كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
مەخسۇس تېمىلار رايونى
›
خىزمەت خەۋەرلىرى
›
غۇلجىدا شىئىېرىيەت سەپىرى ۋە م.راشىدىن ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى
1
2
3
4
/ 4 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
ئىگىسى:
admin
غۇلجىدا شىئىېرىيەت سەپىرى ۋە م.راشىدىن ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
nurdin
nurdin
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-14 14:29:04
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇستازنىڭ ئالتۇن تىنىگە ئامانلىق تىلەيمەن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
admin
admin
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2014-11-14 16:27:39
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دەۋىر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى ۋە مۇھەممەتجان راشىدىن شىئېرلىرى مۇشائىرە -مۇھاكىمە پائالىيىتى»گە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن شائىرلىرىمىز 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئالاھىدە غۇلجا ناھىيەسىگە چىقىپ غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئەدىبلىرىمىز بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
داڭگال
داڭگال
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-14 16:35:12
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل پالىيەتلەر بوپتۇ.بارلىق قەلەم ساھىبىللىرىنىڭ ئۆمرىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-14 16:36
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەدىھەم
ئەدىھەم
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-14 16:55:13
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇستاز شائىر مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىدىن بېخەۋەر قالغاچقا پائاليەتكە بۇ شېئىرىمنى ئالغاچ بارماي ئەپسوسلۇنۇپ كەتتىم.ئەمدى بۇ يەرگە بولسىمۇ يوللاپ قوياي....
ئۇ شۇنداق قەلىپلەرگە ياققان شائىر
(ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنغا بېغىشلايمەن)
ئەدىھەم ئىبراھىم
دالىلار ئاچسا چېچەك باھاردىلا،
تۆت پەسىل ئېچىلىدۇ تىلىدا گۈل.
ئۇ ھەردەم يۈرىكىدىن ئەلنى سۆيگەچ،
ھەر ۋاقىت كىنەپ تۇرار ئۇنى كۆڭۈل.
كۆڭلىگە پۈككەچ ھامان ئەل-ئاۋامنى،
ئوخشايدۇ شېئىرلىرى ئەتكەن چايغا.
تىلىمۇ بولغاچ يۇمشاق-دېھقان تىلى،
قۇمغا سۇ سىڭگەن كەبى سىڭەر دىلغا.
سورىسام م.راشىدىن قەيەردە دەپ،
دەيدۇ ئەل مۇھەببەتلىك يۈرەكلەردە.
خۇشلۇقتا چىرايىدىن دەۋرەيدۇ نۇر،
شائىرنى كۆرسە ئاۋام كۆرەكلەردە!...
باغرىدا ھەسرىتى بار پاتمان-پاتمان،
ئۈنىدۇ ئەل باغرىدىن شېئىر بولۇپ.
تا ئەبەت كۈيگە ھېرىس يۈرەكلەردە،
يانىدۇ ئارمانلىرى يالقۇنلۇنۇپ.
ئۆمرىنىڭ ئارغامچىسى ئۇزارسىمۇ،
ھېسلىرى ياشلىقىدا ئات چاپىدۇ.
ئىلھامى ئۇرغۇپ تېشىپ يۈرىكىدىن،
قەلىمى چولپان كەبى نۇر چاچىدۇ.
پىكىرى تىرەن ئەجەپ شېئىرىنىڭ،
بار ئۇندا چوڭقۇرلىقى دىڭىزنىڭمۇ.
ۋەزنى بار شېئىرىنىڭ تاغلار كەبى،
دەڭسىسەڭ بېسىپ چۈشەر زىمىننىمۇ.
ئۇ شۇنداق قەلىپلەرگە ياققان شائىر،
خۇشياقار ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىدەك.
باغرىدىن تېشىپ تۇرغاچ مۇھەببىتى،
شېئىرىدا چۇقان سالار ۋەتىنىم دەپ...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
18139193341
18139193341
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-14 17:45:21
يانفوندا يوللانغان
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
م.توختى سەببەت
م.توختى سەببەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-14 22:18:03
يانفوندا يوللانغان
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا چاقچاق:
تويۇڭ بوپتۇ ئاڭلىدىم،سېنىڭ يەتمىش يېشىڭدا،
ئەل قاتارى داڭلىدىم، بولمىساممۇ قېشىڭدا.
قات-قات توننىڭ ئىچىدە قولىشالماي قالغاندا،
30 ئاتنى بېقىشنىڭ غېمى ئارتتى بېشىڭدا....
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئابدۇرەشىد
ئابدۇرەشىد
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-15 12:48:28
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرەشىد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-15 13:04
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئامىنە
ئامىنە
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-15 17:36:30
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامو ئەلەيكۇم گۇزەل غولجىلىقلار!!!!!!!!!
موھەممەتجان راشىدىن ئاتىمىز بىلەن دەۋىرداش بولوپ ياشىغانلىقىم مېنىڭ بەختىم .م
ەن بو شائىرىمىزنى ئۇزۇمگە غايىۋى ئۇستاز دەپ بىلىمەن ،شېئىرلىرىنى تولا ئوقۇغاچقىمىكىن ئۆزىنى كۇرمىگەن بولساممو يېنىمدىكىدەكلا ھىس قىلىمەن، ئاللا تېنىمىزنى سالامەت قىلسا 2015- يىل ئىچىدە چوقۇم يوقلاپ بارىمەن ! ئامان بولوڭ ئەلنىڭ شائىرى!!!!!!!!!!
ئارىلىق يىراق بولسىمو كوڭلومغا ئەڭ يېقىن دەپ سانىغان شائىرلىرىمغا سالامنامە يازغان ئىدىم ،يەنە سۇنغۇم كەلدى.
موھەممەتجان راشىدىنغا
ئامىنە ئابدۇۋايىت
كۆرمىسەممو سىزنى مەن ئاكا،
ئەڭ يېقىنىم ئۇستازىم دەيمەن.
‹‹كەلسەڭ ئەگەر بۇگۇن كەل››دېسە،
‹‹ئەتە››لىكتىن بەكمو‹‹غەم››يەيمەن.
ئەجەپ تاتلىق شىرىن تىلىڭىز،
بۈلبۈل تىلى يېگەنمو ئاكا.
ئىسمىڭىزنى قويغان ئاخۇنۇم،
‹‹شائىر›› بولوڭ دېگەنمو قايتا.
تونۇتقانكەن سىزنى شائىر قىپ،
‹‹تۇنجى شېئر›› ‹‹ئىلى دەرياسى››.
ئىلھامىڭىز بولىقى بوپتو،
‹‹گۇزەل غولجا›› شېئىر سەيناسى.
‹‹شىبلىت ئىزدەش ئېلانى››ڭىزدىن،
‹‹ئاق كۆڭلىڭىز››چۇشەندىم ئاكا.
ئۇستاز تۇتۇپ سىزنى ئۆزۇمگە،
شېئىر يېزىشنى ئۇگەندىم مانا.
كەلسىڭىز گەر ئەزىز قەشقەرگە،
زەر پايانداز سالسامكەن دەيمەن.
ئۇلۇق ئۇستاز ۋە يا پىر بىلىپ،
ئۇدۇمىڭىز ئالسامكەن دەيمەن.
ئامان بولوڭ قەدىردانىم.ئاقتۇ ئامىنە
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
پەرىدە توختاخۇن
پەرىدە توختاخۇن
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-15 18:39:53
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا پائالىيەت بوپتۇ بۇ .مۇھەمەتجان ئاكىنىڭ ئالتۇن بويىنىڭ ئامان بولۇشىنى تىلەيمەن شۇ ئەسنادا مېنىڭمۇ ئۇستاز مۇھەمەتجان راشىدىنگە ئاتاپ يازغان بىر پارچە شىئېرىمنى سۇنغۇم كېلىۋاتىدۇ.
گۈللەرنىڭ باغرىغا سىڭگەن شائىرسەن
( مۇھەمەتجان راشىدىنغا بېغىشلايمەن)
بۇلبۇلسەن گۈللەرنىڭ بەرگىگە قونغان،
يۈرىكىڭ ھەر دەقىق گۈلخاندەك يانغان.
گۈل بولۇپ ئېچىلدى 74 يېشىڭ،
نەزمىلەر سېنىڭكى مەڭگۈ سىردىشىڭ.
چېھرىڭدە قۇياشنىڭ نۇرى پارلىغان ،
مۇشكۈلنى يەلكەڭدە يەڭگەن شائىرسەن.
ياخشىغا ئۈنچىلەر تىزدىڭ قەلەمدە،
ياماننىڭ يۈرىكى قالدى ئەلەمدە.
پەرىشتە سۈپەتسەن، قايماقتۇر تىلىڭ،
قۇياشدەك پارلىدى 74 يىلىڭ.
يول ئېچىپ ماڭدىڭسەن ھەر بىر قەدەمدە،
گۈللەرنىڭ باغرىغا سىڭگەن شائىرسەن.
دىھقاننى كۈيلىدىڭ، ئەيلىدىڭ ناۋا،
خەلقىڭنى لال قىلدى سەندىكى سادا.
نەزمەڭگە تەڭكەشتۈر ئېلى دەرياسى،
ھەر ياندا پارلىدى قەلبىڭ زىياسى.
ھىكمەتلىك سۆزلىرىڭ يۈرەككە داۋا،
دىھقاننىڭ روھىغا سىڭگەن شائىرسەن.
سەندىكى مىسرالار قەلبكە چىراق،
ھىممىتىڭ يامغۇردۇر ئېلىڭگە ھەرۋاق.
تەلىمىڭ گۈل كەبى ئاقار يۈرەككە،
قۇد تىلەپ ئۆتىسەن ھەر بىر تىلەككە.
ئەجدادقا باغرىڭدىن باغلاپ ئىشتىياق،
ئېلىڭنىڭ ئوتىدا كۆيگەن شائىرسەن..
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
yalguzak
yalguzak
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-16 11:19:12
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە مۇبارەك! يىتۈك قەلەم ساھىبى مۇھەممەدجان راشىدىنغا سالامەتلىك يار بولغاي.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
زۇلرابا
زۇلرابا
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-16 14:48:29
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن دەك مۇل ھۇسۇللۇق شائىرلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدا گۈللىشىگە تىلەكداشمەن.ھەمدە شائىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈرلەر يار بۇلسۇن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
T.Abaydulla
T.Abaydulla
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-17 14:04:46
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىىزنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىنغا ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمىز. ئۇنىڭ ھەربىر پارچە شېئرى بىزنىڭ روھى ئوزۇقىمىز، تەڭداشسىز بايلىقىمىز. بىز مۇنداق شائىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ھەسەنجان دانىش
ھەسەنجان دانىش
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-17 15:01:50
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
Ali
Ali
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-17 23:52:17
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز،ئەل سۆيگەن شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا ئالىي ئېھتىرام !
ئازات سۇلتان ئاكا باشلىق بارلىق ئۇستاز،شائىر ،قەلەمكەش دوستلارغا ،غۇلجىدىكى ئەزىزىلەرگە ئوتلۇق سالام!
ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ مۇنۇ مىسراسى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا ماس كېلىدۇ:
«تاغدەك ئېغىر يۈكنى يەلكىگە ئېلىپ،
قۇشتەك يەڭگىل يۈرۈدۇ شائىر.»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-17 23:53
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
Ali
Ali
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-11-18 00:02:29
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ «گۈلۈمگە »ناملىق شېئىرىدىن بىر پارچە ئوقۇپ،شائىرغا بولغان سېغىنىشىمنى ئىزھارلايمەن:
دەرەخلەر خىسلىتىدىن دەرس ئالغانمەن،
مېۋە بېرەلمىگەندە سايە تاشلىغان.
گۈزەل مەنزىللەرگە باقتىم كۆز ئۈزمەي،
ئۈمىد رۇجەكلىرىدىن مېنى باشلىغان.
بەلكى كۆرەرسەن يۈرگەنلىرىمنى،
ۋىجدان سوراقلىرىدا قىلىپ دەتالاش.
ھاراملىق باغلىرىدىن مىڭ ئەلا ماڭا،
ھالاللىق ئوچاقلىرىغا مەڭگۈ ئوت قالاش.»
ئەي ئاكا،سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك ،خوشاللىق ،بەخت ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-18 00:07
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
كېيىنكى بەت »
1
2
3
4
/ 4 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش