شېرىن چۈش
ياسىنجان توخنىياز توغراق
باغدا ئۈرۈك تۈۋىدە،
چۈش كۆردۈم قىزىق.
ئۈرۈك پىشماي مېغىزدىن،
ياسىدىم تىزىق.
كۈمۈش كەبى يۇپۇرماق،
راست كۈمۈش بولدى.
ئېشىپ قالدى تەرسەممۇ،
بوقچام لىق تولدى.
تىزىق بولدى ئارغامچا،
ئاسمانغا ئاتتىم.
تۇتىۋالدى ئورغاق ئاي،
كۈچ بىلەن تارتتىم.
ئايغا مىنىپ ئايلاندىم،
جاھان بولدى تار.
زادى نەگە كەتكەندۇ؟
ئۈرۈك ئۈنگەن شار.
چېچىۋەتتىم كۈمۈشنى،
نۇرلار چاچسۇن دەپ.
كۆزنى ئاچتىم، چۈشلىرىم
ئوڭۇم بولسۇن دەپ.
يېتىپتىمەن، ئويغانسام
ئايمۇ، كۈمۈش يوق.
ئىككى سائەت ئۆتۈپتۇ،
ۋاقىت ئاتقان ئوق.
|