كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 8

زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم تەرىپىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 23:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم تەرىپىدە

             ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن

.

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرىدىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم كۆرۈنەرلىك ئورۇن ۋە شۆھرەتكە ئىگە مۇدەررىس.

زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم 1910يىلى ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغ ئېرىق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھاشىم قازى قۇززات بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، دىن مىللەتنىڭ پىداكارى، ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرىيەتپەرۋەر ،مۇتىپەككۇر ئابدۇقادىر ئابدۇۋارس ئەزىزنىڭ سىڭلىسى ھەلىمىخان ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى.

زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام سۇلتانەم مەدرىسىدە باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ساۋاتىنى ئاچقان تۇنجى ئۇستازلىرى ھابىل ھاجىم بىلەن ئابدۇراخمان خەلپىتىم ئىدى.

ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە ئابدۇقادىر داموللام ئۇنى ئۆزى مۇدەررسلىك قىلىۋاتقان قەشقەر توغانخان مەدرىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئەرەب تىلى گىرامماتكىسى بىلەن ناتىقلىق مەنتىقىسىنى ئۆگەتكەن. كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ، سۇلتانەم مەدرىسىدە يەنە ھابىل ھاجىمدا ئىككى يىل ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە يەنە بېرىپ، تۆرگۆل قورغانبۇيىلىق ئالىم شەمسىددىن داموللام ھاجىمدا ئىككى يىل بالاغەت، پاساھەت، مەنتەقە ئىلىملىرىنى ئوقۇپ، 18 يېشىدا ھىندىستانغا ئوقۇشقا كەتكەن. ئۇ دەيبەندىكى مەشھۇر دارىلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن سارامپۇردىكى مازاھىرۇل ئۇلۇم تەييارلىق مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. كېيىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام بومباي يېنىدىكى دابىل شەھىرىدە قۇرۇلغان جامەئىي ئىسلامىيە ئىنستىتۇتىدا بىر يىل يەنە بىلىم ئاشۇرغان. بەدىرۇل ئالەم، شىببىي رەھمەت ئۇسانىي، ئەنۋەر شاھ قاتارلىق مۇدەررسلەر ئۇنىڭغا مەنتەقە، پەلسەپە، پەلەكىيان، «تەسرىخ» (ئالەم سىرلىرى) بويىچە بىلىم بەرگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن دەيبەن دارىلئۇلۇمغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، سەككىز يىل بىلىم ئالغان. بۇ، بىر يېرىم مىڭ ئوقۇغۇچىلىق خەلقئارا ئىسلام ئالىي مەكتىپى ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغان دەرسلىرى: تەپسىر، پەلسەپە، مەنتەقە، ئاقائىد، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىقلار. ئۇستازلىرى ئەللامە شىببىي رەھمەت ئوسمانىي، ھۈسەيىن ئەھمەد مەدەنىي بولغان. زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام مەكتەپنى «مەۋلەۋى»لىك ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ، كېيىنكى مۇدەررسلىكتە «فازىل»لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ، «ئەللامە» لىكتىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئۇنۋان ئىدى.

ئۇ 38 يېشىدا دېھلىدىكى جامەئىي ئەئىزەم مەدرىسىدە «ئۈچ-تۆت يىل فقىھ (دىنىي قانۇن) ئىلمى بويىچە مۇدەررىس ۋە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان.

1942-، 1943-يىللىرى ھىندىستاندا پاكىستان مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى كۈچەيگەن تىنىچسىز كۈنلەردە دادىسى ھاشىم قازى كالاندىن كەلگەن چقىرىق خېتى بويىچە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە سۇلتانەم مەدرىسىدە تۆت يىل تالىپلارغا دەرس بەرگەن. سۇ ئاپىتى خانەۋەيران قىلىش ئالدىدىكى سۇلتانەم مازىرى توقۇز مۇنارلىق گۈزەل مەقبەرە بولۇپ، ئۇ يەردە كۆپ ھوجرىلىق مەدرىسە بوغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى يەر ئىسلاھاتىدا دىنىي بىلىم يۇرتلىرى تاقىۋىتىلگىچە قەشقەر دۆڭ مەسچىتتىكى مەدرىسىدە مۇدەررىس ھەم مەسچىت ئىمامى بولغان. بۇ مەكتەپتە 100دىن ئارتۇق تالىپ بولۇپ، يېتىپ ئوقۇغانلار ئىچىدە سەلەي داموللا ھاجىم ئوغلى مۇھەممەد سەلەي ھاجىم، ئۈرۈمچى نەنمىڭ مەسچىت ئىمامى مەھمۇد داموللا، قارا شەھەردىن بارات داموللاھاجى، بۈگۈردىن ئەبەيدۇللا داموللاھاجىملار بار ئىدى.

ئۇ، سۆلچىل ئىدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا كۆرەشكە تارتىلغان ۋە ئىككى يىل دىنىي ئوڭچى بولۇپ قامالغان. كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلە دىھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇ، غۇلجا، ئارا تۆپە قاتارلىق جايلاردا تۇغقان ۋە تالىپلىرى ئارىسىدا تەركىي ماكان بولۇپ يۈرگەن.

پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن ئۇ يېڭى ھايات پەسلىگە قەدەم قويۇپ، قايتىدىن مۇدەررسلىك ھاياتىنى باشلىدى.

1982-يىلى ئۇ لىۋىيىدە ئېچىلغان «مۇئىتەمەر ئالەمى ئىسلامى» (دۇنيا ئىسلام يىغىنى)غا ئىلىمىز ۋەكىللىرى ئىچىدىكى تۆت ۋەكىلنىڭ ئىچىدە بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپ، كازافىنىڭ قوبۇل كۆرۈشىگە نائىل بولۇپ، بىللە رەسىمگە چۈشكەن. پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىفىلىگى، يۇگوسلاۋىيە، شۋېتسارىيە، غەربى گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردە بولغان. 1984-يىلى ھەج قىلغان.①


1989-يىل، ئاتۇش- باغئېرىق


مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»





idraksoft

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4930
تۆھپە : 30
توردا: 481
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 00:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەت نۇسخىسى ئوڭشىۋېتىلدى:

زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم تەرىپىدە


ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرىدىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم كۆرۈنەرلىك ئورۇن ۋە شۆھرەتكە ئىگە مۇدەررىس.زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم 1910يىلى ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغ ئېرىق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ھاشىم قازى قۇززات بولۇپ، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، دىن مىللەتنىڭ پىداكارى، ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرىيەتپەرۋەر ،مۇتەپەككۇر ئابدۇقادىر ئابدۇۋارس ئەزىزنىڭ سىڭلىسى ھەلىمىخان ئۇنىڭ ئانىسى ئىدى.زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام سۇلتانەم مەدرىسىدە باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ساۋاتىنى ئاچقان تۇنجى ئۇستازلىرى ھابىل ھاجىم بىلەن ئابدۇراخمان خەلپىتىم ئىدى.ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە ئابدۇقادىر داموللام ئۇنى ئۆزى مۇدەررسلىك قىلىۋاتقان قەشقەر توغانخان مەدرىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئەرەب تىلى گىرامماتكىسى بىلەن ناتىقلىق مەنتىقىسىنى ئۆگەتكەن. كېيىن ئاتۇشقا قايتىپ، سۇلتانەم مەدرىسىدە يەنە ھابىل ھاجىمدا ئىككى يىل ئوقۇغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە يەنە بېرىپ، تۆرگۆل قورغانبۇيىلىق ئالىم شەمسىددىن داموللام ھاجىمدا ئىككى يىل بالاغەت، پاساھەت، مەنتەقە ئىلىملىرىنى ئوقۇپ، 18 يېشىدا ھىندىستانغا ئوقۇشقا كەتكەن. ئۇ دەيبەندىكى مەشھۇر دارىلئۇلۇمغا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن سارامپۇردىكى مازاھىرۇل ئۇلۇم تەييارلىق مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. كېيىن زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام بومباي يېنىدىكى دابىل شەھىرىدە قۇرۇلغان جامەئىي ئىسلامىيە ئىنستىتۇتىدا بىر يىل يەنە بىلىم ئاشۇرغان. بەدىرۇل ئالەم، شىببىي رەھمەت ئۇسانىي، ئەنۋەر شاھ قاتارلىق مۇدەررسلەر ئۇنىڭغا مەنتەقە، پەلسەپە، پەلەكىيان، «تەسرىخ» (ئالەم سىرلىرى) بويىچە بىلىم بەرگەن.شۇنىڭدىن كېيىن دەيبەن دارىلئۇلۇمغا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، سەككىز يىل بىلىم ئالغان. بۇ، بىر يېرىم مىڭ ئوقۇغۇچىلىق خەلقئارا ئىسلام ئالىي مەكتىپى ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغان دەرسلىرى: تەپسىر، پەلسەپە، مەنتەقە، ئاقائىد، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىقلار. ئۇستازلىرى ئەللامە شىببىي رەھمەت ئوسمانىي، ھۈسەيىن ئەھمەد مەدەنىي بولغان. زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللام مەكتەپنى «مەۋلەۋى»لىك ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ، كېيىنكى مۇدەررسلىكتە «فازىل»لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ، «ئەللامە» لىكتىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئۇنۋان ئىدى.ئۇ 38 يېشىدا دېھلىدىكى جامەئىي ئەئىزەم مەدرىسىدە «ئۈچ-تۆت يىل فقىھ (دىنىي قانۇن) ئىلمى بويىچە مۇدەررىس ۋە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولغان.1942-، 1943-يىللىرى ھىندىستاندا پاكىستان مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى كۈچەيگەن تىنىچسىز كۈنلەردە دادىسى ھاشىم قازى كالاندىن كەلگەن چقىرىق خېتى بويىچە ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە سۇلتانەم مەدرىسىدە تۆت يىل تالىپلارغا دەرس بەرگەن. سۇ ئاپىتى خانەۋەيران قىلىش ئالدىدىكى سۇلتانەم مازىرى توقۇز مۇنارلىق گۈزەل مەقبەرە بولۇپ، ئۇ يەردە كۆپ ھوجرىلىق مەدرىسە بوغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى يەر ئىسلاھاتىدا دىنىي بىلىم يۇرتلىرى تاقىۋىتىلگىچە قەشقەر دۆڭ مەسچىتتىكى مەدرىسىدە مۇدەررىس ھەم مەسچىت ئىمامى بولغان. بۇ مەكتەپتە 100دىن ئارتۇق تالىپ بولۇپ، يېتىپ ئوقۇغانلار ئىچىدە سەلەي داموللا ھاجىم ئوغلى مۇھەممەد سەلەي ھاجىم، ئۈرۈمچى نەنمىڭ مەسچىت ئىمامى مەھمۇد داموللا، قارا شەھەردىن بارات داموللاھاجى، بۈگۈردىن ئەبەيدۇللا داموللاھاجىملار بار ئىدى.ئۇ، سۆلچىل ئىدىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللاردا كۆرەشكە تارتىلغان ۋە ئىككى يىل دىنىي ئوڭچى بولۇپ قامالغان. كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلە دىھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇ، غۇلجا، ئارا تۆپە قاتارلىق جايلاردا تۇغقان ۋە تالىپلىرى ئارىسىدا تەركىي ماكان بولۇپ يۈرگەن.پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن ئۇ يېڭى ھايات پەسلىگە قەدەم قويۇپ، قايتىدىن مۇدەررسلىك ھاياتىنى باشلىدى.1982-يىلى ئۇ لىۋىيىدە ئېچىلغان «مۇئىتەمەر ئالەمى ئىسلامى» (دۇنيا ئىسلام يىغىنى)غا ئىلىمىز ۋەكىللىرى ئىچىدىكى تۆت ۋەكىلنىڭ ئىچىدە بىردىن-بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىپ، كازافىنىڭ قوبۇل كۆرۈشىگە نائىل بولۇپ، بىللە رەسىمگە چۈشكەن. پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىفىلىگى، يۇگوسلاۋىيە، شۋېتسارىيە، غەربى گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردە بولغان. 1984-يىلى ھەج قىلغان.①

1989-يىل، ئاتۇش- باغئېرىق

مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-15 01:09  


مېنىڭ ئىسمىم يوق!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 10:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە!!!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2194
تۆھپە : 4
توردا: 343
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-13

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 12:12:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تارىخى ئىشلار ئىكەن . ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ، مەن تارىخى ئىشلارغا بەكمۇ قىزىقاتتىم . بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز.

يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار ،ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن ،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ،ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 14:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر يالقۇن روزى نەشىرگەتەييارلىغان «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»
ناملىق كىتابدىن ئىلىندى.شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى.157-بەتتىن159بەتكىچە.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 14:52:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
①بەلگىسى قويۇلغان يەر نەشىرگە تەييارلىغۇچىنىڭ ئىزاھاتى بولۇپ مۇنداق يېزىلغان:
  ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ماقالىنى 1989-يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇشقا بارغاندا زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋى داموللا ھاجىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ يازغان ھەم ‹قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلىمى ژورنىلى›نىڭ 1993-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلدۇرغان.بۇ ئىككى ئالىمنىڭ شۇ قىتىمقى سۆھبىتى شۇنداق خاسىيەتلىك بولغانكى،ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ 30-40يىللىق دۇنيا قارشىغا قايتا نەزەر سالغان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1414
تۆھپە : 4
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 16:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز خەۋەرسىز قالغان مۇھىم بىر تىمىنى يۇرۇتۇپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپلەپ تەشەككۈر بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 971
تۆھپە : 4
توردا: 126
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 18:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئېلىشات رەھىم قېرىندىشىمىز ئۇزۇندىن بىرى مەرھۇم تۆھپىكار ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنبەرگە ئۈزۈلدۈرمەي يوللاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم، بىز ئوقۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئوقۇساقمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇر خارەكتىرلىك بىلىملەرنى يوللاپ، بىزنى بىلىم بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بىركىمنىڭ يوللىغان ئەسەرلىرىمۇ شۇ كىشىنىڭ مەلۇماتى، بىلىمى، قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى يوللىشىمۇ ئۇنىڭ بۇ ساھەگە بولغان ئىلمى قىزىقىشى، ئىنتىلىشىنىڭ نامايەندىسى.
  ئېلشات رەھىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر. ھارمىغايسىز قېرىندىشىم.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 19:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتولۇن يوللىغان ۋاقتى  2012-5-15 18:27
ئېلىشات رەھىم قېرىندىشىمىز ئۇزۇندىن بىرى مەرھۇم تۆھ ...

رەھمەت!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش