يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1895|ئىنكاس: 43

ئادىلجان ئابدۇقادىر: دۆڭ مەيدە (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۆڭ مەيدە

(ھېكايە)

ئادىلجان ئابدۇقادىر


   كېلىۋاتقان ئاۋۇ ئادەمنى تونۇدۇڭمۇ؟ ئەنە ئاۋۇ، قاش-كىرپىكىدىن چېچىغىچە ساپ-سېرىق، دۆڭ مەيدىنى دەيمەن؟!
   ...
   شۇنچە تەسۋىرلەپ بەرسەممۇ تونۇيالمىدىڭ-ھە؟ يۈر، ئۇ ياپتىمىزدىن ئۆتۈپ كەتكىچە بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇرۇپ، قالغان گەپنى كېيىن قىلىپ بېرەي...
   ئۇ ئاياغ مەھەللىدىكى ھېلىقى كۆك كۆز، سېرىق شۇ. ئەجدادىمىزدىن قالغان «سېرىقتىن ۋاپا كەلمەس، كۆك كۆزدىن ئەسلا كەلمەس» دېگەن ماقالنىڭ تەسىرىدىنمىكىن، يۇرت-مەھەللىدە ھېچكىم ئۇنىڭغا قىزىنى بەرمەي، ئۇ خېلى ياشقىچە ئۆيلىنەلمىگەن. تېخى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئاياللار مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئانا باشقا، دادا بۆلەك ھامماسىڭلىسىنىڭ تېپىشتۇرۇشى بىلەن توي قىلىۋاپتۇ. ئايالى ئەسلىدە قايسىبىر پايناپ بازاردا «ساتراچخانا» ئېچىپ، قوشۇمچە ھاراق-تاماكا ساتىدىغان بىر «مىكىجىن» ئىكەن. تويدىن كېيىن ھەممە لاققا-لۇققىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ بۇ يۇرتتا ئىش-ئوقەت باشلاپتۇ. بىراق، بۇ يەردە تىجارىتى راۋاج تاپماي، بازىرى كاساتلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى: بۇ يۇرتتا ساقال قويۇپ، سەللە يۆگەيدىغانلارنىڭ ئاۋۇپ، ھاراق ئىچىپ، سۈيدۈك پۇرايدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى ئىمىش. ئەمما، خەلقى-ئالەمنىڭ ئېيتىدىغىنى باشقا. يەنى: ھەقەمسايىسى ئۇلاردىن ئالغان تۇخۇمنى پۇشۇرۇپ سويسا، ئىچىدىن سېرىقى چىقماپتىمىش! قايسى بىرىگە ئىشەنگۈلۈك؟
   خەيرىيەت، «خۇدايىمنىڭ بەزى كۈنلىرىدىن ئۆرگىلىپ كېتەي، بەزى كۈنلىرىنىڭ كۆتىگە تېپەي» دېگەندەك، بۇ جاھاندىكى ئاجايىپ-غارايىپ ئىش ۋە سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان يېرىڭدە قويۇپلا قوپۇپ كەتمىسەڭ، ئويلاپ تېگىگە يېتىپ بولالمايدىكەنسەن. ناۋادا، بەك ئويلاپ سۈرۈشتۈرۈپ كەتسەڭ، بىر يەرلەردە «ھاسا ئوغرى بىلەن مۇسا ئوغرىنىڭ گېپى بىر » چىقىپ قالىدىكەن-دە، بىر قولۇڭدا ئاغزىڭنى، يەنە بىر قولۇڭدا كۆتۈڭنى تۇتۇپ، «غىڭ» قىلالماي تۇرۇپ قالىدىكەنسەن.
   سەن-بىز سۈرۈشتۈرۈشنى خالىمايدىغان ئاشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ «مىكىجىن»نىڭ يول كۆرسىتىشى، ھېلىقى ئانا باشقا، دادا بۆلەك ھامماسىڭلىسىنىڭ ئېتەك يېيىشى بىلەن، ئاياغ مەھەللە كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى بولۇپ قاپتۇ. كەنت ئامانلىق مۇدىرىلىق ئەمىلىغۇ تايىنلىق ئەمەل. بىراق، ئۇنىڭ قولىدىكى ئاۋۇ بىر مېتىرلىق قاپ-قارا كالتەك گەرچە رېزىنكە بولسىمۇ، ئۇنىڭ تورىنى قىياس قىلىپ بولالمايسەن. پەقەت، «ئەمىلىدىن قورقمىساڭمۇ، ئەلىمىدىن قورق» دېگەننىڭ مەنىسى بىلسەڭلا بولدى...
   ئاشۇ كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق خېلى تۈزۈك بىر مۇئەللىم بولىدىغان. بىر كۈنى ئۇ موتسېكلىتىغا بېنزىن قاچىلاش ئۈچۈن بازاردىكى «ماي قاچىلاش پونكىتى»غا بارسا، پونكىتتىكىلەر مۇئەللىمگە نوپۇسى تۇرۇشلۇق كەنت ئامانلىق مۇدىرىدىن «خەت» ئېلىپ كەلمىسە ماي قاچىلاپ بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئاق كۆڭۈل مۇئەللىم ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە بىللە ئوقۇغان، ھازىر كەنتتە ئامانلىق مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ساۋاقدىشىنىڭ ئالدىغا «خەت» ئېلىش ئۈچۈن تاغدەك ئىشەنچ بىلەن بېرىپتۇ.
   كەنت ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسىنىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىك، تېشىدىن ئىچىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، ئەمما، ئىچىدىن تېشىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىغان «ئالاھىدە كۆز»لۈك دۈملىمە ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ھاجەتمەنلەر كېچە-كۈندۈز ئۆچىرەت ساقلايدىكەن. مۇئەللىم شۇ كۈنى تىزىملىتىپ قويۇپ، ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ يەنە كەپتۇ.
  نۆۋەت مۇئەللىمگە كەلگەندە ھېلىقى «ئالاھىدە كۆز»نىڭ ئىچىدىن:
ـــ ھــــــــــــە، كەپ قاپتۇققــــــــۇ؟ـــ دېگەن، قاراياغاچنىڭ بادىرىسىدەك قاتتىق-قۇرۇق ھەم شۇڭ-پۇتاقلىق، سوزۇق ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.
ـــ ئازراق بېنزىن لازىم بولۇپ...
ـــ ھــــــــــــە، ھۆكۈمەتنىڭ تەييار بەرگەن مائاشى قانىڭلىنى ئېسىپ، بىرەر يەرگە ئوت قوياي، دەمسىلـــــــــــــە؟!
  ئاسماندىن ئېشەك توقۇمى چۈشكەندەك ئۇشتۇمتۇت چۈشكەن بۇ ئىپلاس تۆھمەت مۇئەللىمنىڭ ئۆتىگە تەگكەن بولسىمۇ، چىشىنى چىشلەپتۇ:
ـــ موتوغا قۇياي، دەپ...
ـــ ھـــــــــە، شۇندامـــــــــا؟ئىچىگە كىرىڭلا!
ـــ ماۋۇ ئىشىك...ـــ دەپ تۇرۇپ قاپتۇ مۇئەللىم، ئەسلىدە ئاۋالقىلار ئىچىگە كىرمەيلا «خەت» ئېلىپ كەتكەن بولغاچقا.
ـــ مۇشۇنداق نېمىلىگە بەرگەن، ئىسىت-ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى! مەلىم تۇرۇپ بىر ئىشىكنى ئېچىشنىمۇ بىلمىگەن. خەقنىڭ كۆزىنى ئاچارمىش-تېخى. تېشىدىكىنى تارتىپ، ئىچىدىكىنى ئىشتىسىلە!
ـــ ھىم...
ـــ ھــــــــــە، ئايلىقىڭلا قانچى پــــــــۇل؟
ـــ بۇنىڭ بېنزىن سېتىۋېلىشىم بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟
ـــ نېمە؟ ما يەردە سورىغانغا جاۋاپ بېرىشكىلام بولىدۇ. مېنى سوراق قىلىۋاتامسىلە-تېخــــــــــى! مەن خوتۇنىغا دەپ قويىدىغاندەك يوشۇرۇپ كەتكىنىنى بۇنىڭ؟ خالىسام چۈشۈڭلىنىمۇ بىلەلەيمەن، ئىشىنەمسىلـــــــــە؟
   بۇ گەپلەر مۇئەللىمنىڭ ئۆتىدىن ئۆتۈپ، يۈرىكىگە قادالغان بولسىمۇ چىداپتۇ. ئون لېتىر بېنزىن ئۈچۈن ئەمەس. ناۋادا، مۇئەللىم ئالدىدىكى سىزىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈش تۈگۈل، «تاپ»قا چۈشمەيدىغان بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ سالسا، ئۆزىغۇ بارىدىغان يەرگە بېرىپ، كۆرىدىغاننى كۆرەر. ئەمما، ئاتا-ئانىسىچۇ؟ «بالام...» دەپ، تال-تال بولۇپ كەتمەسمۇ؟ بالىلىرىچۇ؟ «دادا...» دەپ زار-زار يىغلاپ قالماسمۇ؟...
   شۇلارنى ئويلىغان مۇئەللىم يەنە چىشىنى چىشلەپ، چىدىشى كېرەك ئىكەن.
ـــ مانــــــــا، تۆت كىلو.
   مۇئەللىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە دەپتۇ:
ـــ سەن گۇينىڭ بالىسىنىڭمۇ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىدىغان، ئالدىمدا بويۇن قىسىپ، تۈكۈرۈكىڭنى يۇتۇپ تۇرىدىغان كۈنۈڭ كېلىدىكەن-ھە؟ ئاۋىلەم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىر مەيداندا ئىمتىھان بەرگەن چېغىمىزدا قەغىزىڭنى سۇنۇپ بەرگىنى ئۇنىمىغان سەنغۇ؟ خەپ، بۈگۈن خېلى چىشىڭغا تېگىپ، ئىچىڭگە ئوت قويۇپ باقساممۇ مىت قىلماي تۇرۇۋالدىڭ. مېنى ئۇرساڭ، تىللىساڭ، ھېچبولمىسا يۈزۈمگە بىرنى تۈكۈرسەڭ بولماسمىدى، گۇينىڭ بالىسى؟! تورۇستىكى ماۋۇ «كۆز» ئاۋازنى ئالالمىغان بىلەن، شۇ ئىشلىرىڭنى ئېلىۋالاتتى. ئاندىن،... خەپ-خەپ، مەنلا بولىدىكەنمەن، قاچانغىچە قاينىمايسەنكىن، قاچانغىچە تاشمايسەنكىن-قېنى! ھاھ-ھاھ-ھاھ...
   سۆزلەۋېتىپ ئۇ تەلۋىلەرچە كۈلۈپتۇكى، كۈلگەنسېرى ئىچى بوشىغاندەك بوپتۇ. كۈلە-كۈلە ئىچىلا ئەمەس پۈتۈن ئەت-جانى، ھەتتا، سۆڭەكلىرىمۇ بوشاپ كېتىپتۇ. كۈلكە تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئۇ قېقىلىپ كېتىپ، ئاغزىدىن قانمىدۇر، بەلغەممىدۇر،  سوقا چىلاندەرەك شىلىمشىق بىر نەرسە «شۇلۇققىدە» ئېتىلىپ چىقىپ، فورمىسىنىڭ ياقىسىدىن ئىچىگە ساقىشقا باشلاپتۇ. ئۇ بۇنىڭ نېمىلىكىگە قاراپ باقماقچى بولغانىكەن، بوينىنى ئېگەلمەپتۇ. چۈنكى، ھېلىقى كۈلكىنىڭ مەستخۇشلۇقىدا يۇمشاپ، سەمرىپ كەتكەن بىر جۈپ ئوقىرىكىنىڭ ئىككى بېشى ئۆسۈپ، بىر «دۆڭ»نى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ «دۆڭ» دەل ئۇنىڭ ئىڭىكىنىڭ ئاستىدا بولغاچقا، تاقىشىپ تۇرىۋېلىپ، ئۇنى تۆۋەنگە قاراتقۇزمايدىكەن.
   شۇ كۈلكىلىك كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ئېغىل-قوتانلىرىدىكى چارىپايلىرىغا ھەلەپ ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن بىر سۆۋەت ساماننى كۆتىرىپ ئىشىكى ئالدىدىكى بىتون تاختايلىق ئۆستەڭ بويىغا چىققاندا، تۇنجى ئۇچرىغان ئادەم ـــ ھېلىقى تۇخۇم سېتىۋالغان ھەقەمسايىسى ئۇنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قاپتۇ.
  ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى ئىككىنچى بولۇپ كۆرگۈچى بىر ئۆسمۈر ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئۇچىسىغا ئەرەنچە كىيىم كىيگەن، ئەمما، مەيدىسى دومباق ئادەمنى كۆرۈپ، بالا ھەم ھەيران قاپتۇ، ھەم قورقۇپتۇ-دە «پارت»لا قىلىپ قېچىپ، ھويلىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ.
ـــ بالىموي، مەكتىپىڭغا ماڭماي نېمە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟ـــ دەپتۇ دادىسى،ـــ ئەتىگەن بەرگەن بەش موچەننى ئاز كۆرۈۋاتانسەن-يا؟
ـــ يا...ياق، يولدا بىر دۆ...
ـــ بۇ تاڭ قاراڭغۇسىدا نەدىكى «دۆ»كەن-ئۇ؟
ـــ «دۆ» ئەمەس، دۆڭ...
ـــ نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ بالا؟ دۆڭ نېمىش قىلىدۇ تۈپ-تۈز يولدا؟
ـــ دادا، مەن يولدا مەيدىسى دومباق بىر دۆڭ مەيدە ئادەمنى كۆردۈم.
ـــ دۆڭ مەيدە ئادەم؟ بالام، جىنغا ئۇچراپ قالمىغانسەن؟
ـــ ئۆزەڭ چىقىپ قاراپ باقە.
   دادا بالىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ-ئىشەنمەي يولغا چىققاندا، ئۇ ئون-يىگىرمە قەدەم ئۇزاپ كەتكەن ئىكەن.
ـــ قېنى دۆڭ مەيدە؟
ـــ ئـــــــــــەنە، ئاشۇ شۇ.
ـــ تەندۇرۇس ئادەمكەنغۇ-ئۇ؟ـــ دەپتۇ دادا، ئاندىن ئۇنى ئارقىسىدىن تونۇپ،ـــ ھـــــە، ئامانلىق مۇدىرىكەنغۇ؟
ـــ مەن يالغان سۆزلىمىدىم، دادا،ـــ دەپتۇ بالا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ،ـــ ئارقىسىدىن قارىساڭ تەندۇرۇس كۆرۈنگىنى بىلەن، ئالدىدىن قارىساڭ راستلا دۆڭ مەيدە.
   مۇشۇ قاق پودا، نەدىكى بىر ئەقىل تاپمىغان شۇمتەك بىلەن يەنە بىر ھۇشىنى بىلمەيدىغان پوق ساقال نېمە دەپ مەھەللىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزىشىدۇ-ھــــــــــــــە؟ چوقۇم ئەدىپىنى بېرىش كېرەك!
   ئۇ شۇنداق ئويلاپ، زەردە بىلەن ئۆرۈلگەنىكەن، سۈزۈلىۋاتقان تاڭ يورۇقىدا دادا ھەممىنى ئوچۇق كۆرۈپتۇ. بالىنىڭ دېگىنى ھەقىقەتەن راستكەن.
ـــ خۇدايا توۋا! قورسىقى سامان تىققان تاغاردەك تومپىيىپ كەتكەن ئەرخەققۇ ئاز ئەمەس بۇ جاھاندا. لېكىن، بۇ ئادەمنىڭ مەيدىسى...
ـــ ئىت پوق يېمەستە نېمە كاڭشىشىسەن-ھــــــــــــە؟!
  ئۇ ھەر بىر ئېغىز گەپ قىلغاندا مەيدىسىدىكى دۆڭ تاتلىق قىچىشىپ، قىمشىپ كېتەرمىش.

                                                              2014-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى. قەشقەر يېڭىئۆستەڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-8 17:48  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-12-8 00:31:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى خەتلەر ئەجەب سوزۇلۇپ كېتىپتۇ-يا!؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-8 09:47:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                           «ھىر»   

   ئاشۇ قېتىملىق كۈلكىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچى بوشاپلا قالماي، قوۋۇرغا، ئوقۇرەك سۆڭەكلىرىمۇ يۇمشاپ، مەيدىسىدە غەلىتە بىر «دۆڭ» پەيدا بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ كىشىلەر ھېچ تەپتارتماستىن، يۈز-خاتىرىمۇ قىلماستىن ئۇنى «دۆڭمەيدە» دەيدىغان بولىۋاپتۇ. شۇنداق دەپ توختاپ قالغان بولسىغۇ مەيلىدى، يامان يېرى، كوچا-كويلاردا «دۆڭمەيدە»گە دارىتمىلانغان ھەرخىل سۆز-چۆچەكلەر پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ. خەقنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قويغىلى بولاتتىمۇ؟ كۈنلەر كۆكلەپ، ئايلار ئاتلاپ ئۆتۈپ، بۇنداق سۆز-چۆچەكلەر شۇنداق ئاۋۇپ كېتىپتۇكى، قايسىسىنىڭ راست، قايسىسىنىڭ يالغانلىقىنى دەرمەھەل ئايرىغىلىمۇ بولمايدىكەن. ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ ئاڭلاپ بېقىپ بىرنېمە دېگىن:
   دۆڭمەيدە ئامانلىق مۇدىرى بولغاندىن ئېتىبارەن، بەئەينى ھۇقۇشقا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇ خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى كۈندۈزى ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرمەيدىكەنۇ، ئەلياتقۇدىن تاڭ ئاتقۇچە «مىت» قىلىپ كىرپىك قاقمايدىكەن. يەنى، ئۇ ئىككى قولىدا بىردىن ھېلىقى قاپقارا رېزىنكە كالتەكنى پۇلاڭلىتىپ، مەھەللىمۇ مەھەللە ئايلىنىپ يۈرۈپ چەگىدەيدىكەن. ئاران ئېرىشكەن «ئەمەل» ئەمەسمۇ؟ «قۇل ئات مىنسە چىقمىغان دۆڭى قالماس، دېدەك قىز مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى» دېگەن شۇ-دە!
   بىر كۈنى تېخى قاش قارايماستا ئۇ كېچىلىك چەگىدەشنىڭ تەرەددۈتىنى قىلىۋاتسا سىرتتىن «ھىھ-ھاڭ...ھاڭ...ھاڭ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئۇشتۇمتۇت چىققان بۇ سەت ئاۋازنى ئاڭلاپ ئاچچىقى تۈۋىدىن قوپقان دۆڭمەيدە پايپىقىنى كىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئايىقىنى قوڭالتاق سېپىپ يۈگۈرۈپ چىقسا، ھاڭگىيار مەھەللىسىدىكى پۈتۈن يېزىغا داڭلىق كۆك ھاڭگا بەش پۇتلۇق بولۇپ، تۆت توشقاننى قوغلاپ كېلىۋاتقۇدەك ! كۆك ھاڭگىنىڭ ئالدىدا ئۆلە-تېرىلىشىگە باقماي، چۈمە-چۇقان سېلىپ قېچىپ كېلىۋاتقان توشقانلارنىڭ بىرىنچىسىنىڭ بىر پۇتىدا ئاياغ بار، يەنە بىر پۇتىدا يوق؛ ئىككىنچىسىنىڭ ئىشتىنى بار، چاپىنى يوق؛ ئۈچىنچىسىنىڭ كۆڭلىكىنىڭ كۆكرىكى بار، ئېتىكى يوق؛ ئاخىرىدا كېلىۋاتقىنىنىڭ بولسا ئۇچىسىدا ھېچنېمە يوقمىش.
ـــ ھۇ-شەرەپسىزلەر، توخۇ قونداققا چىقماستا، يەنە كېلىپ چوڭ يولدا مۇشۇنداق يۈرۈشكە پېتىنىشىپسىنا؟ـــ دەپ ئويلىغان دۆڭمەيدە قولىدىكى قارا كالتەكنى ئوينىتىپ ئۇلارارغا ئېتىلىپ بولغىچە، ھېلىقى توشقانلار ئۇنىڭ چاتىرىقىدىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل «ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسى»غا كىرىپ كېتىپتۇ. كۆك ھاڭگا خېلى بويۇنداپ باققان بولسىمۇ، دۆڭمەيدىنىڭ قولىدىكى قارا كالتەكنى كۆرۈپ «ھىھ-ھاڭ...» دەپ، سوزۇپ ھاڭرىغىنىچە كەينىگە يېنىپ كېتىپ قاپتۇ.
    بۇرۇن ساڭا: «بۇ كالتەكنىڭ تورىنى قىياس قىلىپ بولالمايسەن» دېمىگەنمىدىم؟ ئەمدىغۇ ئازراق ئىشەنگەنسەن؟ ھاڭگلىقى تۇتۇپ، جاھانغا پاتماي قالغان ئاۋۇ ئېشەك دۆڭمەيدىنىڭ قولىدىكى ئاشۇ كالتەكنى كۆرۈپلا ياۋاشلاپ كېتىپ قالدى-ئەنە...
   دۆڭمەيدە قايتىپ كىرىپ قارىسا، توشقانلار ئىشخانىنىڭ ئىچىدىكى ياتاق ئۆيگە قويۇلغان يالغۇز كىشىلىك كارىۋاتتا، ھېچ غېمىدە يوق قىچىقلىشىپ ئوينىشىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرۈپ دۆڭ مەيدە نېمە دېيىشىنى  بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قاپتۇ.
   « ھىھ-ھىھ-ھىھ، ھۇھ-ھۇھ-ھۇھ » قىلغان كۈلكە ئاۋازى دۆڭمەيدىنىڭ كۆڭلىنىلا ئەمەس، قىش-ياز مۇز چىللاپ تۇرىدىغان مۇنۇ ئىشخانىنىڭ تام-تورۇسلىرىنىمۇ ئېرىتىشكە باشلىغاندا، دۆڭمەيدە ئۆزىنىڭ «كىم»لىكىنى دەررۇ ئېسىگە ئاپتۇ-دە، ئاچچىقمۇ ئەمەس، تاتلىقمۇ ئەمەس، ئالما تاتلىقى ئاۋازدا:
ـــ ھـــە-توشقانچاقلار، ئېيتىڭلارچۇ، ھېلىقى كۆك ئېشەك سىلەرنى نېمىشقا قوغلايدۇ؟ـــ دەپ سوراپتۇ ئۇلاردىن.
ـــ ھىم،ـــ دەپ دېمىقىنى قېقىپتۇ بىرىنچى توشقان، بوينىدا شاپتۇل قاققاچ، بىر پۇتىدىكى ئاياغنى پىرقىرىتىپ سېلىپ تاشلاۋېتىپ،ـــ بىكارغىلا دەپ بېرەمتۇقكى؟ بىكارغا پاختەك ئوسۇرۇپ بېرىدىغاندەك.
ـــ شۇنى بىي دەڭا-جانىم،ـــ دەپتۇ چاپىنى يوق، ئىشتانچاق ئىككىنچى توشقان ساغرىسىنى تاسقاپ،ـــ مۇتقا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقىدىغاندەك.
ـــ ئو-ئۈش، نېمىنداق ئادەمنىڭ يىتىم قوۋۇرغىسىنى ئېگىدۇ ماۋۇ دۆڭمەيدە،ـــ دەپتۇ كۆڭلىكىنىڭ كۆكرىكى بار، ئېتىكى يوق ئۈچىنچى توشقانمۇ گەپتىن قالماي، ئىككى قولىنى قولتۇقىدىن چىقىرىپ، يۇقۇرىغا سوزۇپ تۇرۇپ،ـــ بىزنى ئۆيىدىكى مىكىجىنغا ئوخشىتىپ قالدىمىكىن؟
—ئەجەپ دېدىڭىزا-باغرىم،ـــ دەپتۇ ئۇچىسىدا ھېچنېمە يوق تۆتىنچى توشقان تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئىككى پاقالچىقىنى قايچىلاشتۇرۇپ، ئۆرە بولۇۋېتىپ،ـــ مۇشۇ ئاپئاق بەدەنلىرىمىز بىلەن ماۋۇ پىتلىق يوتقىنىدا يېتىپ قويغىنىمىزغا خۇش بولماي سوراققا تارتىپ كەتكىنىنى-تېخى!
   ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ ئىككى قولىنىڭ دۈمبىسىنى بىر-بىرىگە ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇرغاچ، سەمەن چىلگىسىنىڭ تۇمشۇقىدەك بىر جۈپ كۆكسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن پەسكە سىيرىپ چۈشۈرۈپ، تۇتامغا ئاران كەلگۈدەك بېلىنى باش بارماق ۋە بېگىز بارماقلىرى بىلەن ئىككى تەرەپتىن قورۇپ تۇتقان ھالەتتە، سول پۇتىنى قىياھ كۆتىرىپ، ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا تايىنىپ «پىررىدە» ئايلىنىپتىكەن، ئەييۇھەنناس، دۆڭمەيدىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىكىتىپتۇ.
   شۇ چاغدا دۆڭمەيدە ئۆزىنىڭ بۇلاردىن نېمىنى سورىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا، بوغۇزىغا كەپلەشكەن سېرىق سۇنى «غۇرتتىدە» يۇتىۋېتىپ، دۇدۇقلاپتۇ:
ـــ يا...ياق، توشقانچاقلىرىم، مە...مەن شۇ...
ـــ ھاھ-ھاھ-ھاھ،ـــ دەپ كۈلۈپتۇ ئىشتانچاق توشقان، بەل تاسمىسىنى بوشاتقاچ،ـــ «توشقانچاقلىييييييىم» دەپ قويسىلا، ئادەمنىڭ بىي يەلىيىنىڭ دېمىنى تۇتقۇزۇپ!
  ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ نوغۇچتەك پاقالچىقىغا ئاچچىق ئۈچەيدەك تار كېلىپ قالغان پادىچىلار ئىشتىنىنى تەتۈرىسىگە ئۆرۈپ سېلىپ بىر ئاتقانىكەن، ئىشتان ئۇچۇپ كېلىپ دۆڭمەيدىنىڭ بوينىغا يۆگىشىپ قاپتۇ.
ـــ ھۇ، شەرەپسىز نايناق،ـــ دەپ، ئۇنى ئىچىدە تىللاپتۇ دۆڭمەيدە، چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيىشكە تىلى بارماي،ـــ لېكىن، بۇنىڭ يوتىسى ئاۋۇ يالىڭاچنىڭكىدىنمۇ ئاقكىنا؟
ـــ ھۇييييييت-دۆڭمەيدە،ـــ دەپتۇ ئېتەكسىز كۆڭلىكىنىڭ بويتاسمىسىنى مۈرىسىدىن سىيرىلدۇرىۋاتقان يەنە بىر توشقان تۇمشۇقىنى نەشتەردەك ئۇچلاپ، ئوغىدەك ئۆتكۈر تەنە قىلىپ،ـــ ئالدىراپ-سالدىراپ «توشقانچاقلىرىم» دەپ قويغان بىلەن، ھۆددىمىزدىن چىقىپ بولالماي «ۋاك» دەلىمىكىن-ھېلى؟
   پاھ-پاھ-پاھ، ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ ئۇچىسىدىكى تۆشلۈكىنى يېشىپ تاشلىغانىكەن، ھېلىقى «سەمەن چىلگىسى»نىڭ بۇرنى «ۋاككىدە» يېرىلىپ، قىزغۇچ ئېتى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. دۆڭمەيدە تازا زەن سېلىپ قاراپ تۇرۇشىغا، «پۇررىدە» ئۇچۇپ كەلگەن «تۆشلۈك» نەق ئۇنىڭ بېشىغا كىيىلىپتۇ.
ـــ ئاچ پاقىدەك قاراپ كېتىشلىرىدىن دۆڭمەيدە غوجامنىڭ بىزگە كۆزى چۈشۈپ قالدىمۇ-نېمــــــە؟ـــ دەپتۇ يالىڭاچ توشقان، ئاقمۇ ئەمەس،قارىمۇ ئەمەس، قىزىلمۇ ئەمەس، سېرىقمۇ ئەمەس، ئۆزىگە خاس رەڭدىكى مىقىچاق كاسىسىنى دۆڭمەيدىنىڭ تۇمشۇقىغا ئەكىلىپ، ئەينەك شىرەنىڭ گىرۋىكىگە قويۇپ ئولتۇرۇپ،ـــ شۇندامۇ-يا، غوجېيييم؟
   ئاللىقاچان تىلى تامىقىغا چاپلىشىپ كەتكەن دۆڭمەيدە نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ ئۇ ھېلىدىن ھېلىغا قىمشىپ، بىردەم ئوڭ تېقىمى بىلەن سول تىزىنى، يەنە بىردەم سول تېقىمى بىلەن ئوڭ تىزىنى باسۇرۇپ، ئاغزىدىن قۇيۇلۇشقا ئاران تۇرغان شۆلگەي ئارىلاش سېرىق سۇنى «غۇرت-غۇرت» قىلىپ، مىڭ تەستە ئىچىگە يۇتۇپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
ـــ «توشقانلىرىييييم» دەپ كېتىپ بارىتتىلە، ھالىلىرى مۇشۇنچىلىكمىدى-دۆڭمەيدە، ـــ دەپتۇ قايسىدۇر بىر توشقان، ئوڭ قولىنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن ئۇنىڭ ئېڭىكىنى «شىلىققىدە» قىلىۋېتىپ.
   ئىھھھ، توشقاننىڭ قولى ئېڭىكىگە تېگىشى بىلەن دۆڭمەيدە «جىرتتىدە» سىيىپ تاشلاپتۇ-دە، ئۇنىڭ تاناپتەك تارتىلىپ، چىڭقىلىپ كەتكەن مۇسكۇللىرىمۇ «لاسسىدە» بوشاپ كېتىپتۇ.
ـــ ۋىيى-ۋىيى، ئى تۇرقىنى، ئىشىپ قويۇپ بەرگەن كۇلىدەك.
   دۆڭمەيدىنىڭ ئەمدى ھېچ گەپكە تاۋى قالمىغان ئىكەن. ئۇ خەتمىسىنى قىلدۇرغان كىچىك بالىدەك چېتىنى كىرىپ مېڭىپ، دېرىزە تەكچىسىدىكى چەينەكنى قولىغا ئاپتۇ-دە:
ـــ مە...مەن چاي قۇيۇپ بېرەي، چاي ئىچىشكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى. راست، ئاۋۇ كۆك ئېشەك سىلەرنى نېمىشقا قوغلاپ يۈرۈيدۇ؟ـــ دەپ، باشتىكى سوئالىنى ئاران ئېسىگە كەلتۈرۈپ تەكرارلاپتۇ دۆڭمەيدە دەردىنى ئىچىدە بىلىپ، ئاتتىن چۈشسىمۇ، ئۆزەڭگىدىن چۈشمەي.
ـــ ۋاي-دۆڭمەيدە، ۋاي-دۆڭمەيدە، «ئۆزەمنىڭ شوخلۇقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق» دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانما-سىلى؟ـــ دەپ گەپ باشلاپتۇ توشقانلار بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي، جاۋىلدىشىپ...
   دۆڭمەيدە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن شۇنى بىلىپتۇكى: ئەسلىدە، كۆك ھاڭگىنىڭ چىش يېگەن ۋاقتىدىن تارتىپلا «ھىر» دېگەن گەپنى ئاڭلىسا تۇيىقى قىزىپ كېتىدىغان غەلىتە خۇيى باركەن. مۇنۇ كەپسىز توشقانلار بولسا ئۇنى كۆرگەنلا يەردە «ھىر، ھىر-ھىر» دەپ، تۇيىقىنى قىزىتىپ قويۇپ قېچىپ كېتىدىكەن.
   بۈگۈن بۇ تۆت توشقان يولدا كېتىۋاتقاندا كۆك ھاڭگا ئۇدۇلدىن چىقىپ قاپتۇ-دە، ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق، ھاڭرىغان پېتى ئۇلارغا ئېتىلىپتۇ. توشقانلار:
ـــ ئەي ئېشەك، بۇرۇنغۇ «ھىر» دەپ، سېنى تىرىكتۈرگىنىمىز راست. بىراق، بۈگۈن ھېچنېمە دېمىسەكمۇ نېمىشقا بىزگە چاڭ سالماقچى بولىسەن؟ـــ دەپ سورىغانىكەن، كۆك ھاڭگا:
ـــ ھىھ-ھاڭ، سەنلەر ئاغزىڭدا ھېچنېمە دېمىگەن بىلەن، تۇرقۇڭلاردىن «ھىر» تۆكۈلۈپ تۇرمامدۇ؟ شۇڭا، بۈگۈن ھەرقايسىڭ بىلەن كونا-يېڭى ھېساپنى بىر-بىرلەپ قىلىشىمەن، ھىھ-ھاڭ...ھاڭ...ـــ دېگىنىچە، پەيلىنى بۇزۇپ ئۇلارغا تاشلىنىپتۇ. توشقانلار قېچىپتۇ، قېچىپتۇ...
   «ئۆردەك بىلەن غاز بىللە، چىۋىن بىلەن تاز بىللە» دېگەندەك ،ھېلىمۇ ياخشى بۇلارنىڭ تەلىيىگە دۆڭمەيدە چىقىپ قاپتۇ، بولمىسا بۇلار ئاغزىدا «ھىر» دېمىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ تۇرقىدا ئېشەكنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىپ، بىر نېمە بولۇپ كېتەر ئىكەن...

           2014-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى. قەشقەر يېڭىئۆستەڭ.


                   ھاپىتىغا شاپىتى            

   
    بۇ جاھاندا شۇنداق توغرا كېلىپ قېلىشلار بولىدىكەنكى، كۆرۈپ كۆزۈڭگە، ئاڭلاپ قۇلىقىڭغا ئىشەنگۈڭ كەلمەيدىكەن. لېكىن، كۆز بىلەن قۇلاق ئۆزۈڭنىڭ تۇرسا ئىشەنمەي دېسەڭ تېخى. توۋا قىلدىم، توۋا! ئەڭ ياخشىسى، سەنمۇ «توۋا» دەپ، ياقاڭنى چشلە...
   ئارا مەھەللە كەنت كومتېتىنىڭ «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش»ىغا مۇئاۋىن يېزا باشلىقىنىڭ ئۆزى كېلىپ باش بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كەنتتىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق ئەمەلدار ۋە ئەمەلدارچاقلارنىڭ ھەممىسى ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشىپتۇ. كەنت ئامانلىق مۇدىرى دۆڭمەيدىنىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى دېمەيلا قوي. ئۇ باشلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، نەزىرىگە ئېلىنىش شەرىپىگە مۇشەررەپ بولۇش خۇشلۇقىدا پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي چېپىپتۇ. ھەتتا، ئىككى پۇتى ئازلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۆت پۇتلۇق، بولسا سەككىز ئاياغلىق بولۇپ تۆرەلمىگىنىگە يۈزمىڭ پۇشايمان قىپتۇ.
   ئۇ شۇنداق شاپاشلاپ يۈرۈپ، «توخۇ سۈتىدىن باشقىنى تەل قىلىپ بولدۇمغۇ» دەپ، مەيدىسىدىكى دۆڭنى سىيلاپ تۇرغاندا، ئورگاندىكى قۇيرۇق چۆرىگۈچلەرنىڭ بىرسىنىڭ «باشلىق مايلىق قوي گۆشىنى ياقتۇرمايدۇ، موزاي گۆشىنى، بولۇپمۇ چىش يېمىگەن تورپاقنىڭ گۆشىنى يالپاقلاپ توغراپ، قىزىلمۇچ ۋە دورا-دەرمەكلەر بىلەن قورۇپ، پات-پات يەڭگۈشلەپ، ئىسسىق-ئىسسىق ئەكىرىپ تۇرۇڭلار» دېگەن ئالدىن تاپشۇرۇقى يېتىپ كەپتۇ.
ـــ كىمنىڭ چىش يېمىگەن تورپىقى بار؟
   بۇ سوئال كەنت مۇدىرىنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ بولغۇچە دۆڭمەيدە مەيدىسىگە ئۇرۇپ چاچراپ تۇرۇپتۇ.
   ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىگە قايسى يول بىلەن، قانداق كەلگەنلىكىنى سەن سورىما، مەن دېمەي. چۈنكى، بۇنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، بىلسەممۇ ساڭا دەپ بېرەلمەيمەن، دەپ بېرەلەيدىغىنىم پەقەت مۇشۇنچىلىك:
   خۇشلۇقى ئىچىگە پاتمىغان دۆڭمەيدە ئۆيىگە كېلىپ، مىكىجىن بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز مۇقۇلدىشىۋالغاندىن كېيىن:
ـــ لېكىن-زە، ئالدىغا كەلگەننى ئۈسۈپ، كەينىگە كەلگەننى تېپىپ، يېنىغا ئادەم يولاتمايدىغان بۇ ئالا تورپاقنى قۇشخانىغا قانداق ئېلىپ بارارمەن دەيمە،ـــ دەپتۇ ئۇ خوتۇنىغا ھال ئېيتىپ،ـــ كاشكى، ئۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى چۈشەنسە، ئۆزىنىڭ كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن قۇربان بېرىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى-ھە؟
ـــ ئۇ ھايۋاننىڭ ئۇنچىلىكنى بىلگۈچىلىكى بارمىتى؟ـــ دەپتۇ مىكىجىن قاش-قاپىقىنى سۈزۈپ،ـــ لېكىن، ئۇنىڭغىمۇ ئامال تېپىلىدۇ.
ـــ قانداق ئامال؟ـــ دەپ سوراپتۇ دۆڭمەيدە خوتۇنىنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ.
ـــ دېگىنە دۆڭمەيدەم، جاھاندا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بارمۇ؟ـــ دەپ سوراپتۇ مىكىجىن، دۆڭمەيدىگە مەنىلىك قاراپ.
ـــ ئو-ھوي خوتۇن،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە تەقەززالىقىنى يوشۇرالماي،ـــ مۈشۈك-پۈشۈكنىڭ گېپىنى قويۇپ، ماۋۇ تورپاقنى قۇشخانىغا قانداق ئاپىرىمىز، بىر يول كۆرسەتكىنە-مانداق.
ـــ ھەي، مەنمۇ شۇنى دەۋاتىمەنغۇ-مانا؟ـــ دەپتۇ مىكىجىن، ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن ھاۋانى قىلىچتا كەسكەندەك تىك كېسىپ،ـــ بۇ جاھاندا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بولمىغاندەك، شاپاق غاجىمايدىغان كالىمۇ يوق.ـــ ئاندىن ئۇ «قىلىچ»ى بىلەن ئېغىل تەرەپنى كۆرسىتىپ دەپتۇ،ـــ بۇ تورپىقىڭ «ئالا» بولسىمۇ، «قارا» بولسىمۇ بەرىبىر كالا، جاجىسى بىر پارچە شاپاق!
ـــ شاپاق؟؟ـــ دەپ سوراپتۇ دۆڭمەيدە ھېچنېمىنى چۈشەنمەي،ـــ شاپاقنى نېمە قىلىمىز؟
ـــ شاپاقنىڭ يامان يېرىدىن بىر تۆشۈك ئاچىمىز-دە،ـــ دەپتۇ مىكىجىن ئىنتايىن مەككارلىق ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن،ـــ تورپاقنىڭ بوينىدىكى ئارغامچىنى بۇ تۆشۈكتىن ئۆتكۈزىمىز، ئاندىن سەن ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن چىڭ تارتىپ ماڭىسەن. قېنى، شۇ چاغدا ئاۋۇ ئالا تورپاقنىڭ كۆز ئالدىدىكى شاپاققا تەلمۈرۈپ، سوكۇلداپ ماڭمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي!
ـــ لېكىن،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە تازا كۆڭۈل توختىتالماي،ـــ كالا شاپاقنى بىر يالماپلا يېۋەتسىچۇ؟
ـــ ئاچاڭ قارىغاينى كىم چاغلاۋاتىسەن؟ـــ دەپتۇ مىكىجىن، ئەۋرەز پاقىسىدەك ئېسىلىپ كەتكەن كۆكسىگە «پاققىدە» ئۇرۇپ، ئاندىن قول ئىشارىتى قىلغاچ چۈشەندۈرۈپتۇ،ـــ شاپاقنى بەك نېرىغىمۇ ئەمەس، بەك بېرىگىمۇ ئەمەس، تورپاقنىڭ تىلى ئاران-ئاران يەتكىدەك يەرگىچە سۈرۈپ قويىمىز. قۇشخانىغا بېرىۋالغۇچە شاپاقنى تورپاققا ئانچە-مۇنچە يالىتىپ قويساقلا بولدى، چىشلىتىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
ـــ ئاجايىپ تەدبىرلىك جۇمۇ-سەن،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە سۇيۇلۇپ، سۆڭگىچىنى خوتۇنىنىڭ يانپىشىغا يارقاپ.
ـــ ئو-ئۈش، ئۆتەپ بارە،ـــ دەپتۇ مىكىجىن، ساغرىسىنى دۆڭمەيدىنىڭ مەيدىسىگە ئۆركەپ قويۇپ،ـــ «غوجامنى سېغىنساڭ، ئىتىغا سۆڭەك تاشلا» دەپتىكەن، شۇڭا ئاغزىمنى ئۇپرىتىپ، ساڭا يول كۆرسىتىۋاتىمەن. ماڭ، ئەمدى بېرىپ، غوجاڭنىڭ خىزمىتىنى قىل.
ـــ مە...مەن ئۆزەم يالغۇزما؟ـــ دەپ، مىكىجىنغا يېلىنغاندەك تەلمۈرۈپتۇ دۆڭمەيدە دۇدۇقلاپ،ـــ تورپاقنى قۇشخانىغىچە كەينىدىن ھەيدىشىپ بەرمەمسەن؟
ـــ ھەي دۆڭمەيدە-ھەي دۆڭمەيدە، «دۆڭمەيدە» بولماي، «پوقمەيدە» بولۇپلا كەتسەڭچۇ-ئىگەكىم!ـــ دەپتۇ مىكىجىن چالۋاقاپ،ـــ ئىككىمىز بىللە، بىر تورپاقنى ھەيدەپ-يېتىلەپ قۇشخانىغا ئېلىپ ماڭساق، ماۋۇ شۇم ئېغىز خوشنىلىرىڭ نېمە دەيدۇ بىلەمسەن؟ـــ ئاندىن ئۇ دۆڭمەيدىنىڭ پىشانىسىغا نوقۇپ تۇرۇپ تاپىلاپتۇ،ـــ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا خەقنىڭ كۆزىچە مېنى شېرىك قىلما، بىلدىڭمۇ؟
ـــ ماقۇل-ماقۇل،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە، مىكىجىننىڭ بۇ ئەلپازىدىن قورقۇپ،ـــ بىراق، بىرسى كەينىدىن ھەيدىشىپ بەرمىسە، بۇ تورپاقنى...
ـــ ماۋۇ چېقىر كۆز ھەقەمساياڭنى توۋلاپ چىق،ـــ دەپتۇ مىكىجىن بۇيرۇق قېتىش قول شىلتىپ،ـــ تورپاقنى قۇشخانىغا ئۇ ھەيدەپ ئاپىرىشىپ بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق.
ـــ ئۇ... ئۇنىماسمىكىن؟
ـــ ھەددى ئەمەس!ـــ دەپتۇ مىكىجىن تۈكىنى تەتۈر ئۆرۈپ،ـــ ئۇنىڭ يېشىمۇ تېخى ئەللىككە توشمايدىغۇ؟ ئۇنداقتا، ئۇ ئېڭىكىدىكى ئاشۇ بىر تۇتام تۈكتىن ئايرىلىپ قالماي دېسە، ئۇنىماي قالمايدۇ. قالغىنىنى ئوچۇق دېمىسەممۇ بولار؟
   مانا، ئۇلارنىڭ دېيىشكەن گەپ-سۆزلىرىنى سەنمۇ ئۆز قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلىدىڭ. ئىشىنەمسەن-ئىشەنمەمسەن، قالغىنى ئۆزۈڭنىڭ ئىشى...

   شۇنداق قىلىپ دۆڭمەيدە ئالا تورپاقنى ئۆزى يېتىلەپ، «ئۆكۈز» لەقەملىك ھەقەمسايىسىغا ھەيدىتىپ، قۇشخانىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ.
ـــ ئارغامچىنى بوشراق تارت-دۆڭمەيدە،ـــ دەپتۇ ھەقەمسايىسى، تورپاقنىڭ مېڭىشىغا كۈيىمەي، ئارغامچىنى جېنىنىڭ بېرىچە چىڭ تارتىپ كېتىپ بارغان دۆڭمەيدىگە،ـــ ئۈزۈلۈپ كەتمىسۇن-يەنە!
ـــ خاتىرەڭنى جەم قىل، ئۈزۈلمەيدۇ.
ـــ كېسىپ دېگىدەك ئىشەنچىڭ بار ئىكەن-دە؟
ـــ بولماي-ئەمىسە،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە خۇپسەنلىك بىلەن،ـــ سېپى ئۆزىدىن تۇرسا.
ـــ سېپى ئۆزىدىن؟ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
ـــ ساڭا دېسەم،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە تورپاقنىڭ بوينىدىكى قاپ-قارا ئارغامچىنى سىلكىپ قويۇپ،ـــ بۇ ئارغامچىمۇ كالا قۇيرۇقىدىن ئېشىلگەن قىل ئارغامچا، شۇڭا ئالدىراپ ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ.
ـــ «مۇنداق» دە،ـــ دەپتۇ ھەقەمسايىسى، ئاندىن ئۆز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي دۆڭمەيدىدىن سوراپتۇ،ـــ لېكىن، ئارغامچىنى شاپاقتىن ئۆتكۈزۈپ، شاپاق بىلەن كالىنى ئالداپ ماڭىدىغان ماۋۇ ئامالنى قانداقمۇ ئويلاپ تاپقانسەن، دەيمە؟
ـــ بىزنىڭ خوتۇننىڭ كۆرسەتكەن ئەقلى، قانداق، بولامدىكەن؟ـــ دەپ ساپتۇ دۆڭمەيدە، ماختىنىش تەماسىدا خوتۇنىنىڭ نوقۇپ تۇرۇپ قىلغان تاپىلىقىنى ئۇنتۇپ.
ـــ ئۇنى بىر دېمە،ـــ دەپتۇ ھەقەمسايىسى،ـــ مىكىجىن بىلەن ئىككىڭ «ھاپىتىغا شاپىتى، توڭرىلىققا مەرەزدا» دېگەندەك، تېپىشقان نېمىلەر-دە.
ـــ ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىل،ـــ دەپ گۆلىيىپتۇ دۆڭمەيدە،ـــ بۈگۈنچە مېنى نېمە دېسەڭ دەۋال، لېكىن، خوتۇنۇمنى «ئۇ-بۇ» دېگۈچى بولما. بولمىسا، ماۋۇ ئالا تورپاقنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن بىركۈنى ئەمەس بىركۈنى سەن چېقىر كۆز ئۆكۈزنىڭمۇ بېشىڭغا كەپ قالمىسۇن-يەنە!
ـــ سەن ئۇنچىلىك ئىشنى قىلىسەن-مەرەز،ـــ دەپتۇ ھەقەمسايىسى ئىچىگە تىنىپ، ئاندىن شاپاققا تىلىنى سوزۇپ، سوكۇلداپ كېتىپ بارغان ئالا تورپاققا قاراپ خۇرسىنىپتۇ،ـــ ئىسىت-ئىسىت بىچارە، «بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا» دېگەندەك بوينۇڭغا خېلى مال يىغىپتىكەنسەن، مادامىكى، ماۋۇ دۆڭمەيدە دېگەن مەنسەپ دىۋانىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدىغان بولدۇڭ-دە؟
ـــ نېمە دېسەڭ دە، لېكىن، سەنمۇ پىشانەڭنى سىيلاپ باق،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە ھەقەمسايىسىغا قاراپ، پىخىلداپ،ـــ ئۆزۈڭمۇ بىر «ئۆكۈز» تۇرۇپ، چىش يېمىگەن بىر تورپاقنى قۇشخانىغا ھەيدەپ كېتىۋاتىسەنغۇ-مانا؟!
   بۇ گەپ ئۆكۈزنىڭ نەق يۈرىكىگە تەگكەن بولسىمۇ، بىر نېمە دەپ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلمەپتۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ دېگىنىمۇ يالغان ئەمەس-تە؟
ـــ ئەي ياراتقان ئېگەم،ـــ دەپتۇ ئۆكۈز كۈن پېتىشقا قاراپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتىرىپ، كەڭ يېيىپ،ـــ «شەھەر شەرمەندىنىڭ، جاھان توخۇ پوقىنىڭ» بولغاندا، كىشىنىڭ ئىختىيارى ئۆزىدە بولمايدىكەن، ئاخىرەتتە سەن ئۆزۈڭ قازى بولۇپ بىرنېمە دېگەيسەن!

                    2014-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى. قەشقەر يېڭىئۆستەڭ.


             قورققان يەردە جىن بار

  
    ئۇزۇن بولدى ئەھۋاللىشالمىدۇق، سەن يوقاپ كەتتىڭمۇ، مەنمۇ؟ بەلكىم، ھەر ئىككىمىز جىمجىتقىنا يوقىلىۋاتقاندىمىز...
    ماڭا باقساڭ، ئىلگىرى يا تېشىم سوئال قوياتتى، ئىچىمنى مالتىلايتىم، يا ئىچىم سوئال قوياتتى، ئەپتىمنى تۈزەيتىم. گاھىدا باش-ئۈستۈمگە قار-يامغۇردەك، نەيزە-قىلىچتەك، توپ-زەمبىرەك ئوقىدەك سوئاللار يېغىپ كېتەتتىكى، ئۇلار بىلەن ھۇشيارلىقىم ئېشىپ، راھەتلىنىپ كېتەتتىم. توۋا، گۈمبۈرلەپ ئېتىلىۋاتقان توپ-زەمبىرەكلەر بىردىنلا توختاپ قالسا ئۇشتۇمتۇت كۈن تۇتۇلغاندەك جاھاننى قورقۇنچ بېسىپ كېتىدىكىنا؟ خېلىدىن بېرى بۇرنۇمغا نوقۇپ تۇرۇپ، ياكى يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرۇپ قىلىدىغان سوئال-سوراقلارمۇ يوق، قورقۇپ قېلىۋاتىمەن. نېمىدىن دەمسەن؟ جىندىن. «ئوغۇل بالا دېگەنمۇ جىندىن قورقامدۇ؟» دەپ، مېنى مازاق قىلما. نى-نى «مەندۇرمەن!» دېگەنلەرنىمۇ كۆرگەن، كۆرۈۋاتىمىز، يەنە كۆرىدىغان ئوخشايمىز. ئىشەنمىسەڭ مانا قارا...
   ئارا مەھەللە كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى دۆڭمەيدە ئالا تورپىقىنى ئۆكۈز لەقەملىك قوشنىسىغا ھەيدىتىپ قۇشخانىغا ئېلىپ ماڭغان ئاشۇ كۈنى كەچتە كەنت قوروسىدا «تورپاق گۆشى قورۇمىسى» قورۇلۇپ، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى كۈتىۋېلىنىپتۇ. ئامانلىق مۇدىرى دېگەن يەنىلا «ئامانلىق مۇدىرى»-دە؟ «كۈتىۋېلىش»تا ئۇ ئاز يەپ، ئاز ئىچىپ، مەيدىسىدىكى «دۆڭ»نى لىكىلدىتىپ يۈرۈپ، كالا قۇيرۇقىدىن قىلىنغان چىۋىن قورىغۇچ بىلەن «غوجام»نىڭ چىۋىنىنى قورۇپ خېلى چارچىغان بولسىمۇ، ئەلياتقۇ ۋاقتى بىلەن تەڭ ئاۋۋال ئۆزى كۆزىنى يىرتىپ ئېچىپ، چاپراس كىيىنىپتۇ. ئاندىن كەنت ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىدىكىلەرنى قارا كالتەك بىلەن نوقۇپ-تۈرتۈپ ئويغىتىپ، كېچىلىك ئامانلىق تەكشۈرۈشكە ئاتلىنىپتۇ.
   تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇلار خالىغان ئائىلىگە كىرىپ، چالا ئۇيقۇلۇق ئائىلە ئەزالىرىنى نوپۇس دەپتىرىدىكى سان بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ يوقلىما قىلىدىكەن. بېرىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ، يوقىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرىدىكەن. يېرىم-يارتا يۇيۇنۇپ چىققان، باش-كۆزىدىن سۇ تامچىپ تۇرغان ئاتا-ئانىلارنىڭ خىجىلچىلىقى، تولۇق كىيىنىپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن رەسىدە قىزلارنىڭ نۇمۇسى، چۈشىگە جىن كىرىپ قالغاندەك قورقۇمسىراپ تۇرغان نارەسىدىلەرنىڭ قورقۇنچى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆڭ مەيدىنىڭ نەزىرىگە ئىلىناتتىمۇ؟ پەقەت، ئۇ ئاللانېمىنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك ئايۋان-ساراي، قازناق-ئامبار، ئېغىل-قوتانلارغىچە تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، «غەيرى ئالامەت» بايقالمىغاندىن كېيىن كۆزى كەينىدە چىقىپ كېتىدىكەن.
   ئاشۇ كۈنى كېچىدە ئۇلار قايتىپ كېلىۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇت ھاۋا ئۆزگىرىپ، يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ. ئاخشام «مەدەنىيلىك»نى تازا «ئەۋج ئالدۇرۇپ»، ئىچى قىزىپ قوپقان دۆڭمەيدىلەرگە يامغۇر باشتا خۇش يېقىپتۇ، كېيىن ئۇلار شۈمشىيىشكە، بارا-بارا دۈگدىيىشكە باشلاپتۇ. چىشلىرى باشتا غۇچۇرلاپ، كېيىن كاسىلداشقا، ئاقىۋەت جاقىلداشقا باشلىغان دۆڭمەيدە قولىنى كۆتىرىپ، ئىككى ئالىقىنىنى بىلەن يامغۇرنى توسماقچى بولغانىكەن، قولىدىكى قورالى ـــ رېزىنكە كالتىكىنى يىغىشتۇرالماپتۇ. كالتىكنى قولتۇقىغا قىستۇرماقچى بولغانىكەن، قولىنى كۆتۈرەلمەپتۇ. شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى «دۆڭ» تۈپەيلى ئېچىلىپ قالغان ياقىسىدىن شۇرقىراپ كىرىۋاتقان يامغۇر سۈيى بەل تاسمىسىدىن ساقىپ چۈشۈپ، ئاغ-پاغلىرىنى سۈزمە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۈستى-بېشىنى تۈزەشتۈرىۋېلىش ئۈچۈن قولىدىكى كالتەكنى بىرەرسىگە تۇتقۇزۇپ قويۇشقا رايى قەتئىي بارمايدىكەن. چۈنكى، كالتەك دېمەك ـــ ھوقۇق دېمەك-دە؟!
ـــ خەپ-يامغۇر، خەپ،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدە چاتىرىقىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، ئايىغىدىن ساقىۋاتقان يامغۇر سۈيىنى ماچىلدىتىپ دەسسەپ، قولىدىكى كالتەكىنى ئاسمانغا قارىتىپ پۇلاڭلىتىپ،ـــ بارىدىغان يېرىمگە بېرىۋېلىپ، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم...
ـــ ۋۇيجان-ۋۇيجان،، شۇنداق قىسىلا-بى،ـــ دەپ ئۈن قېتىپتۇ، خېنىمچە ئاۋازدا بىرسى،ـــ مەنمۇ-چۇ، تىللاپ  ئانىمانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋەتمىسەم- بۇ نېمىنىڭ.
ـــ ئۆت-ئۆتەۋا، ئاق سويما،ـــ دەپ، ئۇنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىپتۇ يەنە بىرسى بۇزۇق كارنايدەك غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا،ـــ سېنىڭ ئاغزىڭدىنغۇ شۇ«ۋايجان»دىن باشقا گەپ چىقمايدۇ. ئەر كىشى دېگەن مانداق ياقىسىدىن تۇتۇپ، قولىغا كۆزىمىزنى تىقىپ...
ـــ ئۆزەڭ ئۆتەپ بارە-بۇزۇق كارناي، سەن بىژنېمە «ۋايجان»نىڭ قەدرىنى بىلەمتىڭ؟
ـــ بولدى قىلىشە،ـــ دەپ بۇيرۇق قىپتۇ بۇ ئىككىسىگە ئۈچىنچى بىرسى خىرقىراق ئاۋازدا،ـــ قول تەككۈزۈپ يامان ئاتلىق بولغاندىن كۆرە، بىر ئىلىك خەت بىلەن ھەر قاندىقىنى «بارسا كەلمەس» قىلىۋېتىش كېرەك.
   ئۇلار «نېمىنى نېمە قىلىۋېتىش» ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىپ بىر ئاچالغا كەلگەندە، ئالدىدا يول باشلاپ ماڭغىنى ماڭماي تىرەجەپ تۇرىۋاپتۇ.
ـــ ماڭمامسىنوي يېڭى كەلداخۇن،ـــ دەپتۇ ئۇنىڭغا ئارقىسىدىكى «بۇزۇق كارناي».
ـــ ئالدىمىزدا زاراتلىق بار، شۇڭا ئۇدۇل ماڭماي، باشقا يول بىلەن ماڭساقمىكىن؟ـــ دەپتۇ يېڭى كەلداخۇن يېلىنىش ئاھاڭىدا.
ـــ ھەي، ئالدىرىغاندا ئىشتان پۇتلاشقاندەك نېمە پۇتلىشىپ تۇرىشىسەن؟ـــ دەپ سېسىق كىنايە قىلىپ سۈيلەپتۇ بۇ چاغدا ئارقىدىن كېلىۋاتقان دۆڭمەيدە،ـــ مېڭىشمامسە؟
ـــ ماۋۇ شۇم ئالدىمىزدا زاراتلىق بار، دەپ ماڭغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ.
ـــ زاراتلىق؟ زاراتلىق بولسا نېمبوپتۇ؟
ـــ ئاكا، زاراتلىق دېگەندە جىن بار.
ـــ ئاناڭنىڭ جىنىمۇ ئۇ؟ ماڭ!
ـــ ئاكا...
ـــ ئۆت-ئۆتەۋا شۇم، نېمە ئۇ «جىن-پىن» دېگەن؟ قېنى مەن بىر كۆرەي. ياقىسىدىن تۇتۇپ ئاشۇ...
   «بۇزۇق كارناي» شۇنداق دېگىنىچە زاراتلىققا قاراپ مېڭىپتۇ. باشقىلار قايسى يول بىلەن مېڭىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، دۆڭمەيدىنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە خىرقىراق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ:
ـــ مۇدىر، زاراتلىق دېگەن ئەزەلدىن تېنچ جاي ئەمەس، ئەگىپ ماڭساقمۇ ماڭايلى. بۇنداق يامغۇر-يېشىنلىق قاراڭغۇ كېچىدە بىزنىڭ لاي كېچىپ، ئاچا يولدا ماڭغىنىمىزنى كىم كۆرەتتى؟ بارىدىغان جايغا بېرىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىمىزنى قايتىدىن تۈزەشتۈرىۋالمامدۇق؟
سەن بىلەتتىڭغۇ، دۆڭمەيدە ئەزەلدىن ئىشەكتىن چۈشسىمۇ، ئۇچىلىقتىن چۈشمەيدىغان. لېكىن، بۇ قېتىم ئۇ ئىشەكتىنمۇ، ئۇچىلىقتىنمۇ چۈشۈپ، خىرقىراقنىڭ ئارقىسىدىن ئاچا يول بىلەن قايتىپتۇ.
   ئۇلار كەنت ئامانلىق ئىشخانىسىغا قايتىپ كەلگەندە «بۇزۇق كارناي» تېخى كېلىپ بولالمىغان ئىكەن. ئەجىبا، ئۇ ئۇلاردىن بۇرۇن يولغا چىققان، يەنە كېلىپ ئۇدۇل يول بىلەن ماڭغان ئىدىغۇ؟ بىراق، كەيپى ئۇچقان دۆڭمەيدىلەرنىڭ ئۇنى ئويلاشقا چولىسىمۇ تەگمەپتۇ.
   ئەتىسى بىر توپ كىشى پاتقاق كېچىپ كەنت قورۇسىغا كىرىپ كەپتۇ. ئۇلار بىر قانات كونا دەرۋازىنى كۆتىرىپ كىرگەن بولۇپ، دەرۋازا ئۈستىدە «بۇزۇق كارناي» دالىيىپ ياتقانىكەن. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئۆتەر يول بويىدىكى زاراتلىقتىن ئاڭلانغان غاراڭ-غۇرۇڭ بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ بېرىپ، ئۇنى گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىر ئىچ يەرلىكتىن تارتىپ چىقىرىپ ئېپكەپتىمىش. ئۇنىڭ يۈز-كۆزىگە ئۆلۈك توپىنىڭ لاي-لاتقىسى چاپلىشىپ كەتكەچكە كىملىكىنى دەرمەھەل تونۇغىلى بولمايدىكەن. پەقەت، دۆڭمەيدىلەرگە تونۇش ئاۋازلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەن:
ـــ ياقىسىدىن تۇتۇپ ئاشۇ...

                           2015-يىل 4-ئاي. قەشقەر يېڭىئۆستەڭ.


                                 تىلەمچى

    ئۆز ئىگىسىنىڭ مېلىنى بۇلاپ-تالىغىنى ئاز كەلگەندەك، جېنىغا قەست قىلىش كويىغا چۈشۈپتۇ-دە، بۇ تۇزكورلار؟ بۇرۇنقى لالما ئىتلار بەرسەڭ يەيتتى، بەرمىسەڭمۇ قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ تۇراتتى. لېكىن بۇ ياۋا ئىتلار سېنىڭ بېرىش-بەرمەسلىكىڭ، بېرىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭ بىلەن كارى يوق، تۇيۇقسىز كېلىپ بۇلاپ-تالايدىكەن، ئۇنىڭغا يول قويمىساڭ جېنىڭغا قەست قىلىدىكەن. ھۇ ئىپلاسلار، بىراق، مەن سەنلەردىن قورقۇپ بۇ يولدىن ۋاز كەچمەيمەن، ئاشۇ مەھەللىگە بارغىنىم بارغان!
    دەريا بويىدىكى ئاشۇ مەھەللىنىڭ مەھەللە يولىنىڭ بىر تەرىپى ئېقىن تارايغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يۇلغۇنلۇق، يەنە بىر تەرىپى باغۋاران، ئېغىل-قوتانلىرى تۇتاش كەتكەن سەھرا ئۆيلىرى. «باغ قىلساڭ چىت قىل، مال قىلساڭ ئىت قىل» دېگەنگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر باغلىرىنىڭ ئەتراپىنى چىتلاپ، مالۋارانلىرىنى ئوغرى-يالغاندىن ساقلاش ئۈچۈن ئىت بېقىشقا ئادەتلەنگەن. نېمىسى نېمە بولدىكىن، بىر قانچە ئۆيلۈكنىڭ ئىتى باغلاقتىن بوشىنىپ يۇلغۇنلۇققا كىرىپ يەرلىكلىشىۋاپتۇ. ئاي-كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئىتلار ياۋايىلىشىپ، ئەسلىدىكى ئىگىلىرىنىڭ ئېغىل-قوتانلىرىغا تېگىش قىلىپ قوي-قوزىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ قاچىدىغان بولۇۋاپتۇ. ئىتتىمۇ ۋاپا قالمىغانلىقىنى كۆرگەن سەھرالىقلار ئۆزلىرى كېسەك تاملىق ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ، ئېغىل-قوتانلىرىنىڭ تېمىنى پىششىق خىشتىن قوپۇرۇپتۇ. بىر قانچە قېتىملىق بۇلاڭ-تالاڭدا ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، تاياق-توقماق يەپ، چالما-كېسەك قىلىنىپ، قۇلىقىنى سالپايتىپ، قۇيرۇقىنى چېتىغا تىقىپ يۇلغۇنلۇقتىكى ماكانىغا ئاچ قورساق قايتىشقان ياۋا ئىتلار ئاقىۋەت ئادەملەرگە كۆز تىكىشىپتۇ. ئۇلار كۈندۈزى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىپ، قاش قارايغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئەلياتقۇدىن باش ئەزان ۋاقتىغىچە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە توپلىشىپ ھۇجۇم قىلارمىش...
    تاڭ ئاتقاننىڭ ئەتىسى باش ئەزان چىقىش ئالدىدا تام تۈۋىدىن ھوشۇر قوپقاندەك مەھەللە دوقمۇشىدا بىر تىلەمچى پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بىردەم ئۈچەيدەك تار مەھەللە يولىغا، بىردەم قاپقاراڭغۇ يۇلغۇنلۇققا زەن سېلىپ قارايدىكەن. يۇلغۇنلۇقتىن بەزىدە چىشى يىلان كۈيلىگەندەك «كۈش-كۈش» قىلغان ئاۋاز كەلسە، بەزىدە ئەركەك ئىتنىڭ سوزۇپ ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدىكەن، تۇرۇپلا چىشى يىلاننىڭ كۈيلىشىمۇ، ئەركەك ئىتنىڭ ھۇۋلىشىمۇ توختاپ، يۇلغۇنلۇقنى گۆرىستان جىمجىتلىقى قاپلاپ كېتىدىكەن. جىننىمۇ سىيدۈرىۋېتىدىغان بۇ جىمجىتلىقتىن بەتتەر قورققان تىلەمچى تۇرغان جايىدىن پۇتىنى يۆتكەشكىمۇ پېتىنالماي، پەقەت، تاڭ يورۇپ، ئەل-جامائەت بامدات نامىزىدىن تارقالغاندىن كېيىنلا مەھەللە ئىچىگە يول ئاپتۇ.
    ئۇ قايسى بىر زاماندا قېپقالغان گەپلەرنى خۇددى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېكىست يادلاپ بېرىۋاتقاندەك توختىماي يادلاپ ماڭىدىكەن. ئوڭ-سول مۆرىسىگە دەممۇ دەم ئالماشتۇرۇپ ئۇرىۋاتقان ساپايىسىنىڭ قالايمىقان جاقىلدىشى مېنىۋالغان قارا مادا ئېشىكىنىڭ تۇياق رېتىمىگىمۇ چۈشمەيدىكەن. كىيىۋالغان جەندە-كۇلاسى بىلەن ئۇ تېخىمۇ كۈلكىلىك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، خۇددى چوڭ دادىسىدىن مىراس قالغان جەندىنى كىيىپ ئۆيدىن قېچىپ چىققان ساياق بالىغا ئوخشاپ قالغانىكەن.
تىلەمچى شۇ تۇرقى بىلەن مەھەللە ئىچگە كىرىپ كەلگەندە ئەمدىلەتىن تالا-تۈزنىڭ ئىشىغا تەرەددۈت قىلىپ چىققان بىر توپ دېھقانغا ئۇچراپتۇ.
    قوي مايىقى، ئات-كالا، ئېشەك تىزەكلىرىنىڭ پۇرىقىغا قوشۇلۇپ مەھەللىنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ھاڭگا ئىشەكنىڭ ئاچچىق سۈيدۈك پۇرىقىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن شوراپ، تۇمشۇقى ئاسمانغا يەتكەن، ئاپئاق چىشلىرى ئارىسىدىكى قىپقىزىل تىلى ئىككى غېرىچ ساڭگىلاپ، ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى سوزۇلۇپ ئېقىۋاتقان چىش يېمىگەن قارا مېدىنى مىنىپ، چوڭ دادىسىدىن مىراس قالغان ئەسكى جەندىنى كىيىپ، ئەبجەق ساپايىنى كەلسە-كەلمەس سوقۇپ، ئاتام زامانىدا قالغان نەدىكى گەپلەرنى دەپ سازا قىلىپ بىر قەلەندەر تىلەمچى كېلىۋاتقۇدەك.
ـــ ئادەمگە ئۆز جېنىنى باقماق تەس كېلىۋاتقاندا نەدىن پەيدا بولغان تىلەمچى قەلەندەردۇ ماۋۇ؟
ـــ شۇنى دېگىنە، ھەممىسى «بە» دەپلا كېلىۋاتقان، بىز ھەننىۋاسىنىڭ ئاتىسىدىكىدەك. مۇشۇ ھەپتىنىڭمۇ بىر سى «مە»، ئالتىسى «بە».
ـــ ھەي، بەگىڭ بولسا بە، بوممىسا ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق خەققە نېمە دوق قىلسە؟ ئۇمۇ دۆلەت پۇقراسى، ھامان ئاتىدارچىلىققا ئېرىشىدۇ، دۆلەت دېگەن پۇقرانىڭ ئاتىسى ئەمەسمۇ؟
ـــ راست دەيسە، ئاتا بار يەردە بالىغا بالا باققۇزىدىغان پەتىۋا نەدە با؟
ـــ  ئەمدى شۇ، مانداق تىلەمچىلەر ئۆگەي بالا بولسا، ئۆز جېنىڭنى ئۆزۈڭ باق، دەپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانمىكىن، دەيمىنا؟
ـــ ھەي-ھەي، ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىلىش جۇما؟ دۆڭمەيدە كېلىپ قالسا تۇتۇپ سولايدۇ.
ـــ ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلا، دۆڭمەيدە كېلىۋاتىدۇ، جىننىڭ گېپىنى قىلسا  جىن كەپتۇ، دېگەندەك.
    نېرىدىن دۆڭمەيدىنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ سول قولى بىلەن مەيدىسىدىكى دۆڭنى سىيلىغاچ دېۋەيلەپ كېلىۋېتىپ، ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى توپلىشىپ تۇرغان كىشىلەرگە چىنەپ سەتلەپتۇ:
ـــ ھە، سەن نېمىلەرنى ئەتتىگەندە خوتۇنۇڭ قوغلاپ چىقاردىما؟ ناشتىغا لايىق ئىش بوممىسا مۇشۇندا بولىدا مانا.
ـــ دۆڭ... ياق ، مۇدىر، ئەسلى بىز كەنت قۇدۇقىدىن ئوسىغا سۇ ئېلىش ئۈچۈن ماڭغان، بۇ يەرگە كەلگەندە ماۋۇ تىلەمچى...
ـــ راست دەيدۇ مۇدىر، ماۋۇ رودىپاي تىلەمچى ساپايە سوقۇپ، سازا قىلىپ ئالدىمىزدا تۇرىۋالدى.
ـــ نېمە-نېمە، تىلەمچى؟ ئاناڭنىڭ قېشىدىكى تىلەمچىمىكەن مۇشۇ زاماندىمۇ؟ قېنى، مەن بىر كۆرەي.
    ئېشەكنىڭ ئۈستىدە راۋۇرۇسمۇ ئولتۇرالماي ئالاقزادە بولۇۋاتقان تىلەمچى تىلىنى چايناپ كېكەچلەپتۇ:
ـــ مە... مەن...مەن تىلەمچى ئەمەس...
ـــ ئاغزىڭنى يۇم، تىلەمچى بوممىساڭ دولاڭغا خۇرجۇن ئارتىپ، قولۇڭغا ساپايە ئېلىپ، كەلسە-كەلمەس سازا قىلىپ نېمە قىلىسە بۇ مەھەللىدە؟
ـــ يا-ياق، مېنىڭ بىر ئېغىز گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەسلى تىلەمچى ئەمەس، پەقەت تىلەمچىنى دوراپ مەشىق قىلاي دەپ...
ـــ ھۇ-ئاناڭنى كىسپۇرۇش، ئاۋىلەم بىزنىڭ مەھەللىدە مەشىق قىلىۋېلىپ، ئاندىن يۇرتمۇ يۇرت ئارىلاپ پىتنە-پاسات تارقىتاي دېگەنما؟ بۇزۇق كارناي، ماۋۇ كىسپۇرۇشنى مېنىڭ ئىشخانامغا ئېلىپ بار، قېنى بۇ گۇينىڭ بالىسىنىڭ خورىكى يامانمىكىن، يا مېنىڭ قارا كالتىكىممۇ، مەن بىر كۆرەي.
    تىلەمچىنىڭ قايتا ئېغىز ئېچىشىغا پۇرسەتمۇ بولماپتۇ. ئېشىكى نەگە كەتتى، خۇرجىنى  نەدە قالدى، ساپايىسى قېنى ئۇنىمۇ بىلەلمەپتۇ. بىراۋلار ئۇنى دۈشكەلەپ تېپىپ، ھەيدەپ تىېشىدىكىسىنى تارتىپ، ئىچىدىكىسىنى ئىتتىرىپ ئاچىدىغان پولات قاپقاقلىق دۈملىمە ئىشىكى بار ئىشخانىغا ئېلىپ كەپتۇ.
ـــ ئېيتە،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدى تىلەمچىنى ئەمدىلەتىن كۆرۈۋاتقاندەك سوغۇق نەزەر بىلەن قادىلىپ،ـــ نەدىن كەلگەن نېمىسەن؟
ـــ ئاكا، ئۆزلىرى...ـــ دەپ دۇدۇقلاپتۇ تىلەمچى دۆڭمەيدىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەستىن ئۇنىڭغا يېلىنغاندەك شۈمشىيىپ.
ـــ ھەي قەلەندەر، كۆزۈڭ كورمۇ سېنىڭ،ـــ دەپ گۇپپاڭچىلىق قىپتۇ بۇزۇق كارناي ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى تىلەمچىنىڭ كۆزىگە تىقىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا ئۇچلاپ،ـــ ئۇچىسىدىكى فورمىدىنمۇ بىلمىدىڭما؟ ئۇ دېگەن بىزنىڭ ئامانلىق مۇدىرىمىز.
ـــ ھە-ھە، مۇدىر، مەن دېدىمغۇ؟ مەن ئەسلى تىلەمچى ئەمەس.
ـــ ئەكەل كالتەكنى. تىلەمچى بوممىساڭ قاق سەھەردە تىمىسقىلاپ نېمىش قىلىسە بۇ يەردە؟
ـــ بۇ مۇنداق گەپ،ـــ دەپتۇ تىلەمچى ئەمدى ئۆپكىسىنى سەل بېسىۋېلىپ،ـــ مەن ئەسلى ئارتىس، بىز يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مۇشۇ مەھەللىدە بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئالماقچىدۇق، ماڭا ئەسلى تىلەمچىلىك قىلىدىغان، كېيىن كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى ئارقىلىق ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن بىر پىرسۇناژنىڭ رولى تەقسىم قىلىنغانىدى، رەسمىي سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىشتىن ئاۋۋال تۇرمۇش ئۆگىنەي دەپ مۇشۇنداق ياسىنىپ كەلگەن. بۇ مېنىڭ كىملىكىم بىلەن خىزمەت كېنىشكەم.
    دۆڭمەيدە كىملىككە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، خىزمەت كېنىشكىسىنى دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇققا قىيپاچ تۇتۇپ، سۈرەتنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان پولات تامغىلىق خەتلەرنى ئېنىق كۆرۈپتۇ.
ـــ ھەييي تىلەمچى ئۇكام... ۋوي، ئاغزىمدىن ئىتتىك چىكىتىپ قالدى، خاپا بوممىسىلا جۇما ئەرتىس ئۇكام.
ـــ ھېچقىسى يوق-ھېچقىسى يوق، ئۆزىمىز رول ئالغان پىرسۇناژلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىش بىزنىڭ كەسىپتىكىلەرنىڭ شان-شەرىپىمىز.
ـــ شۇنداما؟ لېكىن-زە، كېلىشتىن ئاۋۋال نېمىشقا تىرىڭڭىدە خەۋەر قىلىۋەتمەيلا دەيمە؟ بوممىسا...خەير، ئەمدى مۇنداق بولسۇن، سىلى بۈگۈن قايتىپ كېتىپ تۇرسىلا، ئامانلىق بۆلۈمىمىزنىڭ ماشىنىسى سىلىنى شەھەرگە ئەكىرىپ قويسۇن...
ـــ ياق-ياق، ئارىلىق ئانچە يىراق بولمىغاندىكىن ئۆزۈم كىرىپ كېتىۋېرەي، ھە-راست، مېنىڭ ئېشىكىم...
ـــ ھەي ئەرتىس ئۇكام، شەھەردىن كەلگەن سىلىدەك ئەزىز تىلەمچىنى قانداقمۇ ئىشەك بىلەن يولغا سېلىپ قويغىلى بولسۇن؟ ئېشەكنى بىز بېقىپ تۇرايلى، سىلى خاتىرجەم كېتىۋەرسىلە،ـــ دەپتۇ چەللىدە ئات چېپىپ كۆنۈپ كەتكەن دۆڭمەيدە مەيدىسىگە مۇشتلاپ،ـــ رەسمىي سۈرەتكە ئالغىلى كېلىشتىن ئاۋۋال «ھايت» دەپ قويسىلا، ئەزالارنى سەپەرۋەر قىلىپ قۇيماق، پوشكال سالدۇرۇپ، غاز، توخۇ تۇخۇمى پىشۇرۇپ كۈتىۋالىمىز سىلىنى.
    دۆڭمەيدە دېگىنىنى قىلاتتى ھەم قىلالايتتى، پەشنى كېسىپ يەڭنى ياماش ئۇنىڭ يەنە بىر ھۈنىرى-دە؟
    تىلەمچىنىڭ جەندە-كۇلاسى، خۇرجۇن، ساپايىسى ۋە قارا مادا ئېشىكى دۆڭمەيدىگە ئامانەت قاپتۇ، ئۇ پات يېقىندا قايتا كەلگىدەك.

                                          2016-يىل 2-ئاي. قەشقەر يېڭىئۆستەڭ.





باھا سۆز

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە ئاخىرىغا ئۇلاپ يوللىنىدۇ.  ۋاقتى: 2016-3-8 08:28 PM
بولىدۇ. تۇرىۋەرسۇن ئەمىسە!  ۋاقتى: 2014-12-8 05:47 PM
ۋاقتى: 2014-12-8 19:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلپتۇ. يامانغا مۇھتاج بوپ قىلشتىن خۇدا ساقلىسۇن

ۋاقتى: 2014-12-8 19:39:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi yeziliptu

ۋاقتى: 2014-12-8 23:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر-مېھنىتىڭىزنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلاندىم ئادىلجان.ھېكايىڭىز باشلىنىشىدىلا كۆڭۈلگە يېقىن،تەبىئى ۋە چىن تۇيغۇ ئىچىدە باشلىنىپ كۆزلەنگەن مەنزىلگە ئۇتۇق بىلەن يەتكەن ھېكايە بوپتۇ.تەبرىكلەيمەن.تەسىراتىم خېلىلا چوڭقۇر ئىدى،ئەمما:
‹بۇ جاھاندىكى ئاجايىپ-غارايىپ ئىش ۋە سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان يېرىڭدە قويۇپلا قوپۇپ كەتمىسەڭ، ئويلاپ تېگىگە يېتىپ بولالمايدىكەنسەن. ناۋادا، بەك ئويلاپ سۈرۈشتۈرۈپ كەتسەڭ، بىر يەرلەردە «ھاسا ئوغرى بىلەن مۇسا ئوغرىنىڭ گېپى بىر » چىقىپ قالىدىكەن-دە، بىر قولۇڭدا ئاغزىڭنى، يەنە بىر قولۇڭدا كۆتۈڭنى تۇتۇپ، «غىڭ» قىلالماي تۇرۇپ قالىدىكەنسەن.›
شۇڭا ئىچىمدىكىسى ئىچىمدىلا قالسۇن.كېتىۋاتقىنىنىڭ قارىسى يۈتكەندە ئانچە-مۇنچە كۇسۇرلىشىۋالارمىز.

ۋاقتى: 2014-12-8 23:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، تىلى تاۋلانغان، ۋەقەلىكى تۇرمۇشقا يېقىن ھېكايىكەن، ئىجادىيىتىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-12-8 23:20:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-12-9 00:51:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،ھەممىدىن ماقال-تەمسىللەر بەك جايىدا،جانلىق ئىشلىتىلىپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-9 15:17:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARMAN يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 00:51
ياخشى يېزىپسىز،ھەممىدىن ماقال-تەمسىللەر بەك جايىدا،ج ...

   ئاددىي يازمامغا نەزەر-گۈزىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئىلھامبەخش تېلەكلىرىنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئابدۇۋەلى، ئىمىننىياز، كامىلجان، رابىگۈل ۋە ئامىنە قاتارلىق تورداشلارغا رەھمەت! تەكلىپ-پىكرىڭلارنىمۇ ئايىمىغايسىلەر.

ۋاقتى: 2014-12-9 18:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى ئىنتايىن تەبئىي چىقىپتۇ!

ۋاقتى: 2014-12-9 19:46:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 10:43:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.غېنى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 19:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ بەكلا س ...

   ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئابدۇقېيۇمجان-ئۇكام، تېچ-ئامان تۇرىۋاتامسەن؟ لەنجۇدىكى تۇرمۇش ۋە ئوقۇشۇڭ ياخشىمۇ؟ سەمىمىي تېلىكىڭگە رەھمەت. پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۆگەنگىن-ئۇكام. ئامان بولغىن

ۋاقتى: 2014-12-10 11:02:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم ،ھىكايىنى ئ‍وقىۋېتىپ ئەمەلىيەتتە شۇ ئ‍ىشلارنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەندەكلا بولدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 11:20:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىك يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 11:02
ھىكايىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم ،ھىكايىنى ئ‍وقىۋېتىپ ئەمەل ...

   بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى «ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن»لىكىڭىزگە مەنمۇ ئىشىنىمەن-نۇرمۇھەممەدجان. چۈنكى، بۇ جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە «قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» ئەمەسمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش