كۆرۈش: 2418|ئىنكاس: 29

«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرلەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 5207
تۆھپە : 23
توردا: 2156
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 07:09:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى چاقىرغان « ‹ئىلى دەرياسى› ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ۋە ‹ئىلى دەرياسى› (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى» ئېچىلدى



    2014-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن ئاۋال «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى چاقىرغان « ‹ئىلى دەرياسى› ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ۋە ‹ئىلى دەرياسى› (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى» غۇلجا «ئىلى ئالى مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى.
      يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، ئىلى ئوبلاستلىق خەلقھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جۇمان، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىليار ساتتار، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى باقىت مۇقامەتقان، غۇلجا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىنەۋەركېرىم، قاراماي شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇتەللىپ كېرىم قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق جايلاردىن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەدىبلەر، ئىلىدىكى شائىر، يازغۇچىلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەمقاتناشتى. يىغىنغا ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات رېشىت رىياسەتچىلىك قىلدى.
   يىغىندا ئازات سۇلتان، جۇمان، باقىت مۇقامەتقان قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى. ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى شاكىرجان ھىلاجى ژۇرنالنىڭ 35 يىللىق ئەدەبىي مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەكرەم ئابدۇمىجىت، ئابدۇرۇسۇل سىيىت قاتارلىقلار  ماقالە ئوقىدى. ئەسئەت ئابدۇرېشىت قېرىنداش ژۇرناللار ۋە مىجىت ناسىر، غەيرەت ئاسىم قاتارلىق ئەدىبلەردىن كەلگەن تەبرىك خەتلەرنى ئېلان قىلدى.

   ئاندىن مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ مەمتىمىن ھوشۇر،قېيۇم سوپى، مومىن مۇھەممىدى، سىدىق تۇرسۇن، ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىق ژۇرنالنىڭ «تۆھپىكار مۇھەررىر»لىرىگە، مۇھەممەتجان راشىدىن، ئەبلەت ئابدۇللا، ماخمۇت يولۋاس، زامانىدىن پاكزات، دولقۇن روزى، ئەنۋەر ناسىرى، زۆھرەگۈل ئابدۇۋەھىت، رەخىم ياسىن قاتارلىق «تۆھپىكار ئاپتور»لىرىغا گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

   ئاخىرىدا ‹ئىلى دەرياسى› (چولپان) ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ نەتىنجىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن دىلمۇھەممەت جەفەر، ئىليار جۇماخۇن 5000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
IMG_5267.JPG

يىغىننىڭ رەئىس سەھنىسى
IMG_5268.JPG

يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم پىشقەدەم ئەدىبلەر
IMG_5292.JPG

يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش
IMG_5320.JPG

رەھبەرلەر مۇكاپات تارقاتماقتا
IMG_5327.JPG

تۆھپىكار ئاپتورلار مۇكاپات سەھنىسىدە
IMG_5333.JPG

تۆھپىكار مۇھەررىرلەر مۇكاپاتلاندى
IMG_5340.JPG

غۇلجا «چولپان سودا شىركىتى»نىڭ دىرىكتورى دىلشات ئۆمەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى دىلمەھەممەت جەفەر بىلەن ئىليار جۇماخۇنغا مۇكاپات تارقاتماقتا

ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5041
تۆھپە : 10
توردا: 1766
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 09:07:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى» نىڭ تېخىمۇ كۈۋەجەپ ئۆركەشلىشىگە تىلەكداشمەن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 1743
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3387
تۆھپە : 1
توردا: 644
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 10:04:54 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى»نىڭ ئۆركىشى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەي...
بۇ ژۇرنال ئەمدى قىران ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇپتۇ.

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  418
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 428
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 10:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى»نىڭ ئۆركەشلىرى مەڭگۈ ئۈزۈلمىگەي.............

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  154
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1988
تۆھپە : 0
توردا: 655
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 10:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى»دىن ئىبارەت بۇ  مەنىۋىيەت مەكتىپىنىڭ 35 يىلنى مۇۋاپپەقىيەتلىك باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن!  35 يىلدا بۇ ژورنالنىڭ نۇرغۇن ئاپتورلارنى يېتىشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلگىنىگە  كۆز يۇمالمايمىز ھەم ئاپېرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.  ژۇرنال دېگەن ھەر ساندا بىر تۇغۇم بىلەن ئۆزىنى  يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ئاشۇ چەكسىز يېڭىلاشلىرى بىلەن  نەۋقىرانلىقىغا يېقىنلاشقان ئىلى دەرياسىنىڭ تىنىمسىز ئۆركەشلىرىگە كۆز تەگمىسۇن!  بىر-بىرىدىن مەسئۇلىيەتچان، ئۇستازلىرىمىزنىڭ نۇرانە ئىزلىرىنى بويلاپ، تىرىشىپ كېتىۋاتقان جاپاكەش مۇھەررىرلىرىمىزگە بەردەملىك يار بولسۇن!   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەرگىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 10:38  


مۇھەببىتىڭنى قەدىرلىگەندەك نەپرىتىڭنىمۇ قەدىرلە! چۈنكى ئۇ  مۇھەببىتىڭنىڭ  جەۋھىرى...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2817
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 13537
تۆھپە : 6
توردا: 1756
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 11:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلىدىكى جاپاكەش مۇھەرىر ۋە ژۇرنالنىڭ ئاكىتىپ ئاپتۇرلىرىغا سالام.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 6510
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 26309
تۆھپە : 10
توردا: 2902
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 11:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       «ئىلى دەرياسى»دىن ئىبارەت كاتتا مەكتەپنى پەرۋىشلەپ بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان بارلىق مۇھەررىرلەرگە ئوتلۇق سالام!
       سىلەرگە چەكسىز قۇت يار بولسۇن!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 5207
تۆھپە : 23
توردا: 2156
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 11:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئەدىبلەر 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ژۇرنالدىكى كەسپداشلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىلى دەرياسىنىڭ ياماتۇ دىگەن يېرىگە كېلىپ بۇ ئانا دەريادىكى ئەڭ ئاخىرقى كېمىگە چىقىپ دەريادىن ئۆتتى.

IMG_5571.JPG


IMG_5579.JPG


IMG_5583.JPG


IMG_5585.JPG


IMG_5594.JPG


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 10
تېللا: 5207
تۆھپە : 23
توردا: 2156
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 12:08:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئەدىبلەر 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ژۇرنالدىكى كەسپداشلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سامىيۈزى يېزىسى سالا مىللى كەنتىگە كېلىپ سالا (سالۇر) مىللىتىنىڭ مىللى مەدەنىيەت، ئۆرۈپ - ئادەت ئۆيىدە، ئابرال تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان قاش دەرياسى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى.


IMG_5601.JPG


IMG_5607.JPG


IMG_5619.JPG


IMG_5624.JPG


IMG_5626.JPG




Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 2429
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 17118
تۆھپە : 6
توردا: 1141
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 12:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ژۇرنالنى سۈپەتلىك چىقىرىۋاتقان مۇھەررىرلەرنىڭ قولى دەرد كۆرمىسۇن!
ئىلى دەرياسىنىڭ ئۆركىشى توختاپ قالمىغاي!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1527
تۆھپە : 20
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 13:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى» ژۇرنلىنىڭ نىڭ تېخىمۇ  ئۆركەشلىشىگە تىلەكداشمەن. بۇ كاتتا ئەنجۈمە پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىگەنلىكىدىن ناھايتى سۈيۈندىم. تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قۇلىغا دەرت تەگمىسيۇن!

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6574
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3625
تۆھپە : 0
توردا: 417
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 14:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئىلى دەرياسىى››ژورنىلىدىكى مەسئۇل باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەجىرگە ئاپىرىن ،

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 4330
تۆھپە : 0
توردا: 332
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 16:42:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىلى دەرياسى» تېخىمۇ تاشقىنلاپ تۈرغىن!

سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 16:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىدە ھەممىمىز  غۇلاچلايلى...!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4784
يازما سانى: 2284
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 12315
تۆھپە : 0
توردا: 1236
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 17:31:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىغا رەخمەت،  «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى  دەريا سۈيىدەك  مەڭگۈ ئۆركەشلەپ ئاقسۇن! ئھجەپ كاتتا جايلار باركىنە

مەن  گۈزەللىكنى،خوشاللىقنى،ياقتۇرىمەن،دوستلۇرۇمنىڭ يامان گىپىدىن قورقىمەن،توردا ھەممەيلەننىڭ ئىتتىپاق،ئىناق ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
تور  ئادىرسى:
18099965554@189.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش