سەپەر خىياللىرى
تۇردى لېتىپ
كىرىش سۆز
سەپەر ئادەمنى ھاردۇرىدۇ ۋە خىيال كەپتىرىنى ھەريان پەرۋاز قىلدۇرىدۇ. تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى تۈرلۈك تۈمەن ئىشلار ھەركىمنى ئالدىراش قىلىپ، بەزىدە كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا بولغان سەزگۈرلىكىنى يوقىتىپ، تىنچلىنىپ خىيال سۈرۈش پۇرسىتىنى يوق قىلسا، يەنە بەزىدە ھېچ ئەرزىمەس ئىشلارمۇ كۆزىگە سىغماي، كىشىنى چېچىلاڭغۇ، ئالدىراقسان قىلىپ قويىدۇ. سەپەرلا تىنچلىنىپ، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى ئىشلار توغرىسىدا ئويلىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەتراپتا يۈز بەرگەن ئىشلار، ئۆزگىرىشلەر گەرچە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئوخشاشلا چېلىقسىمۇ، لېكىن كۈزىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى بەزىلەرگە مەنىسىز، ھېچ بىر قىممىتى يوق، تېتىقسىز تويۇلسا يەنە بەزىلەرگە تولىمۇ مەنىلىك، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىغان، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ تويۇلىشى مۇمكىن. بەلكىم مەن ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىشقا ئەرزىمىگەن ئىشلار توغرىلىقمۇ چوڭقۇر ئويلاردا بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ بىرىدۇرمەن. چۈنكى سەپەر مېنى شۇنداق كۆندۈرگەن ۋە سەپەرلا مېنى شۇنداق خىياللارنى سۈرۈشكە شەرت شارائىت ۋە ۋاقىت بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلگەن.
شۇنداق قىلىپ 22-ئىيۇل جۈمە نامىزىدىن كېيىن يولغا چىقىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپ 1-ئاۋغۇست دۈشەنبە سەھەر يېتىپ كەلگۈچە بولغان 10 كۈنلۈك سەپەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ قايتىپ كەلگىلى ئىككى كۈن بوپتۇ. نەق روزى-رامىزانغا ئۈلگۈرۈپ كەلگىنىم ئۈچۈنمۇ ئۈرۈمچى باشقىچە تىنجىپ قالغاندەك ھەممىلا ئادەم ھارغىن، تۇرمۇشتىكى قىزغىنلىق سەل پەسكويغا چۈشكەندەك كۆرۈنەتتى. بەلكىم مەندەك كۈندە قاچانلا قارىسا توردا ئېسىلىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بىراقلا ھەپتىلەپ قارىسى كۆرۈنمىسە خوش دېيىشمەي كېتىپ قالغان دوستلارنى ھەر خىل دەرگۇمانغا سالمايدۇ دەپ كىممۇ ھۆددە قىلالىسۇن. گەرچە يېقىندىن بۇيان ئۆتكەن كۈنلەر توغرىلىق ئارتۇقچە ئويلاشمايدىغان بولۇپ قالغان بولساممۇ، مۇشۇ 10 كۈنلۈك ئىشلارنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ قويۇشمۇ بەلكىم مەن ئۈچۈن بىر خىل ھاردۇق، شۇنداقلا خۇلاسە چىقىرىش بولۇپ قالار دېگەن ئويدا كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. شۇڭا تېمىنىمۇ سەپەر خاتىرىسى دېگەندىن كۆرە سەپەر خياللىرى دەپ ئېلىشنى راۋا كۆردۈم.
مەقسەتسىز ھەرىكەت بولماس
ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى قارىمىقىدىكى تەرىبىيىلەش مەركىزى مەيلى قاچان، قانداق يەردە بولمىسۇن «ئۆلچەم ۋە تارازا»غا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات لاياقىتى تەربىيىلەش بولامدۇ، باشقۇرغۇچى ياكى ئاسراش رېمونتچىلىق بولامدۇ تەرىيىلەش سىنىپىلا ئاچسا دەرس سۆزلەشكە مېنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىم كونا قائىدىگە ئايلىنىپ قالغىلى 7 يىل بولدى. بۇ ئارىلىقتا مەن بارمىغان خوتەن، قەشقەر، كورلا، غۇلجا، ھەتتا كۇچا، سانجى قالمىدى. بۇ نۆۋەت ئىسمىنى ئاڭلىغان نامى چىقمىغان زورلاپ دېگۈدەك شەھەرلەشكەن يېڭى دىيار «تۇمشۇق» تا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. مەن ئويناپ چوڭ بولغان ئونسۇ ناھىيىسىنىڭمۇ تۇمشۇق دەپ بىر يېزىسى بولىدىغان. تۇمشۇق دېيىلگەن ئىكەن، «ھېلى بېكار تۇمشۇقۇڭغا سالىمەن»دىكى تۇمشۇق، يەنى كالپۇكنى جۈپلەپ ئۇچلىغان ھالدىكى ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى- ئاخىرقى نۇقتا كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. دېمەككى بۇنداق ئاتالغان يەر بىز تۇرىۋاتقان جاھاننىڭ چېتىدەك تۇيغۇ بېرەتتى.
دەرسكە بارىدىغان بولغاندىكىن بارلىق چىقىمنى تەكلىپ قىلغانلار كۆتۈرەتتى. ناۋادا ئايرۇپىلان بولغان بولسىدى، بىر سائەتكە قالماي شۇ شەھەرگە توككىدە چۈشۈش مۇمكىن بولاتتى. ئەپسۇس ئايرۇدۇرۇم تېخى ياسىلىۋاتقان بولۇپ چىقتى. پويىزنىڭ ئاستىلىغىدىن بىزار، ئاپتوۋۇزنىڭ ئادەمنىڭ تۇرۇپ-قوپۇش ئەركىنلىكىنى چەكلىشىدىن بىزار بولغان مەن ئۈچۈن تۆت چاقنى دومىلىتىپ بېرىشتەك راھەتلىك ئىش يوق ئىدى. تەلىيىمگە ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە بىر ئىش بىلەن ماشىنىلىق كەلگەن بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ۋە ئىككىلەنمەيلا يۇرتقا (ئاقسۇغا) ماشىنىلىق بېرىشنىڭ قارارىنى بېرىشتۇق.
«كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ» دېگەندەك ئەزەلدىن بىر ئىزىدا ئۇزاق تۇرالمايدىغان مەن ئۈچۈن ئايدا بىر، ھېچبولمىغاندا پەسىلدە بىر ئۆيدىن ئايرىلىپ ئاللىقاياقلارغا سەپەر قىلىپ كەلمىسەم يېگەن تامىقىم چىرايىمغا چىقمايدىغان مەن ئۈچۈن بۇ قېتىملىق سەپەر قولۇمدىكى ئىشنى چورتلا تاشلاپ، ئەمدىلا يېشىغا تەگكەن ئوغلىمنىڭ شوخ قىلىقلىرىدىن كېچىپ كاللىنى سالقىندىتىپ كېلىشكە يېتەرلىك سەۋەپ بولالايتتى.
بىرىنچى بېكەت كورلا، ماشىنىغا گاز، ماي قاچىلاپ، ئانچە-مۇنچە سوۋغا سالام تەييارلاپ يولغا چىققۇچە ئۈرۈمچىدە كۈن پىشىندىن ئېشىپ بولدى. يولغا بىر چىقتۇقمۇ «چاپە ئېتىم چاپە» دەپ ماشىنىنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچىنى يول ياقىسىدىكى مۆكتۈرمىلەردىن قاچۇرۇپ، رولنى ئىككى نۆۋەت ئالمىشىپ تۇتۇپ كەچ قاراڭغۇ چۈشكەندە كورلىغا ئاران ئۇلاشتۇق. كورلىدىكى ئاغىينىلەر كەچلىك بازاردا خام پىۋىنى ئاپقۇرغا لىقلاپ قويۇپ، بىزنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان ئىدى. گەرچە ئالدىن ياتاق تىزىملىتىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان بولساقمۇ ساۋاقداشلىرىمدىن بىرى جاھىللىق قىلىپ ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىغان بولۇپ تۇرۇپتۇ. كەچلىك بازارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىدا گەپنى گەپكە قولاشتۇرمايدىغان خىرامانلىق كەيپىيات بىلەن بىرىنچى ھاردۇقنى چىقىرىپ ماشىنىنى تۇرغان جايىغا تاشلاپ، تاكسىلىق ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇخلاپ قالدۇق.
كورلىنىڭ كەچلىك بازىرى ھەقىقەتەن قايناق ئىكەن. ھەممىدىن بىخەۋەر، ھەممىنى ئۇنتۇغاندەك كۆرۈنىدىغان خىرامان كىشىلەر ئىرىق ئايرىپ ئولتۇرماي بىر- بىرىگە قەدەھ تۇتۇشۇپ، ئىغاڭلاپ ئۇلتۇرۇشاتتى. ساياق سازەندە، ناخشىچىلار بارى- يوقىنى دۇلىسىغا ئارتىشىپ ئۇتتۇر كەلگەنلا توپقا ناخشىلىرىنى ئايىمايتتى. بۇ يەردىكى ئۆرۈم- پۆرىمە غۇلجىلىقلارنىڭ سورىنىدىكىدەك چاندۇرماي يانچۇقىغا تىقىپ قويۇش بولماستىن دوستانە كېلىشىش، ئوچۇق ئاشكارە سودىلىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشاتتى.
كورلىغا نەچچە ئون رەت بارغان بولساممۇ كوچىلىرىنى تېخى ئېنىق پەرق قىلىپ كېتەلمەيمەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ كورلىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ خۇددى قوغۇن تىلىمىدەك باش ئاخىرى تۇتۇشۇپ كېتىدىغان ئوق كوچىلىرى ۋە ئارىدىكى قىلدام تومۇرسىمان تاق يوللىرىنىڭ تولىلىقىدىن دېسەممۇ بولىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى بۇ قېتىم بارغىنىمىزدا شەھەر يول ئەسلەھە قۇرۇلۇشلىرى بىر قۇر تاماملىنىپ قالغاندەك بولغاچقا ئارتۇقچە ئېزىپ يۈرمەي كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزلىرىنى بىماملال تېپىپ، يولىمىزغا ۋاران بولۇشقا نېسىپ بولدى. شۇنى قوشۇپ قويۇش كېرەككى، مەن دېمەتلىكلەر 20 يىللاردىن بۇيان ئۆتۈپ يۈرگەن باش ئەگىم كۆۋرۈكىنىڭ بىر كەسلىمىنىڭ پوككىدە چۈشۈپ كېتىشى كىشىنى چۆچۈتمەي قالمايتتى.
كۆۋرۈك چۈشۈپ كېتىش
12- ئاپرېلدىكى باش ئەگىم كۆۋرۈكىنىڭ توساتتىن چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋىپىنىڭ تۇنجى سىگنالىنى چالغان ئىدى. گەرچە بۇ يېقىنقى يىللاردا ياسالغان بىتون قۇيمىلىق كۆۋرۈكلەردىن بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ھەسەن-ھۈسەن شەكلىدىكى قوش ئەگىمىلىك پۇلات چىۋىقلىق كۆۋرۈكلەردىن ئىدى. كۆۋرۈككە چىققان ماشىنا چۈشۈپ بولغىچە ئارىلىقتا كۆۋرۈك بېلىنىڭ يىنىك تەۋرەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەزمۇتلىقى ۋە پۇختىلىقى بىلەن كورلىغا كىرىشتىكى پولات دەرۋازىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ كۆۋرۈك 12-ئاپرېل سەھەر سائەت بەشلەردە كۆۋرۈكنىڭ ئۈرۈمچى يۆلىنىشتىن كىرىش ئېغىزىدىكى بىرىنچى كەسلىمە تاختىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى. بەختكە يارىشا ماشىنا چۈشۈپ كېتىش كۆرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈش يارىلىنىش يۈز بەرمىگەن ئىدى.
15- ئىيۇل يېرىم كېچىدە خاڭجۇ سەنچياۋ سترولۇق كۆۋرۈكىنىڭ بىر بۆلىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ئىككى ماشىنا ئۆزىنى قاچۇرۇشتىن ئۆزئارا سوقۇلۇپ بىر ماشىنا بوشلۇقتىن چۈشۈپ كەتتى. يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ئېغىر يارىلاندى.
19- ئىيۇل سەھەردە بېيجىڭ خۇەي روۋ رايونىدىكى باۋشەن بۇتخانىسى بەيشەن كۆۋرۈكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى.
يۇقىرىقىدەك كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا ئارقىدىن يۈز بېرىشكە باشلىدى. مۇناسىۋەتلىك تەھلىلچىلەر كۆۋرۈكنىڭ گۈرۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى كۆۋرۈك قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، باشقۇرۇشنىڭ ناچارلىقى، ئېغىرلىقى چەكتىن ئاشقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈشىگە چەك قويۇلمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەپلەرگە باغلاپ ئىزاھات بەرگەن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يەنىلا يەنە قانداقتۇر بىر كۆۋرۈكلەر تۇرۇپلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ئەندىشە باش كۆتۈردى. كۆۋرۈك چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئەمەلىي سەۋەبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شۇنداق يىغىنچاقلاپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ كۈچىيىشى كۆۋرۈكنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتاتتى. مەيلى قۇرۇلۇش ئورۇلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتماسلىقىدىن بولسۇن ياكى يول ئاسراش- باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ سەۋەنلىكىدىن بولسۇن ياكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈكنى زىيادە بېسىپ يولغا چىقىشىدىن بولسۇن يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ سەۋەبىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايتتى. بۇرۇن شۇنچە مۇستەھكەم كۆرۈنگەن كۆۋرۈكلەرمۇ ئەمدى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ھامىنى بىر كۈنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش كېتىدىغاندەك ئەندىشە- تەشۋىش پەيدا قىلغان ئىدى.
ھازىرقى كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەرگىزمۇ دەريا- ئېقىنلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈنلا سېلىنمايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولسا كېرەك. قاتناشنىڭ راۋانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، قاتناشنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش مۇھىمى سۈرئەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تاش يول كېسىشىش ئېغىزلىرىدىن تارتىپ، تېز سۈرئەتلىك يول ۋە پويىز يوللىرىنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن ھالدا بىتون تۈۋرۈكلەرگە ئارتىلغان بىتون لىملار ئارقىلىق خۇددى ئۆمۈچۈك تورىدەك يەر جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىگە يامرىدى. ئادەتتە پىيادىلەر ۋە جانۇ جانىۋارلارنىڭ كېسىپ ئۆتۈشى چەكلىنىدىغان بۇ خىل كۆۋرۈكلەردە پەقەت بەلگىلەنگەن قاتناش ۋاستىلىرى ئۆز قەرەلىدە ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. شۇلاردىن بىرى دەل ھازىرقى جۇڭگودا يۇقىرى دولقۇن پەيدا قىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولى ئىدى.
مانا بىز يولغا چىقىپ ئەتىسى 23- ئىيۇل ئېغىر قاتناش ھاددىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. شۇنچە مۇستەھكەم كۆۋرۈكتە ئۇچقاندەك يۈرۈپ كېتىۋاتقان تېز پويىزنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قالغان يەنە بىر پويىزغا ئارقىسىدىن كېلىپ قاتتىق سوقۇلىشى بىلەن ئالدىنقى تۆت ۋاگوننىڭ كۇكۇم تالقان بولۇپ، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ يەرگە باشچىلاپ سانچىلىشى ۋە 4- ۋاگوننىڭ كوۋرۈككە مىنگىشىپ ئارقىسى ئاسمان پېلەك بولۇپ قېلىشى پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق ئەزدى.
پەن تېخنىكىغا تايىنىپ تەرەققىي قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە سائەتلىك تېزلىكى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تېز سۈئەتلىك پويىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ھەقىقەتەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ جەۋھىرى دەپ ئاتاشقا بولاتتى. سۈرئەتنىڭ تېز بولۇشى مەملىكىتىمىزدەك نوپوسى كۆپ دۆلەت ئۈچۈن پۇخرالارنىڭ ئىشىكتىن چىقىشتىكى يول ئازاۋىنى ئازايتىشقا بولغان پايدىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايتتى. شۇغىنىسى ھەرقانچە يۇقىرى تېخنىكىنىڭ جەۋھىرى بولغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ھوقۇق بەلگىلەش قاتلىمىدىكى قىسمەن كىشىلەرنىڭ مەنئەئەتپەرەسلىكى ياكى تۆۋەن ھالقىلاردىكى مەشغۇلاتچىلارنىڭ قىلچىلىك سەۋەنلىكى يۇقىرىقىدەك يۇقىرى تېخنىلىك ساھەلەرگە تەۋە سىستېمىلاشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت نورمال، بىخەتەر خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. گەرچە تېخنىكا ھەرقانچە يۇقىرى بولغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئۆزلىكىدىن رېئايە قىلىش ئېڭى ۋە يۇقىرى سەزگۈرلۈكتىكى خەتەردىن ساقلىنىش تۇيغۇسى كەمچىل بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن نورمال پايدىلىنىش مۇمكىن بولماي قالاتتى. شۇڭىمۇ 23- ئىيۇل ئېغىر قاتناش ۋەقەسىنى دەل مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ساپا مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئادىمىي ئاپەت دەپ ئېيتىشقا بولاتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم ماشىنىلىق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگىنىدە خەپ مۇشۇ كۆۋرۈكمۇ گۈمۈرۈلۈپ چۈشمىسە بولاتتىغۇ دېگەن تەشۋىشتە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، كۆۋرۈككە چىقىپ بولغاندىن كېيىن تېز- تېز ئۆتۈپ كېتىشنى ئىستەيدىغان بولۇپ قالدىم.
يوللار راۋان بولسا
تاڭ يورۇش بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ماشىنىمىزنى تېپىۋالدۇق ۋە كۆپ ئۆچۈرەت ساقلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالدىرلا گاز قاچىلاش پونكىتىغا يېتىپ بېرىپ، ھايال بولمايلا باكنى لىقلىۋالدۇق. ئاددىيلا ناشتىلىقدىن كېيىن كۇچا تامان يول ئالدۇق.
بۇرۇنلاردا ئۈرۈمچىدىن كورلىغا كېلىش بىر نۆرى، كورلىدىن بۈگۈرنى ئاتلاپ كۇچاغا يېتىپ بېرىش مەيلى رول تۇتقۇچى ئۈچۈن بولسۇن ياكى يولۇچى بولسۇن يەنە بىر نۆرى ھەقىقەتەن يول ئازاۋىنى يەتكۈچە تارتىشلىق بىر ئىش ئىدى. ئاساسلىقى يولنىڭ ناچارلىقى، كۆرۈنۈشتە تەكشى كۆرۈنگەن بۇ كونا قوش يۆنىلىشلىك ئاسفالىت يول تۆت چاقلىق نەرسە ئۈچۈن بەئەينى كىر يۈيۈش تاختىسىنىڭ ئۆزى ئىدى. ھە دېسىلا يول يۈزىدىكى ئويمان دۇقۇرلار ماشىنىنىڭ قۇيرۇقىنى لەڭپەڭشىتىپ رولنى چىڭ تۇتمىسا خەتەر مانا مەن دەپلا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. يەنە كېلىپ بۇ تار يول يېزا قىشلاقلاردىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا يول قىستاڭ، سەللە دىققەت قىلمىسا ھەر بالانىڭ كېلىپ چىقىشى كۆز بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىش ئىدى. قاچانلاردىدۇر كورلا-كۇچا تاش يولىنى تېز سۈرئەتلىك يوللاشتۇرۇش خەۋىرىنى ئاڭلىغانمەن، مانا بىز بۇ قېتىم يېتىپ كەلگەندە يېڭىدىن ياسالغان تېز سۈرئەتلىك يولدا توسالغۇسىز راۋان ئىگىرىلەشكە نىسىپ بولغان ئىدى. ئالاھىزەل تۆت سائەتتەك چاپقاندىن كېيىن كۇچا تەۋەسىگە يېتىپ كەلدۇق. يول باشتىن ئاياق تاق يۆنىلىشتە ئايرىم ئايرىم ئىككى يول قىلىپ ياسالغان بولۇپ، كۇچا تەۋەسىدىكى «ياقا» دېگەن يۇرتقا كىرگەندىن كېيىن بىز مېڭىۋاتقان يولدا قارشى يۆنىلىشتە كېلىۋاتقان ئىشەك ھارۋىسى دىققىتىمىزنى تارتتى. ئۇلاق چارۋىلىق قاتناشنىڭ يۈرۈشى تۈپتىن چەكلەنگەن بۇ يولدا يولنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك بەلبىغىدا قارشىسىغا خىيالىغىمۇ كىرمىگەن ھالدا ئىشەكلىرىنى مېڭىشىغا قويۇپ بېرىپ كېلىۋاتقان ھارۋىلىق كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتتى.
ئىشەك ھارۋىلىق تېز سۈئەتلىك يولدە يۈرۈش ھەقىقەتەن بىر قىزىق ئىش، چۈنكى تېز سۈرئەتلىك يولدا ئېشەك ھارۋىسى ئۇياقتا تۇرسۇن، موتىسىكىلىت، ۋېلىسپىت، تراكتور دېگەندەك تۆۋەن سۈرئەتلىك قاتناش قورالىنىڭ يول يۈرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئېنىق. كۆرۈۋاتقىنىم ناھادا جاھان ئىشلىرىدىن بىخەۋەر بىرەر مويسىپىت بوۋاي ياكى موماي بولسىدى كارايى چاغلىق، بەلكىم ىاتالىشىپ كىرىپ قالغان، پۇرسەت بولسىلا چۈشۈپ كېتىدۇ دېسەكمۇ بولاتتى، لېكىن كېيىن يەنە ياپ- ياش قىران يىگىتلەرنىڭمۇ ئىشەك ھارۋىسىنى تاراڭشىتىپ بىر-ئىككى قۇچاپ چۆپ بېسىلغان ئېشەك ھارىۋىسىنى چاپتۇرۇپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرمەمسىز. ئۇلار بەلكىم ئۆيىدە باققان سېغىن ئىنەككە ئېتىزدىن چۆپ ئورۇپ كېتىپ بارغاندۇ. بىردەم بولسىمۇ بالدىرراق ئۆيگە يېتىپ بېرىشنىڭ كويىدا مۇشۇنداق راۋان يولدا مېڭىشنى توغرا تاپقاندۇ بەلكىم.
بىر ئېشەك قېتىلغان پىگلو ھارۋىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسىغا بەلكىم بىر ئۇچ چاقلىق موتوسىكىلىت كېلەر بولغىيتتى. ئېشەك دېگەن جانىۋارنى ئەمدى قاتناش قورالىغا ماتور قىلىشنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتكىلىمۇ خېلى زامان بولدىغۇ دەيمەن. شۇنداقتىمۇ بۇلار يەنىلا ئېشەك ھارۋىسى ئىشلىتىۋېتىپتۇ. تۇرمۇشنىڭ غۇرگۈللىگىدىن دەپ ئېيتىشمۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇرىدۇ. چۈنكى ھازىر شەھەرلەردە بەزىدە 5مىڭ يۈەنگىمۇ توت چاقى بار نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى. بەلكىم ئۇلار ئۆز ھەرىكەت تەۋەلىكىنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىش بەدىلىگە ياسالغان بۇ تېز سۈرئەتلىك يولدىن تازا رازى ئەمەس. بۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرگە يوللار راۋانلاشقىنى بىلەن بۇ ئورۇندا ئەلمىساقتىن تارتىپ ياشاپ كەلگەنلەرگە بىر تەبىئىي توساق. بۇرۇنقى ئېتىز- ئېرىق بولامدۇ، باغ-ۋارانلارنى ئۇدۇل كەنگەنلا يېرىدىن كېسىپ ئېلىپ، توپا دۈۋىلەپ ئىگىز ئۇل سېلىنىپ ياسالغان بۇ يوللار ئۇلارنىڭ ئۆتەر يولىنى توسۇپ قويغان، ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن يولنى ئارتۇق بېسىشقا توغرا كېلىدۇ.
ماتۇرلۇق قاتناش بىلەن ئېشەك ھارىۋىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىق بىرىدە رولنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىنسا يەنە بىرىدە چۈلۋۇرنى بوش تۇتۇشلا كۇپايە. ئېشەكمۇ بىر جانىۋار بولغان ئىكەن ھەر ھالدا نىشاننى پەرق قىلالايدۇ. قورسىقىنى توقلاپلا قويسا ياتقان يېرىدىن ئۆزى تۇرىدۇ. ئالاھىدە ماھارەت ۋە تېخنىكا بىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ماتورلۇق قاتناشتا بولسىچۇ، ھېچ بولمىسا ھەيدەشنى بىلىش كېرەك، ئاددىي رېمونتچىلىقتىن خەۋەرى بولمىسا بۇنداق يېزا يوللىرىدا توختاپ قالسا تالادا قېلىشتىن باشقىغە چارە يوق. قىسقىسى ئۇنىڭدا ھوزۇرلانغۇچىدىن مەلۇم مەلۇمات تەلەپ قىلىنىدۇ. جاھاندا خىرامان ياشاشنى ئىستىگۈچىگە بەلكىم ئىشەك ھارۋىسىدىنمۇ ياخشى تاللاش بولمىسا كېرەك. كەچ- ئاخشاملىرى ئىشەكنى يولغا سېلىپ قويۇپ، ھارۋىدا ئوڭدا يېتىپ يۇلتۇز سانىغاچ خانلەڭلۇڭغا توۋلاپ يول يۈرۈش ئۇيغۇرنىڭ قان- قېنىغا سىڭىشىپ كەتكەن راھەتلىك ياشاش بولسا كېرەك. مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش شەھەرلىكلەر ئۈچۈن پەقەتلا مۇمكىن بولمىغاندىن باشقا يېزىلىقلارغىمۇ تەس بولۇپ قالدى. چۇنكى يوللار زىيادە راۋانلىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئاقسۇ ۋە ئونسۇ
مەيلى «ئاقسۇ» بولامدۇ ياكى «ئونسۇ» ھەر ئىككىسىنىڭ ئاتىلىشىدا «سۇ» سۆزى بولغان يېقىن خوشنا بۇ ئىككى يۇرت سۈيىنىڭ ئەلۋەكلىكىدىن بەلىكم شۇنداق ئاتالغان بولسا كېرەك. غەرىپتىن شەر*ققە سوزۇلغان بۇ قەدىمىي يۇرت تۆمۇر چوققىسىغا تۇتاشقان تۆپىلىكتىن باشلانغان ئېقىن سۇ دەريا ياساپ كېلىپ ئاخىرى تارىم دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. سۈيىنىڭ ئەلۋەكلىكى بىلەن بۇ زىمىن مەن چوڭ بولغاندىلا شالچىلىقتا داڭ چىقارغان، گۈرۈچلىرى شىنجاڭدا داڭلىق ئىدى.
بۇ نۆۋەت ئاقسۇغا بېرىپ كۆڭلۈم سۆيۈنگەن بىر ئىش كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پاراڭلىرىدا باشقا تىلدىكى سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرماسلىقى بولدى. خۇددى ھەممە ئادەم خەلقى ئالەمنىڭ نازارىتى ئاستىدا سۆز قىلىۋاتقاندەك تولىمۇ ئورۇنلۇق ھەم يېقىشلىق قىلىپ، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى. پاراڭلىرىمىزدا ئاسان ئېزىپ كېتىدىغان «ھەق ئېلىش پونكىتى»، «كىملىك»، «كېمەر» لەر ئۇ ياقتا تۇرسۇن ھەتتا بالىلىق چاغلىرىمىزدىنلا كۆنۈپ كەتكەن «ۋېنسۇ» دېگەن يەر ناملىرىنىمۇ بىر چىرايلىق قىلىپ «ئونسۇ» دەپ ئاتىشىۋاتاتتى. «ئونسۇ» سۆزى ئەزەلدىنلا بۇ يەرنىڭ نامى ئىدى. قاچانلاردىدۇر خەنزۇچىدا «ۋېنسۇ» دەپ يېزىلغاندىن بۇيان ئېغىزدا «ۋىنسۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ يېزىقتا «كونىشەھەر» دەپ ئېلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئاقسۇنىڭ ئەڭ يېقىن ناھىيەسى «ئونسۇ»، بۇ ئىسپاتلاش ھاجەتسىز ھەقىقەتلەردىن ئىدى. بۇ كورلىدىكى «كۆنچى دەرياسى» نى خەنزۇچىدا 孔雀河 دەپ ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچىدا «توز دەرياسى»غا ئۆزگىرەپ قالغىلىۋاتقىنىغىنىڭ تەتۈرىسىچە ئىش ئىدى. كونىشەھەر دەپ ئاتىلىش چوڭلارنىڭ ئاتىشىدىكى ھازىرقى ئاقسۇنى يېڭى شەھەر دەپ ئاتاشتىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلىدىنلا بىر يۇرتنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بار بولغان قىسمىنى كونا شەھەر، يېڭى زاماندا بەرپا قىلىنغان قىسمىنى يېڭى شەھەر دەپ ئاتاشتىن كەلگەن ئىدى. ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ھەقىقەتەن ئارىلىقى 10 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان يېقىن قوشنىلاردىن ئىدى. ھېلىمۇ بۇ جاي بىرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر يەنە بىرى ناھىيە بازىرى ھالىتىدە ھەرقايسىسى ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان ئاتا بالىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. كوناشەھەر بولغانىكەن بۇ جاينىڭ قەدىمىي شەھەرگە تەۋە مەلۇم مەدەنىيەت قاتلىمى بارلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يۇرتتىن جاھانغا تونۇلغان ھەر خىل يولىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى بىلەن يۇرت ئىچى تىنىق كۆلدەك تىنجىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئۇيغۇر تىلىنى ساپلاشتۇرۇپ قوللىنىش جەھەتتە كۆز يۇمغۇسىز باشلامچىلىق رولىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. بۇ يۇرتتا يەنە كۆكيار دەيدىغان يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئىھاتە ئورمانلىق ۋە قىلمىش ئاتام مازارگاھى دەپ ئاتىلىدىغان قەدەمىي تەۋەررۈك زىمىن بار. كۆكيار ئەسلى قىزىل بايراق تۆپىلىكىنى باشلىنىش قىلغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىھاتە ئورمانلىق بولۇپ سۈنئىي كۆكەرتىلگەن بۇ زىمىن ھازىر مىۋىلىك دەرەخلەر بىلەن پۇركىنىپ، ئالما، ياڭاقنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. كۆكيار سەيلى ساياھەت رايونىدا يەنە نۇرغۇن ئارامگاھلار قۇرۇلۇپ كىشىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئەڭ ياخشى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلىپ بوپتۇ. مەن بارغان شۇ باغ ئالمىلىق باغ بولۇپ، باغ ئىچىدىكى يۇمىلاق ئۆيدە مېھمانلار كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىپ، ساز چېلىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ كۆڭۈللەرنى شات ئەيلىشەتتى. بۇ يەردە يەنە غاز، ئۆردەك، توشقان گۆشلىرىدىن قورۇلغان قورۇمىلارنى خالىغانچە بۇيرۇتقىلى بولىدىكەن. يەنە يەرگە يېپىشىپ باراقسان مىۋە تۇتقان ئالما دەرىخى شاخلىرىدىكى ئالمىلارغا قەغەز خالتا كىيدۈرۈپ قويۇلىشى دىققىتىمنى تارتتى. بۇ ئاساسلىقى سورتلۇق ئالما مىۋىلىرىنىڭ زىيانداش قۇرت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئىكەن.