يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1930|ئىنكاس: 8

ئەدەبىيات–سەنئەت سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-26 14:26:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«شىجىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى»نى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

IMG_5669.JPG


    2014-يىلى11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن ئاۋال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىداقىلغان مۇھىم سۆزى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ما شۈگو، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى دوڭلىبو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە بىرلەشمىگە قاراشلىق ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە ژۇرناللارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، يازغۇچى، مۇھەررىرلەر قاتناشتى.
    يىغىندا ئازات سۇلتان، دوڭ لىبو، لى شۈلياڭ، ليۇ لياڭچېڭ، شېن ۋېي، ئۆمەرجان ئىمىن، ئابباس مۇنىياز قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئىدىيە مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدە خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك؟ دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش مارشى بولغان ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؟ قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت تۈپ يۆنىلىشى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ رولى ۋە ئورنى، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

IMG_5686.JPG


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-26 15:05:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ قېتىمقى « ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى»نى  72 يىل مۇقەددەم  مۇشۇ ھەقتىكى يىغىندىن كېيىن  ئەمەلىي ئېچىلغان  بىر قېتىملىق يىغىن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ۋاقتى: 2014-11-26 15:11:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...ئەمىلىلەشسىلا  نۆۋەتتە ياخشى ئىش-ھەركەتلەر كۆپ بولىدىغان ئوخشايدۇ...!

ۋاقتى: 2014-11-26 18:43:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېتىبار سىياسەتلەر كۆپ بولسا كېرەك.

ۋاقتى: 2014-11-26 23:43:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يىغىننىڭ ئىچىلغىنى بىر چوڭ ئىش ،بۇ ياخشىلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر .

ۋاقتى: 2014-11-27 11:46:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەلق يەنى ئىنساندىن مۇسنەسنا ھېچنىمە مەۋجۇت بولمىسا كېرەك...؟!

ۋاقتى: 2014-12-13 14:41:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىغىن 1942-يىلى ماۋزدۇڭ رىياسەتچىلىكىدە  ئېچىلغان يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت يىغىننىڭ داۋامى دېسەكمۇ بولغدەك.
دۆلەت باشلىقىنىڭ بۇنداق يىغىننى ئېچىشى ئەدەبىياتنىى جەزمەن يېڭى تەرەققىياتقا يېتەكلەيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-13 14:45  


ۋاقتى: 2014-12-20 18:24:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قەدىرقىممىتى يۇقۇرى بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-12-25 16:34:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىز تېخىمۇ گۇللەنگۈسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش