بۇ رەسىم ھەقىقەتەن چۇڭقۇر تەپەككۇرنىڭ ئوبرازلىق كارتىنىسى بولۇپتۇ. ئادەم بىلەن مەنزىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، تەبىئەت تەسۋىرى ئارقىلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي مۇھىتنى ئەكس ئەتتۈرۈش، رەڭلەرنىڭ سۇس-قېنىقلىق، ئىسسىق-سوغۇقلۇق مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ رەسىم ئادەمنى بىردىن بىر ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى، خاس ئىسسىق، ئوچۇق رەڭلەرنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىپ سىزىلغان ھەزرىتى ئەلشىر نەۋائىينىڭ پورتېرىت رەسىمىدىن جانلىقراق ھەم مول مەزمۇنلۇقراق سىزىلىپتۇ.
رەسساملىق پەقەت رەڭ ۋە سىزىق ئارقىلىقلا بەدىئىي ئوبراز يارىتىپ، تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە سەنئەت شەكلى. ئۇنىڭدا ئەدەبىي ئەسەرلەردىكىدەك ۋەقەلەرنى كەڭتاشا بايان قىلىپ بەرگىلى، پىرسۇناژ ۋە مۇھىتنى ئىنچىكە تەسۋىرلەپ بەرگىلى، مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى خىلمۇخىل زىددىيەتلەرنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ ياكى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ رەسىمدە رەسسام ئۆزگىچە كومپوزىتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مۇناسىپ رەڭ تۈسى ھەم رەڭ دەرىجىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىۋېلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى خېلى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ چىققان. يەنى، ئادەمنى بەلگىلىك مۇھىت ئىچىگە قويۇپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولغان ئادەمنىڭ خاس خاراكتىرىنى مۇھىت تەسۋىرى ئارقىلىق تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. مەسىلەن: پۈتۈن رەسىمدىكى ئەڭ ئوچۇق رەڭ زوردۇن سابىرنىڭ پىشانىسىگە قويۇلغان بولسا، ئەڭ تۇتۇق رەڭ ئاشۇ پىشانىگە ئارقا كۆرۈنۈش(فون) قىلىنغان بۇلۇتلۇق ئاسمانغا ئىشلىتىلگەن.
رەسسام يەنە، تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى ئارقىلىق مۇئەييەن جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. مەسىلەن: رەسىمدە «ئانا يۇرت» ئەسلى ئىسسىق يېشىل رەڭدە، ئۇنىڭ ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان ئاسمان سوغۇق كۈلرەڭدە سىزىپ چىقىلغان. بۇنداق رەڭ تۈسى ۋە رەڭ دەرىجىسى ھەرگىزمۇ مۇشۇنداقلا توغرا كېلىپ قالغان تەسادىپىيلىق ئەمەس! بۇ جەھەتتە، بۇ رەسىمنى تولىستوينىڭ دۇنياغا مەشھۇر پورتېرىت رەسىدىنمۇ قېلىشمايدۇ، دېسەك ھەرگىز ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.
مەرھۇم زوردۇن سابىر ھەققىدە نۇرغۇن ئەسلىمىلەر يېزىلدى ھەم يېزىلىۋاتىدۇ. خۇددى ئاشۇنداق ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ پورتېرىت رەسىملىرىمۇ كۆپلەپ سىزىلدى ھەم سىزىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ بىر پارچە ماي بوياق رەسىمنى بارلىق يازما ۋە سىزمىلار ئىچىدە ياخشى چىققان بىر ئىجادىيەت سەمەرىسى، دېيىشكە بولىدۇ.
بۇلار مېنىڭ بۇ ماي بوياق رەسىمنى تۇنجى كۆرگەندىكى تەسىراتىم. كەسپداشلار بىلەن يەنىمۇ چۇڭقۇرراق پىكىرلەشكەيمىز.
ئاخىرىدا رەسسام رەپقەتجانغا شەخسەن مىننەتدارلىققىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مۇنداق بىر تەكلىپنى بەرگىم كەلدى:
پەخىرلىك يازغۇچىمىزنىڭ خاس خاراكتىرى موي قەلەم ئارقىلىق ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ مۇۋاپەقىيەتلىك يارىتىلغان مەزكۇر رەسىم جەزمەن ئۆزىگە ئەڭ لايىق ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەكقۇ دەيمەن؟ مېنىڭچە ئەڭ لايىق ئورۇن ـــ «زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى»! ناۋادا، رەسسام رەپقەتجانغا ماقۇل كەلسە، بۇ ھەقتە مۇشۇ مۇنبەردىكى ئابدۇرېشىت ئوسمان مۇئەللىم بىلەن پىكىرلىشىپ باقسا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 12:37