«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى چاقىرغان « ‹ئىلى دەرياسى› ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ۋە ‹ئىلى دەرياسى› (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى» ئېچىلدى
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن ئاۋال
«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى چاقىرغان « ‹ئىلى دەرياسى› ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ۋە ‹ئىلى دەرياسى› (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى» غۇلجا «ئىلى ئالى مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، ئىلى ئوبلاستلىق خەلقھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جۇمان، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىليار ساتتار، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى باقىت مۇقامەتقان، غۇلجا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىنەۋەركېرىم، قاراماي شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇتەللىپ كېرىم قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق جايلاردىن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەدىبلەر، ئىلىدىكى شائىر، يازغۇچىلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەمقاتناشتى. يىغىنغا
ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات رېشىت رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئازات سۇلتان، جۇمان، باقىت مۇقامەتقان قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى. ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى شاكىرجان ھىلاجى ژۇرنالنىڭ 35 يىللىق ئەدەبىي مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەكرەم ئابدۇمىجىت، ئابدۇرۇسۇل سىيىت قاتارلىقلار ماقالە ئوقىدى. ئەسئەت ئابدۇرېشىت قېرىنداش ژۇرناللار ۋە مىجىت ناسىر، غەيرەت ئاسىم قاتارلىق ئەدىبلەردىن كەلگەن تەبرىك خەتلەرنى ئېلان قىلدى.
ئاندىن مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ مەمتىمىن ھوشۇر،قېيۇم سوپى، مومىن مۇھەممىدى، سىدىق تۇرسۇن، ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىق ژۇرنالنىڭ «تۆھپىكار مۇھەررىر»لىرىگە، مۇھەممەتجان راشىدىن، ئەبلەت ئابدۇللا، ماخمۇت يولۋاس، زامانىدىن پاكزات، دولقۇن روزى، ئەنۋەر ناسىرى، زۆھرەگۈل ئابدۇۋەھىت، رەخىم ياسىن قاتارلىق «تۆھپىكار ئاپتور»لىرىغا گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.
ئاخىرىدا ‹ئىلى دەرياسى› (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ نەتىنجىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دىلمۇھەممەت جەفەر، ئىليار جۇماخۇن 5000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
يىغىننىڭ رەئىس سەھنىسى
يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم پىشقەدەم ئەدىبلەر
يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
رەھبەرلەر مۇكاپات تارقاتماقتا
تۆھپىكار ئاپتورلار مۇكاپات سەھنىسىدە
تۆھپىكار مۇھەررىرلەر مۇكاپاتلاندى
غۇلجا «چولپان سودا شىركىتى»نىڭ دىرىكتورى دىلشات ئۆمەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى دىلمەھەممەت جەفەر بىلەن ئىليار جۇماخۇنغا مۇكاپات تارقاتماقتا