چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن
باراڭ پۇل ، قاپاقنى كىم تۇتۇپ كۆرگەن ،
توققۇز رەڭ ، بىرى جەڭ بۇنى مەن بىلگەن .
چىن سۆزلەپ جاھاندا كىم پايدا كۆرگەن،
نوچى شۇ جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرگەن ،
ئەخمەق ئۇ ۋىجداننى پەش قىلىپ يۈرگەن .
ئاجايىپ ئىنسانمەن ئەۋلىيا كەبىي ،
باشقىلار ئالدىمدا ئىش بىلمەس سەبىي.
چاياننى نۇسخىلاپ مەن بولدۇم قەبىھي ،
گىدىيىپ يۈرۈيمەن شۇقەدەر تەبىئي ،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
سۈپۈرۈپ ماڭىمەن باسقان ئىزىڭنى ،
غەيۋەتتە تۆكىمەن تېخى يۈزىڭنى.
چاقىمەن باشلىققا دىگەن سۆزىڭنى ،
لەختە قان قىلىمەن سىنىڭ كۆزىڭنى ،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
پىل بولار ئالدىمدا قىلدەك ئەيىپىڭ ،
ئاقمايدۇ باشلىققا ھېچبىر تەلىپىڭ .
يەتمەيدۇ ھېچكىمگە دەرت ۋە ئەلىمىڭ ،
بولسىمۇ قورساقتا چەكسىز بىلىمىڭ ،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
گۈل ئۈنسە ئىزىڭدىن گۈلنى يۇلىمەن ،
ئېشىڭغا تۇيدۇرماي توپا سالىمەن .
جۇد بولسا باھارىڭ چاۋاك چالىمەن ،
سەن كۈلسەڭ ،مەن يىغلاپ تىرىك ئۆلىمەن،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
نەپ تەگسە خوشلىقتىن سنى ماختايمەن ،
ئارقاڭدىن تۇيدۇرماي خويمۇ باپلايمەن .
ئاقمىسا ئىشلىرىڭ كۈلۈپ تاقلايمەن ،
يىقىلساڭ يۆلىمەي سىنى ئاتلايمەن ،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
گەر ئۆسسە ئەمىلىڭ ياشنار يۈرىكىم ،
خوش ،خوش دەپ سەن ئۈچۈن ئوينار بىلكىم .
شوتا بول سەن ماڭا ،يۆلە پەللىكىم ،
«ئال» دىسەڭ چىشلەيمەن باردۇر كېرىكىم ،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
پاتمايدۇ ئىچىمگە تېرىقنىڭ دېنى ،
بەك تاتلىق بىلەمسەن ئەمەلنىڭ نېنى.
نىمىتى شورىسام پۇقرانىڭ قېنى ،
ئۆسسەملا قاراپ تۇر باپلايمەن سىنى ،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
جاھاننىڭ كارى شۇ ئۈگەن مېنىڭدىن ،
خوشامەت كەمپۈتى ئۈزمە يېنىڭدىن .
پۇل كېرەك ، نەپ كېرەك، كەچكىن يۈزىڭدىن ،
نەپ دىسە ھەتتاكى كەچكىن جېنىڭدىن ،
چۈنكى - مەن شۇمبۇيا زىمىنغا ئۈنگەن .
|