ئىگىسى: سۆسۈن

رەپقەت غوپۇر: پەخىرلىك يازغۇچى زوردۇن سابىر (ماي بوياق رەسىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-8 17:13:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ ئانا يۇرت ›› ھەققىدە يەنە ئويلىنىۋاتقاندەكلا ، يەنە نىمىلەرنىدۇ يازماقچى بولغاندەكلا......................................................

رەسىم ھەقىقەتەن ياخشى سىزىلىپتۇ ، قوللىرىڭىزغا بەرىكەتلەر يار بولسۇن .

ۋاقتى: 2014-11-8 17:45:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز رەسسامنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ئۇستازنىڭ ھايات خاتىرىلىرىگە نەزەر سېلىپ باقايلى: قاتمۇ-قات كۈلرەڭ بۇلۇتلار... بۇلۇتلار ئاستىدا ئاجايىپ تەمكىن، سوغۇققان، سەۋىر-تاقەتلىك يازغۇچى... ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان يېشىللىەق...  ئۇ ھاياتىدا كۈلرەڭ بۇلۇتلاردىن غالىب كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس، ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىننىڭ يېشىللىقىنى ئارزۇ قىلدى...

ۋاقتى: 2014-11-8 17:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن ئۇستاز بىر چاغلاردا كەمسىتىشكە ئۇچرىدى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئۇستازمۇ شۇنداق بولدى. باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىشكە ئۇچراش ئاخرقى نەتىجە ئەمەس... ناۋايى ھەزرەتنىڭ جىنسىي قۇۋۋىتىدىن گۇمان قىلغانلار دەل بىز ئىدۇق، بىراق ھازىر ئۇنىڭ نەقەدەر مۇكەممەل ئىنسان ئىكەنلىكى بىز تەتقىق قىلىدىغان تېما بولۇپ قالدى...

ۋاقتى: 2014-11-8 18:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، مەزكۇر  ماي بوياق رەسىم زوردۇن ئەپەندىمنىڭ پورتېرېتى نامايان قىلىنغان رەسىملەرنىڭ ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە رەسىم بوپتۇ.
كۈلتۈك قارغا كۆمۈلگەن يوللارنى ئەسلەتتى...
مېنىڭچە، قەلەم تۇتقان قولىدا بىر نازۇكلۇق بار، قەغەز تۇتقان قولىدەك كۈچلۈك ئەمەس، مۇمكىن بولسا، رەپقەت غوپۇر بۇ تەرىپىنى ئويلىنىپ باقسىڭىز.
ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىزنىڭ ئەركەكلىك سالاپىتى ھەقىقەتەن نامايان بوپتۇ!

ۋاقتى: 2014-11-8 18:33:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ:
مۇمكىن بولسا، قەلەم مەيدە يانچۇقىغا سېلىنغان ھالدا، ھازىرقى ھالەتتە ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ بېلىكىنى تۇتۇپ تۇرغان قىلىپ، ئىپادىلەنسە تېخىمۇ يارقىن نامايان بولامدىكىن دەيمەن....

ۋاقتى: 2014-11-8 23:32:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 11:49
بۇ رەسىم ھەقىقەتەن چۇڭقۇر تەپەككۇرنىڭ ئوبرازلىق كار ...

                           ئاخشام  ر. غوپۇر بىلەن بىللە ئىدۇق .ھۆرمەتلىك زوردۇنكام بىلەن زامانداشلىقىمىزدىن پەخىرلەندۇق. بۈگۈن ئادىلجان...... دوستلار بىلەن پىكىرلەشتۇق .كۆزىمىز ۋە سۆزىمىز بىر يەردىن چىقتى .قارامايدىكى  بارلىق قەلەمكەشلەر زوردۇنكامغا ئائىت  كىتاب،ژۇرنال ۋە
سۈرەتلەرنى ئابدۇرىشىت ئوسمان  [زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيىنىڭ مەسئۇلى]  نىڭ  قولىغا ئامان-ئېسەن تاپشۇرماقچى . ئەلنىڭ كۆزى -ئەللىك . يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال .ھۇزۇررىنى تېتىپ قال!

ۋاقتى: 2014-11-9 00:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل  بەدئىي  پورتېرىت بوپتۇ، قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. زوردۇنكامنىڭ  جان-جىگەر دوستى مۇتەللىپ سېيىت ئەپەندى  زوردۇنكام ھەققىدە ئىككى قىسىملىق كىتاب يازدى، نەشرىياتلارمۇ بۇ كىتابنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ بولدى. شۇڭا بۇ رەسىمنى ئەنە شۇ كىتابقا ئىشلىتىش ئويىمىز بارلىقىنى سىزگە ئالدىنئالا ئەسكەرتىپ قويغۇم كەلدى.
  ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-11-9 00:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئايىغى ئاستىدىكى گۈزەل زېمىن، باش ئۈستىدىكى بولۇتلۇق ئاسمان، قاپىقىنىڭ تۈرۈلىشى، «بۇۋاي» زادى نېمە ئويلاۋاتقاندۇ؟!...
    ئاپتۇرغا سالامەتلىك ھەم تېخىمۇ كۆپ ئوتۇقلارنىڭ يار بولىشىغا تىلەكداشمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 08:34:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمنى ياختۇرغان بارلىق ئەزىزلەرگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن. سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار مەن ئۈچۈن مەدەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 08:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 23:32
ئاخشام  ر. غوپۇر بىلەن بىللە ئىدۇق .ھۆرم ...

ئابدۇۋاھىتكا،  ئادىلجاننىڭ تەكلىۋىمۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بىلەن بىر يەردىن چىقىپتۇ، رەسىم ئۆزىنىڭ بارار جايىنى تېپىشى كېرەك. مەن ئابدۇرىشىت مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ رەسىمنى ئۆز قولۇم بىلەن « زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى»گە ساق سالامەت يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-9 08:43:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 00:16
ئېسىل  بەدئىي  پورتېرىت بوپتۇ، قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەر ...

بۇ ئويىڭىز مېنى چەكسىز خوشال قىلدى،شۇنداقلا مەن ئۈچۈن زور مەدەت بولدى. سىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-11-9 19:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆسۈن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 08:43
بۇ ئويىڭىز مېنى چەكسىز خوشال قىلدى،شۇنداقلا مەن ئۈچۈ ...

              يارايسەن - ر. غوپۇر  ،شۇنچە ئەجىر  قىلىپ ، كۆپ ئېنىرگىيە سەرپ ئېتىپ خەلقىمىزگە
سۇنغان مەرھۇم زوردۇنكامنىڭ  مەڭگۈ ئۆچمەس سىماسىي ئاتۇن رەڭلىك رامكا ئىچىدە ‹‹ خاتىرە ساراي›› دا تۇرىشى كېرەك .بۇ دەل سېنىڭ توھپەڭ . ئابدۇرىشىت ئوسماننىڭ تېل نومىرى-13519994119،ۋاقتىدا ئالاقە قىلارسەن .

ۋاقتى: 2014-11-9 19:46:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم ھەقىقەتەن نوچى چىقىپتۇ ،خۇددى ھاياتتەكلا نوچى سىزىپسىز  قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن قىرىندىشىم

ۋاقتى: 2014-11-10 09:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارامايدىكى بارلىق دوستلارغا سالام،رەسسام رەپقەت غوپۇرغا مۇبارەك بولسۇن.رەپقەت سىزنى غۇلجىغا تەكلىپ قىلىمىز،رەسىمىڭىزنى خاتىرە ئۆيگە ھۆرمەت بىلەن قويىمىز،يەنە ‹‹ئىلى دەرياسى›› ژورنىلىغا تەۋسىيە قىلىمىز.13519994119

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 11:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئوسمان يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 09:36
قارامايدىكى بارلىق دوستلارغا سالام،رەسسام رەپقەت غوپ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېنى غۇلجىغا تەكلىپ قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. تېلىفۇن نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىۋالدىم، خۇدا بۇيرىسا قىشلىق تەتىلدە رەسىمنى ئۆز قولۇم بىلەن سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش