يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 583|ئىنكاس: 9

قاسىم سىدىق:كونا ئىدىيە ئادىل باھالىغۇچى بولالمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-18 00:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كونا ئىدىيە يىڭى ئىدىيەنىڭ ئادىل باھالىغۇچىسى بولالمايدۇ

قاسىم سىدىق

ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق ،بۇتارىخ كۇنا ئىدىيەلەرنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ياكى ئىسلاھ قىلىنىشى،يىڭى ئىدىيەلەرنىڭ تىكلىنىشى ئارقىلىق بۈگۈنگە يىتىپ كەلگەن.كونىسى ئاغدۇرۇلمىسا ياكى ئىسلاھ قىلىنمىسا يىڭىسى مەيدانغا كەلمەيدۇ.

يىڭى ئىدىيە ھامان كۇنا ئىدىيەدە مەۋجۇت بولمىغان ھەتتا كۇنا ئىدىيەگە زىت بولغان تەركىپلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.بۇ ھالدا ئۇمۇمەن ئىككى خىل مە سىلە كىلىپ چىقىدۇ:
1.كۇنا نەزەريەدە ئۈزىدە مەۋجۇت بولمىغان ئىدىيە-ئۇقۇملارنى باھالاش ئىقتىدارى ۋە ھۇقۇقى بولمىغان بولىدۇ.چۈنكى كونا نەزەريەدە يىڭى نەزەريەنى چۈشىنىش شەرىتلىرى ھازىرلانمىغان بولىدۇ.مەسىلەن نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرى ئىدىيىسنى ئادىل باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.
2.كۇنانەزەريە بىلەن  يىڭى نەزەريەنىڭ ئىدىيىلىرى ئۈز ئارا زىت،سىغىشمىغان بولىدۇ.مەسىلەن ئارىستوتىلنىڭ «ئىغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە ئىلگىرى چۈشۇدۇ »ئىدىيىسى بىلەن ،گالىلىنىڭ «ئېغىر جىسىم بىلەن يەڭگىل جىسىمنىڭ ھەرئىككىسى يەگە تەڭ چۈشىدۇ»ئىدىيىسى.

بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ئەقەللى،ئەڭ توغرا باھالاش ئۈلچىمى ۋە ئۇسۇلى نىمە؟
ئەلۋەتتە ئوبىكتىپ ئەمىليەت،ئىلمى تەجىربە،ھەر ئىككى نەزەريىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى.يىڭى ئىدىيەنىڭ ئۇقۇم،ئىدىيەئاساسلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىغىنى تەكشۈرۈش.

بۇ نۇقتا ھەممە ئادەمگە مەلۈم بولسىمۇ ،لىكىن كونكىرىت ئىشلاردا بىز داۋاملىق كونا ئىدىيە،نەزەريە ئارقىلىق  يىڭى ئىدىيەنى باھالاش ،تەقدىرىگە ھۈكۈم قىلىش خاتالىغىنى تەكرالاپ كىلىۋاتىمىز.

بۇ ئىدىيەياكى نەزەريە«پالانى ئىدىيە ياكى نەزەريىگە خىلاپ ئىكەن،شۇڭا ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ»دىگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلايمىز.يىڭى ئىدىيە ۋە نەزەريەدىن تەجىرىبە ئىسپاتى ،ئۇقۇم-ئىدىيە ئاساسلىرى ۋە ياكى ھادىسلەرنى چۈشەندۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشلا ئەڭ توغرا ئۇسۇل.«پالانى ئىدىيە ياكى نەزەريىگە خىلاپ ياكى ئۇيغۇن»بولغانلىق يىڭى نەزەريىنىڭ توغرا -خاتالىغىنىڭ ئۈلچىمى بولالمايدۇ.

2012.6.19


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 11:29:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالىلى،بىرونۇ قاتارلىقلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا جازاغا ئۇچرىشى بۇ تېمىدىكى تەشەببۇسلارنىڭ ئىسپاتىدىن ئىبارەت.

ۋاقتى: 2014-12-18 17:39:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زامان  فىزىكىسى بىلەن كىلاسىك فىزىكا ئارسىدا قانچلىك پەرىق بار مەن شۇنى بىلىپ باقسام بولاتتى،،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 18:28:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆۋرۇك يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 17:39
ھازىرقى زامان  فىزىكىسى بىلەن كىلاسىك فىزىكا ئارسىدا ق ...

ئادەتتە نىيوتۇن فىزىكىسىمۇ،ئېينىشتېيىن فىزىكىسىمۇ كىلاسسىك فىزىكا دەپ قارىلىدۇ.قەپقالغىنى كىۋانىت فىزىكىسى شۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-18 21:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:
بۇ تېما ۋە ئۇلىنىشى بېرىلگەن يەنە بىر تېمىدا شەكىل نەزەريىسىنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان قاراشلار بارئىكەن.مەن ئۇلار بىلەن ياخشىراق تونۇشۇپ چىقىپ ئاندىن قاراشلىرىمنى،ئوخشاشلىقلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇمەن.بۇ ئۇچۇر راسىت ياكى يالغان ،بىر قىسمىنىڭ راسىت ياكى بىر قىسمىنىڭ يالغان بولىشىدىن قەتئى نەزەر مىنى جەلىپ قىلغان ئۇچۇر بولدى:




بىر نوپۇزلۇق نەزەريە فىزىكىسى تەتقىقاتى ئاپاراتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن ماتىرياللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە فىزىكا ئالىملىرى ھازىر 9چوڭ قانۇننى يىغىنچاقلاپ چىققان بولۇپ،بۇ توققۇز يېڭى قانۇن نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى نەزەريىلەرنى،جۆملىدىن نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن نەزەريىلىرىنىمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،فىزىكا نەزەريىلىرىنى قايتىدىن تىكلەشتىن دېرەك بېرىدىكەن.نۇۋەتتە ئومۇمىيۆزلۈك دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىۋىتىپتۇ.تۇۋەندىكىلەر شۇ 9قانۇننىڭ مەزمۇنلىرىدىن ئىبارەت.

تولۇقى بۇ يەردە:
http://kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=154654&page=1&
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 21:49  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 10:10:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇخلاۋاتقان تەپەككۇر، چۈش كۆرۈۋاتقان ئوقۇتۇش

............................

بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا مۇستەقىللىقنى دېگەندەك يېتىلدۈرۈپ بولالمىدۇق. ئۇلارنى جانلىق ئادەم قاتارىدا قاراش ھېلىمۇ كەمچىل. «جۇڭگولۇقلار، سىلەر نېمىشقا ئاچچىقلانمايسىلەر؟» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى لوڭ يىڭتەي خانىم جۇڭگو مائارىپى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى قەدىرلەيمەن. ئۇلار قۇياشقا تەلپۈنگەن ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايدۇ. ئۇلار پاك، جاسارەتلىك، ئەقىللىق، ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ھەقىقىي ھېسسىياتقا ئىگە. لېكىن ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تىپىك جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى: مۇستەقىل ئىندىۋىدۇئاللىقى كەمچىل، نوپۇزغا قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق».

..................

تولۇقى بۇ يەردە:
http://www.maaripqilar.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2708


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 10:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك

....................

1. چوقۇم مۇستەقىل خاراكتېر، مۇستەقىل ئىدىيە يېتىلدۈرۈش كېرەك. مۇستەقىل، خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدىغان خاراكتېرگە ئىگە كىشىلەر ئىزدەنمەيدىغان، توغرا دەپلا مەسىلىلەرنى قۇبۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن: مائارىپنىڭ قۇربانىغا ئايلىنپ كەتمەڭ.
..........................

تولۇقى بۇ يەردە:

http://www.maaripqilar.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=723



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-19 10:52:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا ئىدىيە يىڭى ئىدىيەنىڭ ئادىل باھالىغۇچىسى بولالمايدۇ

مانا ئىسپات:


قاسىم سىدىق:ناباپ قورالنى تاللىۋىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 11:09  


ۋاقتى: 2014-12-21 20:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! قاسىم سىدىق ئەپەندىم.
ئاۋال سىزنىڭ ئىلىم-پەنگە ئۆزىڭىزنى بىغىشلاپ مىقتەك قادىلىپ ئىلىم ھەقىقەتلىرى ئۈچۈن ئىنتىلىش روھىڭىزغا تەشەككۇر.بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇن،بۇ ئەدەبىيات تورى(دېمىسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدا شىئېر قوشاقتىن  باشقىغا ئورۇن يوق ۋە ئانچە قارشى ئىلىنمايدۇ)،بىراق ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى« ئېتىقاد بىلەن ئەقلىيلىقنىڭ كىرىلىش كۈچى» ئارىلىقىدا ھاسىل بولغاندۇر.سىزدەك قوش بىسلىق ئالىملار« كېمىنىڭ ئىككىلى قىرغىقىغا تەڭ دەسسەپ مۇستەھكەم تۇرالىغىنى» بىلەن،شىئېر قوشاق بىلەن ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر بىرىنچىدىن چىن مەنىدىكى ئىلىم-پەندىن ئاساسەن ساۋاتسىز؛ ئىككىنچىدىن ئۇلار ئەقلىيلىك بىلەن ھىسسىيات،گۈزەللىك بىلەن چىنلىق ئارىلىقىدا تاللاشقا دۇچ كەلگەن ھامان  تەبىئىيلا ھىسسىيات ۋە گۈزەللىككە بولغان مايىللىقىنى ئىپادىلەپ، ئەقلىيلىك ۋە چىنلىقتىن يىراقلاپ ياشايدىغان كىشىلەر توپىغا تەۋەدۇر.شۇڭا سىز بىباھا زېھنىڭىزنىبۇ يەردە  بۇھۇدە خوراتماي،زىھنىي قۇۋېتىڭىز مۇشۇنچىلىك ياخشى ،تېنىڭىز سالامەت ۋاقتىدا، شەكىل نەزەرىيەرىڭىزنىڭ يادرولۇق ئۇقۇملىرىنى، ئۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تەتقىقات ئىستىقپالىنى ئوبدان شەرھىيلەپ،ئىلمىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىش،ئىلمىي ئورگانلارغا سۇنۇش ،ئىلمىي مۇنبەرلەرگە يوللاشقا كۈچەڭ. بۇنىڭدىن باشقىسى ھاماقەتلىك.بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى سىزنىڭ نەزەرىيىڭىزنىمۇ باشقا كىلاسسىك ئالىملارنىڭكىدەك  نەچچە ئەسىرلەردىن كېيىن تەتقىق قىلىپ ،روھىڭىزغا دۇۋا قىلماي،بىلىم ئىراسى دېيىلىۋاتقان مۇشۇ دەۋىردە سىزنىڭ روھىڭىز ۋە شەكىل نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنىڭ قىممىتىنى تونۇشنىڭ مۇقەررەر يولىدۇر. رەھمەت پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Biligtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-21 20:34  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-21 21:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Biligtekin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 20:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! قاسىم سىدىق ئەپەندىم.
ئاۋال سىزنىڭ ...

رەھمەت.تەكلىپلىرىڭىز ئورۇنلۇق.بەزى ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق.ئەمدى رەسمى ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىدىغان ۋاقتىمۇ كەپقالدى.ئالاقىدار بەزى تەجىربە ئاساسلىرىمۇ تېپىلدى.
قاراشلىرىم توردا بۇلسىمۇ ساقلىنىپ قالسۇن دەۋاتىمەن.مىنىڭ نەرسىلىرىم ئاسان يۆتۈپ كېتىدۇ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش