ئايال نىداسى
سائادەت ساتتار
ئۆينىڭ مۇزدەك تۆت تېمىدىن
كىرمەكتە ۋەھىمە،كىرمەكتە تەھدىت
ئايال ئەندىكەر ئاياغ تىۋىشتىن
ئۆزىگە تونۇش ئاشۇ مۇدھىشتىن
بەزەن تىلەپ ئۇنىڭ كىلىشىنى
چۆچۈگەنچە ئۆتىدۇ ۋاقىت
بۆشۈك تەۋرەتكەن قولى تېڭىلغان
قاپاقلىرى رەت-رەت يېرىلغان
ئايالنىڭ روھى قونالغۇ ئىزدەر
مۇشۇ ھالەتتە تۈننى،كېچىنى
ئېسەنكىرەپ،قورقۇپ ئۆتكۈزەر
ئاڭا يۇم-يۇم كۆز ياشلىرىلا
ھەمراھ بولۇپ دوستلۇق يەتكۈزەر
ئەرنىڭ ئۇشۇقى<چۇ>چۈشسە بۈگۈن
قاينايدۇ ئوخشاشلا بېشىدا چۆگۈن
ئايال چۆچىدى
نىدا قىلدى
ماجالى قالمىغان تېنىگە تەگسە يەنە بىر تاياق
بەلكىم ئۆلۈپ قالغۇسى بۈگۈن
بۈگۈن بولمىسا
ئەتە يا ئۆگۈن
ئەنە ئىشىك ئېچىلدى
تونۇش قەدەم بېسىلدى
ئۈمىدلەردىن يۇلقۇنغان قورقۇنچ
ئايالنىڭ جىسمىغا قايتا ئېسىلدى
...
شىنجاڭ گېزىتى2010-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-8 18:21