇرۇش يىللىرىغا توغرا كەلگەن ئەدىپ مىليونلىغان قەلبنى ساقايماس دەرتكە مۇپتىلا قىلغان ئۇرۇش ھەققىدە كۆپ يازى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھېلىمۇ ناخشا بولۇپ، ئەل ئاغزىدا ئېيتىلىپ يۈرۈيدۇ:

       پۈتتى ئۇرۇش، پۈتتى جەڭ،

   سولدات قالدى يىراقتا.

قېرى ئانام بىئارام...

ئىشەنمەيدۇ بىراقتا.

چوڭ ئەۋلاد ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتمىگەن شائىر-يازغۇچى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ تېما ئۇلارغا ھەقىقەتەنمۇ يېقىن ئىدى. سەۋەبى، ئۇرۇشتا يېقىنلىرىدىن جۇدا بولمىغان بىرمۇ ئائىلە قالمىدى. مۇشۇ «ئۇلۇغ جۇدالىق» ھەققىدە ئىليا بەختىيا باشقىلاردىن كۆرە ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ يازدى.

        ئۇرۇش قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن،

بىراق تىنچلىق شۇ كۈنى باشلاندى.

دەيدۇ شائىر«ئۇ كۈنى 9-ماي ئىدى» شېئىرىدا. ھەئە، خەلق ئۈچۈن، مەناسىنى مۇئەللىپنىڭ ئۆزىدىن باشقىلار ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ئۈزۈندىن ئۇزۇن قەسىدىلەرگە قارىغاندا، ئاشۇنداق يۈرەككە يېقىن ئاددىي ۋە قىسقا مىسرالار ئەلا.

ئومۇمەن، ئىليا بەختىيا شېئىرلىرىنىڭ ئىخچاملىق، يەنى ئاز سۆز بىلەن كەڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى، تىلىنىڭ يىنىك ۋە راۋانلىقى، تېمىسىنىڭ ھاياتىيلىقى بىلەن ئۆز كىتاپخانلىرىنى قايىل قىلغان ئەدىپ. مەسىلەن، مۇھەببەت لىرىكىسىنى ئالايلى:

مېنىڭدىمۇ بار-يوقى بىر يۈرەك،

بىلىۋالدىڭ.

قارچۇقتەك ئۇنى ساقلاپ يۈرەتتىم

ئېلىۋالدىڭ.

ئەگەر مەندە بولسا ئىدى يۈرەك

چۈشەنسەڭ.

ھەممىسىنى ئۆزۈم ساڭا بېرەتتىم

ئىشەنسەڭ.

مۇھەببەتنى بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىزھار قىلىش مۇمكىنمۇ؟ زادى...مۇھەببەت ئابستراكىت، ئەمما پايانسىز چۈشەنچە. ۋەتەنگە، ئانا يۇرتقا، تەبىئەتكە،«كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ، مەھلىيا قىلغان قارا كۆزگە» ۋەھاكازا، لېكىن بۇ يەردە كەلسە-كەلمەس«كۆيدۈم، ئۆچتۈم» دېگەن يالىڭاچ ئىبارىلەر كەتمەيدۇ. شائىرنىڭ«كۆكلەم»،«ئانامغا»،«مېنى كۈت»، «گۈلدەستە»، گە ئوخشاش ئەسەرلىرى ئوقۇغان كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇپلا قويماي، تەسۋىرلەش، سۆز ئوينىتىش جەھەتتىمۇ، بۈگۈنكى كىشىلەر تەرىپىدىن«گۈزەل ئەدەبىيات  ئۈلگىسى»دەپ ئىقرار قىلىنىشى بىكار ئەمەس.

شائىر بالىلار ئۈچۈنمۇ كۆپ ئىجات قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى توپلىمىنىمۇ بالىلارغا بېغىشلىغان. كىچىكلەر ئەدەبىياتىغا چوڭ جاۋابكارلىق بىلەن قارىغان ئەدىپنىڭ بۇ ساھەدىمۇ ئۆز ئالاھىدىلى مەۋجۇت. ئۇ :«بالىلارغا بالىنىڭ تىلى بىلەن يېزىش كېرەك» دېگەن مەۋقەدە چىڭ تۇردى. پەندى-نەسىھەت، پەلسەپە ۋە ھەتتا ئەدەبىي تىلنىمۇ ۋاقتىنچە بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، بالىلار چۈشىنىدىغان ئاددىي تىلدا شېئىر، تېپىشماق، سۆز ئويۇنلىرىنى يازدى. يادلاشقىمۇ ئوڭاي بۇ ئەسەرلەرنى كىچىك كىتاپخانلارمۇ بىردىن قوبۇل قىلدى. بىزمۇ بالا چاغلىرىمىزدا دەرسلىكلەردە يوق بولسىمۇ، دۇكان، كىتاپخانىلاردىن كىتاپلىرىنى ئېلىپ، شېئىرلىرىنى ئوڭايلا يادقا ئېلىۋالاتتۇق. ئۇنىڭ«دۇنيا بىلەن سىيا» شېئىرلىرىنى مۇشۇ كەمگىچە ئۇنتىغىنىم يوق.

ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر چوڭ تۈ*ركۈم، ساتىرا ژانىرى. تۇرمۇشىمىزدىكى بەزىبىر ناچار ئىللەتلەرنى ئۇنىڭدەك ئېچىپ بېرەلىگەن ساتىرىك كەم ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ 1969-يىلى نەشىر قىلىنغان«گۈل ۋە تىكەن»ناملىق توپلىمى پۈتۈنلەي ھەجىۋىي شېئىرلاردىن ئىبارەت بولۇپ، توپلامدىكى«توي»،«بىر تۈلكىنىڭ دۇئاسى»، «سۆگەل»،«ئاچچىقى يامان خوتۇننىڭ چاتىغى يامان» ۋە باشقا شېئىرلىرى يېرىم ئەسىر ئۆتسىمۇ، ئۆز ئاكتىۋاللىقىنى يوقاتقىنى يوق. گويا ئۇلارنى ئىليا بەختىيا كىچىك يازغاندەك تويىلىدۇ...

      *                      *                          *

ئىليا بەختىيا 1987-يىلى 55 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى ھاياتى شۇ چاغدىن باشلاندى. 1992-يىلى ئۇيغۇر ناھىيەسىدە شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى چوڭ تەنتەنە بىلەن نىشانلاندى. چونجىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىگە ئۇنىڭ نامى بېرىلىپ، ھەيكىلى ئورنىتىلدى، كوچىلار ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى. ئەدىب ھەققىدە خاتىرىلەر يېزىلىشقا باشلىدى. يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدا شائىر نامىدىكى مۇكاپات تەسىس قىلىندى.

ئادەملەر شۇ بىر ئېسىل زاتنىڭ يوقلىقىنى ئەمدىلا سەزگەندەك ئىدى. چونجىدا ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىگە شائىر نامىدىن بېرىشكە بېغىشلانغان تەنتەنىگە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى رەئىسى، مەرھۇم قالداربېك نايمانبايېۋمۇ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئادەملەرگە قوشۇلماي چەتكە چىقىپ، ئىليا بەختىيانىڭ ھەيكىلىگە ئويچان قاراپ قالغىنىنى كۆرۈپ يېنىغا بېرىپ سالاملاشتىم. ئۆز مەزگىلىدە بىر ئاز ۋاقىت ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشگىنىم بار.

-ئۇنىڭ روھى بۈگۈن كەچتە ئارام تاپتى!-،دېدى يازغۇچى. ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلمىدىم. راست، شائىرنىڭ ھايات يوللىرى داغدام بولمىدى. بۇنى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاپتوبىئوگرافىك شېئىرىدىن بايقىۋېلىش تەس ئەمەس. ئەمما ھەر خىل دەرىجىدىكى ئەمەلدارلار،بەزى كەسىپداشلىرى ئۇنى ھايات چېغىدا قەدىرلىمىگىنى بىلەن، شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان مىڭلىغان كىتاپخانىلار ئۇنى ئەزىزلەپ، ھۆرمەتلەپ ئۆتتى. قايسىلا يۇرتقا بارمىسىۇن شۇيۇرتنىڭ ئاددىي ئادەملىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە، ھەمسۆھبەت بولۇشقا ئالدىرايتتى.

ئىليا بەختىيانىڭ قازاق شائىرى موقالى ماقاتوۋ بىلەن دوستلىقى ھەققىدە كۆپ ئېيتىلىدۇ. بۇ ئىككى تەقدىرداش سۆز چېۋەرلىرىنىڭ ئىجادىيىتىمۇ، ھاياتىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بىرى ئۇيغۇر، بىرى قوشنا نارنىكۆل ناھىيەسىدىن بولغان قازاق، بۇ ئىككى سەھرا ئوغلى شېئىرىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئۆچمەيدىغان ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كېتىشتى.

...ھېلىمۇ ئېسىمدە، غالىبىيەت كۈنى ھارپىسىدا يازغۇچىلار ئۆيىدە مۇشائىرە بولغىدەك دەپ ئاڭلاپ، بىز بىرتوپ ئىستۇدېنتلار، شۇ يەرگە ئالدىراش يېتىپ باردۇق، مەقسىتىمىز كىچىكىمىزدىن شېئىرلىرىنى ئوقۇپ يۈرگەن شائىرنى بىر كۆرۈش ئىدى. ئادەملەر زالىغا كىرىپ بولغىچە سىرتتا ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇشتۇق، تېخى دەسلەپكى كۇرس ئىستۇدېنتلىرى بولغاچقا ئىليا ئاكىنى ھېچقايسىمىز تونىمايمىز.

«ئاۋۇ كىشى بولىشى كېرەك» دەيمىز بىرىمىز.«ياق، ئۇ ئۇيغۇرغا ئانچە ئوخشىمايدۇ» دەيدۇ يەنە بىرى. ئەيتاۋۇر سالاپەتلىك، گالاستۇك تاقىغان كىشىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، تەخمىن قىلىش بىلەن بولدۇق. نېرىدا تۇرغان كىشى بىرىنى كۈتۈۋاتسا كېرەك. يوغان بەستلىك،  ئاددىي كىيىنگەن ئۇ ئادەم ئاغزىدىكى «بىلىسمور» تاماكىنى بولۇق-بولۇق شوراپ قويىدۇ.

ئاخىرى مۇشائىرە باشلىنىپ كەتتى. ئورۇن بولمىغاچقا بىز زالنىڭ كەينىدىلا ئۆرە تۇرۇشتۇق. ھېلىقى ئادەممۇ يېنىمىزدا تۇراتتى. شائىرلار كەينى-كەينىدىن مۇنبەرگە چىقىپ، شېئىرلىرىنى ئوقۇماقتا. بىز ئىليا بەختىيانى قاچان چىقىدىكىن دەپ تاقىتىمىز-تاق بولۇپ تۇرۇشاتتۇق. ئاخىرى شائىرنىڭ ئىسمى ئاتالدى. شۇ چاغدا يېنىمىزدىكى ھېلىقى كىشى مۇنبەرگە چىقتى. زالدىكىلەر شائىرنى گۈلدۈرلىگەن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلىدى. بىز شۇ چاغدىلا باياتىن يېنىمىزدا تۇرغان ئاددىي كىيىنگەن ئادەمنىڭ ئىليا بەختىيا ئىكەنلىكىنى بىراقلا بىلدۇق. بىز شۇنچىلىك ئەسەرلەرنى يازغان ئاتاقلىق ئىنساننى ھۆرمەتكە يارشا سەل ئۆرە كۆكرەك، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەممىكىن، دەپ ئويلاپ، خاتالاشقان ئىكەنمىز. شېئىر ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئادەملەر ئۇنى ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمىدى.

شۇ كۈنى ئىليا بەختىيا شائىرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنبەرگە چىقىنى ئىدى. بۇ ئىشقا بىز، ۋەزىيەتنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ياشلار، ھەيران بولغىنىمىزمۇ بار. لېكىن ئۇ ھازىر كىتاپخانلارنىڭ قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭغا ھېچكىم ھەيران بولمايدۇ. چۈنكى شائىر ئىجادىيىتى ئۇيغۇر شېىريىتىدىكى چوڭ ھادىسە ئىدى. دېمەك بۇ ھۆرمەتمۇ قانۇنى دېگەن سۆز:

...ئاخىرى مۇنۇ ئۆلۈم

يالماپ يۇتۇپ.

تونۇشلارنى ئېلىپ كەتمەكتە

ئىلغاپ يۈرۈپ،

ئىلكىگە ئىككى مېتىر يەرنى بۆلۈپ،

دوست، قېرىنداش ئۇزاتتۇق

يىغلاپ يۈرۈپ.

دەپ يېقىن ئۈلپەت، قېرىنداش، دوستلىرىدىن ئايرىلغاندا ئېغىر مۇسىبەتتە تولغىنىپ، توۋلىغان شائىرنىڭ ئۆزىنىمۇ شۇم ئۆلۈم بەك ئەتتىگەن ئېلىپ كەتتى. زاتەن، ئۆلۈمگە چارە يوق. بىراق، مىڭ قەتلى شۈكرىكى، ئۇ قېنى ھەم جېنى ئۆز خەلقىنىڭ مۇڭ-زارى، قايغۇسى ھەم خۇشاللىقى بىلەن يۇغۇرۇلغان شائىرنىڭ زامانداشلىرى ۋە ئەۋلادى قەلبىدىكى يارقىن سىماسى ئالدىدا ئاجىز.

ئۇنىڭ قەلەمداشلىرىنىڭ بىرى، مەرھۇم قازاق شائىرى ن.ئىساخىمېتوۋ ئۆز خاتىر ىسىدە :«ئىليا ھاياتتىنمۇ، تۇرمۇشتىنمۇ ئامىتى كەلمەي ئۆتكەن شائىر» دەپ يازغان ئىدى. بۇ مەلۇم دەرىجىدە شۇنداق. لېكىن ئوتلۇق يۈرەك، قايناق ئىلھامنىڭ شائىرى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىجادىيەت ئامىتىگە، سۆزسىز ئېرىشتى. مەرھۇم بۇنى ھايات چېغىدىمۇ ئوبدان ھېس قىلاتتى. ھەمدە ئۇنىڭ قەلبىنى بەزلەيدىغان ئاشۇ بىردىن-بىر بەخت بىلەن غۇرۇرلىنىپ ياشىدى. ئەپسۇسكى، تار دۇنيا ئېسىل ئىنسان قەدرىنى بەتخەجلىك بىلەن دەپسەندە قىلىدىغان خۈنۈك بەندىچىلىك ئۇنىڭغا كۆپ نەرسىنى بېرىشكە كۆزى قىيمىدى.

ئازغىنا دەسمىينى باشقىلار ئالەمشۇمۇل شەرھلىشىپ، داغدۇغىلىق تەۋەللۇتلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئاتاق-شۆھرەت يىغىۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتنى كۈيلىگەن ئىليا بەختىيا روھى تەقىپكە ئۇچرىغىنىچە كەتتى...

تالانتلىق شائىرنىڭ باي ئەدەبىي مىراسى ئۆز ئالدىغا چوڭ بىر دۇنيا. بۇ ھايات بەئەينى ئۆزىگە ئوخشاش ئوڭغۇل-دوڭغۇل، خۇشاللىق ھەم جۇدالىق، مۇھەببەت ۋە نەپرەت قاتار ياشىغان ھەقىقەتنىڭ ئىسيانكار يۈرەك ئارقىلىق ئەكس ئېتىلىشىدۇر. سۆزسىز، بۇ مىراس كېلەچەكتە تەتقىقات مەنبەسى بولۇپ قېلىۋىرىدۇ.

مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ، ئۇنىڭ «قول تامغام» دېگەن شېئىرىنى ئىختىيارسىز ئەسكە ئالدىم:

قول تامغام بار، بىر نېمىسى بولۇپ قالار،

شائىر قۇشى ماڭىمۇ قونۇپ قالار.

شۇ چاغ خەلقىم كۆپ شائىرنىڭ ئارىسىدىن،

«قاغا بالام ئاپپىقىم» دەپ تونۇپ قالار.

دەپ يېزىپتۇ شائىر. مەرھۇم خاتالاشمىغان ئىكەن. ئۇنى خەلقى تونۇپلا قويماي مۇبارەك ئىسمىنى يۈرەك قاتلاملىرىدا ساقلاپ كەلمەكتە.



ئاپتور: ئەخمەتجان ئىسراپىلوۋ- قازاقىستانلىق شائىر. ژۇرنالىست.

2005-يىلى ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان«20-ئەسىر نامايەندىلىرى»ناملىق سىلاۋيان يېزىغىدىكى كىتاپتىن ئاغدۇرۇلدى.

2007-يىل 9-نويابىر



jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1510
تۆھپە : 0
توردا: 614
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 22:47:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرۇش تۇرىشى ،تىنىقلىرى،كىيىنىشى ،گەپ سوزى،نىكاھ كەچۇرمىشىدىن تارتىپ غىزالىنىشىغىچە شائېردەك ئوتكەن ،گەرچە شېئىريەتتىكى خاسلىق جەھەتتە ،ياشاۋاتقان ماكان جەھەتتە مەلۇم پەرىق بولسىمۇ رىئاللىقتا ئۇيغۇر يېڭى شېئىريىتىدىكى باتۇر روزىغا ئوخشاش قىسمەتتىكى ئۇيغۇر شائېرى ،ئۇنىڭ مۇسكۇۋا كوچىسىدا پالاكەتكە ئۇچراپ ئوقىغان بىر قوشىغى مەڭگۇ ئىسىمدىن كەتمەيدۇ.

سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازان ...

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1107
تۆھپە : 25
توردا: 372
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 00:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىيا بەختىيانىڭ شېئىرلار توپلىمىنى تېزراق كۆرسەك... مەن بۇ شائىرنىڭ تارىم ژۇرنىلىنىڭ بۇرۇنقى سانلىرى بىر بۆلۈك شېئىرلىرىنى كۆرگەنىدىم... كېيىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇچرىتىش نېسىپ بولمىدى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 1
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:30:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلىيا بەختىيانىڭ سۈرىتى

Илья Бахтия ـ (Илья Молотов )

1932-1988

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 10:44  


ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
jallat ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1510
تۆھپە : 0
توردا: 614
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 13:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش

( ئىليا بەختىيا)

يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ،
تۆكۈۋىتىدۇ مىھمان كەلدى ئۆيگە دەپ.
دىسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئالتۇن، كۆڭلى گۈل،
باغ-باراقسان ئۇلار تۇرغان دەشتى - چۆل.
دوستقا دېگەن مىھرى ئوچۇق، كۆڭلى ئاق،
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

ئەتە-ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ،
قۇلۇپ سالماس، قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ.
چۈشەنمەستىن دىسەڭ ئەگەر: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

كۆچەت تىكىپ، سايە بولسۇن دەيدۇ ئۇ،
ئۇ سايىدا ئۆزى ئولتۇرسا مەيلىغۇ.
دوست - بۇرادەر كۆڭلى تويسا شۇ باغقا،
مەن قاتارغا قوشۇلدۇم دەر شۇ ۋاقتا.

قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ،
بىرسى كۈلسە، ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ.
قېرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ خوشنىنى،
ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ يار - دوستىنى.

جاپارىڭمۇ؟ ئۇ جاپادىن قورقمايدۇ،
ئاغرىپ قالساڭ ئەڭ ئاۋال شۇ يوقلايدۇ.
دەردىڭ بولسا ئالىدۇ تەڭ بۆلۈشۈپ،
شاتلىق كۈنى ئولتۇرىدۇ كۈلۈشۈپ.

ناخشا - سازسىز، مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ،
سەن كۈلمىسەڭ، ئۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ.
سەن ئېگىلسەڭ، ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن،
ھە، سەن سۇنساڭ ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن.

ئۇيغۇر دېگەن ياخشىلىققا يارالغان،
بىلىم - ئىلمى جاھانغىمۇ تارالغان،
ئوق ئورنىدا ھەمىشەم گۈل ئۈنسۇن دەپ.
ئەمگەك قىلار ئىنسان ئامان بولسۇن! دەپ.

سەندىكى بالا-قازانى ياقتۇردۇم، ساڭا بالا-قازانى ئايان قىلدىم، سەندىكى بالا-قازادىن نەپرەتلەندىم، بالا-قازان ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش