يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئادىل0998

ئادىلجان ئابدۇقادىر: دۆڭ مەيدە (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-9-23 14:09:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 09:47
«ھىر»   

   ئاشۇ قېتىملىق كۈلكىدىن كېيىن  ...

دۆڭ مەيدە ھاياتتۇ؟ يىرىم يىلنىڭياقى ھىچ خەۋىرى يوققۇ؟؟؟

باھا سۆز

مەنمۇ دىققەتتە، شۇ.  ۋاقتى: 2015-9-23 05:14 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-6 18:23:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن  مەنمۇ دىققەتتە، شۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2015-9-23 17:14:06
_____________________________________________

رەھنەت ئابدۇۋاھىت ئۇستاز، سىلىنىڭ مېنىڭ بۇ بىر يۈرۈش يازمىلىرىمغا دىققەت قىلىپ، مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىدىن كۆپ خۇرسەنمەن. مۇنىرە قىزغىمۇ رەھمەت. ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويماسلىققا تېرىشىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-27 15:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرىدە يوللىغان ۋاقتى  2015-9-23 02:09 PM
دۆڭ مەيدە ھاياتتۇ؟ يىرىم يىلنىڭياقى ھىچ خەۋىرى يوققۇ ...


                                                                           تىلەمچى


   ئۆز ئىگىسىنىڭ مېلىنى بۇلاپ-تالىغىنى ئاز كەلگەندەك، جېنىغا قەست قىلىش كويىغا چۈشۈپتۇ-دە، بۇ تۇزكورلار؟ بۇرۇنقى لالما ئىتلار بەرسەڭ يەيتتى، بەرمىسەڭمۇ قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ تۇراتتى. لېكىن بۇ ياۋا ئىتلار سېنىڭ بېرىش-بەرمەسلىكىڭ، بېرىشنى خالاش-خالىماسلىقىڭ بىلەن كارى يوق، تۇيۇقسىز كېلىپ بۇلاپ-تالايدىكەن، ئۇنىڭغا يول قويمىساڭ جېنىڭغا قەست قىلىدىكەن. ھۇ ئىپلاسلار، بىراق، مەن سەنلەردىن قورقۇپ بۇ يولدىن ۋاز كەچمەيمەن، ئاشۇ مەھەللىگە بارغىنىم بارغان!
   دەريا بويىدىكى ئاشۇ مەھەللىنىڭ مەھەللە يولىنىڭ بىر تەرىپى ئېقىن تارايغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يۇلغۇنلۇق، يەنە بىر تەرىپى باغۋاران، ئېغىل-قوتانلىرى تۇتاش كەتكەن سەھرا ئۆيلىرى. «باغ قىلساڭ چىت قىل، مال قىلساڭ ئىت قىل» دېگەنگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر باغلىرىنىڭ ئەتراپىنى چىتلاپ، مالۋارانلىرىنى ئوغرى-يالغاندىن ساقلاش ئۈچۈن ئىت بېقىشقا ئادەتلەنگەن. نېمىسى نېمە بولدىكىن، بىر قانچە ئۆيلۈكنىڭ ئىتى باغلاقتىن بوشىنىپ يۇلغۇنلۇققا كىرىپ يەرلىكلىشىۋاپتۇ. ئاي-كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئىتلار ياۋايىلىشىپ، ئەسلىدىكى ئىگىلىرىنىڭ ئېغىل-قوتانلىرىغا تېگىش قىلىپ قوي-قوزىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ قاچىدىغان بولۇۋاپتۇ. ئىتتىمۇ ۋاپا قالمىغانلىقىنى كۆرگەن سەھرالىقلار ئۆزلىرى كېسەك تاملىق ئۆيدە ئولتۇرسىمۇ، ئېغىل-قوتانلىرىنىڭ تېمىنى پىششىق خىشتىن قوپۇرۇپتۇ. بىر قانچە قېتىملىق بۇلاڭ-تالاڭدا ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، تاياق-توقماق يەپ، چالما-كېسەك قىلىنىپ، قۇلىقىنى سالپايتىپ، قۇيرۇقىنى چېتىغا تىقىپ يۇلغۇنلۇقتىكى ماكانىغا ئاچ قورساق قايتىشقان ياۋا ئىتلار ئاقىۋەت ئادەملەرگە كۆز تىكىشىپتۇ. ئۇلار كۈندۈزى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىپ، قاش قارايغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئەلياتقۇدىن باش ئەزان ۋاقتىغىچە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە توپلىشىپ ھۇجۇم قىلارمىش...
   تاڭ ئاتقاننىڭ ئەتىسى باش ئەزان چىقىش ئالدىدا تام تۈۋىدىن ھوشۇر قوپقاندەك مەھەللە دوقمۇشىدا بىر تىلەمچى پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بىردەم ئۈچەيدەك تار مەھەللە يولىغا، بىردەم قاپقاراڭغۇ يۇلغۇنلۇققا زەن سېلىپ قارايدىكەن. يۇلغۇنلۇقتىن بەزىدە چىشى يىلان كۈيلىگەندەك «كۈش-كۈش» قىلغان ئاۋاز كەلسە، بەزىدە ئەركەك ئىتنىڭ سوزۇپ ھۇۋلىغان ئاۋازى كېلىدىكەن، تۇرۇپلا چىشى يىلاننىڭ كۈيلىشىمۇ، ئەركەك ئىتنىڭ ھۇۋلىشىمۇ توختاپ، يۇلغۇنلۇقنى گۆرىستان جىمجىتلىقى قاپلاپ كېتىدىكەن. جىننىمۇ سىيدۈرىۋېتىدىغان بۇ جىمجىتلىقتىن بەتتەر قورققان تىلەمچى تۇرغان جايىدىن پۇتىنى يۆتكەشكىمۇ پېتىنالماي، پەقەت، تاڭ يورۇپ، ئەل-جامائەت بامدات نامىزىدىن تارقالغاندىن كېيىنلا مەھەللە ئىچىگە يول ئاپتۇ.
   ئۇ قايسى بىر زاماندا قېپقالغان گەپلەرنى خۇددى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېكىست يادلاپ بېرىۋاتقاندەك توختىماي يادلاپ ماڭىدىكەن. ئوڭ-سول مۆرىسىگە دەممۇ دەم ئالماشتۇرۇپ ئۇرىۋاتقان ساپايىسىنىڭ قالايمىقان جاقىلدىشى مېنىۋالغان قارا مادا ئېشىكىنىڭ تۇياق رېتىمىگىمۇ چۈشمەيدىكەن. كىيىۋالغان جەندە-كۇلاسى بىلەن ئۇ تېخىمۇ كۈلكىلىك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، خۇددى چوڭ دادىسىدىن مىراس قالغان جەندىنى كىيىپ ئۆيدىن قېچىپ چىققان ساياق بالىغا ئوخشاپ قالغانىكەن.
   تىلەمچى شۇ تۇرقى بىلەن مەھەللە ئىچگە كىرىپ كەلگەندە ئەمدىلەتىن تالا-تۈزنىڭ ئىشىغا تەرەددۈت قىلىپ چىققان بىر توپ دېھقانغا ئۇچراپتۇ.
   قوي مايىقى، ئات-كالا، ئېشەك تىزەكلىرىنىڭ پۇرىقىغا قوشۇلۇپ مەھەللىنىڭ نەمخۇش ھاۋاسىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ھاڭگا ئىشەكنىڭ ئاچچىق سۈيدۈك پۇرىقىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن شوراپ، تۇمشۇقى ئاسمانغا يەتكەن، ئاپئاق چىشلىرى ئارىسىدىكى قىپقىزىل تىلى ئىككى غېرىچ ساڭگىلاپ، ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى سوزۇلۇپ ئېقىۋاتقان چىش يېمىگەن قارا مېدىنى مىنىپ، چوڭ دادىسىدىن مىراس قالغان ئەسكى جەندىنى كىيىپ، ئەبجەق ساپايىنى كەلسە-كەلمەس سوقۇپ، ئاتام زامانىدا قالغان نەدىكى گەپلەرنى دەپ سازا قىلىپ بىر قەلەندەر تىلەمچى كېلىۋاتقۇدەك.
ـــ ئادەمگە ئۆز جېنىنى باقماق تەس كېلىۋاتقاندا نەدىن پەيدا بولغان تىلەمچى قەلەندەردۇ ماۋۇ؟
ـــ شۇنى دېگىنە، ھەممىسى «بە» دەپلا كېلىۋاتقان، بىز ھەننىۋاسىنىڭ ئاتىسىدىكىدەك. مۇشۇ ھەپتىنىڭمۇ بىر سى «مە»، ئالتىسى «بە».
ـــ ھەي، بەگىڭ بولسا بە، بوممىسا ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق خەققە نېمە دوق قىلسە؟ ئۇمۇ دۆلەت پۇقراسى، ھامان ئاتىدارچىلىققا ئېرىشىدۇ، دۆلەت دېگەن پۇقرانىڭ ئاتىسى ئەمەسمۇ؟
ـــ راست دەيسە، ئاتا بار يەردە بالىغا بالا باققۇزىدىغان پەتىۋا نەدە با؟
ـــ  ئەمدى شۇ، مانداق تىلەمچىلەر ئۆگەي بالا بولسا، ئۆز جېنىڭنى ئۆزۈڭ باق، دەپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانمىكىن، دەيمىنا؟
ـــ ھەي-ھەي، ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىلىش جۇما؟ دۆڭمەيدە كېلىپ قالسا تۇتۇپ سولايدۇ.
ـــ ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلا، دۆڭمەيدە كېلىۋاتىدۇ، جىننىڭ گېپىنى قىلسا  جىن كەپتۇ، دېگەندەك.
نېرىدىن دۆڭمەيدىنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ سول قولى بىلەن مەيدىسىدىكى دۆڭنى سىيلىغاچ دېۋەيلەپ كېلىۋېتىپ، ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى توپلىشىپ تۇرغان كىشىلەرگە چىنەپ سەتلەپتۇ:
ـــ ھە، سەن نېمىلەرنى ئەتتىگەندە خوتۇنۇڭ قوغلاپ چىقاردىما؟ ناشتىغا لايىق ئىش بوممىسا مۇشۇندا بولىدا مانا.
ـــ دۆڭ... ياق ، مۇدىر، ئەسلى بىز كەنت قۇدۇقىدىن ئوسىغا سۇ ئېلىش ئۈچۈن ماڭغان، بۇ يەرگە كەلگەندە ماۋۇ تىلەمچى...
ـــ راست دەيدۇ مۇدىر، ماۋۇ رودىپاي تىلەمچى ساپايە سوقۇپ، سازا قىلىپ ئالدىمىزدا تۇرىۋالدى.
ـــ نېمە-نېمە، تىلەمچى؟ ئاناڭنىڭ قېشىدىكى تىلەمچىمىكەن مۇشۇ زاماندىمۇ؟ قېنى، مەن بىر كۆرەي.
ئېشەكنىڭ ئۈستىدە راۋۇرۇسمۇ ئولتۇرالماي ئالاقزادە بولۇۋاتقان تىلەمچى تىلىنى چايناپ كېكەچلەپتۇ:
ـــ مە... مەن...مەن تىلەمچى ئەمەس...
ـــ ئاغزىڭنى يۇم، تىلەمچى بوممىساڭ دولاڭغا خۇرجۇن ئارتىپ، قولۇڭغا ساپايە ئېلىپ، كەلسە-كەلمەس سازا قىلىپ نېمە قىلىسە بۇ مەھەللىدە؟
ـــ يا-ياق، مېنىڭ بىر ئېغىز گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەسلى تىلەمچى ئەمەس، پەقەت تىلەمچىنى دوراپ مەشىق قىلاي دەپ...
ـــ ھۇ-ئاناڭنى كىسپۇرۇش، ئاۋىلەم بىزنىڭ مەھەللىدە مەشىق قىلىۋېلىپ، ئاندىن يۇرتمۇ يۇرت ئارىلاپ پىتنە-پاسات تارقىتاي دېگەنما؟ بۇزۇق كارناي، ماۋۇ كىسپۇرۇشنى مېنىڭ ئىشخانامغا ئېلىپ بار، قېنى بۇ گۇينىڭ بالىسىنىڭ خورىكى يامانمىكىن، يا مېنىڭ قارا كالتىكىممۇ، مەن بىر كۆرەي.
تىلەمچىنىڭ قايتا ئېغىز ئېچىشىغا پۇرسەتمۇ بولماپتۇ. ئېشىكى نەگە كەتتى، خۇرجىنى  نەدە قالدى، ساپايىسى قېنى ئۇنىمۇ بىلەلمەپتۇ. بىراۋلار ئۇنى دۈشكەلەپ تېپىپ، ھەيدەپ تىېشىدىكىسىنى تارتىپ، ئىچىدىكىسىنى ئىتتىرىپ ئاچىدىغان پولات قاپقاقلىق دۈملىمە ئىشىكى بار ئىشخانىغا ئېلىپ كەپتۇ.
ـــ ئېيتە،ـــ دەپتۇ دۆڭمەيدى تىلەمچىنى ئەمدىلەتىن كۆرۈۋاتقاندەك سوغۇق نەزەر بىلەن قادىلىپ،ـــ نەدىن كەلگەن نېمىسەن؟
ـــ ئاكا، ئۆزلىرى...ـــ دەپ دۇدۇقلاپتۇ تىلەمچى دۆڭمەيدىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەستىن ئۇنىڭغا يېلىنغاندەك شۈمشىيىپ.
ـــ ھەي قەلەندەر، كۆزۈڭ كورمۇ سېنىڭ،ـــ دەپ گۇپپاڭچىلىق قىپتۇ بۇزۇق كارناي ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقىنى تىلەمچىنىڭ كۆزىگە تىقىۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا ئۇچلاپ،ـــ ئۇچىسىدىكى فورمىدىنمۇ بىلمىدىڭما؟ ئۇ دېگەن بىزنىڭ ئامانلىق مۇدىرىمىز.
ـــ ھە-ھە، مۇدىر، مەن دېدىمغۇ؟ مەن ئەسلى تىلەمچى ئەمەس.
ـــ ئەكەل كالتەكنى. تىلەمچى بوممىساڭ قاق سەھەردە تىمىسقىلاپ نېمىش قىلىسە بۇ يەردە؟
ـــ بۇ مۇنداق گەپ،ـــ دەپتۇ تىلەمچى ئەمدى ئۆپكىسىنى سەل بېسىۋېلىپ،ـــ مەن ئەسلى ئارتىس، بىز يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مۇشۇ مەھەللىدە بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئالماقچىدۇق، ماڭا ئەسلى تىلەمچىلىك قىلىدىغان، كېيىن كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى ئارقىلىق ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن بىر پىرسۇناژنىڭ رولى تەقسىم قىلىنغانىدى، رەسمىي سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىشتىن ئاۋۋال تۇرمۇش ئۆگىنەي دەپ مۇشۇنداق ياسىنىپ كەلگەن. بۇ مېنىڭ كىملىكىم بىلەن خىزمەت كېنىشكەم.
   دۆڭمەيدە كىملىككە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، خىزمەت كېنىشكىسىنى دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇققا قىيپاچ تۇتۇپ، سۈرەتنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان پولات تامغىلىق خەتلەرنى ئېنىق كۆرۈپتۇ.
ـــ ھەييي تىلەمچى ئۇكام... ۋوي، ئاغزىمدىن ئىتتىك چىكىتىپ قالدى، خاپا بوممىسىلا جۇما ئەرتىس ئۇكام.
ـــ ھېچقىسى يوق-ھېچقىسى يوق، ئۆزىمىز رول ئالغان پىرسۇناژلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىش بىزنىڭ كەسىپتىكىلەرنىڭ شان-شەرىپىمىز.
ـــ شۇنداما؟ لېكىن-زە، كېلىشتىن ئاۋۋال نېمىشقا تىرىڭڭىدە خەۋەر قىلىۋەتمەيلا دەيمە؟ بوممىسا...خەير، ئەمدى مۇنداق بولسۇن، سىلى بۈگۈن قايتىپ كېتىپ تۇرسىلا، ئامانلىق بۆلۈمىمىزنىڭ ماشىنىسى سىلىنى شەھەرگە ئەكىرىپ قويسۇن...
ـــ ياق-ياق، ئارىلىق ئانچە يىراق بولمىغاندىكىن ئۆزۈم كىرىپ كېتىۋېرەي، ھە-راست مېنىڭ ئېشىكىم...
ـــ ھەي ئەرتىس ئۇكام، شەھەردىن كەلگەن سىلىدەك ئەزىز تىلەمچىنى قانداقمۇ ئىشەك بىلەن يولغا سېلىپ قويغىلى بولسۇن؟ ئېشەكنى بىز بېقىپ تۇرايلى، سىلى خاتىرجەم كېتىۋەرسىلە،ـــ دەپتۇ چەللىدە ئات چېپىپ كۆنۈپ كەتكەن دۆڭمەيدە مەيدىسىگە مۇشتلاپ،ـــ رەسمىي سۈرەتكە ئالغىلى كېلىشتىن ئاۋۋال «ھايت» دەپ قويسىلا، ئەزالارنى سەپەرۋەر قىلىپ قۇيماق، پوشكال سالدۇرۇپ، غاز، توخۇ تۇخۇمى پىشۇرۇپ كۈتىۋالىمىز سىلىنى.
   دۆڭمەيدە دېگىنىنى قىلاتتى ھەم قىلالايتتى، پەشنى كېسىپ يەڭنى ياماش ئۇنىڭ يەنە بىر ھۈنىرى-دە؟
   تىلەمچىنىڭ جەندە-كۇلاسى، خۇرجۇن، ساپايىسى ۋە قارا مادا ئېشىكى دۆڭمەيدىگە ئامانەت قاپتۇ، ئۇ پات يېقىندا قايتا كەلگىدەك.

                                                                                              2016-يىل 2-ئاي. قەشقەر يېڭىئۆستەڭ.

ۋاقتى: 2016-2-27 17:03:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ادىلجان، ھېكايىڭىزنىھېكايىڭىزنى ئ‍وقۇپ خېلى ئ‍ۇزاق خىيالغا غەرقغەرق بولدۇم، بۇ ھېكايىڭىزنىڭ ئ‍ۇتۇغى. ئ‍ەمدى بايان ئ‍ۇسۇلى جەھەتتە يەنە ئ‍ازراق ئ‍ىزدىنىپ باقسىڭىز،

ۋاقتى: 2016-2-27 17:22:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ھەپتىنىڭ ئالتىسى بە ، بىرسى مە " ئىكەنلىكىگە ھازىرغىچە دېققەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن .

ۋاقتى: 2016-2-27 18:06:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئادىلجان  ئاكا. ھىكايىڭىزدىن سۆيۈندۈم.  شۇنداق  ياخشى يېزىلىپتۇ.  مەنمۇ  ئەسەر يېزىپ  باققان،ھىكايىنىڭ تىلىنىڭ بۇنداق راۋان ، بەدىئى  ،چىن چىقمىقى ئاسان  ئەمەس.  قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.       قارىسام   بىز يۇرتداشكەنمىز ، تەلىمىڭىزنى ئايىماسسىز ھە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 19:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tamqa يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 06:06 PM
بارىكاللا ئادىلجان  ئاكا. ھىكايىڭىزدىن سۆيۈندۈم.  شۇند ...

   رەھمەت بۈۋەجەر،
   سىزگە تەلىم بەرگىدەك قۇربەت مەندە نېمىش قىلسۇن دەيسىز؟ يازمىلىرىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ئوچۇق-يورۇق پىكىر ئالماشتۇرغايمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 19:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 05:22 PM
"ھەپتىنىڭ ئالتىسى بە ، بىرسى مە " ئىكەنلىكىگە ھازىرغىچە ...

   شۇنداقمۇ؟ ئەمدى بولسىمۇ دىققەت قىلىپ قويسىلا كېچىكمەسلىمىكىن دەيمە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-28 19:15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن مىجىت يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 05:03 PM
ئ‍ادىلجان، ھېكايىڭىزنىھېكايىڭىزنى ئ‍وقۇپ خېلى ئ‍ۇزاق ...

   ئەسسالام تۇرغۇنجان،
   يازمامنىڭ سىلىنى شۇ قەدەر ئوي-خىيالغا غەرق قىلىۋېتىشىنى ئويلىماپتىمەن.
   ئەمدى بايان ئۇسۇلىغا كەلسەك، مەن بۇ بىر يۈرۈش يازمىنى مۇشۇ خىل بايان ئۇسۇلىدا باشلاپ قويۇپتىكەنمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا ئويلىرىممۇ بار ئىدى، شۇڭا ئۆزگەرتمەيمىكىن دەيمەن، ئەلبەتتە، يېتەرسىز تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ قويۇشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش