ئابلەت ئابدۇللا
ئىلى ئاخشىمى
سالام كىتاپخان!
سەنمۇ ھەم مەنمۇ ھەم ھامان بىر كۈنى
تەبىئەت قوينىغا قايتىمىز جەزمەن.
سەن بەلكىم ھاياتىڭدىن تىكلەرسەن مۇنار،
مەن پەقەت شىئېرىمنى قالدۇرسام دەيمەن.
يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى ئاخشام،
يەتكۈزگۈم بار ساڭا مۇشۇ ناخشىنى.
ھايات ۋە مۇھەببەت قىلىدۇ داۋام
يەنە ئاي ئاستىدا ئىلى ئاخشىمى.
مەن بىلەن ناتونۇش مۇھەررىرمۇ ھەم،
پەقەت ساڭا قالدۇرىمىز ئۈمىد ۋە ئارزۇ.
شۇ جىمجىت باغرىڭغا سىڭمەكتە بۇ دەم
خۇشاللىق تۇيغۇمىز ۋە چەككەن قايغۇ...
كىچىكلا بىر چېكىت يەر شارىدا بۇ
يۇرتىمىز بىلىسەن قەلبكە تۇتاش.
ۋە لېكىن ئالەمنى سىغدۇرىدۇ ئۇ،
كۆڭلى ئاق ئايدىڭدۇر، يۈرىكى قۇياش.
شۇ يۇرتنىڭ ئاخشىمىسەن سۆيۈملۈك ئەركەم،
ساڭا ئۆز تونۇشتۇر ناخشا-قوشاقلار.
سەن جىمجىت ئۇزىتىسەن ئۆتكۈنچىنى ھەم
روھىڭنى پىچىرلايدۇ تاڭدا بۇلاقلار.
مەن ئۆستەڭ بويىدا بۇ ئاخشام يالغۇز،
سۇۋادان ھەمراھىم، تىڭشار كۈيۈمنى.
ئادەملەر ئۆتمەكتە چىراق ئاستىدىن،
نىمىدۇر خىيالى، نىمىدۇر ئويى...
چىرىقى ئۆچتى بەزى ئۆيلەرنىڭ بۇ چاغ،
تىلەيمەن ئۇلارغا ئارام، ياخشى چۈش.
قايسىبىر ئۆيلەردە كىمنىدۇر قارغاپ،
كىملەردۇ كۈلىدۇ، كىملەردۇ بىھۇش...
تۇل ئانا پىرقىرار پەرزەنت ئوتىدا،
كىمنىڭدۇر جان ياپرىقى تىترەر بۇ نەپەس.
كىملەردۇر ئىچىلمىگەن قەدەھ ئالدىدا،
ۋەز ئېيتار دۇنيانى بىلگەندەك پەۋەس.
يىغلىما ئەلەمدىن قىزچاق، بۇ ئاخشام،
ئالدانغان كۆڭۈلنى بەزلەيدۇ ئەتە.
مەن كۆرگەن گۈزەلنىڭ كۆز يېشىنىمۇ
ئۇ قىسمەت تەقدىرىدىن يازدى ھېكايە.
بۇزۇلغان بۇ روھلارنى مەن قانداق تۈزەي،
مەن ئاددى شائىرمەن، سۆيگۈگە ئامراق.
ئاي نۇرى مىسرا بوپ چۈشەر قەغەزگە
قارىسام ئاي يىغلار، باركەن ئۇندا داغ...
نە ھاجەت ئۆزىنى قىينىماق بۇنچە،
نام – شۆھرەت ئىشقىمۇ ياكى تەسەللى.
خىيالدا جىمجىت ئۆتۈپ كەتكەن يۇرتدىشىم
بىلىدۇ بۇ سەۋدا سىرىنى بەلكىم...
يۈز يىلدىن كېيىنچۇ، كىم بىلەر بەلكى!؟
بىر ئۆمۈر قەدەملەر سىڭگەن كوچىلار،
ئۆزگىرەر، تەھقىقكى سېزىدۇ روھىم.
تېرەكلىك، سۇۋادانلىق بوستان كوچامدا،
ھە، بۈگۈن چىراقلاردىن چاقنايدۇ كۆزۈم.
كۆز يېشى، مۇھەببەت چۆككەن بۇلۇڭلار
يەنە جۈپ دىلكەشلەرگە بېغىشلار لەززەت.
بىلىنەر ئۇلارغا بىزنىڭ پاراڭلار
ۋە سۆيگۈ كەچمىشىمىز چۆچەك-رىۋايەت...
بولدى قوي،
مېنى ئۆز ھالىمغا ئاخشام پەرىسى،
قاراڭغۇ بوستانلىققا باشلىما زىنھار.
ئۇنىڭسىز خىيالىمدا يارنىڭ شەپىسى
ئۇ گويا ئولتۇرغاندەك يېنىمدا قاتار.
بۇ ئىلى ئاخشىمى مەست قىلىپ مېنىڭ
ئېپ كەتكەن ياشلىقىمنى، تۇنجى سۆيگۈمنى.
ئۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر يادىڭغا سېنىڭ
يەتكەندە ئەسلەرسەنمۇ، دىلدارىم مېنى.
مەن ئەمدى ئەمەسمەن بەڭۋاش، تۈن كېزەر
خىيالغا ئورايمەن باشتىكى ئاقنى.
سەنمۇ ھەم نەۋرەڭنى ئوينىتىپ دىلبەر،
ھېكايە قىلارسەن بىزنىڭ ياشلىقنى.
بۇ ھايات شۇنداق ئىكەن ئاخشامدەك سىرلىق
سىرىنى يەشكىچە كۆزۈڭ باغلار تور.
قاچانمۇ بىغەملىكنى تاشلار ئادەملەر،
ۋاھ، ئەجەپ قايتىپ، يېنىپ كەلمەسكەن ئۆمۈر.
مەن سۆيگۈ كۈيلىدىم، كۈيلىدىم شۇنداق،
سۆيگىنىم قەلىمىمدىن تامدى بۇ ئاخشام.
ئادەملەر تۇرمۇشنىڭ غېمىدە چېپىپ،
گاھ خۇشال قاراشتى، گاھى پەرىشان...
مەن ئۇلار كۆڭلۈمنى بىلگەي ئىدى دەپ
بۇ كۈينى كۈيلىدىم ئاخشامغا ئورتاق.
بۇ كۈيگە مەستانە بوپقالدى ئەجەپ
ئايدىڭدا، ئاي نۇرىدا تۇغۇلغان بوۋاق...
يۈز يىلدىن كېيىنكى بۇگۈنكى ئاخشام،
يەتكۈزگۈم بار ساڭا مۇشۇ ناخشىنى.
مەن ئاخشام كۈيىمەن، ئاينىڭ نۇرىمەن
ھايات ۋە روھىمدا ئىلى ئاخشىمى...
ل. مۇتەللىپ خاتىرىسىگە
قۇرۇق گەپ ئەمەس بۇ، شائىر ئەل بىلەن
ئەڭ ئېغىر يىللاردا بولدى ھەمنەپەس.
كىم ئۇنى چۈشەنگەن ئەل چۈشەنگەندەك،
ئۇ خەلق ئوغلانى، بۇلبۇلىدۇر بەس!
مەن ئۇنى ناۋايى دىمەيمەن، ئەمما
ئىزىنى باسمىغانلار يۈرىكىمگە يات.
كۆمۈلۈپ كەتمەيدۇ قۇيۇندا ھىچۋاق،
لۇتۇننىڭ ئۆمرىدەك جەڭگىۋار ھايات!
سېغىنىش ھېسياتىمنى باسالماي بۇدەم
شۇ باتۇر يىللارغا تاشلىسام نەزەر.
قارا تۈن قوينىدا چاقنىغان ئىدى،
ئەرك سۆيەر ئوغلانلار قولىدا خەنجەر.
بىر يورۇق يۇلتۇز بولۇپ تارىم كۆكىدە،
مۇتەللىپ شئېردىن تۈندە نۇر چاچقان.
يىللارغا جاۋاپ بېرىپ ئىجاد-ئەجرىدىن،
ئەل سۆيگەن ناخشىسىدىن ئۇچقۇن تاراتقان.
ئۇ ئۇزاق خاتىرىلەر، مەن كىچىك ئىدىم
ئېسىمدە، ئاڭلايتتىم شۇ جەڭدىن قىسسە.
شائىرنى جادۇغا باستى دىگەن كۈن،
تولغۇنۇپ ئۆرتەندىم يۇتۇپ غەم-غۇسسە.
كۆز يۇمدى ئۇ باتۇر يىللار كۈيچىسى،
ئىتلاردىن يەم تىلىمەس مەغرۇر ئارىسلان.
كۆز يۇمدى ئۇ تالانت «قاينام ئۆركىشى»
تونۇدى غۇرۇرنى، داڭقىنى جاھان.
ئوقۇدۇم مەكتەپتە «ياشلىق ئۈگەن»نى،
ئويغاتتى قەلبىمدە ئىلىمگە ھەۋەس.
بىلمىدىم، نىچۈككى ئۇنىڭ داڭقىنى،
كۆرەلمەس ھەسەتخورلار بەلكى يوق ئەمەس.
«مۇھەببەت-نەپرەت»نى ئوقۇماق بولسام،
ھېيىقماي قولۇمدىن تارتىۋالدى كىم؟
يۈرەككە داغ سېلىپ ئۆتتى ئۇ جاھان،
تۇتقۇنلۇق شۇ يىللار ئۇنى سېغىندىم.
سېغىندىم مۇتەللىپ، سېغىندىم سېنى
سەن ئۈچۈن قوشاقمۇ قاتمىدىم ئەمما.
بوينۇمنى قىل بىلەن باغلىغان يىللار،
ھەتتا چۆچەك ئېيتىش سانالغان گۇناھ.
قىزىق ئىش: غالجىرلار «بىرلا چىشلىسەڭ
مۇتەللىپ يەر يۈزىدىن يوقىلار» دىدى.
يوقىتىپ بولامدۇ شىئېرىيەتنى
ئۇ سەنئەت بېغىنىڭ گۈلتاجى ئىدى.
شىئېرىيەت يۇرتى بۇ، بۇلبۇل ماكانى،
سامسىپەز سامسىسىنى قوشاقتا باغلار.
«يىللارغا جاۋاپ»نى يادلاۋاتقان كىم؟
تاڭ بىلەن مەكتەپكە يول ئالغان دىلدار.
|