ياسىنجان توخنىياز توغراق
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
قايناق ئەمگەك ساداسى.
ساغلام بولغاچ مۇھىتى،
تەنگە داۋا ھاۋاسى.
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
ياڭرار ئۇسۇل شۇخ ساما.
خەندان ئۇرۇپ قۇشلارمۇ،
باشلىۋەتتى كۈي ناۋا.
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
گۈللەر نازلىق بېقىشار.
ئېرىقلاردا شوقلۇنۇپ،
زۇمرەت سۇلار ئېقىشار.
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
كۆڭۈل خوشال يايرايدۇ.
بۈك-باراقسان باغلاردا،
بۇلبۇل، كاككۇك سايرايدۇ.
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
گۈل چېچەكلەر ئېچىلغان.
زەر قۇياشنىڭ نۇرلىرى،
كەڭ زېمىنغا چېچىلغان.
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
قىز-ئوغۇللار تاۋلانغان.
چىن يۈرەكتىن رىشتىسى،
ئەل-ۋەتەنگە باغلانغان.
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
بەخت قۇچاق ئاچىدۇ.
دېھقان تاغا تەر تۆكۈپ،
يەرگە ئۇرۇق چاچىدۇ.
بىزنىڭ گۈزەل سەھرادا،
يېڭى يېزا قۇرۇلدى.
مول ھۇسۇللۇق بۇغداي، شال،
كومبايىندا ئۇرۇلدى.
|