كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 15

مەخەت ئابدۇرېھىم:ئۇقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياش.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-10 18:25:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

                 ئۇقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياش
                                              مەخەت ئابدۇرېھىم

        ھەرقايسى تور ۋە گىزىت ژورناللاردا ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا ئىلان قىلىنغان ماقالىلارنى مەسلەن:بىزگە قانداق ئۇقۇتقۇچىلار كىرەك.بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى.شەرەپ ئىگىسى ئۇستاز. ...قاتارلىق ماقالىلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن،ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىتى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ تۆۋەندىكى قاراشلىرىمنى تورداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.
       دانالارنىڭ ھكمەت خاترلىردىكى:ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىينىڭ ئېنژىنىرى.ئوقۇتقۇچى كۈيۋاتقان شام.ئوقۇتقۇچى باغۋەن.ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستىكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بۇلۇش كىرەك.دىگەن ھىكمەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم مۇنداق:
مۇئەييەن بىر قۇرلۇشنى لاھىيلەش بىلەن،ئادەمنىڭ روھى قۇرۇلمىسنى لاھىيلەشنىڭ قانۇنيەتلىرى ئوخشايدۇ،يەنى؛ قۇرلۇشنى شەكىللەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان فونكىسيىلىك ئامىللار ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە ئوخشاش.ئۇنى ئپادىلەش ئۇسسۇللىرى ۋە جەريانى ئوخشىمايدۇ.
مۇئەييەن بىر شامنىڭ يورۇقلۇق تارقىتىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم بىرشى ۋە بەدەل تۆلەش مەقسەت مۇدداسى ئوخشايدۇ، ئەمما شام كۈيۈپ-كۈيۈپ يورۇقلىق تارقىتىپ بولۇپ ئۆچىدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچىنىڭ تارقاتقان بىلىمى بىر ئوقۇغۇچىغا،ئون ئوقۇغۇچىغا تارقىلىپ ئىنسانلار ئەقلىنى يورىتىدىغان مەشئەلگە ئايلىنىدۇ.
       باغۋەننىڭ مۇئەييەن بىر كۈچەتنى ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى قانۇنيەتلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش جەريانىدىكى قانۇنيەتلەر ئوخشايدۇ.ئەمما كۈچەت يىتىلدۈرۈش بىلەن ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەشتىكى ئۇسسۇل ۋە تەلەپلەر ئوخشىمايدۇ. يەنى باغۋەن ئۆستۈرۋاتقان كۈچەتلىرىدە مەلۇم ياۋا شاخلار كۆرۈلسە ياكى مىۋىسى سورىتلۇق بولماي قالسا شۇ ياۋا شاخلارنى كەكە-پالتىلاردا كىسىپ چاتاپ ئۆلچەملىك ئۆستۈرەلەيدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچى باغۋەن قوللانغان ئۇسسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچىغا بىر ئستىكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولۇش كىرەك.بۇ دىگەن گەپ ئوقۇتقۇچىدا بىلىم كۆپ بولمىسا ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ دىگەن گەپ.سۇغا بولغان ئىھتىياج بىلەن بىلىمگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ قانۇنيەتلىرى ئوخشايدۇ.ئەمما:ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بىلىمنى بىرىۋەرسە بىلىم تۈگەپ كىتىپ تاراڭلاپ قالدىغان چىلەككە ئوخشىمايدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستىكان بىلىم بەرسە،ئۆزىدە ئون ئىستىكان بىلىم پەيدا بولدىغان بۇلاققا ئوخشايدۇ....
............................................................................................
ئوقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياشقا ئوخشايدۇ.قۇياشنىڭ ماھىيتى ۋە مەقسەت نىشانى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھىيتى ۋە مەقسەت نىشانى ئوخشايدۇ.
        قۇياش پۈتۈن كائىيناتقا تەركىپ ئايرىماي،يورۇقلىق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ،تارقاتقان يورۇقلىق ۋە ئىسسىقلىقىنىڭ كۈچ قۇدۇرىتى بىلەن ماۋجۇداتلار ھاياتلىققا ئىرىشىپ گۈل-چىچەكلەرگە پۈركۈنىدۇ.قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلىق تارقىتىدىغان دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولغاچقا،دەقىقە توختىماي شۇ ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلىق تارقىتىدۇ.ئەمما ھەق-تەلەپ قىلمايدۇ.قۇياشنىڭ بۇ خىسلىتى دۇنيادا مۇقەددەس خىسلەت.
       ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇريەتلىرگە،ۋە شۇ مەسئۇليەت مەجبۇريەتلىرنى ئىپادىلگەن ئەمىليىتىگەئاساسەن ئوقۇتقۇچىنى موقەددەس قۇياشقا ئوخۇشتۇش بەكمۇ توغرا ھۆكۈم. ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقوغۇچىغا خۇددى قۇياش كائىيناتقا تەركىپ ئارىماي ئىسسىقلىق بىلەن يورۇق تارقاتقىنغا ئوخشاش جىنىس ئارىماي،مىللەت ئارىماي،قېرى-ياش ئارىماي بىلىم تارقىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەس قۇياشقا ئوخشايدىغان ئوبرازىنى ئالىي جاناپ خىسلىتى ئىپادىلگەن.

          شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار قۇياشقا ئوخشاش بىلىمگە ئىھتىياجلىق بالىلار ئوربىتىسنى ئايلىنىپ،بالىلارنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ،بالىلارنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەيلى!
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىدا مەڭگۈ ساقلىندىغان بولسۇن. مەسىلەن:ئۇستاز روھىي دىگەن ئەسەردىكى،

ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت،
بولدۇممۇ چىكىمەن جاپا مۇشاقەت.
ۋە لىكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىمايسىدە،
ئوقۇغۇچى بولسام دەيمەن تا ئەبەت.

دىگەندەك.

مەخەت ئابدۇرېھيىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 18:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-10 19:19:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-11-10 19:59:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ـ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى.رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-11-10 20:04:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرھەق ئوقۇتقۇچى مۇقەددەس قۇياشقا ئوخشايدۇ. ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-11-10 20:34:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-11-10 22:18:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ .ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2014-11-11 17:57:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچۇلۇق كەسپى ياخشى كەسىپ، جاپا تارتىشتىن باش تارتمايدىغانلار ئۈچۈن.

ۋاقتى: 2014-11-11 18:26:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى  پارلاپ تۇرغان قۇياش ،
ھايات يولۇمدا ماياك ، سەپەرداش ،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-11 22:00:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئامىرىكا خارۋارد  ئونۋېرسىتېتى
2. ئامىرىكا يىئىل ئونۋېرسىتېتى
3. ئەنگىلىيە كامبىرىچ ئونۋېرسىتېتى
4. ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئونۋېرسىتېتى
5. ئامىرىكا كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئونۋېرسىتېتى
6. ئەنگىلىيە لوندون ئېمپىرىيە ئىنىستىتوتى
7. ئەنگىلىيە لوندون ئونۋېرسىتېت ئىنىستىتوتى
8. ئامىرىكا چىكاگو ئونۋېرسىتوتى
9. ئامىرىكا ماسساچوسىستس تەبئىي پەنلەر ئونۋېرسىتېتى
10. ئامىرىكا كولومبىيە ئونۋېرسىتېتى
11. ئامىرىكا پىنسىل ۋانىيا ئونۋېرسىتېتى
12. ئامىرىكا پىرىن ستىن ئونۋېرسىتېتى
13. ئامىرىكا دىيوك ئونۋېرسىتېتى
14. ئامىرىكا جۇنس خاپكىنس ئونۋېرسىتېتى
15. ئامىرىكا كورنىل ئونۋېرسىتېتى
16. ئاۋىستىرالىيە دۆلەتلىك ئونۋېرسىتېتى
17. ئامىرىكا سىتەنفۇرد ئونۋېرسىتېتى
18. ئامىرىكا مىشىگېن ئونۋېرسىتېتى
19. ياپۇنىيە توكيو ئونۋېرسىتېتى
20. كانادا ماكجىلىل ئونۋېرسىتېتى
21. ئامىرىكا كارگنى مەلىن ئۇنۋېرسىتېتى
22. ئەنگىلىيە لوندون پادىشاھلىق ئىنىستىتوتى
23. ئەنگىلىيە ئىدىن بىرا ئونۋېرسىتىتى
24. شىۋىتسارىيە تەبئىي پەنلەر ئونۋېرسىتېتى
25. ياپۇنىيە كىيوتو ئونۋېرسىتېتى
26. جۇڭگو شىياڭگاڭ ئونۋېرسىتېتى
27. ئامىرىكا بىرەۋون ئونۋېرسىتېتى
28. فىرانسىيە پارىژ ئالىي پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى
29. ئەنگىلىيە مانچىستىر ئونۋېرسىتېتى
30. سىنگاپور دۆلەتلىك ئونۋېرسىتېتى
31. ئامىرىكا كالىفورنىيە ئونۋېرسىتېتى لوس-ئانجىلىس تارمىقى
32. ئەنگىلىيە بىرستول ئونۋېرسىتېتى
33. ئامىرىكا غەربىي شىمال ئونۋېرسىتېتى
34. فىرانسىيە ئالىي تەبئىي پەنلەر ئونۋېرسىتېتى
35. كانادادىكى ئەنگىلىيە كولومبىيە ئونۋېرسىتېتى
36. ئامىرىكا كالفورنىيە ئونۋېرسىتېتى بىرىكىلى تارمىقى
37. ئاۋىستىرالىيە سىدنىي ئونۋېرسىتېتى
38. ئاۋىستىرالىيە موربىن ئونۋېرسىتېتى
39. جۇڭگو شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئونۋېرسىتېتى
40. ئامىرىكا نىيويورىك ئونۋېرسىتېتى
41. كانادا تورونتو ئونۋېرسىتېتى
42. جۇڭگو شياڭگاڭ خەنزۇ تىلى ئونۋېرسىتېتى
43. ئاۋىستىرالىيە كىۋىن زىلەند ئونۋېرسىتېتى
44. ياپۇنىيە ئوساكا ئونۋېرسىتېتى
45.ئ اۋىستىرالىيە يېڭى جەنۇب ۋىليس ئونۋېرسىتېتى
46. ئامىرىكا بوستون ئونۋېرسىتېتى
47. ئاۋىستىرالىيە موناش ئونۋېرسىتېتى
48. دانىيە كوۋپىن خېيگېن ئونۋېرسىتېتى
49. ئېرلاندىيە دابلىن ئونۋېرسىتېتى
50. شىۋىتسارىيە ئالىي تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتوتى
51. جۇڭگو بېيجىڭ ئونۋېرسىتېتى
52. كورىيە سئول ئونۋېرسىتېتى
53. گوللاندىيە ئامىستىردام ئونۋېرسىتېتى
54. ئامىرىكا دارىتمەس ئىنىستىتوتى
55. ئامىرىكا ۋىسسىكانسىن ئونۋېرسىتېتى مەدىسىن تارمىقى
56. جۇڭگو چىڭخۇا ئونۋېرسىتېتى
57. گىرمانىيە خىيدىل بىرىگ ئونۋېرسىتېتى
58. ئامىرىكا كالىفورنىيە ئونۋېرسىتېتى ساندىياگو تارمىقى
59. ئامىرىكا ۋاشىنگىتون ئونۋېرسىتېتى
60. ئامىرىكا لۇۋئىز ۋاشىنگىتون ئونۋېرسىتېتى
61. ياپۇنىيە توكيو سانائەت ئونۋېرسىتېتى
62. ئامىرىكا ئەمۇرىي ئونۋېرسىتېتى
63. شىۋىتسىيە ئاپسالا ئونۋېرسىتېتى
64. گوللاندىيە لىيدىن ئونۋېرسىتېتى
65. يېڭى زىللاندىيە ئوكلەند ئونۋېرسىتېتى
66. ئەنگىلىيە لوندون سياسەت -ئىقتىساد ئىنىستىتوتى
67. گوللاندىيە يۇچىركىت ئونۋېرسىتېتى
68. شىۋىتسارىيە جەنۋە ئونۋېرسىتېتى
69. ئەنگىلىيە ۋۇر ۋىك ئونۋېرسىتېتى
70. ئامىرىكا تىكساس ئونۋېرسىتېتى ئائۇستىن تارمىقى
71. ئامىرىكا ئىللىنويىس ئونۋېرسىتېتى
72. بىلگىيە كاتولىك دىنى لەۋىن ئونۋېرسىتېتى
73. ئەنگىلىيە گىلەس گوۋ ئونۋېرسىتېتى
74. كانادا ئالبىرتا ئونۋېرسىتېتى
75. ئەنگىلىيە بىرمىڭخام ئونۋېرسىتېتى
76. ئەنگىلىيە شف فىيلىد ئونۋېرسىتېتى
77. سىنگاپور نەنىياڭ تەبىئىي پەنلەر ئونۋېرسىتېتى
78. گوللاندىيە دېلفىت تەبىئىي پەنلەر ئونۋېرسىتېتى
79. ئامىرىكا رايىس ئونۋېرسىتېتى
80. گىرمانىيە مىيونخىن تەبىئىي پەنلەر ئونۋېرسىتېتى
81. دانىيە ئارخىيۇس ئونۋېرسىتېتى
82. ئەنگىلىيە يورىك ئونۋېرسىتېتى
83. ئامىرىكا جورجىيا تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتوتى
84. ئاۋىستىرالىيە ۋەستىرىن ئونۋېرسىتېتى
85. ئەنگىلىيە ئەندىرۋىس ئونۋېرسىتېتى
86. ئەنگىلىيە نۇۋتىگىم ئونۋېرسىتېتى
87. ئامىرىكا مىنىې سوۋتا ئونۋېرسىتېتى
88. شىۋىستسىيە لانىد ئونۋېرسىتېتى
89. ئامىرىكا كالىفورنىيە ئونۋېرسىتېتى دەيۋىس تارمىقى
90. ئامىرىكا كېيز ۋەستىرىن رىزىۋ ئونۋېرسىتېتى
91. كانادا مانتىرىل ئونۋېرسىتېتى
92. فىنلاندىيە خىل سىڭكى ئونۋېرسىتېتى
93. ئىسرائىلىيە ئىروسالىم خىبرو ئونۋېرسىتېتى
94. گىرمانىيە مىيونخىن يولى لاد ۋېگ-ماشىملىنس ئونۋېرسىتېتى
95. كورىيە ئالىي پەن-تېخنىكا ئىنىستىتوتى
96. ئامىرىكا ۋىرجىنيا ئونۋېرسىتېتى
97. ئامىرىكا پىتىسبىرگ ئونۋېرسىتېتى
98. ئامىرىكا كالىفورنىيە ئونۋېرسىتېتى سەنتا باربارا تارمىقى
99. ئامىرىكا پىردىيۇ ئونۋېرسىتېتى
99. ئەنگىلىيە جەنۇبى ئەمپتېن ئونۋېرسىتېتى
100. ئەنگىلىيە ساسىكىس ئونۋېرسىتېتى
نۇر تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ : Nurhawar


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-14 22:56:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈرنامە


       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئابدۇلئەزىز ئابدۇقادىر، تاھىر ئىمىن ئەپەندىلەر:

        يېقىندا بىز ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شېركىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆزتۈرك ئاسپىرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى» پائالىيىتىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ بۇ ئېسل ئىشىڭلاردىن ئالەمچە سۆيۈندۇق. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيىتىڭلاردىن كېچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلاسلانغان بولساقمۇ، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ھەر قاچان كېچىكمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇشبۇ «تەشەككۈرنامە»نى سىلەرگە سۇندۇق.
        مائارىپنىڭ بىر جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكى پولاتتەك پاكىتلار بىلەن ھەممىمىزگە ئايان بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە خەلقىمىز ئارىسىدىن كۈندىن-كۈنگە كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتقان پەزىلەتلىك، تىرىشچان، نەتىجىلىك، ئىرادە، غايە ۋە ئىشەنچكە تولغان ياش ئاسپىرانتلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ. بىز بۇ يېڭى يۈكسىلىشلەردىن چەكسىز سۆيۈنىمىز، پەخىرلىنىمىز ۋە ئۈمىدكە تولىمىز. دۇنيا ھازىرقى زامان مائارىپىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈك قوللىشى شۇ جەمئىيەت مائارىپنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشىدا ناھايىتى زور ئىجابىي روللارنى ئوينىغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاسپىرانتلار مائارىپى بارلىققا كەلگىلى تېخى 30 يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقىنى تاماملىغان بىر يېڭى ئەمما كۈچلۈك ئۇيغۇر زىيالىيلار توپى شەكىللەندى. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. بىلىشىمىزچە، تا ھازىرغىچە ئاسپىرانتلار مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ مەخسۇس ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تۇنجىسى - سىلەر. بولۇپمۇ، سىلەرنىڭ مەخسۇس مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت خانىم-قىزلارنى مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىشىڭلار ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ئۆز كەسىپ ساھەسىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ تېرىشىپ ئوقۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنىڭ خانىم-قىزلارنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسپىرانتلىقتا ياخشى ئوقۇشنىڭ شەرەپلىك، ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالىي مائارىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ئاسپىرانتلار مائارىپىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، سىلەرنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىشىڭلار خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى باشقا كارخانىچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تامامەن ئەرزىيدۇ.
       بىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغانلارنى قوللاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئاسپىرانتلىققا ئوقۇش ئارزۇسىدىكى ستۇدېنتلار ۋە بولغۇسى-ستۇدېنتلارنىڭ ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ دۆلەت ئىچىدە ياكى مۇمكىن بولسا ئاسپىرانتلار مائارىپى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىرادىسى تىكلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كەسكىن تەكىتلەيمىز. بىز گۇۋاھ بولۇپ تۇرغان ئامېرىكا مائارىپىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ئامېرىكا ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ شۇ قەدەر يۈكسەك تەرەققىي قىلىشى ئامېرىكىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار، شەخسىلەرنىڭ مائارىپنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىدىن، پەقەت باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا-ئالىي مائارىپىغا مەبلەغ سېلىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان ئاسپىرانتلار مائارىپى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتلارنى زور ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىزگە بەش قولدەك ئايان بولسىمۇ، ئەمما سىلەرگە ئوخشاش مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى ۋە ئالىي مەكتەپ تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە قوللاپ تۇرۇشىنى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە زۆرۈر بولغان بىر ئىش، دەپ قارايمىز. بىز سىلەرنىڭ بۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن باشلىغان مەرىپەت ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش قەدىمىڭلارنىڭ ھەرگىز توختاپ قالماسلىقىنى، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇشۇنداق ئېسل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىدىغان كارخانىچى ۋە باشقا شەخسىلەرنىڭ بىر ئەمەس ئونلاپ چىقىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنىڭ بۇ ئاسپىرانتلار مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشتەك نەمۇنىلىك پائالىيىتىڭلار بىزنى قايىل قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە ئەڭ ئالىي ھۆرمەت سالىمىمىزنى يوللايمىز. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇشىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان ۋە قوللاۋاتقان بىزگە مەلۇم ياكى نامەلۇم بارلىق ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
        ئاخىرىدا، تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئائىلەڭلەرگە تېنچ-ئامانلىق ۋە خۇشاللىق، بارچە ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق تىلەيمىز!

ھۆرمەت بىلەن:


دوكتۇر تاشپولات روزى
دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە



2014-يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 21-كۈنى
(ئامېرىكا)

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-15 15:46:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار ھەرۋاقىت ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج



                                       مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك8-ئوتتۇرا مەكتەپ)


     د ئى.مىندىلىۋ:‹‹ئوقۇتقۇچىلار ئىلىمنىڭ يەرلىك مەشئەللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە زامانىۋىي پەننىڭ يۈكسەك چوققىلىرىدا تۇرۇشى كېرەك››دېگەن قالتىس پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا،ج،جوبىر:‹‹ئوقۇتۇش-ئىككى ھەسسىلەپ ئوقۇش دېمەكتۇر››دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان.ئەل ئارىسىدىمۇ‹‹باشقىلارغا بىر چۈمۈچ سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىمىزدە بىر چىلەك سۇ بولۇشى كېرەك››دېگەنگە ئوخشاش ئەقلىي يەكۈنلەر تولۇپ يېتىپتۇ.ئادەتتىمۇ،ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە گەپ بولۇنسىلا،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا تەبىئىي ھالدا توغرا بولغان ئەخلاقىي قاراش ۋە چوڭقۇر بولغان ئىلمۇ ئىرفاننىڭ يېتەكچىلىرى نامايەن بولىدۇ.شۇڭلاشقا ھەم قەدىمدىن تارتىپلا خەلقىمىز مەيلى قايسى خىل مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ شەكلىنىڭ تەربىيلىگۈچىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت بۇ بىر ئىجتىمائىي توپقا ئالاھىدە ھۆرمەت ۋە دىققەت نەزەرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن.شۇڭا،بالا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئالغان بىز ئوقۇتقۇچىلار خەلقمىزنىڭ ئەنە شۇ ھۆرمەتلىك سالىمى ۋە سەمىمىي ئىشەنچىسىگە لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەن بىرگە كۆز ئالدىمىزدىكى بىلىمگە تەشنا قارا كۆزلەرنىڭ چاڭقاق قەلبلىرىنى بىلىم بۇلىقىنىڭ جانغا راھەت زەمزەملىرى بىلەن راۋرۇس قاندۇرۇپ،دىل باياۋانلىرىنى مەڭگۈ قاغجىرىماس يېشىل بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي ھۆرمەت ئىگىلىرىگە ئايلىنىمىز دەيدىكەنمىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز بىلىمىمىزنى تاكاممۇلاشتۇرىشىمىز،ئۆز روھىيىتىمىزنى بېيىتىشىمىز،ئۆز ئەقلىمىزنى چاقنىتىشىمىز،نوتۇق ئىقتىدارىمىز يوقىرى كۆتۈرىشىمىز،سۆز-ھەرىكىتىمىزنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ،تەربىيە سورۇنىدىكى ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە نۇرلاندۇرىشىمىز كېرەك.بۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتا بىزنىڭ خىزمەت ئىشلەش جەريانىمىزدىكى دائىملىق نىشانىمىزغا ئايلىنىشى كېرەك،ئەلۋەتتە.
     بىرىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار زۆرۈر بولغان ھەرخىل ماتېرىياللارنى تىنماي كۆرۈشنىڭ ئەڭ قىزغىن ھېرىسمەنلىرىدىن بولۇشى كېرەك.ئاقىللار توغرا ئېيتىدۇ:‹‹بىلىمگە ئىنتىلىش تۇيغۇسىدىنمۇ يوقىرى بولغان تەبىئىي تۇيغۇ بولمىسا كېرەك››.ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەرىپەت تارقاتقۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ خىل تۇيغۇ تېخىمۇ زۆرۈر بولغان ئالىي تۇيغۇ،ئەلۋەتتە.كۆز ئالدىمىزدىكى ئىنتىرنىت،گېزىت ۋە  كىتاب-ژۇرناللار ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئەنە شۇ ئەڭ تەبىئىي،ئەڭ ئالىي تۇيغۇنىڭ ۋىسال قۇچۇشىدىكى ئەڭ زۆرۈر ۋاستىلەر جۈملىسىدىندۇر.شۇڭا،بىز بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تىز بولىۋاتقان،تۈنۈگۈنكى مۆجىزە بۈگۈن ھەممىگە تونۇش شەيئىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى دەسمىي قىلىپ ياشاۋەرمەستىن كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشىمىز،كۆپ ئىزدىنىشىمىز،كۆپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز قانداقتۇر كەسپىي بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،بەلكى،بىزدە كەسپىي بىلىمنىڭ رامكىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالايدىغان بىلىم قاتلىمى بولۇشى كېرەك.مەسىلەن،بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۆز كەسپىگە پۇختا بولغاندىن سىرت تارىخ،سىياسەت،پەلسەپە پەنلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇشى شۇنداقلا تەبىئىي پەنلەردىكى ئومۇمىي ساۋاتلار ھەققىدىمۇ مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.بىلىدىغانلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا،نەزەر دائىرىمىزمۇ شۇنچە كەڭ بولىدۇ-دە،بىز يېتەكلەپ كېتىپ بارغان شۇ بىر ئەۋلادمۇ ئىلمۇ ئىرفاننىڭ كەڭ بوشلۇقىدىن ئەركىن نەپەس ئالالايدۇ.يېڭى تۈزۈلگەن دەرسلىكنىڭ تۈزۈلۈش تەلىپىدىن قارىغاندىمۇ بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ ئاز بولۇشى ھەربىر دەرسنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈشىمىزگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە بىزنى ھەربىر سائەتلىك دەرسنىڭ دوقمۇش-دوقمۇشلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ‹‹تىلى تۇتۇق›› ئوقۇتقۇچىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خىجالەتچىلىك ئىش بولمىسا كېرەك.شۇڭا،كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ،بىلىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ،‹‹بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر››بولغان ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تۈردە بىلىش ۋە چۈشىنىش ھەمدە ماتېرىيالنى كۆپ كۆرۈش،كۆپ ئوقۇش نىشانى بويىچە توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش زىرەك ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپكى زۆرۈر تاللاش،ئەلۋەتتە.  
     ئىككىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ئىبارەت جانلىق بايلىقتىن ئۈلگە ئېلىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك.ھەربىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئوقۇتۇش جەريانى ئۆزلۈكسىز چىنىقىش ۋە داۋاملىق مۇستەھكەملىنىش جەريانى بولۇشى كېرەككى،ھەرگىزمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش ۋە جان بېقىش جەريانى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.ئەنە شۇ چىنىقىش ۋە مۇستەھكەملىنىش جەريانى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىپىرلىقىدا ئېلىپ بېرىلسا،بۇ ئىشلىرىمىزنىڭ گۈلىگە گۈل كەلگىنى،ئەلۋەتتە.پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ،ئۇلار دەرس تەييارلاش،دەرس ئۆتۈش،دەرس چۈشەندۈرۈش،مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش،ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش،ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىرىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە.ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ئۆزىگە خاس بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بار.شۇڭا،ئۇلارنى تارىخنىڭ بىزگە سۇنغان ئىسىل سوۋغىسى دەپ بىلىشكە بولىدۇ.بىز ياش ئوقۇتقۇچىلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ،پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەنە شۇ ئالاھىدە ئۆرنەكلىك تەرەپلىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ،ئۇلارنى ئىزچىل تۈردە ئۇستاز تۇتۇپ،دەرسلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ،ئۇلار بىلەن كۆپ  پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ئوقۇتۇش مىتۇدىنى ماھىرلىق بىلەن كىلۇنلاپ ئېلىپ،ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە سىڭدۈرىۋېتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.شۇنداقلا يەنە پىشقەدەم ئوستازلاردىن ئۆگەنگەندە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە بولغان ئوقۇتۇش مىتۇدىنى ئۆگىنىپلا قالماي،يەنە ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان،قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئاھ ئۇرۇپ ۋايسىمايدىغان قەيسەرلىكىنى ھەمدە ئوقۇتۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ ھارمايدىغان تىنىمسىزلىقىنىمۇ ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلادلارنى گۈزەل غايىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىراق مەنزىللەرنى كۆزلەپ يولغا چىققان،ئۇزۇن يىللىق سەپىرى تالاي قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان،نۇرغۇن دەشت-باياۋانلارنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئۆز نىشانىغا مىڭ تەستە يېتىپ بارىدىغان ئۆزۈلمەس كارۋان.ئەنە شۇ كارۋان توپىنىڭ قارارگاھىغا غەلىبىلىك يېتىشىدە پىشقەدەملەرنىڭ ماياكلىق رولىغا سەل قاراش سەپەرنىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسىگە بولغان ھامىلدارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،خالاس.ھەقىقىي سەزگۈر ئوقۇتقۇچىلارلا بۇ خىل ئازغۇنلىقتىن خالىي بولالايدۇ،ئەلۋەتتە.
     ئۈچىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار ئۈگىنىش ئىچىدە ئىلگىرلىشى،ئىلگىرلەش ئىچىدە تەپەككۈرىنى چاقنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.‹‹مەسىلىنىڭ جاۋابى بىرلا ئەمەس››دېگەن قائىدىگە ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتتى.ئەمما،بۇ نوقتىنى ئەمەلىي دەرسخانىدا قوللىنىۋاتقانلار يەنىلا ئاز ساندا.كۆپلىرىمىز يەنىلا ئۆلچەملىك جاۋابنىڭ ئوربىتىسىدا پىرقىراپ يۈرىۋاتىمىز.يەنە تېخى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان نوقتىدىن  پىكىر قىلىشىنى زادىلا كۆرگىمىز يوقتەك ئۆلچەملىك جاۋابلار بىلەن تولغان مەشىق توپلاملىرىنى كۆپلەپ تارقىتىپ بېرىۋاتىمىز.ئاز ساندىكى بىر قىسىملىرىمىز،ھەتتا،تېخى دەرسلىكتىكى ھەربىر تېكىستنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى-ئۈچ تال مۇھاكىمە سوئالىنىڭ جاۋابىنىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈپ كىتاب تۈزۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن تارقىتىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈر يولىنى تىكەنلىك سىملار بىلەن تۇسۇپ تاشلاشقا ئۇرىنىۋاتىمىز.بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى‹‹ئازراق شائىرلىقى بولمىغان ئادەم ھەقىقىي ماتىماتىك بولالمايدۇ››دەپ تەسەۋۋۇرنىڭ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسا،يەنە بىر قىسىم پەيلاسۇپلار‹‹تەپەككۈرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ›› دەپ تەپەككۈرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.بىز بولساق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى بېيىتىشقا سۇس نەزەربىلەن قاراۋاتىمىز.بۇ يەردىكى نىگىزلىك سەۋەب ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۈر كۆچىنىڭ تۈۋەنلىكىدە.شۇڭا،بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر پائالىيىتىنى پايانسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن،ئالدى بىلەن ئۆز تەپەككۈرىمىزنى چىنىقتۇرىشىمىز كېرەك.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان تەپەككۈر شەكلى ھەرگىزمۇ تۈز لىنىيىلىك تەپەككۈر شەكلى ئەمەس،بەلكى،دولقۇنسىمان لىنىيىلىك تەپەككۈر شەكلى.دولقۇنسىمان لىنىيىلىك تەپەككۈر شەكلى دېگىنىمىز ئادەم ئۆز تەپەككۈرىنىڭ ئوربىتىسىغا مەھكۇم بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىدىغان،ھەر بىر مەسىلىنى ئوخشىمىغان نوقتىلاردا تۇرۇپ كۆزىتىدىغان ۋە تەھلىل قىلىدىغان،ھەربىر شەيئى توغرىسىدا چىقىرىلغان ھۆكۈملەرگە گۇمان،سوئال نەزەرى بىلەن قارىيالايدىغان،يىغىپ ئېيتقاندا،ھەر بىر تەپەككۈر پائالىيىتى تالايلىغان قاڭقىشلار بىلەن تولغان تەپەككۈر جەريانىدىن ئىبارەت.بۇ خىل تەپەككۈر جەريانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەربىرىمىز كۆرگەن ماتېرىياللار،ئۇچراتقان ۋە ئۇچرىتىۋاتقان شەيئىلەر توغرىسىدا كۆپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىمىز،مۇستەقىل پىكىر قىلىشىمىز،تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئاكتىپ تەھلىلچىلىرىدىن،جانلىق مۇنازىرىلەشكۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز،ھەرۋاقىت باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش مانۋېرى ئېلىپ بېرىشىمىز،شۇ ئارقىلىق تەپەككۈرىمىزنى داۋاملىق بىلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك.بىز شۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۈرىدە سىلكىنىش ھاسىل قىلالىساق،ئاندىن ئۆزگىچە تەپەككۈر ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ دەسلەپكى شەرتىنى ھازىرلىيالايمىز.شۇندىلا بىز تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ مۇلاھىزىلەرگە باي ئىدىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئۇچراتقان ھەربىر مەسىلىگە ئۆزگىچە كۆز،ئۆزگىچە دىت بىلەن قاراپ مۇستەقىل كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان،تېخىمۇ مۇھىمى كىيىنكى ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەكلىرى،پىتنە-پاساتلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەيدىغان،ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەيدىغان،چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ قويسىلا بارلىقىنى بېغىشلىۋەتمەيدىغان،كىچىككىنە شاپائىتىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان تالاي ھىيلە-نەيرەڭلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايدىغان ياراملىق بىر ئەۋلادنى تەربىيەلەيمىز.شۇڭا،قەلبى ئويغاق كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمىز داۋاملىق ئۆز تەپەككۈرىنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇكى،ھەرگىزمۇ ئۆزگىچە تەپەككۈرىنىڭ رولىغا سەل قاراپ،ئېينېشتېيىندەك تالانت ئىگىلىرىگە دۆت،كالۋا ئاتىقىنى بېرىدىغان سەۋەنلىكلەرگە يول قويمايدۇ.  
     تۆتىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار سۆزنىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق تونۇپ،تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پائالىيىتىنىڭ مەقسەتلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر.بىر توقاي بىلىم  بولغىنى بىلەن سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ماھىر بولمىساق،بىلدۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن،ئوقۇغۇچىلارنى زىرىكتۈرۈپ قۇيۇشىمىز،ھەتتا،ئۇلارنى خاتا چۈشەنچىلەرگە كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنالماسلىقىمىز مۆمكىن.چۈنكى،‹‹پىكىر ئىپادە قىلىۋاتقان سۆزلەر سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.››(ب.پاسكال)شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار بىلىم توپلاش،مىتۇدىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەپەككۈرىنى قۇۋەتلەندۈرۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن،يەنە سۆز بىلەن ئىپادىلەشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاممىۋىي سورۇنلاردا،كىشىلەر ئارىسىدا پىكىر قىلىش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ سۆزلەشنى كۆپ مەشىق قىلىشى،مۇنازىرە قىلىشتا ئاكتىپ بولۇشى،جانلىق سۆزلەش،مېغىزلىق سۆزلەش،مەنتىقىلىق سۆزلەش،نىشانلىق ۋە قاراتمىلىق سۆزلەش،ئىشلىتىۋاتقان سۆز-جۈملىلىرىدە قايىل قىلارلىق نەقىللەر بولۇش،يېڭى ئىدىيە،يېڭى پىكىر بولۇشقا ئالاھىدە كۈچىشى،شۇنداقلا ھەم ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆز سۆزىدە مەلۇم مىقداردا يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،ساپالىق ئوقۇتقۇچى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەرقانداق بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى نوتۇقنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشىنىپ،ئۆزىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى داۋاملىق مۇكەممەلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.‹‹نوتۇق قۇدرەتلىك كۈچ،ئۇ ئىشەندۈرىدۇ،ئۈندەيدۇ،مەجبۇر قىلىدۇ.››(ر.ئېمىرسۇن)دېگەن قائىدىگە ھەرگىزمۇ سەل قارىمايدۇ.   
     بەشىنچىدىن،ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىي ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يوقىرى كۆتۈرۈپ،بۇ جەھەتتىكى ئۈلگىلىك رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە جۇلالىنىشى كېرەك.ۋ.گ.بېلىنىسكىي:‹‹تەلىم ۋە كامالەتنىڭ تۈرى كۆپ.ئۇلارنىڭ ھەربىرسى ئۆز ئالدىغا مۇھىم.ئەمما،ئەخلاقىي تەلىم ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى لازىم››دەپ قارىغان.شۇنداق،مەكتەپلەرنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي تەربىيەگە ئىگە قىلىشتۇر.بۇ تەربىيە جەريانى ئوقۇتقۇچىلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا،بىز ئەخلاقىي تەلىم-تەربىيە جەريانىدا ‹‹ئەخلاق شەخسنىڭ قىممەت باھالىق تونىدۇر››(ئەلىشىر نەۋائى)دېگەن ھېكمەتنىڭ شۇئارچىسىغا ئەمەس،بەلكى،ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە ئىجرا قىلغۇچىسىغا ئايلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئۈلگە بىلەن قايىل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.ئوقۇغۇچىلارغا بولغان  ئەخلاقىي تەربىيە جەريانىدا سۆزلەشكىلا كۈچەپ،ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلماي،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ جانسىز بولۇپ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،ئۆزىمىزگە بولغان تەلەپنى كۆچەيتىشىمىز كېرەك.بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۈزىشى،ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي قاراشلىرىغا،گەپ-سۆزلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن،كىيىنىش.يۈرۈش-تۇرۇش،ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ھەرخىل مۇناسىۋەت جەريانلىرىغىمۇ ئالاھىدە زىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.پەزىلەتلىك،يىراقنى كۆرەر ئوقۇتقۇچىلار‹‹بالىلارنى گەرچە ئەڭ يېقىملىق بولسىمۇ،ئەمەلدە ئىسپاتلانمىغان قۇرۇق سۆزلەر تەربىيەلىيەلمەيدۇ.بەلكى،ھاياتىي كۆچكە ئىگە ئۈلگىلەر تەربىيەلەيدۇ››(ئا.س.ماكارېنكو)دېگەنگە ئوخشاش نوقتىنەزەرلەرنى ئالدىن چۈشىنىپ،ھەرخىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە كۆچەيدۇكى،ھەرگىزمۇ قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلىنىپ قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ.
     ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت.شۇنداقلا ھەم ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىش.چۈنكى،ئوقۇتقۇچى ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىنىڭ رىژىسسۇرىدۇر.بۇ خىل پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانى رىژىسسۇردىن مول بىلىم،ئالاھىدە قابىلىيەت ۋە راۋرۇس ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىدۇ.يوقۇرىدا مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم ئەنە شۇ تەلەپ،ئەنە شۇ ئۆلچەمگە  يېتىشتىكى زۆرۈر شەرتلەردۇر،خالاس.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس.ئەمما،شەرت قانچە كۆپ بولۇشىدىن،قەتئىنەزەر،ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىدا باشتىن –ئاخىر‹‹تەربىيەلىگۈچى ئالدى بىلەن تەربىيەنگۈچى بولۇشى كېرەك››،‹‹باشقىلارنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىمىزمۇ ئۈگىنىمىز››دېگەنگە ئوخشاش ئۆڭمەس تەلەپلەرلا بولىدىكەن،ئۇ ھامان ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى نۇرلۇق چولپانغا ئايلىنالايدۇ،ئەلۋەتتە.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 11:31:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساختا كۈلۈپ ئالدىڭدا تىغ تەڭلىگەن كىشىنىڭ،
چىرايىغا ئالدىراپ باھا بەرمە،ئىشەنمە.
ھېلىسى بار كۈندۈزنىڭ ئۆز ئالدىغا كېچىنىڭ،
چاينىمىغان تاماقنىڭ ئۆتىشىگە ئىشەنمە.
ئۇۋىسىنى ياراتماي ئۇچۇپ كەتكەن بىر قۈشنىڭ،
يوللىرىغا تەلمۈرۈپ كېلىشىگە ئىشەنمە.
كۈن چۈشكەندە بېشىڭغا بانا تېپىپ كەتكەننىڭ،
ساڭا دوست بوپ بىر ئۆمۈر ئۆتىشىگە ئىشەنمە.
ئېۋەن تېپىپ ئاق يەردىن غەيۋەت قىلغان ئادەمنىڭ،
سەن بار يەردە كۆپتۈرۈپ ماختىشىغا ئىشەنمە.
يىقىلغاندا يۆلىمەي ئۆز يولىغا كەتكەننىڭ،
ۋاپادارمەن ساڭا دەپ سۆزلىشىگە ئىشەنمە.
مۇشكۇلاتقا باش ئېگىپ مۇرادىغا يەتكەننىڭ،
مەن ھاياتتا مەغرۈر دەپ بەزلىشىگە ئىشەنمە.
پۇچۇق ناننى غېرىپنىڭ تارتىۋېلىپ قولىدىن،
بىراۋغا قول سوزمىدىم دىگەنلەرگە ئىشەنمە.
ئاران-ئاران يۈرگەننى ئازدۈرۈپ ھەم يولىدىن،
دوستقا ئاق يول تىلىدىم دىگەنلەرگە ئىشەنمە.
قۇرۇپ قاپقان يولۇڭغا ئۇرۇپ تېخى دولاڭغا،
ماڭغىن قېنى دوستۇم دەپ ئېيىتقانغا ئىشەنمە.
سۇ سورىساڭ تەلمۈرۈپ ئوت تەڭلىگەن بىراۋغا،
ئادەم بولۇپ قالار دەپ بىر ماڭغاندا ئىشەنمە.
ھايات دىگەن چەكلىكتۇر چەكسىز ئەمما ئادەملەر،
مەن ئادەم دەپ يۈرگەننىڭ ھەممىسىگە ئىشەنمە.
ۋاپا،ۋىژدان بولمىسا ھامان يېقىن ماتەملەر،
ۋىژدانسىزنىڭ شۇ گۈزەل ئەتىسىگە ئىشەنمە.

  
   


باشقۇرغۇچى ھەبىبۇللا مىجىت بۇ تېمىنى تەستىقلىغان ۋاقتى 1 سائەت ئالدىدا ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلار .


ۋاقتى: 2014-12-29 12:29:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يازمىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-19 23:18:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم



  مۇئەللىم مىننەتسىز تۆرەلگەن ئىنسان،
ئۆتىدۇ كۈلۈپ ھەم بىزنى كۈلدۈرۈپ.
ھەرجايغا مەرىپەت مەشئىلى يېقىپ،
نادانلار دىلىدا زۇلمەت كۆيدۈرۈپ.
ئۆتىدۇ ئاشۇنداق جىلۋىلىك كۈلۈپ،
تۆھپىكار ئۆستۈرۈپ،تۆھپە يارىتىپ.



مۇئەللىم باھارى،پۈتكۈل ھاياتى،
بەخشەندە بولىدۇ ئەۋلاتقا دائىم.
بور-توزان ئىچىدە ئۆتسىمۇ ئۆمرى،
  بۇ مېنىڭ بۇرچۇم دەپ يېمەيدۇ ۋايىم.
  مۇئەللىم ئەڭ ئالىي ھۆرمەت تەختىدە،
بولۇشقا مۇناسىپ شەۋكەتلىك ئايىم.



كۆرگەندە ئەۋلاتنىڭ ئىستىقبالىنى،
بىپايان كۆكتىكى شوخ پەرۋازىنى.
نېمىگە تەڭ قىلىپ بولار مېھرىنى،
   جىلۋىلىك كۈلكىسى،نۇرلۇق چېھرىنى.
   ئۇنتۇش مۇمكىنمۇ مۇئەللىم ئوخشاش،
مىللەتكە جان كۆيەر بىر پەرۋانىنى.



مۇئەللىم ئالەمدە باھاسىز ئىنسان،
خىسلىتى بىباھا،قەدىرلىك ئىنسان.
ئەقلى-ئىدرىكى،زېھنى-ھاياتى،
مەرىپەت يولىدا بولىدۇ پايخان.
     ئۇ شۇنداق مىننەتسىز تۆرەلگەن ئىنسان،
   مىللەتكە ئىلگىرىلەش يولىنى ئاچقان.



مۇئەللىم كۈلكىسى-باغۋەن كۈلكىسى،
مۇئەللىم كۈلكىسى-ئالەمگە زىننەت.
مۇئەللىم كۈلكىسى-بېغىشلار غەيرەت،
مۇئەللىم كۈلكىسى-ئەۋلاتقا ھىممەت.
    مۇئەللىم كۈلكىسى-بىر چوڭقۇر ھېكمەت،
ئۇ پاكىز،بىغۇبار،چەكسىز مۇھەببەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-7 00:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 23:18
مۇئەللىم

ھەممەمەزگە مەلۇم مائارىپ ،بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ قۇدىرەت تېپىشى ،يۈكسىلىشىدە ناھىيىتى موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئورگان .بۇ بىر ناھىيىتى چوڭ جەھەتتىكى ئۇقۇم بولسىمۇ گەپنى شۇنداق باشلاشقا توغرا كەپ قالدى ،مائارىپتا ساختىلىق بولماسلىقى كېرەك لېكىن ھەي.............. مانا بۇ ھەيلەر ئەڭ تۆۋەن قاتلاملاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلمى خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ ؟ئىلىمى بۆلۈم خىزمىتى مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ جان تومىرى ،مەكتەپنىڭ سۈپىتى (ئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتىكى سۈپەت ) ئىلمى بۆلۈم ئوقۇتقۇچىلارنى ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇشىغا قانداق تەڭشەش ،قايسى ئوقۇتقۇچىنى قايسى پەنلەرگە ئايرىشتا موھىم رول ئوينايدۇ ،بۇنداق دىسەم بىر قىسىم دوستلار  ئالى مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇسا شۇ دەرسنى بەرسە بولمىدىمۇ دىيىشى مۇمكىن ، لىكىن (مائارىپ كەسپىدە بولمىغان  دوستلارنىڭ شۇنداق ئويدا بولىىشى تۇرغان گەپ )ئىش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس  يەنى مەكتەپلەردە "قوش -تىل "ئوقۇتۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ھەم چىقىشنى خالىسىمۇ يەنە شۇ چىقالمايدىغانلار قاتارىغا كىرۋالغان (مەن بۇنى پالانى مەكتەپ دەپ ئېنىق يازمىدىم لىكىن بۇ رايۇنىمىزدىكى مەكتەپلەردە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ  بىز بۇرۇنقى بىر ئەۋلاد جاپالىق تەر ئاققۇزغان ئۇستازلارنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيمىز ئەلۋەتتە  ئۇلارنى يوخلاپ تۇرۇشىمىز زۆرۈر ،ئۇلارنىڭ مىننەتسىز جاپالىق مىۋىلىرى بولغان سىز ، بىز ئۇلارغا مەڭگۈ رەخمەت ئېيتىمىز ! )بىر قىسىم جانباختىلار تۈپەيلىدىن شۇ كەسپنى پۈتتۈرگەن ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆز كەسپىدىن سىرت يەنە باشقا نۇرغۇن پەنلەرنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت بېسىمنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۋېتىدىدىغان نامۇۋاپىق ئىشلار مىنى قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى ،مەن بۇرۇن بىر خەنزۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ئىدىم ئۇلارنىڭ دەرس سائىتى بىلەن بىزنىڭ دەرس سائىتىمىز ئوتتۇرىسىسدا پەرق ئىنتايىن چوڭ ئەينى ۋاقىتتتا ئاشۇ مەكتەپتە بىر پەنننى بەرگەن ئوقۇتقۇچى باشقا ھەرقانداق پەنلەرنى بەرمەيتى بىر سىنىپقا ماتىماتىكا بەرگەن ئوقۇتقۇچى شۇ سىنىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسىلا كۇپايە ئىدى ، يەنە تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن يىلدا بىرە قېتىم دوستلۇق پائالىتەت بويىچە دەرسلىك جەھەتتىن تەجىربە ئالماشتۇرۇپ قويىمىز ئۇلارمۇ بىر سىنىپقا دەرس بەرگىنى باشقا سىنىپقا دەرس بەرمەيدىكەن  مۇشۇنداق بولغاندا تاپشۇرۇقنىنڭ ئۈنىمىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسۇ  ،ئەمدى گەپنىڭ بېشىغا كەلسەك مەكتەپ سۈپىتىنىڭ يۇقۇرى  ئۆسۈشىگە بىۋاستە سەۋەپچى بولغان ئوقۇتۇشقا مەسئۇل مەكتەپ مۇدىرى ، ئىلمى بۆلۈم،ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى  يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك ،  بەزەن مەكتەپلەردە بۇ خىزمەتلەر ئالۋاڭغا  كىتۋاتىدۇ ئاڭلىسام "بۇ يىل "شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە بۇ يىل ئوقۇتۇشنى تۇتۇش سۈپەت ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىلى ئىكەن شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يۇقۇرنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈرسەك بولماس ،يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى ئىلمى بۆلۈم خادىملىرىنىڭ كىم ئۇنىڭغا بىزە بىرنەرسە يىگۈزسە ياكى كىيگۈزسە ھىچ بولمىغاندا ئۆيىگە بىرە نۆۋەت ۋاي دەپ بارسا ئۇرۇق -تۇقققان دوستلىرىنى پات -پات يوقلاپ تۇرسا شۇلارنىڭ دەرس مىقدارىنى ئازايتىپ ،ئۆز ھىسياتىغا تايىنىپ ئىش كۆرۈشتەك پاسسىپ ناچار خاھىشلار(ئادەمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن يوقلاپ ۋە ياكى ئىنسانى ئەخلاق بويىچە ياخشى كۆڭۈل ئىزلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)  ،بىر قىسىم ئاكتىپ بىلىملىك ئوقوتقۇچىلىرىمىزنىڭ روھىغا رېكسىيە بېرىپ ئۇلاردا :مىڭ جاپالىق ،جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسەكمۇ بەرىبىر دەپ بۇ كەسپتىن ۋايسايدىغان ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ،دەرس سائاتىنى بېكىتىشتە ئۈنۈم مائاشى بىلەن جىپسىزلاشتۇرۇشنى قوللىنىش ئىنتايىن مۇۋاپىق دەپ قارايمەن مەسىلەن   مائارىپ مىنىستىرلىكى (2011)تارقاتقان بىر ئۇقتۇرۇشىدا  تولۇق ئوتتۇرا ئېىڭگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ  ھەپتىلىك دەرس سائىتى 6ساەتتىن  8سائەتىكىچە بولسا بولىدۇ ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 9سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ ناھىيتى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان (مەن بۇ يەدە ئۆزەمنىڭ ئوقۇغان كەسپىم ۋە شۇ پەننى بېرىۋاتقىنىم ئۈچۈن باشقا پەنلەرنى ئوتتۇرغا تاشلىمىدىم ) مانا مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىپ ئۈنۈم ئشھەققىنى تارقاتسا ئىنتايىن مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن ،مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈش بىلەن ئۈنۈم يارىتىمىز باشقا ھەرقانداق خىزمەت 2-ئورۇندا بولىشى كېرەك بۇنداق دىسەم باشقىچە پىكرى بار قېرىىندىشىمىزمۇ بولىشى مۇمكىن ،مۇقىملىقنى تەڭ تۇتىمىز . 9سائەتتىن ئاشقان دەرس سائىتىگە ھىساپ ئىشھەققى بېرىلسە تامامەن بولىدۇ ،مۇشۇنداق بولغاندا ھېلقى دەرس ئۆتۈشتىن ئۆزىنى قاچۇردىغان ھېلقى بىر قىسىم غەيۋەتخور ،ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرھال مۇنبەرگە قايتىپ كىلىپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن تەر- تۆككەن بولاتتى ،چۈنكى پۇل دىسە يۈگۈرمەيدىغان كىم بار دەيسىز .مىنىڭ  يەنە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ دەرس تەقسىم قىلىشتا 15يىلنى ئۆلچەم قىلىپ سىتاجى 15يىلغا توشقانلارغا مىنىستىرلىكنىڭ ئۆلچىمى بويىچە دەرس تەقسىم قىلغاندىن سىرت يەنە باشقا قىسمەن ھالدىكى قۇشۇمچە خىزمەت بېرىپ  ئۈنۈم مائاشىنى تولۇق ئالسا بولىدۇ،15يىلدىن  ئاشقانلار 20يىلغا توشقانلارنى بىرە سائەت دەرسىنى كېمەيتىشكە بولامدۇ يوق _؟دەپ  مەكـتەپ كېڭەش يىغىنىدىن ئۆتكۈزۈپ ماقۇللىسا بولىدۇ .،30يىلغا توشقانلارنى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرلارنى 5سائەت دەرس ئۈتۈپ ئۈنۈم مائاشىنى تولۇق ئالسا بولىدۇ دەپ بېكىتسە تامامەن بولىدۇ ئويلاپ بېقىڭ قېرىندىشىم ئۇلارنىڭ 30يىل مۇنبەردە ھەقىقەتەن جاپا تارتقانلىغىنى نەزەرگە ئېلىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا قويدۇم ئۇلار كۈندە بىر سائەتتىن ھەپتىدە بەش دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالارمىكى دەپ ھەرگىز ئەندىشە قىلماڭ !،15يىلدىن تۆۋەن 10يىلدىن يۇقۇرلارغا ھەپتىدە  ھەپتىدە 15سائەت دەرس مىقدارى بويىچە دەرس تەقسىم قىلىنىپ ،ئۈنۈم مائاشى تولۇق مۇشۇ بويىىنچە تارقىتىلسا تامامەن بولىدۇ (ئۈنۈم مائاشنى باشقا جايلاردا قانداق تارقىتىدۇ ئومۇمىسى قانچە پۇل بۇنى مەن بىلمەيمەن، لىكىن بىزنىڭ يۇرتتا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېرىم يىللىق ئۈنۈم مائاشى 2990يۇەن ،باشلانغۇچنىڭ1990يۇەن  )  5يىلنى بىر كاتوگوريەگە سېلىپ ئۈنۈم مائاش تارقاتسا ناھىيىتى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن .بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇ مائاشتىن باشقا مۇكاپات ،تەمىنات سوممىمىز بولمىغاندىكىن ئۈنۈم مائاشنى تارقاتقاندا دەرسنى كۆپ ئۆتكەنلەرگە كۆپ تارقىتىش ،مەكـەپ مائالىيىسىدىن بۇنىڭغا قوشۇپ تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بۇنڭ ئۈنىمى شۇنداق ياخشى بولغان بولاتتى!  ،شۇ چاغدا كىم يەنە مىنىڭ دەرس سائىتىم ئېشىپ كىتىپتۇ دىيەلەيدۇ ؟يەنە شۇ دىيىش زۆرۈركى مەكتەپ مۇدىرى ئىلمى بۆلۈمنى پات-پات نازارەت قىلىپ تۈرۈشى بەك موھىم بېشىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ناتوغرا كەسىپ ئىستىلى يەنە بارمۇ -يوق دىگەن مەسىلىگە يەنە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئۈزەڭگە سوقۇشتۇردىغان سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى ،بىزنىڭ مەكـتىۋىمىزدە ئېڭگىلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغىلى توپ ـ توغرا 6يىل بوپ قالدى بۇ جەرياندا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى كۆڭۈل بۆلىشى (بەزى توسەن گەپلەرنى دەپ قويدۇم ) بىلەن ناھىيىتى ياخشى كىتىپ باراتتۇق لىكىن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشى ،يەنە بىر تەكلىپ قىلغان ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ مەكتىەپتىن ئايرىلىشى بىلەن پۈتۈن 30سىنىپقا ئاران2 ئوقۇتقۇچى قېلىشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال كىلىپ چىقىپ 8-يىللىقلارنىڭ دەرسىنى ،ئىلمى بۆلۈم ،مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ توختاتقالىقىنى ئۇقتۇرۇپ  دەرسلىكنى يەنە بىر (8-يىللىقلاغا دەرس بېرىۋاتقان تەكلىپ ئوقۇتقۇچى بىلەن ) ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۈتۈشنى ئۇقتۇردى ،مەن ئارلىقتىكى گىمناستىكىدىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمى مۇدىر قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشۈپ: 7-يىللىقلارنىڭ ئەسلىدىكى 2سائەتلىك دەرسىنى بىر سائەتكە قىسقارتىپ  10سىنىپنىڭ دەرسىنى مەن ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ ئۆتەي، 8-يىللىقلارنىڭ دەرسىنىمۇ توختۇتۇپ قويمايلى ناھىيىتى 40كۈندەك ۋاقىت قاپتۇ دىسەم ھېلقى ئىلمى بۆلۈم مۇدىرى دەيدىغان دەرس سېتكىسىنى ئۆزگەرتىش تەس كەلدى بولغاي مەيداننى ئەپ بولدى مەن مەكتەپ مۇدىرىغا ناھىيىتى ئەتىراپلىق چۈشەندۈرسەممۇ ئۈنىمى بولمىدى ،ھازىر كىم جاپا تارتىشنى خالايدۇ دەيسىز ؟ئەمىلييەتتە مەن 4 سىنىپقا ھەپتىدە 2 سائەتتىن 8 سائەت دەرس ئۆتسەم بولاتتى ،لىكىن مەن 10سائەت دەرس ئۆتۈپ بېرەي 7-يىللىقلارغىمۇ ئۈتۈپ 8-يىللىقلارنىمۇ تاشلاپ قويمايلى ئاتا- ئانىلارنىڭ ،جەمىيىەتنىڭ مەكـتەپنىڭ ئېڭگىلىز تىلىنى يولغا قويغىنىغا نىسبەتەن  ئىنكاسى بەك ياخشى دەپ شۇنداق چۈشەندۇرسەممۇ ھېلقى ئىلمەك مۇدىرنىڭ ئىلمىكى مەكتەپ مۇدىرىمىزنى ئىلىپ  ئەكىتىپ قالدى ،ھەي ئىسىت زىياننى كىم تارتىدۇ   ؟ ئىچىم ناھىيىتى ئاچچىق ھالدا مەكتەپ توپىغا 8-يىللىق سىنىپ مەسۇللىرىغا مۇشۇ توغىرىسىدا مۇراجەتنامە ئەۋەتكەن بولساممۇ بىرەر سادا كەلمىدى ،  مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ ئەمىلى ئىش قىلمايدىغان بەڭۋاش ئىلمى بۆلۈم  مۇدىرلىرى مەكـەپنىڭ سۈپىتى ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ بىلىمنى دەپسەندە قىلىشقا شۇ شۇم ئېغىزىدن پايدىلىنىپ باشقىلارغا زەھىرىنى سانچىشقا ئادەتلەنگەن ،ئەمىليەتتە بۇنى مەكتەپ مۇدىرى بىلمەي قالاما مىنىڭچە بىلىدۇ چۈنكى ئۇ يەردە مىنىڭ يوللۇق بولغان پىكرىمنى قوللاپ قويسا "ئۈ"نىڭ ئاتالمىش لېگەندەك يۈزى چۈشىدۇ ،مانا مۇشۇنداق پىرىنسپاللىق مەسىلىلەردە ...........بەك ئۈمىتسىزلەندىم ، !!!!!مەن بۇلارنى يىزىش ئارقىلىق مەلۇم بىرەيلەنگە ھۇجۇم قىلماقچى ئەمەسمەن ،شۇڭا بەزەن مەسىلىلەرنى يەنە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى قېرىدىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ،يەنە بىر قىسىم مائارىپنى قىزغىن سۆيىدىغان دوستلىرىمىز بىلەن پىكىرلىشىشىنى لايىق تېپىپ 5سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تېيمىنى يوللىدىم ،بۇنىڭدا يا ئۇنداق يا مۇنداق نۇقسانلارنىڭ بولىشى تەبئى شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ سەمىمى پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن .ئەسكەرتىش :مەن پالانى مەكتەپ ياكى پالانى دەپ يازمىدىم شۇڭا سىزدە مۇشۇنداق تەرەپلەر بوپ قالسا ماڭا ئايرىم پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ . ئىلىم بابىدا ھەر تۈردىكى شىكايەت -ئىنكاسلار بار       .خالىسىڭىز سىزمۇ شىكايەت قىلىڭ ،جەميىتىمىزدىكى ناچار  ئادەتلەرنى قامچىلاش سىزنىڭ  ،مىنىڭ ،ئۇنىڭ ھەمىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇليىتىمىز ھەم مەجبۇريىتىمىز دەپ قارىدىم . رەخمەت!
باشقۇرغۇچى bagdax بۇ تېمىنى تەستىقلىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:14
ھەمبەھرقېزىلما0
ھەمبەھرھەمبەھر0
ساقلاشساقلاش0
قوللاشقوللاش0
قارشىقارشى0

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش