بالىلار ئۈچۈن كۆپرەك ئەسەر يازايلى،چۈنكى،
بالىلار بىزنىڭ باغرىمىز ،بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز،بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى!
بالىلارنى بىلىم باغچىسىغا باشلايلى
سۆز ئوينى
مەخەتجان ئابدۇرېھىم
بۇلتۇر باھارنىڭ بېشىدىلا بۇرادەرلەرگە بەشكىرەمگە بېرىشقا‹بىشارەت باغىقى›،بالىلارنى باغچىلارغا باشلاشقا‹بەخىت باغىقى›نى بەرسەم، بۇرادەرلەر باغرىمنى بىلگەندەك بالىلارنى باشلاپ بەشكىرەمدىكى باغلارغا،باھارنىڭ باغرىدىكى بوستانلىق باغچىلارغا باردىڭلار.بەلكىم بۇرادەرلەر بىلگەندۇ،بەشكىرەم باغلىرى ‹بىھېش›نىڭ بىشارەت بەلگىسى،بوستانلىق باغچىلار‹بەخىت›نىڭ بەلگىسىدۇر.بۇ بەلگىلەرنى بىزدىن بۇرۇنقى باھادىرلار بىلەن بۈگۈنكى بەركەتلىك باھار بەلگىلىگەن.بۈگۈن بۇرادەرلەرگە‹بايلىق›باغىقى بىرىمەن،‹بايلىق›باغىقىدىكى بەلگىلەرنى بالىلارغا بىلدۈرۈپ،بالىلارنى ‹بىلىم باغچىسى›غا باشلاپ بارايلى.
بىلىم باغچىسى؛-بالىلارغا بىلىم بىرىدىغان بۇلاق.بالىلارنىڭ بەخىت باغچىسى، بالىلار باھارىنىڭ بەركەتلىك باسقۇچى،بالىلارغا بېغىشلانغان بوستانلىق.بالىلارغا بىرىلىدىغان بىھباھا بايلىق.
بىز بىلىمىز؛-بۇرۇنقى،بۈگۈنكى باھادىرلار بىلىملىك بولغاچقا باھادىر بولالىغان،بىلىم بىلەن باياۋانلاردىمۇ باغۇ-بوستتانلىقلار بىنا بولالىغان.بىز بىلىم بىلەنلا بايلىق بۇلاقلىرىنى بىلەلىگەن،بۇ بۇلاقلاردىن بەھرلەنگەن.بۇنىڭغا بىزنىڭ بوۋىللىرىمىز بولوپمۇ بىزدىن بۇرۇنقىلار بىشارەت بىرەلەيدۇ،بولدى بەس.
بىز بۇ باغچىدىكى بىر بەلگىنى بەلەنرەك بىلەيلى!بۇ بولسىمۇ بىلىم باغچىسىدىكى بارلىقىنى بالىلارغا بىلىم بىرىشكە بېغىشلىغان باغۋەنلەر بىلەن باغرىمىزدىن بىنا بولغان بالىلارنى، بۇلارنىڭ بىزگە بولغان باغرىنى بەكمۇ-بەك بىلەيلى .باغۋەنلەر بولمىسا بالىلار بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ بېشىغا بارالمايدۇ،بىلىم باغچىسىنىڭ بۇلبۇلىرى بولالمايدۇ.بىلىم باغچىسىنىڭ باغۋەنلىرى؛-بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىن بۈگۈنگىچە بالىلارغا بولوپمۇ بىزلەرگە بىلىم بىرىپ،بۈگۈنكىدەك بەخىتلىك بولىشىمىزنى بەلگىلىگەن.
بالىلار؛-بىزنىڭ باغرىمىز،بىزنىڭ بىھباھا بايلىقىمىز.بالىلار بولغاچقا بىز باھدىر بولالىغان،بالىلار،-بىلىم باغچىسىنىڭ بۇلبۇللىرىدۇر.بۇ بۇللبۇللار بىلەن بوستانلىق باغچىلار بولوپمۇ بىلىم باغچىسى بەرپا بولغان.بىز بۇ بوشلۇقتا بۇلاقتەك بۇلدۇقلايدىغان بىلىم باغچىمىزنىڭ بولغانلىقىغا،بىلىمنى بالدەك بىلۈندۈرۈپ بالىلارغا بىرەلەيدىغان باغۋەنلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىغا،بوستانلىق باغچىلارغا بۈركۈتتەك بارالايدىغان بۇلبۇلدەك بالىلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىغا باركاللا بىلدۈرۈپ بالىلارنى بەس-بەستە،باتۇرلۇق بىلەن،بۈگۈننىڭ بەركەت بايلىقى بار بىلىم باغچىسىنىڭ بۇلاق بېشىغا باشلاپ بارايلى.بالىلار بىلىمدىن بەھرىمەن بولسۇن.بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز.بىز باغۋەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بالىلارغا بىلىم بىرەيلى،بالىلار بىلىملىك بولسا، بوشاڭ،بەغىرەز،بەڭۋاش،بىپەرۋا،بىغەم،بىخىل ،بىزەڭ ،بىخۇت ،بىشەم،بىئەدەپ بولماي،باھادىرلاردىن بولوپ،بوشلۇقتىكى بەلىگىلەن بىكەتكە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ،باراۋەرلىك بىلەن بالدۇر بارالايدۇ.
بۇرادەرلەر،بىز بالىلارغا بولغان باغرىمىزنى بىرلىكتە بىلدۈرسەك؛-بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز،بالىلار بىزنىڭ بايلىقىمىز،بالىلار بىزنىڭ باغرىمىز.بىز بۈگۈن بارماقچى بولغان بوستانلىقلارغا بارالمىساقمۇ بالىلار بارالىسا بىز بارغاندەك بولىمىز.
بۈگۈندىن باشلاپ بالىلارنى بىلىم باغچىسىغا بىرلىكتە باشلاش باھادىرنامىدا بەلگىلەنگەن بالىلار بايرىمىنىڭ بولوپمۇ باشقا بارلىق بايراملارنىڭ باشلىنىشى بولسۇن!
بوشلۇقتىكى بەركەتلەر،
باھار بىلەن باشلىنار.
بەخت بىلەن بايلىقلار،
بىلىم بىلەن باغلىنار.
باغچىلارغا بالىلار،!
بالدۇر-بالدۇر بېرىڭلار.
باغۋەن بەرگەن بىلمنىڭ،
بەلگىسىنى بىلىڭلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-25 19:16
|