«شىجىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى»نى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
2014-يىلى11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن ئاۋال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىداقىلغان مۇھىم سۆزى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ما شۈگو، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى دوڭلىبو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە بىرلەشمىگە قاراشلىق ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە ژۇرناللارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى، يازغۇچى، مۇھەررىرلەر قاتناشتى. يىغىندا ئازات سۇلتان، دوڭ لىبو، لى شۈلياڭ، ليۇ لياڭچېڭ، شېن ۋېي، ئۆمەرجان ئىمىن، ئابباس مۇنىياز قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئىدىيە مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدە خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك؟ دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش مارشى بولغان ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؟ قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ «خەلقنى مەركەز قىلىش»تىن ئىبارەت تۈپ يۆنىلىشى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ رولى ۋە ئورنى، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
|